«تارانچى» نامى توغرىسىدا

تارانچى نامى تىلغا ئېلىنغان ھامان كىشىلەر ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. نۆۋەتتە بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىشلەرنىڭ كۆپ قىسمى بەزى نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس. شۇڭا «تارانچى» نامىغا توغرا تەبىر بېرىش، جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدىكى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى چۈشىنىشتە بىر قەدەرمۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«تارانچى» نامى ھەققىدىكى ئاساسلىق قاراشلار تۆۋەندىكىچە:

1. «تارانچى» مىلادىيىدىن ئىلگىرى پەيدا بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەر مىلادىيىدىن ئىلگىرى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا–بوۋىلىرى كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇلار كۆچمەن خەلق بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئاساسىدىكى فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئۆتۈشىگە ناھايىتى كۆپ ۋاقىت كەتكەن. شۇ مەزگىللەردە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلار «تارانچى» دەپ ئاتالغان دەپ قارايدۇ.

2. «تارانچى» نامى تۈركىي تىلىدىكى «تارياچىن» سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراش.

بۇ خىل قاراشتىكىلەر «تارياچىن» سۆزى «تاراچىن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۈركىي تىلىدىكى «تارانچۇ» سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان، مەنىسى «يەر تېرىغۇچى» دېگەندىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ.

3. «تارانچى» نامى تۈركچىدىكى «چۆپچى» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراش.

بۇ خىل قاراشتىكىلەر ئۆز زامانىسىدىكى تۈرك تارانچىلىرى سارسۇ دەرياسى، ئىلى دەرياسى، تارىم دەرياسى، سىر دەرياسى ۋە ئامۇ دەرياسى ۋادىلىرىدا چۆللۈكلەرنى سۇغىرىش ئۈچۈن ئېرىق–ئۆستەڭلەرنى چاپقان، زىرائەت تېرىغان، مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرگەن، دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە تارانچىلاردەك ئانا تۇپرىقىنى ئەزىزلەيدىغان خەلق يوق. «ئىلى» تۈركچىدە «مەشھۇر» دېمەكتۇر، «تارىم» تۈركچە «تارىماق» مەنىسىدىن كەلگەن، زىرائەت ئېكىمەك دېمەكتۇر، تۈركچىدە «چۆپچى»نى بۇرۇن تارانچى دەيتتى، دەپ قارايدۇ.

4. «تارانچى» تۈرك تىلى (ھازىرقى تۈركىيە دۆلەت تىلى)دىكى يەر تېرىغۇچى دېگەن سۆز دېگەن قاراش.

بۇ خىل قاراشتىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بەزىلەر 11–ئەسىردە قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار ئىلىغا كۆچۈپ چىقىپ ئېكىنچىلىك قىلغان. ئەنە شۇلار تارانچىلارنىڭ ئاتا–بوۋىلىرى دەپ قارىسا، بەزىلەر 1765–يىلى شىنجاڭدا كۆتۈرۈلگەندىن ئېسياندىن كېيىن، تېرىقچىلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم دېھقانلار جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغا كۆچۈرۈلگەن. ئەنە شۇلار تارانچىلارنىڭ ئاتا–بوۋىلىرى دەپ قارايدۇ.

5. «تارانچى» «كۆچمەنلەر» دېگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن قاراش.

بۇ خىل قاراشتىكىلەر تارانچىلار تېگى–تەكتىدىن ئالغاندا ئۇيغۇر، ئۇلار تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلى ئەتراپلىرىغا كۆچۈرۈلگەن. ئۇلار شۇ كۆچۈشتە «كۆچمەنلەر» —تارانچىلار دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ «تارانچى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە دەپ قارايدۇ.

6. «تارانچى» ئاتالغۇسى جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدىكى «Tara cin» دېگەن سۆزدىن كەلگەن دېگەن قاراش.

بۇ خىل قاراشتىكىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىدىكى بوز يەر ئېچىش تارىخىنى جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭغارلار بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى جايلارغا كۆچۈرۈپ دېھقانچىلىق قىلدۇرغان. جۇڭغارلار بۇ ئۇيغۇرلارنى «Tara cin» دەپ ئاتىغان. ئۇ موڭغۇل تىلىدىكى «تېرىقچىلىق قىلغۇچىلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كېيىن بۇ سۆز داۋاملىق قوللىنىپ، ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولۇپ قالغان دەپ قارايدۇ.

7. «تارانچى» ئۇيغۇرچە سۆز، ئۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان دېگەن قاراش.

بۇ خىل قاراشتىكىلەر چىڭ سۇلالىسى ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىن 6000 دىن كۆپرەك ئۇيغۇرنى ئىلىغا كۆچۈرۈپ چىقىپ، ئالىملىقنىڭ جەنۇبىدىكى تۈزلەڭلىكتە بوز يەر ئاچقۇزدى. ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، ئۇ «مۇسۇلمانلارنىڭ بوز يەر ئېچىشى» دەپ ئاتالدى. ئۇيغۇر تىلىدا تېرىقچىلىق قىلىدىغانلار «تارانچى» دەپ ئاتىلاتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىلىدىكى بوز يەر ئاچقۇچى بۇ بىر تۈركۈم خەلق «تارانچى» دەپ ئاتالدى دەپ قارايدۇ.

8. «تارانچى» موڭغۇلچە سۆز، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان دېگەن قاراش.

بۇ خىل قاراشتىكىلەر 1825–يىلى قەشقەردە خوجىلار ئىسيان كۆتۈردى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى توپىلاڭنى باستۇرغاندىن كېيىن، 1829–يىلى نەچچە مىڭ قەشقەرلىكنى ئىلىغا كۆچۈردى. ئۇلار ئېغىر مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. بۇ ئېغىر مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدىغان كىشىلەر «تارانچىلار» دەپ ئاتالدى. ئۇلار چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى ئۈچۈن يەر تېرىيتتى ۋە ھەرخىل ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى دەپ قارايدۇ.

9. «تارانچى» چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان مانجۇچە سۆز دېگەن قاراش.

بۇ خىل قاراشتىكىلەر بۇغداي تېرىيدىغانلارنى مانجۇلار «تارانچى» دەپ ئاتىغان، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دە «تاران» قەدىمكى تۈركچە سۆز، ئۇ «دېھقان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دەپ ئىزاھلانغان. «تارانچى» بۇغداي تېرىغۇچى ياكى دېھقانچىلىق قىلغۇچى دېگەن سۆزدۇر. «تارانچىلار» دېگەندە ئۇيغۇر دېھقانلارنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ.

10. «تارانچى» قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى سۆز دېگەن قاراش.

بۇ خىل قاراشتىكىلەر، تارانچىلار شىنجاڭدىكى يەرلىك تۈركلەرنىڭ بىر قىسمى، تارانچى دېگەن سۆز تۈركىي تىلىدا «دېھقان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تارانچى دېيىلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى چيەنلۇڭ دەۋرىدە تۇرپان ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن. ئۇلار ئىلىدا ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن تۈركلەردىن پەرقلەنگەچكە، ئۆزلىرىنى «تارانچى (دېھقان)» دەپ ئاتىغان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دەپ قارايدۇ.

ھەرقانداق بىر تارىخىي ئاتالغۇغا ئوخشاش، «تارانچى» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىدىمۇ مەلۇم ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي سەۋەبلەر بار. مانا مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «تارانچى» ئاتالغۇسى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى خىل قاراشتا ئېيتىلغاندەك مىلادىيىدىن ئىلگىرى كېلىپ چىققان قەدىمى ئۇيغۇرچە سۆز ياكى تۈركىي تىلىدىكى «تارياچىن» سۆزىدىن كېلىپ چىققان سۆز ئەمەس. چۈنكى بۇ ئىككى خىل قاراشتىكىلەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن كېيىنكى ۋاقىتتا يېزىلغان بەزى ماتېرىياللاردىن ھەم ئازادلىقتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بەزى ماتېرىياللاردىن نەقىل ئالغان. بۇ ھەقتە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دە : «پۈتكۈل تۈرك قەبىلىلىرى ھۈنەر–كەسىپ قىلغۇچىلارنىڭ سۈپىتىنى ئىپادىلەشتە ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «چى»نى قوشىدۇ. مەسىلەن، ‹تارغ —ئاشلىق› سۆزىدىن «تارغچى–دېھقان»، ‹ئەتۈك —ئۆتۈك› سۆزىدىن «ئەتۈكچى—ئۆتۈكچى، موزدۇز» دېگەن سۆزلەرنى ياسىغانغا ئوخشاش»(1) دېگەن بايان بار. شۇبھىسىزكى بۇ يەردىكى «تارانچى» (دېھقان) سۆزى «تارغچى» بىلەن مەنە ۋە شەكىل جەھەتتىن ئوخشاپ كەتسىمۇ، تىل نۇقتىسىدىن ئوخشىمايدۇ. «تارغچى» سۆزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «تېرىقچى» شەكلى بىلەن ساقلىنىپ قالغان.

بىرىنچى ۋە ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن يۇقىرى باياننى ئالغاندا، مەزكۇر باياننى باشقا تارىخىي ماتېرىياللاردىكى بايانلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلمىغان. پەقەت «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «تارغچى» سۆزى بىلەن «تارانچى» سۆزىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئاددىي ئوخشاشلىقىنى كۆزدە تۇتقان. يۇقىرىقى ئىككى سۆز كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي تارىخىي شارائىتنى، ھازىرقى «تارانچى» ئاتالغۇسى كېلىپ چىققان ماكان دەپ قارىلىۋاتقان ئىلى رايونىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ قاچاندىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىغا دائىر تارىخىي پاكىتلارنى ھېسابقا ئالمىغان. ئەگەر «تۈركىي تىللار دىۋانى»دە تىلغا ئېلىنغان «تارغچى» سۆزى ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى «تارانچى» نامى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دېيىلسە، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى تەبىر بويىچە قەدىمكى دەۋىردە شىنجاڭدا ياشاپ، ئېكىنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىز كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دەپ ئاتالماي، «تارغچى» ياكى «تارانچى» دەپ ئاتالغان بولاتتى. شۇبھىسىزكى، بۇنداق قاراش ئىنتايىن زور بىر زورۇقۇش بولۇپ، پۈتۈنلەي بىر تەرەپلىمىلىك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان يەكۈن بولىدۇ.

مەلۇمكى، جۇڭغار ئاقسۆكەڭلىرىنىڭ ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجى ئەينى مەزگىلدىكى مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەتتە، پەقەت تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا قاراتقان بۇلاڭ–تالىڭى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئېشىپ كەلگەنىدى. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قازاق فېئوداللىرىنىڭ سۇيۇرغاللىقىنىڭ كېڭيىشى ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئۇلارنى ئاشلىققا بولغان ئېھتىياج جەھەتتە قايتا چىقىش يولى تېپىشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ خۇددى باشتا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاخىرى بېرىپ، «موڭغۇللارنىڭ خان ۋە ۋاڭ–گۇڭلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىقىدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرمىسا بولمايدىغان كويغا سالدى»(2). نەتىجىدە جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى باتۇر قۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتتىكى مەركىزى قوبۇقسارغا ئاھالە كۆچۈرگەنىدى. يەر تېرىغۇچىلار ئاساسەن «بۇخارالىقلار» نامىدىكى ئۇيغۇرلار ئىدى. بۇ توغرىسىدا قالدۇرۇلغان خاتىرىلەرمۇ بىرقەدەر كۆپ. خۇسۇسەن روسىيە ئەلچىسى ف.ئى. ۋايكوۋنىڭ «جۇڭگوغا بېرىش ساياھەت خاتىرىسى»دەپ قوبۇقسار ۋە ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا تېرىقچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ ئاساسەن بۇخارالىقلار ئىكەنلىكى كۆرستىلگەن بولۇپ، ۋايكوۋ «بۇ بۇخارالىقلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەرلىرىنى تارىئان دېگەن نام بىلەن تىلغا ئالغان»(3)ئىدى. دەرۋەقە يەنە «تارىئانچىن» دېگەن نامنى جۇڭغار خانلىقىنىڭ باتۇر قۇنتەيجى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرىگە ئائىت خاتىرىلەردىن كۆپلەپ ئۇچرىتىش مۈمكىن، مەسىلەن، 1667–يىلى سېڭگىنىڭ ئوردىسىغا ئەلچىلىككە بارغان روسىيە ئەلچىسى كرونوۋىسكى «تارىئانچىنلا، ئەسىرلەر بولۇپ، كىچىك بۇخارىيىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەر ئىدى»(4)دەپ قەيت قىلغانىدى. مانا بۇلار تارانچى نامى ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى يازما يادىكارلىقلار. دېمەك، تارانچى نامى جۇڭغارلارغا باتۇر قۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (1634–1653)دەپ ئوتتۇرىغا چىققان موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، دەسلەپتە قوبۇقسار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، زايسان كۆلى بويى قاتارلىق جايلاردا ئېكىنچىلىك قىلىدىغان «بۇخارا» نامىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى كۆرسىتەتتى. باتۇر قۇنتەيجى ۋە سېڭگىدىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان غالدان جۇڭغار خانلىقىنىڭ مەركىزىنى قوبۇقساردىن ئىلى رايونىغا يۆتكىگەندىن كېيىن بولسا ئىلى رايونىدا جۇڭغارلار ئۈچۈن ئېكىنچىلىك قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بولۇپ قالغانىدى.

تىل نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىككىنچى خىل قاراشتا تىلغا ئېلىنغان تۈركىي تىلدىكى«تارياچىن»سۆزى ئەسلى موڭغۇل تىلىدىكى«Tariancin» دېگەن سۆز بولۇپ، ئۇ خەنزۇ تىلىدا تۈركىي تىلىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن«تارۇنچۇ» دەپ خاتا ترانسكرىپىسيە قىلىنغان. «موڭغۇلچە–تۈركچە لۇغەت» بىلەن «روسچە–فرانسۇزچە–موڭغۇلچە لۇغەت»كە ئاساسلانغاندا، تارانچى نامى موڭغۇل تىلىدىكى «Tariancin» سۆزىدىن كەلگەن، ئۇ «Tarian» (مەنىسى ئاشلىق، ئېكىن)(5) ۋە «cin» (سۆز ياسىغۇچى ئۇلانما)دىن ئىبارەت ئىككى تەركبتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، «ئېكىنچى»، «دېھقان»، «تېرىقچى»، «ئىجارىكەش»(6)دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ ھازىرقى شىنجاڭ موڭغۇللىرىنىڭ دىئالېكتىدا «Tarian» دېگەن سۆز «ئېكىن»، «بۇغداي» دېگەن مەنىنى، ئىچكى موڭغۇل دىئالېكتىدا «دېھقانچىلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆزئارا سېلىشتۇرساق، «Tarian» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن

taran ci<taran cin<taran<tarian

دېگەن شەكىل ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا «تارانچى» ئاتالغۇسىنى موڭغۇلچە سۆز دەپ قاراش ئانچە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

شىنجاڭدا «تارانچى» دەپ ئاتىلىدىغان جاي ئىسمىمۇ بار. مەسىلەن، «شەرقىي شىنجاڭدىكى بارلىق تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان قۇمۇل شەھىرىنىڭ 84 كىلومېتىر شەرقى»(7)دىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈركان ھازىرمۇ «تارانچى كۆمۈر كېنى» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈشىچە، كۆمۈركان ئەتراپىدا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت دېھقانچىلىقنىڭ ئىزلىرى بارئىكەن.

دېمەك، يۇقىرىقى خاتىرىلەردىن «تارانچى» نامىنىڭ مىلادىيىدىن ئىلگىرى كېلىپ چىققان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياكى تۈركىي تىلىدىكى «تارۈنچۈ» سۆزىدىن كېلىپ چىققان سۆز بولماستىن، 17–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىدا موڭغۇل تىلىدىكى «tariancin» سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

«تارانچى» ئاتالغۇسى ئۈچىنچى خىل قاراشتا ئېيتىلغاندەك «چۆپچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. تۆتىنچى خىل قاراشتا ئېيتىلغاندەك «يەر تېرىغۇچى» دېگەن سۆزمۇ ئەمەس. يۇقىرىدىكى ئىككى خىل قاراش «تارانچى» ئاتالغۇسى كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي، تارىخىي شارائىتقا خېلى ئۇيغۇن كەلسىمۇ، لېكىن ماھىيەتتە ئۇلاردا «تارانچى» ئاتالغۇسىنى تۈرك تىلىدىكى سۆز دەپ ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە، تۈركىي خەلقلەر كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلاشقان دەۋرنى «تارانچى» نامى كېلىپ چىققان دەۋر دەپ ھېسابلىغان.

«تارانچى» نامىنى 5–خىل قاراشقا ئوخشاش كۆچۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان «كۆچمەنلەر» دېگەن سۆزگە كەلسەك، بۇ خىل قاراش تىل نۇقتىسىدىن رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى «كۆچمەنلەر» دېگەن ئۇقۇم چارۋىچىلىق ئىقتىسادى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى بىرەر مۇھىم ئىچكى–تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆچۈپ تۇرىدىغان خەلقلەرگە قارىتىلىدۇ. بۇ خىل قاراشتىكىلەر ھەرقانچە قىلغىنى بىلەن «كۆچمەنلەر» سۆزى بىلەن «تارانچى» سۆزىنى سېلىشتۇرۇپ ئۇلاردىن ئورتاقلىقنى تاپالمايدۇ.

«تارانچى» ئاتالغۇسىنى 6–خىل قاراشقا ئوخشاش جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدە پەيدا بولغان، موڭغۇل تىلىدىكى «tariancin» دېگەن سۆز دېگەن قاراشقا كەلسەك، بۇ خىل قاراشتا، بىرى ئىزدىنىش كەمچىل بولۇش، يەنە بىرى، ۋاقىت توغرا بولماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى يېتەرسىزلىك ساقلانغان، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلى رايونىدىكى دېھقانچىلىق تارىخنى جۇڭغار خانلىقى دەۋرىگە باغلاپ قويغان. بۇ خىل قاراشتىكىلەر يەنە تارانچى نامىنىڭ جۇڭغار خانلىقىنىڭ قايسى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنىمۇ ئېنىق كۆرسەتمىگەن. شۇنداقلا تارانچى نامىنىڭ موڭغۇل تىلىدىكى ئاتىلىشىنىمۇ «taracin» دەپ خاتا ترانسكرىپسىيە قىلغانىدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى موڭغۇلشۇناسلارنىڭ ئىزدىنشىگە ئاساسەن تارانچى نامىنى باتۇر قۇنتەيجىنىڭ دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان دەپ جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

باتۇر قۇنتەيجى جۇڭغار خانلىقىنىڭ داڭلىق خانلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىدە جۇڭغار خانلىقى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قەدەر كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بولۇپ قالغانىدى، ئىقتىسادى جەھەتتە بىر قاتار ئىلغار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرگەنىدى. ئىدىئولوگىيە جەھەتتە لاما دىنىنى تەشەببۇس قىلىپ، لاما دىنىنىڭ سېرىق مەزھىپىنى يۆلىگەنىدى. يېزىق ئىسلاھاتى جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدىكى موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا، ئويرات شۋىسىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن «توت يېزىقى»نىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بەرگەنىدى. خانىدا ئاكىرانىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، تارانچى نامىنىڭ تۈپ يىلتىزى بولغان «tarian» سۆزى دەل مۇشۇ توت موڭغۇل تىلىدىكى سۆز بولۇپ، «يەر تېرىش، ئۇرۇق، ئاشلىق»(8) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن.

«تارانچى» ئاتالغۇسى توغرىسىدىكى 7–، 8–، 9–، 10–خىل قاراشلارغا كەلسەك، بۇ خىل قاراشلاردا تىل مەنىسى جەھەتتىن ھەرخىل بولۇش، يىل دەۋرى خاتا بولۇشتەك نۇقسانلار بار. چۈنكى بىرىنچىدىن، باتۇر قۇنتەيجى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسى غالدان جۇڭغار خانلىقىنىڭ مەركىزىنى قوبۇقساردىن ئىلىغا كۆچۈرگەن مەزگىلدە، ئىلى رايونىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى راۋاجلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن، «تارنچى» دېگەن نام جۇڭغارلارغا باتۇر قۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىللەردىلا تارىخىي مەنبەلەردە كۆرۈلۈشكە باشلىغانىدى. ئىككىنچىدىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى 1755–يىلى ئامورسانانىڭ ياردىمى بىلەن داباچىغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلغاندا، جۇڭغارلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى ئىلى رايونىدىكى «تارىئانچىن» دەپ ئاتالغان دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك ھەم كېمىچلىك بىلەن شۇغۇللىندىغان ئۇيغۇر پۇقرالىرىدىن ئەسكەر تەشكىللەپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىللە داباچىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقانىدى.

ئەمما، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلىدىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىلى رايونىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بوز يەر ئېچىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى 1759–يىلىدىن كېيىنكى ئىش بولۇپ، جۇڭغارلار دەۋرىدە، بولۇپمۇ جۇڭغار خانلىقى مەركىزىنى قوبۇقساردىن ئىلىغا كۆچۈرگەندىن كېيىن، ئىلى رايونىدا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلار خېلى كۆپەيگەنىدى. «بازارگانلار تارىئانچىنلار، مۇلازىملاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل تاغلىق ئۇيغۇرلار»(9)دىنمۇ ««ئىلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىقچىلىق قىلىدىغانلارنى ھەمىشە كۆزگە چېلىقتۇرغىلى بولاتتى»(10). چىڭ سۇلالىسى بولسا جۇڭغار خانلىقى يولغا قويغان كونا تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن، خالاس. چىڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنى ھەتتا ئىچكى موڭغۇلغىمۇ كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ دېھقانچىلىق قىلدۈرغان. بۇ ھەقتە «چىڭ ئوردىسىنىڭ گاۋزۇڭ زامانىسىدىكى ئوردا خاتىرىلىرى»دە: «تارانچى ئۇيغۇرلىرىدىن 100 نەچچە كىشى خۇلۇنبىرغا كېلىپ سولۇن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئېرىق–ئۆستەڭ چېپىپ، تېرىقچىلىق قىلىشىغا يول كۆرسەتكەن»(11) دېيىلگەن. ئىلى رايونىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى ھەققىدە، 1782–يىلى ئىلى جياڭجۈنى ئىلىتۇ ئۆز دوكلاتىدا: «ئىلى ساڭلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئاشلىق 500 مىڭ خودىن ئېشىپ كەتتى، ئاسلىق سېسىپ كەتمەكتە»(12) دەپ يازغان.

دېمەك، تارانچى نامى جۇڭغار خانلىقىغا باتۇر قۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن دېھقانچىلىق قىلغان بىر بۆلۈم ئۇيغۇرلارغا قويغان نامى، بۇ نام تەخمىنەن 17–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىدىكى تارىخىي مەنبەلەردە «tariancin»دېيىلگەن. «19–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ«tarancin»دەپ ئاتالغان»(13)، «تارانچى» ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاتىلىپ قالغان نامى بولسىمۇ، لېكىن بۇ نام ئىلى رايونىدا ئەمەس، جۇڭغار خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەركىزى—قوبۇقساردا ئوتتۇرىغا چىققان. غالدان تەختكە چىقىپ، مەركەزنى قوبۇقساردىن ئىلى رايونىغا يۆتكىگەندىن كېيىن، «تارانچى» نامى ئىلى رايونىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى دېھقانچىلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىن كەڭ–كۆلەمدە ئىلىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بولۇپ قالغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلىدىكى قوشۇنلىرى ئۈچۈن دېھقانچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر پۇقرالىرىمۇ شۇ نام بىلەن ئاتالغانىدى.

* * * * * * * * * * *

(1)مەھمۇد قەشقىرى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983–يىل ئۇيغۇرچە نەشرى ئىككىنچى توم، 63–64–بەتلەر

(2) ئى.يا.زىلاتكىن، «جۇڭغار خانلىقىنىڭ تارىخى»، سودا نەشرىياتى خەنزۇچە نەشرى، 183–، 184–، 313–، 343–بەتلەر

(3)(4)(8) خانىدا ئاكىرا، «جۇڭغار خانلىقى ۋە بۇخارالىقلار»، «شەرقىي ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى»، 12–جىلد 6–سان.

(5) ن.ن.پوپپى «موڭغۇلچە–روسچە–تۈركچە لۇغەت»، 1938–يىل سوۋېت پەنلەر ئاكادېمىيىسى رۇسچە نەشرى 1–توم ئىككىنچى كىتاب، 341–بەت

(6) كۋالوۋسكى «روسچە–فرانسۇزچە–موڭغۇلچە لۇغەت»، ئۈچىنچى توم، 109–بەت، ساگوجى تورۇ يازغان «18–، 19–ئەسىرلەردىكى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات»دا كەلتۈرۈلگەن نەقىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984–يىل خەنزۇچە نەشرى، 1–كىتاب، 230–بەت.

(7)«شىنجاڭ يىلنامسى» 1985–يىللىق ئۇيغۇرچە نەشرى827–بەت

(9) سۇ ئېردى، «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار تەزكىرىسى»، 1–جىلد، «شەھەر قەلئەلەر»

(10)«چىڭ ئوردىسىنىڭ گاۋزۇڭ زامانىسىدىكى ئوردا خاتىرىلىرى»، 635–، 598–، 619–، 594–، 595–، 612–، 693–جىلد

(11)«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984–يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 1–كىتاب 446–بەت

(12) ساگوجى تورۇ «18–، 19–ئەسىرلەردىكى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984–يىل خەنزۇچە نەشرى، 1–كىتاب، 233–بەت.

مەنبە: «17–، 18–ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جۇڭغارلارنىڭ مۇناسىۋىتى» كىتابىدىن ئېلىندى، 173–بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002–يىلى 1–ئاي1–نەشرى، يۇنۇسجان ئېلى