«غولجا» ۋە «غۇلجا» نامى ھەققىدە

غۇلجا شەھرىنىڭ قاچان بىنا قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ نېمە سەۋەپتىن « غۇلجا » دەپ ئاتالغانلىقى توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل تارىخچىلىرى ئۇزاقتىن بېرى ئىزدىنىپ كەلمەكتە .

غۇلجا 1888-يىلى ناھيە بولۇپ قۇرۇلغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ تارىخىنى خېلى ئۇزاقتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ . غۇلجىنىڭ جامائەتچىلىك نەزەرىگە كۆپرەك چۈشكەن ۋاقتى جوڭغارلار دەۋرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .بۇ مەزگىلدە غۇلجا جۇڭغار خانى قۇنتاجى(قۇنتەيجى) يەنى سېۋېت ئارابدان (1727-1663) نىڭ ئوردىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان ،يەنى ھازىرقى غۇلجا شەھرىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارا دوڭنىڭ ئېگىز چوققىسى يېنىدا ئەينى چاغلاردا قۇنتاجىنىڭ ئوردىسى قۇرۇلغان .ئوردا خارابىسىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىدا ھازىرقى «گۈلشەنباغ» تارىخنىڭ گۈۋاچىسى سۈپىتىدە ياپيېشىللىققا پۈركىنىپ تۇرماقتا .

غۇلجىنىڭ نېمە ئۈچۈن «غۇلجا» دەپ ئاتلاغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل تەرەپلەر بار .بەزىلەر : غۇلجىنىڭ جۇڭغارلار دەۋرىدە گۈللەنگەنلىكى ۋە جۇڭغارلارنىڭ ئۇ يەردە «ئالتۇن سۈمە» يەنى (ئالتۇن قۇببىلىق ئىبادەتخانا) سالدۇرغانلىقى،ئۇنى« غۇلجا دۇگاڭ » دەپ ئاتىغانلىقىغا قاراپ ، غۇلجا دېگەن نام جۇڭغارلارنىڭ دەۋرىدە قويۇلغان دەپ قارايدۇ ؛ يەنە بەزىلەر : بۇ جايدا بۇرۇن غۇلجا (ياۋا قۇشلار ) پەيدا بولۇپ يۈرگەن ،شۇڭا ئۈيغۇر قاتارلىق يەرلىك كىشلەر « غۇلجا » دەپ نام بەرگەن دەپ قارايدۇ ؛ يەنە بەزىلەر : غۇلجا ئەتراپىدە بۆلۈكەي ،جىرغىلاڭ،پىلچى، قاتارلىق 12 غول بولغانلىقى ئۈچۈن «غولجاي» دەپ ئاتىغان ،بۇ كېين «غۇلجا» غا ئۆگىرىپ كەتكەن دەپ قارايدۇ .

غۇلجا تارىختا ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەشھۇر سودا ، قول سانائەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن .ئەينى ۋاقىتتا « غۇلجا يولى» دەپ ئاتلغان كارۋان يولى بولغان . غۇلجا تارىختا نامى چىققان «يىپەك يولى»نىڭ شىمالىي لىنىيىسى بىلەن باغلىنىپ، شەرق بىلەن غەرىپنىڭ ئىقتىساد ، مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇشتا ئۆزىگە خاس رول ئوينىغان .

غۇلجا شەھەر قۇرلۇشتىكى تەرەققىيات XVlll ئەسىرنىڭ كېينىكى يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ . شەھەر قۇرلۇشى چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىغا سالدۇرغان توققۇز قەلئە شەھەرنىڭ سۈپىتىدە 1772 – يىلى ياسالغان . چار روسىيە 1871 – يىلى ئىلىنى بېسۋالغاندىن كېيىن ،كۈرە ،قورغاس ،بايانداي ،چىڭسۇخۇزا قاتارلىق قەلئە شەھەرلەرنى بۇزۇپ ،بۇ شەھەرلەردىن چىققان ياغاچ ،خىش كاھىشلار بىلەن غۇلجىنى كېڭەيتىپ قۇرغان . ئەينى ۋاقىتتىكى غۇلجا ئۇيغۇر ، خەنزۇ سودىگەرلىرى ۋە ئاھالىسى ئولتۇرۇشۇلۇق جاي بولۇپ ،ئۇ يەرنى ھاكىمبەگ ،ئىشىك ئاغابەگ قاتارلىق ئەمەلدارلار باشقۇرغان . ئەينى ۋاقىتتىكى غۇلجا ھازىرقى غۇلجا شەھرى ، غۇلجا ناھيىسى،توققۇزتارا ناھيىسى قاتارلىقلا جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

1800- يىلدىن 1864-يلىغىچە شەھەر ئىچىدە 4700 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ، 5.3مېتىر ئىگىزلىكتە سېپىل سوقۇلغان .ھاكىميەت ،دىننىي مەھكىمىلەر ، زىندان ،يامۇللار ،ھاكىمبەگ،قازى-كالانلارنىڭ ئوردىلىرى سېپىل ئىچىگە ئورۇنلاشقان . شەھەر سېپىنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئاركىلىق ھەم پەشتاقلىق تۆت ھەشەمتلىك دەرۋازا بولغان . شەرقىي دەرۋازا «دەڭ دەرۋازا»، غەربىي دەرۋازا «كۈرۈ دەرۋازا »جەنۇبىي دەرۋازا« سۇ دەرۋازا »شىمالىي دەرۋازا « دولان دەرۋازا » دەپ ئاتالغان.

1882 -يلى ئىلى چار روسيەدىن قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن ، ھازىرقى «سىتالىن » كوچىسدا تۇنجى رەت يامۇل تەسىس قىلىنغان . غۇلجا 1888-يىلى ناھيە قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1937 -يىلىدىن ئېتىبارەن ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا كۈرەنىڭ ئورنىنى ئىگەلىگەن .

غۇلجا شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى سىياسى ،ئىقتىسادى،مائارىپ ،مەدەنىيەت ، سەنئەت پائالىيىتىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى .

مەنبە: «گۈلشەن ۋادىدىكى ئىزلار » دېگەن كىتاپنىڭ «غۇلجا تارىخىدىن دېرەكلەر » دېگەن بابىدىن ئېلىندى.