قەدىمقى يۇرت ۋە قەدىمقى خەلق

ئىلى

تۇرسۇن ياسىن

قەدىمقى ۋادا -ئىلى ۋادىسى ئۆزىنىڭ تالاي زور ۋەقەلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن تارىخىي جايلىرى ۋە بۇ زور ۋەقەلەرنىڭ جانلىق شاھىدى بولغان مول مەدىنىي مىراسلىلىرى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى -سىرتىدىكى تارىخچىلارغا مەشھۇردۇر.بۇ ۋادىنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈشتە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىپتىخارلىق بىلان تىلغائېلىشىمىزغائەرزىيدۇ. شەرق ئالىملىرىنىڭ بايان قىلىشىچە ، ئۇيغۇرلار مىلادىدىن خېلى بۇرۇندىن تارتىپلا ئورخۇن دەرياسى بويىدا ۋە ئىلى دەرياسى بويىدا ياشاپ ئۆتكەن .قەبىلىلەر بىرلەشمىسىنىڭ نامى بىلەن «ئۇيغۇر»دەپ ئاتالغان بۇ خەلق ھىمالايا تېغى ،تەڭرى تېغى ناملىق چوڭ تاغلارنىڭ ئەتراپىدا ئىككىگە بۆلۈنۈپ ياشىغان . يەنى بىرى –ھىمالايا تېغى ئەتراپىدىكى 10 غول ،يەنە بىرى -تەڭرى تېغى ئەتراپىدىكى 12 غول ئەتراپىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان . 12غول ئەتراپىدىكىلەر «12غول ئۇيغۇرلىرى » دەپ ئاتالغان . 10غول ئەتراپىدىكىلەر «10 غول ئۇيغۇرلىرى »دەپ ئاتالغان .تەڭرى تېغى ئەتراپىدىكى 12 غولدىن توققۇزى ھىلىھەم ئىلى ۋادىسىدا بار .بۇلار قاش غولى ،بۆلۈكەي غولى ،چۇلۇقاي غولى ،قازانچى غولى ،جىرغىلاڭ غولى ،پىلىچى غولى ،نوغايتۇ غولى ،ئاقتۆپە غولى ،تەلكە غولىدىن ئىبارەت .بۇ غوللارنىڭ مەركىزى تۈگۈنىگە جايلاشقان غۇلجا شەھىرى قەدىمقىلەرنىڭ «ئەجەن غولجاي ئىكەن » دىيىشى بىلەن «غولجاي »ئاتىلىپ ،كېيىن «غۇلجا »غا ئۆزگەرتىلگەن .12غول جايلاشقان تىيانشان ئەتراپلىرى قەدىمدىن تارتىپ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل ،سۈيى ۋە ئوت -چۆپى مول بولغاچقا ،بۇ ۋادىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر قەبىلىرى دىھقانچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان . ئىلى ۋادىسىدا مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەرىپىدىن مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورنى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان غۇلجا ناھىيە تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى قويلۇق(ئاي يورۇق ) ،مۇقام شەھەرلىرى ،چاپچال ناھىيەسىنىڭ قاينۇق يېزىسىدىكى ئالتۇنلۇق ،قورغاس ناھىيەسىنىڭ سار بۇلاق يېزىسىدىكى بىشامشام (قۇياس)شەھىرى ۋە غۇلجا شەھىرى قاتارلىق قەدىمقى جايلار خېلى كۆپ .مەسىلەن غۇلجا شەھرىنىڭ قارا دۆڭ يېزىسىدىكى «گۈلشەنباغ »مۇ قەدىمىي جايلاردىن بىرى .بۇ جايدىن دىئامېتىرى 50 سانتېمېتىر كېلىدىغان ياغۇنچاق ،ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ ئۇستىخانلىق مۇردا،10نەچچە سانتېمېتىر قېلىنلىقتىكى كاھىش ،مىس قەدەھ ،كىچىك ساپال بۇتلار تېپىلغان . ئىلى ۋادىسىنىڭ باشقا جايلىرىدىن تېپىلغان مەدىنىي يادىكارلىقلارمۇ ئاز ئەمەس .بۇ ۋادىدىن تېپىلغان تاش ئوتىغۇچ ،تاش پالتا (يېڭى تاش قورال دەۋرى ) ،سىدام مىس ئەينەك ،سۆڭەكتىن ياسالغان ھالقا (جەنگو دەۋرى )،تۆمۈر ساپان چىشى (غەربىي خەن دەۋرى)،كومزەك ،تاۋاق ، ساپال قاچا ،ساپال تەخسە ،ئالتۇندىن ئىشلەنگەن مەخسۇس زىننەت بۇيۇملىرى ،..ھەر خىل مەزھەپتىكى راۋاق ،مۇنارلار ، دۇنيا خەرىتىسى (چاغىتاي يېزىغىدا ) قاتارلىقلار بۇ ۋادىنىڭ قەدىمىيلىگىنى ئىسپاتلايدىغان ماددىي ئاساسلار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ،.بۇلارنىڭ بەزىلىرىدە ئورخۇن -تۈرك يېزىغى ،قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى ئۇچرايدۇ .بولۇپمۇ 1984-يىلى غۇلجا شەھرىدىن تېپىلغان تاش بالبال روسىيەلىك پروفېسسور -دوكتور ۋېلھىلىم رادلوۋنىڭ «غۇلجا شەھىرى چىن ھاكىميىتىدىن تېخىمۇ بەك قەدىمىيدۇر »دىگەن پىكرىنى ئىسپاتلايدۇ .بۇ تاش بالبالنىڭ ئۇزۇنلىغى 1.25مېتىر ،كەڭلىگى 45سانتېمېتىردىن 50سانتېمېتىرغىچە،ئىڭەكتىن باشقىچە بولغان ئۇزۇنلىغى 33سانتېمېتىر ،يۈزىنىڭ ئومۇمىي كەڭلىگى 30سانتېمېتىر كېلىدۇ ،ئۇ ئۆرۈمە چاچلىق ،قورال-ياراق كەمىرى باغلىغان ئايال بولۇپ ،بالبالغا قەدىمكى ئورخۇن يېزىغى يېزىلغان .«شىنجاڭنىڭ ھاكىميەت تەسىس قىلىش تەزكىرىسى »دە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ :«تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈرك ۋە خۇيگى (ئۇيغۇر)لارنىڭ يېرى بولغان ئىلى دەريا ئېقىمىنىڭ ئۇ قېتى ۋە بۇ قېتىدىكى غۇلجىدا ۋېنلو دۇتۇڭ ۋە جەشەن دۇتۇڭ مەھكىمىسى قۇرۇلغان .» ئىلى ۋادىسىنىڭ قەدىمىيلىگى ۋە بۇ ۋادىدا ئەزەلدىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ياشاپ كەلگەنلىگى چەتئەل تارىخچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ قەيت قىلىنىدۇ.

(ئاخىرى بار )