«ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»دىكى «قۇتادغۇ بىلىگ» ماددىسى

رەشىد رەھمەتى ئارات

تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغان

داڭلىق تۈركولوگ رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل بۇرۇن ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلگەن ھەم 1989- يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان «چەتئەل ئالىملىرى – قۇتادغۇ بىلىگ ھەققىدە» ناملىق مەجمۇئەگە كىرگۈزۈلگەن «قۇتادغۇ بىلىگ»(بۇ ئەسەرنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە نۇسخىدىكى شەكلى بويىچە «قۇتادغۇ بىلىك» دەپ ئېلىش بۇنىڭدىن 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئىلىم دۇنياسىدا رەت قىلىنغان) كە ئائىت بىر ماقالىسىنىڭمۇ كەمتۈك ۋە ناچار تەرجىمە قىلىنغاننىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن مەزمۇنلىرىنىڭ ئەسلى پىكىرگە زىت تەرجىمە قىلىنىشى رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ بىزدىكى «قۇتادغۇ بىلىگ» تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىشىغا سەۋەپ بولغان(ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىن:«قۇتادغۇ بىلىگ خەزىنىسى»، ئۇيغۇرچە، 41- بەتكە قاراڭ). بۇ ئەلبەتتە كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۈرىدىغان بىر ئەھۋالدۇر. بىز بۇنداق ئىلمىي مالىمانچىلىقنى تۈزۈتىش مەقسىتىدە بۇ ماقالىنىڭ تۈركچە نۇسخىسىنى قايتىدىن ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇپ كەڭ ئوقۇرمەنلەر تۈركۈمىگە سۇنۇشنى لايىق تاپتۇق. گەرچە ۋاقىت جەھەتتىن خېلىلا كىچىككەن بولساقمۇ، ئالىمنىڭ پىكىر مەھسۇلىنىڭ ئۆز قىياپىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئىمكانىيەت يارىتالىغانلىقىمىز ئىلىم ساھەمىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر ئىشتۇر. ئەسەر ئەسلى 1977- يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»(6-توم)گە «قۇتادغۇ بىلىگ»دېگەن نام بىلەن بېسىلغان بولۇپ، بىز ئۇنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى›دىكى ‹قۇتادغۇ بىلىگ›ماددىسى» دېگەن شەكىلدە سۇنۇشنى ئۇيغۇن كۆردۇق.

-ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچىدىن

«قۇتادغۇ بىلىگ» تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىدىكىگە ئوخشاش، تۈرك كۈلتۈر تارىخىنىڭمۇ ناھايىتى بۈيۈك بىر ئابىدىسى بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىب تەرىپىدىن ھىجرىيە 462- يىلى(1069-1070)دا قەشقەردە تاماملىنىپ، قاراخانىيلارنىڭ خاقانى ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان ئارسلان خاقانغا تەقدىم قىلىنغان. ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ۋە مەلۇم بولغان تۇنجى تۈرك– ئىسلام شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىب ياكى ئۇلۇغ خاس ھاجىبنىڭ ئىسمى ئەسەردە پەقەت بىرلا قېتىم ئۇچرايدۇ(6627-بېيىت). بۇ زات ھەققىدىكى بارلىق بىلىدىغانلىرىمىز بىرى نەزمىي، يەنە بىرى نەسرىي شەكىلدە ئەسەرگە كېيىن ئايرىم دەۋرلەردە قوشۇلغان ئىككى ئىلاۋىدىكى مەۋجۇت مەلۇمات بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇ مەلۇماتقا كۆرە، شائىر بالاساغۇن(قۇز-ئوردۇ)دا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىسىل بىر ئائىلىدىن ئىدى. مەملىكەتتە ئىلمى، پەزىلىتى، زۈھدى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ئەسىرىنى بالاساغۇندا يېزىشقا باشلىغان ۋە بىر يېرىم يىلدا تاماملاپ(6624- بېيىتكە قاراڭ) تۈرك ھۆكۈمدارىغا تەقدىم قىلغان. شائىرنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق چۈشەنگەن ھۆكۈمدار ئۇنىڭغا خاس ھاجىبلىق مەنسىپىنى بەرگەن. ۋەزىپىلەرنىڭ ئەڭ نازۇكى سۈپىتىدە تەرىپلەنگەن (2484- بېيىت) ھاجىبلىق، تەشرىفات ۋەزىرىنىڭ ۋەزىپىلىرى ۋە بۇنى ئۈستىگە ئالىدىغان كىشىدىن كۈتىلىدىغان خاراكتېرلەر ھەققىدە ئەسەردە ھۆكۈمدار، ۋەزىر ۋە قومانداندىن كېيىن ئايرىم بىر مەزمۇن بار(31- باب، 2435- 2524-بېيىتلەر).

ئەسەردىمۇ شائىرنىڭ ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن بولغان بەزى بايانلار بار. مەسىلەن، كىتاپنىڭ نامىنى ئىزاھلىغاندا ۋە قېرىلىقتىن سۆز ئاچقاندا، 50 ياشنىڭ ئۆزىگە قول تەككۈزۈپ، قۇزغۇن تۈيىدەك چېچىنى ئاققۇ پېىيىدەك ئاقىرىتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە 60 ياشنىڭمۇ ئۆزىنى قىچقىرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئەجەلنىڭ تۇزىقىغا چۈشمىسە، ئۇ يەرگىمۇ بارىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ(365-366- بېيىتلار). 30 ياشنىڭ يىغقىنىنى 50 نىڭ ئۆزىدىن ئالغانلىقىنى سۆزلىگەن ۋە 60 نىڭ قولىنى تەككۈزسە نىمە قىلىشىنى (368- بېيىت) ئويلىغان شائىر 50 كە ئۆزىنىڭ نىمە قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە نىمە سەۋەپتىن بۇنچە ئۆچلۈك قىلىدىغانلىقى(369-بېيىت) ھەققىدە سۇئال قويىدۇ. «بويۇم ئىدى ئوقتەك، كۆڭلۈم ئىدى يا، كۆڭۈلنى قىلغۇچە ئوق، بويۇم بولدى يا» دەپ قېرىلىقتىن سۆز ئاچقان مۇئەللىپنىڭ ئەسىرىنى تاماملىغان ۋاقىتتا (يەنى 462 = 1069-1070، 6623- 6624- بېيىتلەر ) تەخمىنەن 54 ياشلاردا ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنسا، ھىجرىيە 408-يىللىرى( 1017-1018) ئەتراپىدا تۇغۇلغان بولىدۇ. ئەسەردە سائادەت ۋە ئىقبال(قۇت)غا سىمۋول قىلىنغان ۋەزىر ئايتولدى بىلەن ئەقىل(ئۇقۇش)گە سىمۋول قىلىنغان ئايتولدىنىڭ ئوغلى ئۆگدۈلمىشنىڭ ئوبرازىدا شائىرنىڭ ئۆزىنى تەسۋىرلىگەنلىكى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن.

يۈسۈپ بىلەن مەھمۇد بىر دەۋر ۋە بىر مۇھىتتا يىتىشكەن تۈرك زىيالىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، ئەسەرلىرىنى بىر بىرىدىن يىراقتا يازغان، بىر بىرىنى تۇنىمىغان ۋە بىلىشمىگەن بولسىمۇ، ئىككىلىسى ئوخشاش ماتېرىيال ئۈستىدە ئىشلەپ بىر بىرىنى تولۇقلىغان. مەھمۇد تۈرك قەۋملىرى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى، تۈرك تىلى ۋە شۇ ئارقىلىق تۈرك ئەدەبىياتى بىلەن مەشغۇل بولغان، يۈسۈپ بولسا كۆپرەك تۈركلەرنىڭ پىكىر ھاياتى ۋە مەنىۋىي بايلىقى ھەققىدە ھەققىدە توختالغان. تۈرك ئەدەبىياتىنى، بولۇپمۇ خەلق ئەدەبىياتىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدىغان بۇ ئىككى مۇئەللىپ باشقا – باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن بۇ ئەدەبىياتتىن كۆپ پايدىلانغان ئىدى. ھەر ئىككىلىسى تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنى تولۇق بىلەتتى ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغان ئىدى. يۈسۈپمۇ مەھمۇدقا ئوخشاش ياشلىقىدىن تارتىپلا تۈرك دۆلەت تەشكىلاتى ئىچىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋە بەلكىم ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئاشۇ تەشكىلات ئىچىدە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. يۈسۈپنىڭ ئەسىرى بىر قارشقىلا دۆلەت تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شائىر تەشكىلاتنىڭ سىرىتقى شەكلىدىن بەكرەك جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان شەخسلەر بىلەن بۇلارنىڭ ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتلىرى ئۈستىدە توختالغان ۋە تەجىرىبىلىك بىر پىكىر ئادىمى(مۇتەپەككۇر) ھەم شائىر سۈپىتى بىلەن دەۋرنىڭ ھايات پەلسەپىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تەھلىل قىلغان.

تەبىئەت تىلغا كەلگەن ھەيۋەتلىك بىر سىمپونىيە دىكراتسىيىسى ئىچىدە تەسۋىرلەنگەن تۈرك خاقانىنىڭ تەختكە چىقىش مۇراسىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىنغان بۇ قىممەتلىك، ئەمما ئۆتكۈنچى سوغاتلارنىڭ يېنىدا ئەبەدىيلىككە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىگە تارقالغان ۋە نامىنىڭ زىكرى قىلىنىشى سەۋەبى بىلەن خاقاننىمۇ ئەبەدىيلەشتۈرۈپ، شۆھرىتىنى دۇنياغا يايغان ئەسىرىنى مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە دەرىجىسىنى سىزەلىگەن بىر شائىر سۈپىتى بىلەن ھۆكۈمدارغا سۇنغان(112- 115-بېيىتلەرگە قاراڭ) چاغدا قېرىلىق شەرىپى ئۇنىڭغا بۇ ھوقۇقنى بەرگەن ئىدى. قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئۇلۇغ خاقانى بولۇپ، ھىجرىيە 451- 496- يىللار(1059-1103) ئارلىقىدا 44-45 يىلدەك ئۇزۇن بىر مەزگىل دۆلەتنى ئىدارە قىلغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي تارىخنىڭمۇ خاتىرىسىدىن ئۈچۈپ كىتىشى ئېنىق بولغان بۇ ھۆكۈمدارغا شائىرنىڭ سوغىسى يېڭىدىن ھايات بېغىشلاپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ سۆيۈنۈپ تۇرۇپ قوللانغان بىر تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، تۈرك تارىخىنىڭ مۇھىم بىر دەۋرى ئۈچۈن ئۆچمەس بىر مەشئەل ياققان ئىدى.

«قۇتادغۇ بىلىگ» — ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك(قۇت – ئاد – غۇ بىل – ى- گ ، يەنى قۇتلۇق، بەختلىك بولۇش بىلىمى)، ئىنسانغا ھەر ئىككى دۇنيادا تولۇق مەنىسى بىلەن بەختلىك بولۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يولنى كۆرسىتىش مەقسىتى بىلەن يېزىلغان بىر ئەسەردۇر. بىر بىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان شەخس، جەمئىيەت ۋە دۆلەت ھاياتىنىڭ ئىدىئال بىر شەكىلدە تەرتىپكە سېلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان چۈشەنچە، بىلىم ۋە پەزىلەتلەرنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ۋە بۇلارغا قانداق شەكىلدە ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەم قانداق قوللىنىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان شائىر – مۇتەپەككۇر بۇ ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدە كۈندىلىك ھاياتنىڭ ئۈستىگە يۈكسەلگەنلەرنىڭ چۈشەنچىلىرىگە تەرجىمان بولغان ئىدى. «قۇتادغۇ بىلىگ»بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ قەتئىيلىك بىلەن تەكىتلەۋاتقىنىدەك، ئۆز ئىگىلىرىگە ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ئەخلاق دەرسى بەرگەن قۇرۇق بىر نەسىھەت كىتابى ئەمەس ئىدى. يۈسۈپ بۇ ئەسىرى ئارقىلىق ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە شۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىپىىسنى كۆرسىتىدىغان بىر پەلسەپە، يەنى بىر ھاياتلىق پەلسەپىسى سىستېمىسىنى قۇرغان ئىدى.

«قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ قانداق سەۋەپلەرنىڭ تەسىرى بىلەن يېزىلغانلىقى ھەققىدە ئەسەردە ھەر قانداق بىر مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ. بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك مۇھىتىدا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي نىزامنىڭ خېلىلا مۇھىم بىر ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە بىر مۇنچە ئەنئەنىلەرنىڭ ھۇلىنىڭ تەۋرەپ كەتكەنلىكىنىڭ شائىرنىڭ مۇشۇنداق بىر ئەسەر ئىچىدە ئەخلاق پىرىنسىپلىرىنى يېڭىدىن قولغا ئېلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. يۈسۈپ شۈبھىسىزكى، ئەسەرنىڭ ئايرىم بىر بابىدا (4392-4393 – بېيىتلەرگە قاراڭ) تەسۋىرلەنگەن شائىرلار تۈركۈمىگە مەنسۇپ ئەمەستۇر. شۇنداق بولسا ئىدى، «قۇتادغۇ بىلىگ»مۇ بىر مەدھىيە مەجمۇئەسىدىن باشقا بىر نەرسىگە ئايلانمىغان بولاتتى. ھالبۇكى، بۇ يەردە ئايرىم شەخسلەردىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەر بىر دەۋردە قىيىن بولغان پەزىلەت ۋە پىداكارلىقلار تەلەپ قىلىنغان ۋە ئۆتكەن كۈنلەردىكى ئىدىئال بىر جەمئىيەتنىڭ تەسۋىرى ئارقىلىق شائىرنىڭ ئۆز مۇھىتى تەنقىد قىلىنغان ئىدى(مەسىلەن،6565-بېيىتكە قاراڭ). خۇسۇسىي ئارزۇلار ۋە ئۆتكۈنچى مەنپەئەتلەرنى قوغلىشىدىغان ئىنسانلار ئارىسىدا شائىر — مۇتەپەككۇرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنى مۇداپىئە قىلىش ئاسان بولمىغان. ئەتراپىدىكىلەرنىڭ يۈسۈپنى بەزىدە ئاچچىق شىكايەت قىلىشقا مەجبۇر قىلغان تىل تىكىنى شائىرنى ھىچ ئارامىدا قويمىغان ئىدى(6601- بېيىتكە قاراڭ). قانداق ئىكەنلىكىنى ئاسانلا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان مۇشۇنداق بىر مۇھىتتىلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇشۇنداق بىر قاراش بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىر مۇتەپەككۇرنىڭ دۇچ كىلىدىغان زىھنىيەت نەزەرگە ئېلىنسا ئەسەرنىڭ قەلبتىن ئېتىلىپ چىققان بىر تۇيغۇ ۋە ئۆزى مەنسۇپ جەمئىيەتكە قارىتا چوڭقۇر بىر مەسئۇلىيەت ھىسلىرى بىلەن يېزىلغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان چۈشەنچە كۈچىيىدۇ ۋە شائىر بىر ئىنقىلاپچى دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىدۇ.

تۈرك ئەدەبىي تىلى ماتېرىياللىرىغا ھۆكۈمران بولغان ۋە ئۇنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى پىىشىق بىلىدىغان ھەم بۇ ساھەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرغان شائىر ئەسىرىدە ئىران سەنئەتكارلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ئارۇز ۋەزنىنى قوللانغان. ئىلاۋىلەر بىلەن بىرلىكتە 88 ماۋزۇ ئاستىغا يىغىنچاقلانغان مەزمۇن ئەسەرنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان ۋە قىسقارتىلغان مۇتەقارىپ، يەنى «فائۇلۇن، فائۇلۇن، فائۇلۇن فائۇل» ۋەزنىدە(ئەسەردە پەقەت بىر تۆتلۈك ئىچىدە تولۇق مۇتەقارىپ ئۇچرايدۇ. 3800 -3801- بېيىتلەر) يېزىلغان. 1-6520- بېيىتلەر مەسنىۋى شەكلىدە ئۆز ئىچىدە قاپىيىلىك كەلگەن. ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا قوشۇمچە قىلىنغان «يىگىتلىككە ئېچىنىپ، قېرىلىق ھەققىدە سۆز ئاچقان» 44 بېيىتلىك بىر بۆلۈم (6521-6564- بېيىتلار) تولۇق مۇتەقارىپ(فائۇلۇن، فائۇلۇن، فائۇلۇن، فائۇلۇن) ۋەزنىدە بولۇپ، قەسىدە تەرزىدە، aa ba ca شەكلىدە داۋام قىلغان ۋە پېئىلنىڭ ئۆتكەن زامان بىرىنجى شەخىس شەكلى بىلەن كۆپۈنچە پېئىلنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، «ت» قوشۇمچىسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەن بۇ «تىم» بوغۇمى بۈگۈنكى قاپىيە قائىدىسىگە ماس كەلمىگىنىدەك، «ت»نىڭ ئورنىغا بەزىدە «د»(ئىدتىم–ئۈچ قېتىم–6521، 6527، 6545؛ ئۇياد– تىم، 6540-، ئىگىد-تىم-6559، يوقاد-تىم- 6560، ئەك-تىم- 6555) ياكى «ق» (تارىق-تىم — 6544، بارىق-تىم- 6546، چاۋىق – تىم- 6549) تاۋۇشلىرى ئورۇن ئالماشقان. «زاماننىڭ بۇزۇقلىقى ۋە دوستلارنىڭ جاپاسى»دىن سۆز ئاچقان 40 بېيىتلىك بىر پارچە (6565–6604- بېيىتلار) بولسا، ئۆزىدىن ئاۋۋالقى پارچىنىڭ ۋەزنىدە ۋە شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، قاپىيە ئورنىدا پېئىلنىڭ بىرىنجى شەخس بۇيرۇق قوشۇمچىسىنىڭ «ن»سىز تاۋۇشى بولغان «- ئايى» ۋە «- ئەيى» قوشۇمچىلىرى قوللىنىلغان. «كىتاپ ئىگىسى ئۇلۇغ خاس ھاجىب يۈسۈپنىڭ ئۆز ئۆزىگە نەسىھەت قىلغانلىقى» بايان قىلىنغان 41 بېيىتلىك پارچىمۇ(6605- 6645) ئەسەرنىڭ ئەسلى مەزمۇنىغا ئوخشاش قىسقارتىلغان مۇتەقارىپ ۋەزنىدە ۋە قەسىدە شەكلىدە «-را» ياكى «- رە» قوشۇمچىلىرى بىلەن قاپىيىلەنگەن. تۈرك ئەدەبىياتىدا يېڭى ئىكەنلىكىنى ئاسانلا پەرەز قىلغىلى ياكى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان ئارۇزنىڭ ئىلاۋە قىلىنغان پارچىلاردىكى قاپىيە سىرتىدا شائىر تەرىپىدىن راۋان بىر شەكىلدە قوللىنىلغانلىقىنى كۆرىمىز( 5766 ۋە 5785- بېييىتلەر، ئەدگۈلۈك–ئۈلۈگ ۋە بۈگۈنكى چۈشەنچىلەر كۆرە قاپىيىسىز ھېساپلىنىدىغان 6479-6480 بېيىتلەر بەزى ماسلاشماسلىق ئەھۋالىغا مىسال بولىدۇ. بۇ يەردە ئارىغا باشقا تېكىستلەرنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن). ئەسەر شائىر تاللىغان يېرىم ھېكايە ۋە يېرىم سىمۋول شەكلىدە، ئارىلىقتا ھەرىكەتنى ئىپادىلىگۈچى ۋە ئىزاھلىغۇچى مونولوگلار ھەم جانلىق تەبىئەت تەسۋىرلىرى ئارقىلىق بىزەلگەن سەھنىلىرى بىلەن بىر پۈتۈن ھالدا، شۇنداق مۇكەممەل بىر ئۇسلۇپ ۋە قۇرۇلما ئىچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىدىكى، بۇ ماتېرىيالغا يەنە باشقا قانداق بىر شەكىل بىرىلىدىغانلىقىنى تەسەسۋۋۇر قىلىشمۇ قىيىن.

«قۇتادغۇ بىلىگ»تە شائىر ئۆزىنىڭ ئەسلى مەقسىتى بولغان ئىدىئال بىر ھايات نىزامىنى ئىپادە قىلغاندا، ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ھەققىدىمۇ خېلى تەپسىلى توختالغان ۋە رىئاللىققىمۇ ئورۇن بەرگەن. لېكىن، يۈسۈپ ئالدى بىلەن بىر شائىردۇر. «قۇتادغۇ بىلىگ» نە ۋەقەلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن بىر تارىخ، نە رايون ۋە شەھەرلەرنى تەسۋىرلىگەن بىر جۇغراپىيە، نە دىن ئادەملىرىنىڭ ئىجتىھاتلىرىنى توپلىغان بىر ئەسەر، نە ھۆكۈمالارنىڭ پىكرىگە تايانغان بىر پەلسەپە، نە شەيخلەرنىڭ ھىكمەتلىك سۆزلىرىگە تايانغان بىر نەسىھەت كىتابى بولسۇن. بۇنىڭدا تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن ۋە تەرىپلەنگەن ھىچقانداق بىر ئىسىم ئۇچرىمايدۇ. يۈسۈپ كۈندىلىك ھايات قايغۇلىرىدىن ھالقىغان ۋە ئۆز مۇھىتىنىڭ سەۋىيىسىدىن ناھايىتى يۈكسەلگەن بولۇش بىلەن بىرلىكتە ئىنسان سۈپىتىدە ئۇمۇ مۇھىتنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى. چۈشەنچە ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنى مۇھىتنىڭ ماتېرىياللىرى ئارقىلىق ئىپادە قىلىش ۋە مۇھىت ۋە دەۋر چۈشىنەلەيدىغان شەكىل ۋە ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەش مەجبۇرىيىتىدە ئىدى. ئۆز پىكىرلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دەۋرنىڭ ئۇسلۇپ ۋە شەكلىگە ماسلىشىپ، مۇھىتنىڭ پىكىر مەھسۇللىرىغا پات- پات مۇراجىئەت قىلغانىدى. ئەسەردە تۈرلۈك تېمىلارغا ئائىت پىكىرلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل قاتلاملىرىغا مەنسۇپ بولغان شەخسلەر تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇلار ھەققىدە بۈگۈن مەلۇماتىمىز بولمىسىمۇ، بۇ شەخسلەرنىڭ ياكى شائىرنىڭ دەۋرىدە ياشىغانلىقى، ياكى ئەسىرى ئارقىلىق تۇنۇشقانلىقى ۋە ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەپلەر بىلەن مۇشۇنداق ئەسەرلەردە ئىسمى ئۇچرايدىغان مەشھۇر كىشىلەر ئىكەنلىگى شۆبھىسىزدۇر. ھۆكۈمدار ئاقىۋەتكە سىمۋول قىلىنغان ئودغۇرمىش بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن دۇنيادىكى ھاياتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، زىممىسىدىكى ئېغىر يۈكنى داۋاملىق كۆتۈرۈپ يۈرۈشنى خالىمىغانلىقىنى ئۆگدۈلمىشكە ئېيتقاندا(5456- 5466- بېيىتلار)، ئۆگدۈلمىش ھۆكۈمدارنىڭ قىلىدىغان ئىشلرىنى ئەسلىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى نام قازىنىش ئۈچۈن يېڭى بىر پائالىيەت سورۇنىنى كۆرسىتىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بىر بىرىگە قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنىڭ لازىملىقىنى، لېكىن كاپىرلارغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى، ئۆي– جايلىرىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈشىنى، ئوغۇل – قىزلىرىنى ئەسىرگە ئېلىشىنى، ماللىرىنى غەزىنىگە تۆكۈشىنى، بۇت(بۇرقان)ىنى چېقىپ، ئورنىغا مەسچىت سېلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئىسلامىيەتنى تارقىتىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ(5468 – 5490- بېيىتلەر). شائىر بۇ ئارقىلىق قەشقەر ھۆكۈمدارلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىي تۈركىستان ئىشلىرىغا ئارىلاشقۇدەك ئەھۋالدا بولمىغانلىقىدىن كۆپۈنچە شەرققە بۇرۇلۇپ بۇرقانچى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشنىلىرىغا قارشى ھەرىكەت قىلىشى ۋە بۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دىنىي بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرلىرىگە تەرجىمان بولغان ئىدى. «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى ئەسكىرىي كۈچ ھەققىدە يۈرگۈزۈلگەن تەھلىللەردىنمۇ بۇ دۆلەتنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىشلارغا قەدەم تۇتۇش قىلغۇدەك بىر ئەھۋالدا ئەمەسلىكىنى ھإكۈم قىلىش مۇمكىن.

ئەسەرنىڭ باش قىسمىدا ئورۇن ئالغان تەۋھىد، نەئەت[1]ۋە تۆت ساھابىنىڭ بايانىدىن كېيىن، پارلاق ياز پەسلىنىڭ مۇكەممەل بىر تەسۋىرى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھۆكۈمدار ئۇلۇغ بۇغراخاننىڭ مەدھىيىسى ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ كەينىگە ناھايىتى قىسقا ۋە ئىخچام بىر شەكىلدە ئىپادە قىلىنغان يارالمىش قىسمى بىلەن ئىنسان بالىسىنىڭ بىلىم ۋە ئەقىل ئارقىلىق ھۆرمەت تاپىدىغانلىقى ۋە تىلنىڭ پەزىلىتى ۋە قۇسۇرى بىلەن پايدا ۋە زىيىنى ھەققىدىكى بابلار ئۇلاشقان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسەر ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىنغان ۋە ئاساسلىرى ئىزاھلىنىپ، ئەسلى ھەرىكەت سەھنىسىگە قەدەم قويۇلغان.

«قۇتادغۇ بىلىگ» تۆت ئاساس(نەڭ- نەرسە) ئۈستىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا 1- توغرا قانۇن(كۆنى تۆرۈ) — كۈنتۇغدى(ھۆكۈمدار)، 2- سائادەت(قۇت)- ئايتولدى(ۋەزىر)، 3- ئەقىل(ئۇقۇش)– ئۆگدۈلمىش(ۋەزىرنىڭ ئوغلى)، ھاياتنىڭ ئاخىرى(ئاقىۋەت) – ئودغۇرمىش(زاھىد) سىمۋول قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئەسەردە ئايتولدىنىڭ ھاجىب بىلەن كۆرۈشىشىگە ۋاسىتىچى بولغان كۈسەمىش، ھۇزۇرغا قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىنى ياراتقان ھاجىب، ئوتتۇرىدا خىزمەت قىلغۇچى ئوغلان، خەۋەر يەتكۈزگۈچى يۇمۇشچى ۋە زاھىدنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان قۇمارۇمۇ ئىشتىراك قىلغان نىسبىتى ئاز بولغىنىغا قارىماي، ۋەزىپىلىك كىشىلەر سۈپىتىدە سىمۋۋوللۇق ماھىيەتنى ئىپادە قىلغان ئىدى(مەسىلەن، كۈسەمىش – ئارزۇ، قۇمارۇ—ۋەسىيەت). بارلىق پەزىلەت ۋە قۇسۇرلىرى بىلەن نامايەن بولغان بۇ شەخسلەر ناھايىتى جانلىق بىر شەكىلدە داۋام قىلغان ئۇچرىشىش، سۆھبەت، تالاش– تارتىش، مۇنازىرە ۋە ھەر خىل تەسۋىرلىرى بىلەن بىر خىل دراماتىك كۆرۈنىش ئىچىدە ھەرىكەت قىلدۇرۇلىدۇ ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆرنەكلىرى پەقەت تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدە ئۇچرايدىغان بىر سەھنە نامايەن قىلدۇرۇلىدۇ. ھۆكۈمدار كۈنتۇغدىنىڭ تەرىپى، خاس ھاجىب ئايتولدىنىڭ بالاساغۇندىن قەشقەرگە كېلىشى ۋە بۇ يەردە ئىككىلىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرى بىلەن دەستلەپكى مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە ئاخىرىدا ھۆكۈمدارنىڭ ھوزۇرىغا كىرىشى ۋە باشقىلار تەڭداشسىز گۈزەللىكگە ئىگە بىر ھايات سەھنىسى ئىدى. ئىنسانلار ھەر ئىككى دۇنيالىق ئۈچۈن ئىرىشمەكچى بولغان سائادەت(ئايتولدى) بىلەن پۈتۈن كائىناتنىڭ ھۇلى قىلىنغان توغرا قانۇن(كۈنتۇغدى) ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا سۆھبەتلەردە شۇ دەۋرنىڭ خۇسۇسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق پرىنسىپلىرى، قانۇننىڭ ئەقىل(ئۆگدۈلمىش) بىلەن قىلىشقان سۆھبەتلىرىدىمۇ جەمىئىيەت ھاياتىنىڭ، بىلىم نەزەرىيىسىنىڭ ۋە ھايات پەلسەپىسىنىڭ بارلىق مەسىلىلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان ئىدى.( 1679، 1796 ،1817، 1835، 1850- بېيىتلەرگە قاراڭ)

ئۆلۈم بۇ يەردىمۇ بىر يەكۈننى تەشكىل قىلىدۇ. لېكىن ئاساسلىق مەسىلە ياخشى نام بىلەن ياشاش ۋە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بۇ نام بىلەن ياشاشنى داۋام قىلدۇرۇشتۇر. ئۇ دۇنيا(ئۇقبا) نەزەردە تۇتۇلۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇ يەردىكى ھايات تەسۋىرلىرىنىڭ ئورنىغا تۈركنىڭ ئەمەلىيەتچىل قارىشى بايان قىلىنىدۇ ۋە ياخشىلىققا قارىتا ياخشىلىق قىلىش، يامانلىققا قارىتا يامانلىق قىلىش پىكرىگە ئوخشاش ئومۇمىي بىر ئىپادە بىلەن قانائەتلىنىدۇ. ئايتولدى بىلەن ئوغلى ئۆگدۈلمىش ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ۋە ۋەزىرنىڭ ھەم ئوغلىغا ھەم ھۆكۈمدارغا قىلغان ئۆگۈت — نەسىھەتىمۇ بۇ ئومۇمىي قاراش ئارقىلىق گۈزەل بىر شەكىلدە خۇلاسە قىلىنغان. مەيلى ئايرىم باپلاردا بولسۇن ياكى ئەسەرنىڭ تۈرلۈك يەرلىرىدە بولسۇن، نۆۋىتى كەلگەندە ئىنسانلارنىڭ يىتىلىشى، ھاياتنىڭ مەنىسى، دۇنيانىڭ لەززىتى ۋە ھەر ئىككى دۇنيادا بەختلىك بولۇش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ھەرىكىتى ھەققىدە توختالغان مۇتەپەككۇر – شائىر بۇ كىشىلەرنىڭ جەمئىيەت ئىچىدىكى ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتلىرى جەھەتتىكى ئىجتىمائىي مۇئەسسىسەلەر بىلەن بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگىمۇ ئەسەردە كەڭ ئورۇن ئاجراتقان.

ئۆگدۈلمىشنىڭ ئوغلى چوڭ بولۇپ، ھۆكۈمدارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋەزىر بولىدۇ. شائىر ھەر تۈرلۈك پەزىلەت ۋە خىسلەتلەرگە ئىگە بولغان بۇ ئالىم ۋەزىرنى دۆلەت ئىشلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە شەخسىي چۈشەنچە ۋە ھەرىكەتلەردىمۇ ھۆكۈمدارنىڭ ياردەمچىسى سۈپىتىدە سەھنىگە چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالى مۇئەسسىسەلىرى ھەققىدە سۆز قىلىش پۇرسىتىنى بىرىدۇ. بەزىدە ھۆكۈمدارنىڭ ۋە بەزىدە ئودغۇرمىشنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىش شەكلىدە سۆزلەنگەن بۇ پىكىرلەر تۈرك دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ پەلسەپىسىنى ۋە ئەخلاقىي ئاساسلىرىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، قەدىمكى ۋە يېڭى دەۋرلەرنى بىر بىرىگە باغلاش جەھەتتىن تەڭداشسىز بىر قىممەتكە ئىگە. شۇڭا، نۆۋىتى بىلەن ھۆكۈمدار، ۋەزىر، قوماندان، ھاجىب، ئىشىك ئاغىسى، ئەلچى، پۈتۈكچى، غەزىنىدار، باش ئاشپەز، شارابدار مەنسەپلىرى ۋە بۇ ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى ئايرىم بابلاردا چۈشەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتچىلەرنىڭ ھۆكۈمدار ئۈستىدىكى ھەقلىرى ھەققىدە سۆز ئېچىلىش ئارقىلىق بۇلارنىڭ بىر خىل ئورتاقلىق ئىچىدە ئىكەنلىكى ۋە ھۆكۈمدارنىڭ خىزمەتچىلەر ئۈستىدە قانچىلىك ھەقلىرى بار بولسا، خىزمەتچىلەرنىڭمۇ ھۆكۈمدار ئۈستىدە شۇنچىلىك ھەقلىرىنىڭ بارلىقى ئىپادە قىلىنىپ، بۇ خىل ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئەھمىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ھۆكۈمدار، ۋەزىر ۋە باشقا خىزمەتچىلەر مۇئەللىپ تەسۋىرلىگەن ئىدىئال بىر ھالەتتە ماددىي ۋە مەنىۋىي ھاياتى ھەر جەھەتتىن تۈزۈتىلگەن بىر سۈپەتتە بولۇپ، ئاھالىمۇ ھۆكۈمدارغا دۇئا قىلىدۇ. لېكىن ھۆكۈمدار كېيىنلىكنى ئويلاپ ئۆگدۈلمىشكە ئوخشاش ھەر جەھەتتىن ئىشەنچىلىك بولغان، بىلىملىك ۋە پەزىلەتلىك بىرىسىنى ئىزدەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بۇ دۇنيادىن ۋاز كىچىپ ھاياتنى پەقەت ئاخىرەت ئۈچۈن بىر تەييارلىق سورۇنى دەپ چۈشەنگەن ئەشەددىي بىر زاھىد گۇرۇھىنىڭ ۋەكىلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بىر تەرەپتىن دۇنيا ھاكىمىيىتىگە قەدەر ئۇلاشقان ئىنسانىي ئىستەكلەر بىلەن يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دۇنيانى بىر مەۋجۇدىيەت سۈپىتىدىمۇ قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان بۇ قاراشلارنىڭ يەنى مۇئەللىپنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا دىن يولى بىلەن دۇنيا يولىنىڭ بىر بىرى بىلەن تۇتۇشىشىنىڭ جانلىق سەھىپىلىرىگە ئەگىشىپ ماڭغان ئوقۇرمەن تۈركنىڭ ئەمەلىيەتچىل ۋە ئەقىلچىل دەپ خاراكتېرلەندۈرۈشكە بولىدىغان دۇنيا قارىشىنىڭ تەرەققىياتىغا شاھىت بولىدۇ ۋە ئەسەرنىڭ قەھرىمانلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەر كىمنىڭ ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ھىسيات دولقۇنلىرىنى تىزگىنلەپ، قولىدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىلىش ئارزۇسى بىلەن ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا ھەم ماددىي ۋە مەنىۋىي ئارزۇ – ئىستەكلەرنى قاندۇرىدىغان بىر چارە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ھوزۇرلىنىدۇ. تۈركلەرنىڭ دۇنياغا ھەر ۋاقىت پارلاق نەمۇنىلىرىنى بەرگەن بۇ ئىنسانىي خىسلەتلىرى ئۇلارنىڭ مىللىي خۇسۇسىيىتىگە ئايلانغان ۋە ھازىرغا قەدەر باشتىن ئۆتكۈزگەن بارلىق كۈلتۈر باسقۇچلىرىغا ئۆزىنىڭ تامغىسىنى ئورغان.

ھۆكۈمدارنىڭ زاھىد ئودغۇرمىشقا ئەۋەتكەن مەكتۇبىنى ئېلىپ بارغان ۋەزىر ئۆگدۈلمىشنىڭ قېرىندىشى بىلەن قىلغان مۇنازىرىسىدە ھەر ئىككى نۇقتىئنەزەر ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ. زاھىدنىڭ قارىشىچە، دۇنيا ئىشىغا ئارىلاشقان كىشى ئاخىرەت ئىشىنى قىلالمايدۇ. خەلققە دەرۋازىنى تاقىۋەتمەي تۇرۇپ ئىبادەت قىلغىلى بولمايدۇ. ئۆزىدىن خەلققە بىر پايدا يەتمىگىنىدەك، زىيىنىمۇ تەگمەيدۇ. ئۆگدۈلمىش بۇنىڭغا «باشقىلارغا پايدىسى تەگمىگەن كىشى ئۆلۈكتۇر، ئىنساننىڭ پەزىلىتى ئىنسانلار ئارىسىدا نامايەن بولىدۇ. ياماننى ياخشىغا ئايلاندۇرۇش، جاپاغا قارىتا ۋاپا قىلىش، ئۇلارنى ئەپۇ قىلشى دىننىڭ ئەسلى يولىدۇر. سەن ھېچ بىر نەرسىنى كۆرمەي تۇرۇپ بۇلاردىن ۋاز كەچتىڭ، ئارزۇيىڭنى تىزگىنلىسەڭ، ھەر نەرسىنى قىلىشقا قادىر بولساڭمۇ، بۇنى قىلمىساڭ مانا بۇ ياخشىلىقتۇر» دېگەن پىكرى ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرىدۇ. زاھىد بىراز ئارىسالدى بولىدۇ. ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلار ئارىسىغا قايتىپ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋە دۇنيا ۋاسىتىسى بىلەن «ئاخىرەتلىك»نى تېپىش پىكرى تۇغۇلىدۇ. لېكىن دۇنيانىڭ نۇرغۇن قۇسۇرلىرىنىڭ بارلىقى تۈپەيلىدىن بۇنىڭدىن ۋاز كېچىدۇ. ھۆكۈمدارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق مەكتۇبىدىكى ئارزۇسى بىلەن شەھەرگە، ئىنسانلار ئارىسىغا قايتىشقا رازى بولىدۇ. ئۆگدۈلمىش بۇ سەۋەپ بىلەن ئۇنىڭغا مەملىكەت خىزمىتىدە لازىم بولغان بىلىملەرنى بىرىدۇ. بۇ جەرىياندا ھۆكۈمدارلارغا خىزمەت قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ۋە قائىدە – يوسۇنى، ساراي ئەھلى، خەلق(ئاۋام)، پەيغەمبەر ئەۋلادلىرى، ئالىملار، تىۋىپلەر، ئەپسۇنچىلار، چۈش ئۆرۈگۈچىلەر، مۇنەججىملەر، شائىرلار، دېھقانلار، سودىگەرلەر، چارۋىچىلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە پېقىرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، ئۆيلىنىش، بالا تەربىيىسى، خىزمەتچىلەرگە بولغان مۇئامىلە، زىياپەتكە بېرىش ۋە زىياپەتكە چاقىرىشقا ئوخشاش شەخسلەرنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى ۋە جەمئىيەت ھاياتىدىكى ھەرىكەت شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى بىرىدۇ. شۇ ۋاقىتقا قەدەر تاغدا يالغۇز ياشىغان زاھىد جەمئىيەت ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالىشىدىن شۈبھىلىنىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ دۇنيادىن قول ئۈزگەنلىكىنى، ئۆز ھالىتىدىن رازى ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ ياراتقۇچىنى تېپىشنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى، ياراتقۇچىنى تاپقاندىلا ھەر نەرسىگە ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، دۇنيا ئىشتىياقىنى كۆڭۈلدىن چىقارمىغىچە ئۇنىڭغا تەڭرى سۆيگۈسىنى كىرگۈزۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەھەرگە قايتىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. نىھايەت ئۆگدۈلمىشمۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ زاھىدنىڭ سۆزىنى توغرا دەپ قارايدۇ. ھۆكۈمدارغا بۇنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ ۋە ئۇنى زورلاشنىڭ ھىچ بىر پايدسىنىڭ يوقلىقىنى سۆزلەيدۇ. ھۆكۈمدار بۇنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بۇ مۇھتەرەم زاتنى بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. زاھىد كەلمىگەن تەقدىردە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاخىرى زاھىد ھۆكۈمدارغا ھۆرمەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىيارەت قىلىشقا رازى بولىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جانلىق ۋە دىداكتىك ماھىيەتكە ئىگە بولغاندىن سىرىت ھېسسىلىككىمۇ بولغان بۇ ئۇچرىشىش ئۆز دۇنياسىنىڭ ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىسىگە ئۇلاشقان بۇ ئىككى شەخسىنىڭ ئۆز ئارا ھۆرمەت بىلدۈرۈشىگە سەۋەپ بولىدۇ. زاھىدنىڭ ئاغزىدىن چىققان قىممەت ھۆكۈملىرىنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيا دائىرىسى ئىچىدە تەھلىل قىلىنىدۇ. ئەڭ كۆپ توختالغان خۇسۇس ئۆمۈرنىڭ قىسقىلىقى ۋە ئۆلۈمدۇر. جەننەت ۋە دوزاق ئۇقۇملىرى ھەم بۇلارنىڭ ياخىشلىق ۋە يامانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە يەنىلا ئورۇن بىرىلمەيدۇ. زاھىدنىڭ پىكىرلىرىنى ياخشى تەھلىل قىلغانلار بۇ يەردە بۇددىزمنىڭ ئىزلىرىنى تاپالايدۇ. زاھىدنىڭ سۆزلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان ھۆكۈمدار بۇ دۇنيانىڭ ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقى ئالدىدا ئۆز زىممىسىگە شۇ قەدەر ئېغىر يۈكنى يۈكلەشنىڭ مەنىسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئۆگدۈلمىش ھۆكۈمدارغا بۇگۈننىڭ روھىغا ئۇيغۇن بىر غايە كۆرسىتىدۇ. ئۈمىتسىزلىنىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، تەڭرىنىڭ بۇنى خالىمايدىغانلىقىنى، بەگلىكنى زورلۇق بىلەن ئالمىغانلىقىنى، بۇنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن بىرىلگەن ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. قىسقىسى، مەملىكەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلىسى سۈپىتىدە خاراكتىرلەندۈرۈشكە بولىدىغان بۇ غايە ھەر كىشىنىڭ بىخەتەر ۋە راھەت ئىچىدە ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ۋە بۇنىڭدا مۇۋاپپىقىيەت قازانغان.

كۈنلەر ئۆتىدۇ ۋە بار كۈچى بىلەن ئىشلەۋاتقان ئۆگدۈلمىشمۇ ئاستا – ئاستا قېرىيدۇ. ئۆلۈم يېقىنلاشقانسېرى گۇناھلىرىنى ئويلاپ تۆھبە قىلىپ كۆڭلىنى پاكلاش مەجبۇرىيىتىنى ھېس قىلىدۇ. لېكىن بىر قارارغا كېلىشتىن بۇرۇن قېرىندىشى زاھىد بىلەن كېڭەشمەكچى بولىدۇ. قېرىندىشى بۇ پىكىرنى ئورۇنلۇق دەپ قارىسىمۇ، ئۇنىڭ دۇنيا بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈشىگە قوشۇلمايدۇ. ئۇنىڭچە خەلق ۋە مەملىكەت خىزمىتىدە ناھايىتى پايدىلىق بولغان بىر كىشىنىڭ بۇ ئىشنى تاشلىۋىتىشى زىيانلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا يامان بىر ئادەم چىقسا خەلقنىڭ خاتىرىجەملىكى بوزۇلۇپ، ئۆگدۈلمىش تەڭرى ئالدىدا جاۋاپكار بولاتتى. ئىنسان ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن جەمئىيەت مەنپەئەتىنى دەپسەندە قىلسا بولمايتتى، ھۆكۈمدارنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ياخشىلىقىغا قارىتا ئۇنىڭمۇ ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىشى لازىم ئىدى. ئاخىرى ئۇنى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ لازىملىقىغا ئىشەندۈرىدۇ.

ئودغۇرمىشنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىشى سەۋەبى بىلەن چاقىرىتىلغان ئۆگدۈلمىش قېرىندىشى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىدۇ. كېسەللىكنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ئودغۇرمىشنىڭ كۆرگەن چۈشىگە ئىككىسى پەرقلىق بىر شەكىلدە تەبىر بىرىدۇ. ئودغۇرمىش ئۆز قارىشنى تەكرار خۇلاسە قىلىدۇ. قېرىندىشىنى كېسەل ھالەتتە قالدۇرۇپ كەتكەن ئۆگدۈلمىش ھۆكۈمدارنىڭ ماقۇللىقى بىلەن زاھىدنى زىيارەت قىلىشقا بارىدۇ. لېكىن ئۇنى ھايات ھالەتتە كۆرەلمەيدۇ. ئۆگدۈلمىش زاھىد ئۈچۈن ماتەم تۇتىدۇ ۋە ھۆكۈمدارمۇ بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىدۇ. ھايات قارشىنى ئىپادە قىلىش جەھەتتىن مۇھىم بولغان ئەسەرنىڭ بۇ قىسمىدا 6351-،6352-،6553- 6354- بېيىتلەر ئارىسىدا بولۇشقا تىگىشلىك تۆت پارچىغا ئائىت مەزمۇن كەم.

ئەسلى ئەسەر 6425- بېيىتقىچە داۋام قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇئەللىپ ئايرىم كۆرسەتمەيلا ئۆز دەۋرىدىن شىكايەت قىلىپ، بۇنى ئەسىرىدە تەسۋىرلىگەن ئىدىئال بىر دەۋر بىلەن سېلىشتۇرىدۇ ۋە بۇ يەردە شەخسلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىنسان ئەمەس، پەرىشتە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، بۇلار ئىنسان بولغان تەقدىردە بۈگۈنكى خەلق نىمە ھېساپلىنىدۇ، دەپ سۇئال قويىدۇ(6427-6429). كېيىن يەنە ئەسەرگە قايتىپ، بۇنىڭ يېزىلغان يىلىنى ۋە ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ ھەم سۆزلىرىنى دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتسىز بىر قەسىدە شەكلىدە يېزىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئەسەرنىڭ ئەسلى شەكلىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ۋە بىر خىل ئىلاۋە دەپ قاراشقا بولىدىغان پارچىلار بار(مەسىلەن، «يىگىتلىككە ئېچىنىپ، قېرىلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، «زاماننىڭ بۇزۇقلىقىنى ۋە دوستلارنىڭ جاپاسى توغرىسدا ئېيتقانلىرى»، «كىتاپ ئىگىسى يۈسۈپ ئۇلۇغ ھاجىبنىڭ ئۆزىگە نەسىھەت قىلغانلىقى»).

«قۇتادغۇ بىلىگ» ھىجرىيە 462-يىلى(1069-1070) يېزىلىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنۇتۇلغانلىقى ياكى تار بىر مۇھىتنىڭ پايدىلىنىشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانلىقى مەلۇم. ئەسەرنىڭ قىممىتىنى چۈشەنگەن جامائەت تەرىپىدىن «قۇتادغۇ بىلىگ» ئىككى قېتىم تارىخنىڭ قاراڭغۇ پەردىسى ئارقىسىدىن يورۇقلۇققا چىقىرىلغان. ھەر ئىككىلى قېتىمدا ئەسەرگە قوشۇمچە قىلىنغان مۇقەددىمىلەر ئاشۇ مۇقەددىمىلەرنى يازغانلارنىڭ پىكىر سەۋىيىسىنى كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك، بۇ مۇھىتلارنىڭ ئەسەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتاپقا تۇنجى قېتىم ئىلاۋە قىلىنغان نەزمىي مۇقەددىمىدە(1-77-بېيىتلەر) بىر تەرەپتىن ئەسەرنىڭ ئۆزى ۋە مۇئەللىپ ھەققىدە مەلۇمات بىرىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن مۇقەددىمىنى يازغۇچىنىڭ پىكرىگە كۆرە ئەسەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. نەزمىي مۇقەددىمىنىڭ تىلى ۋە ئۇسلۇبى ئەسەرنىڭكىگە ناھايىتى يېقىن بولسىمۇ، ئەسەرنىڭ ئاساسىي پىكرىنىڭ ياخشى چۈشىنىلمىگەنلىكى مەلۇم. بۇ يەردە « قۇتادغۇ بىلىگ» بىر خىل سىياسەتنامە دەپ قارالغان ۋە ئەسەرنىڭ ئەسلىدىكى ئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى ئىككىنجى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇلۇپ، كىتاپتا كۆپۈنچە تارماق بىر ئورۇن تۇتقان مەسىلىلەردىن بەزىلىرى(مەسىلەن، ئەسكەرلىك ئىشلىرى) ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان. ئەسەرگە ئىلاۋە قىلىنغان نەسرىي مۇقەددىمە نەزمىي مۇقەددىمىنىڭ كەمتۈك ۋە ناچار بىر خۇلاسىسىدىن ئىبارەتتۇر. تىل ۋە ئۇسلۇب خۇسۇسىيەتلىرى بۇ مۇقەددىمىنىڭ خېلىلا كېيىنكى بىر دەۋرگە ئائىت ئىكەنلىكىدىن ھېچبىر گۇمان قىلىشقا ئورۇن قالدۇرمايدۇ(بۇ مۇقەددىمىدىكى كەمتۈك ۋە خاتا مەلۇماتلار كېيىنكى ۋاقىتتا «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدە ئىزدەنگەنلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭمۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ھەققىدە بىر يۈرۈش خاتا پىكىرلەرنى بايان قىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى).

بۇ مۇقەددىمىلەردىن «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ 2- ۋە 3- قېتىم جانلىنىشىنىڭ ئەسەرنىڭ ئەسلى يېزىلغان مۇھىتىنىڭ سىرتىدا بارلىققا كەلگەنلىكى ۋە بۇ ئارىلىقتا خېلىلا ئۇزۇن بىر ۋاقىتنىڭ ئۆتكەنلىكى مەلۇم. لېكىن بۇلارنى زامان ۋە ماكان جەھەتتىن تېخىمۇ تار بىر دائىرى ئىچىگە ئېلىش ئاسان ئەمەس. مۇقەددىمىلەردىكى جۇغراپىيىلىك تەبىرلەرمۇ بۇلارنىڭ قەشقەرنىڭ غەربىدە يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ يەرنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىلىم ۋە پىكىر مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان سەمەرقەند بولۇشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن يېقىندۇر.

«قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغان بىرى ئۇيغۇر يېزىقىدا ۋە ئىككىسى ئەرەب يېزىقىدا يېزىلغان نۇسخىلىرىنىڭ ئۈچىلىسى ئەسەرنىڭ بۇ ئۈچۈنجى قېتىملىق رەتلىنىشىگە ئائىتتۇر. ئاشۇ نۇسخىلارنىڭ كۆچۈرۈلمىسى بولغان بۇ نۇسخىلار ئارىسىدىكى پەرقلەرگە نەزەر سېلىنسا، بۇ تېكىستلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن خېلىلا مۇھىم ئۆزگىرىشلەرگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. مەۋجۇت نۇسخىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى شۆبھىسىزكى فەرغانە نۇسخىسىدۇر. ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان بۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلۈش تارىخى يېزىق خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىجرىيە7-ئەسىر(13-ئەسىر)دىن ئانچە ئىلگىرى ئەمەس. نۇسخىنىڭ بېشىدا(1-14) ۋە ئاخىرىدا 30 بەتكە يېقىن(6232-6266) بىر قىسىم بىلەن نەزمىي مۇقەددىمە(1- 77) كەم. نەزمىي مۇقەددىمىنىڭ نۇسخىدا بولمىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. بىر – ئىككى بەتنى ھېساپقا ئالمىغاندا، نۇسخىنىڭ مەۋجۇت قىسمى ناھايىتى ياخسى ساقلانغان.

ئەسەرنىڭ ئىككىنجى نۇسخىسى ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان مىسىر نۇسخىسى بولۇپ، مىسىر مەملۈك سۇلتانلىرىدىن ناسىر(693-741 = 1293-1341)نىڭ سادىق خادىملىرىدىن بىرى بولغان ئىززەلدىن ئايدەمىر ئەل- دەۋادار(762=1361 – يىلى ياكى 776= 1374-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) ئۈچۈن ھازىرلانغان. مورىتز تەرىپىدىن 1896- يىلى قاھىرەدىكى ھىدىۋ كۇتۇپخانىسىنىڭ يەر ئاستى ئامبىرىدا پارچا – پۇرات ھالەتتە تېپىلىپ، كېيىنچە يىر يەرگە يىغىنچاقلانغان بىر نۇسخىدۇر. بۇ نۇسخىدا 73-454، 587-646، 836-956، 1504- 1562، 4579-4610، 6245-6303، 6352-6417، 6632-6645-بېيىتلار كەم. كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن سېلىشتۇرما قىلىنغان بۇ نۇسخا ناھايىتى گۈزەل بىر يېزىق بىلەن يېزىلغان. نەملىكتىن بۇزۇلغان بىر – ئىككى ۋاراقتىن باشقىلىرى ناھايىتى ياخشى ساقلانغان.

نۇسخىلارنىڭ ئىلىم ساھەسىدە تۇنجى قېتىم مەلۇم بولغىنى ھېرات نۇسخىسى بولۇپ، بۇ ھىجرىيە 843- يىلى(1439) ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان بىر نۇسخىدىن ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆرۈپ كۆچۈرۈلگەن. بۇ ئەسەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا ئاساس سالغان بۇ نۇسخا ناھايىتى ئېھتىياتسىزلىق بىلەن يېزىلغان، بەلكىم بىر نۇسخا قالدۇرۇش مەقسىتىدە ھازىرلانغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ نۇسخىنى يازغان كىشى كۈچۈرگۈچى سۈپىتىدە ئۇيغۇر يېزىقىنى خېلىلا تىز ۋە گۈزەل يازالايدىغان بىر شەكىلدە پىششىق بىلسىمۇ، «قۇتادغۇ بىلىگ» مەتنىنى تازا ياخشى ئوقىيالمىغان ۋە ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆرىگەن چاغدا مەنىسىنى بىلمەيدىغان، بولۇپمۇ سوزۇق تاۋۇشلار بەلگىسىز يېزىلغان سۆزلەرنى كۆپۈنچە ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە ئوقىغان ياكى ئۇلارنىڭ شەكلىنىلا كۆچۈرگەن. بەزى سۆزلەرنىڭ ئاستىغا مەنىسىنى يېزىپ قويۇشنى زۆرۈر دەپ قارىغانلىقى ۋە مۇشۇنداق قىلغان ۋاقتىدا بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلغانلىقىدىنمۇ ئۇنىڭ تېكىستنى تازا ياخشى چۈشىنىپ كەتمىگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. بۇ نۇسخىدىمۇ 197-228، 2739- 3473، 6304-6351، 6521- 6604- بېيىتلەر كەم. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2739-3473- بېيىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمى بەتلەر پېتى يوقالغان. باشقىلىرى يا ئاساسىي مەتىندە يوق يا كۆچۈرۈلگەن چاغدىكى خاتالىق تۈپەيلى چۈشۈرۈپ قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن. 2014-، 2020-، 2153 -،2291-بېيىتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ داۋامىمۇ ئارىلاشتۇرىۋىتىلگەن.

ھېرات نۇسخىسى 15- ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئانادولۇ ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق كۈلتۈر مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىش جەھەتتىنمۇ مۇھىمدۇر. قوشۇمچە قىلىنغان بىر خاتىرەدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەسەر فاتىھ سۇلتان مەھمەد دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا كاتىباتخانىسىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر كاتىپلىرىدىن شەيخزادە ئابدۇررەززاق باخشى ئۈچۈن فەنارى ئوغلى قادى ئالى تەرىپىدىن ھىجرىيە 879- يىلى(1474) توقاتتىن ئەكەلدۈرۈلگەن. بۇ يەردىكى قادى ئالى مەشھۇر ئالىم شەمسىددىن مەھمەد بىننى ھامزا ئەل – فەنارىنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ھېرات، بۇخارا ۋە سەمەرقەندتىكى تۇنۇلغان ئالىملاردىن دەرس ئالغان ۋە فاتىھ سۇلتان مەھمەدنىڭ دەستلەپكى دەۋرلىرىدە ئانادولۇغا قايتىپ كەلگەن ئالائېددىن ئالى بىننى يۈسۈپ بالى بىننى فەنارىدۇر. موللا گۈرانىنىڭ دالالىتى بىلەن بۇرسادا دەستلەپ مۇدەررىس بولغان ۋە ھىجرىيە 878-يىلى(1473-1474) قازەسكەر بولۇپ تەيىنلەنگەن ئىدى. كېيىنكى كۈنلىرىنى بۇرسادا ئۆتكۈزگەن ئالائېددىن ئالى ھىجرىيە 903-يىلى(1497-1498) ۋاپات بولغان.[1]

«قۇتادغۇ بىلىگ»كە ئائىت بەزى پارچىلار بۇ ئۈچ نۇسخىنىڭ سىرتىدىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇلاردىن ئىككى بېيىت(1139- ۋە 1476- بېيىتلەر) غازى بىننى ئالى قۇتلۇق ئەل- جۇباتى تەرىپىدىن رەتلەنگەن بىر مەجمۇئەدە كۆزگە چېلىقىدۇ. مەجمۇئەنىڭ رەتلەنگەن ۋاقتى خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ، زەھمىلەنگەنلىكىدىن ئۇنى ياخشى ئوقۇغىلى بولمىدى. لېكىن باشقا خاتىرىلەردىن بۇنىڭ ھىجرىيە 703-718-يىللار(1303-1317) ئارىسىدا يېزىلغانلىقى مەلۇم.(1)

«قۇتادغۇ بىلىگ» تىكىگە ئوخشايدىغان بىر بېيىتمۇ ئالتۇن ئوردۇنىڭ پايتەختى بولغان سارايچىقنىڭ خارابىلىرىدە تېپىلغان بىر كوزا ئۈستىگە يېزىلغان ھالەتتە ئۇچرايدۇ.(2) بۇ يەردە يېزىلغان ئىككى بېيىتتىن بىرىنجىسى «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى 274- بېيىت بىلەن سېلىشتۇرۇلما قىلىش ئىستىكىنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭ باشقا بىر ئەسەردىن ئېلىنغان بولۇشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىندۇر.(3)

«قۇتادغۇ بىلىگ»نى 1825- يىلىدا ئامېدې جائۇبېرت («بىبلىئوگرافىيە ») تۇنجى قېتىم ئىلىم مۇھىتىغا تۇنۇتقاندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر بولغان مەزگىل ئىچىدە بۇ ئەسەر تۈرلۈك كىشىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى ۋە بىرمۇنچە نوقتىدىن تەتقىق تەتقىق قىلىندى. تۈرك تىلشۇناسلىقى بىلەن ئومۇمەن پاراللىل ھالدا ماڭغان بۇ تەتقىقات پائالىيىتى ئەينى ۋاقىتتا تۈركولوگىيىنىڭ تەرەققىيات تارىخى بىلەنمۇ يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن مەزگىل ئۆتتى، بۇ جەرىياندا بىر مۇنچە ئىشلار ئىشلەندى ۋە بىر مۇنچە نوقتىلار كۆرسىتىلدى. لېكىن يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر تېخىچىلا ھەل بولمىغىنىدەك، تۈركولوگىيىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا باغلىق بولغان بەزى نوقتىلاردىكى ئارىسالدىلىق ھالىتىنىڭ داۋام قىلىشىنىمۇ تەبىئىي ئەھۋال دەپ قاراش كېرەك.

«قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدىكى تەتقىقات تارىخىدا تۇنجى قەدەم ھېرمانن ۋامبېرىي تەرىپىدىن بېسىلدى. مۇئەللىپ 1870- يىلى نەشىر قىلىنغان ئەسىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەملىكەتلىرى، ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە تىل يادىكارلىقلىرى بىلەن بۇلارنىڭ تىلى ۋە يېزىقلىرى ھەققىدە سۆز ئاچقان، «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ تارىخى بىلەن تىلى ھەققىدىمۇ توختالغان. بۇ يەردە تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر كېيىنكى ۋاقىتلارغا قەدەر ئەسەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ماۋزۇسىنى تەشكىل قىلغان ئىدى. كىرىش خاراكتېرىدىكى بۇ قىسىمدىن كېيىن ئەسەرنىڭ ھەر قايسى باپلىرىدىن تاللانغان تەخمىنەن مىڭ بېيىتنىڭ ترانسىكرىپسىيىسى ۋە تەرجىمىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بىر لۇغەتنى ئىلان قىلدى. ۋامبېرىينىڭ تەتقىقاتى تۈرك تىلشۇناسلىقىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە بىر قىممەتنى ئىپادە قىلمىسىمۇ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بولۇش جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم بىر رول ئوينىغان ئىدى. ئىككىنجى مۇھىم قەدەمنى ۋ. رادلوفنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەشەببۇسلىرى تەشكىل قىلىدۇ. 1890- يىلى ئەسەرنىڭ مەلۇم بولغان تۇنجى نۇسخىسىنىڭ فاكسىمېلىنىڭ نەشرىنى، ئىككىنجى يىلى مەتىننىڭ مانجۇ يېزىقىدىكى ترانسىكرىپسىيىسىنى ئىلان قىلدى. بۇ ترانسىكرىپسىيىگە قوشۇمچە قىلىنغان كىرىش قىسمىدا ۋامبېرىي ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قولغا ئېلىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار بىر يەرگە توپلانغان. مانا بۇ تەييارلىقلاردىن كېيىن ئەسلى مەتىننى ئوقۇش ۋە تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. 1897- يىلى مەتبەئەگە بىرىلگەن بۇ ئۈچۈنجى ئەسىرىنىڭ 64 بېتى تىزىلىپ بولغاندىن كېيىن، مىسىردىكى ھىدىۋ كۇتۇپخانىسىدا باشقا بىر نۇسخىسىنىڭ تېپىلىشى بىلەن نۇسخىلارنى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىش ۋاقتىنى بىر مەزگىل كەينىگە سۈرگەن ۋە بىرىنجى قىسمى 1900- يىلى، ئىككىنجى قىسمى بولسا 1910- يىلى نەشىر قىلىنغان.

چوڭ دائىرىدە ۋە كەڭ ئىمكانىيەت بىلەن قولغا ئېلىنغان بۇ نەشىر ئىشىنىڭ تەسىرى ئېغىر بولغان ۋە «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدىكى تەتقىقاتلار كېيىنكى كۈنلەرگە قەدەر بۇ يۈكنىڭ ئاستىدىن قۇتۇلالمىغان. رادلوفنىڭ تۈرك يېزىق تىلى ۋە بۇنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى خاتا ئاساسلارغا تايانغان پىكىرلىرى شۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتلارغا كەڭ دائىرىدە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئەسەر ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر مۇنچە پىكىرلەر پەقەت بۇنىڭ تەسىرىدىن خالى بولغان نىسبەتكە لايىق بىر قىممەتنى ئىپادە قىلالىغان ئىدى. ۋ. تومسېننىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار سىستېمىسى ھەققىدە 1897-يىلى 11- قېتىملىق شەرقىشۇناسلار قۇرۇلتىيىدا ئوقىغان ماقالىسى ۋە نىھايەت 1900- يىلى رادلوفنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» مەتنىنىڭ بىرىنجى قىسمىنىڭ نەشىر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن 1901- يىلى ئىلان قىلغان ماقالىسى بولسىمۇ، لېكىن رادلوفنىڭ نەشرى يەنىلا تەتقىقاتلارنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىپ كەلدى. ھەر قانداق بىر تىلدىكىگە ئوخشاش تۈرك يېزىق تىلىدىمۇ بىر تارىخىي جەرىيان بىلەن بۇنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى ھەققىدە توختىلىش تەبىئىي بىر ئەھۋال بولسىمۇ، بۇ ئاساس بىر تەرەپكە تاشلىنىپ، ھەر بىر تۈركچە ئەسەردە ئايرىم بىر تىل ۋە ھەتتا شىۋە ئىزدەش باشلاندى. مۇئەييەن شارائىتلار ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن يېزىق تىلىنىڭ قەدىمكى ۋە يېڭى تىل ماتېرىياللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە بۇنىڭ ئېغىز تىلىنىڭ تەسىرى ئاستىدا مۇئەييەن بىر تەرەققىياتقا تەۋە قىلىنىشى ۋە ئايرىم– ئايرىم ئەسەرلەردە كۆرۈلگەن تىل خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئاساسەن باھالىنىش پىكرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ تولۇق ئومۇملىشىشتىن يىراق تۇرماقتا. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاساسىي مەسىلىلەردىكى مۈجىمەللىكلەر ناھايىتى تەبىئىي ھالدا تۈرك تىلشۇناسلىقى ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ جەريانىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مىسالىنى «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجىرىبىلەر تەشكىل قىلىدۇ.

«قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ فەرغانە، مىسىر ۋە ھېرات نۇسخىلىرىنىڭ فاكسىمېللىرى ۋە ھەر ئۈچىلى نۇسخىنىڭ سېلىشتۇرمىسى بىلەن تەنقىدىي مەتنى نەشىر قىلىنغانلىقتىن ئەمدى ئەسەر ھەققىدە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتلار ئۈچۈن بىرەر توسالغا قالمىدى. تۈركلەرنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» يېزىلغان دەۋر ۋە مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سىياسىي ۋە كۈلتۈر تارىخى تېخى يىتەرلىك دەرىجىدە يورىتىلمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ كۈلتۈر ئەسەرلىرىنىڭ تەھلىللىرى ئارقىلىق قىسمەن ھالدا تولدۇرۇلىشى مۇمكىندۇر. تۈرك كۈلتۈر تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىر ئەسەرگە باھا بىرىش سۆز تېمىسىگە ئايلانغاندا بۇ خۇسۇستا تۇنجى بولۇپ ئويلىنىشقا تىگىشلىك نەرسە بۇ ئەسەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن مۇھىتنى تېخىمۇ يېقىندىن تەتقىق قىلىش ۋە بۇنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەر بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئېنىقلاشتۇر. بۇلارنى تامامەن تۈرك كۈلتۈر تارىخى چەمبىرىگىنىڭ سىرتىدا تەھلىل قىلىش ھەقىقەتلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىشتىن باشقا ھىچنىمىگە يارىمايدۇ. بىر مۇنچە مىللىي كۈلتۈرلەر بىلەن تۈرلۈك دىن مۇھىتلىرى ئۇچراشقان يەرلەردە ياشىغان تۈركلەر بەزىدە بۇ مۇھىتلار بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ۋە ئۇلارغا خېلى كۆپ كۈلتۈر ماتىرىياللىرىنى بەرگىنىدەك، ئۆزلىرىمۇ ئۇلاردىن خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئالغان. بۇلارنىڭ تۈرك ئەدەبىياتىدا ھەر قانداق بىر شەكىلدە ئىپادىسىنى تېپىشنىمۇ تەبىئىي ئەھۋال دەپ قاراش لازىم. يالغۇز بۇ خىل ئۆز- ئارا تەسىرلەر ھەققىدە كەسكىن قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن سۆز تېمىسى قىلىنغان خۇسۇسلارنىڭ تۈرك كۈلتۈر مۇھىتى ئىچىدىكى جەريانىنى ئېنىقلاش شەرتتۇر. ئا. سامويلوۋىچنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن «شاھنامە»دىكى موتىفلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئۈچۈن ئىشلىگەن كىچىك بىر تەجىرىبىسى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، قاراخانىيلار دۆلىتىدە زىيالىلار تۈركۈمىنىڭ 11- ئەسىردە يالغۇز فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە» سىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە شۇ يەردىكى ئەدەبىي سەنئەتلەرنىمۇ پىششىق بىلدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ناھايىتى جەلپكار بۇ ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ياكى باشلىغاندىن كېيىن، بۇ موتىفلارنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى تۈرك ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تەتقىق قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئىشەنچىلىك نەتىجىلەرنى بىرىدىغانلىقىغا شۈبھە يوقتۇر.

شائىر ئايرىم ئىزالىغان بولسىمۇ، ئەسەرنىڭ نامى بىلەن كىتاپنى يېزىشتا كۆزلىگەن غايىسى مەتىننىڭ خاتا ئوقۇلىشىدىن پەيدا بولغان نەزىم قۇسۇرلىرى ۋە ئەسەرنى تۇنۇشتۇرۇش ماھىيىتىدە بولغان مۇقەددىمىلەر ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان خاتا پىكىرلەرنىڭ بەزى مۇھىتلاردا كېيىنكى ۋاقىتلارغا قەدەر داۋام قىلغانلىقى ناھايىتى دىققەتسىزلىك بىلەن ئىزاھلانماقتا. لېكىن بۇنىڭ خەنزۇچە بىر ئەسەرنىڭ تۈرك ئەھۋالىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بىر تەرجىمىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بېقىش ئۈچۈن باشقا سەۋەپلەرنى ئىزدەشكە توغرا كىلىدۇ. كېيىنچە ئەسەرنىڭ تامامەن ئىران تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەنلىكى ئالغا سۈرۈلدى ۋە مۇئەللىپنىڭ ئورگىناللىقى ئىنكار قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەسەرنىڭ مۇشۇ شەكلى بىلەن مۇئەللىپنىڭ ئۆز ئىجادىيىتى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى ۋە ھەر قانداق بىر ئۆرنەككە تايانغان ياكى تايانمىغانلىق گۇمانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىر تەرەپتىن ئەسەرنىڭ تۈرك ئىجتىمائىيىتى ئۈچۈن بىر مەنبە ئىكەنلىكى سۆزلەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنىڭ پادىشاھلارغا ئەخلاق ئۆگىتىش ئۈچۈن شەرقتە يېزىلغان ئەسەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكى، نەسىھەتلەرنى تەستىقلاش ئۈچۈن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ھېكايىلار ۋە تارىخى شەخسلەر مەۋجۇت بولمىغانلىقتىن «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ پارسچە يېزىلغان ئۆرنەكلەردىن قىممەت جەھەتتە خېلىلا تۈۋەن تۇرىدىغانلىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر يۈرۈش ھۆكۈملەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇلار يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن شەرتلەر ئورۇنلانمىغىچە خاتا نەتىجىلەرنى توسۇشنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىگە ياخشى بىر مىسال بولىدۇ.

ئىزاھلار:

(1) «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، رەشىد رەھمەتى ئارات تەييارلىغان نۇسخا،1951- يىلى، ئىستانبۇل، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى، 2- كىتاپ، 32-،34- بەتلەر.

(2) سامويلوۋىچ: «سارايچىقتىن تېپىلغان ساپال كوزا ئۈستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركچىسىدىكى قول يازما»، ZVO، 1912-يىلى، 21-سان، 038-047-بەتلەر.

(3) رەشىد رەھمەتى ئارات :«قۇتادغۇ بىلىگ»، مەتىن (1- كىتاپ )، 40-باپ.