بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن

مۇھەممەتجان راشىدىن

قالار دەريا، قالار كېچىلەر،

بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن.

قالار قەلئە، قالار پۈتۈكلەر،

بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن.

باھار باقى ئەمەس باغلارغا،

قايتالماسمىز ياشلىق چاغلارغا.

ئوخشىمايمىز مەڭگۈ تاغلارغا،

بۇ ئالەمدىن كېتەرمىز بىر كۈن.

يىغقان مالغا تارتىشىپ بولماس،

كارۋانلارغا ئارتىشىپ بولماس.

مېھماندۇرمىز تۇتساڭمۇ قونماس،

ئۇ دۇنياغا كېتەرمىز بىر كۈن.

دۈشمەنچە بول دۇشمەننى كۆرسەڭ،

ئۇزىتىپ قوي كۆچكەننى كۆرسەڭ.

جەننەت سېنىڭ جەڭگاھتا ئۆلسەڭ،

بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن.

قەددىڭنى ئەگ قەدىرلىگەنگە،

ئىگىلمىگىن جەبىرلىگەنگە.

جان توشامدۇ سەۋر دېگەنگە،

بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن.

ئالەم ئاشىق ئەمەس كۆز ياشقا،

ھايات باشقا، قىيامەت باشقا.

ئوينا دوستلار كىرگىن يۇز ياشقا

بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن.

1992 – يىلى ئىيۇن، غۇلجا