بىر كۈنى (مۇھەممەتجان راشىدىن)

بالاڭ ئازسا،ئاھ ئۇرما ،يول تاپىدۇ بىر كۈنى ،

ئامان بولسا ، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى .

خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن ،

ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.

گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا ،

ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى .

ئات بولغۇچە ئاساۋتاي ھەر يان چاپسا چاپمامدۇ ،

ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۇك ئارتىدۇ بىر كۈنى .

‹‹ئاق ›› نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس- پۇشايمان ،

قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى .

كوچىلارغا تۈن بويى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر ،

چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى .

تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،

ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى .

بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائېتى بار ،ۋاقتى بار ،

خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ،ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى .

كۆندىرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى ،

شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى .

بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ ،

ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى ،

پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا ،

يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.

سەنمۇ ئاتا -ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ ،

ئوغۇل- قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى .

شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،

ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى .

يامان دېسەڭ بالاڭنى ،كىم بىرىدۇ ياخشىنى ،

ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى .