نىلقا قوزغىلىڭى – ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەسمىي پارتىلغانلىقى

نىلقا قوزغىلىڭى - ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەسمىي پارتىلغانلىقى

نىلقا-تەڭرىتېغىنىڭ قۇچىقىغا جايلاشقان بولۇپ ،ئۇنىڭ شىمالىدا پولۇكنۇ تېغى بار شەرقىدەئاۋرال تېغى ئوتتۇرىدا قاش دەرياسى شەرىقتىن-غەرىپكە قاراپ ئېقىپ ئىلى دەرياسىغاقوشۇلىدۇ ، ،ئوتتۇرسىدا شىمال تەرەپتە ئاچال تاغ ئېغىزىدىن ئۆتۈپ جىڭ ناھىيىسىگە بارغىلى بولىدۇشەرىقتەرىپىكۈنەسكە تۇتىشىدۇ ، نارات يايلىقىدىن بايىنبۇلاق (يۇلتۇز دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ۋە خېجىڭ قاتارلىق جايلارغىمۇ بارغىلى بولىدۇ . يەر تۈزۈلۈشى خەتەرلىكبولۇپ ،ساقلىماق ئاسان ،ھۇجۇم قىلىپ ئېلىش تەس بۇ يەرنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى .چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاقلار ، ئۇنڭدىن قالسادېھقانچىلىق ،-قول-ھۈنۈرۋەنچىلىك ۋە سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر ،خەنزۇ ،ئۆزبېكتاتار،روس قاتارلىق مىللەتلەر بولۇپ 1944- يىلدىكى نوپۇسى45 مىڭدىن كۆپرەك ئىدى

شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ زالىم ھۆكۈمرانلىقى ۋە دەھشەتلىك مىللىي زۇلۇمى ، شۇنىڭدەك ئاز سانلىقمىللەتلەر ئىچىدىكى فېئودال سىنىپلارنىڭ ۋەھشىيانە ئىېكىسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلۇمى تۈپەيلىدىن ،ھەرمىللەت خەلقى نامراتلىق . ۋە قالاقلىق ئىچىدە ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرۋاتاتتى. 1943-يىلى 3- ئايدا ،شېڭشىسەي ھۆكۈمىتىھەرمىللەت خەلقىنى 10 مىڭ توياق ھەربىي ئات ئىئانە قىلىشقا زورلىدى ئات ئىئانەقىلىشقا قۇربىيەتمىگەنلەر بازار نەرخىدىن بىر ھەسسە كۆپ نەق پۇلتاپشۇرۇشقا توغرا كېلەتتى ئۇنداق قىلمىسا ،ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ ،تاكى نەق پۇلنى تولۇق تاپشۇرغاندا ،ئاندىن قويۇپ بېرىلەتتى . بۇ سېلىق ئاساسلىقى دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ زىممىسىگەيۇكلەنگەنلىكتىن ئىلى ،تارباغاتاي ،ئالتاي ۋىلايەتلىرىدىكى كەڭ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈكنارازىلىقىنى قوزغىدى .
،1944-يىلى 4 -ئايدا غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ،ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا تەشۋىق ۋە سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىپ ،گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكەتەييارلىق كۆردى . 7- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئوۋ مىلتىقىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ،نىلقا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن قامالغان ئاكا -ئۇكا قازاق چارۋىچى ئەكبەر بىلەن سېيىت تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ، ئۆز-ئارا كېڭىشىپ ،بەزى كىشىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ ،شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قوراللىق قارشى تۇرۇش نىيىتىگە كەلدى .شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇلار 8- ئاينىڭ باشلىرىدا قورال -ياراغ تېپىپ كېلىش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ،جۇڭگو -سوۋېت چېگرىسىدە سابىق نىلقا ناھىيىلىك يەرلىك مەسھۇلاتلار شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى فاتىخ موسلىموپ بىلەن ئۇچراشتى . موسلىموپ قاتارلىقلار 1943-يىلى يازدىن باشلاپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالمۇتا قاتارلىق جايلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ھەربىي ۋە سىياسى تەلىم -تەربىيە ئالغان ،تەلىم -تەربىيە ئاياغلاشقاندىن كېيىن ،1944- يىلى 8- ئايدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئۈچۈن نىلقا ناھىيىسىگە ئەۋەتىلگەن. ئەكبەر قاتارلىقلار فاتىخ موسلىموپ بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن ،قورال- ياراغ ،ئوق-دورىلارنى ئېلىپ قورغاس ناھىيىسىنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا جايلاشقان باش كۆنچى ئىگىز تاغ يايلىقى ئارقىلىق چېگرىدىن يوشۇرۇنچە ئۆتۈپ ،داشىگۇنىڭ شىمالىدىكى تاغلاردىن ئېشىپ غۇلجا ناھىيىسىدىكى جېلىليۈزىگە كېلىپ ،يەنە ئۇ يەردىن كۆكساي ئارقىلىق نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىق رايۇنىغا كېلىپ پارتىزانلار ئەترىتىنى تەشكىللىدى . پارتىزانلار ئەترىتى دەسلەپتە فاتىخ موسلىموپ ئەكەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىللە تەربىيلەنگەن رەپىق بايچۇرىن ،خەمىت موسلىموپ ،قۇربان بۇرھان ،ئوسمان ئىبراھىم ،نۇرۇم ئوبۇل ،ھوشۇر مامۇت ۋە ئەكبەر ، سېيىت ،غېنى ئابدۇللا قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقانىدى ،كېيىن پارتىزانلار ئەترىتى جالىنغۇل ،جارتۇغان ، كۆكساي قاتارلىق جايلارغا ئادەم ئەۋەتىپ ، تەشۋىقات ئېلىپ باردى ، شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا زۇلۇم سالغان ،ئىېكىسپىلاتاتسيە قىلغان ۋە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىدەك جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش ئارقىلىق خەلقنى قوزغىلىپ قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىشقا سەپەرۋەر قىلدى ، شۇ جايدىكى ئابرويلۇق زاتلار ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىنى ، نامرات چارۋىچىلارنى شۇنىڭدەك گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنماقچى بولغانلارنى پارتىزانلار ئەترىتىگە قوبۇل قىلدى . بۇنىڭ بىلەن پارتىزانلار ئەترىتى ناھايىتى تېز تەرەققى قىلدى ھەمدە ئادەم ئەۋەتىپ نىلقا ناھىيىسىدىن مازارغا تۇتۇشىدىغان توك سىمىنى ئۈزۈۋەتتى ،كۆۋرۈك ،يوللارنى بۇزۇۋەتتى ، گومىنداڭنىڭ ھاربىي ،ساقچىلىرىغا ئۇشتۇمتۇت زەربە بەردى .
8-ئاينىڭ 17 -كۈنى فاتىخ قاتارلىق كىشىلەر ئۇلاستايدا ئاممىنى قوزغاپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى . نىلقا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فېڭ ۋېيجۈن 50نەچچە ساقچىنى باشلاپ كېلىپ توسۇماقچى بولدى ، قايتىش يولىدا ئۇلاستاي پارتىزانلىرىنىڭ يوشۇرۇنۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىدى ، ئەتراپتىكى ئامما قوللىرىغا تۈرلۈك قوراللارنى ئېلىپ جەڭگە قاتناشتى ، خېلى كۆپ ساقچىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى . بەزى قورال-ياراغلارنى ئولجا ئالدى .مانا بۇ ـــــــــــــ نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ باشلىنىشى ،شۇنىڭدىن ئېتبارەن ئۇلاستاي پارتىزانلىرىنىڭ ھەيۋىسى ئېشىپ كەتتى ، كېيىن يەنە گومىنداڭ ئارمىيىسى ۋە ساقچىلىرىغا بىر نەچچە قېتىم ئۇشتۇمتۇت زەربە بەردى ، گومىنداڭ ئارمىيىسى ۋە ساقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى .
ئۇلاستاي پارتىزانلىرىنىڭ ھەركىتى گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى . ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۆلكىلىك ساقچى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ بىڭدېنى ئەھۋال ئىگەللەش ،تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن غۇلجىغا ئەۋەتتى . ليۇ بىڭدې غۇلجىلىق خۇيزۇ بولۇپ ، ئۇ غۇلجىنىڭ ئادەملىرى ،جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى بىلەن تونۇشلۇق بولۇش ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى بىلىشتەك قولايلىق شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ،ئىلىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگەلىگەندىن كېيىن ،بىر تەرەپتىن ،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسىنى بالدۇرراق تەيىنلەش (ئەينى ۋاقىتتا ۋالىي چياۋ گېن شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىگە تاشلىغانىدى )،قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىلىغا قوشۇن يۆتكەش ،ئات ئىئانە قىلىشنى توختىىتىش ، يەرلىك ئاتاقلىق زاتلارنى تەسەللى بېرىشكە ئەۋەتىش ھەققىدە تەكلىپ بەرسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ساقچى ،ئىشپىيونلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ئامانلىق ساقلاشنى كۈچەيتتى ، بىر مۇنچە ئىنقىلابىي ئامما ۋە تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنى قولغا ئالدى ، بۇنىڭ بىلەن غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرىگە مۇئەييەن قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرغانىدى . لېكىن ئەينى چاغ شېڭ شىسەي چوڭچىڭغا بېرىپ مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانچىلىق -ئورمانچىلىق مىنىستىرى بولۇشقا تەييارلنىىۋاتقان، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى ۋۇ جۇڭشىن تېخى ۋەزىپىگە ئولتۇرمىغان پەيت بولغاچقا ،ئۇلاستاي پارتىزانلىرىنىڭ ھەركىتى ۋە ليۇ بىڭدېنىڭ پىلانى گومىنداڭ شىنجاڭ دائىرلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشىنى قوزغۇيالمىدى . پەقەت 9-ئاينىڭ 2- كۈنى ،زاپاس 7 -شىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى دۇدېفۇنى ئايرۇپىلان بىلەن غۇلجىغا كېلىپ ئىلى ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق بارلىق قىسىملار ۋە ئامانلىق ساقلاش تۈەن -دۈيلىرىگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش ۋە قوزغىلاڭچى ئاممىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتتى . ئەينى چاغدا ، گومىنداڭنىڭ ئىلىدا ئاران 2500دىن كۆپرەك ئەسكىرىي كۈچى بار ئىدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار ئاساسلىقى شېڭ شىسەيدىن قالغان كونا ئۆلكە ئارمىيىسى بولۇپ ،جەڭگىۋارلىغى ئاجىز ئىدى، بۇ نىلغا قوزغىلىڭىنىڭ تەرەققي قىلىشى ۋە غۇلجا قوزغىلىڭىنىڭ پارتىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەت يارىتىپ بەردى .
9- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ، ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ،مۇۋەققەت ۋالىيسى قوشۇمچە ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى گاۋۋېي ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋجۇڭمىڭ قاتارلىقلارنى 128- شىنىڭ 3- يىڭىدىن بىر لىيەن ئەسكەر ۋە بىر قىسىم ساقچىنى باشلاپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۇلاستايغا ئەۋەتتى . 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ،300نەچچە ھەربىي -ساقچى جاۋجۇڭمىڭنىڭ قوماندانلىقىدا ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ئۇلاستاي پارتىزانلىرىنى «يوقاتماقچى »بولدى . 21-كۈنى ئۇلاستاينىڭ جەنۇبىدىكى يۇمۇلاق تاغقا ھۇجۇم قىلغان گومىنداڭنىڭ ھەربىي- ساقچىلىرى پارتىزانلار ۋە ئاممىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ ، خېلى كۆپ ئادىمى ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى ،9-ئاينىڭ 24-كۈنى مازار جىلغىسىدىن ئاچال ئېغىزىغا كىرىپ ،پارتىزانلارنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشىنى توسۇماقچى بولغان گومىنداڭنىڭ يەنە بىر يول ھەربىي- ساقچى قوشۇنىمۇ پارتىزانلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەربىسىگە ئۇچراپ ،خېلى كۆپ چىقىم تارتتى .ئارقىدىنلا پارتىزانلار مازار جىلغىسىنى ئىشغال قىلىپ ، غۇلجا ناھىيە بازىرىدىن نىلقا ناھىيە بازىرىغا بارىدىغان ئىستىراتېگىيىلىك مۇھىم جاينى كونترول قىلدى ھەمدە نىلقا ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى .
10-ئاينىڭ 5- كۈنى ، پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ باش قوماندانى فاتىخ موسلىموپ ئۇلاستايدىكى باش شىتابىدا نىلقا ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى ۋە پىلانىنى جاكارلىدى .