مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (1)

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھەممىمىز كۆز ئالدىمىزىكى رېئاللىقتا بىر سەپتە، بىر خىل مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى ھايات مەنزىرىسى نەزىرىمىزدىن يىراق ئەمەس. بىراق بۇ ئەمەلىيەتكە بەزىلەر دىققەت قىلغان، بەزىلەر تازا دىققەت قىلالمىغان، بەزىلەر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئىچىگە تىنىشقان، بەزىلەر پەرۋاسىزلىق بىلەن كۆزىنى يۇمۇشقان. بەزىلەر كۆزنىڭ ئىنكاسىنى جۈرئەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ، ئەپسۇسكى نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن بەزى ۋايساشلار ئەخمەقلىق بولۇپ تۇيۇلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سىر ئەمەسكى ھازىرقى رېئاللىق، تەرەققىيات، چېكىنىش، مەدەنىيلىشىش ۋە ياتلىشىش توغرىسىدا خېلى كۆپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ توغرا تەۋسىيىلەر بىزگە رېئاكسىيە بېرىۋاتامدۇ قانداق؟ ئەيتاۋۇر نۇرغۇن ئىشلار تېخىمۇ ئەدەپ كەتكىلى تۇردى. بىر ئۇلۇغ زاتتىن: «تەكەببۇرلۇق نېمە؟» دەپ سورىسا، «ھەق سۆزنى تەن ئالماسلىق ۋە باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. ئۇنداقتا بىزگە مەسلىھەت، ھەق تەۋسىيىلەرنىڭ تەسىر قىلمايۋاتقانلىقى بىزدىكى بىمەنە تەكەببۇرلۇقمۇ ياكى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ؟

مەن يەنە ئەنئەنە، مەدەنىيلىشىش، ياتلىشىش ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ قېلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن مەقسەت كۆزىمىزدىن ياتلىشىپ مىللىي خاسلىقىمىزنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللار، ياخشى ئەنئەنىمىزدىن يىراقلاپ كەتكەن بەزى ئېزىقىشلار ئارقىلىق ئۆزىمىز ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىش ئۈچۈن ئەينەك كۆتۈرۈش. ئۇقمايمەن، قارىغۇنىڭ شەھىرىدە ئەينەك كۆتۈرۈپ ماڭسا خورلۇققا قالغاندەك، بەزىلەرنىڭ قاراڭغۇ قەلب ئۆڭكۈرىگە ئەينەك كۆتۈرۈپ كىرىمەن دەپ، ناكەسلەرنىڭ قارغىشىغا ئۇچرارمەنمۇ؟

«ياتلىشىش»نىڭ لۇغەت مەنىسىدىن قارىغاندا، بىر خىل نەرسىدىن ئىككىنچى خىل نەرسىگە ئۆزگىرىپ كېتىش، ئەكسىگە قايتىش مەنىسىنى بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن يىراقلىشىش، ئايرىلىش دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بېرىدۇ. ھازىرقى دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ياتلىشىشى توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزى توغرىسىدا ئىزدىنىشى ئۈچۈن يوچۇق ئېچىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ياتلىشىش كۆپ تەرەپلىمىلىك مەزمۇنلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن: ئاڭنىڭ ياتلىشىشى، بۇنى گېگىل:«ئاڭ ئۆزىنىڭ پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزىنى ياتلاشتۇرۇپ، ئىككىنچى بىر خىل ئوبيېكتقا ئايلىنىدۇ» دەپ قارىغان. ئەمگەكنىڭ ياتلىشىشى توغرىسىدا ماركس ئالدى بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ۋە ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياتلىشىشى مەسىلىسىدە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان نەرسە بولماستىن، بەلكى ئەمگەكچىلەر ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. يەنە بىر نۇقتىدىن، ئەمگەك جەريانىنىڭ ياتلىشىشى مەسىلىسىدە ئەمگەك ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن مەجبۇرىيەت ۋە بېسىمغا ئايلىنىپ قالغان. ئەمگەكچىلەر ئەمگەك جەريانىدا خۇشاللىق ۋە ئازادىلىك ھېس قىلماستىن، ئەمگەكتىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغان روھىي ھالەت. يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئادەم ماھىيىتىنىڭ ياتلىشىشى، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياتلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ ياتلىشىشى، ئېتىقادنىڭ ياتلىشىشى، جىنسىي ياتلىشىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ياتلىشىشنىڭ بىرقانچە تەرىپى بولىدىكەن. بىرى، پاكلىنىش ۋە تەرەققىيات خۇسۇسىدىكى يېڭىلىنىش، يەنە بىرى، بۇلغىنىش خاراكتېرىدىكى ئۆز- ئۆزىنى دەپنە قىلىش. يېڭىلىنىش ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن بولىدۇ، بىرى كونا، قالاق، قاتمال، مەنىۋى زەئىپلىك قاتارلىق مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدا ساقلىنىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئىللەتلەردىن پاكلىنىش بىلەن مىللەتنىڭ شان- شەرىپىگە، مەۋجۇتلۇقىغا، تەرەققىياتىغا، كەلگۈسى ئىستىقبالىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىلغار ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى زاماننىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىلغار ئىدىيە، ئىلغار مەدەنىيەت ئامىللىرىنى، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بىر خىل يۈزلىنىش، ئاللىبۇرۇن باشقىلار سۈپۈرۈپ تاشلىۋەتكەن ئەخلەت- چاۋالارنى قوبۇل قىلىۋېلىپ ئۆزىنى بۇلغاش. بىزدە ھازىر ئىلغار ئەنئەنىلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاز، قالاق، قاتمال، چۈشكۈن، خۇراپىي ئەنئەنىنى جاھىللىق بىلەن ساقلاش كۆپرەك. چەت ئەلنىڭ ئىلغار قىممەتلىك ئېڭىنى، مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى قوبۇل قىلىش ئازراق، ئۇلار ئاللىقاچان چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن ئەخلەتلىرىنى، تۈكۈرۈۋەتكەن تۈكۈرۈكلىرىنى قوبۇل قىلىۋېلىپ، مىللىتىمىز-

نىڭ مىللىي روھىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى بۇلغاش، مىللىي خاسلىقىمىزنى بارا- بارا دەپنە قىلىش كۆپرەك بولۇۋاتىدۇ.

مەدەنىيلىشىش بىلەن تەرەققىيات تۇرمۇشقا يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىراق، ئۇ ھەرگىز ئەنئەنىنى چەتكە قېقىش ئارقىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ. بەلكى قالاق ئەنئەنىلەردىن يۈرەكلىك ۋاز كېچىش، ئىلغار ئەنئەنىلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئەنئەنىدىن ۋاز كېچىش تەرەققىي قىلىش ئەمەس، بەلكى بارا- بارا ئۆزىنى ئۇتتۇرۇش بىلەن باراۋەر. ياخشى ئەنئەنىدىن ۋاز كەچكەن مىللەت چوقۇم يامان تەقدىرنىڭ قولىغا تۇتۇلىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى مۇكەممەل، گۈزەل ۋە پارلاق ئەنئەنىگە ئىگە مىللەت. بۇ ئەنئەنە ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەت قارىشى، ئېتىقادى، ئېستېتىك ئېڭى، تۇرمۇش ئادىتى، تارىخىي تەرەققىياتى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ئارىسىدا بارا- بارا مۇكەممەللىشىپ، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كاتېگورىيىگە ئايلانغان. ئۇيغۇر خەلقى شۇنى چۈشىنەتتىكى، ئەنئەنىدىن ئايرىلغان مىللەت مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايتتى. ئەنئەنىدىن ئايرىلغان مىللەت قىپيالىڭاچ قۇرۇق گەۋدىگە ئايلانغان تىرىك جەسەتكە ئوخشايتتى.

ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خەلقنىڭ ئورتاق بىر ساداسى شۇكى، ھازىرقى خېلى كۆپلىگەن ياشلاردا غەرب مەدەنىيىتىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇش خاھىشى بىر خىل ئومۇمىيلىققا ئايلانماقتا. بۇنداق ياتلىشىش يالغۇز ئىدېئولوگىيە جەھەتتىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئۆرپ- ئادەت، مىللىي قىممەت قارىشىغا جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھەتتا بىز شۇنداق ھادىسىلەرنى بايقىدۇقكى، جىنسىي ئەركىنلىك تەشەببۇسلىرىمۇ بىر قىسىم نادان ياشلىرىمىزنى سېھرى جادۇسىنىڭ تەسىر تورىغا چۈشۈرۈۋېلىشتىن باش تارتمايۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتە ئەخلاقىي جەھەتتىكى ئىجتىمائىي كونتروللۇقىنىڭ تىزگىنىدىن بوشىنىشقا ئۇرۇنۇپ تىپىرلاۋاتىدۇ. ھايانىڭ ئورنىنى ھاياسىزلىق ئىگەللىگىلى تۇردى. مەن ئۇيغۇرلاردىكى ياتلىشىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى سۈپىتىدە مۇنداق بىر قانچە تىپىك ئەھۋالنى مىسال قىلىپ بېرەي:

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتىدە توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بىراق ھازىر ئەڭ ياخشى، گۈزەل ۋە ھايا ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىلغار ئەنئەنىمىزنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزگە قەتئىي مۇناسىپ كەلمەيدىغان يات بىر ئادەتلەر دەسسىۋالدى.

ئۇيغۇرلاردا بالىلارنىڭ سۈننەت تويى بىر بالىنىڭ يەتتە ياشقا كىرىپ، جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت ھاياتىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش باسقۇچىنى تەبرىكلەش، شۇنداقلا بۇ بالىنىڭ سۈننىتىنى قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىسىنى ئىپادىلەش مۇراسىمى. بۇ تويدا قازان ئېسىپ يۇرتقا ئاش بېرىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ بەخت- سائادەتلىك، ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بىراق، ھازىر ئاتا- ئانىلارنىڭ قۇرۇق سۆلەتۋازلىقى بىلەن بۇ مەسۇم بالىلارنىڭ بەخت- ئىقبالى توغرىسىدىكى تىلەكلەر رېستوراندىكى ھاراق- شاراب، مەستلىك- نەسلىك، قالايمىقان كۈلكە- چاقچاق ئىچىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتتى.

بىر قېتىم مەن بىر زۆرۈرىيەت بىلەن مەلۇم بىر رېستورانغا باردىم. بۇ يەردە بىر بالىنىڭ سۈننەت تويى ئۆتكۈزۈلىۋاتقانىكەن. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، رىياسەتچى بىلەن توي ئىگىسى سەھنىگە چىقىپ توينىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغان چاغدا ئۇ ھەر ئىككىسى قولىدا لىق مەي تولدۇرۇلغان رومكىلارنى تۇتۇشۇپ ئاجايىپ دەبدەبە، ھەيۋەت بىلەن بالىنىڭ بەخت ئىقبالىنى ۋە ئىستىقبالىنى تىلەشتى. بىر مىللەتكە نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ياتلىشىش بولامدۇ؟

بۇرۇنقى قىز- يىگىت تويىدا ئاۋۋال قىزنى يۆتكەپ كېلىپ، ئىككى ياش بىر ياستۇققا باش قويغاندىن كېيىن، ئەتىسى ئىككى ياشنىڭ بىرىنچى كېچىنى ياخشى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىك شەرىپىگە ئوغۇلنىڭ ئۆيىدە توي بېرىلەتتى. ئەتىسى قىزنىڭ يۈزى ئېچىلغانلىقى ئۈچۈن سىمۋوللۇق ھالدا يۈز ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن قىز كىشىلەرگە يۈزىنى كۆرسىتەتتى. ئەگەر ئالىمادىس قىزدا مەسىلە كۆرۈلۈپ قالغان بولسا، ئەتىسى قازان ئېسىلمايتتى. بۇ ئەنئەنە ئىنتايىن قائىدىلىك، تەرتىپلىك، ئەھمىيەتلىك ئىدى. ھازىر بۇنىڭ پۈتۈنلەي تەتۈرىسىچە، قىزنى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن يۆتكەپ كېلىپ، ئاۋۋال كوچا- كوچىلارنى سازايى قىلدۇرىمىز، ئاندىن رېستورانغا ئېلىپ بېرىپ ئۇسسۇلغا، تانسىغا سالىمىز، ئاندىن تېخى يۈزى ئېچىلمىغان قىزنىڭ يۈزىنى ئاچىمىز. بۇ ھازىر قىزلارنىڭ يۈزى توي قىلىشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ بولغانلىقىنىڭ سىمۋولىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر يوشۇرۇن پاجىئەمۇ بار. ئوغۇلغا توي شادلىقى دەپ كۆپلەپ ھاراق ئىچۈرۈلىدۇ، نەتىجىدە ئۇ بىرى قىزنىڭ ھەقىقىي پاك ياكى پاك ئەمەسلىكىنى بىلىش، ھېس قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قېلىنىۋاتىدۇ. يەنە بىرى، ئەگەر شۇ مەستلىكتە بالا بولۇپ قالسا، ئۇ بالا چوقۇم مۇكەممەل ئادەم بولۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ. بۇنى پۈتكۈل جەمئىيەت ناھايىتى چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەكقۇ، دەيمەن.

ئۈچىنچى بىر تىپىك مىسال، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، تارىخىي ۋە رېئالنىي قىممەتكە ئىگە بىر بايرىمىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ نورۇز بايرىمى. نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. نورۇز بايرىمىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى قىممىتى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ خېلى ئەھمىيەتلىك ئىدى. بىراق، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە نورۇز بايرىمىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىزدە ناھايىتىمۇ زەئىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. پەقەت نورۇز كېچىسى تېلېۋىزوردا بېرىلگەن نورۇز بايرىمى سەنئەت كېچىلىكى بىزنىڭ بىردىنبىر تەبرىكلەش پائالىيىتىمىز بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كالېندارى بويىچە 3- ئاينىڭ 21- كۈنى كۈن بىلەن تۈن تەڭ بولىدۇ. شىنجاڭدا باھار باشلىنىدۇ. يەر- زېمىن تەۋرەيدۇ، قۇرت- قوڭغۇزلارمۇ ئۇيقۇدىن ئويغىنىدۇ، ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق باشلىنىپ كېتىدۇ. يېڭى بىر يىلدىكى مول- ھوسۇل ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ. بۇ خۇشاللىقنى تەبرىكلەپ يېزا- يېزىلاردا ئاجايىپ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى يېڭى- يېڭى مەزمۇنلار بىلەن بېيىتىدۇ.

بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدىكى، ئەنئەنىسىدىكى ھەرقانداق ئۆرپ- ئادەت ۋە ئەنئەنە ھەرگىزمۇ بىكاردىن- بىكار ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈنلا يارىتىلغان ئەمەس. ئۇ شۇ مىللەتنىڭ پۈتكۈل ھايات تارىخى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن. بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى شۇ مىللەتنى تەشكىل قىلغان ئومۇمىي جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە ياشاش ئادەتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ گۈزەل ۋە قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىمىز كېيىنكى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئۇل. ئۇ ھەم ئۆزىمىزنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى، ھەتتا ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. قىممەتلىك نەرسىلەر ھەرگىز كونىرىمايدۇ. ئەنئەنىدىن ئۇنىڭ كونا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ۋاز كەچكۈلۈك ئەمەس. ئەگەر ئۇنداق دەپ قارىساق ۋەتەنمۇ بىز ئۈچۈن كونا، ئۇنىڭدىنمۇ ۋاز كېچىش كېرەكمۇ؟ مىللىتىمىزنى كونىتى دەپ ئۇنتۇپ كېتىش زۆرۈرىيىتى توغۇلامدۇ؟

ئومۇمەن، بىزدە ياتلىشىش ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىكىمىزدىن، ئەنئەنىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىمىزدا پۇتلىكاشاڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تەرەپتىن بىزدىكى ئەنئەنىنى سۆيۈش، ئەنئەنىنى قەدىرلەش ئاڭلىقلىقىمىزنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ نادانلىقىمىزنى، گۈزەللىكنى ۋە ھەقىقىي قىممەتنى تونۇمىغانلىقىمىزنى، ئۆزىمىزنى قەدىرلەش ئىقتىدارىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۈچىنچى تەرەپتىن، ئاتا- ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىلىك، يادرولۇق رولىنى يوقىتىپ قويغان، ئەنئەنە تەربىيىسىگە تازا كۆڭۈل بۆلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ياشلاردا مىللىي روھ ئاجىزلاشقان، ئۆزىنى بىلىش، ئۆزىنى قەدىرلەش يېتەرلىك بولمىغان، باشقىلارغا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز كەمسىتىش خاھىشى باش كۆتۈرگەن. ئۇلارغا نەسىھەت قىلسا، بۇلار زامان ئۆزگەردى، دەۋر ئۆزگەردى، ھازىرقى زامان سىلەرنىڭ دەۋرىڭلارغا ئوخشىمايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇنداقتا زامان ئۆزگەرسە، دەۋر ئۆزگەرسە مىللەتمۇ ئۆزىنىڭ ئىلغار، قىممەتلىك ئەنئەنىسىدىن ئاينىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟ دەۋر تەرەققىي قىلسا، نادان، مەدەنىيەتسىز مىللەت ئۈچۈن ئۆزىدىن ياتلىشىش، ئۆزىدىن ۋاز كېچىش لازىم بولامدۇ؟ پەقەت روھىي جەھەتتىن زەئىپلەشكەن كىشىلەرلا ئاشۇنداق ئاينىش، ئۆزىنى ئۇنتۇش، قارىغۇلارچە باشقىلارغا چوقۇنۇشنى تەرەققىياتقا يۈزلىنىش دەپ قارايدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، مىللەتكە بولغان يۈكسەك ھۆرمەت، ئۆزىگە بولغان مۇھەببەت پارلىغان جۇشقۇن روھلۇق ياشلار روھىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇش، ئەنئەنىنى زامانغا يارىشا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇكى، ھەرگىزمۇ مىللەتنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىگە ئاسىلىق قىلمايدۇ. نادان، ھاماقەت، ئازغۇن كىشىلەرلا ياتلىشىش، ئاينىشنى ئەنئەنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دەپ چۈشەندۈرىدۇ، مەنىۋى جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈكنى ئەركىنلىتىش دەپ چۈشىنىدۇ.

ھەقىقەتمۇ كونىرامدۇ؟

مەن كىتاب ئوقۇش ھاياتىمدا ئەڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەسەر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق پەلسەپىۋى ئەسىرى. مەن بۇ ئەسەرنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەنىۋى مەكتەپ بولدى، دەپ قارىسام ناھايىتى مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى مۇقەررەر. چۈنكى، مەن بۇ كىتاب ئارقىلىق دۇنيا قاراش جەھەتتە بەلگىلىك ئۆزگىرىش ياسىدىم. ئۆزۈمگە بولغان تونۇشنى، ئۆزۈمگە قويغان تەلەپنى يېڭىلىدىم؛ ھاياتنىڭ مەنىسىنى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قىممىتىنى باشقىدىن ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بىر ئالىم «قۇتادغۇبىلىك»نى ناھايىتى نۇرغۇن كوچىلاردىن تۈزۈلگەن بىر ياسىداق شەھەرگە ئوخشىتىپ، «تېخى بىرەر ئادەممۇ بۇ شەھەرنىڭ ھەممە كوچىلىرىنى سەير قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى» دېگەن ئىدى. ھەقىقەتەن مەن ھەر قېتىم بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا يېڭى- يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىمەن. ئەڭ مۇھىمى مەندە ئاجايىپ بىر ھەيرانلىق ۋە يەنە بىر چۈشىنەلمەسلىك بار.

ھەيرانلىقىم شۇكى، «قۇتادغۇبىلىك»تىكى بىلىش چوڭقۇرلۇقى ۋە چۈشەنچنىڭ كەڭلىكى بىلەن بىللە ئۇ ئەسەرنىڭ 11- ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بارلىققا كەلگەنلىكىگە بولغان ھەيرانلىق. ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەلسەپىۋى مەسىلىلەر، ھاكىمىيەت مەسىلىلىرى ۋە تۇرمۇشنىڭ كونكرېت ھالقىلىرىغىچە بولغان بارلىق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچە ئىنتايىن ئىلغار. گەرچە ئالىم 11- ئەسىردىكى فېئودال مۇھىتتا، دىنىي ئىدېئولوگىيە ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھاكىمىيەت، قانۇن ھەققىدىكى تەشەببۇسلار ياۋروپادا شۇنىڭدىن بەش ئەسىر كېيىن تەشەببۇس قىلىنغانىدى. ئەسەردە ئالغا سۈرۈلگەن تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يەكۈنلەر بۈگۈنمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ، ئومۇمەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنىڭ ھاياتىي قىممىتىگە چەكسىز ئىشەنگەن. ئۇنى «بۇ دۇنيانى ئىزدىسەڭمۇ يول مۇشۇ، ئۇ دۇنيانى تىلىسەڭمۇ يول شۇ»، «ھەرگىز يولۇڭدىن ئازماي ئۇشبۇ يول بىلەن ماڭغايسەن. بۇ مەندىن ساڭا مىراس قالغان سۆز، ھەرقانچە ئالتۇن- كۈمۈشمۇ بۇ سۆزلىرىمنىڭ قىممىتىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ئالتۇننى خەجلىسەڭ تۈگەيدۇ، ئەمما مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم ساڭا مەڭگۈ ئەسقاتىدۇ» دېگەن. ھەيرانلىقىمنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان يەنە بىر نەرسە – 11- ئەسىردە يۈسۈپ خاس ھاجىپلا ئەمەس، بەلكى مەھمۇد قەشقەرى، ئىمانىددىن قەشقەرى قاتارلىقلارغا ئوخشاش بۈيۈك تىلشۇناسلار ۋە تارىخچىلار بارلىققا كەلگەن. «قۇتادغۇبىلىك»تىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قاراخانىلار دەۋرىدە تەبىئىي پەنمۇ ئاجايىپ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. مانا شۇنداق ئۇلۇغ ئالىملارنى ۋە نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن شۇ چاغدىكى ئىلمىي مۇھىت، شۇ چاغدىكى مائارىپ كېيىن نەگە كەتكەن بولغىيتتى؟

شۇنداق، «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللاردىۋانى» ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئىلغار ھالقىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلار 21- ئەسىردە ياشاۋاتقان ئەۋلادلىرىغا دائىملىق ئۇستاز بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن بىر ئۆمۈرلۈك تەتقىقات نىشانىم قىلىپ «قۇتادغۇبىلىك»نى تاللىۋالغانىدىم. ئۇنى جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭدىكى قىممەتلىك مەنالاردىن، ئۇلۇغۋار مەزمۇن ۋە تەۋسىيەلەردىن خەلقىمنى بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە بىر خىل پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ئويغىتاي دېگەن بىر نىيەتتە مەن. بۇنداق بولۇشتا يەنە ماڭا تەسىر قىلغان مۇھىم بىر ئىش «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ نەزمىي يەشمىسى نەشر قىلىنىپ، بىزدىن ئەسىرلەپ جۇدا بولۇپ تۇرغان بۇ ئەسەر قايتىدىن يورۇقلۇققا چىقتى. ئەسلىدە ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە بىردىن تەۋەررۈك قىلىنىپ ساقلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى ئىش ئۇنداق بولمىدى. ئۆز ۋاقتىدا خەلقىمىز بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ياخشى ھېس قىلالمىدى. يەنە بىر جەھەتتە نەزمىي بولغانلىقى ئۈچۈن بەدىئىي تەربىيىلىنىشى تۆۋەن ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەر بۇ ئەسەردىن ئۈنۈملۈك مەنپەئەت ئالالمىدى. گەرچە خېلى كۆپ كىشىلەر كىتابنى قەدىرلەپ ئېلىپ قويغان بولسىمۇ، تاكى ھازىرغىچە ئوقۇپ باقمىغان زىيالىيلار ناھايىتى كۆپ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بېسىلغان كىتاب سانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىپ، ئاخىر باھاسى چۈشۈرۈلۈپ سېتىلدى. تاكى يېقىنقى يىللارغىچە شۇنداق بولدى.

مەن ساۋاتلىق دەپ قارىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»نى بىر ئوقۇپ چىقىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم. ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا بارلىققا كەلگەن بىرەر ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»تەك كۆپ تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىمىغان. مەخسۇس مۇشۇ ئەسەرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تۆت نۆۋەت مەملىكەتلىك ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى چاقىرىلدى. بىر نۆۋەت خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلدى. مەخسۇس كىتابلاردىن ئون نەچچە پارچە، ئىلمىي ماقالىدىن نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ پارچە ماقالە يېزىلدى. تېلېۋىزور، گېزىت- ژۇرناللارنىڭ سەھىپىلىرىدە بۇ ئەسەرلەردىن ئۈزۈندىلەر بېرىلىپ تۇردى. شۇنداق كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقاتنىڭ تەسىرى بىلەن بولسا كېرەك، ئەسەر نەشر قىلىنغان 1984- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە بولغان ئون تۆت يىلدىن كېيىن بەزى كىشىلەردە «قۇتادغۇبىلىك»كە بولغان قىزغىنلىق قوزغالدى. بۇ ۋاقىتتا كىتابنىڭ باھاسى ئون ھەسسە ئېشىپ يۈز يۈەندىن سېتىلدى.

بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ باھا ۋە چۈشەنچىسى بويىچە كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىدىغان كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇنىڭ ئەڭ تىپىكلىرى مۇنۇ مەزمۇندا: «بىز قاچانغىچە بۇ ئىككى كونا چاپاننى («قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى دېمەكچى) كىيىۋېرىمىز»، «ئىككى كىتابنى تەكىي قىلىپ ياتامدۇق» دېگەندىن ئىبارەت. ھەتتا ماڭىمۇ «كونا چاپان» لەقىمى سىڭىپ قالغىلى ئاز قالغانىدى. ھەتتا ئۆزىنى ئەڭ كاتتا چاغلايدىغان بەزى شائىرلار ئوچۇق- ئاشكارا پۈتۈن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئىنكار قىلىشقان. ئۇنىڭدا بىز ئۈچۈن لازىملىق ھېچ نەرسە يوق دەپ قارىغان.

مېنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان يەنە بىر تىپىك ئەھۋالمۇ بار. بىر كۈنى بىرقانچە كىشىلەر بىلەن بىر سورۇندا سۆھبەتتە بولۇپ قالدۇق. بۇ سورۇندا يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدا پاراڭ بولۇپ قالدى. بۇ چاغدا بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىسى ئەسكى تامدىن مۇشت چىققاندەكلا: «يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېگەن كىم؟ ئۇ نەلىك ئادەم؟» دەپ سوراپ قالدى. بىز ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، «سېنىڭ يۇرتلۇقۇڭ» دەپ جاۋاب بەردۇق. ئۇ يەنە ئۇلاپلا «قەيەردە ئىشلەيدىغان ئادەم ئۇ؟» دېمەسمۇ، سورۇندىكىلەر بىر- بىرىمىزگە ئەجەپلىنىپ قاراشتۇق. ئۇ چاقچاق قىلمايۋاتاتتى، راستتىنلا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىكەن. مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنى ئەپسۇسلىنىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىش ئىگىلىگەن ئىدى..

− ئەي سادىغاڭ كېتەي بۇرادەر، ئىنساپ قىل، سەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كىملىكىنى بىلمەي، قانداقمۇ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىم بار دەپ قارايسەن،- دېدىم.

− بىرەر ئادەمنى بىلمىگەنگە نېمە بوپتۇ، سەن بىلمەيدىغان ئادەملەرمۇ كۆپقۇ،- دەپ تېرىكتى ئۇ.

− توغرا، بىز بىلمەيدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ، بىراق بىز ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئۇلۇغ ئالىمىمىزنى بىلمىسەك تولىمۇ نومۇسسىزلىق بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپقىمۇ يۈز كېلەلمەيمىز،- دېدىم.

مەن كېيىن بۇ ھەقتە مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىم. مەلۇم بولدىكى 90 پىرسەنت ئوقۇتقۇچى «قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇپ باقماپتۇ. 100 پىرسەنت ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تېخىمۇ يىراق ئىكەن. ھەتتا دەرسلىك مەزمۇنىدا «قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇپ كېلىش تەلىپىنى قويماپتۇ. بۇنىڭدا يەنىلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايىتى چوڭ. بىرەر چەت ئەللىك بىرەر ئوقۇغۇچىدىن «سىز قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇپ باققانمۇ؟ دەپ سوراپ قالسا نېمە دەپ جاۋاب بەرگۈلۈك.

بىز تەكىتلەۋاتقان ساپا مائارىپى بويىچە ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە ئۇنىۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسىنى نېمىگە ئاساسەن ئۆلچەيمىز؟ بىز كىتاب ئوقۇمدۇق، قانداق كىتابلارنى ئوقۇيمىز، پەقەت مۇھەببەت كىتابلىرىلا بىزگە ھەقىقىي ساپا ئاتا قىلالارمۇ؟ «كونا چاپان» دەپ قاراۋاتقان بۇ ئىككى ئەڭگۈشتەرنى قاچان كىيىپ باقتۇق؟ ئۇنى كىيىپ باقماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ كونا- يېڭىلىقىنى، ئۆزىمىزگە مۇناسىپ كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى قانداق ھېس قىلالايمىز؟ «قۇتادغۇبىلىك»تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇن پۈتۈنلەي ھايات ھەقىقىتى ۋە قانۇنىيىتىنىڭ يەكۈنلىنىشى. ھەقىقەتنىڭ كونىرىغىنىنى نەدە ئاڭلىغان؟ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ غالىپلىقىنىڭ نەمۇنىسى، ئۇلارچە بولغاندا، تىلىمىزنى كونىرىدى، دەپ تاشلىۋېتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟