ئىبن سىنانىڭ ياۋرۇپا پەلسەپىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

ئىبن سىنانىڭ ياۋرۇپا پەلسەپىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

ئىسمائىل ياقىت (تۈركىيە)

بۇ ماقالە 2005- يىلى 10- ئايدا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹6-قېتىملىق خەلقارا تۈرك مەدەنىيەت كونگرېسى ››دا ئوقۇلغان شۇ ناملىق ماقالىغا ئاساسەن يۈسۈپجان ياسىن تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلدى.

شەرقلىقلەر «ئەش-شەيخور رەئىس»، غەربلىكلەر «ئاۋىسېننا» دېگەن نام بىلەن تىلغا ئالىدىغان مەشھۇر ھېكىم ۋە پەيلاسوپ ئىبن سىنانىڭ ئەدەبىياتتىكى تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئېلى ھۈسەيىن بىن ئابدۇللاھ بىن سىنا. ئىبن سىنا مىلادىيە 980-يىلى بۇخارا ئەتراپىدىكى ئافشاندا دۇنياغا كەلگەن. 1037-ھەمەداندا ۋاپات بولغان. بالىلىق چاغلىرىدىلا دىنىي ئىلىملەر بىلەن بىرلىكتە گراماتىكا، گېئومېتىرىيە، مەنتىقە، فىزىكا ۋە تىبابەت قاتارلىق ئەمەلىي پەنلەرنى ئۆگىنىپ، تېزلا داڭق چىقارغان. فارابىنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئارىستوتېل پەلسەپىسىدىكى تۈپ مەسىلىلەرنى يېشىپ، ئوتتۇرا ئەسىردە ھەم شەرقتە، ھەم غەربتە تونۇلغان ئەڭ مەشھۇر ھېكىم ۋە پەيلاسوپقا ئايلانغان.

ھاياتى ناھايىتى ئېغىرچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن ئىبن سىنانىڭ بىر مۇنچە ئەسىرى بار. ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كۈللىيات ھالىتىدە كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ماقالە شەكلىدىكى رىسالىلىرى بىلەن قوشقاندا ئەسەرلىرىنىڭ سانىنىڭ 250 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنسىمۇ، بۇلاردىن 130 پارچىغا يېقىن ئەسەرنىڭ ئۆزىگە ئائىت ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنماقتا.

ئىبن سىنا ئانتىك پەلسەپە ئەنئەنىسىنى ئىسلام تەپەككۇرى ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەن ۋە ئۆز غەيرىتىگە تايىنىپ ھەقىقىي بىر سېنتىز ياراتقان پەيلاسوپ. غەربلىكلەر ئىسلام دۇنياسىدىن تەرجىمە ئارقىلىق تۇنۇغان تۇنجى پەيلاسوپ ئىبن سىنادۇر. ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر نۇقتا باركى، غەرب ئەڭ دەسلەپتە ئۇنىڭ ھېكىملىك سالاھىيىتىنى بىلدى، كېيىن ئۇنىڭ پەلسەپىسىنى ئۆگەندى.

لاتېنچە تەرجىمىلەر ھەققىدە

غەرب دۇنياسىدا 12- ۋە 13-ئەسىرلەردە تولېدو ۋە سالېرنودا قۇرۇلغان تەرجىمە مەكتەپلىرى ئارقىلىق ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرى لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىندى. ئىبن سىنانىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئوتتۇرا ئەسىر لاتىن ياۋرۇپاسىدا ئاشۇ ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ تولېدودا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى كېيىنچە غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئاساسلىق دەرسلىك كىتابىغا ئايلىنىپ ئۇزۇن مەزگىل ئوقۇتۇلغان. لاتىنچىگە قىلىنغان ئىخچام تەرجىمىسى ئەدەبىيات ساھەسىدە جۇھاننېس ھېسپالېنسىس ياكى ئىبن داۋۇد دېگەن نام بىلەن ئۇچرايدىغان ئىسپانىيىلىك جون تەرىپىدىن ئىشلەندى. بۇ كىشى تولېدو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ روھانىي باشلىقى رايموندنىڭ تەكلىۋى بىلەن دومىنىكۇ گۇندىسسالىنۇس بىلەن بىرلىكتە ئاۋۋال ئىبن سىنانىڭ «نەفەس» ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلدى. يەنە ئاشۇ كىشى «شىفا» نىڭ فىزىكا ۋە مىتافىزىكىغا ئائىت قىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى «ئوپېرا» (مەجمۇئە) دېگەن نام بىلەن نەشىر قىلدى. بۇ ئەسەر ۋېنىتسىيىدە ئۈچ قېتىم (1945-، 1500-، 1508-يىللىرى) بېسىلدى. ۋاتىئېر ئىبن سىنانىڭ مەنتىقىگە ئائىت ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپ، 1658-يىلى پارىژدا ئېلان قىلدى. دومىنىكۇ گۇندىسسالىنۇس «نەجات» ناملىق ئەسىرىنىڭ مىتافىزىكىلىق قىسمى بىلەن «ھېكمەت ۋە تەبىئەتكە دائىر توققۇز رىسالە» نى، «ئاسمان ۋە كائىنات» ناملىق ئەسىرىنى، ئاخىرىدا «شىفا» نىمۇ تەرجىمە قىلىپ، بۇلارنى <>(«تولۇق ئەسەر» دېگەن مەنىدە –ت ) دېگەن نامدا نەشىر قىلدى.

سرېمونالىق كىراردمۇ ئىبن سىنانىڭ بەزى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلدى. بولۇپمۇ «ئەل قانۇن فىت-تېپ» ناملىق ئەسىرىنى لاتىنچىگە تەرجىمە قىلدى. ئىبن سىنانى ئەڭ مەشھۇر ھېكىملەر كاتېگورىيىسىگە يۈكسەلدۈرگەن بۇ ئەسەر نۇرغۇن تەرجىمانلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. 1593-يىلى ئىتالىيىدە ئەرەب يېزىقىدا ئەسلى نۇسخىسىمۇ بېسىلدى. بۇ چاغدا ئوسمانلىلاردا تېخى مەتبەئە يوق ئىدى. «ئەل قانۇن فىت-تېپ» ناملىق بۇ ئەسەر مەتبەئە ئىجاد قىلىنغاندىن كېيىن، «ئىنجىل» دىن قالسا ئەڭ كۆپ بېسىلغان كىتابقا ئايلاندى.

بۇنىڭدىن باشقا ئاندرېس ئالپاگۇس، فرانسىسكۇس د.ماكېراتا قاتارلىق تەرجىمانلارمۇ ئىبن سىنانىڭ بەزى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىبن سىناغا ئائىت بولمىغان، ئەمما ئۇنىڭغا بېغىشلانغان بەزى گۇمانلىق ئەسەرلەرمۇ تەرجىمە قىلىندى. نەتىجىدە غەربتە ئىبن سىنانىڭ ئۆز پەلسەپە ئەسەرلىرىدىن ئالتىسىنىڭ تولۇق تەرجىمىسى، ئىككىسىنىڭ قىسمەن تەرجىمىسى مەيدانغا كەلدى. بۇ تەرجىمىلەرنىڭ تەخمىنەن 120 خىل قول يازما نۇسخىسى غەربنىڭ تۈرلۈك كۇتۇپخانىلىرىدا كۈنىمىزگە قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.

ئىبن سىنانىڭ تەسىرىگە ئومۇمىي نەزەر

يۇقىرىدىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، لاتىنچىگە ئەڭ ئاۋۋال تەرجىمە قىلىنغان پەلسەپىۋىي ئەسەر ئىبن سىنانىڭ «مىتافىزىكا» دېگەن كىتابى ئىدى. بۇ كىتاب غەربكە «ئارىستوتېل مىتافىزىكىسى»دىن يېرىم ئەسىر بۇرۇن مەلۇم بولدى. ھەتتا «ئارىستوتېل مىتافىزىكىسى»نىڭ كېيىنكى ئىككى قىسمى بولسا، ئىبن سىنانىڭ باشقا ئەسەرلىرىدىن ناھايىتى كېيىن («شىفا» نىڭ تەرجىمىسىدىن بىر ئەسەر كېيىن) غەربلىكلەرنىڭ قولىغا ئۇلاشتى. شۇ سەۋەبلىك غەربلىكلەر ئىبن سىنا پەلسەپىسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىسمى تىلغا ئېلىنىدىغان ئارىستوتېل، پلاتون ۋە باشقا گرېك پەيلاسوپلىرىنى تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

ئىبن سىنانىڭ ئەسەرلىرى لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، غەربتە يېزىلغان بىر مۇنچە ئەسەرلەردە ئىبن سىنانىڭ پىكىرلىرىنىڭ تەسىرى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىدىن ئېلىنغان ئىستاتلار دەرھال كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەسىلەن، ئىبن سىنانىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمىسىگە قۇشۇۋېتىلگەن ۋە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان 《de Intelligentiis》دېگەن ئەسەر دېنىس، ست ئاگۇستىن، سكوت ۋە ئېرىگېن قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىللە ئىبن سىنانىڭ ئەقىلىنىڭ تۈرلىرى ھەققىدىكى شەرھىيلىرىگە ئورۇن بەردى. ئىبن سىنانىڭ ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان ئىستاتلار ھەققىدە گوئىچون م. فورېستنىڭ كۆرسەتكەنلىرىگە ئاساسەن ست توماسنىڭ 《De ente et essential》ناملىق ئەسىرىدە 19، «تېئولوگىيە تىزىسلىرى» دېگەن ئەسىرىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بۆلۈملىرىدىن باشقا تومىستىك ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىبن سىنانىڭ ئەسەرلىرىدىن جەمئىي 251 ئىستات ئالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئىبن سىنا ئارقىلىق غەربكە ئۆتكەن پەلسەپە ئالدى بىلەن خرىستىئان تېئولوگىيىسى بىلەن تۇقۇنۇشتى. پوپلارنىڭ بىر قىسمى ئارىستوتېلنىڭ پىكىرلىرىنى يېرىم بۇتپەرەسلىك، ئىبن سىنانىڭ پىكىرلىرىنى يېرىم كۇفىرلىق دەپ چۈشەندى. بۇنىڭغا مۇقابىل بەزىلىرى ئىبن سىنا پەلسەپىسىنى ئۆزلەشتۈرۋېتىش ئارزۇسىدا بولدى. گوئىچوننىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ كەيپىيات غەربتە ھەر ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك بىر ئويغىنىش ۋەزىيىتىنى ياراتقىنىدەك، يەنە تەتقىقات ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئۇقۇملارنى بېيىتىپ ۋە مۇنازىرە سەۋىيىسىنى ناھايىتى يۇقىرى باسقۇچقا چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە،ئىبن سىنانىڭ غەربكە كۆرسەتكەن تەسىرى ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئوتتۇرىغا چىقتى.

1-باسقۇچ، تەرجىمە دەۋرىدىن باشلاپ ئۇۋېرگنلىق جۇئىلېئۇم قارشى چىققان ۋاقىتقا قەدەر بولغان مەزگىل. بۇ تەخمىنەن 1230-يىلىغا قەدەر داۋام قىلدى.

2-باسقۇچ، ئارىستوتېل تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان ۋاقىتتىن تارتىپ بۈيۈك ئالبېرت (ئالبېرت ماگنۇس –ت) نىڭ توپلىمى بارلىققا كەلگىچە بولغان مەزگىل. تەخمىنەن 1230-1260-يىللار ئارىسىغا توغرا كېلىدۇ.

3-باسقۇچ، ئىبن سىنا سىت. توماسنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەندىن كېيىنكى مەزگىل. بۇ تەخمىنەن 1250-يىلىدىن كېيىنكى باسقۇچ.

ئىبن سىنانىڭ تەسىرى بۇ باسقۇچلار داۋامىدا قەدەممۇ قەدەم ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ يېڭى پلاتونچى تەرىپى ئارقىلىق كۆرسەتكەن تەسىرى ئارستوتېلچى تەرىپى ئارقىلىق كۆرسەتكەن تەسىرىدىن تېخىمۇ تەييار بىر ئاساسقا ئېرىشتى. ھەتتا ئۇنىڭ تەڭرى بىلەن ئالەمنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئارقىلىق ئارىستوتېلنىڭ قاراشلىرىنى تولۇقلىغانلىقىغا ئىشىنىلدى. پەرىشتىلەرنىڭ، ئاخىرەتنىڭ بارلىقىدىن ۋە روھنىڭ ئۆلۈمسىزلىكىدىن سۆز ئاچىدىغان قاراشلىرى ئىمان بىلەن ئەقىل ئارىسىدا كورېلاسيۇن ياراتقان بىر پەلسەپىۋىي پۈتۈنلۈك دەپ قارىلىپ قىزىقىش قوزغىدى.

ئىبن سىنانىڭ غەرب پەلسەپىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئىزدەنگەنلەر ئۇنىڭ تەسىرىگە كۆپىنچە «ئېپىستېمولوگىيە» (بىلىم نەزەرىيىسى)، «ئىگزىستېنس» (مەۋجۇتلۇق) ۋە «ئىندىۋىدۇئالىزم» (خاسلىق) دائىرىسىدە تۇرۇپ نەزەر تاشلىدى. ھەقىقەتەن، ئۇ پەلسەپىنىڭ بۇ تۈپ نەزەرىيىلىرىدە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى. ئىبن سىنا شەرقتە ۋە غەربتە بىر «مەۋجۇتلۇق پەيلاسوپى» سۈپىتىدە بىلىنسىمۇ، ئۇنىڭ تەسىرى خۇسۇسىدا خرونولوگىيىلىك ھالدا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدىغىنى بىلىم نەزەرىيىسى جەھەتتە كۆرسەتكەن تەسىرىدۇر. چۈنكى ئىبن سىنانىڭ يېڭى پلاتونچىلىقى بىلەن ست ئاگۇستىننىڭ يېڭى پالتونچىلىقى بىر مۇنچە تەرەپتىن ئوخشايدۇ. بىراق، ست ئاگۇستىن ئىلاھىيەتشۇناس بىر پەيلاسوپ بولغان بولسا، ئىبن سىنا پەقەت بىر پەيلاسوپ ئىدى. ئۇ ست ئاگۇستىنغا قارىغاندا تېخىمۇ سىستېمىلىق ۋە تېخىمۇ ئاددىي بىر نەزەرىيىنى سۇنغان ئىدى. شۇڭا، ئۇنى ست ئاگۇستىننىڭ تاكاممۇللاشقان بىر شەكلى سۈپىتىدە كۆرىمىز. دەل مۇشۇ سەۋەبلەردىن ئىبن سىنا ست ئاگۇستىنچى بولغان فرانسىسكېن مەكتىپىدە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى.

خرونولوگىيىلىك جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، ئەمما تەسىرى نۇقتىسىدىن ئالدىنقىسىدىنمۇ قېلىشمايدىغىنى بولسا ئۇنىڭ «مەۋجۇتلۇق نەزەرىيىسى» جەھەتتە كۆرسەتكەن تەسىرىدۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇنىڭ بۇ خۇسۇستىكى تەسىرلىرىنى ئۇزۇن يىللار تەتقىق قىلغان ئاننا مارىيا گوئىچون «ئىبن سىنا مەۋجۇتلۇق نەزەرىيىسى بىلەن شۇنداق بىر تەسىر كۆرسەتتىكى، لاتىن سكولاستىكلىرى ئارىسىدا مۇشۇ تېمىدا ئۇنىڭدىن پايدىلانمىغان بىرمۇ مىتافىزىكىچى يوق. بۇ نەزەرىيە ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك داۋاملاشقان بىر تەتقىقات جەريانىنىڭ بىردىن بىر مەنبەسىگە ئايلاندى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىدىن بەزىلىرى ئۆلۈمسىز ئەسەرگە ئايلاندى» دەيدۇ. ھەقىقەتەن بىرمۇ بىر نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئىبن سىنانىڭ مەيلى بىلىم نەزەرىيىسى جەھەتتە بولسۇن، مەيلى مەۋجۇتلۇق ۋە خۇسۇسلىشىش چۈشەنچىسى جەھەتتە بولسۇن، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئەسىر پەيلاسوپلىرى بولۇش بىلەن بىرلىكتە يېڭى دەۋر(يېقىنقى زامان-ت) پەيلاسوپلىرىنىڭ بارلىقىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. ئىبن سىنا ئارقىلىق غەربكە ئۆتكەن ئىسلام پەلسەپىسى غەربنىڭ روھىنى جانلاندۇردى ۋە ئۇلار ئۈچۈن گرېك، شەرق ئىسلام چۈشەنچىلىرىنىڭ بىر كومپوزىسيونى سۈپىتىدە يېڭى بىر ھاياتلىق تىنىقىغا ئايلاندى.

ئوتتۇرا ئەسىر پەيلاسوپلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى

بۇ قىسىمدا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپلىرىغا ئورۇن بېرىمىز. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىبن سىنانىڭ پىكىرلىرىگە قارشى چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. كۆپچىلىكى بولسا ئىبىن سىنانىڭ پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭدى.

دومىنىكۇ گۇندىسسالىنۇس –ئوتتۇرا ئەسىردىكى بۇ مەشھۇر شەخس ئىبن سىنانىڭ پىكىرلىرىدىن پايدىلىنىپ «نەفەس» دېگەن بىر كىتاب يازغان. ئۇنىڭدا روھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ دەلىللىرى ھەققىدە ئىبن سىنانىڭ دەلىللىرىنى قوللانغان ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارنى تەرجىمە قىلىپ كۆرسەتكەن. ئىبن سىنانىڭ مەشھۇر «ئۇچقان ئادەم» («ئەر رەجۈلۈت – تەير»)دېگەن مىتافۇراسىنى قوللانغان ۋە روھنىڭ مەنىۋىي بىر جەۋھەر بولۇپ ئاراز ①ئەمەسلىكىنى ۋە مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئىبن سىنانىڭ پىكىرلىرىنى تەكرارلىدى. بۇ مىتافۇرا ئوتتۇرا ئەسىردىكى ناھايىتى كۆپ ئاپتور تەرىپىدىن قوللىنىلدى. دومىنىكۇ گۇندىسسالىنۇس ئەينى دەۋردە 《De processione Mundi》دېگەن ئەسىرىدە ئىبن سىنانىڭ كوزمولوگىيىسىنى خرىستىئان چۈشەنچىلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا

①ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بولالمايدىغان ۋە مەۋجۇت بولۇش ئۈچۈن باشقا بىر ئاساسقا مۇھتاج بولغان نەرسە ياكى تاسادىپىيلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نەرسە–ت

ئۇرۇندى.

ئۇۋېرگنلىق جۇئىلېئۇم –پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېئولوگىيە مۇئەللىمى بولغان. ئۇ 1228-يىلى ئارىستوتېل ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارشى ناھايىتى شىددەتلىك بىر ھەرىكەت قوزغىدى. ئارىستوتېلنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارشى تۇرۇشتىكى قەستى ئىسلام پەيلاسوپلىرىغا، بولۇپمۇ قارابى، ئىبن سىنا ۋە غەززالى قاتارلىقلارغا زەربە بېرىش ئىدى. ئۇ ئىبن سىنا بىلەن بولغان كۈرىشىنى مەۋجۇتلۇقنىڭ يارىتىلىشىدا ۋاستىچىنىڭ بولىدىغانلىقى، ئالەمنىڭ ئاسماننىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق باسقۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ئالەمنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى قاتارلىق خۇسۇسلاردا ئېلىپ بېرىپ، ئىبن سىنانىڭ كوزمولوگىيىسىنى رەت قىلدى. بولۇپمۇ ئىبن سىنانىڭ تۇنجى سەۋەب، پائال ئەقىل نەزەرىيىسى بىلەن خۇسۇسىيلىشىش پىرىنسىپى سۈپىتىدە شەرھىيلىگەن ماددا نەزەرىيىسىگە قارشى چىقتى. ئۇنىڭ قارىشىچە پائال ئەقىل روھنىڭ بىر قىسمى بولالمايتتى. مەلۇم بولغىنىدەك، ئىبن سىنانىڭ بىلىم نەزەرىيىسىدە كەسپىي ئاتالغۇ بىلەن ئېيتقاندا ئابىستراكىتلىق ۋە ئايدىڭلىق (ئېنىقلىق) تىن ئىبارەت ئىككى بۆلۈم بار. شۇ سەۋەبلىك، جۇئىلېئۇم قارشى چىققان خۇسۇس روھنىڭ پائال ئەقىل بىلەن يورىتىلىشىدۇر. ئىبن سىنانىڭ پىكىرلىرى خرىستىئان تېئولوگىيىسىگە زىت كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇۋېرگنلىق جۇئىلېئۇم ئۇنىڭغا قارشى چىققان. شۇنداقتىمۇ ئۇ بىر مۇنچە تېمىلاردا ئىبن سىنانىڭ پىكىرلىرىگە قوشۇلدى. ئەسەرلىرىدە 40 يەردە ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالدى. ئىبن سىنانىڭ زات (ئۆز، ماھىيەت، ئېلمېنېت، تادۇ-ت) بىلەن ۋۇجۇدنىڭ پەرقى، پەنلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى، روھنىڭ مەڭگۈلۈكلىكى ۋە ئېنىقلىمىلار ھەققىدىكى پىكىر ۋە مىساللىرىنى ئەينەن تەدبىقلىدى.

ھالېسلىق ئالىكساندىر –پائال ئەقىل تېمىسىدا ئىبن سىناغا قارشى چىقتى، زات بىلەن بىلەن ۋۇجۇدنىڭ پەرقى تېمىسىدا ئۇنىڭغا قوشۇلمىدى. لېكىن، ئۇ تۇيغۇلارنىڭ رولى ھەققىدە ئىبن سىنانىڭ پىكرىنى ئەينەن قوبۇل قىلدى. ئالېكساندىر 1170-1180-يىللاردا پارىژغا كەلگەن بولۇپ، بۇ چاغدا گرېگوئىرې Ⅸنىڭ قارارى بىلەن ئارىستوتېل ۋە ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى چەكلىمە بىكار قىلىنغان ئىدى. ئۇ فرانسىسكېن مەكتىپىگە تېئولوگىيە مۇئەللىمى بولۇپ كىردى. «Summa Universae theologlae» دېگەن بىر ئەسەر يازدى. ئۇ ئابىستراكىتلىق مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ تۇيغۇلارنىڭ رولى ۋە تۇيغۇ شەكىللىرىنىڭ ئابىستراكىتلىقى ھەققىدە ئىبن سىنانىڭ پىكرىگە قوشۇلدى. ئىبن سىنا تەرىپىدىن بايقالغان ۋەھىمە سىزىش ئىقتىدارىنى «ئىستىمەيت» (مۆلچەرلەش، تەخمىن قىلىش دېگەن مەنىدە –ت ) دېگەن نام بىلەن ئاتىدى.

جون دېلا روچېل –پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ھالېسلىق ئالېكساندىرنىڭ ئورنىغا چىققان جون دېلا روچېل زات بىلەن ۋۇجۇدنىڭ پەرقى تېمىسىدا ئىبن سىنانىڭ پىكرىگە ئانچە قوشۇلمىدى. جون بۇ پەرقنى ماددا بىلەن شەكىل ئوتتۇرىسىدىكى پەرقكە ئارىلاشتۇرىۋەتكەن ئىدى. لېكىن، ئىبن سىنانىڭ «ئورتاق تۇيغۇ» ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلدى، ھەتتا بۇنى ج . داماسسېن بىلەن ست ئاگۇستىننىڭ تەبىئىي ئىقتىدار ھەققىدىكى قاراشلىرى بىلەن بىر خىل دەپ قارىدى. جون دېلا روچېل ئەقىلنىڭ رولى ھەققىدە ئىبن سىنا ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇماتنى ھەتتا كەلتۈرگەن مىساللىرى بىلەن قوشۇپ نەقىل ئالدى. ئىبن سىنانىڭ ئەقىلنىڭ تەسنىفى ھەققىدىكى قاراشلىرى تامامەن ئۇنىڭ ئەسىرىدە بار.

ئائۇكسېرلىق جۇئىلېئۇم –1145-1241-يىللاردا ياشىغان پاپا گرېگورىئې Ⅸ1231-يىلى ئارىستوتېل ۋە مۇسۇلمان شەرھىيچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشنى چەكلىدى. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى پاپانىڭ قويغان چەكلىمىسى سەۋەبىدىن ئائۇكسېرلىق جۇئىلېئۇمنى رىمغا ئەۋەتتى. ئارىستوتېل ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلدى. ئائۇكسېرلىق جۇئىلېئۇم ئىبن سىنانىڭ پائال ئەقىل ۋە سۇدۇر تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىن.

روبېرت گروسسېت (1170-1253) –ست ئاگۇستىنچى بىر ئەنئەنىگە باغلىنىپ قالغان بولسىمۇ، زات بىلەن ۋۇجۇدنىڭ پەرقى ھەققىدە ئىبن سىنانىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلدى. ست ئاگۇستىنچى ئەنئەنە مۇرەككەپ بىر قۇرۇلمىغا ئىگە ئىدى. ئىبن سىنانىڭ تەسىرى مەسىلىسىدە ئۇلار ئىككى گۇرۇھقا ئايرىلدى. بىر تەرەپتە ئاۋېرگنلىق جۇئىلېئۇم، روبېرت گروسسېت، يەنە بىر تەرەپتە ھالېسلىق ئالېكساندىر، جون دېلا روچېل ۋە ست بۇناۋېنچېر قاتارلىق كىشىلەر بار ئىدى.

روگېر مارىستون –فرانسىسكېن مەكتىپىگە مەنسۇپ ئىدى. پائال ئەقىل تېمىسىدا ئۇمۇ ئىبن سىنادىن ئىلھام ئالدى. ئىبن سىنانىڭ شەرھىيلىرىدىن پايدىلىنىپ ئارىستوتېل بىلەن ست ئاگۇستىننىڭ پىكرىنى بىر-بىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشتى.

ست بۇناۋېنچېر (1221-1274) –پائال ئەقىل ۋە ئىرادە ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ئىبن سىنانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. بولۇپمۇ «ئۇچقان ئادەم» دېگەن ئۆرنەكنى قوللىنىپ روھنىڭ تەپەككۇر قىلىدىغان بىر جەۋھەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ست بۇناۋېنچېر روھ بىۋاسىتە پائال ئەقىلگە ئىگە دېگەن قاراشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ تەڭرىنىڭ ھەر مەۋجۇداتقا ئۆز ھەرىكىتىگە ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىدىغان ئىقتىدار بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئىبن سىنانىڭ پىكىرلىرىنى تەكرارلىدى.

ئېكخارد (1260 –1327) –ئىبن سىنانىڭ مەۋجۇتلۇق نەزەرىيىسىنىڭ غەربتە كۈچلۈك نوپۇزغا ئىگە ئىكەنلىكى 14-ئەسىردە كۆلندە «ھىكمەت كىتابى» ھەققىدە شەرھ يازغان ئېكخاردنىڭ ئەسىرىدە تېخىمۇ ئېنىق شەكىلدە كۆرۈلدى. ئۇ زات بىلەن ۋۇجۇدنىڭ ھەربىر نەرسىدىكى پەرقىگە ئائىت قاراشنى قوللاندى.

دانس سكوت (1270-1308) -مەۋجۇتلۇق تېمىسىدا ئىبن سىنانىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلدى. ھېنرى دې گانتمۇ دانس سكوت بىلەن ئوخشاش يولدا ماڭدى.

ۋايتېل دې فور (1327-ئالەمدىن ئۆتكەن) مەۋجۇتلۇق نەزەرىيىسى ھەققىدە ئىبن سىنانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئەسىرىدىكى بارلىق مۇھىم ھۆكۈملەر ئىبن سىنانىڭ ئەسەرلىرىدىن ئېلىندى. ئۇ ئايرىم بىر پائال ئەقىل تېمىسىدا ئىبن سىنادىن ئىلھام ئالدى.

ست ئانسېلمۇس (1033-1109) –ئانتولوگىيىلىك دەلىلنىڭ مەشھۇر ئىجادچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ست ئانسېلمۇسنىڭ دەلىللىرىنىڭ مەنبەسى ئىبن سىنانىڭ ئەسەرلىرىدە بار.

ئىسپانىيىلىك پىئېر (1220-1277) –پاپا بولۇشتىن بۇرۇن يازغان «anima libre de » دېگەن كىتابىدا ئىبن سىنانىڭ پائال ئەقىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېنىقلىمىلىرىنى قوللاندى. ئۇ غەربتە مىستىك ئىلىمدە پەلسەپىنى قوللانغان كىشى ئىدى.

مارسىل فايسىن (1433-1499) –ئىبن سىنانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇ ئىبن سىنانىڭ پائال ئەقىل نەزەرىيىسى بىلەن ست ئاگۇستىننىڭ «ئايدىڭلاشتۇرغۇچى تەڭرى» چۈشەنچىسىنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇردى.

روگېر باكون «1214-1294) –دوكتۇر مىرابىلىس («مۆجىزىلىك ئۇستاز» دېگەن مەنىدە –ت ) دېگەن لەقەم بىلەن تۇنۇلغان ر . باكون «opus majus» ناملىق ئەسىرىدە ئىبن سىنانىڭ «پەۋقۇلئاددە نەرسىلەرنى ۋە ئۇچۇق بىر ھەقىقەتنى يازغانلىقى» نى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئارىستوتېلنى فارابى بىلەن ئىبن سىنانىڭ ئەسىرىگە ئاساسەن چۈشەندۈردى. باكوننىڭ قارىشىچە، ئىبن سىنانىڭ بۈيۈكلىكى روھنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقى، جەسەتلەرنىڭ ئاخىرەتتە بىر يەرگە توپلىنىدىغانلىقى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقى قاتارلىق ھەقىقەتلەر ئارقىلىق ھەر كىشىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغانلىقىدۇر. روگېر باكون بىلىمنىڭ يەر يۈزىگە تۆت قېتىم چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغان قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىلىم ئىككى قېتىم ئىبرانى تىلىدا تولۇق چۈشۈرۈلگەن، بۇنىڭ بىرى پاترىكلەر ۋە پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق، يەنە بىرى بۈيۈك ھېكىم سۇلەيمان ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن، ئىككى قېتىم تولۇق بولمىغان ھالدا چۈشۈرۈلگەن، بۇنىڭ بىرى يۇنان تىلىدا ئارىستوتېل ئارقىلىق، يەنەبىرى ئەرەب تىلىدا ئىبن سىنا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن. بۇ خىل ئىپادىلەرنى قوللانغان باكون يەنىلا ست ئاگۇستىنچى ئەنئەنە ئىچىدە قالغان.

ئالبېرت لې گراند ياكى بۈيۈك ئالبېرت (1193-1280) –ئىبن سىنانىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان پەيلاسوپ. ئىبن سىنانىڭ «نەفەس » تە بىلگۈچى ۋە ياراتقۇچى كۈچلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىشى بىلەن ئەقىلنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكى ھەققىدە سۆزلىگەنلىرى بۈيۈك ئالبېرتنىڭ ئەسىرىدىمۇ چېلىقىدۇ. ئۇ، بۇ ئۇقۇملارغا «intellectus operatives»، «intellectus specukatves» دېگەن ناملارنى بەرگەن. ئۇنىڭ چۈشەنچە بىلەن ھادىسەنىڭ پەرقى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئىبن سىنانىڭكىگە ئەينەن ئوخشايدۇ. ئالبېرت «summa de creatures» دېگەن ئەسىرىدە ئالەمنىڭ يارىتىلىشى ۋە ئەزەلىيلىكى ھەققىدە ئارستوتېلنىڭ پىكىرلىرىگە تايانغان بولسا، كېيىن ھادىسىلەر ھەققىدە ئىبن سىنانىڭ پىكىرلىرىگە تاياندى. ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدىمۇ ئىبن سىنا بىلەن بىر پىكرىدە بولدى. ئۇ، پەرىشتىنىڭ ئۆزلۈكى دەل ئۇنىڭ تەبىئىتىدۇر، بۇ تەبىئەت ئارقىلىق تەركىبكە كىرگىنى دەل مەۋجۇتلۇقىدۇر. شۇ ئارقىلىق ئۇ بىر پۈتۈنلۈك ۋە بىر خاسلىق يارىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئالبېرت گراندنىڭ مەۋجۇتلۇق نەزەرىيىسى ھەققىدە ماڭغان يولى ئىبن سىناچى بىر يول ئىدى.

ست توماس ئاكۋىن (1227-1274) –ئاكۋىنلىق مۇقەددەس تۇماس دېگەن نام بىلەن تونۇلغان توماس ئاكۋىن ئوتتۇرا ئەسىر ياۋرۇپاسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك پەيلاسوپلىرىدىن بىرى. دومىنىكېن مەكتىپىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇ ئالبېرت لې. گراندنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ ھەم ئىبن سىنانى تەنقىد قىلغان ھەم ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئەڭ كۆپ ئىستات ئېلىش ئارقىلىق ئۆز چۈشەنچىسىنىڭ ئاساسلىرىنى تىكلىگەن پەيلاسوپ. ست توماسنىڭ «كاپىرلارغا قارشى» ۋە «تېئولوگىيە تىزىسلىرى» دېگەن ئەسەرلىرىدە لاتىنچە شەكىل بىلەن تىلغا ئالغان ھەقىقەت ئۇقۇمى ئىبن سىنانىڭ ئۇقۇمى ئىدى. ئىبن سىنا ھەقىقەتنىڭ زىھىندە ئەمەس، پەقەت نەرسىدە بولىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، «ھەر نەرسىنىڭ ھەقىقىتى ئۆزىگە ئۇيغۇن بولغان مەۋجۇتلىقىدۇر» دېگەن ئىدى. ست توماس ھەقىقەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر كۈللىيلىك (ئۇنىۋېرساللىق) تېمىسىدا ئىبن سىنا بىلەن تامامەن ئوخشاش پىكىردە بولدى. چۈنكى نەرسىدىكى مەۋجۇت شەكىل زېھنىي ھەرىكەت ۋاستىسى بىلەن ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ ۋە قايتا بىر قېتىم زىھىندە مەۋجۇت بولغاندا زېھىن ئۇنىڭغا كۈللىيلىك ئاتا قىلىدۇ. ست توماس ئىبن سىناغا ئوخشاش مەۋجۇتلۇق بىلەن جەۋھەر ئوتتۇرىسىدا مەنتىقىلىق ئەمەس، ھەقىقىي بىر پەرق بار دەپ قارايدۇ، مەلەكلەرنىڭ روھىي (دىنىي) ۋە نۇرانىي (نۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك –ت) مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە ماددىدىن ئايرىم تۇرىدىغان بىر قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ قىيامەت، روھلارنىڭ توپلىنىشى، روھ بىلەن بەدەننىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىبن سىناغا يېقىنلاشتى. ئىبن رۈشتۈ «Contra Averroist» دېگەن ئەسىرىدىكى تەنقىتلىرىدە ئىبن سىنانىمۇ تەنقىتلىدى. ئۇ «De Potentia» دېگەن ئەسىرىدە ئىبن سىنانىڭ ئالەمنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدىكى قارىشىنى رەت قىلدى.

ست توماس زات بىلەن ۋۇجۇد ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەربىر مەۋجۇداتتا بولۇشى مۇمكىن بولغان، ئامما زۆرۈرىي بولمىغان زات پىكرىنى ئانالىز قىلىشتا ئىبن سىنادىن پايدىلاندى. ست توماس تەڭرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئائىت دەلىلنى مىتافىكىزىغا مەنسۇپ قىلىش خۇسۇسىدا ئىبن سىنا بىلەن بىر خىل پىكىردە بولدى.

كاردىنېل سېجىتېن –1493-1494-يىللاردا پادۇئا ئاكادېمىيىسىدە ست توماسنىڭ «De Ente it Essentia» دېگەن ئەسىرىنى شەرھىيلىگەندە دائىم ئىبن سىنانىڭ ئىسمى تىلغا ئالغان.

جېئۇن دې ست توماس –1630-1643-يىللاردا ئالكالا ۋە مادرىددە دەرس ئۆتكەندە، پات-پات ئىبن سىنادىن سۆز ئاچقان. بۇ دەرسلىك 1637-يىلدىن ئېتىبارەن مادرىد، كۆلن، رىم ۋە ليوندا نەشر قىلىندى. 19-ئەسىردە پارىژدا يېڭىدىن بېسىلدى. 1930-يىلىدىن ئېتىبارەن «تومىستىك پەلسەپە دەرسلىرى» دېگەن نام بىلەن تۇرىندا نەشىر قىلىنىپ كەلدى.

يېڭى دەۋر (ېيقىنقى زامان) پەيلاسوپلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى

ئىبن سىنا يالغۇز ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ پەيلاسوپلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى يەنە رۆنېسانىس دەۋرى بىلەن 18-ئەسىردىكى پەيلاسوپلارنىڭمۇ كۆپچىلىكىگە تەسىر كۆرسەتتى. بۇ خۇسۇسنى ئوردېناريۈس، پروفېسسور ئىزمىرلىق ئىسمائىل ھاققىمۇ بىلدۈردى.

17-ئەسىردە بايقالغانلىقى سۆزلىنىدىغان سۇ ۋە ھاۋانىڭ بېسىم كۈچى ھادىسىسىنى يەتتە ئەسىر بۇرۇن ئىبن سىنا «نەجات» ناملىق كىتابىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇ ھاۋانىڭ بېسىم كۈچى ھەققىدىكى تېمىنى ئىتالىيان فىزىكىچىسى تورچېللى (1608-1647)دىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويدى. فرانسۇز مۇتەپەككۇرى مارىئوت (1620-1680) بولسا 1678-يىلى ھاۋانىڭ بېسىم كۈچى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدەك، تەن بىلەن روھنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ھەققىدە بۈگۈنكى كۈندە غەرب چۈشەنچىسىدە ئورۇن ئالغان بەزى قاراش ۋە شەرھىيلەرنى ئىبن سىنانىڭ ئەسىرىدە ئۇچرىتىمىز.

رېنې دېسكارتېس (1596-1650) –ئىبن سىنانىڭ روھنىڭ بىر جەۋھەر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئارقىلىق دېسكارتېسقا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى لۆۋېنتېل، فۇرلانى ۋە گوئىچون تەرىپىدىن تىلغا ئېلىندى. «ئويلىنىۋاتىمەن، ئۇنداقتا مەن بار» دېگەن ئىپادىلىرى ئىبن سىنانىڭ «ئۇچقان ئادەم» دېگەن مېتافۇراسىغا شۇنداق يېقىن كېلىدۇ. دېمەك، دېسكارتېسنىڭ ئۇنى بىلىدىغانلىقى زور ئىھتىماللىققا ئىگە. دېسكارتېسنىڭ «تۇغما تەسەۋۋۇر»، «زىھىن ئىجاد قىلغان سۈنئىي تەسەۋۋۇر»، «ئېرىشىلگەن تەسەۋۋۇر» دېگەن قاراشلىرى ئىبن سىنانىڭ تەسەۋۋۇرنى تۇيغۇدىن كەلگەن، خىيال كۈچىدىن تۇغۇلغان ۋە تەجرىبىدىن ھاسىل بولغان دېگەن قاراشلىرىنى ئەسلىتىدۇ.

لېيبنىز (1646-1716) –پەنلەرنى تۈرگە ئايرىش، ئىلىم تەھلىلى ۋە دىنامىستىك ئالەم چۈشەنچىسىدە ئىبن سىنا لېيبنىز ئۈچۈن يول باشلىغۇچىدۇر. ئىبن سىنانىڭ قارىشىچە ھەرىكەت جىسمانىي بىر كۈچنىڭ تەدرىجىي ھالدا چۈشەنچىدىن ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشىدۇر. بۇ ئۇقۇم لېيبنىزنىڭ «ئىزچىللىق » قارىشى بىلەن ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مەۋجۇتلۇقنىڭ ئويلىنىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىبن سىنا مۇشۇ قارىشى بىلەن بىلىمنىڭ ئويلىنىش ئارقىلىق ئاڭ ھالىتىدە مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان لېيبنىزگە يول باشلىغۇچى بولدى. ئەينى شەكىلدە لېيبنىزنىڭ ئوپتىمىزمى (ئۈمىدۋارلىق قارىشى –ت ) ئىبن سىنانىڭ مەۋجۇتلۇقتا ياخشىلىقنىڭ ئاساس، يامانلىقنىڭ ۋاقىتلىق بولىدىغانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق كۆرسەتكەن ئوپتىمىستىك قارىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئۇقۇملىرىنىڭ تارماقلىرى بىلەن «ئەزەلىي ئىنايەت» تېمىسىدا لېيبنىز ئىبن سىنانىڭ قاراشلىرىنى تەكرارلىدى. ئىبن سىنا بىلىم نەزەرىيىسىدە تۇيغۇ بىلەن تەجرىبىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. بۇ خۇسۇس ئەينى ۋاقىتتا لېيبنىزنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ كۆرۈلدى.

ئىممانۇئېل كانت (1724-1804) –ئىبن سىنانىڭ بىلىم نەزەرىيىسىدىكى تۇيغۇ بىلەن تەجرىبىنىڭ ئەھمىيىتى يەنە كانتنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ كۆرۈلدى. ئىبن سىنانىڭ ئەمەلىي ۋە نەزەرىيىۋىي ئەقىل تەسنىفى كانتنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئەينەن شەكىلدە بار. كانت ئەڭ يۈكسەك ئۇقۇم بولغان «تەڭرى» بىلەن «روھ»قا ئەمەلىي ئەقىل ئارقىلىق ئۇلاشقىنى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ئىبن سىنا بولسا نەزەرىيىۋىي ئەقىلنىڭ يۈكسەك دەرىجىسى بولغان «مۇقەددەسلىك» مەرتىۋىسى بىلەن ئۇلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كانتنىڭ «noemenon » بىلەن «fenomenon» ئۇقۇملىرى ئىبن سىنانىڭ «ھەقايقۇل ئەشيا» بىلەن «زەۋارىھۇل ئەشيا» ئۇقۇملىرىنىڭ لاتىنچە ئىپادىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بېركېلېي (1685-1753) –ئىبن سىنانىڭ «ئاللاھ زاتىنى بىلىدۇ، زاتىنى بىلىشى ھاياتنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇنىڭدا بىلگەن ۋە بىلىنگەن نەرسە بىر خىلدۇر» دېگەن پىكرى بېركېلېينىڭ «ھايات ئىدراك قىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر» دېگەن سۆز بىلەن خۇلاسىلىگەن ئىدىئالىزمىغا يول ئاچقان ئىدى.

جون لوك (1632-1704) –تەبىئىي جىسىملارنىڭ ئۆز زاتى بىلەن مەۋجۇت بولىدىغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىبن سىنا ئەسلىدە جون لوكنىڭ جىسىمنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى خىل خۇسۇسىيىتى ھەققىدىكى قارىشىغا ناھايىتى ئوخشاپ كېتىدىغان جىسىمغا خاس بىر خىل خۇسۇسىيەتنى نەزەردە تۇتقان ئىدى.

ھېنرى بېرگسون (1859-1941)-ئىبن سىنانىڭ پىسخىكىلىق دۇنيا بىلەن بىئولوگىيىلىك دۇنيا ئوتتۇرىسىدا ئېنىق بىر چەك بېكىتمىگەنلىكى بېرگسون بىلەن ئوخشاش بىر نۇقتىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكە سالىدۇ. بولۇپمۇ بېرگسوننىڭ intuitionچۈشەنچىسى، ماكىس شېللىر (1874-1929) نىڭ sympathieچۈشەنچىسىدە نەزەردە تۇتقانلىرى ئىبن سىنانىڭ بىلىمنىڭ پەقەت تېما بىلەن شەيئى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىەتتىن ئىبارەت بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئارزۇ بىلەن شەيئى ئوتتۇرىسىدىكى قوشۇلۇش ۋە سۆيگۈدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قارىشىنى ئەسلىتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا 19-ئەسىردىكى داڭلىق مەنتىقەشۇناس خامىلتونغا ئىبن سىنانىڭ يۈكلەمنىڭ خۇسۇسىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ، بۇ تېمىدا ئىبن سىنانىڭ پىكرىنى تەقلىد قىلدى.

خۇلاسە

يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتۈلگىنىدەك، ئىبن سىنا قاتارلىق ئىسلام تەپەككۇرىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ پىكىرلىرى لاتىنلار تەرىپىدىن ئۆگىنىلگەندە غەرب دۇنياسىدا يېڭى بىر پىكىر ھەرىكىتى باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن ياۋۇرپادا ئەمەلىي –تەجرىبىۋىي بىلىملەر ئۇقۇتىلىدىغان پارىژ (سوربون) ۋە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتلىرى قۇرۇلدى. بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە رۆنېسانىس ھەرىكىتى باشلاندى. ئىبن سىنانىڭ غەربكە كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ كۆلىمى ھەققىدە يەنە غەربلىك تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن بىلدۈرۈلگەن خۇسۇسلارنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىش يېتەرلىك. ئاننا مارىيا گوئىچون مۇنداق دەيدۇ :«ئىككى ئەسىر داۋامىدا بارلىق پەيلاسوپلىرىمىز مەيلى ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالسۇن، ياكى ئۇنىڭ پىكىرىلىرىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنسۇن ھامان ئىبن سىنانىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاشقا تىرىشتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خېلىلا چوڭقۇر، ئەمما ناھايىتى ئومۇمىي بىر تەسىر مەيدانغا كەلدى. بەزىدە ئۆتكۈنچى، بەزىدە ئىزچىللىققا ئىگە بولغان بۇ نەتىجىلەرنىڭ بەزىلىرى ھالا كۈنىمىزدىمۇ جانلىق ھالەتتە تۇرماقتا… ئىبن سىنانىڭ تەسىرى شۇ قەدەر كەڭ ۋە چوڭقۇر بىر تەسىر ئىدىكى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇتەپپەككۇرلىرىمىزدىن ھەرقانداق بىرى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىلسا، ئۇنىڭ ئىبن سىنا پەلسەپىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەتقىق قىلىنماي قالمايدۇ. ھەتتا بۇ تەتقىقاتلار قانچە چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلسا، ئىبن سىنانىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئاسانلا مۇراجىئەت قىلىدىغان بىر مەنبەسىلا ئەمەس، بەلكى يەنە پىكىر ساھەسىدىكى ئۇستازلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىمۇ شۇنچە ئېنىق كۆرۈلىدۇ. ئىبن سىنا ست ئاگۇستىن، ئارىستوتېل، بوئېس (480-525) ۋە ست جېئۇن داماسسېندىن كېيىن غەربلىكلەر چوڭقۇر ئىشەنچ بىلەن قارىغان، ناھايىتى يۈكسەك نوپۇزغا ئىگە بىر قانچە كىشىنىڭ بىرى ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇ مۇنازىرە قىلىندى ۋە بەزىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىندى، ئەمما ئۇنىڭ تەسىرى شۇنداق چوڭقۇر بولدىكى ئەگەر غەرب ئۇنى بىلمىگەن بولسا، غەرب تەپەككۇرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردە قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ھېچ بىرنەرسە بەلگىلىيەلمەيتتى.»

دې لاك ئولېر ئىبن سىنا قاتارلىق ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئۆتكەن ئانتىك پەلسەپەنىڭ ياۋرۇپادا قانداق بىر يۈزلىنىشنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن «…شۇنداق قىلىپ ھېلنېستىك مەدەنىيەت ئىسپانىيىدىكى غەربىي ئىسلام جەمئىيىتىگە كۆچتى، بۇ يەردە خۇسۇسىي بىر تەرەققىياتنى نامايەن قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن تەسىرىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھالدا خرىستىئان ۋە يەھۇدىي چۈشەنچىسىگە تەسىر كۆرسەتتى. نىھايەت شەرقىي شىمالىي ئىتالىيىدە چىركاۋغا قارشى بىر چۈشەنچە بىلەن ئەڭ ئاخىرقى تەرەققىياتىغا ئېرىشىپ رۆنېسانىسقا يول ئاچتى» دەيدۇ. غەرب چۈشەنچىسىگە قالدۇرغان تەسىرلەر خۇسۇسىدا فىلىپ ك. ھىتتى شۇلارنى تىلغا ئالىدۇ: «كۆپىنچە پەلسەپىۋىي پىكىرلەر ھالىتىدە غەربىي ياۋرۇپادا مەيدانغا كەلگەن بۇ ئېقىم ۋە قالدۇرۇلغان تەسىرلەر قاراڭغۇ دەۋر دېيىلىدىغان بىر دەۋرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئەسىر خرىستىئان سىكولاستىكىنىڭ سەھەر ۋاقتىغا ئايلاندى… بۇنىڭ سەمەرىلىك نەتىجىلىرىنى ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ غەرب دۇنياسىغا توپلىماقتا.»

مەنبەلەر:

Brehier, Emile, Histoire de la phılosophie(1-3), Paris, 1931-1932

Carra de Vaux,Avicenne, Paris, 1909.

Corbin, Henri, Histoire de la philosophie İslamique, Paris, 1964.

Gilson, Etienne, La philosophie Au Moyen age, Paris, 1947.

Goichon, A-M, La Distinctionde l’ Essence et de l’ existence d’ Apres Ibn Sina, Paris, 1937.

Goichon, A-M, La philosophie d’ Avicenne et son influence en Europe Medievale, 2, baskı, Paris, 1951, Çev. İsmail Yakıt, “İbn Sina felsefesi ve OrtaçağAvrupasındakıetkileri”, Ötüken Neşriyat, 3. baskı, İstanbul, 2000.

Hitti, Philip K, Siyasi ve Kültürel İslam tarihi, çev, S.Tuğ, 1980.

İbn Sina,Kitabu’n- Necat, Kahire, 1938.

İbn Sina, Tis’u Resail fi’l –Hikmet ve’t –Tabiiyyat, Kahire, 1908.

İzmirli, İsmail Hakkı, İslam mütefekkirleriyle Garp mütefekkirleri arasında mukayese, Ankara, 1964.

Karlığa Bekir, İbn Sina felsefesinin Batıfelsefesine etkileri, Uluslararasıİbn Sina sempozyumu(17-20 agustos 1983) bildirileri, Başbakanlık basımevi, Ankara, 1984.

Karlığa Bekir, İslam Düşüncesinin Batıdüşüncesine etkileri, Litera yayıncılık, İstanbul, 2004.

O’leary, De Lecy, İslam düşüncesi ve tarihteki yeri, Çev. H.Yurdaydın, Y. Kutluay, A.Ü.İlahiyat fakultesi yayınları, Ankara, 1971.

Ülken, H.Z, İslam Felsefesi, kaynaklarıve tesirleri, Türkiye İşbankasıKültür yayınları, Ankara, 1967.

Ülken, H.Z,Uyanışdevirlerinde tercümenin rolü, İstanbul, 1935.

Yakıt, İsmail,İbn Sina’da İnsan rohunun evrimi ve modern biyolojik düşünceye katkısı, uluslar arasıİbn Sina sempozyumu(17-20 agustos 1983) bildirileri, Başbakanlık basımevi, Ankara, 1984.