غەرب ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا بۇ يەردە يەنە گەپ سېتىپ ئولتۇرمىساقمۇ بولار، خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخىغا ئوخشاش ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئۇيغۇرشۇناسلىق 18- ئەسىردە شەكىللەنگەندىن كېيىن، ھەرقايسى ئەل، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرشۇناسلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە ناھايىتى كۆپ ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇشتا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشتى، ئۇلارنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، يېزىقى، دىنىي ئېتىقادى، سەنئىتى، ئېتنوگرافىيىسى قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ ساھەلەردە نوپۇزلۇق ئەسەرلەرنى يېزىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى تونۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا زور كۈچ سەرپ قىلدى. شۇڭا مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن بۇ تېمىنى يازدىم، خاتا كەتكەن تەرەپلىرى بولسا تورداش دوستلارنىڭ ئىزاھ بېرىشىنى ۋە چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەسلى ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقمۇ بۇ ساھەدىكى مۇھىم بىر تارماق ئىدى، لېكىن بۇ توغرىسىدا كېيىنچە ئايرىم يازماقچى بولغاچقا بۇ تېمىغا قوشۇلمىدى.

18- ئەسىر 30- يىللىرىدىن باشلاپلا فرانسىيە ئالىملىرى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا ئۆزىنىڭ تۆھپىلىرىنى قوشۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر بولغىنى گۇبىل بولۇپ ئۇ 1739- يىلى ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان «موڭغۇل تارىخى» ناملىق ئەسەرنى يازغان. ئارقىدىن دېگۇيگىنىس كەينى – كەينىدىن «ھونلار ۋە تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە تەتقىقات» ۋە تۆت توملۇق كاتتا ئەسەر «ھونلار، تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»نى يېزىپ چىقتى. 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ۋىسدېلۇ «تاتار تارىخى»نى نەشر قىلدۇردى. يۇقىرىقىغا ئوخشاش فرانسۇز تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن يەنە دۇ ھالدې يازغان «جۇڭخۇا ئىمپېرىيىسى ۋە جۇڭگونىڭ تاتارلار رايونىنىڭ جۇغراپىيىسى، تارىخى، يىلنامىسى، سىياسىيسى ۋە تەبىئىي ئەھۋالى»نىمۇ كۆرسىتىش مۇمكىن.
19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پارىژدا كىلاپروتنىڭ نېمىس تىلىدىكى مەشھۇر ئەسىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ تىل – يېزىقى ھەققىدە تەتقىقات» ئېلان قىلىندى، رۇسىيىدە بولسا پىراۋۇسلاۋىيە ئېپىسكوپى بىچۇرىننىڭ «قەدىمكى ۋە ھازىرقى زاماندىكى جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تۈرك دىيارىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» ۋە «قەدىمكى شەرقىي تۈركنىڭ مىللەتلەر تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار» قاتارلىق ئەسەرلىرى نەشر قىلىندى. ئارقىدىن بىرېتسچنېيدېرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا بېغىشلانغان ئەسىرى «ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار» نەشر قىلىندى. دوسساننىڭ «موڭغۇل تارىخى چىڭگىزخاندىن تۆمۈرلەڭگىچە» دېگەن ئەسىرىمۇ ئۇيغۇرلار تارىخىغا چېتىلىدۇ.

19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇپ تۇرۇشى غەرب ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىۋەتتى. مۇشۇ مەزگىلدە گىرىگىرىيوۋ رۇس تىلىدا ئىككى توملۇق «تەبىئىي جۇغراپىيەشۇناسلىق شەرقىي تۈرك» نى يېزىپ چىقتى، بۇ ئەسەردە قەدىمكى زاماندىن تارتىپ 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىغىچە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئېتنوگرافىيىسى،جۇغراپىيىسى قاتارلىق قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ماتېرىياللار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ھازىرمۇ خېلى يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلار تارىخى توغرىسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ لېكىن، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىغان ئىدى. موڭغۇلىيە ئالىمى يا. شىمىت ۋە د. بانزاروۋ قاتارلىقلار تېخى ئۇيغۇرلارنى تۈركى مىللەت ئەمەس دېگەن قاراشلارغىمۇ كەلگەن ئىدى. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيىدە بۇ ھەقتىكى مەخسۇس يېزىلغان ئىككى ئەسەر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇمانلىرىغا ئۈزۈل – كېسىل خاتىمە بېرىلدى،بۇ ئەسەرلەربولسا رادلوفنىڭ«ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»ۋەپوزدىنېۋنىڭ «ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» دېگەن ئەسىرى بولۇپ پوزدىنېۋنىڭ ئەسىرىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت نەشردىن چىققان ئەسەرلەر تونۇشتۇرۇلغان.

بارتولدنىڭ تۆۋەندىكى ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلار: «يەتتە سۇ تارىخى ئوچېركلىرى»،«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېكسپېدىتسىيە دوكلاتى»، «تۈرك دىيارى»، «موڭغۇللار ئىستېلاسىدىن ئىلگىرىكى تۈرك دىيارى»، «قىرغىزلار»، «تۈركى ۋە موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تارىخى» قاتارلىقلار، بارتولدنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئۇنىڭ 10 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.
بۇندىن باشقا 19- ئەسىردە رۇسىيىلىك نۇرغۇن ئېكسپېدىتسىيىچىلەر شەرقىي تەڭرىتاغ رايونى ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇردى، مەسىلەن گىرۇم گىرژىمايلونىڭ «جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ساياھەت خاتىرىلىرى». بۇ ئەسەرنىڭ 2- تومىدا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىنىڭ ئۆتكەن دەۋرلەردىكى تارىخى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان. بۇ ئەسەردىمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان گىرىگورىيوۋنىڭ ئەسىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدىكى ماتېرىياللار كىرگۈزۈلۈش بىلەن بىرگە بۇ ئەسەرلەرگە بىرمۇ بىر ئىزاھ يازغان.

فرانسىيىلىك خەنزۇشۇناس ۋە ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس چاۋاننېس ۋە پائۇل پېللىئوت شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. فرانسىيىلىك يەنە بىر خەنزۇشۇناس كوردىرنىڭ «جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخى» دېگەن ئەسىرىنىڭ ئىككىنچى تومىدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. ئۇيغۇر تارىخى يەنە فرانسىيىلىك ئۇلۇغ ئالىم گىرېئوسسېتنىڭ «يىراق شەرق تارىخى» ۋە «بوزقىر ئىمپېرىيىلىرى»دا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

1934- يىلى رۇسىيىلىك مەشھۇر موڭغۇلشۇناس ۋىلادىمىرتسوۋنىڭ «موڭغۇللارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى موڭغۇللارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق فېئوداللىق تۈزۈمى» دېگەن ئەسىرىمۇ شىنجاڭغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

1947- يىلى ياكۇبوۋىسكى «ئەرەب، پارس مەنبەلىرىدىكى ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى (9- 10- ئەسىرلەر)» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ ماقالىسىدە ئەرەب ۋە پارس تىلىدىكى يازما ماتېرىياللار ئارقىلىق تۇرپاندىكى ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 9- 10- ئەسىرلەردىكى تارىخىنى بايان قىلغان.

گېرمانىيىلىك ئاننى ۋون گابائىن (1901- 1993) پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى، دىنى ۋە سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىدى، ۋە بۇ ھەقتە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇستازى ۋ. باڭ بىلەن بىرلىشىپ 6 توملۇق «تۈركچە (ئۇيغۇرچە) تۇرپان تېكىستلىرى» ۋە «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «سامىتسو ئاچارىنىڭ تەرجىمىھالى» (شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى)» دېگەن ئەسەرلەرنى تەييارلىدى. 1941- يىلى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسىرى «قەدىمكى تۈرك تىلى (ئۇيغۇر تىلى) گرامماتىكىسى» دېگەن ئەسەرنى يازدى. 60- يىللاردىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە سەنئىتىگە قاراتتى ھەم بۇ جەھەتتە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىنىڭ ئاخىرى 50- يىللىرىنىڭ بېشىدا «قەدىمكى تۈركلەر ھاياتىدا شەھەرنىڭ رولى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخى»، «تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۇددىزم»، «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىلنامىسى»، «ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇددىزم»، «ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى»، «تۇرپاندىن بايقالغان بۇيۇملاردىكى مەتبەچىلىك تېخنىكىسى»، «ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرمۇش» (ئىككى توم)، «ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىققا كىرىش» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇيغۇر سەنئەت تارىخى ھەققىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەسەر «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم سەنئىتى» ۋە «ئۇيغۇرچە يېزىلغان بۇددا سۇترالىرىدىكى ياغاچ ئويما قىستۇرما سۈرەتلەر ھەققىدە تەتقىقات» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقتى.

فرانسىيىلىك تارىخشۇناس خامىلتون (ئەسلى ئامېرىكىلىق بولۇپ، 1974 -يىلى فرانسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن) 1954- يىلى دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى «بەش دەۋر مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلار» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلدۇردى. ئارقىدىن 1971- يىلى ئۇ يەنە «دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى» دېگەن ئەسىرى ئارقىلىق تۈرك ئەدەبىياتشۇناسلىقى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 1983- يىلى يەنە ئىككى توملۇق بۈيۈك ئەسىرى «دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ھەققىدە تەتقىقات» دېگەن ئەسىرى ئارقىلىق فرانسىيە دۆلەت دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە مەخسۇس ئەسەلەردىن باشقا يەنە نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە بولغىنى «توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات» دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

1964- يىلى ئامېرىكىلىق ئالىم سامولىن «12- ئەسىردىن بۇرۇنقى شەرقىي تۈرك»نىڭ دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى، ئۇ بۇ ئەسىرىنى 1961- يىلى يازغان دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى «تارىم ئويمانلىقىنىڭ تۈركلىشىشى» دېگەن ئەسىرىگە ئاساسەن يازغان بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

1966- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى تېخىنوۋ «10- 14- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دەۋر تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. يەنە شۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى مالياۋكىن 1983- يىلى «9- 12- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى» دېگەن ئەسەرنى يازغان بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى 1988- يىلىدىن باشلاپ تىخۋىنىسكى ۋە لىتۋىنىسكىلارنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە كوللېكتىپ ھالدا كۆپ توملۇق «قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىكى شىنجاڭ تارىخى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ تۆت تومنى نەشردىن چىقاردى.

بۇ ئەسەردە غەربتىكى ئالىملارنىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى توم ئالتىنچى باپىدا قەدىمكى يۇنان، رىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللاردىن زور مىقداردا پايدىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ پەقەت خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللارغىلا تايىنىدىغان تارىخچىلارنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويدى. ئۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى تومى تۆۋەندىكىدەك 9 مەزمۇندىن تەركىب تاپقان بولۇپ:

1. كىرىش سۆز
2. تەتقىق قىلىنىش تارىخى
3. تاش قورال دەۋرى
4. تۇچ قورال دەۋرى
5. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تۆمۈر قوراللار دەۋرى
6. قەدىمكى (يۇنان، رىم) تارىخى ئەسەرلىرىدىكى شىنجاڭ
7. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىردىن مىلادىيە 6- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى شىنجاڭ
8. 7- 10- ئەسىرلەردىكى شىنجاڭ
9.بۈيۈك يىپەك يولى

ئەسەرنىڭ 2- تومىدا ئاساسلىقى شىنجاڭدىكى قەدىمكى مىللەتلەر، يازما ھۆججەتلەر ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى، 3- تومىدا شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئىجتىمائىي ئىگىلىك ئەھۋالى، 4- تومىدا شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ كىيىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.

1991- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى يەنە كوللېكتىپ ھالدا «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقىپ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرىغا كۆتۈردى. 2001- يىلى ئالمۇتادا كامالوۋ يازغان «8- 9- ئەسىردىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار» دېگەن ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدىكى يەنە بىر بوشلۇق تولدۇرۇلدى.

ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى يەنە بىر ئابىدە خاراكتېرلىك ئەسەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ تەشكىلاتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – 90 – يىللىرىدا تۈزگەن كۆپ توملۇق بۈيۈك ئەسەر «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت تارىخى» دېگەن ئەسەرنىڭ ئامېرىكىلىق ئالىم دېنىس سىنورنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن 4- تومى «ئۇيغۇر خانلىقى» ۋە «ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى» دېگەن قىسمىدۇر.
1991- يىلى دېنىس سىنورنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن «كامبىرىج دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا» دېگەن ئەسەرگە ئاۋسترالىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس كولىن ماككېراسنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس بابى كىرگۈزۈلگەن (بۇ كىشى 1972- يىلى«ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى» دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغان)
1992- يىلى ئامېرىكىلىق ئالىم پېتىر گولدېن «تۈرك خەلقلىرىنىڭ تارىخىغا كىرىش» دېگەن ئەسىرىنىڭ 6- باپىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى ئۈچۈن ئورۇن بەرگەن.
1992- يىلى گېرمانىيىلىك ئالىم سىچارلىپ «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دەسلەپكى تۈركى خەلقلەر» دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخى، موڭغۇل ئېگىزلىكىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى، شىنجاڭ ۋە گەنسۇدىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرى، ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلاردىن: ئۆرپ – ئادەتكە ئائىت يازما يادىكارلىقلار ۋە دىنغا ئائىت يازما يادىكارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.
2000- يىلى خەلقئارا شەرقشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن نەشر قىلىنغان «ئىسلامىيەتنىڭ سۈبھى دەۋرىدىكى ھەرقايسى تۈركى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» قاتارلىق ئەسەردە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك زور ھەجىمدىكى ماقالىلەردىن «قەدىمكى تۈركلەرنىڭ يايلىق خانىدانلىقى»، «موڭغۇل ئېگىزلىكىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى»، «ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى» ۋە «كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى» قاتارلىق ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن.