بىزدىكى نورۇز تەنتەنىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى

ئىقبال تۇرسۇن

نورۇز بايرىمى ئۇيغۇر ئىلىمىزدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاجىك، تاتار، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى.

نورۇز – ئۇيغۇر تىلىدا «باش باھار»، «يېڭى كۈن»، «يېڭى يىل» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ھەر يىلى (شەمسىيە) كالېندارى بويىچە 21 -.، 22- مارتقا توغرا كېلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەر ۋە پارس تىلى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەر نورۇز بايرىمىنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىل بايرىمى دەپ قاراپ كاتتا تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

بىزدىكى نورۇز تەنتەنىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى
نورۇز ئېشى – نورۇزنىڭ يارىشىقى

نورۇز بايرىمى ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى تەبىئەت بايرىمى، ئۇ باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىپ، تەبىئەتنىڭ قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، قار – مۇزلار ئېرىپ، جۇتلار كېتىپ، اياتلىقنىڭ جانلانغانلىقى، يېشىللىق ۋە يېڭى ھاياتقا بولغان ئىنتىلىش ۋە خۇشاللىقنى تەنتەنە قىلىدىغان ئالاھىدە بىر كۈن. نورۇز بايرىمى يالغۇز تەبىئەت بايرىمى بولۇپ قالماستىن، يەنە ئەمگەك – مېھنەت بايرىمى، تېخىمۇ قىممەتلىكى ئۇ ئىناقلىق بايرىمىدۇر.

بۇنىڭدىن 1000 يىللار ئىلگىرى ياشىغان ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، مۇتەپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق كىلاسسىك قامۇس ۋە داستانلاردا ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭلەشكەن، ئەتىيازلىق تېرىم باشلانغان، تەبىئەتتىكى جانلىقلار ئويغىنىپ، زېمىن كۆكەرگەن نورۇز پەسلىگە بولغان قىزغىن تەنتەنە ۋە مەدھىيەلىرىنى شېئىر – قوشاقلاردا ئەكس ئەتتۈرگەن. مەشھۇر مۇتەپەككۇر شائىر ئەلشىر نەۋايى لېرىك شېئىرلىرىدا نورۇزنى كۈن – تۈن تەڭلەشكەن كۈن، شادلىق بايرىمى دەپ مۇنداق بېيىتلارنى يازغان:

مۇئافىق كىيدىلەر بولمىش مەگەر نەۋرۇز ئىلە بەيرەم،
چىمەن سەرۋى ياشى خىلئەت مېنىڭ سەرۋى رەۋانىم ھەم.
– “فەۋائىدۇل كىبەر” دىن

ۋەسىل ئارا كۆردۈم، تەڭ ئىمىش بوييۇ ساچى،
تۈن، كۈن تەڭ ئىكەن زاھىر ئولۇر بولدى چۇ نەۋرۇز.
ئەي يۈزۈڭ باغى نەسمىدە ھەۋايى نەۋرۇز،
لەئلى تاجىڭ بولۇپ ئول باغدا بوستان ئەفرۇز.
زۇلفۇ رۇخسار ئىلە كامىمغا مېنى يەتكۈزسەڭ،
ھەر تۈنۈڭ قەدر ئولۇبان، ھەر كۈنۈڭ ئولسۇن نەۋرۇز.
– “بەدائىيۇل ۋەسەت” دىن

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادەتلىرىدە نورۇز مەۋسۇمىدا – باھار پەسلىدە تۇغۇلغان ئوغۇل – قىزلىرىغا «نورۇز»، «نۇر»، «نۇر ئەلانۇر»، «باھار» دېگەندەك قۇتلۇق ئىسىملارنى قوياتتى. ئۇنىڭدىن باشقا خەلق ئارىسىدا نورۇز بايرىمى مەدھىيەلەنگەن ناخشا – قوشاقلارمۇ كۆپ تارقالغان ۋە دەۋردىن دەۋرگە ئۈزۈلمەي ئېيتىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئۇزاق ئەسىرلەردىن باشلاپ نورۇزنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى دەپ تونۇغان. مىللىي يەرلىك ئۆرپ – ئادەتلەر، مۇراسىم، ئويۇن ۋە سەنئەت شەكىللىرى بىلەن بايرام مەزمۇنىنى بېيىتقان. نورۇز بايرىمىدا ئالدى بىلەن، نورۇز تەييارلىقى ئۈچۈن تازىلىق قىلىش، قەبرە بېشىنى، يېتىم – يېسىر، ئاغرىق، ئاجىزلارنى يوقلاش، نورۇز ئېشى يېيىش، نورۇزلۇق مۇراسىم پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، نورۇز سەيلىسى، نورۇزلۇق ئاممىۋى تەنھەرىكەت، كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى، نورۇزلۇق مەشرەپ ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، بايرام خۇشاللىقىدىن تەڭ ھۇزۇرلىنىش ئارقىلىق، كوللېكتىپچانلىق، ئىناقلىق ۋە گۈزەل ئەخلاقتىن ئىبارەت مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ئەۋلادلارغا ئۆگەتكەن. بۇ بايرامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەنىسى يالغۇز باھار پەسلىنى قۇتلۇقلاش، تەنتەنە قىلىشلا بولۇپ قالماستىن، خەلقىمىزنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۆزلۈكىنى تونۇش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ۋە ئىران خەلقلىرى نەچچە مىڭ يىللىق شامانىزم مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە يېشىللىقنى ئۇلۇغلاش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا ئادەتتە، ھەر يىلى نورۇز كۈنىدە كىشىلەر خۇشاللىقتىن نەچچە كېچە – كۈندۈز ئۇخلىماي، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئاممىۋى سورۇنلارغا توپلىشىپ «نورۇز ئېشى» تەييارلاپ كۆپچىلىك بىللە ئېغىز تېگىدۇ. ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلەر ۋە يېقىن كىشىلەر ئۆيمۇ ئۆي پەتىلەپ تىنچ – ئامانلىق سوروشۇپ نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلايدۇ. ھۈنەرۋەن كاسىپلار، ئالىم – ئۆلىمالار، قېرى – ياشلار، ئۇستاز ۋە شاگىرتلار جەم بولۇپ نورۇزلۇق شېئىر – قوشاق، نەزمىلەرنى ئوقۇشىدۇ. مۇشائىرە، تەنھەرىكەت، دارۋازلىق، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. نورۇز بايرىمىدا ئېيتىلىدىغان ناخشا – قوشاقلار، نورۇزنامىلەر ۋە نورۇزلۇق مەشرەپلەرنىڭ مەزمۇنى ئومۇمەن تەبىئەتنىڭ ئويغىنىشىنى، يېڭى باھار مەۋسۇمىنى مەدھىيەلەش، قىش – زىمىستاننى ھەيدەش، خوشاللىقنى تەنتەنە قىلىش، ئىلىم – مەرىپەت ۋە ھۈنەر ئۆگىنىشكە، ئېسىل ئەخلاقىي خىسلەتلەرگە چاقىرىشتىن ئىبارەت.

ئوغلاق تارتىشىش
نورۇزلۇق مۇھىم پائالىيەتنىڭ بىرى – ئوغلاق تارتىشىش

20-30 يىللار ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئىلىمىزدىكى قەشقەر، خوتەن، تۇرپان، قۇمۇل ۋە غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردىن چەت سەھرالارغىچە كىشىلەر نورۇز بايرىمىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايرىمى دەپ تونۇپ، تەنتەنىلىك مول مەزمۇنلۇق كوللېكتىپ نورۇز بايرىمى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ئاڭلىقلىقى، ھەم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا بىر – بىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ئاڭلىقلىقى بىلەن جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغانىدى.

ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردا شەھەرلىرىمىز ۋە شەھەر تۇرمۇشىمىز تېز تەرەققىي قىلدى، ئىقتىسادىي ھال كۈنىمىز خېلىلا ياخشىلاندى. ئەمما، شەھەرلەر قانچە چوڭايغانسېرى، تۇرمۇشىمىز ياخشىلانغانسېرى نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش قىزغىنلىقىمىز سۇسلاشماقتا. ھېيت -بايراملار يېقىنلاشقانسېرى بەزىلەرنىڭ بېشىغا غەم چۈشىدىغان بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق شارائىتتا، بىز نورۇز بايرىمىنى قانداق تونۇيمىز؟ قانداق كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈۋاتىمىز؟ نەچچە يىللار ئالدىدا تاڭزۇڭزا بايرىمنى كورېيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي -مەنىۋى مىراسى قىلىپ يوللاشنى مۇزاكىرە قىلغان، بۇ بىزگە مىللىي بايراملىرىمىزغا مىللەت سۈپىتىدە ئىگە چىقىشىمىزنىڭ نەقەدەر موھىملىقى ھەققىدە سېگىنال بەرمەكتە.

بالىلارنىڭ شادلىقى – نورۇز شادلىقى
بالىلارنىڭ شادلىقى – نورۇز شادلىقى

ۋاھالەنكى، خەلقىمىزنىڭ بايرام ئۆتكۈزگۈسى يوقمۇ ئەمەس، بەلكى بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىغا سەل قارايدىغان بولۇپ قېلىشتى. يەنە بىر تەرەپتىن، غەربلىكلەرنىڭ بايراملىرىنى قوبۇل قىلىش خاھىشى كۈچىيىپ باردى. پۇل ۋە ئىقتىسادىي پايدىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويىدىغان سودا – تىجارەت ساھەلىرىدە مال سېتىش ۋە پايدا يارىتىش مەقسىتىدە مىلاد بايرىمى، ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى دېگەندەك غەربنىڭ بايراملىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشۋىق قىلىپ، ئېتىبار باھالىق مال سېتىش، بايراملىق سوۋغاتلىق مال سېتىش ۋە سېتىۋېلىش بىلەن بىللە، يەنە ئۇنىڭغا ماسلاشقان غەربلەشكەن تۈرلۈك پائالىيەتنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان بولدى. شۇغنىسى، غەربنىڭ بۇ بايراملىرىنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئارقا كۆرۈنۈشى قانچىلىك دېگەن مەسىلىنى كىشىلەرنىڭ ئويلىنىپ باققىنى يوق. ئېھتىمال بۇ بەزىلەرنىڭ ئاتالمىش زامانىۋىلىققا تەلپۈنۈشى ۋە «مودا ئېقىم» غا ئەگىشىش ھادىسىسىدۇر. خوش، ئۇنداقتا، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلاشقانلىقى مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىزنىڭ ئورنىنى غەربنىڭ بايراملىرى ئېلىشتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق بولمايدۇ. نورۇز بايرىمى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمى، تەبىئەت ۋە ئەمگەك بايرىمى، شۇنداقلا ئېكولوگىيە تازىلىق بايرىمى قىلىپ قانۇنىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈتمەكتە.
دەرۋەقە، ئەنئەنىۋى مىللىي مۇراسىم ۋە ئۆرپ – ئادەتنىڭ ھەممىسىلا بۈگۈنكى زامانىۋى جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە زوقلىنىش ئېستېتىكىسىغا ماس كېلىشى ناتايىن. ھەر قانداق بىر مىللىي ئەنئەنە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ ۋە ئۆزگىرىپ بارىدۇ. نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئۈزۈلۈپ قالمىغان نورۇز بايرىمى مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىمۇ بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ئېھتىياج ۋە تەلەپلىرىگە ئۇيغۇنلىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ. شۇڭا بايرام ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىلىرىمۇ قەدىمدىن داۋاملىشىۋاتقان ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە بولماستىن، ھامان بۈگۈنكى دەۋردىكى كىشىلىرىمىزنىڭ يېڭىچە تۇرمۇشى بىلەن تېخىمۇ رەڭدارلىشىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مېنىڭچە، بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۆتكۈزۈۋاتقان نورۇز بايرىمى خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى ئىستېمال ئېھتىياجى ۋە زوقلىنىش ئۇسۇلى بويىچە ئۆتكۈزۈلسە، ئۇنىڭغا بىر قىسىم زامانىۋىي ئىجادىيلىققا ئىگە مۇراسىملار قوشۇلسا بولۇۋېرىدۇ. بولۇپمۇ كوللېكتىپ مۇراسىم تۈسى ھەم ئويۇن شەكىللىرى قوشۇلسا، ساغلام بايرام كەيپىياتى ۋە مەدەنىيەت كەيپىياتى يارىتىلسا ھەقىقىي ئەنئەنىۋىي بايرام تەنتەنىسى بولالايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى ئەنئەنىسى ناھايىتى ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا شەكىللىنىپ ھەقىقىي بىر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئايلانغان. بىز ھازىر ئۇيغۇر ئىلىدە ئىلغار مەدەنىيەتنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشنى، مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلغان زامانىۋىلىشىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز. ھەربىر ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرنىڭ ئۆزىنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا، خەلقنى زامانىۋى مەدەنىيەتكە يېتەكلەش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. شۇنداق بولغان ئىكەن، شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە كارخانا، شەخسلەر ۋە جەمئىيەت ئورتاق ھالدا مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىسە، نورۇز بايرىمىنىڭ ئەمگەكنى، تەبىئەتنى سۆيۈش، ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىلغار مەدەنىيەت ئامىلىنى خەلققە كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلسا، جايلار ۋە ساھەلەر كۆچەت تىكىش، مىللىي تەنتەربىيە ئويۇنلىرى، مەشرەپ پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرسا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ناچار ۋە پاسسىپ ئەنئەنىلەر ئۈزلۈكىدىن چۈشۈپ قالىدۇ. خەلقنى جەلپ قىلىدىغان ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى ساقلىنىپ قالىدۇ. ھەرقانداق بايرام ھەم كىشى قەلبىنى شادلاندۇرىدۇ ھەم قەلبىلەرنى بىر -بىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە خەلقنى ئۆملۈككە ئۈندەيدۇ. شۇڭا غەربلىكلەرنىڭ بايراملىرىغا چوقۇنۇش، ئۇنى قارىغولارچە كۆچۈرۈپ ئەكىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇنىڭدىن كۆرە ئۇلارنىڭ ئۆز بايراملىرىنى تەبرىكلەش ۋە ئۆتكۈزۈشتىكى ئىجادچانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ بايرام ئەنئەنىلىرىمىزنى يارىتىشىمىز تېخىمۇ زۆرۈر.