ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادىكى ئاجايىپ غارابىپ تارىخى

دىنىس سئنور (ئامئرىكا)

تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيا ياۋرۇپا- ئاسىيا مىللەتلىرى ھەتتا مۇڭغۇللارمۇ ھۇنلارغا ئوخشاش ۋەھشىي، جەسۇر، تەڭداشسىز جەڭچى دېگەنگە ئوخشاش مەنىداش سۆزلەر بىلەن ئاتالغان ئەمەس. خۇددى گئرمانلاردىكى ۋاندالىدىلاردەك بىزگە ئىلگىرى كۆرىلىپ باقمىغان Vadalism (ۋەھشىيلىك) دئگەنگە بىر ئاتالغۇ قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. «ھۇن» دئگەن بۇ ئىسىم «ۋەھشىي، رەھىمسىز، شەپقەتسىز دىشمەنلەرنى تەسۋىرلەيدىغان مەنسىتمەس سۆزى بولۇپ قالغان، ئۇلارنىڭ بىيىك ھۆكىمرانى «خۇدانىڭ قامچىسى» ئاتتىلا رىۋايەتلەردىكى ھەددىدىن زىيادە قوپال، رەھىمسىز ھەم ۋەھشىي رەھبەرلەرنىڭ تىپى بولۇپ، قالغان.
بۇ يەردە غەرب ئەللىرىدە ھۇنلارنىڭ نئمە ئىچىن ئاشۇنداق ئوي- خىياللارنى كەلتىرىپ چىقارغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بەزى سەۋەبلەر بار. بىرىنچىدىن، ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ غەرب دۇنياسىغا ئئغىر دەرىجىدە تەھدىت سئلىپ، ئوتتۇرا ياۋرۇپا- ئاسىياغا تۇنجى تىركىمدە بئسىپ كىرگەن تاجاۋۇزچىلاردۇر. ئىككىنچىدىن، ھۇنلارنىڭ بئسىپ كىرگەن ۋاقتى دەل رىم ئئمپىرىيسىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي ئوتتۇرلىرىدا ئئغىر پاراكەندىچىلىك سادىر بولۇپ، ئۆز ئارا رەھىمسىز كىرەش ئئلىپ بئرىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەنىدى. ھۇنلارنىڭ داڭقىنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلاغىچە داۋاملاشقانلىقىنىڭ سەۋەبى- ئەينى ۋاقىتلاردىكى مۇئەللىپلەر ئۇلارنى ئانچە مۇۋاپىق بولمىغان ھالدا قالتىس تەسۋىرلىۋەتكەن. ھۇنلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كئيىنكى ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى ئۇلارنىڭ بىۋاستە ھەرىكىتىدىن سادىر بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ خەلقنى پاراكەندىچىلىك توغدۇرۇشقا كىشكىرتىش ۋاستىسىنى قوللانغانلىقىدىن ئىبارەت بولغان، شۇڭا گئرمان تىلىدا ئۇلارنى «Volkerwanderung» («كۆچمەن مىللەت») دەپ ئاتىغان.
ھۇنلارنىڭ ئىسمىنىڭ يۇنانچە شەكلى مىلادى II ئەسىردە ياشىغان يۇناننىڭ بۈيۈك جۇغراپىيە ئالىمى پىتولئمىنىڭ ئەسىرىدە تۇنجى قېتىم تىلغا ئىلىنغان. مىلادى IV ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىگە كەلگەندە ھۇنلار ئاندىن شەرقىي ياۋرۇپانىڭ تارىخ سەھنىسىگە كومىدىيىلىك ھالدا كىرىپ كەلگەن. ئەينى چاغدىكى مۇئەللىپلەر ھونلارنىڭ كېلىپ چىقىشى مەسىلىسىگە ئىنتايىن قىزىققان. بۇنىڭغا دائىر ئەڭ ئىشەنچىلىك ماتېرىيال ئاممىنوس مارسئللىنۇس (تەخمىنەن مىلادى 332- يىلىدىن 400- يىللار) ئوتتۇرىغا قويغان ئەستايىدىل جاۋابتىن ئىبارەت. ئۇ مۇنداق دېگەن؛ «ھۇنلاردىن ئىبارەت بۇ مىللەت قەدىمكى يازما ھۆججەتلەردە كىشىلەرگە ئانچە مەلۇم ئەمەس»، «ئۇلار مائئئوتىك (ئازوۋ دېڭىزى) بويلىرىدىكى ساسلىقلارغا جايلاشقان. مۇز قاپلىغان دېڭىزلارنىڭ يېنىدا ياشايدىغان بۇ مىللەت رەھىمسىزلىكتە ھەرقانداق مىللەتتىن ئېشىپ چۇشىدۇ». ئۇ ھۇنلارنىڭ «مۇز قاپلىغان دېڭىز ياقىسىدىن كەلگەن» لىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەچكە تارىخشۇناسلار ئۇلارنى تامامەن «مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ سىرتىدىن كەلگەنلەر» دەپ قارىغان. ۋەھالەنكى ئەمەلىيەتتە، ئۇلار «قاراڭغۇلۇقنىڭ سىرتى» غا كىرگەن بولۇپ، ئەپسانىۋى جۇغراپىيىدە «سۇغۇق» بىلەن «قاراڭغۇلۇق» ھەمىشە باغلىشپ كەتكەن بولىدۇ.
ئاممىنوس مارسئللىنۇسنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان تەسۋىرى جۇردانئسنىڭ كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئانچە ئېرىشەلمىگەن مۇرەككەپ مەلۇماتىغا سېلىشتۇرغاندا خېلى مۇۋاپىق بولغان، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە «ئىسكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىلىدىن ئىسكىفىيە رايونىغا كىرگەن گۇتلارنىڭ پادىشاھى فىلىمىر ئۆز خەلقى ئىچىدە بەزى پېرخون ئاياللارنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا «Haliurunnae» نى بايقىغان، ئۇ ئاياللاردىن گۇمانلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆز قەبىلىسىدىن قوغلاپ چىقارغان ھەم ئۇلارنى ئۆز قوشۇنىدىن ئايرىلىپ يىراق جايلارغا كېتىپ، يەككە ‿يعضانؿھالدا سەرگەردان بولۇپ كېتىشكە مەجبۇرلىغان. بۇ پېرخۇن ئاياللار كەڭ دالادا گاڭگىراپ يۇرگەندە، بەزى ناپاك خەلق ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قوشۇۋالغان، شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ساسلىقلاردا ماكانلاشقان مۇشۇ ياۋايى قەبىلە پەيدا بولغان. ئۇلار بويى پاكار، پاسكىنا ھەم ئاجىز بىر ئىرق بولۇپ، ئىنسان تەبىئىتى يوق دىيەرلىك، تىلى يوق، لېكىن ئادەملەرگە ئوخشاش ئازراق ئاۋاز چىقىرالايدۇ.»
كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىنغان، ئەمما تېخى ئىسپاتلانمىغان بىر يەكۇندە ئېيتىلىشىچە: ياۋرۇپا ھۇنلىرى ‿ەذنلارنعؿئەۋلادىدۇر. بىز ئەقەللىسى بىر يازما ھۆججەتتە (11- بابتا) ياۋروپالىقلار «ھۇن» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆردۇق. بۇ پاكىت كۈچلىك دەلىل ‿ظعسىاؿظورنعدؿبۇ ئىككى مىللەتنىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ھۇنلار ياكى ئىسكىفلارنى ئاتاشتا ئانچە توغرا بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز شۇنى كۆرمەكتىمىزكى، ھۇن ئىمپىرىيسى مىلادى 48- يىلى پارچىلانغان. شىمالىي ھۇنلار مىلادى 155- يىلى سىيانپىلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان، جەنۇبىي ھۇنلار تارىخىنى مىلادى IV ئەسىرگىچە سۇرۇشتۇرۇشكە بولسىمۇ، لېكىن ھۇنلارنىڭ غەربكە كۆچكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئىسپات يوق. ئەكىسچە ئۇلارنىڭ كۆچىشى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ يۇقۇتىشىنى كەلتىرىپ چىقارغان. ئەگەر بىز ياۋرۇپا ھۇنلىرى بىلەن ھۇنلارنى ئوخشاش بىر مىللەت دەپ ئېتراپ قىلساق، ئۇ چاغدا شىمالىي ھۇنلارنىڭ مۇڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدە يوقاپ كېتىشى بىلەن ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپا ئۇپۇق سىزىقىدا پەيدا بولۇشىغا قەدەر بولغان توپتۇغرا ئىككى ئەسىر خاتىرىلەنمىگەن. يىللار ئارىسىدا ئۇلۇشۇپ كېلىدىغان بىر كىننىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، يەڭگىللىك بىلەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق بولمىغان بىرلىككە كەلگەن يەكۈن چىقىرىشتىن ساقلىنىش بىر قەدەر مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ.
ھۇنلارنىڭ گېرمانىيەنىڭ شەرقىي گوت ئىمپىرىيسىگە قىلغان جازا يۇرىشى مىلادى 370- يىللار ئەتراپىدا باشلانغان. بۇ قۇدرەتلىك گېرمانلار دۆلىتىنىڭ زىمىن چېگرىسى دون دەرياسىدىن دىنپىر دەرياسى ساھىلىگىچە، قارا دېڭىز ياقىسىدىن يىراق شىمالدىكى پرىپىت ساسلىق يەرلىرىدىن جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرىغىچە سوزۇلغانىدى. ھۇنلارنىڭ تاجاۋۇزى تۈپەيلىدىن شەرقىي گوتلار، يەنى ئوسچو گوتلار يەنى ۋىلىسى گوتلار تېخىمۇ غەربكە كۆچۇپ، ۋىزانتىيە چېگرىسىغىچە يېتىپ بارغان. ئۇلارنىڭ ئىتتىپاق تىرىش شەكلى ئېنىق ۋە مۇقىم بولمىغان. نەچچە ئون يىل جەريانىدا ھۇنلار گۇتلار بىلەن ھېچقانداق سىياسىي مەقسەتتە بىر- بىرىگە جازا يۇرىشى قىلمىغان ياكى شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى بىلەن ئۇرۇشمىغان. باننونىيە ئۆلكىسى (ھازىرقى ۋىنگىرىيىكى ترانسىدائوبىيە ئۆلكسى» دىكى رىم قوشۇنى تۇرغان گازارمىدا ھۇنلاردىن قالغان ئىزلار بايقالدى. بىزگە مەلۇمكى، مىلادى 408- يىلى گىنيويە خان ئوردىسى 300 نەپەر ھۇنلاردىن تەشكىل تاپقان خىللانغان قوشۇن ياللىغان. ھۇنلارنىڭ چىرايىدا جەڭ قىلىش جەھەتتە گوتلار بىلەن ئوخشاشمايدىغان جايلىرىمۇ بار. لېكىن ھۇنلار قۇدرەتلىك ئىمپېرىيە قۇرغىدەك كىچلىك قوماندان يوق ئىدى. ئۇ چاغلاردا كۆپ قىسىم ھۇنلار دوت دەرياسىنىڭ شەرقىدە تۇرۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. مىلادى 412- تارىخشۇناس ئولىمپىدۇرۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىزانىتيە خارجى ئەلچىلەر ئۆمىكى قارا دېڭىزدىن ئۆتىپ كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ بارغان، ھۇنلارنىڭ مەزكۇر ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھۇنلار باشلىقى دۇنا تۇسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قەستلەپ ئۆلتىرگەنلىكىنى مىسال قىلىپ تىلغا ئالغانلىقى ئىنتايىن قىزىقارلىق.
كىشىلەرنىڭ ئوڭايلىقچە ئونتۇپ قالىدىغىنى شۇكى ئوتتۇرا ئەسىر ۋە مۇڭغۇللار دەۋرىدە غەرىبتىلا ئەمەس، ھەتتا جەنۇبىي روسىيە يايلاقلرىدىمۇ «مەدەنىيەتلىك دۇنيا» مەۋجۇت ئىدى. قوشۇن ئۈچۈن ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنى ئىزدەش جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىياۋە پىرسىيە ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بالقان رايونىغا ئوخشاش جەلپ قىلىش كۈچىگە بار ئىدى ھەم يېقىنلىشىشقا قولاي. تەخمىنەن مىلادى 420- يىلى بارسىك ۋە كۇرسكلار يېتەكچىلىكىدىكى چوڭ بىر ھۇنلار قوشۇنى كافكاز تاغلىرىدىن ئۆتۇپ پىرىسيىگە تويۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. ئۇ يەردە ئۇلار پىرىسينىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇرۇش غەنىمەتلىرى ۋە تەخمىنەن 18 مىڭ ئەسىرنى قالدۇرۇپ، ئۆز مەملىكىتىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ قېتىملىق تاجاۋۇزنى ھۇنلار مەملىكەت ئىچىدە سادىر بولغان ئېغىر ئاپەتتىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان. ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋىزانتىيە ئۆلكىسىگە قىلغان تاجاۋۇزنى ئەينى چاغلاردا بىلخئمدا تۇرۇشلۇق (لاتىن يېزىقىدىكى ئۆلچەملىك «ئىنجىل» نى تۇزگەن كىشى) سان جېرۇم جانلىق تەسۋىرلەپ يازغان: «ھۇنلار پۈتۈن دۇنيانى قىرغىنچىلىق ۋە قۇرقۇنۇچ ئىچىگە غەرق قىلىۋەتتى، ئۇلار ھۇشيار- چاققان جەڭ ئاتلىرىغا مىنىپ، ھەر ياققا ئۇرۇش قىلىپ، بارمىغان يېرى قالمىدى. كىشىلەر تېخى ئۇلارنىڭ قەيەرلەگە بارىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتىرىپ بولالمىغان يېرى قالمىدى. ئۇلارنىڭ تېز- چەبدەسلىكى ئۇلار ھەققىدىكى رىۋايەتلەردىنمۇ ئېشىپ چۇشتى. ئۇلار دىنىي قائىدە- يۇسىن ۋە دەرىجە پەرقىگە قارىماي، يىغلاپ تۇرغان بالىلار ۋە ئەر- ئايال، قېرى- ياشلارغىمۇ رەھىم قىلمىغان ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن بۇۋاقلار يەنە ئۆلىمگە يۇزلىنىشكە مەجبۇر بولغان». (تومىپسىننىڭ ئەسىرىدىن نەقىل، 27- بەت).
بارمىغان يېرى قالمىغان زور تۇركىم ھۇنلار كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، مىلادى 409- يىلى پاننونىيە پۇتۇنلەي ئۇلارنىڭ چاڭگىلىغا چۇشىپ قالدى ھەم ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى ۋە غەربىي رىم ئىمپىرىيسىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىڭ كۆڭۇلدىكىدەك مۇقەددەس جايىغا ئايلاندى. قارىماققا ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى ۋە كونىستانتىنو پولغا قارىتىلغان بىر قەدەر چوڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئەمەستەك بولسىمۇ، مىلادى 422- يىلىدىن باشلاپ ۋىزانتىيە ھۇنلارنىڭ ھەر يىلى 350 قاداق ئالتۇن تاپشۇرۇش تەلىپىگە ماقۇل بولغان. بۇ ئاتالمىش «سوۋغا» لار بالقان رايونىغا ئازراق تىنىچلىق ئئلىپ كئلىشىنى كاپالەتلەندىرگەن. ھۇنلار ئىتالىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئىزلىكسىز تىردە ئارىلىشىپ تۇرغان، بەلكى ئۇلار ئالقىشقا ئئرىشكەن ھۆكىمەت ۋە ئاقسۆڭەك دۆلەتمەنلەر ھۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى ئىچىن خىزمەت قىلدۇرغان.
نۇرغۇنلىغان مۇھىم سىياسىئونلار ۋە ھۆكىمەت باشلىقلىرى ھۇنلارنى يئقىن مۇھاپىزەتچىسى قىلىپ ياللىۋالغان. مەسىلەن؛ قەدىمكى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك كونسۇلى روفئنوس ۋە ستلكو بىيىك رىم گئنرالى ئائئتئون قاتارلقلار ھەمىشە ھۇنلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. مىلادى 434- يىلى شەرقىي ھۇنلارنىڭ خاقانى رۇگا ئۆلگەندىن كئيىن ئۇنىڭ خانلىق ئورنىغا ۋە ھۇقۇقىغا ئىككى جىيەن ئوغلى بئلىدا بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى ئاتتىللا ۋارىسلىق قىلغان. شۇنىڭدىن ئئتىبارەن ھۇنلار تارىخىدىكى يئڭى سەھىپە باشلانغان.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىچ كىشى مۇقەررەر ھالدا ھۇنلارنىڭ تىلى ئىستىدە ئويلىنىش ۋە تەخمىن قىلىش تەتقىقاتىنى كەلتىرىپ چىقاردى. «ئاتىللا» دئگەن بۇ ئىسىم گوتلارنىڭ ئىسىم ئىكەنلىكى روشەن، مەيلى تىركىي تىللار ياكى مۇڭغۇل تىلىدا بولسۇن ھەممىسىدە «R» ھەرپىنى سۆز بئشى قىلالمايدۇ، (مەسىلەن Rua) ياكى ئىزىك تاۋۇش بىلەن باشلانمايدۇ. (مەسىلەن بئلىدا) بۇ ئىچ ئادەمنىڭ ئىسمى ھەرگىزمۇ ئالتاي تىلى ئەمەس. دۇنيادا ھۇنلارنىڭ تىلىدا يئزىلغان ھئچقانداق يئزىق بىجىرىم ساقلىنىپ قالمىغان، لئكىن لاتىن يئزىقى ۋە يۇنان يئزىقىدىكى ئىپتىدائى ماتئرىياللاردىكى بىر قىسىم سۆزلەرنى تىركىي تىللار بويىچە چىشەندىرىشكە بولىدۇ. لئكىن زور كۆپچىلىك قىسمى ئالتاي تىلىنى ئاساسىى نوقتا قىلغان دئگەن پەرەزلىك تەھلىل ئالدىدا بەرداشلىق بئرەلمەيدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ تىل قۇرۇلمىسغا ئاساسلانغاندا ئۇلارنىڭ تىلى ئالتاي تىللىرىنىڭ سىرتىدىكى باشقا بىر تىلغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئوچۇن كىرىنىپ تورىدۇ. شىبھىسىزكى، ھۇنلار مەدەنىيىتىنىڭ سىرتىدىكى كىرىنىشكە قاراپ ئومۇمەن بىر ئۇلارنى تىرك ياكى مۇڭغۇللارغا مەنسۇپ دەپ تونۇيمىز. لئكىن بىز ئاددىلاشتۇرۇپلا ھۇنلارنى «تىرك- مۇڭغۇل مىللىتى» دەپ ئاتىساق، ئۇ چاغدا بىز ئئغىر ھالدا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىمىز. بۇنداق دئيىشكە دەلىل- ئىسپات يئتەرسىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يۇقىرىدا ئئيتىلغاندەك بىر ئىگىلىگەن تىلشۇناسلىق بىلىملىرىدىن چەتنەپ كەتكەن بولىمىز.
بئلدا بىلەن ئاتىللانىڭ بەنزىسى ھۇنلارنى ئادەتتىن تاشقىرى ئالغا يئتەكلەيدىغان قوماندانلىققا ئىگە قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ياۋرۇپادىكى مۇتلەق ئىستىنلىكنى ئىگىلىگەن ھۆكىمرانلىقى نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان. مىلادى 445- يىلى ئاتىللار بئلدانى قەستلەپ ئۆلتىردى ھەم ئۇنىڭ ئۆزى ئۆز خەلقىنىڭ بىردىنبىر ھۆكىمرانى سىپىتىدە مىلادى 453 ‿يعلعنعؿظاخعرعغعحەؿيەنى ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر ھۆكىمرانلىق قىلدى. بىز بئلىدا بىلەن ئاتىللانىڭ ھەمكارلىقى قانداق خاراكتئرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، لئكىن ئۇلارنىڭ يولغا قويغىنى ئىچ مەنبەلىك ھۆكىمرانلىق سىستئمىسىدىن ئىبارەت. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ بۇ خىل ھۆكىمرانلىق تىزىلمىسىنىڭ ئىقتىدارى ھەققىدە بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز ئانچە كۆپ ئەمەس. ئەمما بۇ خىل تىزىم ئوتتۇرا ياۋرۇپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا خئلى ئومۇملاشقان. ئۇلارنىڭ ھوقۇقنى تەقسىم قىلىشى رايونلار چىگرىسىنى ئاساس قىلغان، باشقا بىر قىسىمى ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە ئىستىن تۇرىدىغان ھۆكىمران بولغان. ئەگەر بىر نوقۇل ھالدا قىياس قىلساق، كىشىلەر شۇنى مۆلچەرلىيەلەيدۇكى، يۇقىرىقى پاكىتلار ھۇنلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدۇر. ئاتىللانىڭ چوڭ ئاكىسى بىلىدا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەڭ چوڭى ھئسابلىنىدۇ. ئۇ ھۇن ئىمپىرىيسىنىڭ بىر قەدەر مۇھىم بولغان شەرقىي قىسمىغا ھۆكىمرانلىق قىلغان. شۇڭا غەرب دۇنياسىنىڭ ئاتىللا ھەققىدە كۆرگەنلىرى بىر قەدەر كۆپ، شۇنداقلا ئۇ ئىككى قئرىنداش ئىچىدىكى ئامان قالغىنى ھئسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ شۆھرىتى بىلىدادىن يۇقىرى. بئلىدا ئاتىللانىڭ يئنىدا بولىسىمۇ، لئكىن سىيقەستكە ئۇچرىغان ئىنىسىنىڭ ئىشى ناھايىتى ئاز تىلغا ئئلىنغان.
ئاتىللا بىلەن زامانداش بولغان رىملىق پىرىسكاس جۇددانىسنىڭ ئەسىرىدىن نەقىل كەلتىرگەن 35- بەتتە ئۇنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن؛ «ئۇ بارلىق مىللەتلەرنى زىلزىلىگە كەلتىرىش ئىچىن بۇ دۇنياغا چىشكەن ئادەم، ئۇ دۇنيانىڭ بالايى ئاپىتى، ئۇنىڭ ھەققىدىكى قورقۇنچلۇق رىۋايەت مەلۇم جەھەتتە ئىنسانلارنى ۋەھىمە ئىچىگە غەرق قىلغان. ئۇ يول ماڭسا بئشىنى تىك تۇتۇپ، چىڭ قەدەم تاشلايتتى، كۆز قارچۇغى ھەرياققا تىكىلەتتى، تەكەببۇر قىياپىتى چىرايىدىن مەلۇم بولاتتى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇرۇشخۇمار ئىدى، لئكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھئسسىياتى ۋە ھەرىكىتىنى كونترول قىلالايتتى. ئىرادىسى كىچلىك ئىدى. ئۇنىڭغا ئئھتىياجى چىشكەنلەرگە ھئسداشلىق قىلاتتى. ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئئرىشكەنلەرگە كەڭچىلىك قىلاتتى ۋە كىيىنەتتى. ئۇنىڭ بويى پاكار ئىدى، بئشى يوغان، – كۆكرىكى كەڭ، كۆزى كىچىك ساقال بۇرتى شالاڭ بولۇپ ئازراق كىلرەڭ ئىدى. بۇرنى پاناق، تئرىسى قارامتۇل بولۇپ، ئۆز قان سىستئمسىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىنىپ تۇراتتى» (مئروۋ ئەسرى 102- بەتتىن نەقىل).
بئلىدا بىلەن ئاتىللا ئاكا ‿ظذكؿظعككعسؿھۇنلارنىڭ ھۆكىمرانى سىپىتىدە بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يىرگىزىپ، خارابى ئىشلاردا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتىرگەن. مىلادى 435- يىلى ئۇلارىسسيۇدوسئس پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن ئاتالمىش «مارگۇس شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى، بۇ شەرتنامە مارگۇستا ئىمزالانغان (ھازىرقى يۇگۇسلاۋىينىڭ دڭبروۋىكا دئگە جايى)، مەزكۇر شەرتنامىدا مەزكۇر ئىمپىرىيە (شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى) ھەر يىلى ھۇنلارغا 700 قاداق ئالتۇن خىراج تاپشۇرۇش شەرت. بەلكى ھەر بىر قاچقۇن ئىچىن، مەيلى ئۇلار ھۇن بولسۇن ياكى رىملىق قاچقۇنلار بولسۇن، ھەر بىر ئادەم ئىچىن سەككىز تىللانى قايتۇرۇۋئلىش پۇلى ئورنىدا تاپشۇرۇش شەرت. بەزى سودا بازارلىرىدا ھۇنلار رىملىقلارغا ئوخشاش تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامىدا ئادەمنى تولىمۇ قىزىقتۇرىدىغان ئاجايىپ- غارايىپ ئىشلار خاتىرىلەنگەن.
ھۇنلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىدە ساقلىنىپ قالغان ئۆرپ- ئادىتى بويىچە باشقىلار سۆھبەت بىلەن ئۆتكىزگەندە ھامان ئات ئىستىدە تۇرۇپ سۆزلىشەتتى. رىم ئەلچىلىرى ئىچىن ئئيتقاندا ھۇنلار بىلەن شەرتنامە تىزگەندە ئاتقا مىنىپ تۇرۇپ ھۇنلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكىزەتتى. ئاتنىڭ ئىستىدە تۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكىزگەندە رىم ئەلچىلىرى ناھايىتى بىئاراملىق ھئس قىلاتتى.
يۇقىرىدا ئئيتىلغاندەك، ھۇنلار ئىمكانقەدەر ئىككى سەپتە ئۇرۇش قىلىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇراتتى. «مارگوس شەرتنامىسى» غا ئەگىشىپ، ئۇلار ئاتىللارنىڭ باشچىلىقىدا ئاساسلىق خىللانغان كىچنى غەربىي فرونتقا سەرپ قىلدى. مىلادى 437- يىلى ئادىيوسنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ھۇنلار رئيىن دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى مايىنز رايونىدىكى بۇگاندارلارغا تويۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. بۇ قئتىمقى بۇزغۇنچىلىقى ئىنتايىن ئئغىر بولغان تويۇقسىز ھۇجۇمدا بۇرگاندىيانلارنىڭ ھەممىسى دئگىدەك يۇقىتىلغان. بۇ ئىنتايىن چوڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتئرىنى ئالغان ۋەقە گئرمانىيىنىڭ مەشھۇر داستانى «نىبولونگىن ناخشىسى» نى ئىنتايىن مول تارىخىي پاكىتلار بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئەمەلىيەتتە X III ئەسىردىكى بىر ئەسەر ھئسابلانغان «نىبولۇنگىن ناخشىسى» خئلى بۇرۇنقى داستانلارنىڭ روھىنى قوبۇل قىلىپ، شىمالنىڭ خئلى كۆپ داستانلىرىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ئاتىللادىن ئىبارەت بۇ شەخس قەدىمكى ئىسلاندىيىنىڭ ئەپسانە داستانى «ئىددا» دا تىلغا ئئلىنغان. يەنى ساكسىن- گرامماتىكىس دەۋرىدىكى دانىيە تارىخىدا تىلغا ئئلىنغان مەزمۇندىن ئىبارەت.
تەخمىنەن مىلادى 433- يىلىدىن باشلاپ ھۇنلار قوشۇنى گائۇل رايونىدا بىر قانچە تۇەن- ئەترەتلەرگە بۆلىنىپ، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر ھاكىمىيىتى ئىچىن مەڭگىلىك ھۆكىمرانلىق مۇلازىمىتىدا بولدى. مىلادى 437- يىلى ئۇلار باگائودالانى مەغلۇب قىلىش ۋەقەسىدە مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ نامرات- قالاق مىللەت مىلادى 435- يىلى غەربىي رىم ئىمپئرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىدى. مىلادى 439- يىلى ھۇنلار گئنرال ئاتىيۇسىنىڭ كانۇۋويى لىتوردئۇسنىڭ قوماندانلىقىدا توئۇلۇئۇس شەھىرىنى قوشىۋالغاندىن كئيىن يەنە ۋىسگۇت پادىشاھى تئئودئرك I نىڭ مەركىزىي شەھىرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. بۇ ئۇرۇشتا تئئودرئكنىڭ قايتارما ھۇجۇمى زور غەلبىگە ئئرشكەن، ھۇن قوشۇنى ئئچىنىشلىق ھالدا مەغلۇب بولغان. شۇ يىلى ۋاندالىسلار شىمالىي ئافرىقىدىكى گارتخاك رايونىنى ئىشغال قىلغان. شەرقىي رىم ئىمپئرىيىسى ئۇلارنى دئڭىزدىن ئۆتىپ ئىتالىيىدە قورۇقلۇقتتا چىقىشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ گائول رايونىدىكى گئنرال ئايۇسنى قايتۇرۇپ كەلدى. شۇ ۋاقىتتا غەربىي رىم رايونى تەھدىتكە ئۇچرىغانىدى. نئيردىگارد II نىڭ قوشۇنىنى ئاساسىي كىچ قىلغان پىرسىيە قوشۇنى شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەرىنىيە ئۆلكىسىگە قويۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. سادىر بولغان بۇ بىر يىرىش ۋەقەلەر ئاتتىللارغا ئومۇميىزلىك مەلۇم قىلىندى. ئۇ بۇ پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مىلادى 441- يىلى چەكلىك ھەربىي كىچى بىلەن شەرقىي رىم ئىمپئرىيىسىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. مىلادى 443- يىلىدىن مىلادى 447- يىلىغىچە بولغان بىر يىرىش سىتراتئگيىىلىك ھەرىكەت نەتىجىسىدە ئاتتىللا ھۇنلارنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىي ھۆكىمرانىغا ئايلاندى. ھۇنلارنىڭ بۇ بىر يىرىش ھەربىي ھەرىكەت پىلانى قارىماققا باشقا غەرەزدە ئەمەس، بەلكى رىملىقلاردىن تئخىمۇ كۆپرەك ئالۋان ۋە باشقا ماددىي مەنپەئەت ئىندىرىۋئلىشنى كۆزلىگەندەك قىلىدۇ. ھالىدىن كەتكەن رىم ئىمپئرىيىسى ئاخىرقى ھئسابتا مىلادى 443- يىلى ئەڭ ئاخىرقى بىر قئتىملىق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىدە ھۇنلار بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تىرگەن. بۇ شەرتنامىدە رىم ئئمپئرىيىسى ھەر يىلى 2100 قاداق ئولپان تاپشۇرىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. بۇ سان رىم ئىمپىرىيىسى «مارگۇس شەرتنامىسى» دا ھۇنلارغا تاپشۇرىدىغان ئولپاننىڭ ئىچ ھەسسىگە باراۋەر كئلىدۇ.
چىشەندىرىپ ئۆتىشكە تئگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، رىم خانى تىنچلىق شەرتنامىسىدىكى ماددىلارنى ئامالسىزلىقتىن ئىجرا قىلغانىدى. قاتتىق قانۇنى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا ھۇنلار رىم ئىمپىرىيىسىگە قوزغىغان ھۇجۇمنى ئاقلاشقا تامامەن ھەقلىق ئىدى. چىنكى رىم ئىمپئرىيىسى تىنچلىق شەرتنامىسىدە بەلگىلەنگەن ماددىلارغا قاتتىق ئەمەل قىلمىغانىدى.
مۇشۇ نوقتىغا ئاساسلانغاندا ۋىرزانتىيە ئەلچىخانىسى يئزىلغان خاتىرىنى ئاتىللارغا تاپشۇردى. مەزكۇر خاتىرىنىڭ ئۆزى گەرچە ئىلگىرى ۋە كئيىن سادىر بولغان ئىشلارغا نىسبەتەن ئانچە مۇھىم ئەمەستەك قىلسىمۇ لئكىن پىرسىكوسنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدىكى قالتىس تەسۋىرلەرنى ئۇنتۇپ قئلىشى تەس. مەزكۇر ئەلچىخانا مائىمىنوس ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ رەھبەرلىكىدە ھون ئئدىكو ۋە تەرجىمان بىگىلاسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مىلادى 448- يىلى ياكى 449- يىلى قۇرۇلغان، ئەلچىخانىدىكى بارلىق خادىملار ئىچىدە پەقەت مائىمنۇس ۋە بىكىلاسلا ئئدىكونى كونىستانتىننو پولدا قىسقا ۋاقىت تۇرغاندا نۇپۇزلۇق ھەم ئاغىسى كىرساپىئۇس سئتىۋالماقچى بولغان، ھەم ئۇنى ئاتتىللانىڭ ئوردىسىغا قايتقاندىن كئيىن ئاتتىللانى قەستلەپ ئۆلتىرىش ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا كىشكىرتمەكچى بولغان. ئئدىكو ئۆز خوجايىننىڭ مۇددىئاسىغا خائىنلىق قىلمىغان، لئكىن ئۇنىڭ خائىنلىق ئوبرازىنى يارىتىشى كىشىلەرنى قايىل قىلغان.
رىملىقلار ۋەدىسىگە خىلاپلىق ھالدا ئاتتىلارنى قەستلەپ ئۆلتىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لئكىن يئڭى بىر تىنچلىق شەرتنامىسى مىلادى 450- يىلى ئەتىيازدا سئئۇدىيۇس ۋاپات بولۇشتىن سەل بۇرۇن ھۇنلار بىلەن ۋىزانتىيە ئوتتۇرسىدا تىزىلدى. بۇ شەرتنامىنىڭ بىر قەدەر يۇمشاق شەرتلەر بويىچە تىزىلىشى ئئھتىمال ئاتتىللانىڭ كىچىنى توپلاپ ئىمپئرىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا بىر قئتىملىق تويۇقسىز ھۇجۇم قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىدىن بولسا كئرەك. ۋەھالەنكى، سىئودىيۇسىنىڭ ئۆلىمى ئويلىمىغان قئيىنچىلىقلارنى ئئلىپ كەلدى. چىنكى ئىمپئرىيىنىڭ يئڭى خانى ماركىئان ھۇنلارغا قارىتا قاتتىق قوللۇق لۇشيەن- سىياسەت قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ دەرھال ھۇنلارغا دەۋاملىق ئولپان تاپشۇرۇشنى توختىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاتتىلانىڭ ۋىزانتىيە بىلەن تىنىچلىق شەرتنامىسى تىزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ياي تەرىپىنى ساقلاپ قئلىش ئىمىد مەغلۇب بولدى. ئۇ غەربىي رىم ئئمپئرىيىىسىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىدىن ۋاز كئچىش كئرەكمۇ ياكى تئزدىن ئئلىپ بئرىش كئرەكمۇ دئگەننى قارار قىلىشقا مەجبۇر بولدى، ئۇ بۇ ئىككى خىل لايىھىنىڭ ئاخىرقى بىر خىلىنى تاللىۋالدى ھەم مىلادى 451 ‿يعلعنعؿظالدعنقؿمەزگىلىدە كۆلىمى مىسلىسىز چوڭ بولغان بىر مەيدان غەربىي قىسىم ئۇرۇشىنى قوزغىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەقسىتى تۇلۇس (ھازىرقى فرانسىيىدىكى بىر جاي) نى مەركەز قىلغان سىيۇدىلىكنىڭ ۋىسگوت ئىمپئرىيىسىنى يوقىتىش دەپ ئاشكارا جاكارلىدى. ئەمما تۇلۇسقا بئرىش ئىچىن گائۇل رايونىدىن ئۆتىشكە توغرا كئلەتتى. ئەمما ئاتتىللانىڭ غەيرىي خارجى ستراتئگىيىسى مۆجىزە ياراتتى. كۆپ تىللاردىن بۇيان چىقىشالماي كەلگەن ۋىسگوتلار بىلەن ئاتىيۇس باشچىلىقىدىكى رىملىقلار ئىتتىپاق تىزدى.
ئاتتىللارنىڭ قوشۇنى ھۇنلار، گئرمانلار ۋە گائولدىكى خاتىرجەمسىزلىك ئامىللار تىپەيلىدىن جىددىي كۆپەيگەن قوشۇندىن تىزىلگەن ئارىلاشما قوشۇن بولۇپ، ئۇلار مىلادى 451- يىلى ئەتىيازدا رئيىن دەرياسىدىن ئۆتىپ، 7- ئايدا ئورلىئان رايونىنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە پەيدا بولغان. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھۇنلارنىڭ گائۇل رايونىغا قارىتا قوزغىغان ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇ ۋەقە ئۆزىگە مۇناسىپ ھالدا نۇپۇزلۇق تەتقىقاتقا ئئرىشەلمىدى. قارىماققا، ھۇنلارنىڭ تويۇقسىز ھۇجۇمغا مۇقەرەر ھالدا زور كۆلەملىك قارشىلىق كۆرسىتىلگەندەك قىلىدۇ. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا ھۇنلار پارىژ شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مۇداپىئەسى مۇستەھكەم بولغان نۇرغۇن شەھەرلەردىن چەتنەپ ئۆتكەن، ئۇلارنىڭ سەپىرى ئىنتايىن ئاستا بولغان، ئاتتىللارنىڭ گائۇل رايونىغا قوزغىغان ئۇرۇشى كئيىنچە مۇڭغۇللار قوزغىغان ئۇرۇش ۋە ۋئنگىرىيىلىكلەر فرانسىيىگە قارىتا ئئلىپ بارغان تاجاۋۇزدىن ئىبارەت چاقماق تئزلىكىدىكى ئۇرۇشلارغا ئوخشاش چاقماق تئزلىكىدە زەربە بئرىشنىڭ تىپىك ئىلگىسى بولالمىغان، شەك ‿شٿبەعسعزكعؿئاتتىللارنىڭ ئورلئئان رايونىنى ئىشغال قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب كىچى يەتمىگەنلىكىنى ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بولسا كئرەك. ئەمما ئۇنىڭ مۇداپىئەلەنگەن شەھەرلەردىن ئەگىپ ئۆتمەيلا توئولئئوس شەھىرىگە قارىتىلغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرغانلىقى تئخىچە چىشەندىرىلمىدى. ئەمەلىيەتتە، ئاتتىللا ئەسلىدىكى يولى بىلەن تىرويئس يئنىدىكى رايونلارغا قايتىپ بئرىپ، رىملىقلار بىلەن ۋىسگوتلاردىن تەشكىل قىلىنغان بىرلەشمە قوشۇنغا تاقابىل تۇرغان. شۇنىڭ ئارقىسىدىن پەيدا بولغان ئۇرۇش تارىختا «كاتالائۇنىئان تىزلەڭلىكىدىكى ئۇرۇش» دەپ ئاتالغان. بۇ ئۇرۇشنى جۇددانىس مۇنداق تەسۋىرلىگەن؛ «بۇ ئۇرۇش قەدىمىدىن كۆرىلىپ باقمىغان، بىر باتۇر ئەگەر بۇنداق ئۇرۇشقا قاتناشمىغان بولسا، ئۇ ئۆمىر بويى بۇنداق ھەيۋەتلىك جەڭنى يەنە كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا ئەگەر بىز ئەجدادلارنىڭ بۇ ئۇرۇش توغىرىسدىكى تەسۋىرلىرىگە ئىشەنسەك، ئۇ چاغدا بۇ تىزلەڭلىكنىڭ يەر باغرىدا ئاققان دەريا ، قوربان بولغان قۇماندان ‿جەثحعلەرنعؿقانعلعرؿبىلەن قوشۇلۇپ دەيا ئئقىنى جىددىي ھالدا كۆپەيگە بولۇشى تەبىئىي». سيودرىك مۇشۇ جەڭدە بەخىتكە قارشى قۇربان بولغان. ئاتتىللامۇ مۇشۇ جەڭدە ئۆلىپ كئتىش ئئھتىمالىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ تەييارلىنىپ قويغانىدى. نوقۇل ھەربىي ئىشلار نوقتىسىدىن قارىغاندا، غەلبە رىملىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداش قوشۇنى تەرەپتە ئىكەنلىكى ناھايىتى ئئنىق كۆرىنىپ تۇراتتى. ئەمما ئاتىيۇس بۇ ياۋايى مىللەت بىلەن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ قئلىشنى ئۇمىد قىلاتتى. شۇڭا ئۇ غەلبىنى قولغا كەلتىرىشكە بئرىلىپ كەتمىدى ھەم ئاتتىللانىڭ چئكىنىشىگە يول قويدى.
بۇ قئتىمكى ئۇرۇشتا ئاتتىللا مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، لئكىن ئۇنىڭ كىچى تئخى ئىزۇل- كئسىل گۇمران بولمىغانىدى. مىلادى 452- يىلىدىن باشلاپ ئۇ، باشقا بىر قئتىملىق زور ئۇرۇشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقانىدى، بۇ نۆۋەت ئۇ باشلىغان قوشۇن ئالغا ئىلگىرىلەپ ئۇدۇل مىلانو (ھازىرقى ئىتالىيىنىڭ مىران شەھىرى) رايونىغا يئتىپ باردى. ھازىرقى زامان ئاتالغۇسى بويىچە ئئيتقاندا، ئاتتىلانىڭ ئۆزىگە خاس كئڭەيمىچىلىكى ھەددىن زىيادە بولۇپ كەتكەنىدى. ئاتتللانىڭ ئۆزىگە خاس كئڭەيمىچىلىكى ھەددىدىن زىيادە بولۇپ، كەتكەنىدى. ئاتتىللا ئىتالىيىدە تۇرىۋاتقان چاغدىلا ئۇنىڭ ئائىلىسى مارسىئان قوشۇننىڭ تۇيۇقىسىز ھوجۇمىغا ئۇچرىغاچقا، ئۇ ئىتالىيىدىن قوشۇن چئكىندىرىشكە مەجبۇرى بولدى. ئاتتىللا مىلادى 453- يىلى ئىتالىيىدىن قايتىش سەپىرىدە مئڭىسىگە قان چىشىپ ۋاپات بولغان.
بىز ئىگىلىگەن ئاتتىللانىڭ دەپنە مۇرىسىمىغا ئائىت تەپسىلىي تەسۋىرلەش ماتئرىياللىرىدىن ئوتتۇرا ياۋرۇپا- ئاسىيالىقلارنىڭ دەپنە قىلىش ئادەتلىرىدە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. قارىماققا شۇنى شەك- شىبھىزكى، ھۇنلارغا مەنسۇپ ئارخئئولوگىيىلىك يادىكارلىقلار بۇ تەسەۋۋۇرنى ئىسپاتلايدۇ، يەنى ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۇتتۇرا ياۋرۇپا- ئاسىيا مىللەتلىرىدىن ئىبارەت. يەنە شۇنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇكى، ئوتتۇرا ياۋرۇپا- ئاسىيالىقلارنىڭ تەركىبى ھۇن ئىمپئرىيىسى تەۋەسىدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا سئڭىشىپ كەتتى. ۋەھالەنكى، ئاتتىللانىڭ سىياسىي مەقسىتى كىشىلەر ئومۇميىزلىك مەدھىيلەپ كئلىۋاتقان چئڭگىزخاننىڭ زئممىسىگە ئالغان يىكى ۋە قارا نىيىتىگە قارىغاندا كۆپ ئاز ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاتىللانىڭ ھەربىي ئىشلار بويىچە تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلەر ناھايىتى ئاز ئىدى. ئۇنىدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇش ئىستراتئگىيسى ۋە تاكتئكىلىرى تىرك- مۇڭغۇل شەكلىدە بولماستىن، بەلكى گئرمانچە شەكىللەرگە ئوخشاپ كئتىدۇ.
ئاتتىللا ئىمپئرىيىسىنىڭ قورۇلۇشى قىسقا ۋاقىتلىق بولۇپ، ئۇنىڭ گۇمران بولۇشى ئاتتىللا ئۆلگەندىن كئيىن ۋە گئپىدنىڭ تويۇقسىز ھۇجۇمىدىن كئيىنلا باشلانغانىدى. ياكى تئخىمۇ توغرىراق ئئيتقاندا، گئپىدنىڭ ئاسىيلىق قىلىشى ئەمەلىيەتتە ھۇنلارنىڭ باننونىيدىكى ھۆكىمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇردى. مىلادى 445 ‿يعلعغؿكەلضەندؿقەدىمكى رىمنىڭ بۇ ئۆلكىسىگە ياۋايى مىللەت ھۆكىمرانلىق قىلالمايدىغان بولدى. ھۇنلار شەرقىي رىم ئىمپئرىيىسى بىلەن غەربىي رىم ئىمپئريىسى قوشۇنىدا داۋاملىق خىزمەت قىلىۋەردى. ھەم ئىلگىرى بىر مەھەل ھۆكىمرانلىق ئورنىدا تۇرغان بىر ئىرق گورۇھىنىڭ ئەۋلادلىرى يئڭى ئوتتۇرا ياۋرۇپا ‿ظاسعيؿفعدعراتعسعيسنعؿسىياسىي گەۋدىسى تەرىپىدىن ئاسمىلاتىسىيە قىلىندى ۋە قوشۇلۇپ كەتتى. مانا بۇ ھۇنلارغا ئائىت ئاجايىپ ‿غارايعؿەظكايعلەرنعؿكىشىلەرنىڭ ئىسىدە نئمە ئىچىن ئۇزاققىچە ساقلىنىپ قالغانلىقىنى چىشەندىرىپ بئرىدۇ. ئۇلار تارىخ دەرىسلىكىدە مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ۋئنگىرىيىنىڭ تارىختا يئزىپ قالدۇرۇلمىغان رىۋايەتلىرىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
پايدىلانغان مۇناسىۋەتلىك كىتابلار:
ھۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇشقا ئەرزىيدىغان ماتئرىياللار خئلى كۆپ. جوردانىسنىڭ بارلىق نەقىللىرى چارلىز كىرىستوفىنىڭ «جوردانىس قەلىمى ئاستىدىكى گوت ئىمپئرىيىسى» ناملىق كىتابىدىن ئئلىغان. پروسستون داشۆسى نەشرىياتى 1915- يىل 1- سان نەشرى. بارنىس ۋە نوپلى 1960- يىل 2- نەشرى. غەربىي ھۇنلار ھەققىدە يئزىلغان ھازىرقى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر A.E تومپىسۇن يازغان «ئاتتىلا ۋە ھۇنلار تارىخى» دىن ئىبارەت، ئوكسىفورت داشۆسى 1948- يىل نەشرى. ئالاقىدار تارىخىي ماتئرىياللاردىكى كۆپ سانلىق بىۋاستە ئئلىنغان نەقىللەرنى D.C گوردون يازغان؛ «ئاتتىللا دەۋرى»، «مىلادى V ئەسىردىكى ۋىزانتىيە ئىمپئرىيىسى ۋە كۆچمەن مىللەت» (ئا ن. گاربور 1966- يىل ئاددىي مۇقاۋىلىق نەشىرى) دىن تئپىشقا بولىدۇ.
مۇبادا ھۇنلارنىڭ تارىخى بىر قانچە پارچە ماقالە بىلەنلا بايان قىلىنغان بولسا، ئۇ چاغدا كئيىنكى رىم ئىمپئرىيىسى ياكى ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ تارىخى مۇكەممەل تارىخ بولماي قالاتتى. B.J بۇرى يازغان «سيودۇس I دىن جوستىنئان ئۆلگەندىن كئيىن رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى تارىخى» كىشىلەر تەرىپىدىن مۇشۇ جەھەتتىكى ئەڭ ياخشى كىتاب دەپ ئئتىراپ قىلىندى. (نيۇ- يورك. دەۋر نەشرىياتى، 1958- يىل).
سىنورنىڭ «باشلانغۇچ ساۋات» ناملىق كىتابىنىڭ 261- بئتىدىن 265- بئتىغىچە چوڭقۇرلاپ ئوقىسا، بەزى خەتلىرىدىن ئئلىنغان نەقىل مۇشۇ تئزىستىن پايدىلانغۇچىلار ئىچىن ئئيتقاندا ئالاھىدە قىزىقارلىق بۇلاتتى. مەسىلەن: .O مائئنسئن- خئلىفئن يازغان «يالغان- ھۇنلار»، ئوتتۇرا ژورنىلى 1- سان 1955- يىل نەشىرى، 101- 106- بەتلەر.
ل. خارماتتا يازغان «ھۇن ئىمپىرىيىسىڭ يوقىتىلىشى» 1-سان، «تەتقىقات ئورنى. 2- سان 1952- يىلى نەشرى، 277- 304- بەتلەر.
ئوتومائئسسئن ‿خظلعفظٿيازغاٿ«ياۋرۇپا ھۇنلىرى بىلەن ھۇنلار» ۋىزانتىيە 1944- 1945- يىللار نەشرى، 17- سان، 222- بەتتىن 243- بەتكىچە