ئىستانبۇلدا تۈركى تىللار دىۋانىنى تۇنجى قېتىم تېپىپ چىققان شەخس – ئېلى ئەمىرى ئەپەندى

ئىستانبۇلدا تۈركى تىللار دىۋانىنى تۇنجى قېتىم تېپىپ چىققان شەخس – ئېلى ئەمىرى ئەپەندى

2009 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى ئىستانبۇل شەھىرى فاتىخ رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئېلى ئەمىرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، تۈركىي تىللار دىۋانىنى تاپقان ۋە تۇنجى بولۇپ نەشر قىلدۇرغان شەخس ئېلى ئەمىرى ئەپەندىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ كۇتۇپخانىلار ۋە نەشرىياتلار مۇدىرى ئايتېكىن يىلماز، تۈركىيە دۆلەت مەجلىسى ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى بورھان كۇزۇ، سابىق پارلامېنت ئەزاسى مەرۋە كاۋاكچى، دوغان ھىزلان، ئىستانبۇل شەھىرىگە قاراشلىق فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دېمىر، ئىستانبۇل مىللەت كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرى مەلەك گەنچبوياجى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر قاتناشتى. مۇراسىمغا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالىملار، يازغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمغا فاتىھ شەھەرلىك مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى ۋاھدەتتىن ئىشق ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىم ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى مۇراسىمدا فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دېمىر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

مۇراسىمدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور مۇستافا كاچالان “تۈركىي تىللار دىۋانى” دېگەن تېمىدا، ساكارىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇستافا ئارسلان “ئېلى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ دىۋانى ھەققىدە” دېگەن تېمىدا، فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ‏- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سادىق يازار ئەپەندى “ئېلى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ ماقال‏ – تەمسىللىرى ” دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

پروفېسسور دوكتور مۇستافا كاچالان ئەپەندى “تۈركىي تىللار دىۋانى” دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: “مەن سىلەرگە تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ قول يازمىسىنى تونۇشتۇرىمەن. ئالدى بىلەن بۇ كىتاب بىر نەچچە يۈز يىل يوقاپ كېتىپ كېيىن قانداق بولۇپ ئىستانبۇلدا ئېلى ئەمىرى ئەپەندى تەرىپىدىن تېپىلدى، بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتىمەن، ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى بىر كىتاب دۇكىنىدا تۈركىي تىللار دىۋانى دېگەن كىتابنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالغان، چۈنكى بۇ كىتاب كۆپ ئىزدەپ تېپىلمىغان كىتابلاردىن بىرى ئىدى. ئېلى ئەمىرى ئەپەندى “تۈركىي تىللار دىۋانى” نى بۈگۈننىڭ پۇلىغا سۇندۇرغاندا 9000 تۈرك لىراسىغا سېتىۋالغان . بۇ پۇلغا ئىستانبۇلدا نورمال بىر ئاپتوموبىل كېلىدۇ، ئېلى ئەمىرى ئەپەندى بىر ئاپتوموبىل كېلىدىغان پۇلنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن بىر كىتابنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان. ئۇ كىتابنىڭ باھاسى قىممەت بولغاچقا يېنىدىكى پۇلى يېتىشمەي قەرز سوراشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما پۇل قەرز سوراشقا كەتكەندە كىتابنى باشقا بىرسىنىڭ ئېلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كىتاب دوكىنىنىڭ ئالدىدا تونۇشلىرىنىڭ ئۆتىشىنى كۈتۈپ ساقلاپ تۇرغاندا، يېقىن بىر دوستى دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن ۋە ئۇنىڭدىن پۇل قەرز ئېلىپ كىتابنى سېتىۋالغان ئېلى ئەمىرى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ ئۆيىگە قايتقان ۋە ئۇ كىتابنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ باشقىلارغا كۆرسەتمەي تۇرۇپ بىر نۇسخانى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ كۆچۈرۈپ چىققان.

مۇستافا كاچارىن ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: “ئۇ كىتاب رەتسىز قالايمىقان بولۇپ كىتابنى ئەڭ يېقىن ئىشەنچلىك دوستى كىلىسلى رىفات ئەپەندى ئىسىملىك شەخسكە تۈزىتىپ رەتلەپ چىقىش ئۈچۈن بەرگەن. شۇنداق قىلىپ كىلىسلى رىفات ئەپەندى بۇ كىتابنى تۈزىتىپ رەتلەپ 3 قېتىم ئوقۇپ چىققان . ئېلى ئەمىرى ئەپەندى تۈركى تىللار دىۋانىنى رەتلەپ تۈزىتىپ بەرگەن دوستىغا ئىستانبۇل قۇمقاپىدىكى بىر ئۆيىنى سوۋغا قىلغان، ئەمما ئۇ دوستى بۇ سوۋغىنى قوبۇل قىلماي كىتابنى نەشر قىلىدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. كېيىن، رىفات ئەپەندى ئۇ كىتابنى ئۈچ قىسىم شەكىلدە نەشرگە تەييارلىغان. شۇنداق قىلىپ ئېلى ئەمىرى ئەپەندى دوستلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ دۆلەت مائارىپ نازارىتىنىڭ ياردىمى بىلەن 1915 ‏- يىلى تۇنجى قېتىم 1 ‏- قىسمىنى نەشر قىلدۈرغان، 1917 ‏- يىلى 2 ‏- ۋە 3 ‏- قىسىملىرى نەشر قىلىنغان. تۈركىي تىللار دىۋانى مەھمۇت قەشقىرى تەرىپىدىن يېزىلىپ باغدات پادىشاھىغا تەقدىم قىلىنغاندىن كېيىن بىر قانچە يۈز يىل يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئاخىرى ئېلى ئەمىرى ئەپەندى تېپىپ چىقىپ تۇنجى قېتىم 1915 ‏- يىلى نەشر قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتاب تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان. تۈركىي تىللار دىۋانى يېزىلىپ بىر قانچە يۈز يىل يوقاپ كەتكەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ 1915 ‏- يىلى ئېلى ئەمرى ئەپەندى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.”

مۇراسىم ئاخىرىدا فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دېمىر ئەپەندى مۇراسىمدا سۆز قىلغۇچىلارنى تەبرىكلەپ تەقدىرنامە تەقدىم قىلدى. يىغىن زالىنىڭ كۆرگەزمە مەيدانىدا ئېلى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ كىتابلىرى ۋە خۇسۇسىي ئەشيالىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ “تۈركىي تىللار دىۋانى” نىڭ قوليازما نۇسخىسىمۇ قويۇلغان.

بىز مۇراسىم ئاخىرلاشقاندا فاتىھ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دېمىر ئەپەندى بىلەن ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇستافا دېمىر ئەپەندى ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىي تىللار دىۋانى دېگەن بىر كىتابنىڭ بارلىقىنى ھەممە كىشى بىلگەن بولسىمۇ، بۇ كىتاب ئوتتۇرىدا يوق ئىدى. ئېلى ئەمىرى ئەپەندى بەيازىت ساھافلار بازىرىدىكى بىر كىتاب دۇكىنىدا تۈركىي تىللار دىۋانىنى تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالغان ۋە ئۇ كىتابنى سېتىۋالغان ۋە يوقاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ھېچكىمگە كۆرسەتمەي ساقلىغان. ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى مىللەت كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ ئۇ كۇتۇپخانىغا ئۆزى توپلىغان 16 مىڭ پارچە ئەسەرنى تەقدىم قىلغان. ئارىدىن 85 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىز ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ فاتىھ رايونىدا ئېلى ئەمىرى مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇپ چىقتۇق. ئېلى ئەمىرى ئەپەندى ئۆزىنى كىتابقا ۋە كىتابلىرىنى مىللەتكە تەقدىم قىلغان ئىستانبۇل شەھىرىدىكى داڭلىق مىللەت كۇتۇپخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇنداقلا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى دېگەن مۇھىم كىتابنى تېپىپ چىقىپ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان شەخس . ئېلى ئەمىرى ئەپەندى 1857 ‏- يىلى دىياربەكىر شەھىرىدە تۇغۇلۇپ 1924 ‏- يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىستانبۇلدىكى مەشھۇر مىللەت كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

مۇستافا دېمىر ئەپەندى تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ يازغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ” مەن بىر فاتىھ رايونىنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىنچ ۋە راھەت بىر مۇھىت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز، ئۆزلىرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىن، مەدەنىيەت ‏- كۈلتۈرىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلمايدىغان بىر ئورۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇلارغا دۇئا قىلىمىز.”

مۇستافا دېمىر ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ساللام يوللاپ مۇنداق دېدى: “بۇ يەردە يەنى ئىستانبۇلدا تەخمىنەن 1100 يىل ئىلگىرى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ بۇ يەرنى ۋەتەن تۇتقان ئۇ ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادلىرى، نەۋرىلىرى بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن، بىزدىن ئۇزاقتا بولغان، 1100 يىل ئىلگىرى ئايرىلغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىستانبۇلدىن ھۆرمەت ۋە سالام يوللايمىز.”