ئىلى دىيارىنىڭ ئۇيغۇرلار نوپۇسىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ئىلى دىيارى (بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئىلى دىيارى–ئىلى ۋادىسىنى، يەنىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ئىلى ۋىلايىتىنى كۆرسىتىدۇ) — ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ماكانلىرىدىن بىرى. ئىلى دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى بۇ يەردە ماكانلىشىپ تىرىكچىلىك قىلىپ ۋە بۇ دىيارنى گۈللەندۈرۈپ، ئۇنى ئىسمى–جىسمىغا لايىق يىراق–يېقىنغا مەشھۇر بولغان ئاۋات ۋە گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرغان.

ئىلى دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا بىز كۆرەلىگەن يازما مەنبەلەردە ئېنىق دېرەك يوق. بىزگە ھازىرچە مەلۇم بولغان بۇ ھەقتىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك يازما مەنبە 11–ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھېسابلىنىدۇ.

بىز «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئىلى ۋادىسىغا ئائىت بايانلاردىن ئىلى دىيارىدىن ئىبارەت بۇ قەدىمكى ماكاندا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى شەكىللەندۈرگەن قەبىلىلەر ۋە خەلقلەرنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئۇقالايمىز. سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن بىر نەچچە نەقىل كەلتۈرەيلى: «ئىلى–بىر دەريانىڭ نامى، ئۇنىڭ ئىككى قىرغىقىدا تۈرك قەبىلىلىرىدىن ياغما ۋە بىرقىسىم چىگىللەر ياشايدۇ. بۇ دەريا تۈرك ئەللىرىنىڭ جەيھۇنىدۇر» (1–توم 124–بەت). «تىللارنىڭ يېنىدىكى ئوغۇز تىلى، توخسى ۋە ياغما تىللىرى، شۇنىڭدەك ئىلى، ئېرتىش، يامار، ئېدىل ۋادىلىرىدىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىگىچە بولغان جايلاردا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ تىللىرىدۇر» (1–توم40–بەت). «قاز سۈيى، ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان چوڭ بىر دەريانىڭ ئېتى. مۇنداق ئاتاشنىڭ سەۋەبى، ئافراسىياپنىڭ قىزى ئۇنىڭ بويىدا بىر شەھەر بىنا قىلغان. بۇ ئىسىم ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان» (3–توم 206–بەت). «قاز–غاز» «قاز ئافراسىياپنىڭ قىزىنىڭ ئېتى بولۇپ، قازۋىن شەھىرىنى ئۇ بىنا قىلغان. بۇ سۆز ئەسلى ‹قاز ئويۇنى›دۇر، چۈنكى ئۇ قىز شۇ يەردە تۇراتتى ۋە ئوينايتتى. شۇڭا بەزەن تۈركلەر قازۋىننى تۈرك ئېلىنىڭ چېگرىلىرىدىن بىرى ھېسابلايدۇ» (3–توم 204–بەت). «قاياس–توخسى ۋە چىگىل شەھەرلىرىنىڭ ئېتى. ئۈچ قورغان مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ» (3–توم 236–بەت). «كەيگەن–قاياستىن ئىلى ۋادىسىغا ئاقىدىغان ئىككى دەريانىڭ ئېتى. ئۇنىڭ بىرسى ‹كىچىك كەيگەن› دېيىلىدۇ. بۇ كىچىك، يەنە بىرسى ‹ئۇلۇغ كەيگەن› دېيىلىدۇ، بۇ چوڭدۇر» (3–توم241–بەت). «كېمە ئىچرە ئولتۇرۇپ، ئېلا سۇۋىن كەچتىمىز، ئۇيغۇر تابا باشلانىپ، مىڭلاق ئېلىنى ئاچتىمىز ‹كېمە ئىچرە ئولتۇرۇپ، ئىلى سۈيىنى كەچتۇق بىز، ئۇيغۇر تەرەپكە يۈزلىنىپ، مىڭلاق ئېلىنى ئاچتۇق بىز›. كېمىگە ئولتۇرۇپ ئىلى سۈيىدىن (بۇ بىر چوڭ دەريا) ئۆتتۈق، ئۇيغۇرلار تەرەپكە يۈزلىنىپ مىڭلاق ئېلىنى ئالدۇق» (3–توم324–بەت).

تارىخ ۋە يەر–جاي ناملىرى تەتقىقاتچىلىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن يەر–جاي ناملىرىدىن «قاياس»نى ھازىرقى قورغاس ناھىيىسى دەپ، «قاز سۈيى»نى ئىلى دەرياسىنىڭ ئۈچ چوڭ مەنبەسىدىن بىرى بولغان قاش دەرياسى دەپ، «مىڭلاق ئېلى»نى ھازىرقى غۇلجا شەھىرى دەپ، «كەيگەن»نى ھازىرقى قورغاس ناھىيىسى كىگەن غولى دەپ قارايدۇ. بىز «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئىلى دىيارىدا ياشىغان تۈرك (ئۇيغۇر)خاقانى 12 مۆچەللىك يىل ھېسابىنى ئىجاد قىلغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلاردىن ھەم «تۈركىي تىللار دىۋانى»گە كىرگۈزۈلگەن نۇرغۇن سۆز–ئاتالغۇلارنىڭ ھازىرقى زامان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا ھېلىھەم ئەينەن ياكى قىسمەن ئۆزگەرگەن ھالەتتە قوللىنىۋاتقانلىقىدىن ئىلى دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا نامى مەشھۇر بولغان رىۋايەتتىكى شەخس ئافراسىياپ (ئالپ ئەرتۇڭا)نىڭ خاقان نامى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى، يەھۇدى ۋە ئىران رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7–ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ. دېمەك، يۇقىرىدىكى «ئافراسىياپنىڭ قىزىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان» دېيىلگەن قاش دەرياسىنىڭ نامى ۋە «ئافراسىياپنىڭ قىزى بىنا قىلغان» دېيىلگەن قاش يېزىسىنىڭ نامىنى 2600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ.

ئىلى دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەنلىكىگە ئائىت مەلۇماتلارنى باشقا تارىخىي مەنبەلەردىنمۇ تاپقىلى بولىدۇ. تارىخچى دوكتۇر رىزا نۇر مۇنداق دەپ يازىدۇ: «كونا زامانلاردىن بېرى تۈك تارانچىلىرى سارسۇ، ئىلى، تارىم، سىر، ئامۇ دەريالىرى كانارلىرىدا (قىرغاق، چەت، گىرۋەكلىردە) ۋە ئارىلىرىدا چۆپلەرنى سۇغارماق ئۈچۈن مۇھىم قاناللارنى ياپمىشلەر، ھوبۇبات ئەكمىشلەر (ئاشلىق، زىرائەت تېرىغان)، مېۋە ياغاچلىرى يېتىشتۇرمىشلەردۇر»، «ئىلى سۈيى — ‹ئىلى› تۈركچىدە ‹مەشھۇر› دېمەكتۇر» («تۈرك تارىخى»، 3–قىسىم 22–، 26–بەتلەر). بۇنىڭدىن «مەشھۇر» دېگەن مەنە بېرىدىغان ئىلى دىيارىدا قەدىمكى زاماندا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرىق–ئۆستەڭ چېپىپ، چۆپلەرنى سۇغارغانلىقى، زىرائەت تېرىغانلىقى، مېۋىلىك كۆچەت يېتىشتۇرگەنلىكى مەلۇم. بۇ پىكىرنى باشقا تارىخىي خاتىرىلەرنى تەستىقلايدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، تارىخى مىلادى 5–ئەسىردىن باشلاپ ھېسابلىنىدىغان قەدىمكى شەھەر—ئالمالىق شەھىرىنىڭ ئايلانمىسى 25كىلومېتىر بولۇپ، شەھەر ئىچىنى ئالملىق باغلار، ئۈزۈمزارلىقلار قاپلىغان، ئېتىزلىرىغا تۈرلۈك زىرائەتلەر تېرىلغان. ئالمالىق شەھىرىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار بولغان، بۇنى شەھەر نامىنىڭ ئۇيغۇرچە قويۇلغانلىقى (ئالمالىق—ئالملىق) ئۆز–ئۆزىدىن ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. 18–ئەسىردە ئۆتكەن جۇڭگو ساياھەتچىسى چاڭ دې «غەربكە قىلىنغان ساياھەت خاتىرىلىرى» دېگەن ئەسىرىدە سايرام كۆلى بويىدىكى سىمپىتوزىدىن ئۆتكەن چاغدىكى ئەھۋالىنى مۇنداق يازىدۇ: «… بۇ يەردىن ئۆتكەندىن كېيىن ئالمالىق شەھىرىگە باردۇق. شەھەر ئىچىدە سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ» («ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئومومىي ئەھۋالى»، 67–بەت). چاڭ دې «ئالمالىق شەھىرىنىڭ ‹كوچىلىرى رەتلىك ھەم سۇلىرى راۋان› دېگەن» («تارىخىي رەشىدى»نىڭ ئېنگلىزچە نەشرىگە مۇقەددىمە، خەنزۇچە نەشرى، 1–قىسىم 70–بەت). ئىلى دىيارىدا قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دىيارنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»1–قىسىم، «قاراخانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىيات جەريانى ۋە يەر–جاي ناملىرى تەتقىقاتى» قاتارلىق كىتابلاردىمۇ قەيت قىلىنىدۇ.

ۋاھالەنكى، ئىلى دىيارىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى نوپۇسىغا دائىر يازما ماتېرىياللار ھازىرغىچە قولىمىزدا يوق. ھازىر ئىلى دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا ئائىت بار مەلۇماتلار 1755–يىلىدىن باشلىنىدۇ. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى 1755–يىل 3–ئايدا غەرب ۋە شىمالدىن ئىلىغا كىرگەن چاغدا «ئىلى تەۋەسىدە جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدىن 4400 تۈتۈن، 16مىڭ جان ئەتراپىدا كونا تارانچىلار قېپقالغانىدى (چۈنكى شىمالىي شىنجاڭدا ئامورسانا، جەنۇبىي شىنجاڭدا چوڭ–كىچىك خوجىلار توپىلىڭى تىنجىتىلغاندىن كېيىن موڭغۇللار زورلاپ كۆچۈرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كونا يۇرتى –جەنۇبىي شىنجاڭغا قايتىپ كەتكەنىدى)» (ئابلىمىت مۇھەممىدى: «ئىلى يېقىنقى زامان كۆچمەنلىرى ھەققىدە»، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2001–يىللىق 5–سانى، 87–بەت). تارىخ ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭغار خانلىقى (1640–1757) قۇدرەت تاپقان مەزگىلدە نوپۇسى 280مىڭ قارائۆي (تۈتۈن)، 600مىڭ جانغا يەتكەن، ئۇزاق يىللىق ئىچكى مالىمانچىلىق 18–ئەسىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ قوغلاپ قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە ئاھالە ئېغىر دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئىلىغا كۆچۈرۈشكە كىرىشكەن. ئىلىغا ئاھالە كۆچۈرۈش «1760–يىلى باشلاندى. شۇ يىلى ئاقسۇدىكى ئىش بېجىرگۈچى ئامبال ئاگۇي 300تۈتۈن ئۇيغۇرنى باشلاپ ئىلىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى چۇلۇقاي (ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسى دائىرىسىدە)غا ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئۇلارغا ئۆستەڭ چاپقۇزۇپ، بوز يەر ئاچقۇزدى». «1768–يىلىغا كەلگەندە، ئىلى رايونىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ سانى 6383تۈتۈنگە يەتتى» (ليۇزىشىياۋ: «ئۇيغۇر تارىخى»، 1–قىسىم، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987–يىل نەشرى، 1000–، 1001–بەت). قازاقىستاندا ئۆتكەن تەتقىقاتچى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىداتى ئەرشىدىن (ئەرشەم)ھىدايەت ئوغلىمۇ ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى ئىلىغا كۆچۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس ماقالە يازغان. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە ئىلىغا ئاھالە كۆچۈرۈش 1760–يىلى باشلانغان. شۇ يىلى ئاقسۇ شەھىرىدىن 300ئۆيلۈك ئۇيغۇر كۆچۈرۈلگەن. 1767–يىلىغىچە ئۇچتۇرپان، خوتەن، ياركەند (يەكەن)، قۇمۇل ۋە باشقا شەھەرلەردىن 6000ئۆيلۈك ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن. بۇ كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئىلىدا تۆۋەندىكىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان:

1. قاينۇققا 600 ئائىلە؛ 2.قاشقا 500 ئائىلە؛ 3.بولوبورغۇسقا 1100 ئائىلە؛ 4.جىرغىلاڭغا 900 ئائىلە؛ 5.تاش ئۆستەڭگە 400 ئائىلە؛ 6.بايتوقايغا 600 ئائىلە؛ 7.خونۇخايغا 800 ئائىلە؛ 8.داردامتوغا 500 ئائىلە؛ 9.ئارا ئۆستەڭگە 600 ئائىلە بولۇپ جەمئىي 6000 ئائىلە.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ 6000 ئۆيلۈك ئۇيغۇردىن تاشقىرى، يەنە 2000 ئۆيلۈك ئادەم ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن. بۇلار نىلقا، توققۇزتارا ۋە باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدىن شۇ مەزگىلدە جەمئىي 8000 ئۆيلۈك ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن («تىل، ئەدەبىيات ۋە تارىخ مەسىلىلىرى»، «قازاق ئېلى» ژۇرنىلى نەشرىياتى، 1948–يىل نەشرى، 78–79–بەتلەر).

يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن «ئىلى يېقىنقى زامان كۆچمەنلىرى ھەققىدە» دېگەن ماقالىدا بۇ قېتىمقى ئىلىغا ئاھالە كۆچۈرۈش تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغان: «1761–يىلى چاغاتايدىن كېيىن ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 500 تۈتۈن ئۇيغۇر دېھقان ئىلىغا چىقتى (تەركىبى: ئاقسۇدىن 160 تۈتۈن، ئۇچتۇرپاندىن 120 تۈتۈن، دولاندىن 150 تۈتۈن، كۇچادىن 30 تۈتۈن، سايرامدىن 13 تۈتۈن، بايدىن 13 تۈتۈن، شاياردىن 14 تۈتۈن). 6–ئايدا يەنە 200 تۈتۈن ئۇيغۇر دېھقان ئىلىغا چىقتى. 1763–يىلى ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، قەشقەر، قاراشەھەر، دولان، يەكەن، خوتەن، سايرام، باي، كۇچار، شايار قاتارلىق جايلاردىن 1500 تۈتۈن ئۇيغۇر دېھقان ئىلىغا كۆچۈرۈلدى». «‹غەربىي يۇرت تەزكىرىسى› 321–جىلدىدا 1768–يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار 6404 تۈتۈن، 20مىڭ 356جانغا يەتتى دېيىلگەن» («ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2001–يىللىق 5–سانى، 87–بەت). ئىلىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق شائىر موللا بىلال موللا يۈسۈپ (1825–1900) ئۆزىنىڭ «غازات دەر مۈلكى چىن» ناملىق تارىخىي داستانىدا بۇ ئەھۋالنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

كى چاڭلۇڭ(چيەنلۇڭ 1736–1795) دېگەن خان زامانە يېتىپ،

ئىلا شەھىرىگە نەچچە كۆچمەن چىقىپ.

كۇچار بىرلە ئاقسۇ، شايار، بايدىن،

كى ياركەند، كاشىغەر، خوتەن سارىدىن.

(«شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ 1995–يىللىق 2–سانى، 8–بەت)

يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن باشقا جايلاردىن ئىلى دىيارىغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بارغانسېرى كۆپەيگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ جياچىڭ (1796–1820) 9–يىلى (مىلادى 1804–يىلى) ئۇلارنىڭ نوپۇسى 35مىڭغا يەتكەن. ئۇلار ئىلىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە قان–تەر تۆكۈپ، شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ، سۇ ئىنشائاتلىرىنى ياساپ، ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈپ، ئىلىنى يىراق–يېقىنغا مەشھۇر بولغان گۈزەل دىيارغا ئايلاندۇرغان. 19–ئەسىرنىڭ 70–يىللىرىغا كەلگەندە، ئىلى دىيارىنىڭ ئومومىي نوپۇسى 100مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن «غازات دەر مۈلكى چىن» داستانىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ چاغدا ئىلى دىيارىدا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزىلار «ھەشتاد كەنت» (80كەنت)كە يەتكەن.

1864–يىلى ئىلىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەھشەتلىك زۇلىمىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەن. قوزغىلاڭ غەلىبە قىلىپ، ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلۇپ، قوزغىلاڭ غەلىبە مېۋىلىرى تېخىمۇ كېڭەيتىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان پەيتتە، چار رۇسىيە قوشۇنلىرى 1871–يىلى ئىلىنى بېسىۋالغان. مۇشۇ مەزگىلدە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر خاتىرىلەنگەن روسىيىلىك م.ئا.تېرېنتىيېفنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇش تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ 2–تومىدىكى ئىلىنىڭ 1871–يىلىدىكى نوپۇسى ھەققىدىكى مەلۇمات يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىلى دىيارىنىڭ شۇ چاغدىكى ئومومىي نوپۇسى 102مىڭ 910، بۇنىڭ ئىچىدە تارانچىلار (ئۇيغۇرلار)نىڭ نوپۇسى 38مىڭ 211، تۇنگانلار (خۇيزۇلار)نىڭ نوپۇسى 5130، قىرغىزلارنىڭ نوپۇسى 22مىڭ 344 (بۇ سان قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ نوپۇسى بولسا كېرەك)، موڭغۇللارنىڭ نوپۇسى 17مىڭ 954، شىبەلەرنىڭ نوپۇسى 15مىڭ 481، خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 3373، مانجۇلارنىڭ نوپۇسى 450 (سودا نەشرىياتى، 1983–يىل، بېيجىڭ، خەنزۇچە نەشرى، 3–باب، 57–بەت). تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 1871–يىلى روسلار غۇلجىنى ئىشغال قىلغاندا، غۇلجىدا 8000 غا يېقىن نوپۇس بارئىكەن (ۋ.ۋ.بارتولد: «غۇلجا»، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى، 1995–يىللىق 3–سان، 48–بەت).

چار روسىيە ئىلىنى 1871–يىلىدىن 1881–يىلىغىچە ئون يىل ئىشغال قىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، سانكىت پېتېربورگتا ئىمزالانغان «جۇڭگو–روسىيە ئىلى شەرتنامىسى» بويىچە ئىلىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەرگەن. ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان قوزغىلاڭچىلاردا ساقلانغان مانجۇلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەش روھى ھالىتى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە خۇيزۇلاردىن نەچچە ئون مىڭ ئادەم روسىيە زېمىنىغا كۆچكەن. بۇ ۋەقە ئىلى تارىخىدا «كۆچ–كۆچ» دەپ ئاتالغان. «كۆچ–كۆچ»تىن كېيىن ئىلى دىيارىنىڭ ئۇيغۇرلار نوپۇسى خېلىلا ئازىيىپ كەتكەن. يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىداتى ئەرشىدىن ھىدايەت ئوغلىنىڭ «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەتتىسۇغا كۆچۈشى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدا «كۆچ–كۆچ»نىڭ باشلانغان، ئاخىرلاشقان ۋاقتى، يەتتەسۇغا كۆچۈپ چىققان ئائىلە–جان سانى، ئورۇنلاشقان جايلىرى، ئۇلارنىڭ ياقا–يۇرتتىكى تۇرمۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار مۇپەسسەل بايان قىلىنغان. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەتتىسۇغا كۆچۈشى 1881–يىلىدىن باشلىنىپ، 1883–يىلى 3–ئاينىڭ 15–كۈنى توختىغان. ئىلىدىن يەتتەسۇ رايونىغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار 9748 ئائىلە (45مىڭ 373جان)، خۇيزۇلار 1147 ئائىلە (4682جان) بولۇپ، جەمئىي 10مىڭ 899 ئائىلە (50مىڭ 55جان). بۇلاردىن 2479 ئائىلە (9489جان) ياركەنت بولۇسىغا، 1234 ئائىلە (5933جان) ئاقسۇ–چارىن بولۇسىغا، 760 ئائىلە (3887جان) كەتمەن بولۇسىغا، 1442 ئائىلە (7262جان) مالىباي بولۇسىغا، 1548 ئائىلە (5598جان) قاراسۇ بولۇسىغا ئورۇنلاشقان («تىل–ئەدەبىيات ھەم تارىخ مەسىلىلىرى»، «قازاق ئېلى» ژۇرنىلى نەشرىياتى، 1948–يىل نەشرى، 91–، 92–بەتلەر).

«ئىلى تارىخى»، «ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلەردىمۇ بۇ قېتىمقى «كۆچ–كۆچ» ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بار. ئىلىدا ئۆتكەن تارىخچى، تىلشۇناس ئىمىنجان باھاۋۇدۇن (1897–1948)نىڭ «ئىلى تارىخى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئاخىرقى قىسمى (5–قىسمى)دا 19–ئەسىرنىڭ 80–يىللىرىدا ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە خۇيزۇلارنىڭ يەتتەسۇ رايونىغا كۆچۈش جەريانى بايان قىلىنغان. ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىلى دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە خۇيزۇلارنىڭ يەتتەسۇ رايونىغا كۆچۈشى يۇقىرىقى ئۆستەڭدىن ئابابەكرى بولۇس، روزى بولۇس، سوپى نىياز، تۆۋەندىكى ئۆستەڭدىن موللا ئابدۇللا بولۇس، مۇھەممەد ئەلى قاتارلىق 24 ئۇيغۇرنىڭ، ئايۇب، ئىسھاق قاتارلىق تۆت خۇيزۇنىڭ مۆھرى بېسىلىپ، روسىيىگە كۆچۈش توغرىسىدا يەتتەسۇ ۋىلايىتىنىڭ گېنىرال–گوبېرناتورىغا (باش ھەربىي ۋالىيسىغا) يېزىلغان ئىككى ئەرزمۇ يەتتەسۇ گوبېرناتورى كولپاكوۋېسكىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بولغان. «كۆچ–كۆچ» 1881–يىلى كۈزدە باشلىنىپ، 1883–يىلى 3–ئاينىڭ 10–كۈنى توختىغان. شۇ چاغدا تەشكىللەنگەن بىر ئالاھىدە كومىسسىيە كۆچۈشنى خالىغانلارنىڭ ھېسابىنى ئالغان. كۆچمەكچى بولغانلار: ئۇيغۇرلار 11مىڭ 356 تۈتۈن، خۇيزۇلار 1308 تۈتۈن، جەمئىي 12مىڭ 673 تۈتۈن (تەخمىنەن 51مىڭ جان) بولغان. ئىلى دىيارىدا كۆچمەي قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1700 تۈتۈن ھېسابىدا بولغان. يەتتەسۇ رايونىغا كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردىن 4000تۈتۈن كىشى بەش يىل ئىچىدە يۇرتلىرىنى سېغىنىپ (ئۇ يەردە ئوقەت قىلالماي) ئىلىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇلار بۇرۇنقى ئۆز جايلىرىغا ئىگە بولغان. غۇلجىدىكى خونىخاي يېزىسىنىڭ نوپۇسى 839 تۈتۈن بولغان، بۇنىڭ 675 تۈتۈن يەتتەسۇ رايونىغا كۆچۈپ چىققان («شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى، 1996–يىل 2–سان، 46–، 48–، 52–بەتلەر). ئىلىدا ئۆتكەن مائارىپچى، تارىخچى ئابدۇللا غوجامبىر (1883–1965)نىڭ «ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تارىخى» ناملىق ئەسىرىدىمۇ بۇ قېتىمقى چوڭ كۆچۈشكە ئائىت مەلۇماتلار بار. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، يەتتەسۇ رايونىغا ئىلى دىيارىدىن 44مىڭ جان ئۇيغۇر كۆچۈپ چىققان. كەتمەن دائىرىسىدىكى 7000–8000 جان ئاھالە كۆچمەي، روس تۇپرىقىدا قالغان. يەتتەسۇ رايونىغا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار ياركەنت، ئالمائاتا ئۇيازلىرىغا (توغرىسى ئۇ يېزد، يەنى ناھىيە) ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يۈزلەپ ئائىلە مەرۋە ياققا ئېلىپ بېرىلىپ، بەيرەمئەلى مەنزىلىگە يېقىن ئاقتام يېزىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. «كۆچ–كۆچ»تىن كېيىن ئىلى دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئىنتايىن ئازىيىپ كەتكەن. خونىخاي سەككىزيۈزگە ئوخشاش بەزى ئۆستەڭلەرنىڭ خەلقى پۈتۈنلەي يەتتەسۇ رايونىغا كۆچۈپ كەتكەن. غۇلجا ئەتراپىدىكى يېزىلارنىڭمۇ خېلىسى بوشاپ قالغان. بۇلارغا ئالتە شەھەرلىك يېڭى كۆچمەنلەر ئورۇنلاشقان (ئابدۇللا غوجامبىر: «ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تارىخى»، قوليازما).

بۇ قېتىمقى چوڭ كۆچۈش تۈپەيلىدىن ئىلى دىيارىدىكى نۇرغۇن كەنت–مەھەللىلەر ئادەمسىز، ئېتىز–ئېرىقلار تېرىقسىز قالغان. «مەسىلەن، غۇلجا ناھىيىسىگە قاراشلىق جېلىليۈزىدە 400 تۈتۈندىن ئارتۇق ئاھالىدىن پەقەت 12 تۈتۈن قالدى، خۇداقۇلى يۈزىدە 100 تۈتۈندىن ئارتۇق ئاھالىدىن بار–يوقى ئالتە تۈتۈنلا قېلىپ، كېيىنچە بۇ يەر ‹ئالتە ئۆي› دەپ ئاتالدى ۋە ھازىرغىچە مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. 1884–يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پۈتۈن ئىلى تەۋەسىدە پەقەت 8230 تۈتۈن، 32مىڭ 420جان ئاھالىلا قالغان». ئىلى دىيارىدا «بۇ مەزگىلدىن باشلاپ كۆپەيگەن ئۇيغۇر ئاھالىسى ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۈزۈلمەي ئىلىغا چىقىۋاتقان مەدىكار، ئىشلەمچىلەر قوشۇنى (ئۇ چاغلاردا بۇلار خەلق ئاغزىدا ‹يېتىملەر› (بۇ سۆز ئەسلىدە ‹يېتىمچىلەر› دېيىلسە توغرا بولىدۇ) دېيىلەتتى) ئارقىلىق كۆپەيگەن». («ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2001–يىللىق 5–سان، 90–بەت).

يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئىلى دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپىيىشكە باشلىغان. يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ۋ.ۋ.بارتولدنىڭ «غۇلجا» ناملىق ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1906–يىلى غۇلجىنىڭ نوپۇسى 20مىڭغا يەتكەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ (1875–1908) 34–يىلى (مىلادى 1908–يىلى) 5–ئاينىڭ 18–كۈنى تۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئىلى دىيارىنىڭ يۇرت تەزكىرىسى» (خەنزۇچە)دە خاتىرىلىنىشىچە، شۇ چاغدا ئىلىدىكى خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومومىي نوپۇسى 31مىڭ 150جاندىن ئارتۇق، شىبەلەر نوپۇسى 14مىڭ جاندىن ئارتۇق، مانجۇلار نوپۇسى 6000جاندىن ئارتۇق، سولۇنلار (يەنى سولانلار، بۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە داغۇر، ئېۋېنكى ۋە ئېلەنچۇن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق نامى، بۇ يەردە داغورلارنى كۆرسەتسە كېرەك)نىڭ نوپۇسى 2000جاندىن ئارتۇق ئىكەن (ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان نۇسخا، 22–بەت). چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 34–يىلى (مىلادى 1908–يىلى) 4–ئاينىڭ 29–كۈنى تۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئىلى دىيارى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ يۇرت تەزكىرىسى» (خەنزۇچە)دە كۆرسىتىلىشىچە، غۇلجا ناھىيىسى ( بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان غۇلجا ناھىيىسى ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسى ئەمەس، بەلكى 1884–يىلى شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار ئاساس قىلىنىپ قۇرۇلغان مەمۇرىي بىرلىك) نوپۇسىدا خەنزۇلار ئوندىن بىر قىسمىنى، ئۇيغۇرلار ئوندىن توققۇز قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شۇ چاغدىكى نوپۇس ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە بولغان: ئۇيغۇرلار 3357 تۈتۈن، 16مىڭ 453جان (ئەر 9618، ئايال 6835)، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان روسىيىلىك ئۇيغۇرلار 1100 نەچچە تۈتۈن، 5300 نەچچە جان (ئەر3100جاندىن ئارتۇق، ئايال 2200جاندىن ئارتۇق)، خۇيزۇلار 980 نەچچە تۈتۈن، 4786جان (ئەر 3328، ئايال 1458)، خەنزۇلار 375 تۈتۈن، 1650جان (ئەر987، ئايال663) (ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان نۇسخا، 54–، 55– بەتلەر). دېمەك، 1908–يىلى غۇلجىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومومىي نوپۇسى 4457 تۈتۈن، 21مىڭ 753 جانغا يەتكەن. بىز يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن «ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تارىخى» دېگەن ئەسەردىن ئىلى دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا ئائىت يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيمىز. «1914–يىلى ئېلىنغان رەسمىي ھېسابقا قارىغاندا، ئىلى ۋىلايىتىدە 100مىڭ جان، 1917–يىلى ئېلىنغان ھېسابتا يەتتەسۇ ۋىلايىتىدە 110مىڭ جان، مەرۋەدە 1000جان، جەمئىي 211مىڭ جان. مۇندا كۆرسىتىلگەن سان….تارانچىلارنى كۆرسىتىدۇ.» «ھازىر تۈركىستان چىنىنىڭ ئالتە شەھەر ئۆلكىسىدە ياشىغان خەلقنىڭ %99ى ئۇيغۇرلاردۇر. جۇڭغارىيە ئېلىگە كەلسەك، مۇشۇ ساناقنى كۆرىمىز: %45ى تارانچى ئۇيغۇرلىرى، %25ى قازاق، قىرغىز، %11ى قالماق(موڭغۇللار)، %13ى شىبە، %3ى تۇڭگان، %2ى خەنزۇلار، %1ى روس–نوغايلار (تاتارلار) (غوجائەخمەت يۇنۇس: «مۇھاكىمە ئۈنچىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000–يىل 6–ئاي نەشرى، 145–، 146–بەتلەر).

20–ئەسىرنىڭ 20–، 30–يىللىرىدا ئىلى دىيارىنىڭ ئۇيغۇرلار نوپۇسى بارغانسېرى كۆپەيگەن. بۇنىڭدا تىنچ شارائىتتا تەبىئىي كۆپىيىش ئامىلى رول ئوينىغاندىن سىرت، 1917–يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، يەتتەسۇ رايونى قاتارلىق چېگرا سىرتىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئاھالە ۋە شىنجاڭنىڭ باشقا ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر سانىنىڭ ئاشقانلىقىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. «مىنگونىڭ 28–يىلى (1939–يىلى) ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ نوپۇس سىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئىلىغا كۆچۈپ كىرگەن ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى سانى 96مىڭ 46جانغا يەتكەن. ۋاھالەنكى، يەرلىك تارانچىلارنىڭ شۇ يىلىقى نوپۇس سانى 58مىڭ 93جان بولغان. شۇ يىلىقى جەمئىي ئۇيغۇر سانى 154مىڭ 139جانغا يېتىپ، ئىلىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس سېلىشتۇرمىسىدا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن.» («ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2001–يىللىق 5–سانى، 91–بەت)

20–ئەسىرنىڭ 40–، 50–يىللىرىدا ئىلى دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىمۇ تېخىمۇ تېز سۈرئەت بىلەن كۆپەيگەن. ئىلى ۋىلايەتلىك تەزكىرە كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1986–يىلى 12–ئايدا بېسىلغان «ئىلى ۋىلايىتىدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئومومىي ئەھۋالى» دېگەن كىتاب (خەنزۇچە)تا خاتىرىلىنىشىچە، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ 1949–يىلىدىكى ئومومىي نوپۇسى 432مىڭ 600 (بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر 422مىڭ200، خەنزۇلار 10مىڭ 400) گە، 1953–يىلىدىكى ئومومىي نوپۇسى 480مىڭ 400 (بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى 468مىڭ، خەنزۇلار 12مىڭ 400)گە، 1955–يىلى 477مىڭ 200 (ئاز سانلىق مىللەتلەر 454مىڭ 400، خەنزۇلار 22مىڭ 800)گە يەتكەن. غۇلجا شەھىرىنىڭ 1953–يىلىدىكى نوپۇسى 108مىڭ 187گە يەتكەن. غۇلجا ناھىيىسىنىڭ 1949–يىلىدىكى نوپۇسى 76مىڭ 420گە، 1953–يىلىدىكى نوپۇسى 81مىڭ 828گە يەتكەن. غۇلجا شەھەرلىك تارىخ–تەزكىرە كومىتېتى تۈزگەن «غۇلجا شەھەر تەزكىرىسى» (تەكشۈرۈشكە يوللانغان نۇسخىسى)دە خاتىرىلىنىشىچە، 1949–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 71مىڭ 36گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 47مىڭ 635بولۇپ، %67.05نى ئىگىلىگەن. غۇلجا شەھىرىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شۇ يىلىقى نوپۇسىدا خەنزۇلار 4487، خۇيزۇلار 3929، قازاقلار 1956 بولغان.

50–، 60–يىللاردا ئىلى دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا يەنە بىر قېتىم چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ۋە باشقا جايلاردىكى سوۋېت گراژدانلىرى (پۇقرالىرى) جەمئىيەتلىرى خادىملىرىنىڭ ئىلى دىيارىدىكى ئاھالىلەرنى سوۋېت پۇقراسى بولۇشقا قىزىقتۇرۇشى، تىزىملىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقراسىلىق پاسپورتىنى ھەدەپ تارقىتىشى نەتىجىسىدە، ئىلى دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان نۇرغۇن ئاھالىلەر سوۋېت پۇقراسىلىق پاسپورتىغا ئېرىشكەن. ئۇلار 50–يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 60–يىللارنىڭ باشلىرىغىچە كەينى–كەينىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنغا كۆچۈپ كەتكەن. مەسىلەن، 1960–يىلى غۇلجا شەھىرىدە پاش بولغان سوۋېت پۇقرالىرىنى قانۇنسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش گۇرۇھى تىزىملىغان ئاھالە سانى 981گە، جان سانى 1903گە يەتكەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ بىر خادىمى غۇلجا ناھىيە، سۈيدۈڭ، قورغاس قاتارلىق جايلاردا يوشۇرۇن ھالدا تىزىملىغان ئاھالە سانى 1139غا، جان سانى 5954كە يەتكەن (ج ك پ غۇلجا شەھەرلىك كومىتېتى پارتىيە تارىخى–تەزكىرە كومىتېتى تۈزگەن «غۇلجا شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن ج ك پ تارىخىغا ئائىت چوڭ ئىشلار»، 96–بەت). 50–يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ جۇڭگو–سوۋېت مۇناسىۋىتى يامانلىشىشقا باشلىغان. 60–يىللارنىڭ باشلىرىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى خادىملىرى ۋە جايلاردىكى سوۋېت پۇقرالىرى جەمئىيەتلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىشى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرا مۇداپىئە ئورۇنلىرىنىڭ 1962–يىلى 4–ئاينىڭ 8–كۈنىدىن ئېتىبارەن چېگرا سىم توساقلىرىنى ئېلىۋىتىشى ھەم ئېلىمىزدە يۈز بەرگەن ئۈچ يىللىق ئېغىر تەبىئىي ئاپەتنىڭ تەسىرى بىلەن چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چەت ئەلگە كۆپلەپ قېچىپ كېتىشىدەك ئېغىر ۋەقە يۈز بەرگەن. ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1962–يىلى 3–ئايدىن 5–ئاينىڭ 29–كۈنىگىچە ئىلى ۋىلايىتىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەن ئادەم سانى 20مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قورغاس ناھىيىسىدىن (بۇ يەردىكى قورغاس ناھىيىسى كونا قورغاس ناھىيىسى بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا ھازىر يېزا ئىگىلىك 4–شىسى 62–تۈەن مەيدانىنىڭ شىتابى جايلاشقان. كونا قورغاس ناھىيىسى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن 1966–يىلى سۈيدۈڭ ناھىيىسى بىلەن قوشۇۋېتىلگەن، ناھىيە نامى يەنىلا «قورغاس» دەپ ئاتالغان) كەتكەنلەر 14مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، شۇ چاغدا ناھىيە بويىچە ئومومىي نوپۇسنىڭ %38.7نى ئىگىلىگەن. شۇنىڭ ئىچىدە «شەرق شامىلى»، «بەخت»، «ئالغا» گۇڭشېلىرىدىن چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلەر شۇ گۇڭشېلاردىكى ئومومىي نوپۇسنىڭ %50دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغان (لى بىڭجۇڭ، «ئىلىدىكى چوڭ ئىشلار توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1998–يىل خەنزۇچە نەشرى، 160–، 161–بەتلەر). قورغاس ناھىيىسىدىكى «ئالغا» گۇڭشېسىنىڭ %70دىن ئارتۇق ئەزاسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ قالغان («قورغاس ناھىيە تەزكىرىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998–يىل خەنزۇچە نەشرى، 63–بەت). شۇنىڭ بىلەن ئىلى دىيارىنىڭ چېگرا ياقىسىدىكى نۇرغۇن يېزا–كەنتلەر ئادەمسىز قېلىش، ئېتىز–ئېرىقلار تېرىقسىز قېلىشتەك تارىخىي پاجىئە يەنە تەكرارلانغان. ئاھالىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ قالغان چېگرا ياقىسىدىكى گۇڭشې، ئەترەتلەرنىڭ يەرلىرى ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ تۈەن–مەيدانلىرىغا ئايرىپ بېرىلگەن.

20–ئەسىرنىڭ 60–يىللىرىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ئېھتىياجى بىلەن بىڭتۈەننىڭ ئىلى دىيارىدا تۇرۇشلۇق تۈەن–مەيدانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلگەن. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرگۈچى ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار تۈركۈم–تۈركۈملەپ كېلىپ، ئىلى دىيارىنىڭ جاي–جايلىرىغا ئورۇنلاشقان، تىنچ تۇرمۇش ئىلى دىيارىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر نوپۇسىنىڭ داۋاملىق كۆپيىشىگە ئەۋزەل شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ئىلى ۋىلايىتىدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئومومىي ئەھۋالى دېگەن كىتابتا خاتىرىلىنىشىچە، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ 1964–يىلىدىكى نوپۇسى 710مىڭ 800 (بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى 490مىڭ 100، خەنزۇلار نوپۇسى 220مىڭ 800)گە، 1976–يىلىدىكى نوپۇسى 1مىليون 307مىڭ 200 (بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەر نوپۇسى 826مىڭ 40، خەنزۇلار نوپۇسى 480مىڭ 800)گە يەتكەن.

80–، 90–يىللاردا ئىلى دىيارىنىڭ نوپۇسى داۋاملىق كۆپەيگەن. «ئىلى ۋىلايىتىدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئومومىي ئەھۋالى» دا خاتىرىلىنىشىچە، 1985–يىلى ئىلى ۋىلايىتى بويىچە ئومومىي نوپۇس 1مىليون 615مىڭ 348گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 541مىڭ 867 بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %33.54نى تەشكىل قىلغان؛ ئۇيغۇرلار 446مىڭ 276 بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %27.63نى تەشكىل قىلغان؛ قازاقلار 365مىڭ 437بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %22.62نى تەشكىل قىلغان؛ خۇيزۇلار 165مىڭ 584بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %10.25نى تەشكىل قىلغان؛ شىبەلەر 25مىڭ 160بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %1.56نى تەشكىل قىلغان؛ موڭغۇللار 23مىڭ 973بولۇپ، %1.48نى تەشكىل قىلغان؛ قىرغىزلار 11مىڭ 278بولۇپ، %0.7نى تەشكىل قىلغان. جۈملىدىن ئىلى ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى كۆپرەك بولغان ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ 1985–يىلىدىكى نوپۇس ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە بولغان: غۇلجا شەھىرىنىڭ ئومومىي نوپۇسى 231مىڭ 972، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 120مىڭ 810 (%52.08)، خەنزۇلار 74مىڭ 727 (%32.3)، خۇيزۇلار 20مىڭ 643 (%8.9)، قازاقلار 9069 (%4.08) بولغان. غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئومومىي نوپۇسى 300مىڭ 628، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 149مىڭ 537 (%49.74)، خەنزۇلار 60مىڭ ئالتە (%19.96)، خۇيزۇلار 44مىڭ 388 (%14.77)، قازاقلار 30مىڭ 720 (%10.21) بولغان. قورغاس ناھىيىسىنىڭ ئومومىي نوپۇسى 277مىڭ 873، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 134مىڭ 122 (%48.72)، ئۇيغۇرلار 58مىڭ 512 (%21.06)، خۇيزۇلار 50مىڭ 131 (%18.04)، قازاقلار 22مىڭ 182 (%7.98) بولغان. چاپچال ناھىيىسىنىڭ ئومومىي نوپۇسى 137مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 53مىڭ 474 (%39.03)، ئۇيغۇرلار 34مىڭ 170 (%24.94)، قازاقلار 25مىڭ 763 (%18.81)، شىبەلەر 18مىڭ 62 (%13.18) بولغان. توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ ئومومىي نوپۇسى 113مىڭ 907، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 37مىڭ 266 (%32.72)، قازاقلار 34مىڭ 561 (%30.34)، ئۇيغۇرلار 26مىڭ 515 (%23.28)، خۇيزۇلار 11مىڭ 751 (%10.32) بولغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 1990–يىللىق نوپۇس سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئىلى ۋىلايىتى بويىچە ئومومىي نوپۇس 1مىليون 800مىڭ 125كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 578مىڭ 38، ئۇيغۇرلار 499مىڭ 785، قازاقلار 416مىڭ 677، خۇيزۇلار 190مىڭ 306، شىبەلەر 27مىڭ 902، موڭغۇللار 25مىڭ 920، قىرغىزلار 12مىڭ 826 بولغان. جۈملىدىن ئىلى ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى كۆپرەك بولغان ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ 1990–يىلىدىكى نوپۇس ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە بولغان (قىسقارتىلدى).

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 1995–يىللىق نوپۇس سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئىلى ۋىلايىتى بويىچە ئومومىي نوپۇس 1مىليون 965مىڭ 825كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 645مىڭ 519، ئۇيغۇرلار 526مىڭ 633، قازاقلار 454مىڭ 76، خۇيزۇلار 213مىڭ 241، شىبەلەر 29مىڭ 831، مۇڭغۇللار 27مىڭ 783، قىرغىزلار 15مىڭ 130بولغان. جۈملىدىن ئىلى ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى كۆپرەك بولغان ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ 1995–يىلىدىكى نوپۇس ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە بولغان (قىسقارتىلدى).

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2000–يىللىق نوپۇس ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئىلى ۋىلايىتى بويىچە ئومومىي نوپۇس 2مىليون 115مىڭ 393كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 695مىڭ 53، ئۇيغۇرلار 571مىڭ 606، قازاقلار 478مىڭ 221، خۇيزۇلار 235مىڭ 704، شىبەلەر 30مىڭ 801، موڭغۇللار 28مىڭ 87، قىرغىزلار 15مىڭ 651بولغان. جۈملىدىن ئىلى ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى كۆپرەك بولغان ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ 2000–يىلىدىكى نوپۇس ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە بولغان: غۇلجا شەھىرىنىڭ ئومومىي نوپۇسى 342مىڭ 733، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 159مىڭ 115، خەنزۇلار 127مىڭ 363، خۇيزۇلار 28مىڭ 317، قازاقلار 15مىڭ 968 بولغان؛ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئومومىي نوپۇسى 387مىڭ 703، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 192مىڭ 54، خەنزۇلار 72مىڭ 155، خۇيزۇلار 56مىڭ 645، قازاقلار 40مىڭ 722 بولغان؛ قورغاس ناھىيىسىنىڭ ئومومىي نوپۇسى 341مىڭ 302، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 156مىڭ 474، ئۇيغۇرلار 69مىڭ 762، خۇيزۇلار 69مىڭ 453، قازاقلار 26مىڭ 385بولغان؛ چاپچال ناھىيىسىنىڭ ئومومىي نوپۇسى 185مىڭ 547، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 54مىڭ 753، ئۇيغۇرلار 41مىڭ 711، قازاقلار 32مىڭ 635، شىبەلەر 20مىڭ 533 بولغان؛ توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ ئومومىي نوپۇسى 154مىڭ 371، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 48مىڭ قازاقلار 45مىڭ 692، ئۇيغۇرلار 35مىڭ 53، خۇيزۇلار 18مىڭ 556 بولغان (2001–يىللىق «شىنجاڭ يىلنامىسى»، 18–بەت).

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىلى دىيارىنىڭ ئۇيغۇرلار نوپۇسىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىر رايون ئاھالىسىنىڭ كۆپيىش–ئازىيىشى شۇ رايوننىڭ تەبىئىي شارائىتى (تەبىئىي ئاپەتنىڭ كۆرۈلۈش–كۆرۈلمەسلىكى)، ئىجتىمائىي شارائىتى (جەمئىيەتنىڭ تىنچ ۋە مۇقىم بولۇش–بولماسلىقى)، ئىقتىسادىي شارائىتى (ئىگىلىكىنىڭ گۈللىنىش–گۈللەنمەسلىكى)قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

مەنبە: «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى، 2003–يىل 5–سان، ماقالە ئاپتورى: غوجائەخمەت يۇنۇس (ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتى)