تۇرپان خەلق ئۇسسۇلى «نازىركوم» نىڭ كېلىپ چىقىشى

تۇرپان خەلق ئۇسسۇلى «نازىركوم» نىڭ كېلىپ چىقىشى ، ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ

ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ

«نازىركوم»نى «نازىر» ۋە «كوم»دىن ئىبارەت ئىككى سۆزنىڭ بېرىكىشىدىن تۇزۇلگەن ئاتالغۇ دەپ تەبىر بەرگىنىمىزدە، بۇ ئۇسسۇلنىڭ زادى قايسى دەۋىردە پەيدا بولغانلىقىنى ۋە نېمە سەۋەپتىن شۇنداق ئاتالغانلىقىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ توغرا چۇشەندۇرۇپ بەرگىلى بولمايدۇ.

بىز نازىركوم ئۇسسۇلىنى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائى ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئادەتلىرىنى ئۇسسۇل شەكلىدە ئەڭ ياخشى ئىپادىلىگەن، دەيمىزيۇ، ئۇنىڭ نامى پارىزچە «نازىر» بىلەن «كوم»نىڭ بېرىكىشىدىن كەلگەن دەپ بىر – بىرىگە زىت پىكىرنى ئوتتۇرغا قويىدىكەنمىز. ئەگەر بۇ ئۇسسۇلنىڭ نامى پارىسچىدىن كەلگەن بولسا، شەكسىزكى، بۇ ئۇسسۇلنىڭ تارىخى پارىس تىلى ۋە ئەدىبىياتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنى تۇرمىشىغا قاتتىق تەسىر قىلغان 16–،17– ئەسىرلەرگە تاقىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق تارىخى شارائىتتا نازىركومدەك «ئىپتىدائى ئوۋچىلىق تۇرمۇش ئادەتلىرى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن» قەدىمقى ئۇسسۇلنىڭ خەلق ئارىسىدا پەيدا بولۇپ قېلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداقتا، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇ ئۇسسۇل نىمە سەۋەپتىن «نازىركوم» دەپ ئاتىلىپ قالغان؟

تۇرپاندىكى پېشقەدەملەرنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى تارىخى ماتېرىياللار بىلەن بىرلەشتۇرگىنىمىزدە، «نازىركوم» دېگەن بۇ نام «تۇركى تىللار دىۋانى»دا «لەكچىن» دەپ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان، شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ۋە تۇرپان ۋاڭلىرىنىڭ ئاستانىسى بولغان، 1933– يىلىنىڭ شىسەي خوجانىياز ھاجى بىلەن بولغان ئۇرۇشتىن كېيىن كۆيدۇرۇپ ۋەيران قىلىۋەتكەن لۇكچۇن شەھىرىدە (ھازىرقى پىچان ناھىيەسىنىڭ لۇكچۇن بازىرى)، تۇنجى ئەۋلات تۇرپان ۋاڭى ئىمىن غوجا ( 1696–1778) دەۋرىدە پەيدا بولغان ۋە ئەتراپقا كېڭەيگەن.

نازىركوم ئۇسسۇلىغا يۇشۇرۇنغان ھېكايە مۇنداق:

ئاتا – بوۋىسىدىن تارتىپ تۇرپان ئويمانلىقىدا ئىشقىيەچىلەرگە مايىل « جەۋھىرىسۇلۇك» تەرغىباتى بىلەن شوغۇللۇنۇپ ئەتراپىغا نۇرغۇن مۇرۇت توپلىۋالغان ئىمىن سوپى (ئىمىن ۋاڭ) 1720– يىللىرى ئەتراپىدا ئاستانە، قارغوجىدىن تارتىپ پىچاننىڭ چىقتىمغۇچە بولغان يەرلىرىگە ھۆكۇمنى جارى قىلىپ كېلىۋاتقان لۇكچۇن خانى ئەخمەت باقى بەگنى ئۆلتۇرۇپ، ئۇنۇڭ ئورنىغا بەگ بولغان. بۇ چاغ دەل جەنوبى شىنجاڭ رايونى جۇڭغار خانلىقىغا تۇلۇق قارام بولغان، قورچاق ھاكىمىيەت ئىشقىيەچىلەرنىڭ قولىدىن ئېسھاقىيەچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن، قۇمۇل رايونى چىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان؛ تۇرپان رايونى بولسا كىچىك – كىچىك بولۇنمە ھاكىمىيەتلەرگە بۆلۇنۇپ كەتكەن، چىڭ سۇلالىسى بىلەن جۇڭغار خانلىقى تالىشىدىغان، ئۇرۇش ئۇزۇلمەيدىغان رايونغا ئايلىنىپ قالغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل ئىدى. مانا مۇشۇنداق كەسكىن ۋەزىيەتتە، تۇرپاندىكى بۆلۇنمە ھاكىمىيەتلەر ئارىسىدىمۇ جۇڭغار خانلىقىنى ھېمايە قىلىش ياكى چىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىشتەك ئىككى خىل تاللاش يولى بار ئىدى. بۇ چاغدا ئىمىن غوجا جۇڭغارلارغا قارشى تۇرۇپ، چىڭ سۇلالىسى لەشكەرلىرى 1720– يىلى يازدا قۇمۇلدىن ئۆتۇپ تۇرپانغا كېلىپ جۇڭغارلارنى قارا شەھەرگىچە سۇرۇپ بارغان، ئۇزاق ئۆتمەي بارىكۆلگە قايتىپ كەتكەن. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان جۇڭغارلار ناھايىتى زور ئاتلىق قوشۇن باشلاپ كېلىپ، لۇكچۇن شەھىرىنى قورشىۋالغان. ئىمىن خوجا پۇقرالىرىنى تەشكىللەپ دۇشمەنگە قارشى تۇرغان.

40 كۇنلۇك قامال جەريانىدا، ئاچلىق ئادەم كۇچى يېتىشمەسلىكتەك ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۇشمەننى چېكىندۇرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي چىڭ سۇلالىسى لەشكەرلىرى پىچان تەۋەسىگە يەنە كەلگەن. ئىمىن خوجا پۇقرالىرىنى باشلاپ چىڭ سۇلالىسى لەشكەرلىرىنى قىزغىن قارشى ئالغان ۋە چىڭ سۇلالىسىگە تەۋەلىك بىلدۇرگەن. جۇڭغار خانلىقىغا بۇرۇندىن ئىتائىتى كۇچلۇك بولغان ئەزىز خوجا جۇڭغار ئاتلىقلىرى بىلەن بىرگە ئۆزىگە تەۋە ئاھالىنى باشلاپ دەسلەپتە قاراشەھەرگە، ئاندىن ئۇچقا كۆچكەن. شۇنىڭ بىلەن «ئۇچ» دېگەن نامغا «تۇرپان» ئاتالغۇسى قوشۇلۇپ «ئۇچتۇرپان» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.

مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ تارىخى شارائىتتا، تارىخ سەھنىسىگە چىققان ئىمىن خوجا ناھايىتى ئەقىللىق، زېرەك سۆزمەن، بېلىملىك ھەم تەدبىرلىك كىشى بولغان. ئۇ قانداق قىلىپ پۇقرانىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى، قانداق قىلىپ خانغا يېقىشنى، قانداق قىلىپ ئۆز مەقسىدىنى ۋاستە تاللاپ ئولتۇرماي ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ياخشى بىلەتتى.

ئەنە شۇ چاغلاردا تۇرپان رايونىغا كەڭ تارقالغان « گوممۇڭ گوم» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كۇي بولۇپ، ئۇنۇڭغا شوخ ئۇسسۇل تەڭكەش قىلىنغان. ئەجداتلىرىمىزنىڭ تا ئوۋچىلىڭ دەۋرىدىن تارتىپ ئولتۇراق ھاياتقا ئۆتكىچە بولغان ئۇزاق تەسىرلىك تۇرمۇش ئۆرۇپ – ئادەتلىرى بۇ كۇيگە ئۇسسۇل شەكلىدە سېڭىپ كەتكەن. بۇ شوخ كۇيگە ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغانلار ساناقلىقلا بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇسسۇلغا ھەممە كىشى قاتتىق قىزىققان، ھەۋەس قىلغان. بۇ كۇيگە قاملاشتۇرۇپ ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغانلارنىڭمۇ ئەل ئارىسىدا ئابرويى يۇقۇرى بولغان. بۇ ئۇسسۇلنى ئوردا قىزىقچىسى ھەم ئۇسسۇلچىسى ناسىر ئىسىملىك ئوتتۇر بوي، چىرايىدىن شوخلۇق توكۇلۇپ تۇرۇدىغان كىشى ھەممىدىن ياخشى ئويناپ ئەلگە تونۇلغان. ئۇ« گوممۇڭ گۇم» غا ئۇسسۇلغا چۇشكەندە مەيداندا شۇ ھامان ئالقىش ياڭرىغان، ھۇششەرە – بارىكاللا پەلەككە يەتكەن، تۇماقلار ئاسمانغا ئېتىلغان، بۇ كىشىنىڭ نامىنى يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممىسى بىلگەن.

چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى شۇ چاغدا تۇرپاندا بىر مەزگىل تۇرۇپ قاغان. دەل مانا مۇشۇ چاغدا ئىمىن خۇجا چوڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەد خوجىنىڭ خەتنە تويىنى قىلىپ، يۇرت ئەھلىگە داستىخان سالغان. ئىمىن خوجىنىڭ بۇ ئوغلى كىچىك چېغىدا پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، كېيىن ساقايغان بولسىمۇ، ئالچاڭلاپ ئاران – ئاران ماڭالايدىغان بولغان. ئىمىن خوجا تۇنجى پەرزەنتى بولغاچقىمىكىن، ئۇ ئوغلىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئوغلىنىڭ مېيىپلىغىنى تىلغا ئېلىشقا ۋە مەسخىرە قىلىشقا يول قويمايدىكەن.

نۇرمۇھەممەد خوجىنىڭ خەتنە تويى چوڭ ئۆتكۇزۇلگەنلىكى، يۇرتتا ئۇزاقتىن بۇيان ئۇرۇ – تالاش بولۇپ، بۇنداق بىرەر كۆڭۇل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۇزۇلۇپ باقمىغانلىقى تۇپەيلىدىن قالتىس قىزىپ كەتكەن. ئۇسسۇلچىلار بىر – بىرىدىن قېلىشماي ئۇسسۇل ئويناشقان. بىر چاغدا سۇنايچى پەدىنى «گۇممۇڭ گۇم»غا يۆتكىگەن ھامان، ناغرىچىلارمۇ ناھايىتى چاققانلىق بىلەن رېتىمى تېز بۇ پەدىگە چېلىشقا باشلىغان. مەيداندا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلاردىن « گۇممۇڭ گۇمغا» ئوينىيالايدىغانلىرى ئويناپ، ئوينىيالمايدىغانلىرى مەيداندىن چۇشۇپ كەتكەن. بۇ چاغدا تاماشا كۆرىۋاتقەن خالايىق ئىچىدىن بىرى: « ھە ! ناسىر! ئوينا! قاينا!» دەپ ۋاقىرىشى بىلەن تەڭ، ناسىر ئۇسسۇلچى مەيدانغا چۇشۇپ ناھايىتى قىزىقارلىق ھەركەتلىرى بىلەن ئۇسسۇل ئويناشقا باشلىغان. ئۇنىڭ لىكىلداپ ئېتىلۋاتقان قېشى، كۆز ھەركەتلىرى، چاققانلىق ۋە ئەپچىللىك بىلەن يۆتكىلىپ ھەركەت قىلىۋاتقان پۇت ۋە قوللىرى تاماشا كۆرىۋاتقانلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان.

ئەسلىدە ناسىر ئوردىدا ئىمىن خوجىنىڭ ھەر خىل قىلمىشلىرىنى كۆپ كۆرگەن. ئۇنىڭ ئۇستىگە بىرنەچچە كۇن ئىلگىرىلا ئىمىن خوجا يوقىلاڭ ئىشلار تۇپەيلى ئۇنىڭغا قاتتىق دەشنەم بەرگەن. ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ناسىرنىڭ يادىغا مانا مۇشۇ ئىشلار كېلىشى بىلەن تەڭ، ئاچچىقى تۇتقان. دېيەلمىگەن، دېمەكچى بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئويناۋاتقان ئۇسسۇلغا سىڭدۇرۇپ، ئىمىن خوجىنىڭ قىلمىشلىرىنى خەلقىئالەمگە پۇر قىلماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ « گۇممۇڭ گۇم .» غا يېڭىچە شەكىللەرنى كىرگۇزۇپ ئويناشقا باشلىغان. ئۇ ئۇسسۇلىدا خۇددى پالەچ نۇرمۇھەممەد خوجىغا ئوخشاش گاھىدا ئالچاڭلاپ، گاھىدا مايماقلاپ ماڭسا، گاھىدا ئاغزىنى كالچايتىپ، كېكەچلىگەنلىرىنى ناھايىتى مۇبالىغىلەشتۇرۇپ دوراپ ئويناشقا باشلىغان. تاماشا كۆرىۋاتقانلار ئۇنۇڭ بۇ ھەركەتلىرىگە ئۇچەيلىرى ئۇزۇلگىچە كۇلۇشكەن، بارىكاللا سادالىرى پەلەككە يەتكەن، بۆكلەر ئاسمانغا ئېتىلغان. « ئوينا ناسىرگۇم!» « قاينا ناسىرگۇم!» دېگەن ۋارقىراشلار ئەۋجىگە چىققان. ئۇيۇن كۆرىۋاتقان ئىمىن خوجا ناسىر ئۇسسۇلچىنىڭ ھەرخىل ھەجۋى ئۇسسۇل ھەركەتلىرى ئۆزىنى ۋە ئوغلىنى ھاقارەتلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولغان، ئەمما توينى قىزىتىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ناسىرنى مەيداندىن چۇشۇرىۋېتىشكە ئامالسىز قالغان. ناسىر تاكى توي ئاخىرلاشقۇچە ئىمىن خوجىنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى، ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى پۇخادىن چىققۇچە مەسخىرە قىلغان.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن « گۇممۇڭ گۇم » دىگەن پەدىنىڭ خەلق تىلىدىكى ئاتىلىشى ئۆزگىرىشكە باشلىغان ھەمدە « گۇممۇڭ گۇم .» دەپ ئەمەس، « ناسىرگۇم» ( ناسىرچە گۇممۇڭ گۇم ئۇسسۇلى دىگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان. ناغرىچى، سۇنايچىلار مۇراسىم، بەزمە- مەشرەپلەردە « قايسىغا چالىمىز؟» دەپ سوراپ قالسا، كىشىلەر ئىككىلەنمەيلا: « ناسىرگومغا!» دەپ جاۋاپ بېرىشىدىغان بولغان. بۇ خىل كەيپىيات كۇندىن- كۇنگە ئەۋج ئالغان. بۇنىڭدىن ئەنسىرىگەن ئىمىن خۇجا ئۇزاق ئۆتمەيلا ناسىر ئۇسسۇلچىنى يۇشۇرۇن ئۆلتۇرۋەتكەن، لېكىن خەلق ئۆز باغرىدىن كۆكلەپ چىققان مەردانە، قەيسەر يۇرەك ئۇسسۇلچى ناسىرنىڭ ئىسمىنى ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان « گۇمماڭ گۇم» پەدىسىگە ئات قىلىپ، ئۇنى « ناسىرگۇم» دەپ ئاتىغان. زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن « ناسىرگۇم» دېگەن نام تاۋۇش ئۆزگىرىشى ياساپ «نازىركوم» بولۇپ قالغان ۋە ھازىرقى كۇنىمىزگە يېتىپ كېلەلىگەن.

مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى