شايار قارا كۆل تۇمىقى

شايار ناھىيىسىدىكى 90 ياشلىق تۇنىياز ھاجى يۈسۈپ سەككىز يېشىدىن باشلاپ دادىسىدىن قارا كۆل تۇمىقى تىكىشنى ئۆگەنگەن. ئۇ بۇ ھۈنىرىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە، ھازىر تۇنىياز ھاجى يۈسۈپ بىلەن ھۈسەن مۇھەممەد قارا كۆل تۇمىقىنى تىكىش بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋارىسى بولۇپ قالدى.

شاياردا قارا كۆل قويى كۆپ بېقىلىدۇ. تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىق — تەبىئىي چارۋىچىلىق فېرمىسى، شۇنداقلا قارا كۆل قويى باقمىچىلىق بازىسىدۇر. قارا كۆل قۇلاقچىسى تۇغۇلغىنىغا 5 – 15 كۈن بولغان قوزىنىڭ تېرىسىدىن تىكىلىدۇ، بۇنداق قوزا تېرىسىنىڭ شىلىمشىقلىقى كۈچلۈك بولۇپ، سىزىقلىرى ئېنىق، يۇمشاق، تۈرى كۆپ. مەيلى شەكىل ياكى تەبىئىيلىكى، يۇمشاقلىقى، چىداملىقى ۋە ئىسسىق ساقلاش جەھەتتە بولسۇن، ئاز تېپىلىدىغان قىممەتلىك تېرە ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

شايار قارا كۆل قوزا تېرىسى ۋە كۆرپە قۇلاقچىسى ئىلگىرى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا يەتكۈزۈلگەن ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق غەربىي ئاسىيا، شەرقىي ئاسىياغا تارقالغان. 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، شايارنىڭ تاللىقاتان كەنتىدە ئۆتكەن كېرەم ھاجى قارا كۆل قوي سورتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، قارا كۆل قويىنىڭ ئېسىل سورتىنى ساقلاپ قالغان. 1951 – يىلى دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 160 تۇياق نەسىللىك قوي كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى قارا كۆل قويى بىلەن چېتىشتۈرۈپ، نەسلىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، قارا كۆل قوزا تېرىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن.

ھازىر، شايار قارا كۆل تۇمىقىنى تىكىش ھۈنىرى قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ قالدى. تۇنىياز ھاجى يۈسۈپ بىلەن ھۈسەن مۇھەممەد قاتارلىق پېشقەدەم ئۇستىلار تۇماق تىكىش ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇردى، شۇنداقلا بۇ قەدىمىي قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ ۋارىسلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى.

مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى