ما جۇڭيىڭ، يولۋاسقا مەجبۇرىي ئەسكەر بولغان چاغلىرىم

ما جۇڭيىڭ، يولۋاسقا مەجبۇرىي ئەسكەر بولغان چاغلىرىم

ھاجى ئىساق مېرى

مەن 1915 – يىلى 7 – ئايدا قۇمۇل شەھىرىنىڭ پالۋانتۇر يېزىسى غولئېرىق كەنتىدە تۇغۇلدۇم. ئۆسمۈرلۈك چېغىمدا يۇرتۇمدا دىنىي تەربىيە ئالدىم.

ئەجدادىمنىڭ ئەسلى يۇرتى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيىسى بولۇپ، قۇمۇلدىكى تۇنجى بوۋام ئىسلام ئاخۇن 1677- يىلى 2 – ئوغلى ئابدۇگۈل ئاخۇننى ئېلىپ يەكەندىن قۇمۇلغا كېلىپ ئەبەيدۇللا تارخانبەگ)1697 – يىلى چىڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغان( ئوردىسىدا ئاخۇنلۇق قىلغان، ئىسلام ئاخۇن بوۋىمىز ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇگۈل ئاخۇن ۋاڭ ئوردىسىدا ئىشلىگەن. بىز 7 ئوغۇل، 4 قىز بولۇپ، 11 بالا ئىدۇق. 1931 – يىلى 3 – ئايدا قۇمۇل خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى كەڭ – كۆلەملىك دېھقانلار ئىنقىلابى پارتلىدى. بۇ چاغدا مەن مەكتەپتە( موللىدا) ئوقۇۋاتاتتىم. دېھقانلار ئىنقىلابى باشلىنىشى بىلەن خەلق قۇمۇل تاغلىرىغا، ياقا يۇرتلارغا قېچىشقا باشلىدى. بىزمۇ ئاراتامغا قېچىپ چىقتۇق.

تاغدىن قايتىپ كېلىپ 2 يىلدىن كېيىن(1933 – يىل ياز ئايلىرى) بازاردا ئولتۇرۇشلۇق ئايلىرئاپام ماڭا: سەن بازاردا بىزنىڭكىدە تۇرۇپ، مېۋە- چېۋە ساتساڭ بولمامدۇ؟- دېگەن تەكلىپنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن بازارغا كىرىپ، ئايلىرئاپامنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، ئۇششاق تىجارەت قىلدىم. 1933 – يىل 01 – ئاينىڭ بىر كۈنى بازاردا تىجارەتچىلەر «تۇڭگانلار كەپتۇ!» دېيىشتى. مەن، تۇڭگانلار نەدىن كەلگەندۇ؟ دەپ ئويلىدىم. مەن بازاردا كىشىلەرگە ئەگىشىپ يۈگۈرۈپ چاھارباغقا چىقسام، دېگەندەك تۇڭگانلار كېلىۋېتىپتۇ، قارىساق تۆگىلەر ۋە ئەسكەرلەر كېلىۋېتىپتۇ، ئۇلار تاراتىدىن قايتىپ كېلىۋاتقان تۇڭگانلار ئىكەن. ئۇلار تۆگىلەرگە ئارتقان يۈكلەرگە قوڭغۇراق ئېسىپ قويغاندەك قىلاتتى، يېقىن كەلگەندە قارىساق قوڭغۇراق ئەمەس ئادەمنىڭ بېشى ئىكەن. بىرى سىدىق تۈەنجاڭ« مارجان» يەنە بىرى مۇتىئى ئاخۇننىڭ ئۇكىسى ياسىن ليەنجاڭنىڭ بېشى ئىكەن. تۇڭگانلار باستۇرۇپ چىققاندا قۇربان دورغا ئاران دېگەندە يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئاتلىق قېچىپ كېتىپتۇ. تۇڭگانلار بازارغا كېلىپ توختى دورغىنىڭ سارىيىغا چۈشتى ۋە سىدىق تۈەنجاڭ بىلەن ياسىن ليەنجاڭنىڭ بېشىنى سۇپىغا تاشلاپ قويدى. بىزنىڭ ئۆينىڭ كەينىدە بىر دەڭ بار بولۇپ، ئۇنىڭغىمۇ تۇڭگانلار چۈشكەنىدى.

ئەتىسى بىزنىڭ ھويلىنىڭ دەرۋازىسى ئۇرۇلۇپ، ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن، ئۇلار ئىشىكنى ئاچ، دەۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ، بېرىپ ھويلىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم، ئۇلار ھويلىغا كىردى. مەن ئايلىرئاپامنى چاقىرىپ چىقتىم، ئۇ، نېمىشقا سىرتقا چىقىسەن؟! دەپ ماڭا ئاچچىقلىدى. تۇڭگانلار يەنە ئۆينىڭ ئىشىكىنىمۇ ئۇرۇپ، ئادەم بارمۇ؟! دەپ ۋاقىراشتى، مەن بۇ ئىشىكنىمۇ ئېچىپ بەردىم ۋە بۇ ئۆيدە قاسساپلار بار، دېدىم. قاسساپلار، بىز قېرى تۇرساق، بىزنى نېمە قىلىسىلەر؟ دېدى. تۇڭگانلار ئايلىرئاپامنىڭ يولدىشى ئىبراھىم باي ئاكام ياتقان ئۆيگە كىرىپ، ئۇنىڭغا، تۇر ئورنۇڭدىن! تالاغا ماڭ! دەپ ۋارقىراشتى. ئۇ كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىدى. ئۇ تۇڭگانلارغا «مەن كېسەل تۇرسام، مېنى نېمە قىلىسىلەر؟» دېدى. تۇڭگانلار گەپكە ئىشەنمەي، كېسەل بولساڭ ئاغزىڭنى ئاچ! دېدى. تۇڭگانلار ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ، ئۇنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. بۇ چاغدا ئايلىرئاپام تۇڭگانلارنىڭ ئەسكەرلىككە ئادەم تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، مېنى دەرھال سىرتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقىپ، چوڭ بىر ساندۇقنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويدى ۋە «شەپە چىقارماي جىم يات!» دېدى. مەن ساندۇقنىڭ ئىچىدە يېتىپ، سىرتتىكى «تاراق- تۇرۇق» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، ساندۇقنىڭ ئاغزىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا قارىشىمغا، بىر تۇڭگان ئەسكەر كېلىپ «زۇ!» دەپ مېنى سىرتقا ئېلىپ چىقتى. ئايلىرئاپام ماڭا قاراپ، ھەي، ھەي … كىچىك بالا دېگەننى قارىمامدىغان، مۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ، نېمە دەپ ساندۇقتىن چىقىسەن؟… ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ دېگىنىچە ھويلىدا قالدى. كوچا ئادەملەرگە تولۇپ كېتىپتۇ، مېنى شۇ ئادەملەرگە قوشۇپ قويدى. تۇڭگانلار بىزنى ھەيدەپ يۇقىرىقى مەسچىت( ھازىرقى تۆت كوچىنىڭ غەربىي تەرىپى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇدۇلىدىكى مەسچىت) نىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. مەسچىت ئالدىدا پەقەت كېرەم ئىمام( قۇمۇل شەھىرى ئارائاقيەر مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق پېشقەدەم مائارىپچى، مەرھۇم نۇرئەخمەتخان مۇئەللىمنىڭ دادىسى) يالغۇز ئىكەن. ئۇ، مەسچىتتە پەقەت مەنلا قالدىم، مەسچىتنىڭ جامائەتلىرىنى تۇڭگانلار ئەسكەرلىككە تۇتۇپ كەتتى، خۇدا ئامانلىق بەرسۇن، دەپ يىغلاپ تۇرۇپتۇ. تۇڭگانلار بىزنى باۋۇدۇن دېڭىگە ھەيدەپ بېرىپ سولاپ قويدى.

ئەتىسى ئاپام جاننارى ئاپپاق مېنىڭ خەۋىرىمنى ئاڭلاپ يىغا- زارە قىلىپ بازارغا كىرىپتۇ. تۇڭگانلار بىزنىڭ دۆربەجىن غولئېرىق مەھەللىسىدىن قۇربان دۇئا( قۇربان باي)، زىكىريا ئەشمىيا( زىكياخۇن)، سېيىت ئاداش( سېيىت تۆمۈر)… لەرنىمۇ تۇتۇپ كەپتۇ. ئەتىسى كېچىدە تۇڭگانلار بىزنى داۋانچىڭغا ئېلىپ ماڭدى. ئۇ چاغدا خاڭگۇڭدىكى داتۇ بايلار يۈزلۈك ئادەملەر ئىدى. 2- ئاكام ئابدۇخالىق ئاخۇنۇم ئىسمائىل داتۇغا ئەھۋالنى ئېيتقانىكەن، ئۇ: بۇ ئىش چاتاق بوپتۇ، ئۇكىلىرى قانچە ياشقا كىرگەن؟ دەپ سوراپتۇ، ئاكام:16 ياشقا كىرگەن، دەپتۇ( ئەمەلىيەتتە مەن 18 ياش ئىدىم، ئاكام مېنى قۇتۇلۇپ قالارمىكىن دەپ، 16 ياش دەپتىكەن)، «تۇڭگانلار نېمە ئالسا مەن بېرەي، ئۇكامنى قويۇپ بەرگەن بولسا» دەپتۇ ئاكام. ئىسمائىل داتۇ ئاكامغا: – ئىككى ئات تەييارلىسىلا، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاكام 5 – ئاكام ئابدۇللا ئاخۇننىڭ بايتىلىنى مىنىپ، يەنە بىر ئاتنى يېتىلەپ، بىز بىلەن بىللە مېڭىپ، سۇمقاغىغىچە بېرىپ باقاي، ئۇ يەردە ئۇكامنى قويۇپ بەرسە ئەجەب ئەمەس، دەپ ئويلاپتۇ. بىراق سومقاغىدا مېنى قويۇپ بەرمىدى. تۇغىچىغا بارغاندا ئىسمائىل داتۇ ئاكامغا، ئۇكىلىرىنى تۇڭگانلار كۆرگىدەك، دەپتۇ. تۇڭگانلارنىڭ باشلىقى: – ئەسكەرلىككە تۇتۇلغانلار ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىك بالا بولسا ئېلىپ كېلىڭلار! دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ باشلىقنىڭ يېنىغا كىردىم، يېشى كىچىكلەردىن يالغۇز مەنلا بولغان بولسام قويۇپ بېرەر ئىكەن، بىراق بىز ئىككى بولۇپ قالدۇق، چاچتۆمنىياز دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلى سۇلايمانمۇ 16 ياش ئىكەن. تۇڭگان باشلىق ئىسمائىل داتۇغا: – يېشى كىچىكلەر بىرلا بولغان بولسا قويۇپ بەرسەك بولاتتى، بىراق ھازىر ئىككى بولۇپ قالدى، بىرىنى قويۇپ بېرىپ، بىرىنى ئېلىپ قالساق بولمايدۇ، شۇڭا بۇلارنى قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ، دەپ مېنى قويۇپ بەرمىدى. ئاكام يەنە بىزگە ئەگىشىپ جىگدىگىچە باردى، بۇ يەردە دۆربەجىن يۇقىرى مەھەللىلىك مۇختەر ئاخۇنۇم( دورغا موللاخۇن) بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاكىسى تۆمۈر نىياز يولۋاسنىڭ قول ئاستىدا تۈەنجاڭ بولۇپ، يولۋاسنىڭ يېنىدا ئىدى. يولۋاس ئۇ چاغدا تۇرپاننىڭ مۇداپىئە قوماندانى ئىدى. ئاكام مۇختەر ئاخۇنۇمغا: – ئاداش، تۇڭگانلار ئۇكامنى قويۇپ بەرمىدى، تۇرپانغا بارغاندا ئاكىلىرىغا دېسىلە، ئۇكامنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولارمىكىن، دەپ ئامانەت قىلىپ، قولىغا پۇل بەردى. مۇختەر ئاخۇنۇم: – بولىدۇ، تۇرپانغا بارغاندا ئۇكىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاكامغا دەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئادەمنى تۇتۇپ بېرىپ، ئۇنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولار … دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاكام مەن بىلەن خوشلىشىپ قايتتى.ئاكام كەتكەندىن كېيىن بىز يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. قىش كۈنلىرى بولغاچقا، ئۇسساپ كەتسەك يول بويىدىكى قارنى يېدۇق. بىز شىڭچىڭزى دېگەن يەردىن ئۆتۈپ يۈەنجۈن دېگەن يەرگە كەلگەندە، مەن ئاغرىپ قالدىم ۋە ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم. يېنىمدا قۇربانباي ئاكا بار ئىدى، ئۇ مېنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. بولمىغاندا ئەھۋالنى تۇڭگانلار باشلىقىغا ئېيتىۋىدى، مېنى زاغرىنان قاچىلاپ ماڭغان ھارۋىغا سېلىپ قويدى. بىز ۋە تۇڭگان ئەسكەرلەر داۋاملىق يول يۈرۈپ پىچان ئارقىلىق لۈكچۈنگە بېرىپ بىر كېچە قوندۇق. ئارىمىزدا قۇمۇل شەھەرئىچىلىك نىياز ئىسىملىك بىرسى بار ئىدى، ئۇ كېچىدە ھاجەتكە چىقىپ قاچماقچى بولۇپ، ھاجەتخانىنىڭ تېمىدىن سىرتقا ئارتىلغاندا، پوستا تۇرغان قاراۋۇللار كۆرۈپ قېلىپ ئۇنى تۇتىۋاپتۇ ۋە ئېتىۋەتمەكچى بولغاندا لۈكچۈنلۈك كىشىلەر تۇڭگان باشلىقىدىن ئۇنى تىلىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن نىياز قۇتۇلۇپ قالدى. ئەتىسى بىز لۈكچۈندىن يولغا چىقىپ تۇرپان ئاستانىغا بېرىپ، مەخمۇت سىجاڭنىڭ قورۇسىغا چۈشتۇق. مەن يەنىلا ماڭالمايتتىم. ئەتىسى بىز ئاستانىدىن تۇرپان بازىرىغا باردۇق. مۇختەر ئاخۇنۇملار بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرپانغا كەتكەنىدى. تۇرپان شەھىرىدە ما جۇڭيىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانىكەن. بىز تۇرپان شەھىرىدە بىر كېچە قوندۇق، ئەتىسى ما جۇڭيىڭ بىزنى داۋانچىڭغا ئېلىپ ماڭدى. مۇختەر ئاخۇنۇم مېنى تۇڭگانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرالمىدى. داۋانچىڭغا بارغاندىن كېيىن مەن ھاساتاياق بىلەن ماڭىدىغان بولدۇم. داۋانچىڭدا بىز قۇمۇلدىن چىققانلارغا مىلتىق ۋە ھەربىي فورما تارقىتىپ بەردى. تۇڭگان باشلىق ماڭا قاراپ: ئۇ كېسەل ئىكەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ماڭا قورال ۋە ھەربىي فورما بېرىلمىدى. ھەربىي فورما بۆز رەخت بولۇپ، قومۇچنىڭ پۆپىكىدە بويالغانىكەن.

بىز داۋانچىڭدا 7 كۈن تۇردۇق. بىر كۈنى جەڭ قائىدىسىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، بىزنى بىر سايغا باشلاپ باردى. ئاتلىقلار غەربتە، پىيادىلەر شەرقتە تۇردۇق. بىردەمدىن كېيىن كاناي چېلىندى. بىزمۇ، ئاتلىقلارمۇ يۈگۈردۇق، ئۈستىمىزدىن ئوقلار ۋىژىلداپ ئۆتۈۋاتاتتى. بىر ۋاقىتتا ما جۇڭيىڭ كېلىپ: بۇنى مانېۋىر دەيمىز، ئۇرۇش مانا مۇشۇنداق بولىدۇ، دېدى. مانىۋېردىن كېيىن تۇرالغۇمىزغا قايتىپ كەلدۇق. كېچە بىر چاغدا، «ئەسكەرلەر يولغا چىقسۇن!» دەپ بۇيرۇق كەلدى. بىز كېچىچە يول يۈرۈپ سايئوپاغا كەلدۇق. بۇ يەردە ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش ئورىكى كولاپ ئۇرۇشقا تەييارلاندۇق. مەن يەنىلا ماڭالمايتتىم. بىر چاغدا يىراقتىن زەمبىرەك ئاۋازى ئاڭلاندى، ئەمما ئادەم كۆرۈنمەيتتى. يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە بىز يەنە بىر ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالدۇق، مەن داۋانچىڭغا قايتىدىغان ئوخشايمىز، دەپ ئويلىدىم، چۈنكى ئۇ يەردە نەرسە – كېرەكلىرىمىز قالغانىدى. بىزنى داۋانچىڭغا باشلاپ بارماي، بىر داۋانغا ئېلىپ كەلدى. ئاتلىق ئەسكەرلەر بىزدىن بۇرۇن داۋانغا چىقىپ بولغانىكەن. داۋانغا چىققاندىن كېيىن ئاتلىق ئەسكەرلەر بىزنى توختىتىپ: ئەمدى ماڭمايمىز! مۇشۇ يەردە دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىمىز! دېدى. بۇ چاغدا مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: مەن كېسەل، دېۋىدىم، ئۇلار ماڭا: – ئاغزىڭنى ئاچ! دېدى. ئۇلار ئاغزىمغا قاراپ – راست كېسەل ئىكەن… دەپ مېنى ئۆتكۈزۈۋەتتى، كەينىمدىن بىر گاچا بالا كېلىپ ئىشارەت قىلدى، تۇڭگانلار ئۇنىڭ ئاغزىنى ئاچتۇرۇپ كۆرۈپ: – بۇ كېسەل ئەمەسكەن، دەپ ئۇنى ئۆتكۈزمىدى. مەن داۋاندىن پەسكە چۈشۈپ قارىسام بىر كەپە بار ئىكەن. كەپىدە بىر قازان، قازاندا شوۋاگۈرۈچ بار ئىكەن. مەندىن بۇرۇن كەپىگە كىرگەنلەر ئۇنىڭدىن ئىچىشىپتۇ، قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتكەچكە مەنمۇ بىر قاچا ئىچتىم ۋە بۇ يەردە تۇرمايلا ئۇرۇش بولغۇچە باشقىلار بىلەن بىللە يولغا چىقتۇق. تۇزكۆلگە يېقىن قالغاندا ئاسماندا ئايروپىلانلار پەيدا بولۇپ بىزگە بومبا تاشلىدى، بىز قېچىپ تاشلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدۇق. ئايروپىلانلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بىز يەنە مېڭىپ تۇزكۆلگە كەلدۇق. بىر يەردىن ئىس چىقىۋاتاتتى، مەن بىرەرسى ئۇ يەردە چاي قاينىتىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ شۇ يەرگە بارسام، بايىقى ئايروپىلانلارنىڭ بومبىسى بۇ يەردە پارتلاپ بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇنى كۆرۈپ مەن تېخىمۇ قورقۇپ تۇرپان تەرەپكە مېڭىشقا پېتىنالماي، كىشىلەرگە ئەگىشىپ توقسۇن تەرەپكە ماڭدىم. بىر چاغدا يېنىمىزدىن ئاتلىقلار ئۆتۈپ كەتتى. يېنىمدا تونۇشلار يوق ئىدى. بىر چاغدا كەينى تەرەپتىن «گار – گار» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ماشىنىمىكىن دەپ كەينىمگە قارىسام تانكا ئىكەن، ئىچىدە ما جۇڭيىڭ بار ئىكەن، ئۇ يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىزگە قاراپ قويۇپ توقسۇن تەرەپكە كەتتى. كۆپ يول يۈرۈپ چارچاپ كەتكەچكە، بەزىدە مېڭىۋېتىپ يىقىلىپ چۈشىمەن، بەزىدە ئۇخلاپ قېلىپ، سوغۇقتىن ئويغىنىپ كېتىپ يەنە يول يۈردۈم. ئەتىسى كۈن چىققاندا توقسۇنغا يېقىنلاشتۇق، بۇ چاغدا تۇڭگانلار يەنە مېنى توسۇۋالدى، مەن ئۇلارغا كېسەللىكىمنى ئېيتسام، ئۇلار يەنە ئاغزىمنى ئاچقۇزۇپ كۆرۈپ ئۆتكۈزۈۋەتتى. مەن بىر تاياقنى ھاسا قىلىۋالغانىدىم، ھاسىغا تايىنىپ يۈرۈپ توقسۇنغا كەلدىم، بىر مەھەللىنىڭ بېشىدا چوڭ بىر خامان، خامان ئەتراپىدا ئۆيلەر بار ئىكەن، خامان يېنىدا لىق نان قاچىلانغان بىر ھارۋا تۇرۇپتۇ، مەن ھارۋىكەشتىن: – بۇ ئۆيلەردىكى ئادەملەر ئۇيغۇرمۇ، خەنزۇمۇ؟ دەپ سورىسام: – ئۇيغۇر، كىرسىڭىز بولىدۇ، دېدى. مەن بىر ئۆيگە كىرسەم بىر بوۋاي بار ئىكەن. مەن بوۋاي بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ قۇمۇلدىن كەلگەنلىكىمنى ۋە كەچۈرمىشلىرىمنى بوۋايغا سۆزلەپ بەردىم. بوۋاي مېنى ئولتۇرۇپ چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى، گەرچە ئۇچامدا ھەربىي كىيىم بولمىسىمۇ، تۇڭگانلارنىڭ مېنى كۆرۈپ قېلىپ ئېتىپ تاشلىشىدىن قورقۇپ، بوۋايغا مېنى يوشۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم. بوۋاي: – تالادىكى يوغان خاماندا بىر قانچە دۆۋە سامان بار، سىز سامان ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋېلىڭ، دېدى. مەن بوۋاينىڭ دېگىنى بويىچە خامانغا چىقىپ بىر دۆۋە ساماننىڭ ئىچىگە چۈشتە كىرىۋالغان پېتى نامازدىگەرگىچە ياتتىم. خامان يېنىدىكى يولدا گۈلدۈر – گۈلدۈر قىلغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىر چاغدا بوۋاينىڭ نەۋرىسى سامانلىققا كېلىپ: – قۇمۇللۇق، ھەي قۇمۇللۇق! دەپ چاقىردى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ: – نېمە بولدى، دېسەم، ئۇ: – بوۋام سىزنى چاقىرىدۇ، دېدى. مەن ئۇنىڭدىن: – تۇڭگانلار كەتتىمۇ، دەپ سورىسام، ئۇ: – كەتتى! رۇسلار بىلەن خەنزۇ ئەسكەرلەر تۇڭگانلارنى قوغلاپ كەتتى! دېدى. مەن سامانلىقتىن چىقىپ، ئۆيگە كىرسەم، بوۋاي: – قورقماڭ، ھەممىسى كەتتى، دەپ مېنى خاتىرجەم قىلدى. مەن بوۋاينىڭ ئۆيىدە بىر قانچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئەھۋال ئىگىلەپ باقماقچى بولۇپ كوچىغا چىقىپ، قۇمۇللۇق بىرسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. – سەن بۇ يەرگە قاچان كەلدىڭ؟ دەپ سورىسام، ئۇ: – مەنمۇ بۇ يەرگە تۇڭگانلار بىلەن بىللە كېلىپ، بىر ئۆيگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ قۇتۇلۇپ قالدىم، دېدى. بىر ئازدىن كېيىن ئىككىمىزگە قۇمۇل لەڭگەرلىك سالى ئاكا( يولداش ئاخۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھازىر قۇمۇلدا ھايات) ئۇچراپ قالدى، ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش قۇتۇلۇپ قاپتۇ. كوچىدا يۈرۈپ قۇمۇل پالۋانتۇرلۇق پەزۇل ئاخۇن قاتارلىق بىرنەچچەيلەن سېپىمىزگە قوشۇلۇپ، 8 ~ 10دەك ئادەم بولۇپ قالدۇق. بىز توقسۇن بازىرىغا قاراپ مېڭىپ بازارغا ئاز قالغاندا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى. ئامالسىز ئەتراپتىكى بىر ئۆيدە قونۇپ ئەتىسى تۇرپانغا يولغا چىقتۇق. تۇرپان شەھىرىگە يېقىنلاشقاندا بىزگە 3 ئاتلىق ئادەم ئۇچرىدى. بىز ئۇلاردىن تۇرپان شەھىرىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورىساق، ئۇلار تۇرپان شەھىرىنى رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە تۇرپانغا كىرمەسلىكىمىز توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى.

شۇنىڭ بىلەن بىز شەھەر ئىچىگە كىرمەي، تۇرپان ئاستانىغا بېرىپ، قورساقلىرىمىزنى تويغۇزۇۋېلىپ، يولىمىزغا ماڭدۇق. بىز تۇيۇق غوجامغا كەلسەك، ئادەملەر ئۈزۈم ئېچىۋاتقانىكەن. ئۇلار بىزگە: – ئۈزۈم ئېچىشقا ياردەملەشسەڭلار پۇل بېرىمىز، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەندىن باشقىلار ئۈزۈم ئاچقىلى كەتتى، سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا، مەن بىر جايدا ئولتۇردۇم. بىر چاغدا بىر ئادەم كېلىپ مەندىن: – ھۈنىرىڭىز بارمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: – موزدوزلىقتىن بىر ئاز خەۋىرىم بار، خۇرۇمنى كېسەلمەيمەن، بىراق كېسىپ بەرگەننى تىكەلەيمەن، دېدىم. ئۇ ئادەم ماڭا: – ئۇنداق بولسا بىزگە ياردەملىشىڭ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن موزدوزغا 7 كۈن ئىشلەپ بېرىپ، 7 سوم پۇل تاپتىم. 01 كۈنچە بولغاندا ھەممىمىز بىر يەرگە جەم بولۇپ كېتىشنى مەسلىھەتلىشىپ، ئاندىن يەنە يولغا چىقتۇق. كىشىلەردىن تۇيۇقتا قۇمۇل ۋاڭنىڭ كارىزى بارلىقىنى ئاڭلاپ «قۇمۇل ۋاڭنىڭ كارىزى بولغاندىن كېيىن، بىزگە ئىگىدارچىلىق قىلامدىكىن» دېگەن ئۈمىدتە كارىزغا كەلسەك، بۇ يەردىكىلەرنىڭ بىزگە ئىگە بولغۇدەك ھالى يوق ئىكەن. بىز بۇ يەردىن ئۈمىدىمىزنى ئۈزۈپ لەمجىنگە باردۇق ۋە مەسلىھەتلىشىپ ھەممىمىز ئۆي – ئۆيلەرگە تارقىلىپ يېمەكلىك تەييارلىدۇق. لەمجىندىن خاندوغا بارغىچە خالتىلىرىمىزنى نانغا توشقۇزدۇق. بىز خاندودا مەھەللىدىكى بىر قورۇنىڭ ئالدىغا كەلسەك، بىر نەچچە ئايال نان يېقىۋاتقانىكەن، بىز ئۆي ئىگىلىرىگە ئەھۋالىمىزنى ئېيتىپ، قوساقلىرىمىزنى توقلىغاندىن كېيىن مۇشۇ يەردە كېچىنى ئۆتكۈزمەكچى بولدۇق. ئەتىياز بولغاچقا، كېچىسى ھاۋا سوغۇق ئىدى. بىز تونۇرنىڭ ئوتىدا ئىسسىنىپ ئولتۇردۇق، توڭلىساق تونۇرغا چۈشۈپ نۆۋەت بىلەن ئىسسىنىپ تاڭ ئاتقۇزدۇق. تاڭ يورىغاندىن كېيىن پىچانغا قاراپ ماڭدۇق. پىچانغا كېلىپ بىر بوۋاينىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، ئاندىن بازارغا كىردۇق. بازاردا ما جۇڭيىڭنى قوغلاپ پىچاندا تۇرۇپ قالغان شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرىنى كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن كەينىمىزگە قايتىپ بوۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ چىقتىمغا باردۇق. سالى ئاكا: – ئالدىمىزدا غازى ئاقساقالنىڭ كارىزى بار، شۇ يەردىن قۇمۇلغا كىرىپ كېتىمىز، دېدى ۋە بىزنى كەچكە يېقىن شۇ كارىزغا باشلاپ كەلدى. كارىزدا بىرلا ئائىلە بار ئىكەن، بىز ھويلىغا كىرسەك بۇ يەردە بىزدىن بۇرۇن يېتىپ كەلگەن، بىزگە ئوخشاش قۇمۇللۇق بالىلار بار ئىكەن. بىز بۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ، ئەتىسى سالى ئاكىنىڭ يولباشچىلىقىدا قۇمۇلغا قاراپ ماڭدۇق. كەچتە قوشقا يېتىپ كېلىپ، ئارام ئېلىپ، يېرىم كېچە بولغاندا يەنە يولغا چىقتۇق. كۈندۈزى ئوتتۇراگەمە دېگەن يەرگە كېلىپ دەم ئالدۇق. بىز مۇشۇ تەرىقىدە ئۇدا ئۈچ كېچە- كۈندۈز يول ماڭغاندىن كېيىن قۇمۇل شەھىرىنىڭ قارادۆۋە يېزىسى لاپچۇق كەنتىنىڭ قارىسىنى كۆردۇق. تۇرا دېگەن يەردىن ئۆتۈپ بىر ئازدىن كېيىن ئىككى ئات يېتىلىۋالغان بىر ئادەمنىڭ بىز تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى ئادەم بىزگە يېقىنلاشتى، قارىسام 6 – ئاكام ئىمىن ئاخۇن ئىكەن، ئۇ بىر ئاتنى مىنىپ 5 – ئاكام ئابدۇللا ئاخۇننىڭ بىر ئېتىنى يېتىلەپ كەلگەنىكەن. ئاكام ئىككىمىز قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كەتتۇق. ئاپام بىزدىن ئىلگىرى قۇمۇلغا يېتىپ كەلگەن بالىلاردىن بىزنىڭ يولدا كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىمىزنى ئاڭلاپ، ئىمىن ئاخۇن ئاكامنى ئالدىمغا ئەۋەتكەنىكەن. ئات ئىككى، بىز ئون نەچچە بولغاچقا ھەممىمىز بىللە مېڭىشقا ئىمكانىيەت بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاكام ئىككىمىز يولداشلىرىم بىلەن خوشلىشىپ، ئاتلىرىمىزنى ئۆي تەرەپكە قارىتىپ بولۇشىغا چاپتۇردۇق. چۈش بولغاندا لاپچۇقتىكى ھەمدۇل موللامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ غىزالاندۇق. ئۇ يەردىن چىقىپ نامازدىگەرگە يېقىن شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق 2 – ئاكام ئابدۇخالىق ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق. بىز ئۇنىڭ ئۆيىدە چاي – پاي ئىچكەندىن كېيىن، ئۇ بىزگە: – تېزدىن دۆربەجىن غولئېرىققا چىقىپ، ئاپام بىلەن كۆرۈشىڭلار، ئاپام يولۇڭلارغا قاراپ، تولا يىغلاپ، كۆزىنىڭ قارىسى ئېقىپ كېتەي دېدى، دەپ بىزنى يولغا سالدى.

بىز ئاكام بىلەن خوشلىشىپ، نامازدىگەردىن سەل ئۆتكەندە مەھەللىگە كەلدۇق. ئاپام، چوڭ ئاكام موللانۇر( ھاجى ئىمام) ۋە باشقا قېرىنداشلار مەھەللىنىڭ غەربىدىكى باغچە بېشىغا چىقىپ بىزنى ساقلاپ تۇرغانىكەن. بۇ كۈن روزى ھېيتنىڭ ھارپىسى بولۇپ، جامائەت ھېيت تەييارلىقى قىلىۋاتقانىكەن. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئاپام ۋە قېرىنداشلىرىمغا بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇرۇق – تۇغقانلار بىلەن خۇشال – خورام ھېيت ئۆتكۈزدۈم. مۇشۇنداق خۇشال، غەمسىز، تىنچ تۇرمۇش ئاران 3 ئايچە داۋاملاشتى.
ما جۇڭيىڭ شېڭ شىسەي – سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلەشمە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنگەندە، تۇرپان شەھىرىنىڭ مۇداپىئە قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يولۋاس يېقىنلىرىنى ۋە تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭ، مۇختەر ئاخۇنۇملار بىلەن بىللە، بىز قۇمۇلغا كېلىشتىن بۇرۇن قۇمۇلغا قايتىپ كېلىپ، قۇمۇل گارنىزونىنىڭ قوماندانى ۋە قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى بولغانىكەن. شۇ چاغدا يولۋاسنىڭ قولىدا بىر تۈەن ئەسكەر بار بولۇپ، تۆمۈر نىياز بۇ تۈەننىڭ تۈەنجاڭى ئىكەن. مۇختەر ئاخۇنۇم يۇرتى دۆربەجىن يۇقىرى مەھەللىگە قايتىپ ئاخۇنلۇق قىلىۋاتقانىكەن.

يولۋاس قۇمۇلغا كەلگەندىن كېيىن قول ئاستىدىكى چوڭ ياشلىق ئەسكەرلەرنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ، ئورنىغا ياش بالىلارنى ئەسكەرلىككە ئېلىشقا باشلىدى. يولۋاس «بىر ئائىلىدە ئىككى ئوغۇل بولسا، بىرى چوقۇم ئەسكەر بولۇشى كېرەك، يالغۇز ئوغۇل بولسا ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولىدۇ، مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ» دېگەن بۇيرۇقنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قۇمۇلدىكى نۇرغۇن ياشلار ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىندى. يولۋاسنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئەسكەرلەر گازارمىدا ئىككى ئاي تۇرسا، ئائىلىسىدە ئىككى ئاي تۇرۇش بەلگىلەندى. تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭ بىزنىڭ مەھەللىدىن سالى ئاخۇن( ھازىر ھايات)، تالىپ ئاخۇن، مەمەت تاھىر ۋە مېنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ كانىۋىيى قىلىۋالدى. بىزمۇ بەلگىلىمە بويىچە گازارمىدا 2 ئاي، ئائىلىدە 2 ئاي تۇردۇق. مەن ئەسكەرلىكتىن ناھايىتى قاتتىق بىزار بولۇپ كەتكەچكە، 5 – ئاكام ئابدۇللا ئاخۇن مېنىڭ ئورنۇمدا بىر نۆۋەت گازارمىدا 2 ئاي تۇردى. بىز شۇ تەرىقىدە تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭنىڭ يېنىدا 4 يىل تۇردۇق.

1937- يىلى 4 – ئايدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگىرىپ، شېڭ شىسەي بىلەن يولۋاس ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشتى. 4 – ئاينىڭ بېشىدا يولۋاس تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭنى باركۆلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «12 – ئاپرېل» بايرىمى( شېڭ شىسەي تەختكە ئولتۇرغان كۈن) غا قاتنىشىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭ مەمەت تاھىر بىلەن مېنى بىللە ئېلىپ چىقتى. باركۆلنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مەمۇرىي ئەمەلدارى( قازاق) بىزنى كۈتۈۋالدى. بىز باركۆلدە بىر ھەپتە تۇرۇپ «12 – ئاپرېل» بايرىمىغا قاتنىشىپ قايتتۇق. ئەسلىدە شېڭ شىسەينىڭ باركۆلدىكى ئادەملىرى بىزنى قولغا ئېلىپ يوقاتماقچى بولغانىكەن، بىراق قولىمىزدا قورال بولغاچقا، قول سېلىشقا پېتىنالمىدى. قايتىشىمىزدا باركۆلنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى نيۇ جېنخەن بىزگە، سىلەرنى داۋانغىچە ئۇزىتىپ قويايلى دەپ، ئىككى ئەسكەرنى قوشۇپ قويدى. ئۇلارنىڭ پىلانى يولدا بىزگە قول سېلىش ئىكەن. بىراق قوللىرىمىزدا قورال بولغاچقا، نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى. بىز قۇمۇلغا كەلسەك قۇمۇلنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ. شېڭ شىسەي يولۋاستىن خاتىرجەم بولالماي، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن شۈ يۈگۇاڭنىڭ قوماندانلىقىدا 2000 كىشىلىك قوشۇننى قۇمۇلغا ئەۋەتكەندە، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يولۋاسمۇ توغۇچىغا قوشۇن ئەۋەتىپ، شۈ يۈگۇاڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئۇلارنى قۇمۇلغا كىرگىزمەپتۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە «شەرق تەرەپتىنمۇ قوشۇن كېلىۋاتىدۇ» دېگەن خەۋەر كەلدى. يولۋاس تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭغا «سىز بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ كېلىڭ» دەپ ئىسمائىل ليەنجاڭ( زاھىدىن ئىسمائىل دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قوماندانلىقىدا 100 كىشىلىك ئەسكەرنى قوشۇپ بەردى. تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭ، تۈەن ھەربىي لاۋازىمەت مۇدىرى لى شىزەي، مەن ۋە قۇمۇل ج خ ئىدارىسىدىن ۋاڭ كېجاڭ باشلىق 4 ئادەم( بۇلار شېڭ شىسەينىڭ ئادەملىرى) بولۇپ يەتتەيلەن ماشىنىلىق، ئىسمائىل ليەنجاڭلار ئىككى چوڭ ماشىنا بىلەن يولغا چىقتۇق. بىز يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى يولۋاس ئۆلكىلىك چېگرا ئىشلىرى باشقارمىسى قۇمۇل ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى دۇ جياتيەن بىلەن قۇمۇل ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۈ چېڭفانى( شېڭ شىسەينىڭ ئادەملىرى) تۇتۇپ قېلىپ، «ئەگەر تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭ باشلىق ئادەملىرىم سالامەت قايتىپ كېلەلمىسە، ئىككىڭنىڭ كاللىسىنى ئالىمەن» دېگەنىكەن.

بىراق بىز كەتكەندىن كېيىن بۇ ئىككىسى يولۋاسنىڭ ئايالى داناخانغا پارا بېرىپ، ئۆزلىرىنى قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ، داناخان پوسلارغا يولۋاسنىڭ نامىنى سېتىپ بۇ ئىككىسىنى قويغۇزۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈ چىڭفا باركۆلگە، دۇ جياتيەن ئارايۇلتۇزغا قېچىپ كېتىپتۇ. بىز يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى يولۋاس تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭغا «قارىمۇقچى، سايبۇلاق بىلەن مېڭىڭلار، ئۇ يەردىكى قورۇللاردا تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ تۇرايلى، ئەگەر ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولسا سىلەرگە خەۋەر قىلىمەن» دەپ تاپىلاپتۇ. بىراق بىز ساقىغا كەلگەندىن كېيىن، شوپۇر تۈەنجاڭغا: – قارىمۇقچى، سايبۇلاق بىلەن ماڭساق يول قۇم، ماشىنا ماڭالمايدۇ، بىز ئۇدۇللا تۆگە قوتىنى ئارقىلىق يەندۇنغا ئۆتۈپ كەتسەك، دېگەن تەكلىپنى بەردى. تۈەنجاڭنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن بىز شۇ بويىچە ماڭدۇق. يەندۇنغا بېرىپ تۈەنجاڭ يولۋاسقا تېلېفون بەردى. تېلېفوندا يولۋاسنىڭ گېپىنى ئېنىق ئاڭلىيالماي، تۇرۇپكىنى ۋاڭ كېجاڭغا بەردى، ۋاڭ كېجاڭ تېلېفوندا «سۆزلىشىپ» بولۇپ، تۈەنجاڭغا: – يولۋاس بىزنى داۋاملىق مېڭىڭلار، دەيدۇ، دېدى. ئەمەلىيەتتە يەندۇندىكى تېلېفونىست شېڭ شىسەينىڭ ئادىمى بولۇپ، قەستەن تېلېفوندىن چاتاق چىقىرىپ، تۈەنجاڭنى يولۋاس بىلەن سۆزلەشكىلى قويمىغانىكەن. ۋاڭ كېجاڭ سۆزلەشكەندە يولۋاسنىڭ گېپىنى ئېنىق ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئەمما تۈەنجاڭغا يولۋاسنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئەكسىنى يەتكۈزگەنىكەن. ئەمەلىيەتتە يولۋاس تېلېفوندا: – كەينىڭلەرگە قايتىڭلار، قۇمۇلنىڭ ئىشى تۈگىدى، بىز قۇمۇلدىن تاغقا قاراپ قاچتۇق، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى چەتكە ئېلىڭلار، دېگەنىكەن.

ۋاڭ كېجاڭ تۈەنجاڭغا: – يولۋاس سىلىڭ سىلەرنى ئارايۇلتۇزدىكى ئادەملەرنىڭ ئاز – كۆپلۈكىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ كېلىڭلار، ئەلچىگە ئۆلۈم يوق، ئەسكەرلەر كەينىڭلاردىن بارىدۇ، دېدى، دەپ يالغان سۆزلىسە تۈەنجاڭ بۇنىڭغا ئىشىنىپ قاپتۇ. ئىسمائىل ليەنجاڭنىڭ ماشىنىلىرى قىزىپ كەتكەچكە، بىز ئاۋۋال مېڭىپ تۇرىدىغان، ئۇلار كەينىمىزدىن بارىدىغان بولۇپ يەنە يولغا چىقتۇق. بىز ساچۈەنزىگە كەلگەندە، 6 ~ 7 كىيىك ماشىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۇۋالدى. تۈەنجاڭ مېنى كىيىكلەرنى ئېتىشقا بۇيرۇدى، مېنىڭ ئۇلارنى ئېتىشقا رايىم بارماي ئوقنى مىلتىققا قەستەن تەتۈر سالدىم. يېنىمدىكى خەنزۇ: – ئوقنى قورالغا تەتۈر سېلىۋاتىسەنغۇ، دەپ مىلتىقنى قولۇمدىن ئېلىپ، ئوقنى چىقىرىپ ئوڭ سېلىپ قولۇمغا بەردى. ئاڭغىچە كىيىكلەرمۇ يولنى بوشىتىپ كېتىشتى. بىز داۋاملىق ئىلگىرىلەپ چۈشكە يېقىن ئارايۇلتۇزغا كەلدۇق، ئەتراپىمغا قارىسام تاغ بېشىدا قارا قاغىدەك نۇرغۇن ئەسكەر بار ئىكەن، بىز بىر ئويمانلىققا بېرىپتىمىز، ئۈستىمىزدىن ئوقلار ۋىژىلداپ ئۇچۇپ ئۆتكىلى تۇردى، ئەسكەرلەر بىزنى قورشاپ ئەسىرگە ئالدى. بىر نەچچە ئەسكەر كېلىپ تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ يان قورالىنى ئېلىۋالدى. ئەسكەرلەر بىزنىمۇ قوراللارنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇدى. تۈەنجاڭ: – بېرىڭلار، بىز قۇمۇلغا چىققاندا قايتۇرۇپ بېرىدۇ، دېدى. يولۋاس بىزدىن ئەنسىرەپ، كەينىمىزدىن ماشىنىلىق ئادەم ئەۋەتىپتۇ، ئۇلار ئىسمائىل ليەنجاڭلارغا يېتىشىۋېلىپ بىزنى سوراپتۇ ۋە ئارايۇلتۇزغا بېرىپ بولغانلىقىمىزنى پەرەز قىلىپ، ئىسمائىل ليەنجاڭلارنى كەينىگە قايتۇرۇپ كېتىپتۇ.

بىزنى ئەسىرگە ئالغان بۇ قوشۇن جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى قىزىل 4 – ئارمىيىگە قاراشلىق 30- جۈن 88 – شى 268- تۈەن بولۇپ، مۇھاپىزەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەچكە، جەڭگە قاتناشماي غەربىي يول ئارمىيىسى بويىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىن بىر تۈەن ئىكەن.

ئۇلار بىزنى بىر ئۆيگە قاماپ قويدى. بىزنى بىردەم – بىردەم ھاجەت قىستايدۇ، بىراق ھاجەتكە چىقساق ھېچنېمە يوق، ئادەم قورقۇپ كەتسە شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، يەنە ھاجەتكە چىقىشنى تەلەپ قىلساق، ئەسكەرلەر رۇخسەت قىلمىدى. مەن مۈگدەپ قاپتىمەن، ئويغىنىپ قارىسام ئۆيدە تۈەنجاڭ ئىككىمىزلا قاپتۇق، لى شىزەي يوق تۇرىدۇ. مەن قوپۇپ ئۆينىڭ كىچىك دېرىزىسىدىن تالاغا قارىسام، بىر نەچچە ئەسكەر لى شىزەينى ھەيدەپ تاغ ئارىسىغا ئېلىپ كېتىۋېتىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن «پاڭ» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، ئەسكەرلەر لى شىزەينى ئېتىۋەتكەنىدى. مەن يەنە مۈگدەپ قاپتىمەن، ئويغانسام يېنىمدا تۈەنجاڭ يوق، ئۆزۈم يالغۇز قاپتىمەن، بېرىپ دېرىزىدىن قارىسام 7 ~ 8 ئەسكەر تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭنى ھەيدەپ ئېلىپ مېڭىپتۇ، بىردەمدىن كېيىن يەنە ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى، ساناپ تۇرسام تۈەنجاڭغا 7 پاي ئوق ئاتتى. مەن «بۈگۈن بېشىمغا ئۆلۈم كەپتۇ، مەن ئۆلۈپ كەتسەمغۇ كارى چاغلىق، ئەمما ئاپامغا يامان بولىدىغان بولدى… » دېگەنلەرنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم. بىر ئازدىن كېيىن ئەسكەرلەر كىرىپ مېنى ئىتتىرىپ تالاغا ئېلىپ چىقتى. ئارايۇلتۇزدا بىر ساقچىخانا بار بولۇپ، 10 دەك ساقچى بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسمائىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر( ئاقسۇلۇق) بار ئىكەن، ئۇمۇ ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ئىكەن. مەن ئىسمائىلغا: – مېنىڭ دەيدىغان ئىككى ئېغىز گېپىم بار، دېدىم. ئىسمائىل گېپىمنى ئەسكەر باشلىقىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى. ئەسكەر باشلىقى ئەسكەرلەرگە بۇيرۇق قىلىپ قولۇمنى يەشكۈزۈۋەتتى. مەن ھەربىي كىيىمنىڭ تۈگمىسىنى يەشمەستىنلا تارتىپ تۈگمىلىرىنى ئۈزۈپ سېلىپ تاشلىدىم، ئاندىن ئۇلارغا قاراپ: – مەن ھەربىي ئەمەس، پۇقرا، ئىچ كىيىمىمگە قاراڭلار! دېدىم. ئۇچامدا كۆك شەيتان تېرىسىدىن تىكىلگەن كۆڭلەك بار بولۇپ، ئۇنى ئاپام تويۇمدا تىكىپ بەرگەنىدى. مېنىڭ توي قىلغىنىمغا ئەمدىلا 2 ئاي بولغانىدى. ئۇلار گېپىمگە ئىشەنگەندەك قىلدى، مەن تېرىقچىلىق قىلىۋاتقانىدىم، ئۇلار كېلىپ بىزنى باشلاپ يولغا چىقىرىپ قوي، دەپ مېنى مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى، دەپ ھەربىي ئىشتاننىمۇ سېلىۋەتتىم. بۇ ۋاقىتتا بىز بىلەن بىللە ئارايۇلتۇزغا بارغان خەنزۇلاردىن بىرى: – بۇ بالا راستىنلا ئەسكەر ئەمەسكەن، ئۇ يولدا كەلگۈچە مىلتىققا ئوقنى تەتۈر سېلىۋاتىدۇ، ئەقەللىيسى مىلتىق تۇتۇشنىمۇ بىلمەيدىكەن، دەپ گۇۋاھلىق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ھەربىي باشلىق مېنىڭ پۇقرالىقىمغا تولۇق ئىشەندى ۋە مېنى باشقا ئۆيگە باشلاپ كىرىپ ئالدىمغا ھورنان ۋە چاي قويدى. مەن بەك قورقۇپ كەتكەچكە موما گېلىمدىن زادىلا ئۆتمىدى. موما ئەكەلگەن خەنزۇ ماڭا تەسەللى بەردى ۋە ئۆزىنىڭمۇ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ماڭا زەخمە يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق گېلىمدىن يەنىلا تاماق ئۆتمىدى. كېيىن ئۇلار مېنى ئاشپەزگە ياردەملىشىدىغانغا ئاشخانىغا ئەكىرىپ قويدى. ئاشپەز چوڭ ياشلىق بىر خەنزۇ ئىكەن، ئۇ تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭنىڭ خۇرجۇنىنى ئېلىپ كېلىپ ماڭا بەردى، مەن ئالغىلى ئونىمىسام، ئۇ خۇرجۇننى يەنە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مەن ئاشپەزگە ياردەملىشىپ ئوت قالاپ، سۇ توشۇدۇم. 2 كۈندىن كېيىن ھاشىم ھاجى كەلدى، ئۇ يولۋاسنى قوغلاش داۋامىدا چېرىكلىرىدىن ئايرىلىپ مەغلۇپ بولۇپ، ساقىغا كېلىپ، ساقىلىق شەرۇل ئاكىنى يول باشلىتىپ ئارايۇلتۇزغا كەلگەنىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە شەرۇل ئاكا ماڭا ھەمراھ بولدى. ئارىدىن 3 كۈن ئۆتۈپ، ئاسماندا ئايروپىلانلار پەيدا بولۇپ، ھاۋادىن ئوق قاچىلانغان ساندۇقلارنى تاشلىدى، ھەممىمىز يەرگە چۈشكەن ساندۇقلاردىكى ئوقلارنىڭ ساقلىرى بىلەن بۇزۇلغانلىرىنى ئايرىپ چىقتۇق. ئەتىسى يەنە ئايروپىلانلار كېلىپ تاغاردا نان تاشلىدى، ھەممىسى ئۈرۈمچىدە يېقىلغان نانلار ئىدى. ئەتىسى ئايروپىلانلار يەنە كېلىپ يەرگە قوندى، بۇ قېتىم مىلتىق ۋە ھەربىي كىيىم ئېلىپ كەلگەنىدى. 5 ~ 6 – كۈنلىرى ئەسكەرلەر كېلىشكە باشلىدى، بۇلار شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرى بولۇپ، قۇمۇلدا يولۋاسنى قوغلاپ تۇتالماي، بۇ يەرگە كەلگەنىكەن. شۇ كۈنى چۈشتە بارلىق ئەسكەرلەر ماشىنا بىلەن قۇمۇلغا قاراپ يولغا چىقتى، بىزنىمۇ مەخسۇس بىر ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى. ھاشىم ھاجىمۇ بىز بىلەن ماڭدى. بىز يول بويى بىرەر ئادەمنىمۇ ئۇچراتمىدۇق. مەن كۆڭلۈمدە «شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرى قۇمۇلنىڭ پۇقرالىرىنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋەتكەنمىدۇ؟» دەپ ئويلىدىم. بىز قىزىل يۇلغۇن مەھەللىسى( قۇمۇل شەھىرى پالۋانتۇر يېزىسىغا قاراشلىق، پۈتۈنلەي خەنزۇلار ئولتۇرۇشلۇق كەنت) دىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىر تامنىڭ يوچۇقىدىن ئىككى تونۇش ئادەمنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇلاردىن بىرى مەن بىلەن ئەسكەر بولغان يۇقىرى مەھەللىلىك سالى ئاخۇن، يەنە بىرى غوجابدۇل قارى ئىدى. بىز نامازدىگەر ۋاقتى بىلەن غوجامبۇلاق( ھازىرقى پالۋانتۇر يېزىلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ ئورنى) قا كەلگەندە ماشىنىلار توختاپ ئەسكەرلەر يەرگە چۈشۈپ، مىلتىقلىرىنى ئوقلاپ مۇداپىئەگە تەييارلاندى. بىزنى ماشىنىدىن چۈشكىلى قويمىدى. بىر ماشىنا شەھەردىن چىقىپ بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىدۇ، كېيىن يەنە شەھەرگە كىرىپ كېتىدۇ، بۇ ماشىنا يەنە چىقىدۇ، يەنە كىرىپ كېتىدۇ. بىلسەك بۇ ماشىنىدىكىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خادىملىرى ئىكەن. بىز يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە بازارغا كىرسەك، ئەسكەرلەر رەت – رەت تۇرۇپ كېتىپتۇ. ئەسكەرلەر پارول سورايدۇ، جاۋاب بېرەلىسە ئۆتكۈزىدۇ، بولمىسا توسۇۋالىدۇ. ئارىمىزدا بىر تۇڭگان بار ئىدى، ئۇ چاقىرتىلىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى، كېيىن ئاڭلىسام ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. بىز ناھىيىلىك يامۇلدا بىر نەچچە كۈن تۇردۇق. ئۇ يەردىن بىزنى ئېگەر قويىدىغان ئۆيگە ئەكىرىپ قويدى. ئەتىسى تالاغا ھاجەتكە چىقسام ئىلگىرى يولۋاسقا ئەسكەر بولغان بالىلاردىن ئىككىسى ئۇچراپ قالدى. مەن ئۇلاردىن: – سىلەر بۇ يەردە ئىكەنسىلەرغۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: – بىز خوتۇنتامدا ئىدۇق، يولۋاس ئىچكىرىگە كېتىپ بىز قالدۇق، شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرى بىزنى «ئاتلارنى قۇمۇلغا ئەكىلىشىپ بېرىڭلار» دەپ مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى، دېدى. بىر ھەپتە ئۆتۈپ بىر كۈنى ئات ئېغىلىدا بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئېشىكىگە ئوت – سامان بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، قارىسام بۇ كىشى قۇمۇل لەڭگەرلىك رەمزە ئاتىغا ئىكەن. مەن ئۇنىڭ چىرايىغا قارىماي تۇرۇپ( قاراشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى) : – رەمزە ئاكا، مېنى تونىدىلىمۇ؟ مەن ئىساق ئاخۇن، ئاپامغا خەۋەر قىلىپ قويغان بولسىلا، مەن ھازىر قۇمۇلغا چىقىپ قالدىم، دېدىم. ئۇ ئەتىسى دۆربەجىنگە چىقىپ ئاپامغا، شەھەرگە كىرىپ 2 – ئاكامغا خەۋەر يەتكۈزۈپتۇ. ئاكام خۇش بولۇپ كېتىپ مەن تۇرغان قورۇغا كەپتۇ. دەرۋازىدىكى پوسمۇ ئاكامنى كۆرمىگەن ئوخشايدۇ، ئاكام مېنى كۆرۈپ: – ئۇكام، جېنىم ئۇكام، بارمۇ سەن؟ ھايات ئىكەنسەن، دەپ مېنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى، مەنمۇ يىغلىدىم. ھويلىدىكى باشلىقلاردىن بىرى: – بۇ يەر پۇقرالار قالايمىقان كىرىدىغان يەر ئەمەس، بۇندىن كېيىن دىققەت قىلغىن، دېدى. بۇ يەردە قارىمۇقچىنىڭ دورغىسى سېيىت رېھىمنىياز بار ئىدى. ئۇ كىشى باشلىققا: – بۇ ئادەم بىلمەي كىرىپ كېتىپتۇ، ئەمدى دىققەت قىلسۇن، دېدى. ئۇلار قولىمىزغا خەت يېزىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئاكام ئىككىمىز ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق. تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭنىڭ ئۆيىدىكىلەر مېنىڭ كەلگىنىمدىن خەۋەر تېپىپ، بىر كۈنى چوڭ ئوغلى ئاقموللام مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ: – ئۆزلىرى دادام بىلەن بىللە كەتكەن، ھازىر دادام قەيەردە؟ ئۈرۈمچىدىن بىر خەنزۇ كەپتىكەن، ئۇ دادامنى ئۈرۈمچىدە كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى، مەن ئۇنىڭغا بەش كۈرە بۇغداي بەردىم، دېدى. مەن قورقۇپ راست گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدىم. چۈنكى مېنى قويۇپ بەرگىچە «كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىڭنى بىركىمگە تىنمايسەن» دەپ تاپىلىغانىدى. موللاخۇن ئاكام( مۇختەر ئاخۇنۇم) ئۇنىڭغا: – سىلەر ئىساق ئاخۇندىن ئىنچىكىلەپ گەپ سورىماڭلار، چۈنكى ئىساق ئاخۇن ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن باردى، دېدى. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەن ئاقموللامغا: – داداڭلارنى ئارايۇلتۇزدا ئېتىۋەتتى، دەپ راست گەپنى قىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ياشلارنى مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتىدىغان ئىشلار قايتا يۈز بەرمىدى.

بۇ ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى ھاجى ئىساق مېرى 1999 – يىل 21 – ئاينىڭ 22 – كۈنى 85 يېشىدا غولئېرىقتا ۋاپات بولدى.1997 – يىل 01 – ئايدىكى ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئاساسەن رەتلىگۈچى: ئابلىمىت ئابدۇللا( ھاجى ئىسھاق مېرىنىڭ 5 – ئاكىسىنىڭ ئوغلى)

مەنبەسى: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2006-يىل 3-سان