ئادىل مۇھەممەت

تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتى جەھەتتىكى نەتىجىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش تەتقىقاتچى ئادىل مۇھەممەت 1967 – يىلى 8 – ئايدا مەكىت ناھىيىسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1986 – يىلىدىن 1991 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1995 – يىلىغىچە مەكىت ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە ئىشلىگەن. 1995 – يىلى 9 – ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش – باشقۇرۇش ئورنىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ، بۇ ئورۇننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 2000 – يىلى 7 – ئايدىن 2003 – يىلى 8 – ئايغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 2003 – يىلى 8 – ئايدىن تا ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىسى ئوقۇش – تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، مۇدىرى ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ .

ئادىل مۇھەممەت تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى 1990 – يىلى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ، تارىخ ، ئارخېئولوگىيە ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ، مەدەنىيەت – سەنئەت، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان .
ئادىل مۇھەممەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى بولغان ‹‹ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ساقلىنىشى ، ۋارىسلىق قىلىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى›› (2001 — 2003 – يىللىرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن مەكىت ناھىيىسى ھەمكارلاشقان تەتقىقات تېمىسى ‹‹شىنجاڭ مەكىت ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئېچىش توغرىسىدا تەتقىقات›› (2005 — 2006 – يىللىرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك (غەربىي قىسىم) نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى ‹‹شىنجاڭ مەكىت ناھىيىسىنىڭ شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش توغرىسىدا تەتقىقات›› (2005 — 2006 – يىللىرى) قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەشكە قاتناشقان. ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى — قەدىمكى ئىزلار ئومۇمىي مەجمۇئەسى›› ناملىق ئىلمىي ئەسەرنى ئىشلەش ئىلمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەزكىرىسى تۈزۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ‹‹ئاپاق خوجا مازىرى›› ناملىق تارىخىي، سۈرەتلىك مەخسۇس ئەسەرنىڭ باش مۇھەررىرى قاتارلىق ئىلمىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مۇزېي ساھەسىدىكى بىر قاتار خىزمەت نەتىجىلىرى بىلەن 2000 – يىلى مەملىكەت بويىچە ‹‹مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەتچى›› بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان.
ئادىل مۇھەممەتنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان ‹‹قەشقەردىكى قەدىمكى ئىزلار››، ‹‹مەكىت تارىخىدىن تېزىسلار››، ‹‹قەدىمكى قەشقەرنىڭ تارىخ – جۇغراپىيىسى›› (1) ، ‹‹باياۋاندىكى مەڭگۈلۈك ناخشا — دولان››، ‹‹مەكىت تارىخ – مەدەنىيىتى›› (ئۈچ قىسىم) ، ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى›› (ئىككى قىسىم)، ‹‹قەدىمكى قەشقەر›› قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ‹‹شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت مەجمۇئەسى››، ‹‹قەدىمكى قۇمۇل››، ‹‹قەدىمكى تۇرپان››، ‹‹قەدىمكى خوتەن››، ‹‹قەدىمكى قەشقەر››، ‹‹قەدىمكى كۈسەن››، ‹‹قەدىمكى كروران››، ‹‹قەدىمكى ئىلى›› قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى نەشىر قىلىندى . ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى›› (ئىككى قىسىم)، ‹‹جۇڭگو ۋە چەت ئەل سەيياھلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى خاتىرىلىرى››، ‹‹مەدەنىيىتىمىزگە تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر شەخسلەر››، ‹‹شىنجاڭ ئاخبارات – نەشرىياتچىلىقى››، ‹‹قەشقەر›› (بۇ 12 قىسىملىق ئۇنىۋېرسال مەجمۇئە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى توققۇز قىسىمىنى مۇستەقىل ئىشلىگەن) قاتارلىق تارىخ – جۇغراپىيە، ئارخېئولوگىيە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىككە ئائىت ئەسەرلىرى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتور ‹‹شىنجاڭنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەجمۇئەسى›› (بۇ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىق – ئارخېئولوگىيە ۋە مۇزېي ساھەسىگە ئالاقىدار بولغان 41 قىسىملىق مەجمۇئە بولۇپ، ئاپتور بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 قىسىمنى ئۆزى مۇستەقىل ئىشلىگەندىن سىرت، قالغان قىسىملىرىنى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن) ناملىق ئىلمىي ئەسەرنى نەشرگە تاپشۇرۇش ئالدىدا.

ئادىل مۇھەممەت ھازىر جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ – مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مۇزېيشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.

* مەزكۇر تەرجىمىھال ئادىل مۇھەممەتنىڭ ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىق جەۋھەرلىرى›› ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.