FoCAS ۋە ياررىڭ كۇتۇپخانىسى

ئەسەت سۇلايمان
(ئۆزلۈك ۋە كىملىك تۆتىنچى باب)

شۇنداق قىلىپ ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھاياتىم باشلاندى.

بۇ شۋېتسىيىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولۇپ، 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قۇرۇلغان ئىكەن. ھازىر 30 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان، شىمالىي ياۋروپادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تۈرلۈك ئىرقتىكى ئوخشاش بولمىغان تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. شۋېتسىيىدە ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخى ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىدەك ئۇنچىلىك ئۇزۇن بولمىسىمۇ، لېكىن پايتەخت شەھىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى ئىكەن.

ھەر كۈنى سەھەر مېتروغا ئولتۇرۇپ ئۇنىۋېرسىتېت بېكىتىدە ئالدىراش كىشىلەر توپىغا قوشۇلۇپ، يەر ئاستىدىن چىققىنىمدا يۈزۈمگە نەم ساپ ھاۋا ئۇرۇلۇپ، مېنى خىياللار قاينىمىدىن سەگىتىدۇ. شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ يىراق مەركىزىي ئاسىيادىكى دېڭىزغا ئەڭ يىراق شەھەر ئۈرۈمچىدە ئەمەس، بەلكى بالتىق دېڭىزىنىڭ يېنىك دولقۇنلىرغا يۆگىلىپ تۇرغان شىمالىي ياۋروپادىكى پايتەخت شەھەر ستوكھولمدا ياشاۋاتقانلىقىمنى سېزىمەن. يوللار، كوچىلار بىزنىڭ قايناق شەھەر- رەستىلىرىمىزدىكى چاڭ – توزان قاپلىغان تىقما – تىقما كۆرۈنۈشلەردىن يىراق. ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈپ تۇرغان ماشىنىلار، پويىزلار شۇنداقلا دېڭىز بوغۇزىدا يىراققا كېتىپ بارغان زور تىپتىكى پاراخوتتلارنىڭ گۈدۈك ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق شاۋقۇن – سۈرەننى ئىلغا قىلغىلى بولمايدۇ. مېترودا كېتىۋېتىپ ئەتراپىمدىكى يولۇچىلارغا قارايمەن. ھەممىسى بىر – بىرىگە شۇنچىلىك يات ۋە سوغۇق، ئاندا- ساندا بىر- بىرى بىلەن كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالغىنىدا زورىغا كۈلۈمسىرەپ قويىدۇ، خالاس. ھەتتا نۇرغۇنلىرى بىر – بىرى بىلەن كۆزلىرى روبىرو ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قاچىدۇ. شۇڭا كۆپىنچىسى كىتاب ياكى ئەتىگەنلىك گېزىتتىن بېشىنى كۆتۈرمەستىن ئولتۇرىدۇ. ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان بۇنداق جىمجىتلىق ۋە سىرلىق كەيپىيات بىزدەك قايناق ئىجتىمائىي توپنىڭ ئىچىدە جامائەتچىلىك قاينىمىدا چايقىلىپ ياشاشقا كۆنگەن كىشىلەرگە تولىمۇ ئېغىر تۇيۇلىدۇ…

بۇ يەرنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك دەرۋازىلىرى، قورشاۋ تېمى ھەمدە ئېگىزگە ئېسىلغان پىلاكات ۋە لوزۇنكىلىرى بولمايدۇ. ھەرقايسى ئىنستىتۇت ۋە فاكۇلتېتلار شەھەرنىڭ ئوخشاشمىغان جايلىرىغا جايلاشقان. شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتى ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانا، مەمۇرىيەت بىناسى، ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق مۇھىم تارماقلىرى جايلاشقان مەركىزىي رايونىدىن ئانچە يىراق ئەمەس. مەن بۇ شەھەرنىڭ شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتى جايلاشقان كرافترېكت (Kraftrekt) رايونىنى ياخشى كۆرىمەن. بولۇپمۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان پايانسىز كۆل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قويۇق ئورمانلىق كىشىگە بىر خىل شېئىرىي تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. سەھەردە كۆل قىرىنى بويلاپ جىمجىت چىغىر يول بىلەن ماڭسىڭىز ئەتراپنى ئوراپ تۇرغان سۇس ئاقۇچ تۇمان سىزنى 19 – ئەسىردە يېزىلغان ياۋروپانىڭ كلاسسىك رومانلىرىدىكى رومانتىك مەنزىرىلەرگە باشلاپ كىرىدۇ. قۇشلارنىڭ تىنىمسىز سايراشلىرى ۋە بىردىنلا ئۇچراپ قالىدىغان ياۋا توشقانلارنىڭ سەكرەپ ئويناشلىرى سىزگە تېخى تەبىئەتنىڭ ھەرۋاقىت ئويغاقلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ.

ھەر كۈنى ئەتىگەندىن چۈشكىچە شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتى بىناسىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان ئازادە ئىشخانىدا مۇقىم ئىشلەشكە باشلىدىم. ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈمىدە بىرگىت خانىم بىلەن ئىككىمىزلا بار ئىدۇق. بىرگىت خانىم ئىچكىرىدىكى ئىشخانىدا، مەن تاشقىرىقى ئىشخانىدا ئىدىم. ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈمى شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتىدا ئەڭ كېيىن قۇرۇلغان بۆلۈم بولۇپ، تەسىس قىلىنغىنىغا ئەمدىلا 10 يىل بولغان ئىكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ باشلىرىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازرايونىدا تۈركىي تىللىق بىرقانچىلىغان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى بىلەن مەرھۇم گۇننار ياررىڭنىڭ تەشەببۇسى ئارقىسىدا ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەزكۇر مەركەز قۇرۇلغان ئىكەن. بۇ بۆلۈمنىڭ ئىنگلىزچىدىكى قىسقارتىلمىسى FoCAS بولۇپ تولۇق ئىنگلىزچە ئاتىلىشى Forum for Central Asian Studies، يەنى ئۇيغۇرچىدا «ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مۇنبىرى» دېگەنلىك بولاتتى. مەشھۇر دىپلومات، دۇنياغا داڭلىق ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا مەزكۇر ئىنستىتۇتتا بىر مەزگىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ مول سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى ۋە يوقىرى نوپۇزى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان ئىكەن. گۇننار ياررىڭ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن بىرگىت خانىم پروفېسسور ستېففان ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەزكۇر بۆلۈمگە مەسئۇل بولۇپ كېلىۋېتىپتۇ. بۇ مەركەز يالغۇز شۋېتسىيىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل شىمالىي ياۋروپا ۋە سكاندىناۋىيە ئەللىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
بىرگىت خانىمنىڭ ئەسلىي شوغۇللانغان كەسپى تۈركىيە تۈركچىسى بولۇپ، 1984 – يىلى ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتىدا تۈرك تىلى ھەققىدە يېزىلغان دىسسېرتاتسىيىسىنى ياقلاپ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىكەن. شۇندىن كېيىن ئىزچىل ھالدا تۈرك تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ. 1993 – يىلى نويابىردا شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتى قارمىقىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغاندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىرى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىنىپ، تۈركىيە تۈركچىسى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان ئىكەن. چۈنكى ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا – ئافرىقا تىللىرى ئىنستىتۇتىدا مەخسۇس تۈرك تىلى كافېدراسى خېلى بۇرۇنلا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ساھەدە نۇرغۇن نەتىجىلەر ھاسىل قىلىنغان ئىكەن. شۇڭلاشقا بىرگىت خانىم ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۆنىلىشىگە ماسلىشىپ، ئەسلىدىكى تەتقىقات نىشانى بولغان تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ ئورنىغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىرى تەتقىقاتىغا ئۆتۈپتۇ. ھازىر ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات ئوبېيكتى ئۆزبېك تىلى بىلەن قاراقالپاق تىلى ئىكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى تۈركىي تىللارنى ئۆزىنىڭ مۇھىم تەتقىقات ئوبېيكتى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىندىن بۇيانقى تەتقىقات يۆنىلىشى تېخىمۇ كەڭ ساھەگە، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى، ئەدەبىيات – سەنئىتى، قوشنا دۆلەتلەر ھەمدە غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق كۆپ ساھەلەرگە قاراپ راۋاجلاندۇرغان ئىكەن. شۇڭلاشقا مەزكۇر بۆلۈمدە يىلدا ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا مۇھاكىمە مۇنبىرى(Central Asian Seminar at FoCAS) دە مۇشۇ ساھەلەرگە بېغىشلانغان تەتقىقات نەتىجىلىرى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.

2003 – يىل 11- ئاينىڭ 26 – 27 – كۈنلىرى، يەنى مەن ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىگە يېتىپ بېرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىدە ئىككى كۈن مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشى ماڭا شۋېتسىيىنىڭ نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ئەھۋاللىرنى چۈشىنىشىمگە ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بەردى.

26 – نويابىر چۈشتىن كېيىن، بىرگىت خانىم بىر ھەپتە بۇرۇنلا ماڭا بەرگەن يىغىن كۈنتەرتىپىنى ئېلىپ ئىنستىتۇتقا باردىم. ھاۋا تۇتۇق، لەپىلدەپ قار يېغىۋاتاتتى. ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ئىشخانامغا كىرىپلا ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدىم. يان تەرەپتىكى بوش ئۈستەلدە دۇتار، تەمبۇر ۋە بىرقانچە كىشىنىڭ پەلتۇسى تۇراتتى. قارىغاندا بىرگىت خانىم بۇ يىغىن ئۈچۈن ئۆزبېكىستاندىن بىرقانچە مۇزىكانت تەكلىپ قىلدىمۇ – نېمە؟ دېگەن سوئال كاللامدىن كەچتى. لېكىن ئۈستەلدىكى دۇتار، تەمبۇرغا ئىنچىكىلەپ قاراپ، ئۇيغۇر سازلىرى ئىكەن دېگەننى جەزىملەشتۈردۈم. بۇ ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى بۇ يەرگە كىم ئېلىپ كەلگەندۇ؟ ئىچىمدە تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىل ھاياجان ئۇرغۇشقا باشلىدى. شۇ ئارىدا بىرگىت خانىم ئالدىراش ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى:
_ مەرھابا، سۇلايمان بەي! ھەيران قېلىۋاتامسىز نېمە؟ يىغىندىن كېيىن بىرقانچە ئۇيغۇر سەنئەتكارلار نومۇر كۆرسىتىدۇ. بۇ چالغۇلارنى شۇلار ئېلىپ كەلگەن. قېنى، مەرھەمەت! يىغىن زالىغا كىرىڭ، يىغىن ھازىر باشلىنىدۇ.
ياندىكى كارىدوردىن ئۆتۈپ يىغىن زالىغا كىردىم. زال ئىچى ئادەم بىلەن لىق تولغانىدى. ئۇدۇلدىكى مۇنبەر ئۈستىگە «ئوتتۇرا ئاسىيا مۇھاكىمە مۇنبىرى» دېگەن ئىنگلىزچە خەتلەر يېزىلغان ئىدى. مەن ئوتتۇرىدىكى بوش ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردۇم – دە، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە نەزەر تاشلىدىم. يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كۆك كۆز، سېرىق چاچلىق شۋېتلار بولۇپ، كۆپىنچىسى ئىنستىتۇتنىڭ ئەرەب، ھىندى، جۇڭگو، ياپون ۋە كورىيان تىللىرى فاكۇلتېتلىرىدىن كىرگەن تەتقىقاتچى خادىملار ئىدى. قىزىق ئىش، دۇتار- تەمبۇرنى كىم چېلىپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىدىم ھەيرانلىقىمنى باسالماي.

مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى.
بىرگىت خانىم ئالدى بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ يىغىن كۈنتەرتىپىنى ئوقۇپ ئۆتتى، ئاندىن بىرىنچى بولۇپ شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور ئالمكۇۋېست ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. ئالمكۇۋېست ئەپەندى ئىنستىتۇتقا ۋاكالىتەن ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقات پىلانلىرى ھەققىدە قىسقا ئەمما مېغىزلىق قىلىپ سۆزلىدى. مېنىڭ شۋېتسىيىگە كېلىپ ھەيران قالغىنىم شۇ بولدىكى شۋېتلارنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچىنى شۇنچىلىك راۋان ۋە ئېنىق سۆزلەيدىكەن. ئادەتتە تۇرمۇشتا تولۇق شۋېتچە قوللىنىدىكەن، زۆرۈر تېپىلغاندا ئىنگلىزچە سۆزلەيدىكەن. ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بولسا شۋېتچە ۋە ئىنگلىزچە تەڭ ئىشلىتىلىدىكەن.

ئىككىنچى قېتىم بىرگىت خانىم سۆزگە چىقتى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ 10 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى ئۈستىدە توختالدى. نۆۋەتتىكى تەتقىقات تېمىلىرى، قولغا كەلگەن نەتىجىلەر، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر، ھازىر تەسىس قىلىنغان دەرسلەر ھەمدە مەركەزنىڭ نۆۋەتتىكى تەتقىقات پىلانلىرى توغرىلىق ئەتراپلىق ئۇچۇر بەردى. ئاخىرىدا مېنى يىغىن ئەھلىگە تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭدىن زىيارەتچى تەتقىقاتچى (Visiting Researcher) سۈپىتىدە ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىگە كەلگەنلىكىمنى ھەمدە بۇ يەردە قىلماقچى بولغان ھەمكارلاشما تەتقىقات پىلانلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتتى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۆپچىلىككە ھۆرمەت بىلدۈردۈم. يىغىن ئەھلىمۇ قىزغىن چاۋاكلار بىلەن مېنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭ بىلەن يىغىندا ئوقۇلىدىغان رەسمىي ماقالىلەرنى ئوقۇش باشلاندى. بىرگىت خانىم «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ماقالىسىدا ئۆزىنىڭ يېقىندا ئۆزبېكىستاندا ئېلىپ بارغان 20 كۈنلۈك تەكشۈرۈشى جەريانىدا توپلىغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن يېڭىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، تىل، مەدەنىيەت، دىن ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشلىرىدىن دوكلاد بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى مىكائېل فرېدھولم «ئوتتۇرا ئاسىيادا سىياسىي كۈچ سۈپىتىدىكى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى ۋە ئېكسترېمىزمى» ؛مۇھىت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى گىئا كيېللېن «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئارال دېڭىزىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مەسىلىلىرى» ؛ ئۆزبېكىستانغا قاراشلىق قاراقالپاق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن مارىنىكا بابنەزەروۋا خانىم «قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى سوۋېتىسكى نامىدىكى سەنئەت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان يىغمىلار» قاتارلىق ماقالىلەرنى ئوقۇپ ئۆتتى. بۇ يەردىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ماقالە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يىغىن قاتناشچىلىرى بەس – بەس بىلەن سوئال سورىشىدىكەن، ماقالە ئوقۇغۇچى نەق مەيداندا جاۋاب بېرىدىكەن. بۇنداق مۇنازىرە شەكىلدىكى مۇھاكىمە ھەتتا بەزى ماقالىلەر ئۈستىدە بىرەر سائەتچە داۋاملىشىدىكەن.
ئاخىرىدا بىرگىت خانىم ئوقۇلغان ماقالىلەر ھەققىدە قىسقىچە خۇلاسە چىقارغاندىن كېيىن، شۋېتسىيىدە ئوقۇۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سەنئەتكارنىڭ تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھازىر ئۇيغۇر خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن بىرقانچىنى ئورۇنلاپ بېرىدىغانلىقى ئۇقتۇردى. يىغىن ئەھلى گۈلدۈراس ئالقىشلار بىلەن قارشى ئالدى.

دۇتار بىلەن تەمبۇرنىڭ يېقىملىق تەڭكەش سادالىرى قۇلىقىمنىڭ پەردىلىرىنى يېنىك چەككىنىدە يۈرىكىمنىڭ ئىختىيارسىز ئېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ چۈشۈممۇ ياكى ئوڭۇممۇ دېگەن ئوي كاللامدىن يالت قىلىپ ئۆتتى. مۇنبەرنىڭ ئالدىدىكى بوش جايدا دوپپا كىيگەن ئىككى ئۇيغۇر يىگىتى ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىن بىر ئارىيە چېلىۋاتاتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتى كەسپى مۇزىكانتلاردەك ئۇنچىلىك يوقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مۇقاملىرى قۇلىقىمغا بۈگۈنكىدەك يېقىملىق ۋە گۈزەل ئاڭلانغىنىنى بىلمەيمەن. ئىچ – ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىققان بىر خىل سىرلىق ھاياجان ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالماقتا ئىدى. ئېھتېمال ئۈرۈمچى، قەشقەر ياكى غۇلجىدا تۇرۇپ ئاڭلىغان ئۇيغۇر مۇقاملىرى بىلەن ۋەتەندىن ناھايىتى يىراقتىكى يات بىر ئەلدە ئاڭلىغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ سېھرىي كۈچى ئوخشىمايدىغاندۇ. ئېھتىمال مېنىڭ مۇشۇ دەقىقىلەردىكى مۇزىكا سېزىمىمغا يات ئەلگە كەلگەندىن كېيىنكى مۇساپىرلىق ۋە ۋەتەن سېغىنچى قوشۇلۇپ كەتكەندۇ. ئېھتېمال كۆز ئالدىمدىكى ئاشۇ تونۇش چالغۇلارنىڭ تارلىرىدىن بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان مۇقام كۈيلىرىگە مۇساپىرەتتىكى ۋەتەنداشلارنىڭ يۇرت مۇھەببىتى ۋە يۈرەك ئىنتىلىشلىرى يېڭىچە مۇڭلارنى ئاتا قىلغاندۇ!…
گۈلدۇراس چاۋاك سادالىرى ئىچىدە ئۇلار ئىككىنچى نومۇرىنى باشلىدى. بۇ «سېغىندىم» ناملىق ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى ئىدى! تۇنۇش چىرايلار، تونۇش چالغۇلار، تونۇش كۈيلەر ۋە تونۇش تىلدىكى تونۇش مەزمۇنلار مېنىڭ تۇيغۇلىرىمنى يىراقتىكى تونۇش ۋەتەنگە ئېلىپ كەتتى. مەن شۇندىلا ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولىدۇ. بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىمىز ئاخىرقى ھېسابتا مىللىي سەنئەت بولۇپ قالامدۇ – قانداق، دېگەن خىياللارنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم. ئانا تىلىمدا ئېيتىلىۋاتقان بۇ ناخشىنىڭ ئەتراپىمدىكى يات تىللاردا بىزگە ئوخشىمايدىغان تەپەككۇر ئۇسۇلىدا پىكىر قىلىدىغان سوغۇق قان شۋېتلارغا ماڭا ئوخشاشلا ئەڭ چوڭقۇر ھېسسىيات ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدىم. شۇ مىنۇتلاردا ئادىل تۇنىيازنىڭ «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق داستانىدىكى ۋەتەن ھەققىدە يېزىلغان مۇنۇ مىسرالار ئېسىمگە كەلدى:

مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن،
يەنىلا ئۆزۈڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ.
ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قولياغلىقىڭنى،
ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى،
ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن.
مىليونېر بوپ كەتكىن بەرىبىر يەرلىك
قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق،

ھەر كىم باقالايدۇ كۆزۈڭگە سوغۇق.
مەيلى سەن شاراب ئىچ ئالتۇن قەدەھتە،
بىر كۆپۈك چىقسىلا ئۈستىگە لەيلەپ
ئوقۇساڭ يېزىلغان ۋەتەن دېگەن خەت.
بېرلىن ئاسمىنىدا كۆرىسەن ھەر كەچ
جىمىكى يۇلتۇزدىن ئۇيغۇر كۆزىنى.
مۇقەددەس بۈۋى مەريەم چېركاۋى

كۆرۈنەر سەن ئۆسكەن تار كوچىدىكى
كىچىك بىر مەسچىتتەك ئۇيغۇرۇڭ سالغان.
ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ مۇبادا،
تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا.
مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن،
مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن.
ۋەتەن، ئىھ ۋەتەن!
چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى،
چىرايلىق ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم.

گۆھەردۇر، ئالمىدۇر، خۇش پۇراق گۈلدۇر،
ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تېزەك.
ئەيسادۇر، مۇسادۇر يۇرتۇڭ ئادىمى،
يات يۇرتتا تۇغقانمۇ تۇيۇلماس دوستتەك.

ۋەتەندە بىر ناتونۇش بالا
يۈگۈرۈپ ئۆتكەن بولسا ئالدىڭدىن
يۈز يىلدىمۇ چىقماس يادىڭدىن.
تىللاپ سالغان بولسا ئىلگىرى
ئۆز ئېلىڭدە ئۆز تىلىڭدا ئۆز؛
تاپالمايسەن دۇنيادا ھازىر
شۇ تىلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر سۆز.
شېئىرىنى ئوقۇساڭ بەزەن
گېزىتلەردىن پاز يا تاگورنىڭ؛
تېتىمايدۇ ساڭا ئۇ قىلچە،
ئۆز يۇرتۇڭدا ئېيتقان قوشاقچە.
ئۇزاتقاندا ئەزرائىل بىر كۈن
دەستە تىزىپ ئۆلۈم گۈلىدىن،
سەن ئۆزۈڭگە توقۇيسەن كېپەن
ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن.
يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن
كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن…

ئۇيغۇرچە سەنئەت نومۇرلىرى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بايىقى جىددىي ۋە سۈرلۈك كەيپىياتىغا يەڭگىللىك، جانلىقلىق ھەمدە سەنئەت سېزىمى ئاتا قىلدى. ھەمەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ چاۋاك چالغاچ ياندىكى كارىدورغا تەييارلانغان ئاددىي زىياپەت ئۈستىلىگە مېڭىشتى.

زىياپەت ئۈستىلىگە تۈرلۈك پېچىنە – پىرەنىك، سالاد، مېۋە – چېۋە ۋە ئىچىملىكلەر تەييارلانغان ئىكەن. كىشىلەر ئۈستەلدىكى تاتلىق – تۇرۇملارغا ئېغىز تەگكەچ بىر – بىرى بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدى. دۇتار- تەمبۇرلىرنى يىغىشتۇرغاچ بايىقى ئىككى ئۇيغۇر يىگىتى مېنىڭ قېشىمغا كەلدى، بىز قىزغىن كۆرۈشتۇق. ماڭا ئاۋۋال تونۇشلۇق بەرگەن ئېگىز بوي، ئوچۇق – يورۇق يىگىتنىڭ ئىسمى نىجات بولۇپ، ئىككى يىل بۇرۇن شاڭخەي تىببى پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ستوكھولمدىكى كارولىنىسكا مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىغا ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا كەلگەن ئىكەن. بۇ يىل يازدا ماگىستىرلىقنى تاماملاپ، يەنە شۇ مەكتەپنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىغا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرىش ئالدىدا ئىكەن. يەنە بىرىنىڭ ئىسمى رۇسلان بولۇپ، قازاقىستاندىن كەلگەن ئىكەن. ھازىر ستوكھولمدىكى بىر مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيدىكەن. ئۇلار بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئىككى ھەپتە ئىلگىرىلا بىرگىت خانىم بىلەن ئالاقىلاشقان ئىكەن. بىرگىت خانىم ئۇلارنى مۇھاكىمە يىغىنى ئارىلىقىدا ئۇيغۇرچە ناخشا – مۇزىكىلاردىن ئورۇنلاپ بېرىشكە ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بىز بىردەمدىلا چىقىشىپ كەتتۇق. شۇ ئارىدا بىرگىت خانىم بىزنىڭ قېشىمىزغا كەلدى – دە، قىزغىن كەيپىياتتا:
_ كەچۈرۈڭلار، پارىڭىڭلارغا دەخلى قىلدىم. ئۇيغۇرچە ناخشا – مۇزىكىلار مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇۋەتتى. سىلەرگە كۆپ رەھمەت! سۇلايمان بەي، مەن سىزنى بىرقانچە كىشىگە تونۇشتۇرۇپ قويماقچى، بۇ كىشىلەر سىزنىڭ تەتقىقات تېمىڭىزغا كۆپ ياردەملەرنى بېرەلىشى مۇمكىن، – دېدى.

مەن بىرگىت خانىمغا ئەگىشىپ كىشىلەر توپى ئىچىدە تۇرغان بىرقانچە كىشى بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭغا دائىر تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان ياكى مۇشۇ ساھەگە قىزىقىدىغان كىشىلەر ئىكەن. بولۇپمۇ ستوكھولمدىكى سۋېن ھېدىن فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خوكان ۋالكۋېست ئەپەندى، ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا – ئافرىقا تىللىرى ئىنستىتۇتى جۇڭگو تىل – ئەدەبىياتى كافېدراسىنىڭ دوتسېنتى يوئاكىم ئېنۋال ئەپەندى ھەمدە ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي ياۋروپا تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەيدىغان ئىنگۋار سۋانبېرگ ئەپەندىلەر مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسىم كارتۇچكىلىرىنى ماڭا بېرىپ، داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرۇشنى ئېيتتى. دېگەندەك شۋېتسىيىدىكى كېيىنكى بىر يىللىق تەتقىقات ھاياتىم داۋامىدا مەن بۇ كىشىلەر بىلەن نۇرغۇن قېتىملار سۆھبەتلەشتىم ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپ ياردەملىرىگە ئېرىشتىم.

ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىككى كۈن داۋاملاشتى. بۇ جەرياندا مەن شۋېتسىيىنىڭ نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىنىڭ رېئال ئەھۋالى ۋە يۈزلىنىشى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىلەرگە ئېرىشتىم.
يىغىندىن كېيىن، بىرگىت خانىم كەلگۈسىدىكى بىر ئايلىق خىزمەت پىلانىم ھەققىدە مېنىڭ بىلەن سۆزلەشتى. ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش پروگراممىسى بويىچە قىشلىق تەتىل 12- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 1- ئاينىڭ 8 – كۈنىگىچە بولىدىكەن. روژدېستىۋو بايرىمى بىلەن يېڭى يىل بايراملىرى دەل مۇشۇ ئارىلىققا توغرا كېلىدىكەن. مېنىڭ قىشلىق تەتىلگىچە يەنە 20 نەچچە كۈن ۋاقتىم بولغاچقا، بىرگىت خانىم ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ يەر ئاستىدىكى ماتېرىيال بۆلۈمىدە گۇننار ياررىڭ قالدۇرغان زور مىقداردىكى كىتابلارنىڭ كاتالوگىنى ئىشلەپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. مەن بۇ ۋەزىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم.

ستوكھولم شەھىرى بارغانسېرى شىمالىي قۇتۇپنىڭ ئۇزاق قىش پەسلىگە كىرىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەر قۇتۇپ چەمبىرىكىگە يېقىن بولغاچقا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى كۈنسايىن چوڭىيىپ بېرىۋاتاتتى. ئاران بەش – ئالتە سائەت كۈندۈز بولىدىغان بۇ پەسىلدە سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇزاق كېچىلىرىنى ئۆتكۈزۈش مەندەك تۆت پەسلى ئېنىق، كېچە بىلەن كۈندۈزى نورمال ئايرىلغان مەركىزي ئاسىيادىن كەلگەن بىر مۇساپىرغا ئاسان ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە.

شۇندىن كېيىنكى كۈنلىرىم شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتى بىناسىنىڭ يەر ئاستى بۆلۈمىگە جايلاشقان «ئوتتۇرا ئاسىيا كۇتۇپخانىسى» دا ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى. مەن تاشقى دۇنيانى تامامەن ئۇنتۇدۇم. ئالدىمدا ياۋروپانىڭ بىر- ئىككى ئەسىردىن بۇيانقى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بويىچە نەشر قىلغان كىتاب – ماتېرىياللىرى دۆۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇ قىممەتلىك كىتاب – ماتېرىياللارنىڭ بەزىلىرىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، لېكىن ئىلگىرى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن. بەزىلىرىنى بولسا مانا ئەمدى كۆرۈشۈم! خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىمدىكى لىق كىتابلارغا پۇتلىشىپ ئىشلەشكە باشلىدىم. مەن بۇنىڭدىن بىر يىل ئاۋۋالقى مۇشۇ كۈنلەردە، يەنى 2002 – يىلىنىڭ دېكابىر ئايلىرىدا شىنمەن ياسۇشى ئەپەندىگە ئەگىشىپ توكيودىكى Toyo Bonko (شەرقىي ئوكيان كىتاب – ماتېرىيال ئامبىرى) كۇتۇپخانىسىنى زىيارەت قىلغىنىمدا ئەنە شۇنداق ھاياجانلانغانىدىم.

بىرگىت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتى بىناسىنىڭ يەر ئاستىغا جايلاشقان «ئوتتۇرا ئاسىيا كۇتۇپخانىسى» ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تارمىقى سۈپىتىدە يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە تەرەققىي قىلىپ مۇشۇ ھالەتكە كەلگەنىكەن. 2002 – يىلى مەشھۇر دىپلومات ۋە دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بىر ئۆمۈر توپلىغان زور مىقداردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭغا دائىر كىتاب – ماتېرىياللىرى مۇشۇ كۇتۇپخانىغا تەقدىم قىلىنغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ كۇتۇپخانىنىڭ ماتېرىيال ئامبىرى زور دەرىجىدە تولۇقلىنىپ، شۋېتسىيىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر ماتېرىياللار ئەڭ كۆپ ساقلانغان مەخسۇس كۇتۇپخانىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىكەن. بىرگىت خانىم ھازىر پروفېسسور ستافان رۆسېن ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرىغا دوكلات يېزىپ بۇ ماتېرىيال بۆلۈمىگە «ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى گۇننار ياررىڭ نامىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا شۆبە كۇتۇپخانىسى» دەپ نام بېرىشكە ھەرىكەت قىلىۋېتىپتۇ.

گۇننار ياررىڭ قالدۇرغان زور مىقداردىكى كىتاب – ماتېرىياللارنىڭ كۆپ قىسمى رەتلىنىپ، كاتالوگى ئىشلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش تۈركىي تىللىرىدا نەشر قىلىنغان سلاۋىيان يېزىقىدىكى كىتاب – ماتېرىياللارنىڭ كاتالوگى تېخى ئىشلەنمىگەنىدى. مەن پروفېسسور ستافان رۆسېن بىلەن بىرگىت خانىمنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئالدى بىلەن گۇننار ياررىڭ قالدۇرغان ئۇيغۇرچە كىتاب – ماتېرىياللارنىڭ كاتالوگىنى ئىشلەشكە باشلىدىم. كاتالوگنى ئالدى بىلەن خەلقئارا ترانسكرىپېتسىيە بويىچە يېزىۋالغاندىن كېيىن ئۇنى ئاپتورى، كىتاب نامى، نەشر ئورنى، نەشر ۋاقتى، بەت سانى، تىراژى، تۈرى بويىچە ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلدىم. ياش كۇتۇپخانا خادىمى روگېر مەن تەرجىمە قىلغان ئىنگلىزچىغا ئاساسەن شۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلدى، ئاندىن ئۇ ئۈچ خىل تىل بويىچە كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈشكە باشلىدى.

شۇنداق قىلىپ يەر ئاسىتى بۆلۈمىدىكى بۇ كىتابلار دۆۋىسى ئىچىدە روگېر بىلەن ئىككىمىز كۈندە سەككىز سائەتتىن جاپالىق ئىشلىدۇق. لېكىن بۇ مېنىڭ ئۈچۈن كۆڭۈللۈك تۇيۇلدى. مۇشۇ پۇرسەتتە بۇ ئۇلۇغ ئالىم قالدۇرغان بىر ئەسىردىن بۇيانقى ئۆز ئانا تىلىمدىكى ئەڭ مۇھىم كىتاب – ماتېرىياللارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنىدىم. بۇ كىتابلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقىلىرى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە قەشقەر ياكى خوتەندە كۆچۈرۈلگەن چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازمىلار ياكى قازان، تاشكەنت ۋە بۇخارادا تاش باسمىدا بېسىلغان كىتابلار ئىدى. مېنى ئالاھىدە قىزىقتۇرغىنى شۇ بولدىكى، چاغاتاي تىل – يېزىقىدىكى قوليازمىلاردىن باشقا يىل دەۋرى نىسبەتەن بالدۇرراق بولغانلىرى شۋېت مىسسىئونېرلىرى 1892- يىلىدىن باشلاپ قەشقەر ۋە يەركەندە دەسلەپ تاش باسما ئارقىلىق، كېيىنچە رەسمىي زامانىۋى باسمىدا نەشر قىلغان زور تۈركۈمدىكى ئۆتكۈنچى دەۋر (چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈشتىكى ئۆتكۈنچى دەۋر، يەنى 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغا قەدەر بولغان دەۋر) گە مەنسۇپ ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشر بۇيۇملار ئىدى.

بۇ نەشر بۇيۇملار شۋېت مىسسىئونېرلىرى بىلەن بىر قىسىم يەرلىك موللىلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا تەييارلانغان بولۇپ، 1892-يىلىدىن 1912- يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا دەسلەپ خوتەن قەغىزىگە قولدا يېزىپ تەييارلانغاندىن كېيىن تاش باسما ئارقىلىق كۆپەيتىلگەن ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئىنجىل» نىڭ بىر قىسىم سۈرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەسلەپكى تەرجىمىلىرى، مۇقەددەس ناخشىلار ھەمدە خرىستىئيان دىنىنى تەرغىب قىلىدىغان پارچە – پۇرات ۋەز- نەسىھەتلەردىن باشقا، مۇتلەق كۆپ قىسمى دىندىن خالىي كىتاب – ماتېرىياللار ئىدى. بولۇپمۇ ئەڭ دەسلەپ تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تىلى ئېلىببە»سى، 1907 – يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنىشقا باشلىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى كالېندار، «ئالتە شەھەرنىڭ بايانى» نامى بىلەن نەشر قىلىنغان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تارىخ – جۇغراپىيىسىگە دائىر ماتېرىياللار مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئىدى. ئۇندىن باشقا ئەنگلىيە دىنىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن تاش باسما ئارقىلىق بېسىلىپ كۆپەيتىلگەن ئىككى پارچە كىتاب مېنى بەكلا قىزىقتۇردى. بۇ كىتابتا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار ۋە ئۆزبېك مىللەتلىرىنىڭ ئەھۋاللىرى تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاساسىي قىسمى ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى بىلەن خاتىرىلەنگەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى (قوشاق، چۆچەك، ماقال-تەمسىل، تېپىشماق، بېيىت ۋە باشقىلار ) دىن ئۆرنەكلەر بېرىلگەنىدى. بۇ كىتابنىڭ قەيەردە بېسىلغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن 1900 – يىللارنىڭ بېشىدا نەشر قىلىنغانلىقى ناھايىتى ئېنىق ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك دېگەن ئېتنىك ناملار ۋە ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى مىللەت ئۇقۇملىرى تېخى ئۇ دەۋرلەردە ھازىرقىدەك كەسكىن چەك – چېگرا ئايرىمىغانىدى. بۇ خەلقلەرنىڭ تىللىرىدا، يەنى ھەممىگە ئورتاق بولغان چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان كىتاب – ماتېرىياللار بىردەك تۈركىي كىتاب دېگەن ئومۇمىي نامدىلا ئېستېمال قىلىنغان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن بۇ ھەقتە خېلىلا ئويلىنىپ قالدىم.

1912 – يىلىدىن كېيىن نەشر قىلىنغان كىتابلارنىڭ سۈپىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولغانىدى. زامانىۋى مەتبەدە بېسىلغان بۇ كىتابلارنىڭ باسما سۈپىتى، خەت نۇسخىسى، قەغىزى، تۈپلىنىشى، مۇقاۋىسى ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، ئىلگىرىكى قوليازما ياكى تاش باسمىدا بېسىلغان كىتابلار دەۋرگە خاتىمە بەرگەندەك تۇراتتى. بۇ كىتابلارنىڭ مۇقاۋا ۋە تىتوللىرىغا «كاشىغەردىكى سۋېدىش مىششيۇننىڭ باسمەخاناسىدە باسىلدى» (Swedish Mission Press in Kashghar) دېگەن ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە خەتلەر يېزىلىپ، نەشر قىلىنغان يىل دەۋرى ئەسكەرتىلگەنىدى. 1912- يىلىدىن باشلاپ رەسمىي زامانىۋى باسمىدا بېسىلىشقا باشلىغان بۇ كىتاب – ماتېرىياللار تاكى 1937- يىلىغىچە داۋاملاشقانىدى. بۇ جەرياندا خرىستىئيان دىنى ۋە «ئىنجىل» غا دائىر تەرجىمە كىتابلاردىن تاشقىرى مۇتلەق كۆپ قىسىم باسما ماتېرىياللار دەرسلىكلەر بىلەن ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ساھەگە بېغىشلانغانىدى.

مەن ناھايىتى زور قىزىقىش ئىچىدە بۇ كىتاب – ماتېرىياللارنىڭ كاتولوگىنى ئىككى خىل تىلدا رەتلەپ چىقتىم. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئا – ب كىتابى» (ئۇيغۇرچە ئېلىببە دەرسلىكى)، «ھېساب ئىلمى»، «ئىلمىي جۇغرافىيە»، «ئادەم ۋە تەبىئەت»، «ئالتە شەھەر تۈركى: ئىلمى نەھۋى ۋە سەرف» (ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسى)، «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخى»، «يارۇغلۇق: ئالتە شەھەرنىڭ رۇزنامەسى»، «ئالتە شەھەرنىڭ رەسمىي خەت ۋە ۋەسىقەلىرى»، «ئىڭلىش – تۈركىي دەرسلىك» (ئىنگلىزچە – ئۇيغۇرچە دەرسلىك)، «ئالتە شەھەرنىڭ زەبانى كاشىغەر ۋە ياركەنددە پۈتۈلەدۇرغانگە مۇۋافىق كىتابى ئىلم ئىملا» (ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى)، «ئىفەكچىلىك»، «ماركەنى ئىشىلەتىش ئۇسۇلى»، «ئەمەلىي جىيومېتىرىيە» (ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان گېئومېتىرىيە)، «تەقۋىمى تۈركىستان» (شىنجاڭ كالېندارى) قاتارلىق ماتېرىياللار ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە ئىدى.

ئۇندىن باشقا شۋېت باسمىخانىسىدا بېسىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەبلەرنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىلىرى، سەھىيە ۋە پاكىزلىق قوللانمىلىرى، تەشۋىقات ۋاراقلىرى، ئېلان-ئۇقتۇرۇشلار، ماركا، بانكا چەكلىرى، قەغەز پۇل، زاكاز تالونلىرى، باغاق – تەكلىپنامىلەر، پاسپورت – ۋىزا بەتلىرى، يول خېتى، ئەرزنامىلەر، نوپۇس دەپتىرى، ۋىۋىسكىلار، تېلېگرامما تېكىستلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقلىرى، باج تالونلىرى، ھېسابات جەدۋەللىرى قاتارلىق پارچە – پۇرات باسما بۇيۇملارمۇ بار ئىدى. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ رەتلەپ كاتالوگىنى تۈزگەندىن كېيىن روگېرنىڭ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈشىگە بەردىم.

گۇننار ياررىڭنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىن كېيىن توپلىغان كىتاب – ماتېرىياللىرىنىڭ ئىچىدە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلىرىدە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك ۋە باشقا تىللاردىكى كىتاب – ماتېرىياللىرىمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيتتى. بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس ئالىملار ۋە تۈركولوگلاردىن باسكاكوف، كىلياشتورنېي، مۇراد ھەمرايېف، قايداروف، غوجائەخمەت سەددىۋاققاسوف قاتارلىقلارنىڭ ئۆز ئىمزالىرىنى قويۇپ بەرگەن كىتابلىرى بار ئىدى. ئۇندىن باشقا مەشھۇر كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروف، داڭلىق يازغۇچى چىڭغىز ئايتماتوفلارنىڭمۇ ئۆز ئىمزالىرىنى چېكىپ تەقدىم قىلغان ئەسەرلىرى بار ئىكەن. بۇلارنىمۇ ئۆز رېتى بىلەن كرىل يېزىقىدىكى تۈكىي تىللىرىدا نەشر قىلىنغان كىتابلار قاتارىغا ئايرىدىم.

مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، 50 – يىللاردىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نەشر قىلىنغان خېلى بىر قىسىم ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ گۇننار ياررىڭنىڭ يىغمىلىرى ئىچىدە ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنتتىكى «شەرق ھەقىقىتى» نەشرىياتى بىلەن ئالمۇتادىكى «يېڭى ھايات»، «قازاق ئېلى» قاتارلىق نەشرىياتلاردا ئەرەب يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە بىلەن نەشر قىلىنغان خېلى بىر قىسىم ئەدەبىي ۋە ئىلمىي كىتابلاردىن باشقا، قالغان مۇتلەق كۆپ قىسمى شىنجاڭدا نەشر قىلىنغان كىتابلار ئىكەن. 1960 – يىللاردىن كېيىن، بولۇپمۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى بىلەن نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ فاڭئەنى»، «خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى»، «ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى» قاتارلىق كىتابلار كۆزۈمگە چېلىقتى. بولۇپمۇ 70 – يىللارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «سۇ بويىدا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق مەشھۇر رومانلارنىڭ ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدىكى دەسلەپكى نەشر نۇسخىلىرى مېنى خېلىلا قىزىقتۇردى. ھازىر بۇ كىتابلارنى ئۈرۈمچىدىن تېپىشمۇ خېلى قىيىنغا توختايتتى.

گۇننار ياررىڭ تاكى 2002 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا شىنجاڭ ۋە قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئاساسەن دېگۈدەك يىغىپ كەلگەنىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان «قەشقەرگە قايتا سەپەر»، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلىرى» ناملىق ئىككى پارچە كىتابىمۇ بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسماننىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر شېۋىسى»، پروفېسسور خەمىت تۆمۈرنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق كىتابلىرى ئاپتورلارنىڭ ئىمزالىرى چېكىلىپ تەقدىم قىلىنغان ئىكەن.
تاكى قىشلىق تەتىلگە بىرقانچە كۈن قالغۇچە بولغان 20 كۈنگە يېقىن ۋاقىتتا ئىنستىتۇتنىڭ يەر ئاستىدىكى لىق كىتابلار بىلەن تولغان ماتېرىيال بۆلۈمىدە مىختەك ئولتۇرۇپ كاتالوگنى ئاخىرى تۈگەتتىم. كۇتۇپخانا خادىمى روگېرمۇ مېنىڭ بىلەن بىللە كاتالوگقا رەتلەنگەن ئۈچ خىل تىلدىكى كىتابلار تىزىملىكىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزدى. ئەمدى ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا شۆبە كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان گۇننار ياررىڭ توپلىغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنى بىرقانچە مىنۇت ئىچىدىلا تېپىپ كۆرگىلى بولاتتى. مەزكۇر كاتالوگقا رەتلەنگەن ۋە كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە كىتابلار تىزىملىكى جەمئىي 798 پارچە بولۇپ، بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي تىللىرىدا نەشر قىلىنغان كىتابلار سانىغا قارىغاندا خېلىلا كۆپ ئىدى. مەن ئۆز ئەمگىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. پروفېسسور ستافان روسېن ئەپەندىمۇ، بىرگىت خانىممۇ مېنىڭ بۇ ئەمگەكلىرىمدىن كۆپ مىننەتدار بولۇشتى. ھەممىدىن كۆڭلۈم خوش بولغىنى شىمالىي ياۋروپادىكى ئەڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب – ماتېرىياللارنىڭ باشقا تىللاردىكى كىتاب – ماتېرىياللارغا ئوخشاشلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئوقۇرمەنلەرگە ئېچىۋېتىلىشى ئىدى. چۈنكى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى بىر ئوقۇرمەن ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلانغان كومپيۇتېرىنى ئېچىپلا ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنىڭ تور بېكىتىگە كىرسە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت كىتابلار كاتولوگى ئىچىدىن بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تىزىملىكىنى بىمالال كۆرەلەيتتى. بۇ مەن ئۈچۈن ھەم بىر جاپالىق ئۆگىنىش جەريانى ھەم روھىي جەھەتتىكى زور تەسەللى بولدى.