ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۇنجى ماتېماتىك– ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك

ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۇنجى ماتېماتىك-- ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك

يۈسۈپجان ياسىن

(مەنبەسى : <<شىنجاڭ ياشلىرى>> 2010 يىل 5-سان)

8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئەرەب مىللىتى پارسلار، تۈركلەر(تۈركىيلەر)، ھىندىلار ۋە گېرىكلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردە بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ مۇھىم ئەسەرلەر ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئارقىلىق ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئاساس سېلىندى. تەرجىمە پائالىيىتى ئاساسەن پەلسەپە، مەنتىقە ۋە تەبىئىي پەن ساھەسىگە مەركەزلەشتى. بۇ تەرجىمە پائالىيىتى ئاساسىدا تەتقىقات، تەجرىبە ۋە ئىجادىيەتلەرمۇ ئېلىپ بېرىلىپ، باغدادنى مەركەز قىلغان يېڭى بىر ئىلمىي مۇھىت شەكىللەندى. خەلىپە مەمۇن دەۋرىدە(813- 833) قۇرۇلغان ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭ پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە كۇتۇپخانىسى ھېساپلانغان بەيتۇل ھىكمە(<<ئەقىل سارىيى>> دېگەن مەنىدە) تەرجىمە پائالىيىتى ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر بازا بولدى. نەتىجىدە ئالەمشۇمۇل خاراكتېرنى ئالغان يېڭى بىر مەدەنىيەت مەيدانغا كەلدى. بۇ مەدەنىيەت ئەرەب تىلى ۋە يېزىقى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغاچقا، تارىختا <<ئەرەب مەدەنىيىتى>> ياكى <<ئەرەب — ئىسلام مەدەنىيىتى>> دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. ئالەمشۇمۇل خاراكتېرنى ئالغان بۇ مەدەنىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئەرەبلەردىن باشقا پارسلار بىلەن تۈركلەرنىڭ ھەسسىسىمۇ ناھايىتى زور ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن باغدادقا كەلگەن ياكى ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن بەيتۈل ھىكمەدە توپلانغان تۈرك ئالىملىرىنىڭ تەرجىمە ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرى ئەرەب پەن تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ بىر ھالەت پەيدا قىلدى. بۇ ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي نەتىجىلىرى دۇنيا پەن تارىخىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.
ئەرەبلەردە ماتېماتىكىغا ئائىت دەسلەپكى ئىزدىنىشلەر ئۈمەۋىيلەر دەۋرىدە(661- 750) كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلار ئومۇمەن ئابباسىيلار دەۋرىدە باشلانغان ۋەشۇ دەۋردە يۇقىرى شۆھرەتكە ئىرىشكەن ئوتتۇرا ئاسىيالىق بۈيۈك ماتېماتىكلاردىن ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك، فەرغانى، خارەزمى، ئابدۇللاھ ئەل- تۈركى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىنىڭ ماتېماتىكا ئەسەرلىرى ئارقىلىق كۈچەيگەن.
ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇل فازل ئابدۇلھەمىد ئىبن ۋاسى ئىبن تۈرك بولۇپ، ئۇنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ ناھايىتى ئاز. بەزى مەنبەلەردە ئۇنىڭ لەقىمى بىر بىرىدىن پەرقلىق ھالدا <<جىلى>>، <<خۇتتالى>> ۋە <<جەبەلى>> دېگەن شەكىللەردە تىلغا ئېلىنغان. لېكىن، لەقەمدىكى بۇ گۇمانلىق ئەھۋال ئەسلىدە ئەرەبچە ئىملا بويىچە بۇ ئۈچ سۆزنىڭ سوزۇق تاۋۇش بەلگىلىرىدىكى پەرقلەر سەۋەبىدىن بىر بىرىگە ئوخشاپ كىتىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان. ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ پەقەت ئايرىم بىر بۆلۈمى بىزگىچە يىتىپ كەلگەن بىر ئەسىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى نۇسخىسىدا بۇ لەقەمنىڭ <<جىلى>> دېگەن شەكىلدە يېزىلغانلىقى ئۇنىڭ توغرا شەكلىنىڭ جىلى بولۇش ئېھتىمالىنى كۈچەيتىدۇ. شۇ سەۋەپلىك، نۇرغۇن ئالىملار ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ ئىسمىنى <<ئىبن تۈرك ئەل جىلى>> دېگەن شەكىلدە قەيت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ خارەزم تەۋەسىدىكى جىل ياكى جىلان دېگەن يەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بەزى ئالىملار ئۇنىڭ يۇرتىنىڭ پەرغانە تەۋەسىدىكى خۇتتالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئەينى مەزگىللەردە خوراسان ۋە ماۋرەئۈننەھرىدىن ئەرەب خەلىپىلىكىگە بېرىپ، سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئېنىق ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا <<تۈرك>>، <<تۈركى>>، <<ئىبن تۈرك>> ياكى <<پارسىي>> دېگەن ناملارنى قوشۇپ ئاتايتى. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ئابدۇلھەمىدنىڭ تولۇق ئىسمىدىكى <<ئىبن ۋاسى ئىبن تۈرك>> دېگەن قىسمى ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭمۇ مەشھۇر بىر كىشى ئىكەنلىكى كۆرسىتىدۇ. ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ نەۋرىسى ياكى نەۋرىسىنىڭ ئوغلى بولغان يەنە بىر مەشھۇر ماتېماتىك ئەبۇ بەرزەنىڭمۇ <<ئىبن تۈرك>> دېگەن نامنى قوللانغانلىقىدىن قارىغاندا، ئابدۇلھەمىد جەمەتىنىڭ 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن ئەرەب جەمئىيىتىدە ئىلمىي نوپۇزى بىلەن تۇنۇلۇشقا باشلىغان نەسەبلىك بىر ئائىلە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.
ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك ھەققىدە مەلۇمات بىرىدىغان مەنبەلەر ئىنتايىن چەكلىك. بۇ مەنبەلەر ئاساسەن ئىبنۈن نەدىمنىڭ <<كىتاب ئەل– فىھرىست>>، كىفتىنىڭ <<تارىخ ئەل– ھۇكەما>>، كاتىپ چەلەبىنىڭ <<كەشفۈز — زۇنۇن>> دېگەن ئەسەرلىرىدۇر. بۇ ئەسەرلەردە بىرىلگەن مەلۇماتلار ئومۇمەن ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەرزە ھەققىدە مەلۇمات بىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇڭا، ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك ھەققىدە توختالغاندا ئەبۇ بەرزە ھەققىدە سۆز ئېچىشمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىمىزكى، ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك ھەققىدىكى بۇ مەلۇماتلار تولىمۇ قىسقا بولغاننىڭ ئۈستىگە ئۇلاردا يەنە قىسمەن زىددىيەتلىك نوقتىلارمۇ بار. شۇڭا، بۇ مەلۇماتلارنى ۋە باشقا بەزى مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنى بىر بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئەستائىدىل تەتقىق قىلغاندىلا ئاندىن ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ ياشىغان دەۋرى ۋە ئۇنىڭ ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئورنىنى ئېنىق بىكىتكىلى بولىدۇ.
ئىبنۈن نەدىمنىڭ <<كىتاب ئەل- فىھرىست>> دېگەن كىتابى 987- يىلى يېزىلغان. بۇ ئەرەب تىلىدا يېزىلغان بىبلىئوگرافىك ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، پەن تارىخىدا مەنبە ئەسەر سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغان بىر كىتاپتۇر. ئاپتور بۇ كىتاپتا ئۆزىنىڭ دەۋرىگە قەدەر ياشىغان تۈرلۈك مىللەتلەرگە مەنسۇپ ماتېماتىكا ئالىملىرىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئىبنۈن نەدىم ئاشۇ كىتابىنىڭ <<ھېساپلاش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ماتېماتىكلار>> دېگەن بۆلۈمىدە تۇنجى بولۇپ ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ نامىنى تىلغا ئالغان ۋە ئۇ توغرىسىدا مۇنداق يازغان: <<ئۇ ھېساپلاش مۇتەخەسسىسى ئەبۇل فازل ئابدۇلھەمىد ئىبن ۋاسى ئىبن تۈرك ئەل خۇتتالىدۇر. ئۇنىڭ پەمىلىسىنىڭ ئەبۇ مۇھەممەد ئىكەنلىكىمۇ سۆزلىنىدۇ. كىتاپلىرى ئىچىدە يەتتە قىسىمدىن تەشكىل تاپقان <كىتابۇل- جامى فىل- ھېساب> ۋە <كىتابۇل- مۇئامەلات> دېگەن ئەسەرلەر بار.>> ئىبنۈن نەدىم ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرككە ئائىت باياندىن كېيىن ئەبۇ بەرزە ھەققىدە سۆز ئېچىپ مۇنداق دەيدۇ: <<ئەبۇ بەرزە – ئەل فازل ئىبن مۇھەممەد ئىبن ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك ئىبن ۋاسى ئەل خۇتتالىدۇر. <كىتابۇل– مۇئامەلات> ۋە <كىتابۇل– مەساھا> دېگەن كىتابلىرى بار.>> ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچىنجى بولۇپ مىسىرلىق مەشھۇر ماتېماتىك ئەبۇ كامىل شۇجا توغرىسىدا سۆز ئېچىلىدۇ. مەلۇمكى، ئىبنۈن – نەدىم بۇ ئەسىرىدە ماتېماتىكا ئالىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن سۆز ئېچىش ئارقىلىق ۋاسىتىلىق ھالدا شۇ دەۋرگىچە بولغان ماتېماتىكا تارىخىدىن مۇھىم ئوچۇر بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ بەرگەن مەلۇماتى قىسقا بولغىنىغا قارىماي، ئۇنىڭدا ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يىتىشىپ چىققان تۇنجى مەشھۇر ماتېماتىك سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەنلىكى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئۇچۇر ھېساپلىنىدۇ. ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر نوقتا شۇكى، ئەبۇ بەرزەنىڭمۇ ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرككە ئوخشاشلا <<كىتابۇل – مۇئامەلات>> دېگەن تېمىدا تىجارەت ۋە مالىيە ھېسابات ئىشلىرىغا ئائىت بىر كىتاپ يازغانلىقىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئاشۇ تېمىدا ئەجدادى ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرىنى بويلاپ مېڭىپ ئۇنى تېخىمۇ بېيىتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ.
كىفتى بولسا ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:<<ئابدۇلھەمىد – ئىبن ۋاسى ئابدۇلھەمىد ئەبۇل فازل. ئۇ ئارىفمېتىكا(ھېساپ، ھېساپلاش) سەنئىتىدە بىلىملىك، بۇ ساھەدە بايراقتار ۋە نامى بۇ ساھە كىشىلىرىنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان بىر ھېساپلاش مۇتەخەسسىسىدۇر. ئۇ ئىبن تۈرك ئەل جىلى دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. پەمىلىسى ئەبۇ مۇھەممەددۇر. ئارىفمېتىكىدا مەشھۇر بولغان ۋە كۆپ قوللىنىلغان كىتاپلارنى يازغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالتە كىتاپتىن تەشكىل تاپقان <كىتابۇل – جامى فىل – ھىساب>، <كىتاب نەۋادىر ئەل – ھېساب> ۋە <ھەۋاس ئەل – ئەداد> قاتارلىقلار بار.>> بۇ مۇئەللىپ ئەبۇ بەرزە ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: <<ئەبۇ بەرزە ھېساپلاش مۇتەخەسسىسى. ئۇ باغدادتا ياشىدى ۋە ئارىفمېتىكىنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىنى، چوڭقۇر چۈشەنچىگە تايانغان ھەر ھەرقايسى بۆلەكلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدى. بۇ ساھەدە كىتابلار يېزىپ، تېمىنى ئۈزىگە خاس كەشپىياتلىرى بىلەن بېيىتتى. ئۇ ئىككى يۈز توقسان سەككىزىنجى يىلىنىڭ سەپەر ئېيىنىڭ يەتتىسىدە(910- يىلى11- ئايدا) باغدادتا ئالەمدىن ئۆتتى.>> كىفتىنىڭ بۇ بايانلىرىدىن مەلۇمكى ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك ئەرەب خەلىپىلىكىدە ماتېماتىكا ساھەسىدە ناھايىتى بىلىملىك، بايراقتار – يول ئاچقۇچى ۋە تەسىرى ھەممىدىن كۈچلۈك ئالىم سۈپىتىدە تۇنۇلغان. ئەبۇ بەرزە بولسا ماتېماتىكا سەھەسىدە تېخىمۇ كەڭ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ۋە بىرمۇنچە يېڭى قانۇنىيەتلەرنى يارىتىپ ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ كۈچلۈك ئاساس سالغان.
يۇقىرىدا بايان قىلىغان ئىككى مۇئەللىپنىڭ مەلۇماتىدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئورتاق بىر نوقتا باركى، ئۇ بولسىمۇ ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ماتېماتىكىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە مۇھىم بىر تارمىقى بولغان ئالگېبرا بىلەن ئارىفمېتىكىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە بايراقتارى سۈپىتىدە رول ئوينىغانلىقىدۇر. ئەبۇ بەرزەنىڭمۇ بوۋىسى ياكى ئۇلۇغ بوۋىسى ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ شەرىپىگە بېغىشلانغان بىر سۆزىدە بۇ نوقتىنى ئېنىق ئەسكەرتكەنلىكى مەلۇم. لېكىن <<كەشفۇز- زۇنۇن>> دېگەن ئەسەردە نەقىل ئېلىنغان بىر مەلۇمات بۇنىڭغا زىت بىر ماھىيەتنى ئىپادە قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە بىر خىل تاسادىپىيلىقنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
17- ئەسىردە ياشىغان تۈرك ئالىمى كاتىپ چەلەبى(1608-1657)نىڭ <<كەشفۇز زۇنۇن>> دېگەن ئەسىرىدە ھەر قايسى پەن ساھەسىدە مەشھۇر بولغان ۋە ئىسمى تىلغا ئېلىنىدىغان 10 مىڭ كىشىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە 14 مىڭ 500 پارچە ئەسەرنىڭ مەزمۇنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلغان. كاتىپ چەلەبى بۇ ئەسىرىدە ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك ھەققىدە مىسىرلىق مەشھۇر ماتېماتىك ئەبۇ كامىل شۇجانىڭ <<كىتاب ئەل – جەبىر ۋەل مۇقابەلە>> دېگەن ئەسىرىدە بايان قىلىنغان بىر مەلۇماتنى نەقىل كەلتۈرگەن. بۇ نەقىلدە دېيىلىشىچە، ئەبۇ كامىل شۇجا ئەبۇ بەرزە ئىسىملىك بىر كەسپىي ماتېماتىكىچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەجدادى بولغان ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى رەت قىلىپ، ئالگېبراغا ئائىت تۇنجى ئەسەرنى يازغان ۋە بۇ ساھەدە يول ئاچقان كىشىنىڭ خارەزمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. كاتىپ چەلەبى تەرىپىدىن ئەبۇ كامىل شۇجانىڭ كىتابىدىن نەقىل ئېلىنىپ بىزگە يەتكۈزۈلگەن بۇ بايانلاردىن ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك بىلەن خارەزمى ئوتتۇرىسىدا ئالگېبراغا ئائىت كىتاپ يېزىش خۇسۇسىدا باشلامچىلىق ۋە يول ئېچىش جەھەتتە بىر رىقابەتنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى ياكى ھېچ بولمىغاندا مۇشۇنداق بىر مەسىلىنىڭ ئەبۇ بەرزە تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ۋە ئەبۇ كامىل شۇجانىڭ بۇ قاراشقا قارشى ناھايىتى جىددى بىر سەپ ئاچقانلىقىنى كۆرىمىز. نەتىجىدە ئەبۇ كامىل شۇجانىڭ بۇ پىكرى تارىختا <<تۇنجى ئالگېبرا كىتابىنى خارەزمى يازغان>> دېگەن بىر قاراشنىڭ كەڭ يېيىلىشىغا سەۋەپ بولغان. ئىبن خالدۇن، شەھابېددىن ئىبن باھائىم ۋە كاتىپ چەلەبى قاتارلىقلارمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە بۇ قاراشنى تەكىتلىگەن. 12- ئەسىردىن باشلاپ غەرپلىكلەر تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان ئالگېبرا كىتابى خارەزمى يازغان <<كىتابۈل مۇختەسەر فى ھېسابىل جەبر ۋە مۇقابەلە>> دېگەن كىتاپتىن ئىبارەت بولغاچقا، خارەزمى شەرق ۋە غەرپتە <<ئالگېبرانىڭ ئاتىسى>> دېگەن نام بىلەن تۇنۇلغان. ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك ماتېماتىكىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىدىن بولغان سانلار نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىي ھېساپ تېمىلىرى ھەققىدە تۆت كىتاپ يازغان بولسمۇ، بۇ ئەسەرلەر كېيىنكى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ قولىغا تولۇق ئۇلىشالمىغاچقا، يەنە كېلىپ ئەبۇ كامىل شۇجانىڭ خارەزمىگە ئائىت سۆزىنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى تەسىرى ناھايىتى كەڭ يېيىلغاچقا، ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ پەن تارىخىدىكى ئورنى پەقەت ئالگېبرا ئىلمىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ۋە ماتېماتىكا تېمىسىدا دەستلەپكى ئەسەرلەرنى يازغان شەخسلەردىن بىرى سۈپىتىلا تىلغا ئېلىنىش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ھەقىقىي ئىلمىي سالاھىيىتى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇلمىدى. شۇ ۋەجىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك بىلەن خارەزمىنىڭ قايسىسى تۇنجى بولۇپ ئالگېبراغا ئائىت كىتاب يازغان دېگەن مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تەبىئىي بىر ئەھۋالغا ۋە جىددى تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك بىر تېمىغا ئايلىنىپ قالدى.
ھازىر ھەر قايسى مەملىكەتلەردە يېزىلىۋاتقان ماتېماتىكا تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردە ئومۇمەن خارەزمىدىن كېيىن ئەرەب مىللىتىدىن چىققان ئەبۇ كامىل شۇجا تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ياشىغان ۋاقتى 850-950- يىللار ئارىسىغا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئەھمەد ئىبن تولۇن دەۋرىدە(868-884) مىسىردا يەنە كىمەسازلىق ئىنژېنېرى بولغان بۇ مەشھۇر ماتېماتىكنىڭ ئالگېبرالىق قائىدىلەرنى گېئومېتىرىيىلىك مەسىلىلەرگە تەدبىقلىغان، ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسىدا <<دىئوفانتىك تەڭلىمىلەر>> دەپ ئاتىلىدىغان نامەلۇم تەڭلىمىلەرنى تەھلىل قىلغان <<كىتابۈل جەبر ۋەل مۇقابەلە>> دېگەن ئەسىرى خارەزمىنىڭ ئەسىرىدىن كېيىن ئالگېبرا ساھەسىدە يېزىلغان ئەڭ ياخشى ئەسەر ئىدى. مۇشۇ كىتابى ۋە باشقا ئەسەرلىرى ئارقىلىق شەرقتە ۋە غەرپتە مەشھۇر بىر ئالىمغا ئايلانغان ئەبۇ كامىل شۇجانىڭ ئەبۇ بەرزە ۋە ئۇنىڭ جەمەتى ھەققىدىكى سۆزىنىڭ غەرەزلىك ھالدا ئېيتىلغانلىقىنى يەنە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزىدىن بىلگىلى بولىدۇ. ئۇ ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرككە ئېتىبارسىز قارىغاندىن سىرىت يەنە ئەبۇ بەرزە ھەققىدە سۆز قىلغاندا ئۇنىڭ شەخسىيىتى ۋە ماتېماتىكا بىلىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كەمسىتىش مەنىسىدىكى بەزى سۈپەت سۆزلىرىنى قوللانغان. ھالبۇكى ئۇنىڭ بۇ خىل بايانلىرىنىڭ يالغانلىقى كىفتىنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانماقتا. يەنە كېلىپ ئەبۇ كامىل شۇجا ئەبۇ بەرزەنىڭ ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ نەسلىدىن ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارىغان. شۆبھىسىزكى، ئۇ ئەبۇ بەرزە ۋە ئۇنىڭ جەمەتى ھەققىدە تەرەپسىز بىر تۇيغىغا ئىگە ئەمەس ئىدى. ئەبۇ كامىل شۇجانىڭ ئەبۇ بەرزەنىڭ سۆزىنى رەت قىلىشتا خىرونولوگىيىلىك(يىلنامە شەكلىدىكى) دەلىل ياكى كۈچلۈك بىر پاكىت كۆرسىتىپ بىرەلمىگەنلىكى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا مۇھىم بىر پاكىت ھېساپلىندۇ. شۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ ئەبۇ بەرزەنىڭ ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنى ئالگېبرا ۋە ئارىفمېتىكا ساھەسىدە <<يول ئاچقۇچى>> شەخس سۈپىتىدە تەرىپلىگەن سۆزىنى ئىنكار قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىنى توغرا دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. ھەقىقەتەن تۈۋەندىكى دەلىللەر ئەبۇ بەرزەنىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ناھايىتى كەسكىن بىر شەكىلدە بولمىسىمۇ، بەلگىلىك بىر دەرىجىدە قۇۋۋەتلەيدۇ.
خارەزمى 780- يىلى تۇغۇلۇپ 850- يىلى ئەتراپىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك بىلەن خارازىم ئومۇمەن بىر دەۋرنىڭ ئالىملىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنسىمۇ، ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ خارەزمىدىن بۇرۇنراق ياشىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى يۇقىرىدا سۆزلەنگىنىدەك، كىفتىنىڭ ئىپادىسىدىن ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ ئارىفمېتىكا كىتابىنى خارازمىنىڭكىدىن خېلىلا بۇرۇن يازغانلىقى مەلۇم. ھەتتا كىفتىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئالگېبراغا ئائىت كىتاب يېزىشتا ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك خارەزمىگە يول ئاچقان دېگەن مەنىدە چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. كىفتى ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك بايراقتار بولۇپ يول ئاچقان ساھەنىڭ نامىنى <<ھېساب>> دېگەن شەكىلدە تىلغا ئالىدۇ. بۇ سۆز كەڭ مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئالگېبرانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تۈرلۈك ھېساپلاش ماھارىتىنى ئىپادە قىلاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ خارەزمىنىڭ ئالگېبراغا ئائىت كىتابىنىڭ ماۋزۇسىدا كۆرۈلگەن ئىپادە شەكلى <<جەبر ۋە مۇقابەلە>> دېگەن تەرىزدە ئەمەس، <<ئەل كىتابۇل مۇختەسەر فى ھېسابىل جەبر ۋەل مۇقابەلە>> دېگەن شەكىلدە ئېلىنغان. دېمەك، كىفتىنىڭ سۆزىدىن ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ ئالگېبرا ساھەسىدە خارەزمىگە ئۆرنەك بولغانلىقىنىڭ بەزى ئىسپاتلىرىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
بۇ نوقتىنى يەنە خارەزمىنىڭ ئۆزىنىڭ بايانلىرىدىنمۇ بىلەلەيمىز. ئەگەر خارەزمىنىڭ ئالگېبرا كىتابى ئەرەب تىلىدا مۇشۇ ساھەدە يېزىلغان تۇنجى ئەسەر بولغان بولسا، ئۇنىڭ تېكىستىدىمۇ بۇ خۇسۇس مەلۇم بىر ئۇسۇل ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان بولاتتى. ھالبۇكى خارەزمىنىڭ بۇ كىتابنى بىر ئورگىنال ئەسەر قىلىش ياكى يول ئېچىشنى مەقسەت قىلمىغان ھالدا يازغانلىقى مەلۇم. كىتاپنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىكى تەپسىلاتلاردىن قارىغاندا، بۇ كىتاب خەلىپە مەمۇن دەۋرىدە(813-833) يېزىلغان. خارەزمىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىپادىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشىدىكى مەقسەت ئەمەلىي ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇش ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى ئاسانلا چۈشەنگىلى بولىدىغان بىر كىتاپ بىلەن تەمىنلەش ئىدى. مۇشۇنداق بىر سەۋەپ ۋە مەقسەت بىلەن كىتاپ يېزىش ئىسلام دۇنياسىدا پات – پات كۆرۈلىدىغان بىر ئەھۋال ئىدى. بۇنىڭدىن خارەزمىنىڭ ئالگېبرا ھەققىدە تۇنجى كىتاپنى يازغانلىقىغا ئائىت ھەر قانداق پىكىرنى ئالغا سۈرمىگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. خارەزمى بۇ كىتاپنىڭ ھەجىمىنىڭ كىچىك ۋە مەزمۇنىنىڭمۇ قىسقا ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. بولۇپمۇ كىتاپنىڭ نەشىر قىلىنغان نۇسخىسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ماۋزۇسىدىمۇ <<قىسقا>>، <<قىسقارتىلغان>>، <<ئىخچام>> دېگەن مەنىدىكى <<مۇختەسەر>> دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ. بۇنداق بىر سۆزنىڭ شۇ دەۋردىكى شارائىتتا ئەرەب تىلىدا يېزىلغان ئالگېبرا ھەققىدىكى تۇنجى كىتاپتا قوللىنىلىشىنىڭ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنىمۇ ئويلاپ كۆرۈش كېرەك. بۇ مۇلاھىزىلەرگە تايىنىپ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەبۇ بەرزەنىڭ تىلغا ئالغىنىدەك، ئەرەب تىلىدا يېزىلغا تۇنجى ئالگېبرا كىتابىنىڭ خارەزمى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى تەكىتلەش كېرەك. بۇ ھەقتە مەشھۇر تۈرك ئالىمى، پەن تارىخچىسى لۇتفى گۆكەر <<پەن بىلىملىرى تارىخى ۋە تۈرك – ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئورنى>> دېگەن كىتابىنىڭ ماتېماتىكا تارىخىغا ئائىت قىسمىدا زامان جەھەتتىن ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنى خارەزمىدىن بۇرۇن تىلغا ئېلىش بىرلىكتە ئۇنى يەنە <<بىلىم تارىخىدا ئالگېبرا تېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئەسەرنى يازغان تۈرك ماتېماتىكى>>(371-بەت) دەپ تەرىپلىگەن. لېكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن پەقەت <<كىتابۇل ئەل جەبىر ۋەل مۇقابەلە>> دېگەن كىتابىدىكى <<مۇرەككەپ تەڭلىمىلەردىكى مەنتىقىي زإرۈرىيەتلەر>> دېگەن بىر بۆلۈمىنىڭ قول يازمىسى ئىستانبۇلدا ساقلىنىپ كەلگەن. قول يازما ئىككى نۇسخا بولۇپ، ئۇنىڭ A>>>> نۇسخىسى مىللەت كۇتۇپخانىسىدا،<> نۇسخىسى سۇلايمانىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. A>>>> نۇسخىنىڭ 12- ئەسەردە، << B>>نىڭ بولسا ئۇنىڭدىن تۆت — بەش ئەسىر كېيىن كۆچۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. تۈرك ئالىمى ئايدىن سايىلى 1962- يىلى تۈركچە ۋە ئېنگلىزچە ئىككى خىل تىلدا نەشىر قىلىنغان <<ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈركنىڭ مۇرەككەپ تەڭلىمىلەردىكى مەنتىقىي زۆرۈرىيەتلەر ناملىق ئەسىرى ۋە دەۋرنىڭ ئالگېبراسى>> دېگەن كىتابىدا بۇ قول يازمىنىڭ ئەرەبچە ئەسلى تېكىستىنى، ئۇنىڭ تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى ئىلان قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ساھەدىكى كېيىنكى تەتقىقتلارغا يول ئاچقان. 1985- يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە <<خەلقارا ئىبن تۈرك، خارەزمى، فارابى، بېرۇنى ۋە ئىبن سىنا سىمپوزيۇمى>> دېگەن نامدا خەلقارالىق بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك قاتارلىق تۈركىيلەردىن چىققان دۇنياۋىي مەشھۇر ئالىملارنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى ھەققىدە كەڭ دائىرلىك تەتقىقاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەپسۇس ئەبۇ بەرزەنىڭ ھىچقانداق بىر ئەسىرى دەۋرىمىزگە قەدەر يىتىپ كىلەلمىگەچكە، بۇ توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىشكە ئامالسىزمىز.
ئاخىرىدا شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، خارەزمىنىڭ ئالگېبرا كىتابىدا تىجارەت ۋە مالىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ناھايىتى قىسقا بىر بۆلۈم بار. ئىبن نەدىمنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك بۇ ساھەدىمۇ تۇنجى قېتىم مۇستەقىل بىر كىتاپ يازغان. دېمەك، تىجارەت ۋە مالىيە مۇناسىۋەتلىرى تېمىسىدىكىگە ئوخشاش ئالگېبرا ھەققىدىمۇ ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك ئەتراپلىق ئەسەر يازغان. خارەزمى بولسا ئاممىباپ ۋە قىسقىچە بىلىمگە بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرغان.

<<شىنجاڭ ياشلىرى>> 2010 – يىل 5- سانىدىن