قەشقەر ھەققىدە قوشاق

ئا. قەشقىرى
ئۆستەڭبويىدىن قاغچىراپ ياندىم،
بىر جۈپ قىز كۆرۈندى گويا جۈپ ئانار.
سۇ ئەمەس، ئانارنىڭ ھىدىغا قاندىم،
يۈرىكىم يەنىلا ئوت بولۇپ يانار.
بۇ قايناق زاماننىڭ سىرتىدا قالدىم،
ھېيتگاھ قۇببەڭگە ئېگىلگەندە ئاي.
دوپپىنىڭ ئورنىغا سېغىنىش ئالدىم،
گېدىيىپ ئۆتكەندە پاكىستانىلق باي.
ئوردا ئالدىدا تۇردۇم ھاڭۋېقىپ،
ئالدىراش ئىشلەيتتى تام چاققۇچىلار.
روپاش ئايال ئۆتتى سىرلىق بىر بېقىپ،
خوجايىنى كىم، بىلمەيتتى ئۇلار.
جانقورغان جېنىمنىڭ سېپىلى يوقتۇر،
مەدىكار ئالدىدا تۇرالمىدىم تىك.
مەيۈس كۆزلەر ماڭا ئېتىلغان ئوقتۇر،
يۈرىكىم كىچىكتۇر، مۇشتۇمۇم كىچىك.
كوزىچى يار بېشى- ئوخشاش ئىچى-تېشى،
يۈز يىللىق ھېجراننى قوچۇيدۇ ئەجەپ.
خۇمدانغا ئالدىراش ماڭدى بىر كىشى،
ئەگەشتىم سېيىت نوچىمىكىن دەپ!
ياۋاغدا نوزۇگۇم- يارنى ساقلىدىم،
جەننەتكە ئايلاندى دىدارى ياپىر.
مەن ئۇنى تاپقاندا دېسكوخانىدىن،
ئەرۋاھقا ئايلىنىپ كېتىپتۇ ئاخىر!

2007-يىلى 30-مارت