ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى

«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئاساسەن مەشرەپ بېگى، يىگىت بېشى، دارىگەي بېگى، كۆل بېگى، پاششاپ قاتارلىق ئەمەللەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋەىپىلىرى بولىدۇ.

مەشرەپ بېگى – «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» دىكى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپ نامى بولۇپ، ئۇ ئاساسەن مەشرەپنىڭ پۈتۈن جەريانلىرىغا نازارەت قىلغۇچى، مەشرەپتىكى دەۋا – دەستۇر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدۇر.پاششاپ – مەشرەپنىڭ ئىنتىزامىنى باشقۇرغۇچى بولۇپ، ئادەتتە «ساقچى» ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. مەشرەپنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىگە خىلاپ ئىشلار كۆرۈلسە، مەشرەپ قاتناشچىلىرى شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدە پاششاپنىڭ باشقۇرۇشىغا شەرتسىز بويسۇنىدۇ. پاششاپنىڭ قولىدا ئادەتتە «گۈل تاياق» دەپ ئاتىلىدىغان دەررە بولىدۇ.

«گۈل تاياق» يۇمشاق تال چىۋىقلىرى ياكى تىۋىلغىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئېلاستىكىلىقى ناھايىتى يۇقىرى، جازا ئىجرا قىلىشقا توغرا كەلسە پاششاپ جازالانغۇچىلارنى ئەنە شۇ «گۈل تاياق» بىلەن يەڭگىل دەررىلەيدۇ.
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» گە ئەزا بولغۇچلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ. ئەمما، بىر مەشرەپ تەشكىلىي ئوتتۇز – قىرىق كىشىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى» گە ئەزا بولۇش تۈزۈملىرى مۇكەممەل بولۇپ، مەشرەپكە ئەزا بولغۇچى بەلگىلىك شەرتلەرنى ئورۇنداش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن مەشرەپكە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغۇچى يىگىتنى دادىسى يېتىلەپ مەشرەپ سورۇنىغا ئەكېلىدۇ. پاششاپ بۇ ئەھۋالنى مەشرەپ بېگى ھەم يىگىت بېشىغا خەۋەر قىلىدۇ. ئۇلار رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن يىگىتنىڭ دادىسى مەشرەپ ئەزالىرىنىڭ ئالدىدا ئوغلىنى مەشرەپكە ئەزا قىلىش ھەققىدە ئىلتىماس قىلىدۇ. مەشرەپ بېگى ھەم يىگىت بېشىغا: «بالىنىڭ ئۇستىخىنى بىزنىڭ، گۆشى سىلەرنىڭ، ئەدەپ – ئەخلاق ئۆگەنسۇن دەپ مەشرەپكە ئەكەلدىم» دەيدۇ. يىگىت بېشى بالىغا: «بۇ مەشرەپنىڭ تاتلىق چېيى، ئاچچىق تايىقى بار. چىدىسىڭىز كىرىشكە رۇخسەت» دەيدۇ. بالا «چىدايمەن» دپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەشرەپكە قېتىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، بۇ چاغدا، مەشرەپ ئەھلى بۇ بالىنىڭ سورۇنغا قانداق سوۋغىلارنى ئەكەلگەنلىكىنى سورايدۇ. بالىنىڭ دادىسى «ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈللىرى» گە ئاتاپ نەچچە تۆگە، نەچچە ئات، كالا، قوي ئەكەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ يەردە دېيىلگەن ھايۋان ناملىرى مەشرەپتە ئومۇملاشقان سىمۋوللۇق ناملار بولۇپ، تۆگە دېگىنى قوغۇن – تاۋۇزنى، ئات دېگىنى تۇخۇمنى، كالا ياكى قوي دېگىنى ئالمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سوۋغىلارنى پاششاپ جامائەتكە كۆرسەتكەندىن كېيىن، كۆل بېگىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مەشرەپكە قوبۇل قىلىنماقچى بولغان بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ مەلۇم ئارتۇقچىلىقىنى «ئوتتۇز ئوغۇل» نىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ بېرىشى شەرت. ئەگەر ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى بولمىسا، مەلۇم بىر ھايۋان ياكى بىرەر قۇشنىڭ سايرىشىنى دوراپ بەرسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ مەشرەپكە قېتىلغانلىقى شەرىپىگە «ئوتتۇز ئوغۇل» نى ئۆيىگە مەشرەپكە تەكلىپ قىلىدۇ.