ئۇيغۇرلاردىكى قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىش ئادىتى

ئۇيغۇرلاردا قىزلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتا ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە قارىلىدۇ. بۇ ئادەتكە ئاتىلار ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئانىلار بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قارايدۇ. « … قىزلار ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىشكە باشلايدۇ. ئەنئەنىۋى قۇلاق تېشىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي ھەم بىخەتەر بولۇپ، كىشىلەر قىزلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشكە بىرەر پېشقەدەم موماينى تەكلىپ قىلىدۇ. موماي قىزنىڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى قوناق ياكى چىگىت بىلەن ئۇزاق ئۇۋۇلاپ، قۇلاق يۇمشىقىنىڭ قېنىنى قاچۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن يىڭنە بىلەن قۇلاقنى تىشىدۇ – دە، ئىنچىكە سۈپۈرگە تېلى ياكى چاي شامىسىنى سانجىپ قويىدۇ. ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى قۇلىقىنىڭ بىرلا يېرىدىن تۆشۈك تېشىشكە ئادەتلەنگەن. ئادەتتە قۇلىقىنى ئىككى يەردىن تەشمەيدۇ ھەم بۇرنىنىمۇ تەشمەيدۇ.ناۋادا قۇلاقتىكى ئەسلى تېشىلگەن تۆشۈك پۈتۈپ قالسا، بۇزۇلۇپ كەتسە، ئاندىن ئىككىنچى قېتىم يەنە تۆشۈك تېشىدۇ. » ① قىز بالىنىڭ قۇلىقىنى تەشكەندە ئۇنىڭ چىدىماي يىغلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر ئىككى تال تۇخۇم ياكى بىرەر نەرسە يېگۈزۈپ قويىدۇ. قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشكۈزگەن كۈنى ئانىسى ئۇلارغا چىرايلىق بىر جۈپ ھالقا ياكى بىرەر سوۋغات ئېلىپ بېرىش بىلەن قىزىنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىدۇ ھەمدە قىزنىڭ ئانىسى بىرەر ئايغىچە ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ ئەتراپىغا يارا چاقىلارنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مايلاپ، ھەر خىل مەلھەملەرنى سۈرتۈپ تۇرىدۇ. قۇلاق تېشىش ئاساسەن ئۆرۈك چېچەكلىگەن پەيتلەردە قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىش ئادىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا قىز – ئاياللارغا ھەر خىل قۇلاق ئاسقۇلارنى سوۋغا قىلىش ۋە تويلۇق ئۈچۈن قۇلاققا ئاسىدىغان ھەر خىل زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىش ئادىتى شەكىللەندى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەخسۇس ھالقا ۋە زىبۇ – زىننەتلەرنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ھۈنەر تۈرى زەرگەرچىلىك مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇرلار ھەر خىل قۇلاق ئاسقۇلارنى « ھالقا، سۆكە، مونچاق، زىرە، سىرغا » قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايدۇ.بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىزلار توي قىلىدىغاندا قۇلاق ئاسقۇلار تويلۇقنىڭ خېلى مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۆز بەدىنىگە مەلۇم زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش ۋە ئېسىش بىلەن بەدەن گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇش ئىستىكى ئىنسانلاردا ناھايىتى بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا شەكىللەنگەن.بۈگۈنكى كۈندە قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرىدىغان بۇ ئادەت باشقا مىللەتلەرگىمۇ تارقىلىپ ئۆزلەشمەكتە. گەرچە ئىسلام دىنىدا قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشى ۋە ھالقا ئېسىشى دىنىي مەجبۇرىيەت بولمىسىمۇ، ئاياللار ئاساسەن ئۆزىنىڭ گۈزەللىك ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن شۇنداق قىلىدۇ. قۇلاق تېشىپ ھالقا ئېسىش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئادىتى ۋە زىبۇ– زىننەت مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

_________________________________________

ئىزاھاتلار :

① ئەنۋەر سەمەد قورغان: « ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007- يىل 12- ئاي 1- نەشرى، 178- بەت.

مەنبە: «مىراس» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 2- سان.