ھازىرقى مەتبۇئاتلىرىمىزدىن ئانا تىلىمىزدىكى بىرقانچە مەسىلىگە نەزەر

«كونا» تىلىمىزدىن ھازىرقى تىلىمىزغا نەزەر

ئابدۇخالىق ئابلىمىت قۇتلان

مەن يېقىندىن بېرى لۇغىتىمىزدىكى «تەنتەربىيە»، «تەختىراۋان»، «ساتما» دېگەندەك سۆزلەرگە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، بۇ سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ۋە مەنىسىدىن قارىغاندا خېلى بۇرۇنلا لۇغىتىمىزدە بولسا كېرەك، ئەگەر بۇ سۆزلىرىمىز لۇغىتىمىزدە بولمىغان بولسا، ھازىر نېمە دەپ ئىسىم قويۇشىمىز بىر مەسىلە ئوخشايدۇ، ئالايلى، «تەنتەربىيە» دېگەن بۇ سۆز ئېيتماقتا شۇنداق ئاددىيلا تۇرىدۇ، بۇ سۆزنى ئوبدانراق تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىخچام ئاتىلىشى بولغان، ھازىر لۇغېتىمىزدىن يوقىلاي دەپ قالغان «تەن» سۆزى بىلەن، چوڭلارنىڭ كىچىكلەرنى، بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ نادانلارنى يامان يولدىن توسۇش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان، ئىلىم مەنىسىدىكى، ھازىرقى سۆزىمىز بىلەن ئېيتقاندا «پېداگوگىكا» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز «تەربىيە»دىن تۈزىلىپ، ھەرقانداق بىر ئادەم چۈشىنەلەيدىغان، ئىخچام بىر لۇغەت بولۇپ تۇرماقتا، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىكى ھازىرقى دەرسلىمىزنىڭ ئىچىدە بۇنىڭدىن باشقا بىرەر پەننىڭ مۇشۇنداق ئەپلىك قويۇلغان بىرمۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، ئەگەر ماتېماتىكىغا «ساقىش» دەپ ئىسىم قويغان ياكى «تەنتەربىيە» سۆزى بارلىققا كەلگەن دەۋرلەردە ھازىرقى زامان ئېلىملىرى بارلىققا كەلگەن بولسا، ئېھتىمال ئۆز لۇغىتىمىزدە بۇ ئىلىملەرگىمۇ سۆز مەنىسىدىنلا نېمىلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان «ساقىش تەربىيە» پىسخولوگىيەگە «خۇيتەربىيە» دېگەنلەردەك مۇۋاپىق ئىسىم قويۇلغان بولغىيمىدى دەپ ئويلايمەن.

«تەختىراۋان» سۆزىنى ئاپىراتسىيە قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، «ئوردا» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «تەخت» سۆزى بىلەن، ئىش- ھەرىكەتنىڭ توسالغۇسىز داۋاملىشىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «راۋان» سۆزىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ سۆزمۇ ئەينى دەۋردىكى قاتناش قورالىنى روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن، شۇنداق ئويلايمەنكى، ئەينى چاغدىكى ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك مەخسۇس تىل يېزىق ئىدارىلىرى بولمىغان بولسىمۇ، ھازىرقى دەۋردىكى قاتناش قوراللىرى بىلەن ئۇچرىشالىغان بولسا، بىزگە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ مىراس بولغىدەك «كۆكتە راۋان»، «سۇدا راۋان»، دېگەندەك ياخشى ئىسىملارنى قويۇپ بىرەر بولغىيمىدى، مېڭىش ئىمكانىيىتى بولمىغان نەرسىگە تىز سۈپىتىنى قوشۇپ خاتا ھالدا «تىز سۈرەتلىك يول(تىز ماڭىدىغان يول)» دېگەندەك ھەم ئۇزۇن ھەم لوگىكىغا ئۇيغۇن بولمىغان خاتا ئىسىملارنى قويۇپ يۈرمەي، ماڭغۇچىلار توسالغۇسىز يۈرەلەيدىغان يول دېگەن مەنىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان، كىشىلەر ئاڭلاپلا چۈشىنەلەيدىغان «راۋان يول» دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇپ بېرەرمىتىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.

ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئانا تىلىمىزغا شۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانكى، قوغۇنلۇقنى خەۋەر ئالىدىغان كەپىگىمۇ ئاددىيلا «كەپە» دېمەي، كەپىدىن پەرقلىق ھالدا «ساتما» دەپ ئىسىم قويغان، ئۆزى شۇغۇللانغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەنە شۇنداق ئىخچام، مەنىسىنى ئىزاھسىزلا بىلگىلى بولىدىغان ئىسىم- ناملارنى قويۇپ، مىراس قالدۇرالىغان.

ھايۋانلارنىڭ چوڭ –كىچىكلىك، جىنسى، تۇرارجايى ۋە گەندىسى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇلاردىكى شۇنچە ئىنچىكە پەرقلىرىدىن سۆيۈنۈپ كېتىمىز، مەسىلەن ھايۋانلاردىكى جىنسى پەرقىنى مىسالغا ئالساق، چىشى جىنسىدىن ساغلىق، ئىنەك، مېكىيان، …. ئەركەك جىنسىدىن قوچقار، بۇقا، خوراز، …. قاتارلىقلار. چوڭ – كىچىكلىك پەرقىدىن قوزا، موزاي، باچكا، …. قاتارلىقلار. تۇرار جايىدىن مىسالغا ئالساق ئېغىل، قوتان، قۇما، كاتەك، ……. قاتارلىقلار. گەندىسىدىن مىسال ئالساق، تېزەك، ماياق، موندىلەك، قىغ، مەرەز، ….. دېگەندەك ئىنچىكە پەرقلەرنى كۆرىمىز، بۇنداق ئىنچىكە پەرق ھازىرقى تەرەققى قىلدى دەپ قارىغان خەلقئارالىق تىللاردىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن. ئەپسۇس ھازىرقى پەن- تېخنىكا شۇنداق تەرەققى قىلغان، تەشۋىقات قوراللىرى مۇكەممەل، ھەرخىل ئورگان، ئەپىراتلار تولۇق بولغان بىر دەۋردە بولسا، لۇغىتىمىزدىن يېقىنقى دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولغان «تىزگىنەك»، «كىملىك» ۋە «ئۇ»ئالغۇ، «بۇ»ئالغۇلاردىن باشقا كىشىنى سۆيۈندۈرگىدەك ئاتالغۇلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ھەتتا خىزمەت ياكى كەسىپ نامىنى بىلدۈرىدىغان مەشقاۋۇل، باقاۋۇل دېگەن سۆزلىرىمىزدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە «ئاۋۇل»دىن پايدىلىنىشنىمۇ ئويلىشالمىدۇق.

كومپيۇتېر مەتبۇئاتچىلىقىدىكى تىنىش بەلگۈلىرىنىڭ ﯮﺭﻧﻰ

مەن تىل-يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس خادىم بولمىغىنىم ئۈچۈن، تىنىش بەلگىلىرىگە دائىر ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى، بىزنىڭ «پەش»، «چىكىت»لىرىمىز، جۈملىلەرنى توغرا ئوقۇش، مەنىسىنى توغرا ئىپادىلەش ئۈچۈن، يېزىقلىرىمىزدا كۆپ قوللىنىدىغان بەلگە بولۇپ، بۇ بەلگىلەرنىڭ قويۇلۇش ئورنى توغرىسىدا بىرەر بەلگىلىمە بولسا كېرەك دەپ قارايمەن. ئىلگىرى قوغۇشۇن مەتبەچىلىكىدە ئۇلارنىڭ ئورنى كېيىنكى سۆزنىڭ ئالدىدىكى بوش ئورۇننىڭ ئالدىدا قويۇلاتتى، ئۇلارنىڭ يېزىقىمىزدىكى رولى ۋە ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىسى جەھەتتىنمۇ شۇنداق قويۇلغېنى توغرا ئىدى. ئەمما، ھازىرقى گېزىت- ژورناللاردا بولمىسۇن ياكى خېلى چوڭ شەھەرلەردىكى تەشۋىقات، ئېلان تەختىلىرىدە بولمىسۇن كېيىكى سۆزنىڭ ئالدىدىكى بوش ئورۇن بىلەن بۇ بەلگىلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قىلىۋاتىدۇ، يەنى كېيىنكى سۆزگە بۇ بەلگىلەر چاپلىشىپ يېزىلىپ، بوش ئورۇن بولسا، بۇ بەلگۈلەرنىڭ ئالدىغا كىلىپ قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: « ئۇيغۇر تىلىغا چەت تىللاردىن ئەرەپچە، پارىسچە، رۇسچە ۋە خەنزۇچە نۇرغۇن سۆزلەر قوبۇل قىلىنغان.» دېگەن جۈملە «ئۇيغۇر تىلىغا چەت تىللاردىن ئەرەپچە ،پارىسچە ،رۇسچە ۋە خەنزۇچە نۇرغۇن سۆزلەر قوبۇل قىلىنغان .»غا ئوخشاش پەش، چىكىتلىرىمىز كېيىنكى سۆزنىڭ بېشىغا چاپلىشىپ، بوش ئورۇندىن كېيىن يېزىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا بىرەر بەلگىلىمە يوقمۇ ياكى بەلگىلىمە بولسىمۇ بەلگىلىمىنىڭ توغرا ئىجراقىلىنىشىنى تەكشۈرىدىغان، نازارەت قىلىدىغان ئورۇن، شەخس يوقمۇ بىلمىدىم.

بىرقىسىم يېڭى ئاتالغۇلار ھەققىدە تەۋسىيە

دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ماتېرىياللىرىنى قويۇپ قويىدىغان ياكى يېغىن سەھنىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان شىرەلەرنى بىرقىسىم ماتېرىياللاردا «مۇنبەر» دەپ ئېلىنىۋاتقان بۇ سۆز مېنىڭچە نوقۇل ھالدا شىرەنىلا كۆرسەتمەستىن، شۇ شىرە تۇرغان ئورۇننىمۇ كۆرسەتسە كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئۇقۇم جەھەتتىن قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، نۇتۇقنىڭ ئېنىقلىقىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن. شۇڭا نۇتۇق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ سايمانغا تولۇق ماس كىلىدىغان، ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان سۆز ياسىغۇچى «دۇق»نى قوشۇپ، «نۇتۇقدۇق» دەپ ئېلىنىشىنى ئويلىشىپ كۆرسەك.

بالىلار باغچىسىدا پەرزەنتلىرىمىز ئوينايدىغان ئىككى ئويۇنغا مەن ھېچقانداق ئىزاھات بەرمەيلا ئىككى ئىسىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن، بۇ ئىسىمنىڭ نېمىگە قارىتىلغانلىقىنى سەزگۈر كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. ئۇ ئىسىم: «لۆم – لۆم پالاس»، «دوق – دوق ماشىنا».

موتوسىكىلىت مىنگەنلەر يېڭى سېتىۋالغان موتۇسىكىلىتىغا «بۇ موتو تېخى مولا قىلىنىپ بولۇنمىغان» دېگەن جۈملىنى ئىشلىتىدۇ، بۇ يەردىكى مولىنىڭ مەنىسىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىشى مۇمكىن، ئۇيغۇر تىلىدا پىچاق چاقىلىغاندا، چاقلاپ بولۇپلا بۆلەيدىغان ئادەت بار، بۇنى پىچاقنىڭ قىلاتىنى ئېلىش دەپ ئاتايدۇ، مېنىڭچە قىلاتىنى ئېلىش دېگەن سۆز سىلىقلاش دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك، موتۇسكىلىتنى مولا قىلىش دېگەن سۆزمۇ تىلىمىزدىكى قىلاتىلاش ياكى ئېغىز تىلىدىكى قىتلاش دېگەن سۆز بىلەن بىر مەنىدە بولسا كېرەك، شۇڭا «مولا» قىلىش دېگەن سۆزنى «قىتلاش» ياكى «قىلاتىلاش» دەپ ئالساق دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.

كومپيۇتېر ئاتالغۇسىنى «تىل ۋە تەرجىمە(ھازىرقى كۆۋرۈك)» ژورنىلىنىڭ قايسىبىر سانىدا «كەمپۈتەر» دەپ ئېلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتىكەن، بۇ ئاتالغۇ خەلقئارا ئاتالغۇ «كومپيۇتېر» بىلەن ئاھاڭداش بولۇپلا قالماي، شۇ ئۈسكىنىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن كەمتەرەپلىرىمىزنى پۈتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقى ئېچىپ بېرىلىپتىكەن، بىراق بۇنداق ئوبرازلىق ياخشى نام ئومۇملاشتۇرۇشقا ئېرىشەلمىدى.

كەمپۈتەر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن كەمپۇتەر بىلەن يانداش ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن ئۈسكىنىلەر بارلىققا كەلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمىغا دېگىدەك يېڭى ئىسىم قويماي ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە ناملار بىلەنلا ئاتاپ كەلدۇق. ئەسلىدە بۇلارغا تىلىمىدىكى سۆز ياسىغۇچى ئەبزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ ئىسىم ياسىغان بولساق تامامەن ياسىيالايتۇق، بىراق ئىسىم ياسىمىدۇق ياكى پىكىر ئادىتىمىزگە ئۇيغۇنلىشىش ياكى ئۇيغۇنلىشالماسلىقى بىلەن ئويلاشماي، قارىغۇلارچە خەنزۇچىدىن خەت مەنىسى بويىچىلا تەرجىمە قىلدۇق، نەتىجىدە بۇ ئۇزۇن ئىسىملارنى خەلق قوبۇل قىلىپ كېتەلمىدى. مېنىڭچە پەن – تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا ئىسىم ياساشتا تەرجىمىنى مەقسەت قىلماي ۋاستە قىلىپ، شۇ ئۈسكىنىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى چىقىش قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تىل ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئىسىم ياسىساق ئاقىلانىلىق بولارمىكىن دەيمەن. مەسىلەن: قەغەز يۈزىدىكى رەسىم ياكى خەتچەكلەرنى نۇسخىلاپ سايىسىنى كومپيۇتېرغا يوللاپ بېرىدىغان ئۈسكىنە(سىكانىر)گە ئىش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە نەرسىلەرگە ئىسىم ياسىغۇچى «لىغۇچ» بىلەن سايىنى قوشۇپ «سايىلىغۇچ»، ئۇنىڭ خىزمىتىنى «سايىلاش»، مەھسۇلاتىنى «سايىلانغان»، ….. دەپ ئىسىم قويساق تامامەن مۇمكىن ئىدى.

بىر قىسىم ئۇزۇن ئىسىملارنى ياساش ۋە ئىخچاملاشتا بۇرۇنقى تىلىمىزدا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما كەڭ ئومۇملىشالمىغان، يېقىنقى ۋاقىتلاردا بىرقىسىم ئالاھىدە سۆزلەردىلا قوللىنىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن بىرخىل ئۇسۇل: «سۆزلەرنى قىسقارتىپ بىرىكتۈرۈش» ئۇسۇلىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسەك، بىرقىسىم ئۇزۇن سۆزلەرنى چەتتىن ئۆلۈك ھالدا قوبۇل قىلىشنىڭ ياكى ئاۋامنىڭ قوبۇل قىلىپ ھەزىم قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدىغان پايىزدەك ئۇزۇن ئىسىملارغا ھاجەت قالمايتتى دەپ قارايمەن.

ئاتا بوۋىلىرىمىز ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزنى بىرىكتۈرۈپ سۆز ياسىغاندا ئۇنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىخچاملاپ، بېرىكتۈرگەن ئىكەن، مەسىلەن: ئوت + ئالغۇچ = ئوتىغۇچ، شىرىك + ئەت = شىركەت، ساق + ئىش = ساقىش، دىرەپ + تىشە = دىرەپشە، دېگەندەك، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىلھامى بىلەن يېقىنى دەۋىرلىرىمىزدىمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنى ئىخچام ھالدا «ئوبكوم»، «ۋېلكوم»، «ناكوم» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. چەتنىڭ بىزگە ماس – كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى بىلەن كارىمىز بولماي نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان بولساقمۇ، بىزدىمۇ ئەزەلدىن بار بولغان ھەم چەت تىللاردا خېلى تەرەققى قىلغان بۇ ئۇسۇلنى ھازىر بىزگە قوللىنىش شۇنچە مۇھىم بولسىمۇ ئېرەن قىلمايۋاتىمىز. مەكتىپىمىزدە تاللانما، پائالىيەت دەرسى دەيدىغان دەرسنىڭ ئۇزۇن نامىنى مەن ئىخچاملاشتۇرۇپ دەرس سەتكىسىگە «تاللىيەت» دەرسى دەپ ئالسام، تىزلا ئومۇملاشتى. توردۇنياسىدىمۇ يۇمتال، ئېلخەت، ئېلكىتاپ، ئېلئەسەر، .. دېگەندەك سۆزلەرمۇ خىلى ئومۇملىشىپ قالدى، شۇڭا تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرۈشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.

مەن بۇ ماقالامنى توردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن ماقالىنىڭ ئىلھامىي بىلەن بىرقىسىم تورداشلار «جۇۋاۋا»غا ئۈگرە، چۈچۈرە دېگەن تاماقلىرىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ، تاماقنىڭ ئېتىلىش ئالاھىدىلىكى بويىچە «تۈگرە» دەپ، «سومەن»گە «قورىماچۆپ»، پىنتوزىغا «ماشئۈگرە(بۇ ئەسلىدىمۇ بار ئىدى)»، لەڭپۇڭغا «لىغىرداق» دېگەندەك شۇنداق قاملاشقان ئىسىملارنى قويۇپتۇ. بۇنى تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ ئويلۇشۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.(ھازىر تۈگرە دېگەن سۆز كىنولاردىمۇ خىلى دېيىلىدىغان بولدى).

تەرجىمانلىرىمىزدىكى بىرقىسىم سەھۋەنلىكلەر

ئاتا بوۋىلىرىمىز باغۋەنچىلىك ساھەسىدە ئەينى دەۋرلەردە دۇنياۋى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن، باغۋەنچىلىك ساھەسىدىمۇ نۇرغۇن تىل بايلىقلىرىمىز تەتقىق قىلىنىشنى، ھازىرقى دەۋر ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، شىنجاڭ قەدىمىي مىۋە – چىۋە ماكانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرخىل مىۋە كۆچەتلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ مىۋىللىرىگە پەرقلىق ئىسىم قويۇپلا قالماي، ھەربىر مىۋىنىڭ تۈرلۈك خىللىرىغىمۇ پەرقلىق ناملارنى قويۇپ كەلگەن. مىۋىلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇرۇتۇلغان مىۋىلەرگىمۇ ئۆزگىچە ناملارنى قويغان. ئەپسۇس بىرقىسىم تەرجىمانلىرىمىز تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىدە ئەسلى مەنبەدىكى تىل ئادىتى بويىچە ئۆلۈك ھالدا تەرجىمە قىلىپ قويۇپ، تىل بايلىقىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماي، ياشلىرىمىزنىڭ تىل ساپاسىنى تۆۋەنلىتىشكە سەۋەبكار بولۇپ قالدى.

مەسىلەن، ھازىر مەتبەلىرىمىزدە بولمىسۇن، ياشلىرىمىزنىڭ ئېغىز تىلىدا بولمىسۇن قۇرۇتۇلغان مېۋە بولسىلا «قاق» دەيدىغان خاتا ئۇقۇم ئومۇملاشماقتا. ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلىدە «قاق» سۆزى پەقەت شاپتۇلنىڭ قۇرۇتىلغېنىغىلا قارىتىلاتتى، ئۆرۈكنىڭ قۇرۇتىلغېنىنى «ئۆرۈك قېقى» دەپ ئاتىماستىن «گۈلە»، ئۈژمىنىڭكىنى «ۋاسالغۇ»، ئۈزۈمنىڭكىنى «يىمىش» دەپ ئاتايتتى.

يۇقارقى مەسىلە ھازىر ئاددىيدەك بىر مەسىلىدەك كۆرۈنسىمۇ، بۇنىڭغا سەل قارالغاندا خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللارنىڭ مىللىتىمىز ئارىسىدا ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ كەلگۈسىدە مەتبەلىرىمىزدە بايتال، بوتىلاق، تەخەي، چۈجە، دەمدا، ئېرىكلارنى ئاتنىڭ چىشىسى، تۆگىنىڭ بالىسى، ئېشەكنىڭ بالىسى، توخۇنىڭ بالىسى، كەپتەرنىڭ چىشىسى، ئەركەك قوينىڭ پېچىۋېتىلگىنى دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئۇچرىتىپ قالارمىزمۇ دېگەندەك ئەندىشىلىك خىياللارغا چۈشمەي تۇرالمايمىز.

ئۇيغۇرلاردا سانلارغا نام بېرىش ئۇسۇلى

ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىي مۇساپىسى جەريانىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدە باشقا ساھەلەرگە ئوخشاش ماتېماتىكا ساھەسىدىمۇ بەلگىلىك كۆزگە كۆرۈنگەن قەدەمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر خەلقى ماتېماتىكا ئىلمىنى ماتېماتىكىنىڭ ئۆزىدىلا ئەمەس، ئاسترونومىيە، كالىندارچىلىق ۋە تەقۋىمچىلىق ساھەلىرىدىمۇ كەڭ قوللانغان ۋە بۇ ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ماتېماتىكىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ ئاساسىي ۋە ئەڭ كىچىك بىر ساھەسى بولغان سانلارغىمۇ نام بېرىشتە ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ۋە ئەنئەنە ياراتقان. ئەمما بۈگۈنكى دەۋېردە خەنزۇچە مەنبەلەردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم مۇھىم بانكا ۋە پوچتا – تېلېگىرافنىڭ ئاپتۇماتىك ئۈسكىنىلىرىدە، پەن – تېخنىكا كىتاپلىرىدا، ھەتتا ئوقۇتۇش دەرسلىكلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانلارغا نام بېرىش ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىنماستىن، ئۆلۈك ھالدا خەنزۇ خەلقىنىڭ سانلارغا نام بېرىش ئادىتى بويىچىلا ئۆلۈك تەرجىمە قىلىىدىغان، قوللىنىدىغان بىنورمال ئادەت شەكىللىنىۋاتىدۇ.

مەن تۆۋەندە ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن «باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئاساسىي نەزەرىيىسى ۋە ئوقۇتۇش مېتودى(1- قىسىم)»دىكى سانلارغا نام بېرىش ئۇسۇلىدا مۇۋاپىق بولمىغان بىر قىسىم ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.

ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا، دەرسلىك كىتاپتا سانلارغا نام بېرىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

1 – تەبىئىي سانلار ئارقىمۇئارقىلىقىدىكى ئالدىنقى توققۇز ساننىڭ ھەرقايسىسىغا مۇستەقىل نام بېرىلگەن. يەنى بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش، ئالتە، يەتتە، سەككىز، توققۇز؛

2 – ئونغا توشسا ئالدىنقى خانىغا بىرنى قوشۇش»قا ئاساسەن ساناش بىرلىكلىرىنى بەلگىلەش. ئون يەردە بىر ئون دېيىلىدۇ، ئون يەردە ئون يۈز دېيىلىدۇ، ئون يەردە يۈز مىڭ دېيىلىدۇ، مىڭدىن يۇقۇرى ساناش بىرلىكلىرىدە ئونغا تولغاندا بىرمۇبىر يېڭى نام بېرىلمەستىن، بەلكى ئون يەردە مىڭ ئون مىڭ دېيىلىدۇ؛ ئون يەردە ئون مىڭ يۈزمىڭ دېيىلىدۇ. يۈزمىڭدىن يۇقۇرى ساناش بىرلىكلىرىگە يېڭى نام بېرىلگەن، ئۇ، ئون يەردە يۈزمىڭ مىليۇن دېيىلىدۇ؛ ئون يەردە يۈز مىلىيۇن بىر مىليارد دېيىلىدۇ؛ مىلياردتىن كېيىنكىلىرى ئون مىليارد، يۈز مىليارد، ترىليۇن دېيىلىدۇ ۋە باشقىلار.

3 – باشقا تەبىئىي سانلارغا نام بېرىشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى توققۇز سان بىلەن ساناش بىرلىكلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدۇ.

بۇنداق نام بېرىش ئۇسۇلى دۇنيادىكى كۆپ قىسىم مىللەت خەلقلىرىگە ماس كەلسىمۇ، يەنە بىر قىسىم مىللەتلەر(ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش)گە مۇكەممەل نام بېرىش ئۇسۇلى بولالمايدۇ. يەنى يۇقارقى ئۇسۇل بىلەنلا سانلارنى تولۇق ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا يۈز ئىچىدىكى پۈتۈن ئونلۇق سانلارغا باشقا مىللەت خەلقلىرىدىن پەرقلىق ھالدا مۇستەقىل نام بېرىلگەن بولۇپ، بىر يەردە ئون ئون دېيىلىدۇ، ئىككى يەردە ئون ئىككى ئون دېيىلمەستىن يېگىرمە دېيىلىدۇ؛ ئۈچ يەردە ئون ئۈچ ئون دېيىلمەستىن ئوتتۇز دېيىلىدۇ؛ تۆت يەردە ئون تۆت ئون دېيىلمەستىن قىرىق دېيىلىدۇ؛ ………. توققۇز يەردە ئون توققۇز ئون دېيىلمەستىن توقسان دېيىلىدۇ. شۇڭا بۇ ناملارمۇ يۇقارقى قائىدىنىڭ ئىككىنجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشى لازىم ئىدى. بۇ مۇستەقىل بىر قائىدە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان ياكى ئىتراپ قىلىنمىغاندا يۇقارقىلار ئارقىلىقلا سانلارنى مۇكەممەل ئوقۇغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، 85697450328 يەنى «سەكسەن بەش مىليارت ئالتە يۈز توقسان يەتتە مىليۇن تۆت يۈز ئەللىك مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە سەككىز» دىكى «سەكسەن»، «توقسان»، «ئەللىك»، «يىگىرمە» دېگەن ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. بانكا ۋە پوچتا – تېلېگراپ ئىدارىلىرىدىكى ئاپتۇماتىك ئۈسكىنىلەرنىڭ سېستىمىسى ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ قىرىق بەش يۇەن دېيىشنىڭ ئورنىغا «تۆت ئون بەش يۇەن»، توقسان سەككىز پۇڭ دېيىشنىڭ ئورنىغا «توققۇز ئون سەككىز پۇڭ» دېگەندەك بىمەنە «ئۇيغۇرچە» سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز.

شۇڭا، ئاپتۇرلىرىمىزنىڭ، تەرجىمانلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق مەسىلىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا تەبىئىي پەن كىتاپلىرىنى ئىشلىگەندىمۇ مىللەتنىڭ ئۆز خاسلىقىغا ئىتىبار بىلەن قاراپ، خەلقنىڭ تەپەككۇر ئادىتىگە ئۇيغۇن بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

بىزنىڭ تىلىمىزدا سانلارنىڭ ئون مىڭلىقىنى بىلدۈرىدىغان، ئاتا بوۋىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئىشلىتىپ كەلگەن مۇستەقىل مەنىگە ئىگە «تۈمەن» دەيدىغان بىر ئاتالغۇ بولۇپ، خەنزۇ تىلىدىكى«万» بىلەن ئوخشاش مەنىگە ئىدى، لېكىن ھازىر بۇ تەۋەرۈك سۆزىمىز تەرجىمە فىلىملىرىدە «تۈمەن مىڭ يىللار ياشىغايلا» دېگەندەك ئىبارىلەردە قوللانغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا، مەتبۇئاتلىرىمىزدا كۆزگە چېلىقماي ئىستىمالدىن قېلىپ، ياش ئەۋلاتلار ئاڭلىسىمۇ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغاندەك قىلىدۇ، شۇڭا، بۇ سۆزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يوقۇلۇپ كەتمەي، داۋاملىق ئىشلىتىپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن دەرسلىك ياكى پايدىلىنىش كىتاپلىرىغا كىرگۈزۈلىشىنى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىدە ئاز – تولا قوللۇنىلىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. مەسىلەن:

7468950000七十四亿六千八百九十五万零零零零_نى يەتتە مىليارت تۆتيۈز ئاتمىش سەككىز مىليۇن توقسان بەش تۈمەن دەپ؛ 7468953201七十四亿六千八百九十五万三千两百零一_نى يەتتە مىليارت تۆتيۈز ئاتمىش سەككىز مىليۇن توقسان بەش تۈمەن ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز بىر دەپ ئوقۇشنىمۇ بىرگە قوللۇنۇشنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن.

يۇقارقىلار مېنىڭ پەقەت شەخسى كۆز قارىشىم، مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئويلۇنۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

رەقەملىرىمىزنى ئۆز تىلىمىزدا ئاتاش ھەققىدىكى ئويلۇرۇم

ھازىر قانداق بىر ئادەمدىن تېلېفون ياكى باشقا ئۈسكىنىلەرنىڭ نۇمېرىنى سورىسىڭىز، كۆپ ھاللاردا ئۇ ئادەم كىچىك بالىدىن تارتىپ ھەتتا بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى، ئالىي مەكتەپنىڭ پروپپىسورى بولغان تەقدىردىمۇ، خەنزۇچە ناملار بىلەن دەپ بېرىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇ ھالنى باشقا بىر مىللەت كۆرسە، بۇ مىللەتنىڭ لۇغىتىدە رەقەمنى ئىپادىلەيدىغانغا سۆز يوقمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قىلىشى تەبىئىي. بۇ ھال ھازىرقىدەك تېلېفۇن بىلەنلا چەكلەنسىغۇ مەيلىتى، ئاخىرى بېرىپ نۇرغۇن نەرسىلەرگە باشتا ئاددى قاراپ، ھازىر سۆزلىرىمىزدىن قايسىسىنىڭ ئەرەپچە، قايسىسىنىڭ پارىسچە ئىكەنلىگىنى ئايرىغىلى بولمىغاندەك (ھەتتا بىرقىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ بەسەي”نى خەنزۇچە نېمە دەيدۇ؟ دەپ سورىغىنىدەك) ئاقىۋەت كىلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىمىز بىزگىچە ساق-سالامەت يەتكۈزۈپ بېرەلىگەن رەقەملىرىمىزمۇ خۇددى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە شۇنچە ئېسىل ھەر ساھەدىكى باشقا مەدەنىيەتلىرىمىزگە ئوخشاش بارا – بارا يوقۇلۇپ كېتەرمىكىن دەپ ئەندىشە قىلىمەن.

مېنىڭچە تېلېفۇن نۇمېرىنىڭ ناملىرىنى ئاتىغاندا نۇمېرنىڭ ئالاھىدىلىكنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بىرقانچە بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ئاتىساق، قوللۇنۇش، ئەستە ساقلاش ئەپلىك بولارمىكىن دەيمەن. ھازىر رايۇنىمىزدا تېلېفون ئۈچۈن يەتتە خانىلىق سان قوللىنىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئۈچ خانىسى شۇ جاينىڭ تەۋەلىك نۇمېرىنى بىلدۈرسە، كېيىنىكى تۆت خانىسى شۇ تېلېفونغا خاس نۇمۇر بولغانلىقتىن، مۇشۇنداق ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ ئاتالغاندا يېزىش، ئەستە ساقلاش ئاسانلىشىدۇ. مەسىلەن، 8515454نى «سەككىز يۈز ئەللىك بىر، بەشمىڭ تۆت يۈز ئەللىك تۆت (ياكى ئەللىك تۆت – ئەللىك تۆت)»، 2520302نى «ئىككى يۈز ئەللىك ئىككى، نۆل، ئۈچ يۈز ئىككى(ياكى نۆل ئۈچ – نۆل ئىككى)، 6780009نى «ئالتە يۈز يەتمىش سەككىز، نۆل- نۆل- نۆل(ياكى ئۈچ نۆل) توققۇز» دەپ ئاتىساق.

ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا «<تەڭرىتاغ كىزەر>» يانفۇنى كۆپ قوللىنىلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە بۇنىڭ ئالدىنقى ئۈچ خانىسى 138 كۆچمە تېلېفون خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تۈر نۇمېرى، كېيىنكى ئىككى خانىسى 99 <تەڭرىتاغ كىزەر>نىڭ ئۆزىگە خاس نۇمۇر، كېيىنكى ئىككى خانىسى رايۇن خەرەكتىرلىك نۇمۇر، ئاخىرقى تۆت خانىسى كارتا ئىگىسىگە خاس نۇمۇر بولغانلىقتىن، مانا مۇشۇ تۆت بۆلەكنى ئاساس قىلىپ ئاتىساق. مەسىلەن: 13899115487نى «بىر يۈز ئوتۇز سەككىز، توقسان توققۇز، ئون بىر، بەشمىڭ تۆت يۈز سەكسەن يەتتە» دەپ، 13899865495نى «بىر يۈز ئوتۇز سەككىز، توقسان توققۇز، سەكسەن ئالتە، بەش مىڭ تۆت يۈز توقسان بەش» دەپ ئاتىساق، باشقا يانپۇن، چاقىرغۇلارنىڭ نۇمۇرلىرىمۇ مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە ئاتالسا، مۇۋاپىق بولار دەپ قارايمەن.

ﭼﻪﺗﯭﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯚﺯ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﺮﺗﺎﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻢ

ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﯬﺭﻩﭖ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺭﻭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﯪﺧﯩﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻟﯘﻏﯩﺘﯩﻤﺰﻧﻰ “ﺑﯧﻴﯩﺘﯩﭗ”، “ﺳﻪﻣﯩﺮﯨﺘﯩﭗ” ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﻧﻪﺗﯩﺠﺪﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﯪﺩﺩﻯ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺟﯜﻣﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﺪﻩﻙ ﻫﺎﻟﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﯰﺯﺍﻕ ﯲﺗﻤﯜﺷﻠﻪﺭﺩﻩ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻥ – ﻣﻪﻧﻠﯩﻚ، ﺑﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻧﻠﯩﻚ، ﻛﯚﺯ – ﻛﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺩﻩﯞﯦﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﯰﺩﯗﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯪﻧﺎ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻰ، ﯰﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﭼﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻏﺎ ﯬﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﯪﻣﻤﯩﺴﻨﻰ ﻫﺎﯓ – ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺧﺎﺋﺸﻰ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺩﻩﯞﯦﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﯭﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﯧﺮﯨﺴﻠﯩﻘﻰ، ﯰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺎ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻠﯩﻘﻰ،ﯪﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﯮﺑﺪﺍﻧﺮﺍﻕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯰﻧﯩﯔ ﯬﺑﺰﻩﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﭼﻪﺗﯭﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﻪﻡ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﻫﻪ ﺩﯨﺴﯩﻼ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﻥ – ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻳﯧﺮﯨﻚ ﯬﺳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﺳﻠﺸﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﭘﻮﻛﻮﻧﻰ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﺗﺒۇئات قاتارلىق تاراتقۇﻟﻪﺭﺩﻩ ﯮﭼﯘﻗﺘﯩﻦ ﯮﭼﯘﻕ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻤﺎﻗﺘﺎ ﻫﻪﻡ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﭼﻪﺗﯭﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﯪﯞﯗﺗﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ULEﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯩﻤﺎ، ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻳﯧﺰﯨﺶ، ﭘﯜﺗﯜﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﯪﺗﺎﻟﻐﯘﺩﺍ ﺋﯧﻠﻨﻐﺎﻥ. ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ، ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ، ﯬﻳﻨﻪﻥ ﺋﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﺳﻤﯩﺶ.

ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﯬﻛﺲ ﯬﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﯴﭼﯜﻧﻼ ﯰ ﭼﻪﺗﯭﻝ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﻧﯧﻤﻪ ﯴﭼﯜﻥ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰﻻﺭﺩﺍ ﯪﻛﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻨﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﻳﻮﻗ تۇرۇپ، ﯰﻻﺭ ﭼﻪﺕ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﻥ ﯪﻛﺎ، ﺋﯧﻨﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ؟ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺩﻩﻝ – ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ جەمەتلىرى ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﺮﯨﻢ، ﻛﯚﭼﻪﺕ، ﻏﻮﻝ، ﺷﺎﺥ، ﺑﺎﺩﺭﺍ، ﺷﯩﯟﯦﻖ، ﺷﻮﭘﯘﯓ، ﺧﻪ، ﺟﻪﮔﻪ، ﯞﺍﺳﺎ، ﯮﺗﺎﻥ، ﺗﺎﺭﺷﺎ، ﺷﯧﺸﯩﻖ، ﺗﻪﻣﻪﭺ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺳﯚﺯ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﺴﺎ، ﯰﻻﺭ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﺭﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺩﻩﻝ ﻛﻪﻟﻤﯩﯩﺴﯩﻤﯘ ﯲﺯﯨﺪﻩ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻼﺭﻣﯘ؟

ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﯪﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﻤﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﯴﺳﻜﯩﻨﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯘ؟ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻳﯩﺌﻲ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯰﻻﺭ ﺷﯘ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﺴﻪﻙ، ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻏﺎ ﻫﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻪﻛﻼ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻳﺎﺳﻴﺎﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻳﺎﺳﯩﻴﺎﻟﻤﺴﺎﻕ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺴﺎﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ، ﯪﺗﺎﻳﯩﺘﻪﻥ ﯲﮔﯩﻨﯩﭙﻤﯘ ﯬﺳﺘﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﻫﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﻪﺕ ﮔﯘﯞﺍﻫﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﭘﻮﻳﯩﺰﺩﻩﻙ ﯰﺯﯗﻥ ﻧﺎﻣﻐﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﺯﺍ ﻛﯚﻧﻪﻟﻤﻪﻱ، ھەﺭﺧﯩﻞ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻣﯘ ﯰﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯪﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﯪﺗﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺗﯜﺭﯛﻛﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﯪﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپنىڭ نېمىلىكىنى ئاڭقىرالايدىغان، ئاغزىنىڭ يۈگىنى ئۆزئىلكىدىكى كىشىلىرىمىزﮔﻪ ﺋﯩﺴﻤﯩﻲ – ﺟﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻘﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﻘﯩﭙﻼ ﻛﻪﺗﺘﻰ.

ئالدىنقى بىر ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ ﯪﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ئەپەندىم ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﺮﯗﻧﻠﯘﻕ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ E_mailﻧﻰ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﯪﺗﯩﯟﯨﺪﻯ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻮﺭﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ، ﻣﻪﺗﺒﯘﯪﺗﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﺋﯧﺴﯩﻢ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﯲﺯﺋﯩﭽﮕﻪ ﯪﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﯮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﻰ.

يازمامنىڭ ئاخىرىدا تەرجىمانلىرىمىزدىكى سەۋەنلىك تۈپەيلى خاتا قوبۇل قىلغان «پاراشوك» سۆزى بىلەن كىشىلەر ئاللا قاچان ئەستىن كۆتۈرىۋەتكەن تالقان سۆزىنى تىرىلدۈرگەن مىللىي كارخانىلىرىمىزدىن «ئارمان» شىركىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمەن.

بۇ ماقالە، قەشقەر پېداگوگىكا ئېنىستىتۇتى ژورنىلىنىڭ 2007- يىللىق 3- سانىغا قىسقارتىپ بېسىلغان.