شىخەنزە (تاش ئېرىق ) شەھىرى

شىخەنزە (تاش ئېرىق ) شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ بىۋاستە قاراشلىق شەھەر. ئۇ، تەڭرىتاغ ئوتتۇرا بۆلىكى ئىلان قابىرغا تاغلىقىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانىلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە ۋە ماناس دەرياسىنىڭ غەرىبىگە جايلاشقان. شەھەرنىڭ شەرق تەرىپى ماناس دەرياسى ئارقىلىق ماناس ناھىيىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شىمال، غەرب ۋە جەنۇب تەرەپلىرى چۆرىدەپ ساۋەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ شەھەر غەربتىن شەرققە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 19 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 36 كىلومېتىر بۇلۇپ، يەر مەيدانى 460 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ھازىر شىخەنزە شەھىرىگە تۆت مەھەللە ئىش بېجىرىش ئورنى ( يېڭى شەھەر، قىزىلتاغ، شاڭياڭ، كونا بازار )، بىر يېزا ( شىخەنزە ) قارايدۇ. شەھەر تەۋەسىدە يەنە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدىكى شىخەنزە باش مەيدانى، يېزا ئىگىلىك پەنلىرى تەتقىقات ئورنى، يېزا ئىگىلىك ئىنستىتوتى، مېدىتسىنا ئىنستىتۇتى ۋە يرزا ئىگىلىك 8- دىۋىزىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى 152- پولىك مەيدان ۋە نۇرغۇنلىغان سانائەت قاتناش، سودا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار بار