تۈركچە تۇنجى ‹‹قۇرئان›› تەرجىمىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ئىسلامىي ئاتالغۇلارنىڭ تۈركچە ئىبارىلىرى ھەققىدە

تۈركچە تۇنجى ‹‹قۇرئان›› تەرجىمىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ئىسلامىي ئاتالغۇلارنىڭ تۈركچە ئىبارىلىرى ھەققىدە

ئەمەك ئۈشەنمەز

تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان
قىسقىچە مەزمۇنى
تۈرك تىلىنىڭ تارىخىي دەۋرلىرى تەتقىقاتىدا قۇرئان تەرجىمىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر ئورنى ۋە ئەھمىيىتى بار. تەسىرى كۈچلۈك سۆز – جۈملىلەر بىلەن ئىشلەنگەن بۇ تەرجىمىلەردە ھەر بىر ئىپادە ئۈچۈن تۈرلۈك تەڭداش ئىبارىلەر قوللىنىلغان.
بۇ ماقالىدا تۈرك تىلىنىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى مەنا ۋە سۆزلۈك غەزىنىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان تۈركچە تۇنجى قۇرئان تەرجىمىسى ھەققىدە قىسقىچە بىر چۈشەنچە بىرىلدى ۋە ئەسەردىكى ئىسلامىي ئاتالغۇلار تۈركچە تەڭداش ناملىرى بىلەن بىرلىكتە رەتكە تىزىپ كۆرسىتىلدى.

1. كىرىش سۆز

ئۇزۇن بىر تارىخىي ئۆتمۈشكە ئىگە تۈرك مىللىتى يەنە بۈيۈك مەدەنىيەتكىمۇ ئىگە. ئەجدادىمىز تارىخ سەھنىسىدە پەقەت نەچچە مىڭ يىل ئات چاپتۇرۇش بىلەنلا ئۆتكەن ئەمەس. ئۇلار يەنە كېلەچەككە ناھايىتى مۇھىم كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىمۇ قالدۇرغان. ئەجداتلىرىمىزدىن بىزگە قالغان ئەڭ مۇھىم مىراس مىنىڭچە ‹‹تىل››دۇر. ئويلاپ بېقىڭ، تىل بولمىسا مىللەت سۈپىتىدە كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە باشقىلاردىن پەرقلەنگىدەك قانداق ئىمتىيازىمىز بولسۇن. شۇ سەۋەپلىك، مىللەتلەرنىڭ تارىخى تەتقىق قىلىنىپ يېزىلغان چاغدا نەزەردە تۇتۇلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل(تەسىرلىك رول ئوينايدىغىنى) تىلدۇر. مەلۇم بولغىنىدەك، تۈرك تىلىنىڭ يازما ھۆججەتلىرى ئورخۇن ئابىدىلىرى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ باشلىنىش پەقەت ئەدەبىي شەكىلدىكى باشلىنىشتۇر. ھېچ شۈبھە يوقكى، تۈرك تىلى ئورخۇن ئابىدىلىرى يېزىلغان ۋاقىتتىن تولىمۇ قەدىمىي بولغان بىر تارىخقا ئىگە. قەدىمكى تۈرك يۇرتلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر تۈرك تارىخىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000- 2500 – يىللارغا قەدەر تاقىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ھەتتا تېخىمۇ قەدىمكى دەۋرگە تاقىغان سائادەتتىن گۆمەچ ‹‹كۆكتۈرك تارىخى›› دېگەن كىتابىدا تۈرك تارىخىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىلىغا قەدەر سۈردى.[1] تارىخى ئاشۇ دەۋرگە قەدەر سوزۇلغان بىر مىللەتنىڭ ئەلبەتتە ئاشۇ دەۋرىدە باشلانغان تىلىمۇ باردۇر.
ئاساسى كۈچلۈك بىر تىلغا ئىگە بولغان تۈرك مىللىتى قاراخانىيلار خانلىقى زامانىسىنىڭ سۇتۇق بۇغراخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىگە كەلگەندە توپ ھالەتتە ئىسلام دىنىغا كۆچتى. بۇ كۈچۈش تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىدا بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولدى. خۇددى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ دىن ئۆزگەرتىشى تىل ۋە ئەدەبىياتقا قانداق تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، بۇ ئۆزگىرىشمۇ ئاشۇ نىسبەتتە تەسىر پەيدا قىلغانىدى. تۈركلەر ئىسلام دىنىگە ناھايىتى ھۆرمەت كۆرسەتتى ۋە بۇ دىننى ئەڭ ياخشى شەكىلدە چۈشىنىش ئۈچۈن ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولسا ‹‹قۇرئان››نىڭ تەرجىمە خىزمىتى ئىدى. مۇقەددەسلىككە ئەھمىيەت بەرگەن تۈرك مىللىتى مۇقەددەس كىتابى ‹‹قۇرئان كەرىم››نى چۈشىنىپ تەدبىقلاش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنىڭ تىلىنى بىلىشكە مەجبۇر ئىدى. لېكىن، ھەر كىمنىڭ ‹‹قۇرئان تىلى›› ئەرەبچىنى ئۈگىنىشى ئىمكانسىز بىر ئەھۋال بولغاچقا، تەرجىمە ئارقىلىق پايدىلىنىش يولى تۇتۇلدى. بۇ تەرجىمىلەر ئومۇمەن قۇر ئاستىغا ئىشلەنگەن بولۇپ، تەڭداش ئىبارىلىرى يېزىلغان. مەلۇم بولغىندەك، ‹‹قۇرئان›› تۇنجى قېتىم پارسچىغا تەرجىمە قىلىندى.[2] رىۋايەتلەردە ‹‹قۇرئان››نىڭ ھەزرىتى پەيغەمبەر دەۋرىدە تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ‹‹قۇرئان››نىڭ پارسچىدىكى تۇنجى تولۇق تەرجىمىسى بولسا سامانىيلار دەۋرىدە(875-999)، ھۆكۈمدار سامانى مەنسۇر ئىبنى نۇھنىڭ(961-976) بۇيرىقى بىلەن بۇخارادا ئىشلەنگەن ۋە تەرجىمىدە تەبەرىنىڭ چوڭ ھەجىملىق تەپسىرى ئاساس قىلىنغان. بۇ تەرجىمە تېكىستى ھېچقانداق بىر قوشۇمچە ئىزاھ يېزىشقا ئۇرۇن قالدۇرۇلماي سۆزمۇ سۆز قىلىنغان بىر تەرجىمە ئىدى.[3]
ئەپسۇس، ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ تۇنجى تۈركچە تەرجىمىسىنىڭ قاچان، كىم تەرىپىدىن، قەيەردە قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بەزى ئالىملار ‹‹قۇرئان››نىڭ تۇنجى تۈركچە تەرجىمىسىنىڭمۇ پارسچە تەرجىمىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىپادىلەر تېخى كەسكىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىنمىدى. ئىسلامىي دەۋرى تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى يازما ئەسىرى قاراخانىيلار دەۋرىدە(1069-يىلى) بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› ناملىق تەڭداشسىز ئەسەردۇر. قاراخانىيلار تۈركچىسى بىلەن بىرلىكتە تۈرك تىلى تارىخىغا نەزەر تاشلىساق، ھازىرغا قەدەر ‹‹قۇرئان››نىڭ 83 قېتىم تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز.[4]
بۇ ماقالىدا مانچېستېر(ئەنگلىيە) رېيلاندس كۇتۇپخانىسى ئەرەبچە قول يازمىلار بۆلۈمىدە ‹‹3821-25›› نومۇرلۇق سان بىلەن تىزىمغا ئېلىنغان ۋە ‹‹رېيلاندس نۇسخىسى›› سۈپىتىدە بىلىنگەن تۈركچە ‹‹قۇرئان›› تەرجىمىسى ۋە ئۇنىڭدىكى دىنىي ئاتالغۇلار ھەققىدە توختىلىمىز.
قاراخانىيلار تۈركچىسى دەۋرىگە ئائىت ئىكەنلىكى تەسەۋۋۇر قىلىنىۋاتقان تۈركچە قۇرئان تەرجىمىسى(‹‹رېيلاندس نۇسخىسى››) ئايسۇ ئاتا تەرىپىدىن ‹‹تۈركچە تۇنجى قۇرئان تەرجىمىسى-قاراخانىيلار تۈركچىسى›› دېگەن نام بىلەن نەشىرگە تەييارلىنىپ، 2004- يىلى تۈرك تىل قۇرۇمى تەرىپىدىن ‹‹854›› دېگەن نومۇر تەرتىۋى بىلەن ئىلىم دۇنياسىغا سۇنۇلدى.
ئايسۇ ئاتانىڭ بۇ تەتقىقاتى كىرىش سۆز، مەتىن، ئىزاھات، ئىندىكىستىن تۆت بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان. ئاپتۇر كىرىش سۆز بۆلۈمىدە ئەسەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردىن، رېيلاندس نۇسخىىسىدىن ۋە قۇرئان تەرجىمىلىرىدىن سۆز ئاچىدۇ. قوللىنىلغان تەرجىمە ئۇسۇلىنىمۇ كۆرسەتكەن ئايسۇ ئاتا بۇ ئەسەرنىڭ تۈرك تىلى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختالغان. بۇنىڭدىن باشقا بۇ بۆلۈمدە شەرق تۈركچىسى[5] بىلەن يېزىلغان قۇرئان تەرجىمىلىرىدىنمۇ سۆز ئېچىلىپ، ئۇ ئەسەرلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار تىلغا ئېلىنىدۇ. تەتقىقات ئېلىپ بارغانلار ئىچىدە قەدىرلىك ئالىم ي. ئېكمانن[6] ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.[7]
مەتىن قىسمىدىكى بايانلار سۈرە، ئايەت، قۇر، ۋاراق ۋە جىلت نۇمۇرلىرىنى كۆرسىتىش شەكلى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان. تەتقىقاتچى بىر مۇنچە يەرگە ئىزاھات ۋە شەرھىيلەرنىمۇ يازغان.
ئەسەرنىڭ ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان تەرىپى بەلكىم ئىندىكىسىدۇر. ئايسۇ ئاتا ئەسەرگە تۈركچە، ئەرەبچە ۋە پارسچىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىندىكىس قوشقان. تۈركچە ئىندىكىستە(195بەت) بارلىق سۆزلەرگە ئورۇن بىرىلگەن بولۇپ، سۆزلەرنىڭ ئالىنتى (باشقا تىلدىن كىرگەن سۆز) ياكى ئەمەسلىكى تىرناق ئىچىدە كۆرسىتىلگەن. سۆزلەرنىڭ مەنىلىرى ئارىسىدىكى پەرقلەر ئايرىم ماددىلارغا ئايرىلغان بولۇپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئەرەبچە ۋە پارسچە تەڭداش ئىبارىلىرىمۇ كۆرسىتىلگەن. سۇبيېكتىپ بىر ئىندىكىس تەييارلىغان ئاپتور بىر خىل يىلتىزدىن ياسالغان پەرقلىق سۆزلەرگە دىققەتنى ئاغدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان. بىر خىل پىئىل يىلتىزىدىن ياسالغان باشقا سۆزلەر ئانا پىئىل ماددىسى ئاستىدا رەتكە تىزىلغان.
ئەرەبچە(803بەت) ۋە پارسچە(891بەت) ئىندىكىسنىڭ ياردىمىدە يات تىلدىكى سۆزلەرنىڭ قانداق تۈركچە سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ يىتىمىز. ئەرەبچە ئىندىكىستە سۆزلەرنىڭ تۈركچە ۋە پارسچە تەڭدىشى، پارسچە ئىندىكىستە بولسا سۆزلەرنىڭ تۈركچە ۋە ئەرەبچە تەڭدىشى بىرىلگەن.
ئاپتور ئىزاھات بۆلۈمىدە ئېتېمولوگىيەسى ھەققىدە ئىختىلاپلىق قاراشلار بار سۆزلەرنىڭ مەنبەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ئۇيغۇر ۋە قاراخانىيلار دەۋرىگە ئائىت باشقا ئەسەرلەر ۋە ھۆججەتلەرنى ئاساس قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان(كەۋدەچى، يۇمۇش، سۆرچەك دېگەنگە ئوخشاش).
ئايسۇ ئاتا تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ ئەسەردە كۆزىمىزگە چېلىقىدىغان نوقتىلاردىن بىرى ‹‹ماق››، ‹‹مەك›› دېگەن پىئىلدىن ئىسىم ياسىغۇچى قۇشۇمچىلار ئارقىلىق نۇرغۇن ئىسىملارنىڭ ياسالغانلىقىدۇر. شۇنىڭدەك تۈركچە ئىندىكىسكە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق سۆزنىڭ ھەم پىئىل يىلتىزى(پىئىل سۈپىتىدە) شەكلىدە چۈشەندۈرۈلگەنلىكىنى ھەم كەينىگە ‹‹ماق››،‹‹مەك›› دېگەن پىئىلدىن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلۇنىشى ئارقىلىق ئىسىم بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز.[8] بۈيۈك تىلچى ئا. جافەرئوغلۇ ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ تەرجىمىسىدىكى تۈركچە ئىبارىلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹دىنىي تېكىستلەرنىڭ ئاسان چۈشىنىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاپتورلىرى كۆپۈنچە ئوخشاش سۆزنىڭ مۇھىت ۋە ئەدەبىيات سەھەسىگە تۇنۇشلۇق بولغان تۈرلۈك شەكىللىرىنى ئېلىشتىن خالى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئىسلامىيەتنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن تۈرك مۇھىتىغا تامامەن يېڭى چۈشەنچىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭى ئوقۇملارمۇ كىرىشكە باشلىدى. تۈركچە بۇ يېڭى ئۇقۇملار ئۈچۈن قىسمەن بولسىمۇ يېڭى لۇغەت ۋە سۆز ئىجاد قىلىشقا مەجبۇر بولدى.››[9] قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدە بۇنداق پايدىلىنىشنىڭ كۆپلىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. لېكىن مەۋجۇت تەپسىردىكى بۇ خىل سۆزلەرنىڭ كۆپلىكى دىققەتنى تارتىدۇ. مۇھەررەم ئەرگىن بۇ قوشۇمچىلارغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا مۇنداق دەيدۇ:‹‹ ئايرىم بىر ئەھۋال كۆرۈلمەي بارلىق پىئىل يىلتىزى ۋە ئىسىملارغا ئۇلىنىدىغان بۇ قوشۇمچە قەدىمدىن بىرى تۈركچىدە پىئىلدىن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغانىدى. رولى پىئىلنىڭ ھەرىكەت ناملىرىنى ياساشتۇر. پىئىلنىڭ يىلتىزى ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان سۆزلەر ھەرىكەتنى ئىپادىلەيدىغان، لېكىن ئۆز ئالدىغا قوللىنىلمايدىغان، پەقەت شەخس، زامان ۋە شەكىل ۋە باشقىلارغا باغلىنىش شەكلى بىلەن قوللىنىلىش ساھەسىگە چىققان تىل بىرلىكىدۇر.››[10] ئابدۇلقادىر ئىنان ‹‹ماقالىلەر ۋە تەتقىقاتلار›› ناملىق كىتابىنىڭ 2- قىسمىدا مۇنداق دەيدۇ:‹‹تۈرك تىلى تارىخىنى ئۈگىنىش ۋە تۈرك تىلىنىڭ مۇكەممەللىشىش ۋە تەرەققىي قىلىشى جەرىيانىنى كۈزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن قەدىمكى قۇرئان تەرجىمىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى زور. بولۇپمۇ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈلگەن يېڭى يۈزلىنىشنى، ئىسلام دىنى بىلەن بىرلىكتە كىرگەن يېڭى ئۇقۇملارنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك كۈلتۈرى دەۋرىنىڭ تىل غەزىنىسىدىن(بۇددىزم، مانىخىزم، شامانىزم ئاتالغۇلىرىدىن) قانداق پايدىلانغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ قۇرئان تەرجىمىلىرى قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىمۇ تىلغا ئېلىش كېرەككى، قۇرئان تەرجىمىسى دېگەندە بىز قۇرئاننىڭ تولۇق قىلىنغان تەرجىمىسىنى كۆزدە تۇتىمىز. قۇرئان تەپسىرلىرىنىڭ تەرجىمىسى تۈرك فىلىلوگىيەسى نوقتىسىدىن باشقا ئەھمىيەتكە ئىگە.››[11]
قاراخانىيلار دەۋرىدىن كۈنىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن تۇنجى تۈركچە قۇرئان تەرجىمىسى بىلەن ئۇچراشتۇق. تالاي ئەسىرلەر ئىلگىرى ئەجداتلىرىمىز قانداق تىل قوللانغان بولغىيتى؟ بۇ تەرجىمە داۋامىدا ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلەرگە قانداق تەڭداش سۆزلەرنى تاپقان؟ بۇ ھەقىقەتەن مۇھىم بىر ئەھۋال. شۇنىڭدەك، بەزى سۆزلەرنىڭ بىۋاسىتە تەڭداش ئىبارىلىرى بولماسلىقى مۇمكىن. ياكى بولمىسا بىۋاسىتە تەڭداش ئىبارىلىرى بولمىغان سۆزلەر ئۈچۈن سۆز ئىجاد قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغانمۇ؟ نىمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۈرك كىشلىرىنىڭ جانلىق زېھنى بارلىق قىيىنچىلىقنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن. بۇ تەرجىمىدىمۇ دىنىي ئاتالغۇلارنىڭ قانداق تۈركچە سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. ئېھتىمال ئەسەردە ‹‹ماق››، ‹‹مەك›› دېگەن پىئىلدىن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ كۆپ قوللىنىلىشى ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلەرگە بىۋاسىتە تەڭداش ئىبارە تېپىش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولسا كېرەك. تەرجىمىدە ئۇچرايدىغان ئىسلامىي ئاتالغۇلار ۋە ئىبارىلەرنىڭ تۈركچە تەڭداش شەكلىنى ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلەن بىرلىكتە مۇنداق رەتكە تىزىشكە بولىدۇ:

ئاچغان                فەتتاھ[12]

ئارتماق                پەزىلەت

ئاداقىن قىل          يەرلىشىش

ئارتاتىر                بۇزۇق، جىنايەت

ئاداقىن تۇر            قايتا تىرىلىش

ئارتۇق قات            تۇغماق، ئۆرلىمەك

ئادىرماق               قۇرئان

ئاتانمىش ئۆد           ئەجەل

ئالقىش                 سالام، دۇئا

ئاتاسىز                 يېتىم

ئارىغ                   سۇبھان[13]

باغىرساق              رائۇف[14]

ئارىغ ئاي               تەسبىھ

بارلاما                 ئىنكار قىلىش

ئارىغ                  قۇددۇس[15]

باش كۆتۈرگەن       ئالى

ئارىغ تەڭرى          سۇبھان

بەكىشتۈرمەك        ئىبرەت

ئارىغلىق             سۇبھان

بەلگۈ                 ئايەت

ئارىن                 تەرەت ئېلىش

بەلگۈلۈگ نىشان     مۆجىزە

ئارىت                 پاكلىق، پاكلاش

ئارقا سۇۋى            پاكىز سۇ، مەنى

بەرىگ بىچىگ         قەسەم

بەلگۈسۈز              غايىپ

بەش ناماز             سالات

بەرك                  ئامان، تىنچ

بىلگەن               خەبىر[16]

بىلگىل               ئاگاھ بولۇش

بىلمەزلىك            جاھالىيەت

بىلمەز                نادان، ساۋاتسىز

بىلىگسىز             بىلىمسىز

بىلىگلىگ            ئالىم، ئۆلۈما

بىناماز بول            ھەيز، ئاي بېشى

بىلىگسىزلىك         بىلىمسىزلىق

بىر ئۆك               ۋاھىت[17]

بىر ئىدى              ئەھەد[18]

بىر تەڭرى             ئاللاھ

بىت                   ئىبادەت

بىتگەن كۇنچۇگ       مۆمىن ئايال

بىتگەن                مۆمىن

بىتمەك                ئىمان

بىتىگلى               مۆمىن

بودۇن                  ئۈممەت

بىتىگ                 قۇرئان

بورگۇ                   تەلەي

بوغۇزلاغۇ              قۇربانلىق

بويۇن بەرگلى         مۇسۇلمان

بويناغۇ                تەكەببۇر

بۇرخان                بۇت

بۇلغاق                ئىغۋا

بۈتۈگلى               مۆمىن

بۈتۈن ئىشلىگ        ھاكىم[19]

جەزا كۈنى             يەۋمۈددىن

بۈتۈن سۆز            ھىكمەت

ئەركلىگ بولمىش     دوست(ئاللاھ)

چىن                  ھەقىقەت

ئەشىتگەن             سەمى[20]

ئەسەنلىك            خەيرلىك

ئەۋ بودنى              ئەھلى بېيت

ئەتۆز                   نەپس

گۇردىن قۇپغۇ          تىرىلىپ قوپۇش

ئەۋۈرمەك               جەزا

ئىدى                   ئاللاھ

ئىدىلمىش             ئەلچى

ئىگىتگەن              ئاللاھ

ئىدى تۇتا ئاند         ئاللاھ ئۈچۈن

ئىرىنچ                 نىمەت

ئىلە يۈزلۈگ            مۇناپىق

قاتىقسىز               ئىخلاس ئىگىسى

ئىسا ئەسلەرى          ھەۋارىلەر

كەچۈرگەن              كەچۈرۈش

قاتىقسىز قىلىغلى     گۇناھتىن ساقىت بولۇش

كەن ئىشلىگ           ۋەسى[21]

كەد رەھىم              رەھىم[22]

كەزىگلى                ۋەسۋەسە،غەم

كەسىلمىش             پەرز

قىشماق                 ئازغۇنلۇق

قىن                     ئازاپ

كىدىنكى كۈن           ئاخىرەت

كىدىنكى                ئاخىرەت

قىرتگۈنمىش            مۆمىن

قىرتگۈنمەك             ئىمان

قوپ                     ئۆرە تۇرماق

قىرتگۈنگەن             ئىمان ئېيتقان

قوپارىل                  تىرىلدۈرۈلمەك

قوپماق                  ئاخىرەت

كۆندۈرگەن               ھادى[23]

كۆنۈگلۈ                  ھىدايەت تاپقان

كۆنى يول                ھىدايەت

كۆنى ئىشلىگ           ھاكىم[24]

كۆرۈكسۈز يازۇق          ھاياسىزلىق

كۆنۈل ئۇرغان            مۈتەۋۋەككۈل

كۈچ قىلداچى            زالىم

كۆيۈرگەن ئوت            دوزاق ئوتى

كۈدەزگەن                 ھاپىز[25]

كۈچلۈگ ئوغان           قادىر[26]

ساقنۇق                  تەقۋادار

مۇنسۇز                   غەنىي[27]

ئوقىغۇ                    قۇرئان كەرىم

ئوغراماق                 نىيەت

ئورتاق قات               يورىتماق

ئوقىماق                  دۇئا

ئۆرتگەن                   غەفۇر[28]

ئۆگدۈلمىش               مەدھىيىلىگەن

ساقىش كۈنى             قىيامەت

رۇزى بەرگەن              رەھمان[29]

ساۋچى                    پەيغەمبەر

ساقىش قىلغۇچى         ھاسىب[30]

سەرگەن                   سەۋرلىك

سەچ                      ۋەھى قىلماق

سەۋۈنچى                  خوش خەۋەر

سەرمەك                   سەۋر،تاقەت

سون ساراي                ئاخىرەت

سەزىنچ                    گۇمان، ئوي

شۈكر ئۆتە                 شۈكۈر قىلماق

سويۇرقاماق                رەھمەت

تانىغلى                   كاپىر

تامۇغ                     جەھەننەم

تەڭرى                     ئاللاھ

تانماقلىق                 كاپىر

تەڭرىكا يان               تۆۋبە قىلماق

تەڭرى تۇتا                خۇدا ھەققى

تەڭرىن بىلگەن            دىندار

تەڭرىكا يانغان             ئۆزىنى ئاللاھغا ئاتىغان

تاپۇغ                       ئىبادەت

تاپماققا                     ئاللاھ

تەنلەمەك                   تەقدىر

تاپۇنغۇ                      ئاللاھ

تۆرۈت                       ياراتماق

توقۇش                     جىھاد قىلماق

تۆرۈتتەچى                  ياراتقۇچى

تۆرۈتۈپلى                   ياراتقان

تۈزۈن                       ھەلىم[31]

تۆرۈتگە                     ياراتقان

ئۇقغان                     خەبىر[32]

ئۇغان                       قادىر[33]

ئۇلۇغ كۈن                  قىيامەت

ئۇلۇغ                       كەبىر[34]

ئۇلۇغ يازۇق                چوڭ گۇناھ

ئۇلۇغ باخشىشلىغ          رەھمان[35]

ئۈكۈش ئۆرتكەن             غاپپار[36]

ئۈكۈش بەرگەن              ۋەھھاب[37]

ئىسرافىل ئۈنى             قورقۇنچلىق ئاۋاز

ئۈلۈگ                       قىسمەت

ياقىن تىرىگلىك            دۇنيا ھاياتى

يادقىل                      زىكرى قىلماق

يالغان سۆز                  تۆھمەت

يالاۋاچ                       پەيغەمبەر

يانلۇق                       ئىنسان

يانماق                       توۋا قىلىش

ياراغلىغ                     ھەق، ھەقىقەت

يانۇت                        مۇكاپات

يارالغان                      بارىي[38]

ياراغسىز                     باتىل، قۇرۇق

يارلىغ ئىدماغ               ۋەھىي، خەۋەر

يارلىغ ئىد                   ۋەھىي چۈشۈرۈش

يارلىقاغلى                   رەھىم[39]

يارلىقا                       كەچۈرۈش

يارۇق يول                   شەرىئەت

يارۇقلۇق                     نۇر

يازۇق                         گۇناھ

ياتغۇ يەر                      مازار، قەبرە

يەك                          شەيتان

يازۇق كۆك                    گۇناھتىن خالاس بولۇش

يىنچكە كۆرۈگلى              لەتىف[40]

يەتى قات كۆك                 ئاسمان

يۇلۇغ                          فىدىيە

يوق سۆز                       بۆھتان

يۈكسەك                        ئالىي[41]

يۈك                            گۇناھ، گۇناھ يۈكى

يۈكنۈگلى                      سەجدە   قىلغۇچى

يۈكۈن                          سەجدە قىلماق

يۇن                            تەرەت ئېلىش

2. نەتىجە

1. قۇرئان تەرجىمىسى تۈرك تىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم تارىخىي ۋەسىقىلىرىدىن بىرى. بولۇپمۇ قاراخانىيلار دەۋرىدە قىلىنغان تەرجىمىنىڭ تىل تارىخىمىزدا ئۆزىگە خاس ئەھمىيەتلىك بىر ئورنى بار. مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ دەۋر تۈركلەرنىڭ توپ ھالەتتە ئىسلام دىنىگە كىرگەن دەۋرى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ.
2. قۇرئان تەرجىمىسىنىڭ سۆزلۈك غەزىنىسى بىر مۇنچە تەتقىقاتچى تەرىپىدىن يورىتىلدى. قاراخانىيلار دەۋرىدىن قالغانلىقى مەلۇم بولغان قۇرئان تەرجىمىسى(‹‹رىيلاندس نۇسخىسى››)نىڭ سۆزلۈكى مەشھۇر تۈركولوگ ي. ئېكمان تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.[42] ئەينى شەكىلدە ‹‹ئاپتورى نامەلۇم تەپسىر›› سۈپىتىدە تۇنۇلغان ئاسىيا خەلقلىرى ئىنىستىتۇتىدىكى(پېتىر بورگدا) قۇرئان تەرجىمىسىنىڭ سۆزلۈكىمۇ باشقا بىر ئالىم تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان.[43]
3. تەرجىمىدە ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىۋاسىتە تەڭداش ئىبارىلىرى قوللىنىلغان. شۇڭا، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى سۆز يارىتىش ئۇسۇللىرى قانداق شەكىلدە ۋە قانداق قوشۇمچىلار بىلەن ياسالغان دېگەن سۇئالغا قۇرئان تەرجىمىسىنىڭ ياردىمىدە جاۋاپ بەرگىلى بولىدۇ.
4. تۈرك مىللىتىنىڭ پاراسىتى ۋە يېڭى سۆز يارىتىش خۇسۇسىدىكى قابىلىيىتى يەنە قۇرئان تەرجىمىسى ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتى. مەسىلەن، ‹‹شەرىئەت›› سۆزى ئۈچۈن ‹‹يارۇق يول›› دېگەن ئاتالغۇنى قوللانغان.
5. قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى مۇۋاپىق ۋە سۆزمۇ سۆز تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇنى تىلىمىزنىڭ سۆزلۈك غەزىنىسىگە قوشۇلغان بىر تۆھپە دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر تەرجىمە زۆرۈر بولمىغان بولسا ئىدى، بۇ سۆزلەر يارىتىلمىغان بولاتتى. بۇ جەھەتتە قۇرئان تەرجىمىسى تىلىمىزنىڭ كۈچىنى ئاشۇردى.
6. تۈركلەرنىڭ يېڭى بىر دىن بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنى چۈشىنىشىدە ئەڭ زور رول ئوينىغىنى شۆبھىسىزكى قۇرئان تەرجىمىسى بولدى.

3. خۇلاسە

‹‹تۈركچە تۇنجى قۇرئان تەرجىمىسى-قاراخانىيلار تۈركچىسى›› دېگەن كىتاپنىڭ سانلىق ئايرىمىسى مۇنداق:
پىئىل 574 [44]
ئىسىم 1425
جەمئىي سۆزلۈك سانى 1999
تۈركلۈكنىڭ ۋە تۈرك تىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى شۆبھىسىزكى قۇرئان تەرجىمىسىدۇر. قاراخانىيلار تۈركچىسى دەۋرىگە ئائىت بۇ ئەسەرنى قىسقىچە بولسىمۇ تۇنۇتۇش بۈيۈك بىر شەرەپتۇر. كىتاپتىكى دىنىي ئاتالغۇ ۋە ئىبارىلەرنىڭ تۈركچە تەڭدىشىنىڭ زور كۆپچىلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىش تۈرك تىلىنى پەرقلىق بىر نوقتىدىن كۈزىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بىر سۆزنىڭ تەڭداش ئىبارىسىنى بىرىش ئۇنى ئېنىق بىر شەكىلدە مەنالاندۇردىغان ئەڭ قىسقا سۆزنى ياكى سۆزلەر توپىنى تېپىشتۇر. ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەرەبچە ۋە پارسچە دىنىي ئاتالغۇلار ھەققىدە تاپقان تەڭداش ئىبارىلىرى ئاشۇ ئىنسانلارغا، يەنى ئەجداتلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە سۆيگۈنى كۈچەيتىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرمۇ كەڭ دائىرىدە قوللىنىلماقتا(ياراتان-ياراتقۇچى، يۈك دېگەنگە ئوخشاش).بۈيۈك تىلچى مەھمۇد كاشىغەرىيمۇ ئاشۇ تەڭداشسىز ئەسىرىنى يازغاندا دىنىي ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىگە بولغان ھەيرانلىقىنى ۋە ئەجدات سۆيگۈسىنى ئېنىق ئىپادە قىلغان.[45]

4. تەكلىپ

1- تىلىمىزنىڭ بايلىقى ۋە گۈزەللىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان قۇرئان تەرجىمىسىگە يىتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
2- قۇرئان تەرجىمىسىدىكى سۆزلەر توپلانغان بىر سۆزلۈك تۈزۈش كېرەك.
3- باشقا مىللەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قۇرئان تەرجىمىسى ھەققىدىكى تەتقىقات ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش كېرەك.
4- قۇرئان تەرجىمىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئۈچۈن بىر بىبلىئوگرافىك ئەسەر تۈزۈش كېرەك.
5-قۇئان تەرجىسىمىدىكى سۆز يارىتىش ئۇسۇللىرى ۋە سۆز يارىتىش جەرىيانىدا قوللىنىلغان قوشۇمچىلار ئايرىم بىر تەتقىقات تېمىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنىشى كېرەك.

تۈركچە ‹‹سوتسىيال بىلىملەر تەتقىقاتى ژورنىلى››نىڭ 2006-يىللىق 1- سانىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

[1] سائادەتتىن گۆمەچ :‹‹كۆكتۈرك تارىخى››، 2- بەت.
[2] ئايسۇ ئاتا :‹‹تۈركچە تۇنجى ‹قۇرئان› تەرجىمىسى – قاراخانىيلار تۈركچىسى››.9-بەت، 2004- يىلى، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى،
[3] ئايسۇ ئاتا، يۇقىرىقى ئەسەر،9-بەت.
[4] ئايسۇ ئاتا، يۇقىرىقى ئەسەر، 10- بەت.
[5] قۇرئان تەرجىمىسىنىڭ مەلۇم بولغان تۆت نۇسخىسى بار. بۇنىڭ بىرى بىز تەتقىق قىلغان رېيلاندس نۇسخىسى. ئىستانبۇلدىكى تۈرك-ئىسلام ئەسەرلىرى موزىيىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىدىن باشقا ئۆزبەكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن پېتېربورگ پەنلەر ئاكادېمىيسى ئاسىيا خەلقلىرى ئىنىستىتۇتىدا ئىككى نۇسخىسى بار. ئاپتور تىلغا`ئالغان نۇسخىلار پېتېربورگ بىلەن ئۆزبەكىستاندا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىلاردۇر.
[6] بۇ نۇسخىنىڭ سۆزلۈكىنى تەييارلىغان.
[7] ئەھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن:‹‹باشلانغۇچتىن 20- ئەسىرگە قەدەر تۈرك تىلى تارىخى››، 338- بەت، 2004-يىلى، ئاقچاغ نەشرىياتى.
[8] بۇ قوشۇمچىنىڭ تەرجىمىدە كۆپ قوللىنىلىشى تەبىئىي ئەھۋال. چۈنكى قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل تەبىقىسى تەرىپىدىن ئوقۇلاتتى. شۇ سەۋەپلىك تەرجىمىدە سۆزلەرنىڭ تۈركچە بولۇشى ياكى تۈركچىنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلىشى زۆرۈر ئىدى. مەسىلىگە بۇ نوقتىدىن قارىغاندا تىلىمىزدىكى بەزى قوشۇمچىلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي رولىنى تاپىدۇ.
[9] ئا.جافەرئوغلۇ :‹‹تۈرك تىلى تارىخى Ⅰ-Ⅱ‹‹، 91- بەت، 2000-يىلى، ئىستانبۇل، ئەندۇرۇن نەشرىياتى.
[10] م. ئەرگىن: ‹‹تۈرك تىلى گرامماتىكىسى››،185-بەت، 2000-يىلى، ئىستانبۇل، بايراق نەشرىياتى.
[11] ئابدۇلقادىر ئىنان: ‹‹ماقالىلار ۋە تەتقىقاتلار››،2-توم، 141-بەت، 1991-يىلى، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
[12] ئاللاھنىڭ سۈپىتى. ‹‹بويسۇندۇرغۇچى››، ‹‹مۈشكۈل ئىشلارنى ئاسان قىلغۇچى›› دېگەن مەنىدە. – ئۇ.
[13] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹ماختاش››، ‹‹مەدھىيىلەش›› دېگەن مەنىدە. –ئۇ.
[14] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹مەرھەمەتلىك››، ‹‹قوغدىغۇچى››، ‹‹قانات ئاستىغا ئالغۇچى›› دېگەن مەنىدە.- ئۇ.
[15] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹پاك››، ‹‹ساپ›› دېگەن مەنىدە.- ئۇ.
[16] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹خەۋەر بەرگۈچى››، ‹‹خەۋەر قىلغۇچى›› دېگەن مەنىدە . –ئۇ.
[17] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹بىر››، ‹‹يالغۇز››، ‹‹شىرىكى يوق›› دېگەن مەنىدە. – ئۇ.
[18] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹بىر ››، ‹‹يالغۇز›› دېگەن مەنىدە. – ئۇ.
[19] ئاللانىڭ سۈپىتى، ‹‹ھۆكۈما››، ‹‹ئالدىن بىلگۈچى›› دېگەن مەنىدە. – ئۇ.
[20] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹ئاڭلىغۇچى››، ‹‹ئىشىتكۈچى›› دېگەن مەنىدە.- ئۇ.
[21] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹كاتتا››، ‹‹ئۇلۇغ›› دېگن مەنىدە. – ئۇ.
[22] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹مەرھەمەتلىك››،‹‹شەپقەتلىك››، ‹‹ئىچ ئاغرۇتقۇچى›› دېگەن مەنىدە. – ئۇ.
[23] ئاللاھنىڭ سۈپىتى،‹‹توغرا يول كۆرسەتكۈچى››، ‹‹يىتەكچى››، ‹‹رەھبەر›› دېگەن مەنىدە. – ئۇ.
[24] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹ھۆكۈما››، ‹‹ئالدىن بىلگۈچى›› دېگەن مەنىدە.-ئۇ.
[25] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹مۇھاپىزەت قىلغۇچى››، ‹‹قوغدىغۇچى›› دېگەن مەنىدە.-ئۇ.
[26] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹قۇدرەتلىك››، ‹‹ھەر قانداق نەرسىگە كۈچى يىتىدىغان›› دېگەن مەنىدە.-ئۇ.
[27] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹مۇھتاج ئەمەس››، ‹‹غەمدىن خالاس››، ‹‹باي››، ‹‹دۆلەتمەن›› دېگەن مەنىدە، ئۇ.
[28] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹كەچۈرگۈچى››، ‹‹مەغپىرەت قىلغۇچى›› دېگەن مەنىلەردە.- ئۇ.
[29] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹رەھىم –شەپقەت قىلغۇچى›› دېگەن مەنىدە. – ئۇ.
[30] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹ يارىتىلغان پۈتۈن جانلىقلاردىن ھېساپ ئالغۇچى›› دېگەن مەنىدە.- ئۇ.
[31] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹مۇلايىم››، ‹‹يۇمشاق›› دېگەن مەنىدە. – ئۇ.
[32] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹16››› ئىزاھات بىلەن ئوخشاش. –ئۇ.
[33] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹26›› ئىزاھات بىلەن ئوخشاش.-ئۇ.
[34] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹ئۇلۇغ››، ‹‹بۈيۈك››، ‹‹كاتتا››، ‹‹زور›› دېگەن مەنىدە.-ئۇ.
[35] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹29›› ئىزاھات بىلەن ئوخشاش. – ئۇ.
[36] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹كەچۈرگۈچى››، ‹‹شەپقەت قىلغۇچى›› دېگەن مەنىدە. – ئۇ.
[37] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹ساخاۋەتلىك››، ‹‹ئالىي ھىممەتلىك››، ‹‹كۆپ ھەدىيە بەرگۈچى››، ‹‹سېخى›› دېگەن مەنىدە. -ئۇ.
[38] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹ياراتقۇچى››، ‹‹ئاپىرىدە قىلغۇچى›› دېگەن مەنىدە. – ئۇ.
[39] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹22›› ئىزاھات بىلەن ئوخشاش. — ئۇ
[40] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹نازۇك››، ‹‹مۇلايىم››، ‹‹گۈزەل››، ‹‹كىلىشكەن››، نەپىس››، ‹‹يېقىملىق››، ‹‹پاكىز››، ‹‹پاك-غۇبارسىز›› دېگەن مەنىدە. –ئۇ.
[41] ئاللاھنىڭ سۈپىتى، ‹‹يۈكسەك››، ‹‹يۇقىرى››، ‹‹ئىگىز››، ‹‹ياخشى›› دېگەن مەنىدە.-ئۇ.
[42] قۇر ئارلىقىغا قىلىنغان تۈركچە –پارسچە قۇرئان تەرجىمىسىنىڭ سۆزلۈكى(‹‹رىيلاندىس نۇسخىسى››)
[43] ئا.ك. بوروۋكوف :‹‹12- 13- ئەسىرلەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەپسىنىڭ سۆزلۈكى››، 1963- يىلى، موسكۋا. بۇ ئەسەر تۈركچە تەرجىمە قىلىنىپ يېڭىدىن نەشىر قىلىندى. خەلىل ئىبراھىم ئۇستا، ئەبۇلفەز ئامانئوغلۇ تەرىپىدىن رۇسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئەسەر ‹‹ئا.ك. بوروۋكوف – ئوتتۇرا ئاسىيادا تېپىلغان قۇرئان تەپسىرىنىڭ سۆز بايلىقى ›› دېگەن نامدا نەشىر قىلىندى. تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى، 2002- يىلى، ئەنقەرە.
[44] سانلار ماددا بېشى سۆزلۈكلەرنى ئاساس قىلىپ ئايرىلدى.
[45] مەھمۇد كاشغەرى مەشھۇر ئەسىرىدە ‹‹قىرغاق››ماددىسنى چۈشەندۈرگەندە بۇ ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹تەڭرىنىڭ بەندىنى قارغىشى بىلەن بەندىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى قارغىشى، ئۇلارغا غەزەپلىنىشىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ‹ق › ھەرپى ئالدىنقى مەنىدە فەتھىلىك، كېيىنكى مەنىدە كەسرىلىك قىلىنىدۇ. بەسىم ئاتالاي :‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك تەرجىمىسى››، 2-توم، 288-بەت، 1985-يىلى، ئەنقەر، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى.