«ئىلى» ئاتالغۇسى ھەققىدە

ئىلى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، كەڭ كەتكەن يېشىل ۋادا بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مول سۇ بايلىقى، ئىقلىم بايلىقى، كان بايلىقى، مال–چارۋا بايلىقى، ئورمان بايلىقى ۋە ساياھەت بايلىقلىرى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق بولغان تولىمۇ گۈزەل زېمىن. شۇڭا ئۇنىڭ «چېگرا سىرتىدىكى جياڭنەن» دېگەن نامى بار. بۇ گۈزەل زېمىننىڭ نامى «ئىلى» ھەققىدە ھازىرغا قەدەر تالاش–تارتىشلار ناھايىتى كۆپ. چەت ئەل تارىخچىلىرى بولسۇن، جۇڭگو تارىخچىلىرى بولسۇن، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى قاراشلارنى قىسقىچە شەرھىلەپ ئۆتمەكچىمەن.

1. قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى بىلەن پالتاخۇن ئەۋلاخان تۈزگەن «شىنجاڭنىڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتمولوگىيىسى» ناملىق كىتابتا «ئىلى»ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنى بايان قىلىپ كېلىپ ئاخىرىدا «تاۋرىخ خەمىسە شەرقى»دا ‹ئىلە — بۇ دەريانىڭ ئەسلى ئىسمى جىم سۈيى› دەپ كۆرستىلىدۇ. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇنىڭغا ئاساسەن، «قەدىمكى تىلدا، ئىلەنىڭ مەنىسى ئوڭاي تاشىدىغان، تېشىۋېرىدىغان، بارغانچە ئەزۋەيلەيدىغان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىلى چوڭ تاشقىنلىق دەريا دېگەنلىك» دەپ يەكۈن چىقارغان.

2. «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 1986–يىل 2–سانىدا ئېلان قىلىنغان يۇنۇسجان ئېلى نامىدىكى «‹ئىلى› ئاتالغۇسى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىدە بۇ ھەقتە خېلى كەڭ دائىرىدە ئىزدىنىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، مۇنداق يازغان: «…ئىلى ئاتالغۇسى ھەققىدە ھازىر مەتبۇئات ساھەسىدە ھەرخىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لېكىن بۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئىلى دېگەن نامنى نوقۇل ھالدا موڭغۇلچە سۆز ۋە يېقىنقى زاماندىكى سۆز قىلىپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولدى:

بىرىنچى، ‹ئىلى› موڭغۇلچە سۆز دېگەن قاراش.

بۇ قاراشتىكىلەر ‹ئىلى› موڭغۇلچە ‹روشەن، سۈزۈك، يالتىراق› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دەپ شەرھىيلەيدۇ (بۇ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ئۇيغۇرچە 1984–يىلى ئاپرېل سانىدىكى ما شۈيشى تەرجىمە قىلغان ‹شىنجاڭ يەر ناملىرى ھەققىدە› دېگەن ماقالە بىلەن سوۋېت ئالىمى م.س. بۇدانارسكىنىڭ ئۇيغۇرچە ‹جۇغراپىيىلىك ناملار لۇغىتى› كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان).

ئىككىنچى، ‹ئىلى› ‹ئىلە› دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراش.

بۇ قاراشتىكىلەر موڭغۇللار ئىلى دەرياسىنى ‹ئېلەغۇل› دەپ ئاتايدۇ. ‹ئېلە — بوشلۇق، غول، ئېقىن سۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ› دەپ قارايدۇ (بۇ پېشقەدەم شائىر ئەلقەم ئەختەمنىڭ ‹تارىم› ژۇرنىلى 1984–يىل 8–سانىدىكى ‹ئىلى ۋادىسى› دېگەن شېئىرىنىڭ ئىزاھاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان).

ئۈچىنچى، ‹ئىلى› — ‹ئېلىپ تاشلا› دېگەن سۆزدىكى ‹ئېلە›سۆزىدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراش.

بۇ خىل قاراشتىكىلەر تۇغلۇق تۆمۈرخان 160مىڭغا يېقىن موڭغۇلنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن ۋاقىتتا، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان موڭغۇللار ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كاپىرلىقنىڭ بەلگىسى بولغان تەلپەكلىرىنى (باش كىيىم) دەرياغا تاشلىۋەتكەن. نەتىجىدە دەريا سۈيى توسۇلۇپ قېلىپ، دەريا ياقىسىدىكى كۈرە شەھىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، قىرغاقتىكى كىشىلەر تەلپەكنى ئېلىپ تاشلاڭلار دەپ توۋلاشقان. شۇنىڭ بىلەن ‹ئېلىپ تاشلا› دېگەن سۆزدىكى ‹ئېلە› سۆزى دەريانىڭ نامى بولغان قالغان دەپ ئىزاھلايدۇ ( بۇ قۇربان ئەلى خالىدىننىڭ ‹تارىخى خەمىسە شەرقى› ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە 1–تومىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان).

تۆتىنچى، ‹ئىلى› ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ‹ئىللىق، تۈز، ساپ› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دېگەن قاراش.

بۇ خىل قاراشتىكىلەر ئىلى دەرياسى بۇرۇن ‹ئالما دەرياسى› دەپ ئاتىلاتتى. 18–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭغارلارنىڭ توپىلىڭىنى بېسىقتۇرغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئىلى كۆچۈرۈپ چىقىپ، ئىلىدا ۋىلايەت، ۋازارەت، ناھىيە، مەھكىمىلەرنى تەسىس قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ‹ئالما دەرياسى›نىڭ نامى ‹ئىلى دەرياسى› غا ئۆزگەرتىلگەن دەپ قارايدۇ (بۇ مۇكەررەم تىلىۋالدىنىڭ ‹شىنجاڭ ياشلىرى› ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە 1983–يىلى 11–سانىدىكى ‹ئىلى دەرياسى›ناملىق ماقالسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان).

بەشىنچى، ‹ئىلى› — ‹داڭلىق› دېگەن مەنىدىكى ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، دەريانىڭ نامىدىن كەلگەن ئەمەس دېگەن قاراش.

بۇ خىل قاراشتىكىلەر چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلار بۇ يەرنىڭ ياپيېشىل يايلاقلىرىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ‹ئىلى› دەپ ئاتاشقان دەپ قارايدۇ ( بۇ قورغاسلىق ئابلا ئەپەندىنىڭ ‹تارانچى تارىخى› دېگەن ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان).

ئالتىنچى، ‹ئىلى› موڭغۇلچە سۆز ئەمەس دېگەن قاراش.

بۇ خىل قاراشىتىكىلەر موڭغۇللار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشتىن بۇرۇنمۇ ‹ئىلى› ئاتالغۇسى بارئىدى. بۇ تارىخىي ماتېرىياللاردا ئەينەن يېزىلغان. شەرقىي ۋە غەربىي خەن سۇلالىسى تارىخىدا مەزكۈر نام ‹ئىلى› دەپ يېزىلغان. بۇ دەۋردە ئىلى ۋادىسىدا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ساك، ئۇيسۇن تائىپىلىرى ياشىغان ئىدى. ‹ئىلى› دېگەن نامنى ساك، ئۇيسۇن تائىپىلىرى قويغان. ‹ئىلى› دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىمۇ ‹ئېل، ئەل، ئېلى› دېگەن تۈرك سۆزلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ چۈشەندۈرىدۇ (بۇ ئابلىز شېرىپنىڭ ‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى› 1984–يىل نويابىر سانىدىكى ‹يەر ناملىق ھەققىدە› ناملىق ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان).»

يۇنۇسجان ئېلى ئەپەندى يۇقىرىقى ماقالىسىدا، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان «ئىلى» ئاتالغۇسى ھەققىدىكى ئالتە خىل قاراشنى ئايرىم–ئايرىم شەرھىيلەپ، بۇ قاراشلاردىكى خاتالىقلارنى دەۋر جەھەتتىن، شۇنداقلا پاكىت ئاساسلىرىنىڭ تولۇق بولماسلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىنكار قىلىدۇ. ئاخىرىدا خۇلاسە چىقىرىپ «ئىلى» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى، ئىلى رايونىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى بولغان ئوغۇزلارنىڭ قۇرغان «ئىلى دۆلىتى»نىڭ نامى دەپ ئىزاھلايدۇ.

3. «گۈلدەستە» ژۇرنىلىنىڭ 1986–يىل 1–سانىدا تۇرسۇن ياسىن نامىدىكى «ئىلى نامىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئىلىدا ساقلانغان ئاسارە–ئەتىقىلەر توغرىسىدا قىسقىچە بايان» ناملىق ماقالىدا «ئىلى» ئاتالغۇسىنى «‹ئىلى› دېگەن نامنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسىي تىيانشان ئەتراپىدىكى 12 غول دەريا ئېقىنىغا جايلاشقان ئەل نامىغا بېرىلگەن ئۇيغۇرچە نام دەپ مۇجەسسەملەشتۈرۈشكە بولىدۇ» دەپ ئىزاھلىغان.

4. «گۈلدەستە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئابلەت سەمەت نامىدىكى «ئىلى» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىم» دېگەن ماقالىدا «‹ئىلى› دېگەن بۇ نامنى ئەجدادلىرىمىز قويغان، ‹ئىلى› دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىمۇ ‹ئىل، ئەل، ئىلى› دېگەن مەنىدىكى تۈرك سۆزلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇپ» دەپ ئىزاھلىغان.

5. «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 1987–يىل 4–سانىدا ئابدۇساتتار ناسىرى نامىدىكى «ئىلى ۋە ئىلىدىكى قەدىمكى شەھەرلەر» ناملىق ماقالىدا بۇ نامنىڭ كېلىپ چىققىنىغا 2000 يىلدىن ئاشقانلىقى مەشھۇر تارىخىي ئەسەر «خەننامە»دىكى پاكىتلارغا ئاساسەن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ‹ئىلى› سۆزىنىڭ مەنىسىنى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «ئىل» سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى ئاساسىدا شەرھىيلەپ، «ئىل، ئوچۇقلۇق، بوشلۇق، قوۋۇق ئالدىدىكى بوش يەر» دېگەندەك مەزمۇنلارغا باغلاپ شەرھىيلىگەن.

يۇقىرىقى ماقالە–ئەسەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلاردا، «ئىلى» ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى خېلى زور دەرىجىدە ئىزدىنىشلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان. بولۇپمۇ «ئىلى» ئاتالغۇسىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنلا مەيدانلا كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ نامنى مۇشۇ زېمىندا ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قويغانلىقىنى تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا ناھايىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرگەن. شۇنداقتىمۇ ئىلى ئاتالغۇسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ۋە پاكىتلىق ئاساستا شەرھىيلەش يەنىمۇ مۇھىم.

يۇقىرىقى ماقالىلارنىڭ بەزىلىرىدە ‹ئىلى› ئاتالغۇسىنى سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسى ئاساسىدا ئۇدۇللا ئىزاھلىغان. يەنە بەزىلىرىدە دەلىللەش كۈچىگە ئىگە بولغان پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ پاكىتلاردىن يانداپ ئۆتۈپ كەتكەن. بىراق بۇ ماقالىلاردىكى قاراشلارنى بىر تەرەپلىمە ئىنكار قىلىش مېنىڭچە توغرا ئەمەس. خىلمۇخىل قاراشلارنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق توغرا بولغان، دەلىل–پاكىتلىق نۇقتىئىنەزەرلەرنى تېپىش يەنىمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن.

تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەر ئارقىلىق ‹ئىلى› ئاتالغۇسى ھەققىدىكى ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى:

1. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ھۆججەت خاراكتېرلىك ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا: «ئىلى — بىر دەريانىڭ نامى. ئۇنىڭ ئىككى قىرغىقىدا تۈرك قەبىلىلىرىدىن ياغما، توخسى ۋە بىر قىسىم چىگىلىگلەر ياشايدۇ. بۇ دەريا تۈرك ئەللىرىنىڭ جەيھىنىدۇر» (1–توم 124–بەت) دەپ يازىدۇ. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بۇ ئەسىرىدە گەرچە ‹ئىلى› نېمە ئۈچۈن دەريا نامى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ نامنى دەريادىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق قاراشنى ئىپادىلىگەن. قانداقتۇر يۇرت، ئەل، دۆلەت نامى دەپ ئىزاھلىمىغان ۋە ياكى ئۆز لۇغىتىدىكى «ئىل» سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسىگە باغلاپ شەرھىيلىمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نامنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەلۋەتتە دەريادىن ئىزدىشىمىز زۆرۈر.

2. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە بولغان ئەپسانە، رىۋايەتلەر مەلۇم تارىخىي ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ئېغىزدىن–ئېغىزغا، ئەۋلادتىن–ئەۋلادقا كۆچۈپ، ھەربىر دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، خىلمۇخىل ۋارىيانتلار ئاساسىدا شەكىللىنىپ داۋاملىشىدىغان تارىخىي ئاساسلارنىڭ بىرى. ھەرقانداق مىللەتنىڭ كۆپلىگەن قەدىمىي تارىخىي ئاساسلىرى ئەپسانە–رىۋايەتلىرىدە گەۋدىلىنىدۇ. دېمەكچى ‹ئىلى› ئاتالغۇسى ھەققىدە ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان رىۋايەتلەرنى بىز يېنىكلىك بىلەن تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ. يۇقىرىقى تىلغا ئېلىنغان بەزى ماقالىلاردا بۇ خىل رىۋايەتلەر بايان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق دەۋر جەھەتتىكى خاتالىق تۈپەيلىدىن بۇ رىۋايەتلەردىكى ماھىيەتلىك مەزمۇن ئېتىراپ قىلىنمىغان.

خەلقىمىز ئىچىدە «ئىلى» ئاتالغۇسىغا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرىقىغا ئوخشاش رىۋايەتنىڭ خىلمۇخىل ۋارىيانتلىرى تارقىلىپ يۈرمەكتە. مەسىلەن، ئەينى دەۋردە دەريادا نۇرغۇنلىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكلىرى ئېقىپ كېلىدىكەن. بىر بوۋاي ئۇزۇن بىر ئىلمەك ياسىۋېلىپ، بۇ ھايۋانات ئۆلۈكلىرىنىڭ سۇنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن دەريا سىرتىغا سۈزىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر شۇ بوۋاينىڭ بۇ خىل ئىشىغا قارىتا دەريا نامىنى «ئىل دەرياسى» دەپ ئاتىغان ئىكەن. چىڭ خانىدانلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىن بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنى ئىلغا سۈرگۈن قىلغاندا نۇرغۇنلىغان سۈرگۈنلەر زۇلۇمغا چىدىماي دەرياغا ئۆزىنى ئېتىۋالغان. بايتوقايلىق بىر بوۋاي ئىلمەك ياساپ، ئۇلارنى دەريادىن سۈزۈپ قۇتۇلدۇرۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ دەريانى «ئىل دەرياسى» دەپ ئاتىغان.

ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن يۇقىرىقى رىۋايەتلەردىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى، بۇ رىۋايەتلەر قايسى دەۋرنى ئىپادىلىگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دەريانىڭ نامىنى «ئىل،ئىلمەك» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمىز.

3. ئىلى دەرياسى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى دەريا بولۇپ، ئۈچ چوڭ ئېقىندىن تەركىب تاپىدۇ. 1–چوڭ ئېقىن تېكەس دەرياسى بولۇپ، بۇ قازاقىستان تەۋەسىدىكى تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىن (يەنى قىرغىز تېغىدىن) باشلىنىپ، غەربتىن شەرققە قاراپ ئېقىپ، كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسىغا كەلگەندە، كۈنەس دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، ئىلى دەرياسىنى شەكىللەندۈرۈپ، غەربكە قاراپ ئاقىدۇ. باشلىنىش نۇقتىسىدىن نەسىللىك قوي فېرمىسىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 458 كىلومېتىر، يىللىق ئېقىن مىقدارى 8 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، قار–مۇزلارنىڭ ئېرىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن سۇنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ يۆنىلىش ئېقىن ئىلى دەرياسىنىڭ ئومومىي يىللىق ئېقىن مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. 2–ئېقىن كۈنەس دەرياسى بولۇپ، ئومومىي ئۇزۇنلۇقى 208كىلومېتىر. بۇ دەريا بايىنغولىن ئوبلاستىغا تەۋە ئېلىنقابىرغا تېغى بىلەن ئاۋرال تېغىنىڭ تۇتاشقان يېرىدىن باشلىنىدۇ. دەريا ئېقىنى كۆپىنچە ھۆل–يېغىن سۈيىنى ئاساس قىلىدۇ. قار–مۇزلۇق سۇ ناھايىتى ئاز. شۇڭا ئېقىن مىقدارى ناھايىتى ئاز بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 2مىليارد 100مىليون كۇب مېتىر. 3–ئېقىن قاش دەرياسى (ئىلى دەرياسىغا ياندىن قېتىلغان، قېشىدىن قېتىلغان دەريا دېگەن مەنىدە) ئېلىنقابىرغا تېغىدىن باشلىنىپ شەرقتىن غەربكە قاراپ ئېقىپ ياماتو ئەتراپىدا ئىلى دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. ئومومىي ئۇزۇنلۇقى 300 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. سۇ ئېقىن مىقدارى 4مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.

ئىلى دەرياسىنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلۇقى (ئاساسىي ئېقىن بولغان تېكەس دەرياسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن بالقاش كۆلىگىچە) تەخمىنەن 1500كىلومېتىر كېلىدۇ. «كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسى»دىن تارتىپ، بالقاش كۆلىگىچە بولغان ئارىلىق «ئىلى دەرياسى» دەپ ئاتىلىدۇ. دەريانىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا ئاساسىي ئېقىن تېكەس دەرياسى ‹نەسىللىك قوي فېرمىسى› غا كېلىپ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، غەربكە قاراپ ئاقىدۇ. مۇشۇ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئاساسلانغاندا، ئىلى دەرياسىنىڭ ئېقىن شەكلى ئەپكەشنىڭ ئىلمىكىگە ئوخشايدۇ. گەرچە كۈنەس دەريالىرى قوشۇلۇپ ئاقىدىغان بولسىمۇ، بىراق چوڭ ئېقىن تېكەس دەرياسى ئىلى دەرياسىغا نىسبەتەن «كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسى»غا كەلگەندە بىر ئىلمەك ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دەريامۇ دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىپ ئىلى دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. دەريانىڭ ئىلمەك شەكلى خەرىتىگە ناھايىتى ئېنىق چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ دەريا ئەسلىدە بىر ئىلمەك شەكىللىك دەريا. ئەجدادلىرىمىز كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان دەۋرلەردە سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ ياشاش جەريانىدا دەريانىڭ جۇغراپىيلىك شەكلىنى ئاللىقاچان ئىگىلەپ بىلگەن. شۇڭا بۇ دەريانى «ئىلمەك دەريا»، قىسقارتىپ «ئىلى دەرياسى» دەپ ئاتىغان. «ئىل» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى نەتىجىسىدە تەبىئىي ھالدا كەينىگە بىر «ى» تاۋۇشى قوشۇلۇپ فونتېكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، «ئىلى دەرياسى» دەپ ئاتالغان.

4. «ئىلى» ئاتالغۇسى يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئىلى دەرياسىنىڭ نامى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئومومىي ئاتالغۇ بولۇپ، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ ئومومىي نامىغا ئايلانغان. شۇڭا ھازىرغا قەدەر ئىلى دەريا ۋادىسىغا تەۋە بولغان ئىلى ئويمانلىقىنىڭ ئومومىي ئاتالغۇسى بولۇپ كەلمەكتە. ئادەتتە ئىستېمالدا «ئىلى» ئاتالغۇسى تىلغا ئېلىنسا، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن كەڭ كەتكەن زېمىنلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

دېمەك، ئوموملاشتۇرغاندا، يۇقىرىدىكى پاكىتلار شۇنى چۈشەندۇرىدۇكى، «ئىلى» سۆزى جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا مۇشۇ زېمىندا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرچە نام دەپ قاراشقا بولىدۇ.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

* «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتمولوگىيىسى»، قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخان

* «تۈركىي تىللار دىۋانى»، مەھمۇد قەشقىرى

* «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 1986–يىللىق سانلىرى، 1987–يىل 4–سان

* «ئىلىنىڭ يەرلىك جۇغراپىيىسى»

* «جۇڭگونىڭ يەر شەكلى خەرىتىسى» (ئۇيغۇرچە)

مەنبە: «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى، 2007–يىل 4–سان، ماقالە ئاپتورى: ئادىل ئارۇپ (غۇلجا شەھەرلىك 21–ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدا)