ئورا ھەققىدە رىۋايەت

ئورا ھەققىدە رىۋايەت

مامۇت غازى

(ش ئۇ ئا ر يېزا ئىگىلىك بانكىسى ياشانغانلار باشقارمىسىدىن )

بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى كىشىلەر ھازىرقىدەك ئىلمىي ئۇسۇلدا ئاشلىق ساقلاشقا ئادەتلەنمىگەن، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى فېوداللىق قالاق ئىگىلىك ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان چاغلاردا ئورا جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ، بولۇپمۇ تاغ سۈيىگە تايىنىپ دېھقانچىلىق قىلىدىغان قۇرغاق رايون خەلقىنىڭ زىيانلىق ھاشاراتلاردىن، ئوغرى – بۇلاڭچىلاردىن خالىي، بىخەتەر ئاشلىق ساقلاش ئامبىرى بولۇپ كەلگەنىدى. دېمەك ئاشلىقنى ئورىغا كۆمۈپ ساقلاش بارلىق دېھقانلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى ئادەت ئىدى. ئورا كولاشنىڭ چوڭ – كىچىكلىك ئۆلچىمى يوق، ھەر كىم ئۆرىغا كۆمىدىغان ئاشلىق مىقدارىغا قاراپ ھويلىسىغا (قورۇسىغا)، باغلىرىغا ئومۇمەن ئۆزلىرى خالىغان يەرگە ئورا كولاپ بىر ئورىدا بىر تاغاردىن50 تاغارغىچە ئاشلىق ساقلايتتى. كۆمۈش ۋاقتىدا ئاۋۋال ئورىنىڭ تېگىگە پاكىز قۇرۇق قۇم تۆكۈپ، ئۈستىگە سامان سېلىپ، زىغىر پاخىلىنى ئېشىپ ئورىنىڭ چۆرىسىگە ئۈستىگىچە يۆگەپ چىقىپ ئاندىن ئاشلىقنى ئورىغا تۆكەتتى، ئورا توشقاندا ئۈستىگە قۇرۇق شال پاخىلىنى يېپىپ، ئۈستىگە سامان سېلىپ ئاندىن توپا تاشلاپ كۆمىۋېتەتتى، ئورىغا كۆمۈپ ساقلايدىغان ئاشلىق چوڭ دانلىق (مەدەكلىك ) قوناق بولغانلىقى ئۈ

چۈن، بۇ قۇناقنىڭ نامى كۆممىقوناق دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. كۆممىقوناق ئازادلىقتىن ئىلگىرى شىنجاڭ دائىرىسىدە تېرىلىدىغان مەيلى قايسى خىلدىكى قوناق بولسۇن يېزىلاردىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىدىغان دېھقانلارنىڭ، جۈملىدىن شەھەر – بازارلاردا ئولتۇرۇشلۇق كەمبەغەل ئائىلىلەرنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقى ئىدى. شۇنداقلا ئائىلىلەردە بېقىلىدىغان ئات-قېچىر، ئېشەك، قوش كالىسى ، شەھەر ۋە يېزا – بازارلارنى گۆش بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن بوردىلىدىغان كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بوغۇزى ئىدى. شۇڭا كۆممىقوناقنى كۈزدە ئورۇپ بېشىنى ئۈزگەندىن باشلاپ ئۇن تارتقۇچە يەنە خېلى كۆپ ئەمگەك كۈچى سەرپ قىلىناتتى. بۇنىڭ بىرى لاپقۇتلىشىپ قوناق سويۇش بولۇپ، بىر ئايغا يېقىن داۋاملىشىدىغان بۇ ئىشقا ئەر ، ئايال، قېرى – ياش ھەممىلا كىشى قاتنىشاتتى. پاسىڭىدىن سويۇۋېلىنغان باش قوناقنى ياشلار يۈدۈپ ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ ياياتتى. يەردىكى قوناق پاسىڭى ئارىسىدا كىچىك بالىلار بىرى – بىرى بىلەن ئوينىشىپ پومىداقلىشىپ ئۇخلاپ قالاتتى. قوناق سويۇش ۋاقتىدا چۆچەك – ھېكايە ئېيتىش، تارىخىي جەڭنامىلارنى سۆزلەش،تېپىشماق تېپىش، قىزىقچىلىق قىلىش ئادەتكە ئايلانغانىدى. بەزى مەشھۇر جەڭنامىلەرنى بىلىدىغان كىشىلەرنى ئۆي ئىگىسى تەكلىپ بىلەن ئېلىپ كېلەتتى. چۆچەكچىلەر چۆچىكىم چۆچەك، ئوتتۇرىسى دۈمبەلچەك،سۇ قۇيسام تېشىپ كەتتى، ئۆمىلەپ قېچىپ كەتتى، مەن قوغلاپ يېتەلمىدىم، قۇمغا بېرىپ سىڭىپ كەتتى، ماڭا بىر پىيالە چاي بەرسىلە، چۆچەك ئېيتىپ ئېغىزىم قۇرۇپ كەتتى دەپ ھېكايە باشلىسا، جەڭنامە سۆزلەيدىغانلارمۇ بىردەم قازاندا قايناتتىم، بۇ دۇنيا پانىدىن كەچتىم،مۇھەببەت شەربىتىنى ئىچتىم، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ دەپ بىردەم مەشرەپنىڭ كەچۈرمىشىنى سۆزلەيتتى، بىردەم يىگىرمە ئالتە ياشىمدا كۈنلەر چۈشتى باشىمغا، ئەرزىمنى ساڭا ئېيتاي، بىر تۇققان قاياشىمغا دەپ سىيىت نوچىدىن سۆز باشلايتتى. قوشاقچىلارمۇ قارا قاشقا سۇيۇق ئوسما، سەنەمنىڭ ئالدىنى توسما، جۇگان ئەللىكتىن ئاشقاندا، يىگىتكە كىيدۈرەر بىر غۇلاچ پوسما دەپ ئاياللارنى چوقان سالدۇرۇپ قوشاق قېتىشقا باشلايتتى.مانا مۇشۇنداق قوناق سويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆي ئىگىسى ئەتكەن تاماقنى يەپ بولۇپ ئۆيلىرىگە كېتىشەتتى.قوناق سويۇش ۋاقتىدا قوللىرى يېرىلىپ، تىرنىقىنىڭ تۈۋىدىن قان چىقسىمۇ ھېچكىم زارلانمايتتى. مەھەللە بويىچە قوناق سويۇش ئاخىرلاشقاندا، قوناق سوقۇش باشلىناتتى. بۇ چاغلاردا دان ئايرىش ماشىنىسى بولمىغاچقا ، بىر ئايدىن كۆپرەك ئۆگزىدە قۇرۇتۇلغان باشقوناقنى ئۆي ئىچىگە تۈڭلۈكتىن چۈشۈرۈپ ئەرلەردىن 3ياكى 4 كىشى دۇمبا دەپ ئاتىلىدىغان ئۈجمە ياكى جىگدە ياغىچىدىن ياسالغان ، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم مېتىر كېلىدىغان كالتەك بىلەن باشقوناقنى سوقۇپ دېنىنى ئاجرىتىپ، ئۆتكەمىدە تاسقاپ شامالدا سورۇپ، پاكىز قىلىپ ئۆينىڭ ئىچىگە يۇمىلاق قىلىپ چەشلەپ، بۇ بىر يىللىق جاپالىق ئەمگىكىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن بۇ غەلىبىنى تەبرىكلەپ، تاھارەت ئېلىپ دۇئا قىلىپ، قوناقنى غەلۋىر بىلەن تاغارغا قاچىلايتتى ، بۇ خامان ئېلىش دېيىلىدۇ. 10 چارەك قوناقتىن بىر چارەك ئۆشرە ئايرىلىپ بىر ياققا تۆكۈپ قويىلاتتى . دېمەك كۆممىقوناق كۈزدە ئۈزۈلگەندىن باشلاپ خامان ئالغۇچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن ئەمگەك كۈچى سەرپ قىلىش ئارقىسىدا ئاندىن ئۇن تارتىپ يېسىمۇ، ساتسىمۇ، ئورىغا كۆمسىمۇ بولىدىغان تەييار مەھسۇلاتقا ئايلىنىدۇ. ئەينى چاغدا بىر ئورىغا 50- 60 تاغار قوناقنى كۆمۈپ سېسىتىپ قويماي ساقلىغىلى بولاتتى، كىشىلەر ئەتىيازدا ئورىسىنى ئېچىپ قوناق سېتىش ئارقىلىق قىشىچە نېسى ئالغان نەرسىلەرنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش، بالىلارغا يازلىق كىيىم ئېلىپ بېرىش، تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشقا باشلايتتى. ئاشلىق بېسىمدارلىرى بولۇپمۇ كەمبەغەل دېھقانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان جازانىخورلار مۇشۇ ۋاقىتتا قوناقنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ ئورىغا كۆمۈپ ساقلاپ ئەتىيازدا قىممەت باھادا سېتىپ نۇرغۇن پايدا ئالاتتى. ئورا ھەققىدە رىۋايەتلەر كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئاتا – بوۋىلىرىمىز ناھايتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى قوناق تېرىشنى باشلىغان چاغلاردا قوناق پىشقاندا ئورۇپ شېخى بىلەن ئېتىزغا تاشلاپ قويۇپ، ئۇدۇللۇق بېشىنى ئۈزۈپ كېلىپ ئوتتا پۇچىلاپ يەيدىكەن، كېيىن بارا – بارا قوناقنى قولى بىلەن ئۇۋىتىپ دېنىنى ئاجرىتىپ پىشىرىپ يەيدىغان بوپتۇ. ئاندىن كېيىن يارغۇنچاق ياساپ، قول بىلەن چۆرۈپ قوناقنى يارما قىلىپ، قازاندا پىشىرىپ يېيىشكە ئادەتلەنگەن. تۈگمەن ياسالغاندىن باشلاپ ئۇن تارتىپ كېلىپ نان يېقىپ ، ھەر خىل تائاملارنى ئېتىپ يەيدىغان بوپتۇ. ئەمما قوناقنى كۈزدە ئورۇپ پاسىڭىدىن ئاجراتقاندىن تارتىپ كېلەر يىلى قوناق پىشقىچە قانداق ئۇسۇل بىلەن ساقلاش ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىشلار ئارقىلىق، تال نىڭ چىۋىقىنى كېسىپ كېلىپ باداڭ ئۆرۈپ (توقۇپ)سويۇلغان باش قوناقنى باداڭدا ساقلاش ئۇسۇلى خېلى ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان بولسىمۇ، باداڭنىڭ سىغىمى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باداڭدا قوناق ساقلىغاندا چاشقان ۋە باشقا زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىش مۈمكىن بولمىغاچقا، ئاخىرى كۆپ ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق، قوناقنى سوقۇپ مەدەكتىن ئاجرىتىپ تازىلاپ، ئاندىن ئورىغا كۆمۈپ ساقلاشقا ئادەتلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئورىغا دائىر تارىختىن ساۋادى بارلارنىڭ ئېيتىشىچە ئاپپاق خوجا ئىلىدىكى موڭغۇللارنىڭ باشلىقى غالدان قۇنتەيجىنىڭ ياردىمى بىلەن قەشقەردە خانلىق تەختتە ئولتۇرغان چاغدا موڭغۇللارنىڭ ئۆزلىرى خالىغانچە قەشقەرگە كېلىپ ماتا، چەكمەن، شايى، ئەتلەس سېتىۋېلىشقا، ئۇستا قول ھۈنەرۋەن ياش ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنى غۇلجىغا ئاپىرىپ قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلغانىكەن، مال سېتىۋېلىشتا موڭغۇللارنىڭ بىر يارماق پۇلىنى 2 يارماق قىممىتىدە ئىشلىتىشىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 2 يارماققا ساتىدىغان نەرسىسىنى موڭغۇللارغا بىر يارماققا بېرىشكە مەجبۇر بولغانىكەن. شۇ سەۋەبتىن قەشقەر تەۋەسىدە بىر يارماقنى 2 پۇل، 5 يارماقنى 10 پۇل دەپ ئاتاش كېلىپ چىققان، نېمە ئۈچۈن بىرنى بىر دېمەي ئىككى دەيمىز دېگۈچىلەرنى دارغا ئېسىپ جازالايدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن. يەكەن، خوتەن تەرەپلەردە بولسا ئاپپاق خوجا باشچىلىقىدىكى ئاقتاغلىق خوجىلارنىڭ رەقىبى بولغان قاراتاغلىق خوجىلار بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرغانلىقى ، بۇ جايلاردا ياشىغۇچى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بىرنى بىر دېمەي، نېمە ئۈچۈن بىرنى ئىككى دەيمىز دەپ ھەق گەپنى قىلىپ تۇرغانلىقى نەتىجىسىدە ئاپپاق خوجىنىڭ بۇ خاتا بۇيرۇقى ئىجرا قىلىنمىغانىكەن. قەشقەر تەۋەسىدە موڭغۇللار ئاپپاق خوجا قوشۇپ بەرگەن سوپى ئىشانلارنىڭ يول باشلىشى ئارقىسىدا، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي ئاختۇرۇپ، دېھقانلار ساقلاپ كەلگەن ئوزۇقلۇق ئاشلىق ، گۈرۈچ قاتارلىق نەرسىلەرنى ھەقسىز، مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىدىكەن. قارشى تۇرغانلارنى ئاپپاق خوجا ئەمەلدارلىرى قاتتىق جازالايدىكەن. ئۆيلەرنى ئاختۇرۇش جەريانىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرى ۋە ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرنى ئېلىپ ماڭىدىكەن، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى باغلاپ، مەجبۇرىي ھەيدەپ ماڭىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئاشلىقلىرىنى ئۆيىنىڭ ئىچىگە ئورا كولاپ كۆمۈپ ساقلاشنى، قىزلىرىنى سىرتقا چىققاندا ئەرەنچە كىيىندۈرۈشنى، قورۇ تاملىرىنى ئېگىزلىتىپ ئۈستىگە تۆشۈك قويۇپ، بۇلاڭچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرۈپ تۇرۇشنى، كېچىسى مەھەللىگە جىسەكچى قويۇپ نۆۋەت بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇلاڭچىلار كەلسە تاك – تاك ئۇرۇپ خەلقنى ئويغىتىشنى ئورۇنلاشتۇرغانىكەن، ئورىغا ئاشلىق كۆمۈش شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان دېيىشىدۇ. تەھرىرلىگۈچى: ئەخمەت ئىمىنھاجى جۈبەيرى