قەدىمكى مەركىزى ئاسىيادا يېڭى تاش قۇراللار دەۋرى

مەركىزى ئاسىيادا مۇز دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى باسقۇچتا ئىپتىدائىي ئىنسان تۈركۈملىرى كونا تاش قۇرال دەۋرىدىن يېڭى تاش قۇرال دەۋرىگە تەدرىجىي ئۆتۈش مۇمكىنلىكلىرىگە ئېرىشتى.يېڭى تاش قۇرال(نېئولىت) دەۋرىدە ئىنسانىيەت تەييار تاشنى قۇرال سۈپىتىدە ئىشلىتىش ۋە تاشنى يېرىپ، سۇقۇپ-سۇندۇرۇپ قۇرال قىلىشتىن تاشنى سىلىقلاپ ئىشلەشكە ئۆتتى. مېتال كەشىپ قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ كۈچلۈك جىسىم بولغان تاش ئەمدى ئىنسان ئېھتىياجى ۋە ئىرادىسىگە بېقىپ سىپتا قىلىنىپ پىششىقلاپ ياسالدى. تاشنى قىرىش، ئويۇش، تېشىش- ئەينى زاماندىكىى تۇنجى «سانائەت ئىنقىلابى» بولدى. تاش ئوتىغۇچ، تاش پالتا، تاش قاچا، تاش نەيزە ۋە ئوقيا ئۇچى، تېشىلگەن تاش مۇنچاق قاتارلىقلار بۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولدى. يېڭى تاش قۇرال دەۋرىدە سۆڭەك، ياغاچ ۋە تېرە قۇراللىرىمۇ زور ئىسلاھ قىلىندى. ئوتتىن كەڭ تۈردە پايدىلىنىش، تېرە ئەيلەش، يىڭنىدە تېرە كىيىملەرنى تىكىش ئاددى كىگىز-پالاس ياساش، مېۋىلەر، كېيىنچە خېمىرلارنى ئېچىتىش، ھاۋانچا ۋە يارغۇنچاقنىڭ ياسىلىشى يېڭى تاش قۇرال دەۋرىنىڭ ئاجايىپ ئۇتۇقى بولدى. كېيىنچە تاغ ئۆڭكۈرلىرى، ساي -جىلغىلاردىن كۆپلەپ ساھىللارغا يۆتكەلگەن، ئىپتىدائىي ئېكىنچىلىق ۋە باقما چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئىپتىدائىي ئىنسان تۇپراقتىن ئوتتا ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇشنى ئىختىرا قىلدى.تاشنى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن ساپال(كاش، كۇلال) چىلىق يېڭى تاش قۇرال دەۋرىنىڭ ئىككى قانىتى بولدى. ئىنسانىيەت تاكى ھازىرغىچە مۇشۇ يېڭى تاش قۇرال دەۋرىدە يارىتىلىشقا باشلىغان قۇرال ۋە بۇيۇملاردىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكىنى يوق. ئۇلار تولۇقلاندى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، خالاس.
مەركىزى ئاسىيادا يېڭى تاش قۇرال دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەكلى ئىپتىدائىي پادىلارچە تۇرمۇش شەكلىدىن ئانا ئۇرۇقى-تۇنجى ئاڭلىق نەسىلداشلىق جامائەسىگە ئۆتۈش بىلەن خاراكتېرلەنگەن. دائىمىي تۇرارجاي، كوللېكتىپ ئەمگەك، ئۇزۇق-تۈلۈكنىڭ بىرقەدەر زاپاس ساقلىنىشى، پائالىيەت رايۇنلىرى ۋە پائالىيەت تۈرلىرىنىڭ كېڭىيىشى، نەسىل كۆپەيتىش ئېھتىياجلىرىنىڭ جىددى بېسىمى، يات جامائەلەر ۋە ئورۇقداشلىق جامائەسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى ئەڭ دەسلىپىدە ئانا ھۇقۇقىنى ئاساس قىلغان تەشكىلات-ئانا ئۇرۇقى جامائەسى(ماتېرىئارخاللىق تۈزۈمى) دىن باشلانغان.ئانا ئۇرۇقى جامائەسى مەركىزى ئاسىيا خەلىقلىرى تارىخىدا ئىپتىدائىي قانداشلىق-ئۇرۇقداشلىق -ئېتنولوگىيلىك ئاڭ بىلەن ئىپتىدائىي ھوقۇق- نوپۇز ئېڭىنى نامايەندە قىلدى. شۇ ئاساستا ئىپتىدائىي تەبىئەت ۋە ئىلاھىيەت قاراشلىرى، ئەم-ئىرىم ئادەتلىرى مەيدانغا كەلدى. يىراق ئەجدادلىرىمىز ئەگەر مۇز دەۋرى مۇھاسىرىسى ۋە غار تۇرمۇشىدا، تەييار تاش-توقماقلار بىلەن ئوتتىن پايدىلىنىپ، تەبىئەت قارنىدا، تەبىئەتنىڭ ئىسيانكار بىر قىسىمى ياشىغان بولسا، مۇز دەۋرىدىن كېيىنكى ئۇچۇق زېمىندا مىللىيەتلىك تۇرمۇش رېلىسىغا قەدەم قويدى. مۇشۇ چاغدا، دەل مۇشۇ چاغدىلا مەركىزى ئاسىيا خەلقىگە مەركىزى ئاسىيا ئېتنىك تامغىسى بېسىلدى. ئانا ئۇرۇقىدىكى نىكاھىنىڭ چەكلىنىپ، باشقا ئۇرۇقلار بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ كۈچىيىشى قانداشلىق توقۇلمىسنى كېڭەيتتى.
يېڭى تاش قۇرال دەۋرىدىكى ئانا ئۇرۇقى جامائەسىدە ئىنسانىيەت تەييار ئۆڭكۈرلەر ۋە قېزىلغان لەخمىلەردىن تاشقىرى يەنە ساتما ئۆيلەر ۋە چوڭ-كىچىك جامائە كەپىلىرى ياساشقان. ئۇلار دەريا ساھىللىرى ۋە بوستانلىقلارغا ئىجتىمائىي ھايات تورىنى يايدى. بۇ ھال ئىپتىدائىي ئېكىنچىلىق ۋە ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ ئىمكانىيتىنى پەيدا قىلدى.
ئوقيانىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى مەرگەن-ئوۋچىلارنىڭ يەككە پائالىيتىگە مۇمكىنلىك يارىتىپ بەردى. ئىت ۋە ئوۋ قۇشلىرى ئۇنىڭ قوشۇمچىسى سۈپىتىدە كۆندۈرۈلدى. ئارقىدىنلا قوي، ئۆچكە، كالا قاتارلىقلارمۇ ئۆزلەشتۈرۈلدى. بۇ چاغلاردا ئات ۋە تۆگىلەر تېخى تەرسا ۋە ياۋا ئىدى. قارماق، تور ۋە نەيزىلەر بىلەن بېلىق تۇتۇش، ياغاچنى ئويۇپ(ياكى كۆيدۈرۈپ) ياسالغان قېيىقلاردىن پايدىلىنىش ئانا ئۇرۇقى جامائەسىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۆپ تەرەپلىمە راۋاجلانغانلىقىنى نىشانلىدى. مىلادىيدىن ئىلگىرىكى ئون مىڭىنچى يىللار ئىچىدە تۈركمەن-خۇراسان زېمىنلىرىدا مۇز دەۋرى ئاخىرلىشىپ، مىلادىيدىن ئىلگىرىكى بەش مىڭىنچى يىللاردا يەنسەي-ئوب ۋادىلىرى مۇزدىن يالىڭاچلىنىپ دەسلەپكى تېرىقچىلىققا مۇمكىنلىك ياراتقان بولۇشى ئېھتىمال. ئومۇمەن ئارخېئولوگلىرىمىز فرانسىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى تاش قۇرال دەۋرى مەدەنىيتىدىن باشقا جايلار ھەققىدە ئۆز مۆلچەرلىرىنى قىسقا ئىپادىلەشكەن. بىز ئىندىئان ئەجدادلىرىنىڭ سىبىرىيدىن ئامېرىكا قىتئەسىگە پۈتۈنلەي يېڭى تاش قۇرال دەۋرى مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن مىلادىيدىن 20-25مىڭ يىللار ئىلگىرى كۆچكەنلىكىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا مەركىزى ئاسىيا قەدىمكى مەدەنىيتىنىڭ ئارىېئولوگىيلىك بېكىتىلگەن يىلنامىلەردىنمۇ مۇقەددەملىكىنى ھېس قىلىمىز.
1904- يىلى ئامېرىكا ئارخېئولوگى پۇمپېللىي ئاناۋ-كوپىت تېغىنىڭ ئالدى ئېتىكىگە جايلاشقان ئاشخابات شەھىرى ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇران زېمىنىدا مىلادىيدىن تۇققۇز مىڭ يىللار ئىلگىرى يېڭى تاش قۇرال دەۋرى ھۆكۈم سۈرگەن دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن. ھ.پېئاكى بىلەن ج.ھ. فلېئورىنىڭ پىكرىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مىسىر ۋە مىسۇپۇتامىيە (بابىل ئاسسۇرىيە) ئوخشاش دەۋرىدە يېڭى تاش قۇرال مەدەنىيتىگە قەدەم قويغانلىقى ئېھتىمال.
ئانا ئۇرۇقى جامائەسىنىڭ قالدۇقلىرى تاشكەنت رايۇنىدا، چىرچىق دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى ساھىلىدا، سەمەرقەند يېنىدىكى دارغامدا، زەرەپشان ۋە سۇرخان دەريالىرى ۋادىلىرىدا كۆپلەپ تېپىلغان. تۈركمەنىستاندىكى قاراقۇم چۆللىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ساقماتاش- بىيىك قۇم دۆۋىسى يېنىدا ئانا ئۇرۇقى جامائەسىنىڭ تۇرار جايى تېپىلغان. بۇ يەردىكى ئىككى مېتىر قېلىنلىقتىكى مەدەنىيەت قاتلىمىدىن تاش قىرغۇچ، تاش ئىدىش، تاش سوقماق، ھاۋانچا، تۈز سىزىقلىق نەقىشلەنگەن كاش(ساپال) قاچا سۇنۇقلىرى تېپىلغان. تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىن تېپىلغان 100-120 كىشى سىغىدىغان جانباش قەلئەسى س.پ.تولىستوف تەرىپىدىن مىلادىيدىن تۆت مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئانا ئۇرۇقى جامائەسىنىڭ تۇرار جايى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
ئانا ساي-يەنسەي ۋە ئەنقار(ئەنگار) ۋادىلىرىدا كونا-يېڭى تاش قۇراللار دەۋرى تۇتاشقان دەۋرىگە ئائىت تاش سۆڭەك قۇراللار ۋە تاشلاردىن ياسالغان ئۇچاق، كۈل قاتلىمى، جۈملىدىن بۇغا مۈڭگۈزىدە يېپىلغان كەپە تېپىلغان.مۇشۇ خىلدىكى مەدەنىيەت قاتلاملىرى شىمالىي قازاقىستان، ئالتاي، جەنۇبىي بايقال، تورا ۋە ئۇرخۇن ۋادىلىرى بىلەن ئوردۇس يايلىقىدىنمۇ تېپىلغان. موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ بايانزاك دېگەن يېرى بىلەن زۇڭقارخان ئۇلا تېغىدىن تاش ئوچاق، تېشىپ ئىشلەنگەن تاش پارچىلىرى، ئىلمەك تاش پىچاق، تاش قىرغۇچ ۋە تاش ساداق بېشى تېپىلغان. ئارخېئولوگلارنىڭ بىردەك قەيت قىلىشىچە، مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 4-5مىڭ يىللار ئىلگىرىلا بىپايان مەركىزى ئاسىيادىكى ئۇرۇقداشلىق جامائەلىرى ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت باغلىنىشى بارلىققا كەلگەن.
شىنجاڭ يېڭى تاش قۇرال دەۋرى يادىكارلىقلىرى ئەڭ كۆپ تېپىلغان رايۇنلارنىڭ بىرى.
تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئوپال يېزىسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىن ئاق دالا، قۇرۇق دالا، دۇۋۇلۇق، ئۇگۇلۇقتىن ئىبارەت تۆت ئورۇندىن سىلىقلاپ سىپتا ئىشلەنگەن تاش ئورغاق، يارغۇنچاق، تاشتاختا، تاش قاچا، تاش ئۇرچۇق، تاش پىچاق، تاشپالتا، تاش ساداق بېشى قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن كاش كوزا-كورىلارنىڭ سۇنۇقلىرى تېپىلغان.قەشقەر شەھىرىدىن يەنى ئىلگىرىكى گېزىتخانا ئورنىدىن تاش كەتمەن تېپىلغان. ئېيتىلىشچە، ھازىرقى قەشقەر قەدىمكى كاشچىلىق-ساپالچىلىق مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان. ئۇنىڭ «كاشغەر» دەپ ئاتىلىشى، ئۇنىڭ تۈمەن دەرياسى لېۋىدىكى يارلىقلىرىدىن يېقىنقى زامانلارغىچە «كوزىچىلار مەھەللىسى» دە ياشىغۇچى ماھىر ئۇستىلار ساپال چىلاپچا، ساپال ئىۋرىق، غېدىر، كۈپ، تەشتەك، ۋە چىراغدان ياسايدىغانلىقى دىققەتكە سازاۋەر. ئامېرىكا تارىخچىسى پروفېسسور مىكگوۋېرن «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى مەملىكەتلەر» نامىلق كىتابىدا: ئوتتۇرا ئاسىىيانىڭ يۈرىكى ھېسابلانغان تۈركىستاندا… ياشىغان بىر قسىم خەلقلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ «كاش بۇيۇملىرىنى نەقىشلەپ ئىشلىگۈچىلەر» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، دېگەنىدى.
يېڭى تاش قۇرال دەۋرىدىلا خوتەندە قاشتېشىدىن ھەرخىل سىلىقلانغان ئاددى بۇيۇملارنى ياساش تەدرىجىي روياپقا كەلگەنىدى. بۇنداق بويۇملار ئەتىۋارلىق ھېسابلىنىپ يىراقلارغا ئېلىپ كېتىلگەن. كاسپىي دېڭىزنىڭ جەنۇبىدىكى بېخشېخر رايۇنىغا جايلاشقان غارى قەمەربەند غارىدىن تېپىلغان چەتتىن كەلتۈرۈلگەن قاشپالتا بۇ نۇقتىنى تەستىقلايدۇ. خوتەن قاشتېشى تاش بويۇملار ئىچىدە مۆتىۋەر ئورۇن تۇتتى ۋە سېھىرلىك سانالدى. ئاپئاق ۋە سۈزۈك يۇرۇڭقاش- ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە «يۇي» دەپ ئاتالدى. كېيىنكى زامانلاردىكى «قاشقوۋۇق» (قاشقاپقا) ئاتالمىسىمۇ مۇشۇ قاشتېشى بىلەن ئالاقىدار ئىدى. كونا نىيە دەرياسىنىڭ ئېقىن بويلاپ كەتكەن ۋادىلىرىدا يېڭى تاش قورال دەۋرى يادىكارلىقلىرى كۆپلەپ ئۇچرايدۇ.
سىتەين 1906-يىلى دېكابىر ئېيىدا كونا لوپ يۇلىدىكى كاكىلىكنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئابدال بېلىقچىلار كەنتىنىڭ ئادەم ئىزى ئۆچكەن كونا يولى بىلەن مېڭىپ يېڭى تاش قۇرال دەۋرىگە ئائىت كۆپلىگەن بويۇملارنى تاپقان. ئۇ ئۆزىنىڭ «سېرىندىيا» ناملىق كىتابىنىڭ 10- بابىدا بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىش بىلەن بىللە كىتابنىڭ 30-نومۇرلۇق قىستۇرما رەسىمىدە بۇ ھەقتە نۇسخىلار كۆرسەتكەن. سىتەين 140 پارچە بۇيۇمنى تەتقىق قىلىپ ئۇنى مۇشۇ جاينىڭ مەھسۇلاتى دېگەن تونۇشقا كەلگەن. چىۋىقتا ياسالغان توقۇلمىلارمۇ شۇ زامانلاردا پەيدا بولغان.
ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تەۋە قارا يۇلغۇن دېگەن جايدىن چاقما تاش قۇراللىرى بىلەن سۆڭەك بېگىز ۋە كۆپلىگەن گىل رەڭلىك كۆك نەقىشلىك كاش ئىدىش پارچىلىرى تېپىلغان. باي ناھىيسىنىڭ قىزىل دەريا ۋادىسىدىن رەڭدار ساپال جام، رەڭدار ساپال كوزا ۋە تەشتەكلەر تېپىلغان. ئۇنىڭدىن تېپىلغان قۇلاقلىق ساپال كوزا بىر قەدەر نەپس ياسالغان. قارا شەھەرنىڭ ئۇششاقتال قارا موران ۋادىسىدىن تاش چاق ۋە رەڭدار ساپال بۇيۇم سۇنۇقلىرى تېپىلغان.
ئالتايدىن قوش ساپاقلىق تاش كوزا، موڭغۇلكۈرەدىن تاش كوزا(ئاياغ)، قۇلاقلىق ساپال كوزا، غولجا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى مازار دۆڭدىن تۆشۈك تېشىلگەن تاش پالتا، ھاۋانچا تېشى قاتارلىقلار تېپىلغان.
تەڭرىتاغلىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئۈرۈمچى، مورى، چىتەي قاتارلىق جايلاردىن بىر تۇتاش تاش-ساپال بۇيۇملار تېپىلغان. ھازىرقى كۈندە چىتەينىڭ بەنچىگۇ، مورىنىڭ سىداۋگۇ، ئۈرۈمچىنىڭ يۇئېرگۇ ۋە ئالغوي غوللىرى خارابە ئىزلىرى ئوتتۇرا تەڭرىتاغ يېڭى تاش قۇرال دەۋرى مەدەنىيتى ئىزلىرى بولۇپ قالدى. مورى سىداۋگۇ جىلغىسىدىن ئىپتىدائىي ئۇچاق، سۆڭەك بېزەك ۋە سۆڭەك يىڭنە قاتارلىقلار بىلەن ساپال بۇيۇملار تېپىلغان. ئۈرۈمچى يۇئېرگۇ ۋە ئالغۇي غوللىرىدىن قەدىمكى تاش قەبرىلەر، رەڭلىك ساپال بۇيۇملار، سۆڭەك قۇراللار بىلەن مىس بۇيۇملار كۆپلەپ تېپىلغان. پىچاننىڭ خېشىچىيەنزى دېگەن يېرى بىلەن تۇرپاننىڭ ئايدىڭكۆل، يارغول، قارا خۇجا، ئاستانە دېگەن جايلىرىدىنمۇ ئۇچلۇق تاش، تاش قىرغۇ، سىلىقلىغۇچى تاش، تاش مونچاق، تاش پالتا ۋە كۆپلىگەن ساپال بۇيۇملىرىنىڭ سۇنۇقلىرى تېپىلغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قۇلاقلىق چەشكە، ئۈستى گىلرەڭ ئاستى قارامتۇل نەقىشلەنگەن ساپال قاچا، تېگى تۈز، بوينى ئۇزۇن رەڭلىك ساپال چۆگۈن قاتارلىقلار بار.
قۇمۇل-ئاراتۈرك-بارىكۆل دىيارىدا تېپىلغان تاش قۇراللار ئىچىدە قۇمۇل تۆمۈرتى سېرىق تۆپىلىكىدىن تېپىلغان تاش قىرغۇ، تاش مېغىز، كەھرىۋا قۇراللار بىلەن يەتتە قۇدۇقتىن تېپىلغان چوڭ تاش پالتا ۋە كۆپلىگەن سىپتا تاش قۇراللار تېخىمۇ يىراق زامانلاردىن ساقلانغان. ئاراتۈك(ئېۋىرغول) كارساڭ توقايلىقىدىن تاش ئوتىغۇچ، سوقما تام تېشى، تاش قاچا، سۆڭەك بېگىز، سۆڭەك پىچاق ۋە كۆپلەپ ساپال بۇيۇملار تېپىلغان. بارىكۆلدىن شۇ خىل تاش قۇراللار بىلەن قوش قۇلاقلىق راڭدار ساپال قۇمرا تېپىلغان. بارىكۆل داخې يېزىسىدىن تېپىلغان بىر قۇلاقلىق ساپال قاچىغا گېئومىترىك نەقىش سىزىلغان. قۇمۇل لاپچۇق قارا دۆڭ قەدىمكى قەبرىلەردىن كۆپلەپ رەڭدار ساپال ئىدىش پارچىلىرى تېپىلدى. «موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيتى» دا قەيت قىلىنىشچە، «يېڭى تاش قۇرال دەۋرىگە ئائىت ئارخېئولوگىيلىك قېزىلمىلار جۇڭگۇنىڭ سەددىچىن رايۇنى، ئوردۇس، رېخى ۋە لوپنۇر ئەتراپى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى يېنىدىكى تۇرپان بوستانلىقلاردىن تېپىلغان قېزىلمىلارغا تولىمۇ ئوخشىشىپ كەتكەن»①.
شۇ نەرسىنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، ئۇزاق سۇزۇلغان ئانا ئۇرۇقى دەۋرى ئۇتۇق ۋە مۇتەپەككۇر، ئېتىقاد ۋە سەنئەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. تىلنىڭ- بىر قەدەر ئىنىق، بىر قەدەر مۇرەككەپ لوغەت فوندى ۋە گرامماتىكىلىق تۈزۈلىشىگە ئىگە بولغان تاۋۇشلۇق تىلنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئاتا-بۇۋىلىرىمىزنىڭ تۇنجى مەنىۋى مەدەنىيەت مەشئېلى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلەش يۇلىنى يۇرۇتتى. ئەجدادلىرىمىز تەپەككۇرى پادىلىق دەۋرىگە كۆرە يېڭى بىر تارىخىي شەكىلگە ئېرىشتى. ئەڭ ئېپتىدائىي ئېستىتىك تەپەككۇر ۋە مەنتىقىي تەپەككۇر ئۆز قۇدرىتىنىى ماددىي ھايات ساھەسىدىمۇ يەنى ئەخلاق، ئېتىقاد ۋە بەدىئىي تەسەۋۋۇر ساھەسىدىمۇ نامايەن قىلىشقا باشلىدى. قاچىلاش، ساقلاش بىلەن كىشلەردە ئاددىي ھېسابات ۋە ئاددىي بەلگە- تامغا ئېھتىياجلىرى تۇغۇلدى. مۇنچاق، تەسۋىرىي شەكلىدىكى تىزىق تاش-سۆڭەكلەر بىلەن ئاددىي ئىروگلىفلىق بەلگە-تامغىلار مەيدانغا كەلدى. ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ تۈرلۈك ئۈندۈرمىلىرى مۇشۇ دەۋرىدە- مۇشۇ ئۇلۇغ پەيدا بولۇش- گېنېئالوگىيلىك دەۋرىدە ئۇچۇق ياكى ئۈندۈرمە ھالەتتە مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى.
يېڭى تاش قۇرال دەۋرى ناھايتى ئۇزاق داۋام قىلدى. ئۇنىڭ داۋامىنى بىز كېيىنكى مېتال قۇراللار دەۋرىدىمۇ ئۇچرىتىمىز. ئانا ئۇرۇقى جامائەسىمۇ ناھايتى ئۇزاق داۋام قىلدى. ئۇنىڭ تەسىرى ئاتا ئۇرۇقى تۈزۈمى(پاتىرىئارخاللىق) جامائەسى ۋە ھەتتا سىنىپىي مۇناسىۋەتلەر شەكىللەنگەن زامانلاردىمۇ ھەر خىل دەرىجىدە، ھەرخىل تۈستە داۋام قىلدى.
يېڭى تاش قۇراللار دەۋرى ۋە ئانا ئۇرۇقى جامائەسى مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مەدەنىيەت تىپىنى پەرۋىش قىلغان ئۇلۇغ ئوماي- مۇقەددەس ئانا قارنى بولدى. مەركىزى ئاسىيالىقلارنىڭ ئانا ۋە ئايال ئوبرازىغا بولغان ھۆرمىتى، ئاياللىقنى ئىلاھلاشتۇرۇشى ئۇلارنىڭ ئادەت ۋە ئېتىقادلىرىدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ ھال مورگاننىڭ «قەدىمكى جەمئىيەت» ناملىق كىتابىدا ئارىيانچە ۋە تۇرانچە نىكاھ شەكلى تەرزىدە تەكىتلەنگەن.
مەركىزى ئاسىيا قەدىمكى خەلقلىرى تارىخىدا مىس ۋە تۇچ (برونزا) قوراللىرىنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى ۋە مال-چارۋىچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى نامايەندە قىلغان تۇنجى قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك ئىش تەقسىماتى ئانا ئۇرۇقى تۈزۈمىنىڭ بىر قانچە مىڭ يىللىق ئۇلىنى تەۋرىتىپ «ئائىلىدە ئىنقىلاپ پەيدا قىلدى»②، نەتىجىدە «ئايال جىنسى ئىككىنچى قاتارغا سىقىپ چىقىرىلدى»③، ئاقىۋەت ئانا ئۇرۇقى جامائەسىنىڭ ئورنىنى ئاتا ئۇرۇقى جامائەسى ئالغانلىقى بىلەن تۈگەللەندى.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
① «موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيتى تارىخى» 1958-يىلى «پەن نەشىرىياتى» خەنزۇچە نەشرى، 46-بەت.
② ف. ئېنگېلس: «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى»، 1955-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 154-بەت.
③ يۇقىرىقى كىتاب، 155-بەت.

ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.