«ئۇيغۇرلارنىڭ شىئېريەت تارىخى»دىن بايانلار

(ئۇيغۇر يىڭى شىئېريىتى ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل )

ئەنئەنىمىزدىكى –شېئىريەت ھۇجەيرىلىرى

ئابدۇرېشىت سۇلايمان

شېئىريەت- سۇزۇك روھى پائىلىيىتىمىزنىڭ ھەركەتچان ھۇجەيرىسىگە ئايلانغاندا، تەننىڭ گۇزەللىك تەرىپىدىن قامال قىلىنىش جەرياننى تاماملىغان تەپەككۇر، بوشلۇق بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىدۇ .بۇ بىر مىدىسسېنالىق يۇزلىنىش .دۇنيا –ئىلىم پەن جەۋھەرلىرىدىكى بىئۆلىگىيەلىك يەكۇن .ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر ھەم تۇيغۇسىدىكى شەيئىلەر گۇزەللىكتىكى نۇر –شىئېريەت ھۇجەيرىلىرى تەرىپىدىن مۇنۇپۇل قىلىنغاندا تەننىڭ تىرە قاتلىمىدىكى نەملىك، قۇرغاقلىق بىلەن ئېستىتېكىلىق پەرىق نىسپىتىدە تۇرۇپ نىرۋا سىستىمىسىنىڭ قورشاۋىدىن چىقىپ كىتىدۇ .شەيئىلەرگە ئەقىل بىلەن ئەمەس ،ئوز ھىسياتىنىڭ تەبىئېي ھوكۇملىرى بىلەن مۇھاكىمە ئىلىپ بارىدۇ .دۇنيادىكى شەيئىلەر بىلەن غەيرىلىك ئىچىدە ئۇچرىشىدۇ .
شېئىريەت ھۇجەيرىسىدىكى پىسخوگىيەلىك ۋاقىت ئېستىرىلكىسى –بىئۆگىيەلىك سائەت تەرتىپىگە كىرگەندە ،ئىدراكى رامكا ئىچىدىكى ئېستىتېك مۇددىئا گۇزەللىكنى شەرىت قىلىدۇ .ئوتمۇش بىلەن كەلگۇسى ئوتتۇرسىدىكى تۇقۇنۇش ئىچىدە شىئېريەتنى قوبۇل قىلىۋاتقان روھىيىتىمىز، تىنىمىزنىڭ ياپ –يىشىل ئورمانلىق ئىچىدىكى ساپ ئوكسىگىن سۇمۇرۇپ چەكسىز راھەتكە چۇمگەن دەۋرىدىكى «كىلىماتنىڭ تەن راھىتى »گە ئوخشاش بىئۆگىيەلىك سائەتىمىزنىڭ يوشۇرۇن ئىڭىمىزدىكى قوزغىتىش كۇچىگە ئىرىشىدۇ .روھى ئانالىز ئىلمىنىڭ ياراتقۇچىسى ،روھى كىسەللەر دوختۇرى ،دۇنيادىكى ئۇچ نەپەر بويۇك شەخىسنىڭ بىرسى سىگمۇند فرېئۇدنىڭ «ھىسىتېرىيە تەتقىقاتى »ناملىق كىتابىدىكى – «ئىنسانىيەت ئېڭىنىڭ ئارقىسىدا ناھىيتى مەخپى ۋە كۇچلۇك بىر جەرياننىڭ مەۋجۇت بولۇش مومكىنچىلىكى ،…ئىنسانىيەت ھاياتىدا پىسخىكىلىق جەرياننىڭ ھالقىلىق ئورنى… »…قاتارلىق بايقاشلىرى ،ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىغا كۇچلۇك تەسىر كورسىتىپ مىدىسسىنا ساھەسىدىكى نىرۋا كونتىرۇللىغىدىكى ئەزالارنىڭ ھۇجەيرە تەتقىقاتىغا ھىممەت ئاتا قىلغان .
بىلىقلار خىمىيەلىك سىگنالدىن پايدىلىنىپ ئوخشاش تۇر ئىچىدىكى يەككە ئەزالارنى پەرىقلەندۇردۇ .ئىنسانىيەتنىڭ شېئىريەت ھۇجەيرىسىدىكى پەرىق بىلەن گۇزەللىك قارىشى ،بولۇپمۇ يىزىقتىكى ئېستىتېكىلىق جەريان كورىشىدىن شىئېريەتتىن زوقلۇنۇش ئىستىمالىغا دىياگۇنۇز قويۇشقا بولۇدۇ .بەلكىم بۇ قاراش ماكان ھەم زامان چەكلىمىسىدىكى پەرىقلەر بىلەن ئاغدۇرلۇپ كىتىشى مومكىن ،لىكىن يىقىندا ئىسپاتلانغان «روھنىڭ ماددىنى ئىدارە قىلىش ھەقىقىتى» (j.برۇنw.c.pداۋسنىڭ «ئاتۇم ئىچىدىكى ئەرۋاھ»تا-(ئىلىم – پەن ھەقىقىتى بىلەن ئىسپاتلانغان )دىكى« ئىنسانىيەتنىڭ ئولچەش بەلگىسىدىكى كۋانىت ھالىتىگە توساتتىن قايىتماس ئوزگىرىش ئىلىپ كىلىشتە روھ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ .ھۇجەيرىلەردىكى ئاپتۇماتىك خاتىرلەش قۇرۇلمىسى ماكان ھەم زاماننىڭ تەسىرگە ئۇچرىسىمۇ تەندىكى بىرلىكنى تەشكىل قىلىش ئالاھىدىلىكىنى ئىلاھ ياراتقانلىغى سەۋەبىدىن ئۇنى يوق قىلىش مومكىن ئەمەس )..بىلەن ماكان ھەم زامان تەپەككۇرى ئىچىدىكى تەننىڭ شىئېريەت ھۇجەيرىلىرى بىرلىكىگە بولۇپمۇ شائىرلارنىڭ روھ بىرلىكلىرى ئىچىدىكى تىل مۇزىكىلىرىنى ئورۇندۇغۇچى ،ۋە ئۇلارنى تەشكىل قىلغۇچى ھۇجەيرىلەرگە گۇمان بىلەن قاراش –تەتقىقات ئازغۇنلىغىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .
بىز دۇچ كەلگەن تارىخ –پەقەت كەچۇرمىش .يىزىقتىكى ۋە ئاۋازدىكى مەۋجۇتلىغىمىزغا سوبىكتىپ ئىڭىمىز ئارقىلىق يەكۇن چىقىرىشقا باشلىغاندا بىز تۇپراق ئىدۇق .بىز تۇپراقتىن ئۇندۇق ھەم تۇپراقتىن كوكلىدۇق .كوڭۇللەردىكى تەسەللى بىزگە ئۇرۇلغان نۇر ۋە ئاۋاز ئارقىلىق ھۇجەيرىلىرىمىزنى ياشارتىدۇ .شىئېريەت ئۆزىدە مۇزىكا سىزىمىنى ۋە ئاھاڭدارلىقنى شەكىللەندۇرگەنلىكى بىلەن ھۇجەيرىلىرىمىزگە تەسىر كورسىتەلەيدۇ .جاراڭسىز ئۇزۇك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆز ئۆزەكلىرىگە جاراڭلىق ئۇزۇك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قۇشۇمچىلارنىڭ قوشۇلىشى .سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ مەرغۇلدىكى ماسلىشىشى بىلەن روھىيىتىمىزدە ھەم تىنىمىزدە شەكىللەنگەن تاۋۇش ئوزگىرىشلىرىگە «تىتىرتىش »ئارقىلىق، – ھۇجەيرە ھاياتىغا رەڭ ئاتا قىلىدۇ .ئۇيغۇر ھىكىملىرىنىڭ يەكۇنىمۇ يۇقارقى قاراشلىرىمىزنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ –(«ئادەمدىكى تۆت خىلىت ئىچىدە نەزمىكارلارنى قان (ھۆل ئىسسىق )مىجەزگە ئىگە دەپ قاراش ئەڭ توغرا قاراش …..»)
يىقىندىن بىرى دۇنيا ئەدىبىياتىدا جانلىقلار قىياپىتىدىكى تىراگدىيە .مەدىنىيەت توقۇنۇشلىرى ،پىسخىكىلىق زۇلۇم ئەۋجىدىكى خەۋىپ …قاتارلىق زىدىيەتلەرنى مەنبە قىلغان ئوتكۇنچى دۇنيانىڭ سۇرىتىدىكى نەسرى ئەسەرلەر كوپلەپ يىزىلدى ،ھەم يىزىلىۋاتىدۇ .ئەرەپ يىرىم ئارىلى ۋە پارىس قولتۇقىدىكى قىرغىنچىلىقتا «دالىدىكى جەسەت »نىڭ قان بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن سىسىقچىلىرى ئىچىدىن تەنلىرىنى توپا –چاڭ باسقان .لىكىن روھى سۇزۇك ،يۇزلىرىگە چاچرىغان قان داغلىرىنى سۇرتۇشتىن بۇرۇن نەزمە پۇتۇش ئۇچۇن سىياھ ئىزلەپ ئىشىكلىرى تاقالغان دۇكانلارنى چىكىۋاتقان ،ئامال بولمىغاندا چىنە سۇنۇقلىرىغا قانلىرىنى توكۇپ چىغىرداق (چىش كورچىلىغۇچ )ئارقىلىق نەزمە پۇتىۋاتقان شائېرلارنىڭ جىددىلىك ئىچىدىكى ئەجرىدە شېئىريەت ھۇجەيرىسىنىڭ ھاياتتىكى قىممىتىنى چۇشىنەلەيمىز .
مەۋجۇتلىغىمىزدىكى ئىچىرقاشنىڭ مەركىزىدە تۇرۇپ شىئېريەت ھۇجەيرىسىنىڭ ئىھتىماللىق دائىرسىنى چۇشۇنۇش بىلەن بىرگە شىئېريەتتىكى بىشارەت ۋە گۇمان بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن شائىرنىڭ تۇيغۇسىغا ھەم تەپەككۇرىغا ياندىشىپ ماڭغاندا مەيلى كىلاسسىك ئەدىبىياتىمىزدىكى ئەبجەد ئۇسلۇبىدىكى نەزمىلەر ،ئەنجۇمەنلىرىمىزدىكى گۇماننىستىك شائېرلارنىڭ نەزمە پۇتۇش ماھارىتى ،ئەلنەغمىلىرىمىزدىكى سىتىخىيىلىك ئىجادىيەت ،رىۋايەتلىرىمىزدىكى ئازاپنىڭ جەريانى ۋە قەھرىماننىڭ تىراگدىيە تۇقۇنۇشى ،«خەمىسە»لىرىمىزدىكى قۇرۇلما ،«دىۋان»لىرىمىزدىكى قىممەت ،«ساقىينامە»لىرىمىزدىكى مەينىڭ سىمۇۋۇللۇق مەنىسى ،فولىكلوردىكى بولۇپمۇ ئىتىقات فولىكلورى ۋە سەنئەت فولىكلورىمىزدىكى خەلىقنىڭ دانىشمەنلىكى ،سوپىزىم شىئېريىتىدىكى «فەنا »باسقۇچىغا يەتكەن شائېرلاردىكى دەشتىگاھ دەرۋىشلىرىگە ئايلىنىپ چىكىۋاتقان تىراگدىيەلىك ئازاپ ،ئارۇز ۋەزىندىكى لىرىكىلىق ،ئىشقى تۇيغۇ ،ئويغۇنۇش سادالىرى ،مۇناجاتلاردىكى ساپ تۇيغۇ ۋە ئىلاھقا بولغان ئارزۇ –تىلەك ،كىلاسسىك ئىقىم بولۇپ شەكىللەنگەن خەلىق قوشاقلىرىدىكى پاساھەت ……قاتارلىقلارنى بايقاش ،ھەم تۇيغۇمىز بويۇچە تەھلىل قىلىپ لەززەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى بايقاش ھەممە شەخىسكە ئەمەس پەقەت شىئېريەت ھۇجەيرىسىگە ئىگە ئامەتلىك شەخىسكە مەنسۇپ بولغان موجىزە .بۇنى گىن قۇرۇلمىسىدىن تەھلىل ئىلىپ بىرىش جەريانى ئاددى بىر جەريان .
ۋاقىت بىلەن بوشلۇق ،زامان بىلەن قان،گىرەلەشمىسىدىن ماكان بىلەن شەخىسنىڭ بىرلىكىنى تارتىپ چىقىرىپ تەن بىلەن روھنىڭ پىچىلىشىشىشغا كىرسەكلا ئوزىمىزنىڭ تىنىدە شۇ ھۇجەيرىنىڭ بار يوقلۇغىغا ئىشەنجە قىلالايمىز .بۇنى بايقاش ئۇسۇلى توۋەندىكىدەك :
تولۇق ئاساسدىكى بەدىنىمىزنى ئىگەللەپ تورغان ھۇجەيرىلەر توپىدا مۇستەكەملىكىچى يادرۇلۇق ھۇجەيرە ئوزىنىڭ مەۋجۇتلىغىنى سەنئەتنىڭ گىرەلەشمە سىمفۇنىيىسى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ .تەڭكەش ئىچىدىكى ھاياتلىق ھىسياتنىڭ مايىلغىنى ۋاقىتنىڭ ئوتىشى بىلەن يوقىتىپ قويۇشنى رەت قىلىدۇ .بىتخوۋىننىڭ تۇيۇقسىز«ئولۇم سىمپۆنىيەسى»دىن ئىبارەت مۇزىكا ئارقىلىق ھاياتلىغىنى ئىسپاتلىشى نوتا ھەم يىزىق ھىممىتىدىكى ھۇجەيرىلەر بىرلىكىدە نۇسخىلانغان ھاياتلىقنىڭ كىسەللىكگە قارشى تۇرۇش دەۋرىدىكى ئىمىنۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ سەنئەت ھۇجەيرىسىنىڭ بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھۇجەيرىلەرنى قوزغىتىپ ئىلىپ بارغان بىر قىتىملىق «سەنئەتتىكى ئوكسىتلاش »جەريانىدۇر .سەنئەتكارلارنىڭ ئوز فورمىسى بىلەن نۇسخىلىنىپ كوپەيگەن ھۇجەيرىسىدىكى DNA(ئوكسىگېنسىز بىئو-يادرۇ كىسىلتاسى )ۋە RNA(رىبۇ يادرۇ كىسىلتاسى )مۇقەررەر سەنئەت ھىممىتىدىن سىرىتقى ئادەملەرنىڭكىدىن پەرىقلىنىدۇ .شائېرلارنىڭ ئوز پىكىردىكى تۇيغۇ يوتكىلىشى ئىچىدە شەرەپ بىلەن يىزىقتىكى سىمفۆنىيە – شېئىريەتكە كىرىپ كىلىش جەريانىمۇ يۇقارقى قاراشنىڭ دەلىللىكى ئىچىدە بولۇدۇ .ئوز ئىختىيارلىقى بىلەن يىزىقتىكى سىمفۆنىيەنى قوبۇل قىلىش ،شائېرنىڭ تۇيغۇ بىرلىكىگە كىرىپ تۇرۇپ يىزىق ۋە ئاۋاز قاتلاملىرى بىلەن ھازىرلىقلارنى پىكىر ۋە تىنىقققا ئىگە قىلىش .بىزنىڭ ھۇجەيرىلىرىمىزگە ماكانلاشقان تىنىق مەركىزى دانچىسىدىكى قوزغىتىش كۇچىنى زامان ۋە ماكاندىن تاللاش ئۇچۇن تەسەۋۋۇرنىڭ گارمۇنىك ئېستىلىسكىسىدا گۇزەللىك ئىزلەيدۇ .تەندىكى رايىشلىق بىلەن گىن گۇرۇپپىسىدىكى ھۇجەيرىنىڭ شىئېريەتكە مايىللىغى DNAنىڭ غەلىتە دانچىلىرى بىلەن بىزنى ھەققى گۇزەللىك ئىچىگە سورەپ كىرىدۇ .تەندىكى يەككە ھۇجەيرە (شىئېريەت ھۇجەيرىسى)نىڭ مەنىنى قوبۇل قىلىش ،مەنىلەردىن مەۋجۇتلۇق كامالەتتىكى ھىسياتنىڭ يىڭى مۇناسىۋەتلەر دەۋرىگە كىرىش ئىسپاتنامىسىنى ناۋائىنىڭ بۇ غەزىلى بىلەن كۇزىتىپ كورسەك ئوزىمىزدە ھازىرلانغان مەيدانى مەۋقەنى بىلىۋالالايمىز
ﻣﯘﺯﻩﻫﻬﻪﭖﺋﻪﻳﻠﻪﮔﻪﻥ ﭘﻪﻳﻜﺎﻧﯩﻼﺭﯨﯔ ﺟﯩﺴﻤﯩﻢ ﺋﺎﺭﺍ ﻫﻪﺭﻳﺎﻥ،
ﺩﯨﻤﻪ ﻳﺎﺵ ﭼﻪﻛﺘﯩﻜﯩﻢ ﭼﻪﻛﺘﻰ ﺯﻩﺑﺎﻧﻪ ﺯﯙﺋﻠﻪﺋﻰ ﻫﯩﺠﺮﺍﻥ.
ﻗﺎﭼﺎﻥﭘﻪﻳﻜﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻱ ﻫﻪﺟﯩﺮ ﺋﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺷﯚﺋﻠﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ،
ﺋﺎﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻕ ﺯﻩﺧﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﯗﺭ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ.
ﻧﻰ ﺗﺎﺵﺋﺎﺗﯩﭗ ﺗﻪﻧﯩﻤﻨﻰ ﺯﻩﺧﯩﻢ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﻏﻪﻣﮕﻪ ﻗﺎﻟﯘﺭﻣﻪﻥ،
ﻣﯘﯕﺎﻧﻰ ﺑﺎﻏﻼﻱ،ﺋﺎﻧﻰ ﻗﺎﻳﺪﺍ ﺑﺎﻏﻼﻱ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻧﻰ ﺋﯘﺭﻳﺎﻥ.
ﺑﻪﻻﺩﻩﺷﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩﺷﻰ ﻣﻪﺟﻨﯘﻧﻨﻰ ﻣﻪﻧﻰ ﺩﺍﻏﻰ،
ﺧﯩﺮﻩﺩ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻗﺎﺷﯩﺪﺍ ﺗﻪﻟﺒﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﻟﯘﺭ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ.
ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰﺗﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺮﯨﺪﻯ ﻏﻪﻣﯘ-ﻫﯩﺠﺮﯨﯔ،
ﻣﻪﻫﻪﻟﺪﯗﺭ ﺳﻪﮔﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﺳﻪﻡ ﻛﯜﻟﺒﻪﻡ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ .
ﻧﯩﻤﻪﻥﻗﺎﻟﻐﯘﻡ ﻧﯩﺴﻪﻥ ﺑﺎﻗﻰ ﺯﻩﻣﺎﻧﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻞ ﺋﻪﻱ ﺳﺎﻗﻰ،
ﻗﻪﺩﻩﻫ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﻰ ﺧﯘﺵ ﺗﯘﺗﻘﯩﻞ ﯞﻩﭘﺎﺳﯩﺰﺩﯗﺭ ﺑﻪﺳﻰ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ.
ﯞﻩﭘﺎﺳﯩﺰﺩﯗﺭﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ،
ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﯞﺍﭘﺎ ﺋﯩﺰﺩﻩﺭ ﺋﯩﺮﯗﺭ ﻧﺎﺩﺍﻥ.
ﺧﯘﺷﺎﺩﻩﻳﺮ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻣﻪﻳﺨﺎﻧﻪ ﺗﻮﻻ ﺋﯩﻠﻜﯩﯖﺪﻩ ﭘﻪﻳﻤﺎﻧﻪ،
ﻣﻪﻧﯘ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﭘﺎﻧﺎ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ«ﻛﯘﻟﻠﯘﻣﻪﻥ ﺋﻪﻳﻠﻪﻳﻬﺎ قان».
ﭘﻪﻧﺎﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﺎﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻨﻰ ﯞﻩﮔﻪﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﯩﻞ،
ﻛﯩﻢ ﺋﯚﻟﻤﻪﮔﻠﯩﻜﺘﻪ ﺗﻪﯕﺪﯗﺭﻟﻪﺕ ﯞﻩﮔﻪﺭﺳﺎﺋﯩﻞ،ﯞﻩﮔﻪﺭ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ.
ﺟﻪﻫﺎﻥﺋﯩﭽﺮﻩ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﻥ ﻳﻮﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻯ ﻳﻪﻛﺴﺎﻧﺪﯗﺭ،
ﻧﻰ ﻓﻪﺭﺭﯗﺥ ﻛﯩﻤﺴﻪﺩﯗﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺑﺎﺭﻯ-ﻳﻮﻗﻰ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ.
ﻧﺎﯞﺍﺋﻰ ﺋﯚﺯﻧﻰﺧﯘﺵ ﺗﯘﺗﻜﯩﻢ ﺩﻩﻫﯩﺮ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ،
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺗﯘﺗﺎﺭ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ،ﯞﻩﮔﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﯘﺗﺎﺭ ﺋﺎﺳﺎﻥ.
زاماندىكى شېئىريەتكە قايتىش يۇزلىنىشى بويۇچە شىئېرنى چۇشىنىش ھەم چۇشىنەلمەسلىك باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان شەخىسكە قارتا ئارتۇقچە گۇماندا بولۇشمۇ شىئېريەت ھۇجەيرىسىنىڭ يادرۇ كۇچىنى قۇبۇل قىلىش ۋە ئىنكار قىلىشقا بولغان چۇشىنىشمەسلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ . شەخىستىكى ئوخشاشمىغان كەيپىيات ،گۇزەللىكتىكى لەززەت قىسقا بىر پاكىتىمىزدىكى شىئېريەت ھۇجەيرىسىگە باغلىق بولۇپ بۇنى مۇتلەقلەشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىچنىمە سىرتىدىكى تەننىڭ شىئېر تەرىپىدىن رەت قىلىنىش قايغۇسىنىمۇ قوبۇل قىلىش كىرەك .توۋەندىكى بايانلىرىمىزدا شىئېريەت ئەنئەنىمىزدىكى ،سەنئەت فولىكلورىمىزدىكى سۇزۇك ھۇجەيرە ئىچىدىن شۇ گۇزەللىكنى ،شۇ شىئېرنى،… ياراتقان شەخىسنىڭ مەۋجۇدى كامالىتىدىكى تىنىقلىرىنى بايقاش بىلەن بىرگە تىل بەلگىلىرى ھامىلدارلىغىدىكى تەپەككۇرىنى مۇلاھىزە قىلىمىز
جان تالىشىۋاتقان شېئىريەت ئەنئەنىسى
ئۇيغۇر شىئېريىتىدىكى چىكىنىش ئازاپلىرىدىكى سۇئال –شەكىل ۋە مەزمۇندا ئىپادىلىنىدۇ ،«ئۇيغۇرلارنىڭ شىئېريەت تارىخى»نىڭ دارۋازىسىنى چىكىپ باققىنىمىزدا ئىچكى تىل بەلگىلىرىدىكى مۇنۇلۇگنىڭ قاپىيە ۋە ۋەزىن ئارقىلىق چەكسىز تالان تاراچ قىلىنغانلىغىنى ،تۇيغۇدىن ياتلىشىش ھالاكىتىدە كىرزىس ئىچىدىكى تەسەۋۋۇرنىڭ تەبىئەتنىڭ تاشقى گۇزەللىكى ،ئىنسانىيەتنىڭ شەكلى تەبىرى ۋە شەكلى قىياپىتى ،گۇزەللىكنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئەمەس نەرسىلەر تەرىپىدىن قوراشتۇرلۇپ چىقىلغان رەڭلەر ،ئەلمىساقتىن ئايرىۋىتىلگەن مەۋجۇتلۇقتىكى سىر ….قاتارلىقلارنى جان –جەھلى بىلەن «لىرىكىلىق »تەسۋىرلىگەنلىكىدە تولۇپ –تاشقان ئىسپاتنامىلەرنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ .بىزدىكى ئەنئەنە سىمالىرى ئارۇزنى بىرلىك قىلغان ۋەزنلىك شىئېريەت ئەنئەنىسى ،بارماق ۋەزىنلىك شىئېريەت ئەنئەنىسى …قاتارلىقلارنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ تىل –سىھرىدىكى كۇڭۇللەرنى شەكلەن دۇنيا بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ قەلىپكە كوچۇش نىممىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ئۇچۇن قان –تەر ئاققۇزۇپتۇ .شۇنداقتىمۇ شىئېريەت دەرۋازىسىدىن ئىچكىرلەپ كىرگىنىمىزدە ئەركىن شېئىريەت ئەنئەنىمىزدىكى ئىسلام دىنىغا كىرىشىمىزدىن بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بۇددىنىزىم شىئېريىتى ،يىقىنقى مەزگىللەردە بىشىمىزغا ئىلىپ كوتىرىپ تەتقىقاتلىرىمىزدا نەقىل ئىلىپ تەرىپلەپ كىلىۋاتقان ساترىنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ خىمىر تۇرۇچى بولغان تەسەۋۋۇپنىڭ – شىئېريەت ئەنئەنىسى ،20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شاۋقۇن –سۇرەن بىلەن مەيدانغا كىلىپ بىر مەيدان شىئېريەت ئىنقىلاۋى ئىلىپ بىرىلغان ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شىئېريەت ئەنئەنىسى قاتارلىق تەبىئەتنىڭ ۋە ئىنساننىڭ ئىچكى قىسمىغا، روھىيىتىگە ئىچكىرلەپ كىرىش ئارقىلىق يىزىقتىكى چەكسىز كوچمە مەنا يارىتىش ئۇچۇن گۇزەللىكتىكى تىراگدىيە ۋە جەۋھەرنى قەلىپتىن ئىزدەش چاقرىقىدىكى شىئېريەت ھۇجەيرىسىگە ئىگە بىر تۇركۇم شائېرلىرىمىزدىن سۆيىنىمىز ھەم ئۇلارغا رەھمەت ئىيتىمىز .
شىئېريىتىمىزدىكى ئازغۇنلۇقتا بىر قىسىم شائېرلىرىمىز قۇياش مەۋجۇتلىغىدىكى كۇندۇزدىمۇ چىراغ يىقىپ ئوقۇرمەنلەرنى چىراغ ئەتىراپىغا ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئاڭلاش ۋە كورۇش سەزگۇسىگە ئىگە شىئېريەت ھۇجەيرىسىدىكى كىتاپخانلارنىڭ رەت قىلىنىشىغا ئۇچرىسىمۇ ئوزىنىڭ سوبىكتىپ دۇنياسىنىڭ ماھىيتىنى زورلاپ قوراشتۇرۇش ئارقىلىق تۇزۇپ چىققان چەكلىك شەيئېي ھەققىدىكى لىرىكىلىرىنى «مانا بۇ شېئىريەت »دەپ داستىخان يىيىپ شىئېريەت لەززىتى ئىچىدىكى ۋاقىت بەركىتىگە خىيانەت قىلىش ئارقىلىق سۇكۇتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ «شىئېريەت»دىن سوۋۇش خائىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ،بۇ پاجىئە ئۇيغۇر دىداكتىكىلىق شىئېريىتى ۋارىسلىرى ،ۋە ئۇيغۇر تەمسىللىك شىئېريىتى قىساسكارلىرىدا كوپ ئۇچرايدۇ .ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى بىر ھادىسە دەپ ئىتراپ قىلىنغان ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شىئېريىتىدىكى بىر قىسىم ئۇگەنچى شىئېرۋازلارنىڭ يازمىلىرىدىمۇ مەۋجۇت .
«يەنە بىر شىئېريەت »بىزگە شۇنداق نىدا قىلىدۇ .-شىئېر قايەردە ؟
رىئاللىقتىكى ئازاپ چەكلىمىسى پەسىللەر بايانىدا گۇزەللىككە ھامىلدار بولۇپ قىلىشىمۇ مومكىن .بىز شېئىريەتتىكى نامايەندە تېكىسېتلەردىن ئېستىلېسكىدىكى شەخىسنىڭ ياشلىرىنى ئەبەدىلىككە سورەپ كىرىش مۇشاقىتىنى بايقىغىنىمىزدا يەنە ئۇمىدكە تولىمىز .تىل بەلگىلىرىدىكى تەۋرىنىش ئىچىدىن ئابدۇرەھىم نىزارى ،ئابدىقادىر داموللام ،ئاپرىنچۇر تېگىن ،ئاتايى ،ئايازبىگ قۇشچى ،ئەلشىر ناۋائى ،ئەنسارى ،ئەھمەد يەسەۋى ،يۇكنەكى ،بايانچۇر قاراخان ،بىلال ،تەجەللى ،تۇنيۇقۇق،نازىم ،خاراباتى ،خازامى ،رابغۇزى ،رەشىدى ،زەلىلى ،زۇھۇرى ،ساكيا قايا ،سەككاكى ،،سەئىدى ،سۇجۇپ ئاقارى ،شەۋقى ،فارابى ،قەلەندەر ،قىدىرخان يەركەندى ،قىسۇرى ،لۇتىفى ،بابا رەھىم مەشرەپ ،مەھمۇد قەشقىرى ،مەھزۇن ،موللا شاكىر ،موللا قۇشچى ،موللا سىدىق يەركەندى ،موللا مۇسا سەيرامى ،موللا يەركەندى ،موللا ئەلى قۇشچى ،بىلال نازىمى ،موللا ھەيدەر ،مۇھەممەد سىدىق رەشىدى ،شەۋقى ،ناقىس ،نۆبىتى ،نۇزۇگۇم ،ھۇسەيىن بايقارا ،باجىنا ،سەبۇرى ،ئىسمائىل بەگ ،يۇللۇغ تېكېن ،يۇسۇپ سەككاكى ،يۇسۇپ خاس ھاجىپ(ئىلىپبە تەرتىۋى بويۇچە نەقىل ئىلىندى ) ….قاتارلىق ئەنئەنە ئۇستازلىرىنىڭ شاپائەتلىك ھىممىتىنى بايقاش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ نامايەندىلىك ئورنىنى بەلگە قىلىپ تۇرۇپ «ئۇيغۇر شېئىريىتى»نىڭ چىكىنىش قەدىمىنى بەلگىلەپ قارا تەرگە چۇمىمىز .شېئىريەتتىن خۇرسەن بولۇش ھەم ئەپسۇسلىنىش ھىسياتى نۇقۇل شەخىسكە تەۋە ھىممەت بولماستىن بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلارغا خاس بولغان مەسۇلىيەتلىك ئويلۇنۇش .
تەسەۋۋۇردىكى سادا بىلەن دىلنى يۇرۇتۇش جەريانىغا كىتىۋاتىمىز ،ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بۇرچىمىزنى قانچىلىك ئادا قىلدۇق؟ .سويۇملۇك خەلقىمىزگە يىزىق مۇزىكىلىرىدىكى نوتىنى بۇزماي ئورۇنداپ بەرگەن شائېرلار قانچىلىك ؟شېئىريەت كۇزەتكۇچىلىرى بايان قىلغان باياناتنىڭ چۇشىنىش دائىرسى ئىچىدىكى جويلۇشلىرىنىڭ «شېئىريەت ھۇجەيرىسى »بىلەن باغلىنىشى بارمۇ –يوق ؟….مانا بۇ گۇزەللىك ئىزدىگۇچىلەرگە ،شېئىريەت يولىدىكى جاپاكەشلەرگە تاشلانغان سۇئال .توۋەندە «ئەنئەنە ۋارىسلىرى »لىرىنىڭ ئوتكەن ئەسىرنىڭ كىيىنكى يىرىمىدىن باشلاپ بىزگە تاشلاپ بەرگەن ئىجادىيەت سەرمەرلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئەنئەنىگە ياندىشىش ،بىلەن ئەنئەنىدىن چەتنەپ كىتىش، ھەقىقىتىدىكى چىنلىققا ئىچكىرلەپ كىرىمىز .
«ئەنئەنە ۋارىسلىرى »ۋە شېئىريەتتىكى« ئىستىھكام قۇربانلىرى »
بۇددا دىنىغا ئاساس سالغۇچى ،ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇش ،قېرىش ،ئاغرىش ۋە ئولۇش ئازابى ئىچىدىكى دەھشەتلىك ئازاپ كۇچىدىن راھەت –پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كىچىپ دەرۋىش بولۇش ئۇچۇن قەسەم ئىچكۇچى ساكيامۇنى مىلادىن ئىلگىركى 48-يىلى «ئەڭ ئاخىرقى نۇتىقى»دا -«شاگرىتلىرىم ،سىلەر ئوزۇڭلارنى نۇرلۇق چىراغ دەپ بىلىڭلار ،كۇلپەت ھەم خورلۇقنى ئازاپنىڭ سەۋەبى دەپ بىلىڭلار .ئويۇڭلاردىكى يىلاننى ئويدىن چىقىرۋىتىڭلار ،دۇنيانىڭ چىنلىقىنى بىلىڭلار ….»دەپ نەسىھەت قىلغان بولسا، يۇناندا ئوتكەن ئىدېئالىسىت پەيلاسۇپ ،تاش ئويمىچىنىڭ بالىسى، كۇچلۇك ناتىقلىق تالانتىغا ئىگە ئەقىل ھەۋەسكارى سۇقرات «ئەڭ ئاخىرقى ھايات سوتى»دا شېئىرى تەپەككۇر بىلەن نۇتىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ -:«قەدىرلىك قىرىنداشلىرىم… مىنىڭ ۋە سىلەرنىڭ كوپ ۋاقتى قالمىدى .بىز ئولۇمگە سەپەر قىلىۋاتىمىز .سىلەر ئاللاھ قارشىلىغىدىكى كىشىلەرنى…- مىنى ئولۇمگە بۇيرۇغۇچىلارنى ئەيىپلىمەڭلار ،بىر قىسىملار مىنىڭ دانىشمەنلىكىمدىن ئەنسىرەپ مىنى ئولۇمگە بۇيرىدى .غەيرى ئەقىدىلەرنى يۇرەكلىك تەشۋىق قىلغانلىغىم تۇپەيلىدىن ئولۇمگە ھوكۇم قىلىندىم .مەن يامانلىقنىڭ ھەم سۇيقەسىتنىڭ يولىدا تەمتىرەپ سەپەر قىلىۋاتىمەن .ئولۇمدىن كىيىن ماڭا بىر خورازنى قان قىلىڭلار ….ئولۇم روھىنىڭ ئىچىدىكى كۆچىشىدىن ،-ھەقىقەتنى ۋە گۇزەللىكنى تاپقايسىلەر …ئامان بولۇڭلار …»….
بىز بايقىغان ھەم بايقاش ئالدىدا تۇرغان، روھىمىزدىكى يىڭىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ،تىراگدىيە توقۇنىشى ئىچىدىكى گۇزەللىك ئاڭلاش ھەم كورۇش سەزگۇمىز ئارقىلىق بىزگە يىتىپ كەلدى ،ھەم يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرۇدۇ .ئىنساندىن ئىبارەت چەكسىز مومكىنچىلىكنىڭ ئاۋازى شئىردەك تاتلىق پىچىرلاپ مەنىلەر بىلەن چىڭدالغان تىلنى بىزگە يەتكۇزگەندە تەپەككۇر لەھزىسى بىلەن ھەزىم قىلىنشقا باشلىغان سوزلەر تەنگە ۋە روھقا تەسىر كورسىتىش ئارقىلىق بىزنى گۇزەللىككە چىللايدۇ .بىز ياشاشقا باشلايمىز .گەرچە گۇزەللىكتىكى تەمەننا ئارقىلىق قورقۇش پىسىخىكىمىزنى ئاشكارلاپ تۇرساقمۇ ۋاقىتنىڭ قەلىپكە ئۇرۇلغان بىئۆگىيەلىك تەرتىپلىرىدىن مەسخىرە قىلىنغان جەرياننىڭ تەننى يەكلىشى بىلەن شىئېريەتكە ئىچكىرلەپ كىرىشىمىز ئوتتۇرسىدىكى تەرتىپ مەقسەتنى ئاشكارلايدۇ .شېئىريەتتىكى مەقسەت نۇقۇل ئاۋاز ۋە رەڭ ئەمەس .يىزىقتىكى ۋەھىمە ئارقىلىق ئازاپ بىلەن ئىلىشىۋاتقان تەننىڭ جانلىق تىل دەۋرىدىكى بىشارىتى .بىز بۇ بىشارەت ئىچىگە كىرىپ ئوزىمىزنىڭ مۇئەللەقتىكى ئوبرازىنى ئىزلەش ئۇچۇن يەنىلا شېئىرغا مۇراجەت قىلىشىمىز كىرەك .شەكلەن ئادەم –يەنى ئەقىلنى يۇكسەكلەشتۇرۇپ، ئويدۇرۇپ چىقرىلغان تاشقى مۇھىت ئىچىدىكى ئادەمدىن گۇمانلىنىشنىڭ ھورمۇنلىرى ئوز –ئوزىنى ھىسسى دەۋرىگە ئىلىپ كىرىش ھىممىتىدىكى شېئىريەت ھۇجەيرىسىگە مەڭگۇ ئىگە بولالمىغاندا جانلىقلارنىڭ ئالماشتۇرۇش سىممىتىرىكىدىكى شەكىل بىلەن ئۇلارنى كىلۇنلاشمۇ مەڭگۇ مومكىن ئەمەس .مەۋجۇتلۇقنىڭ بىنۇرمال شەكلىدىكى روھى كىسەللىك تارىخى ئۇلارنى شېئىريەت بىلەن باغلاپ ئۇلارنى تەبىئې زۇرۇريەت بىلەن قورشاپ تۇرغاندا ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن ئاۋارە بولماسلىق كىرەك .دۇنيادىكى پۇتۇنلۇك گەۋدىسىگە كىرگەن شائېرلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئوخشاشلىق ھەممىگە قادىر ئۇلۇغلۇقنىڭ شاپائىتى بىلەن ئەنئەنىگە شەرەپ بىلەن كىرگەندە شېئىريەتتىكى سۇزۇكلۇكنىڭ زامان ۋە ماكان مۇناسىۋىتى بولمايدۇ .ئوخشاش تەپەككۇر ،ئوخشاش تەسەۋۋۇر ،ئوخشاش تۇيغۇ بىلەن ئاتمۇسبۇراغا كىرىپ كىلىمىز .ئىپتىدائى رىۋايەتلىرىمىزدىكى ناشتىلىق بىلەن ھىسسى دۇنيانىڭ روھ تاللاش پائىلىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقىنىمىزدا بىزنى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرغۇچى ئەركىن ئىرادىدىكى خىيالى تۇيغۇ بىزنى قىيىنچىلىقلارنى مەنسىتمەيدىغان ،ۋە قىيىنچىلىقنى، ئازاپنى، يوق قىلىدىغان شىپالىق دورىغا ئايلىنىدۇ .
روھ تاللاش پائىلىيىتىدىكى ئەركىن ئىرادە دوقمۇشىدا بىزنى كۇتۇپ تۇرغىنى ئەنئەنە ،ۋە سەنئەت فولىكلىرىمىزدىكى جەۋھەرلەر، بىز يەككە ئۇقۇم ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنىڭ تەجىربىسىنى دۇنيا قاراشنىڭ چەكلىمىلىرىدىن ئايرىپ ئەنئەنە جەۋھەرلىرىگە كىرىپ كىتىش سەپىرىنى باشلىغان شېئىريەت كارۋانلىرىنى «ئۇيغۇر شىئېريەت يۇرتى»دىن تىپىش ئۇچۇن ئارلىقتىن ھالقىغان تەسىر بىلەن ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ باقايلى .
شېئىريەتتىكى تەخىتنىڭ «ئوغۇزنامىدىن –دىۋانى بايازغىچە »ئىشقى تەسىرات ۋە ئازاپلىق شېئىرى نەزمىلەرنىڭ پۇتىلىشى بىلەن ئوز سەلتەنىتىنى تۇركى ئەللىرى ۋە پارىس تىللىرىدىكى ئەللەرنىڭ شېئىريىتىدە تىكلىگەنلىكى ئۇيغۇر شىئېريىتىنىڭ 18-ئەسىرگىچە ۋۇجۇت گۇلىدىكى دەرەخلىكتە مىۋە بەرگەنلىكى بىلەن خۇلاسە قىلىنىلىدۇ .شېئىريەتتىكى سەلتەنەتنىڭ ئاغدۇرلۇپ كىتىش دەۋرى گەرچە قىسقا بولسىمۇ شېئىريەت گۇللىرىنىڭ پۇرىقىنى قوغداش ئۇچۇن سەپەرگە چىققان كارۋانلاردىن -تاڭدا ئەمەس كىچىدىكى قازى كالان شائېرلار ۋەكىللىرى ،شېئىريەتتىكى ئەمىر –تىيىپجان ئىليۇۋ ،شېئىريەتتىكى بۇلاق تامچىسى- ئوسمانجان ساۋۇت ،مۇھەممەدجان راشىدىن ،يۇقلۇقتىكى قۇملۇق باياۋىنى –قۇربان بارات ،شېئىريەت ئىچىدە خەلىقنى سوزلىگۇچى –روزى سايىت ،ھەقىقەت سىرلىرىنى مەشىق قىلغۇچى –مامۇت زايىت ،شېئىريەتتە ئەنئەنىگە كۆچكۇچى ،ھەم مەھكەم ساقلىغۇچى ئەخمەتجان ئوسمان ،شېئىريەت مەيخانىسىدىكى شاھزادە –باتۇر روزى ،دىيانەت قەسىردىكى شائېر ۋە پەيلاسۇپ- ئابدىقادىر جالالىدىن ،شېئىريەت دەشتىگاھىدىكى دەرۋىش- پولات ھىۋىزۇللا ،يار ئاچتى ۋە دەرىزە چاققۇچى -ئەزىزى ،داستان كەلتۇرگۇچى –ئادىل تۇنىياز ،نەزمىكار –زاھىر بورھان ،شېئىريەتتىكى ناپەيدا –ئەركىن نۇر ،مۇدام ساھىپ -ئومەر مۇھەممەتئىمىن ،ئەل خاتىرلىرىنى شات ئەتكۇچى –ئەسقەر ياسىن ،سەرمە قامەتتىكى ئىسيانكار –مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى ،جۇنۇن ئىشقىدىكى –تاھىر ھامۇت ،ئوزىدە ياشىغۇچى ۋە ياشناتقۇچى مۇختەر مەخسۇت ،شېئىريەت كوزىدىكى قارچۇق ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ،شېئىريەت تۇپرىقىدىكى ئۇل بەرقى –ئابلەت ئابدۇرېشىت ،شېئىريەتتە زاھىرلەنگۇچى- ئابلىكىم ھەسەن ،زاماندىن پاكزات ،خوتەن دەشتىدىكى شېئىريەت ئەرۋىسى غوجا مۇھەممەد مۇھەممەد ،ئەھلى دۇنيادىكى ياش توككۇچى –ئابدىرېشىت ئېلى ،شېئىريەتتىكى مەن شاھىپ ئابدۇسالام ،ئىشقى ۋادىسىكى مەلىكە –چىمەنگۇل ئاۋۇت ،شېئىريەت مەلىكىلىرى –ئايسىمە ئىدرىس ،ئامانگۇل ئەزىز ،ئاتىكەم سىدىق ،گەۋھەر بولدى ئالدىدىكى –ئوسمانجان مۇھەممەت ،شېئىريەتتىكى مۇساپىر –مەن ،شەۋق قوزغۇغۇچى يازمىلىرى بىلەن كىچىگە قۇياشنى باشلاپ كەلگۇچى –قەيسەر تۇرسۇن ،شېئىريەتتىكى يول ۋە خاراكتىردە سەرۋە قامەت بىلەن ئەنئەنە دەرۋازىسىنى غەزەپ بىلەن چەككۇچى تالايلىغان ئۇيغۇر دىداكتىكىلىق شېئىريەت ،ئۇيغۇر تەمسىللىك شېئىريەت ،ئۇيغۇر سىمۇۋۇللۇق شېئىريەت مەھسۇلىيەتكارلىرى… قاراڭغۇلۇق بىدئىتىدىكى شېئىر ئوقۇغۇچىلارغا تالايلىغان ھىممەت ۋە ھىكمەت ئاتا قىلدى .كوزى كور ،قۇلىغى ئاڭلىمايدىغان ،شېئىريەت ھۇجەيرىسىسى يوق قىلىۋىتىلگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىرغاقلارغا چىقىرۋىتىلگەن سۇ دولقۇنلىرىدىن ئوزلۇكنى چاقرىش خەۋەرلىرى كوپۇككە ئايلاندى .ئەي !!شېئىريەت ئاسىيلىرى .شېئىريەت ئىستىھكامىدىكى سالغۇنلارنىڭ نە ئۇچۇن زاھىر قىلغان تەپەككۇر جەۋھەرلىرىدە تۇپراقتىن ئەنبەر ،ئەتىر كەلتۇرگەنلىكىنى نىمە ئۇچۇن تۇيمايسىلەر …..نىمە ئۇچۇن سەزمەيسىلەر ……بىر قەلەم بىر بىيىتنىڭ قەدرىنى قان بىلەن پۇتىۋاتقان ،ئادەت ئولىۋاتقان ،قول تىپىش ئۇچۇن كىچىدە ئۇزىۋاتقان شەپەرەڭدىكى بىشارەتگە بىر يولى ياد ئەتمىكى نەزمىلەرنى ھەزىم قىلدۇرۇش ئۇچۇن كىچىنى –كۇندۇزگە ئۇلاۋاتقان تەنلەرگە خارابات كىچىلەر بىلەن ئىسيان قىلىۋاتقان تەنلەرگە ۋاي …!!!سىماپ ھامان سۇ بولۇدۇ .سەزگۇرەشتىلەر …بولۇپمۇ قان بىلەن يىزىلغان تارىخ –شېئىريەتكە، چاقچاق قىلغۇچىلار قەلبىگە ۋاي …..!!!ئۇلارنىڭ كوزلىرىگە ۋاي ……!!!ئۇلارنىڭ ئازغۇن سوزلىرىگە ۋاي ….!!!شېئىريەت بىزگە يار ئىچىۋاتقان دەملەرنىڭ سولكىتى بىلەن ….نۇر تىشىنىڭ كىچىدىكى گۇزەللىكى بىلەن …..كوزلەرنىڭ ئەتىكاپتىكى مومىنلىكى بىلەن ئەنئەنە ۋارىسلىرىغا ئامانلىق تىلەيمەن ،چۇنكى شېئىريەتتىكى ئىستىكامنىڭ قۇرۇق قىلىشى رەزىللىكنى مىھراپ ئەيلەيدۇ .تاشلاردىكى بوھتان سەدىقىلىرى جەۋھەرلەرگە يامان سوز ،يامان كوز دىن پاناھ ئەيلەشنى ئەسكەرتىدۇ .
«ئەنئەنىگە كىرىش سوز »گە كىرىش سوز
ئەنئەنىنى،- شېئىريىتىىمىزدىكى چەۋەنداز ،ئۇيغۇر بۇگۇنكى زامان شېئىريىتىمىزگە ئۇل سالغۇچى ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن قان تەقدىم قىلغۇچى ،ئەرەپ شېئىريىتى ۋە تۇرىك ئەللىرى ئەدىىبياتىدا شېئىريەت تەختى بىلەن تارتۇقلانغۇچى ئەخمەتجان ئوسمان مۇنداق شەرھىلەيدۇ .
بىزدە «ئەنئەنە» دىگەن ئۇقۇم «ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان »دىگەن مەنىگە ياندىشىپ كىلىدۇ .زادى ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان نەرسە نىمە ؟
-خەلىق تەرىپىدىن مۇققەددەسلەنگەن يارالمىغا ۋارىسلىق قىلىشمۇ ؟
-شۇنداق .
ئۇنداقتا شېئىر بۇ ئەنئەنىنى ئېتراپ قىلمايدۇ .
-مەجھۇلغا ۋارىسلىق قىلىشمۇ ؟
-شۇنداق .
مانا بۇ شېئىرىېي ئەنئەنە .»
ئېستېتىك زوقتىكى ئورتاق سادانىڭ مەۋجۇتلىغىدا شېئىريەتنىڭ ئوبىيېكتىپلىق ۋە ئىجتىمايىلىقىنى،- خەلىق بىلەن ئولچىگۇچى تارازا ئارقىلىق داۋاملىق يىڭىلىنىپ تۇرىدىغان دۇنيانى ئولچىگىنىمىزدە ئەنئەنىنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئولچەم يەنىلا ھەقىقەت بولۇدۇ .ئەنئەنىگە بولغان سوبىكتىپ تاللىشىمىز شېئىريەت ئوبىيېكتىغا بولغان مەسۇلىيەتنىڭ ئىجتىمايى ئاڭ شەكلى بىلەن يەنىلا ئەنئەنىنى ئىزلەيدۇ .
ئۇيغۇر شېئىريىتىدە ئەنئەنە ئىزلەش جەريانلىرى شېئىريەتتىكى شەكىل –بولۇپمۇ ئارۇز ۋەزىن كورىشى بىلەن ئالاھىدە كوزگە چىلىقىدۇ .تارىخى ئاساس بىلەن يارتىلغان ئەنئەنىنى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويغۇچىلار رەسسام بىلەن تۇتاش كەتكەن ئەمگەكلىرىنى شېئىريەت ئەنئەنىسى دەپ جار سىلىۋاتقاندا مىللەتنىڭ ئوز چوڭقۇرلۇقىدا مەجھۇلنىڭ ھەركەتلىنىۋاتقان گۇزەللىكىنى بايقىيالىدىمۇ ؟قىنى توۋەندىكى ئىسپاتقا قاراپ بىقىڭ .ناۋائې 15-ئەسىردە ئوتكەن كىلاسسىك شائېرىمىز .باتۇر روزى بىز بىلەن زامانداش بولغان 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوز تالانتىنى نامايەن قىلىپ ياشاپ ئوتكەن ئىستېداتلىق شائېرىمىز .ناۋائې دۇردانىلىرىنى شېئىريەتتە ئەنئەنىگە ئايلىنىپ كەتكەن جەۋھەرلەر دەپ قاراش ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا مۇتلەقلەشتۇرۋىتىلگەن .چەكسىزلىكتىكى مەنىلەردە بابىر ،ھۇۋەيدا ،ئايازى ،ئەرشى ،بابا رەھىم مەشرەپ ،باتۇر روزى ،غوجا مۇھەممەد مۇھەممەد ،مۇھەممەت خىۋىر ،ۋارىسجان قاسىم ،مۇتەللىپ مەنسۇر ،….قاتارلىقلارنىڭ غەزەللىرىدە نۇقۇل ئارۇز ۋەزىننى بىرلىك قىلغان شەكىل بىردەكلىكى ئەمەس ،مەزمۇن چوڭقۇرلىغىدىكى ئوخشاش تەپەككۇر ،ئوخشاش تۇيغۇ، زامان ۋە ماكان قورشاۋىدىن چىقىپ كەتكەن يىقىنلىقنى ھازىرلىغان .ئەنئەنىگە بولغان سەمىمىلىكنى يۇقارقى شائېرلىرىمىزنىڭ توۋەندىكى غەزەللىرىدىن بايقاش مومكىن .
ساقىيا مەي تۇتماغان خۇنابە ھىجران قالدىمۇ؟
بەرمەدەڭ مەي ئەمدى قان يۇتماققا ئىمكان قالدىمۇ؟
ئەيكى دەرسەن ئىستەسەڭ ۋەسلىمنى جان قىلغىل پىدا،
مۇنى سور ئەۋۋەلكى ھەجرىڭدىن ماڭا جان قالدىمۇ؟
كۆرگەچ ئول ئاينى جۇنۇندىنكىم يېقىلدىم ئەي ر ەفىق
تەڭرىچۈن ئەيتكى ھالىمغا ھەيران قالدىمۇ ؟،
ئەي كۆڭۈل بۇ گۈلشەنىدىن ئەتراپقا باقكىم غۇنچەئى،
كىم كۆڭۈل جەم ئەيلەدى بولماي پەرىشان قالدىمۇ؟
ئەي نەۋائى قاچماغىل ھەمدەملىغىمدىن كۆركى بار،
گەر ساڭا مېھرىن كەم ئەتتى بىزگە يەكسان قالدىمۇ؟
ناۋائې
ﺩﻩﺭﯨﺨﺎﻛﯩﻢﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﻮﻝ ﺩﯨﻠﺮﻩﺑﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ،
ﻗﺎﻟﯩﭙﺘﯘﺭﻟﻪﺭ ﻧﻪﭼﻪ ﻧﺎ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ،ﺋﻮﻝ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻧﻪﺳﯘﺩﺋﻪﻣﺪﻯ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﯜﻥ ﺧﻪﺭﻣﯘﻫﺮﻩﻟﻪﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ،
ﻧﯧﺘﻪﻱ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺩﯗﺭﺭﻯ ﺑﯩﺒﻪﻫﺎﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﺧﯘﺷﺎﺑﻪﺯﻣﻰ ﯞﯨﺴﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﻪﻛﯜﻥ ﻛﺎﻣﯩﺮﺍﻥ ﺋﻪﺭﺩﯨﻢ ،
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﻪﻫﺘﺎﺏ ﺋﻪﻳﻨﯩﻢ ﺗﯩﻴﺮﻩ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﻣﻪﻫﻠﯩﻘﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻧﯩﭽﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﯟﻩﭘﺎ ﺑﯩﺮ ﺷﻮﺥ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺷﻮﺥ ﺋﯩﺪﻯ ﻳﺎﺭﻩﺏ،
ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﺕ ﺋﯩﻠﻪ ﺑﻪﺱ ﺋﻪﺭﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪﭖ ﺑﯩﻨﻪﯞﺍ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
(ﺋﻪﺭﺷﻰ)
ﺩﯨﻠﺒﻪﺭﺋﺎﺳﺎﯕﺎ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﺎﺭﯗ،ﺟﺎﻧﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ،
ﺳﺎﯕﺎ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﺭﯗ،ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
ﺧﻪﺳﺘﻪﯞﯗﺑﯩﻤﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻳﻮﻟﯘﯕﺪﺍ ﻳﺎﺗﺴﺎﻡ ﻣﯘﺭﺩﻩﯞﺍﺭ،
ﺳﻮﺭﻏﯘﭼﻰ ﻫﺎﻟﻰ ﻏﯧﺮﯨﺒﻰ ﻣﻪﻫﺮﻩﻣﻰﺟﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
ﻳﯜﺭﻩﮔﯩﻢﺑﻮﻟﺪﻯ ﺟﺎﺭﺍﻫﻪﺕ،ﺑﺎﻏﻼﺩﻯﺯﻩﺭﺩﺍﭘﯘ-ﻗﺎﻥ،
ﺳﻪﻥ ﻛﻪﺑﻰ ﻣﻪﻫﺮﻩﻡ ﻗﯩﻠﯘﺭ ﻳﺎﺭﻯ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
ﻏﯘﻧﭽﻪ ﻳﻪﯕﻠﯩﻎ ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻘﯩﯖﺪﺍﻣﻪﻥ ﺧﺎﻣﯘﺷﻤﻪﻥ،
ﺑﯘ ﻫﯘﯞﻩﻳﺪﺍﺩﻩﻙ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﺎﻏﺮﻯ ﺗﻮﻻ ﻗﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍﺩﯗﺭ.
(ﻫﯘﯞﻩﻳﺪﺍ)
ﻧﻪﺭﮔﯩﺴﯩﯔﺟﺎﺩﯗﺳﯩﺪﯨﻦ ﻫﻪﺭﺩﻩﻡ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ،
ﺳﯘﻧﺒﯘﻟﯘﯓ ﺳﻪﯞﺩﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﺗﯩﺮ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ.
ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﯨﻦﺑﯩﺮ ﺯﯨﻨﺪﻩﮔﺎﻧﻠﯩﻎ ﺋﺎﯕﻼﺩﯨﻢ ﺩﯨﺸﯟﺍﺭ ﺋﯩﻤﯩﺶ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺟﯘﺩﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﻧﻪ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ.
ﻧﺎﻟﻪﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺋﻪﺭﺩﻯ ﺭﻩﻫﻤﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻱ ﺋﻪﺭﺩﯨﯔ،ﯞﺍﻫ ﻗﻪﻧﻰ،
ﻛﯩﻢ ﭘﯩﺮﺍﻗﯩﯔ ﺯﻩﺋﻔﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻘﻤﺎﻏﺎﻥ ﺟﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ.
ﺋﻪﺑﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱﻫﻪﺭﺩﻩﻡ ﺩﯗﺭﻩﻓﺸﺎﻥ ،ﺋﻪﻱ ﺋﺎﻳﺎﺯﻯ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ،
ﻫﺎﻟﻰ ﺯﺍﺭﯨﻤﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺋﻪﻓﻼﻙ ﮔﯩﺮﻳﺎﻧﺪﯗﺭ ﻣﺎﯕﺎ.
(ﺋﺎﻳﺎﺯﻯ)
ﻗﺎﻳﺴﻰﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﺭﯨﻦ ﯞﺍﻱ ﺟﺎﻧﯩﻤﻪ ﺋﻪﻏﻴﺎﺭﯨﯔ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﻘﺎﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﺩﻩﻱ ﺩﯨﻠﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ .
ﻗﺎﻳﺴﻰﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻩﻫﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺌﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﻫﯩﻨﯩﯔ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺟﺮﻩﯞﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﭼﻪﺭﺧﻰ ﻛﻪﺟﺮﻩﺑﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ.
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫﻪﺳﺮﻩﺕﺑﯩﺮﻟﻪ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﯩﻦ ﯞﻩﭘﺎﺳﯩﺰ ﯞﻩﺳﻠﯩﻨﯩﯔ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻬﻨﻪﺕ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﺭﻩﻧﺠﯩﻦ ﭘﯘﺭﻗﻪﺗﻰ ﺧﯘﻧﺨﺎﺭﻩﻧﯩﯔ.
ﺑﺎﺑﯩﺮ ﺋﻮﻝ ﮔﯜﻝ ﺟﻪﯞﯨﺮ ﺋﯩﺘﻪﺭ ﺋﻪﻏﻴﺎﺭﻩﺩﯨﻦ ﻧﻰﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ،
ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺭﻯ ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯞﻩﻫ ﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﺧﺎﺭﯨﻨﯩﯔ،
(ﺑﺎﺑﯩﺮ)
ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢﺋﻮﻝ ﭘﻪﺭﻯﺭﯗﺧﺴﺎﺭﯨﻨﻰ،
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥﻛﯚﺯﻟﻪﺭﻯ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﻨﻰ.
ﺋﯜﭺ ﻛﯚﺭﯛﭖﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺟﺎﻥ ﺑﻪﺭﺳﻪﻡ ﺷﻪﮬﯩﺪﯗ ﺋﯩﺸﻘﯘ ﻣﻪﻥ،
ﺗﯚﺕ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺳﻪﻟﯘﻟﻪﺭﺧﻪﻧﺠﻪﺭﻯﺗﻪﻳﻴﺎﺭﯨﻨﻰ.
ﺑﻪﺵ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﻟﯘ ﺟﺎﻧﻐﺎ ﺩﯗﺭ،
ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩﺗﯩﻠﻪﺭﻣﻪﻥ ﻗﺎﭘﯩﺰﯗ ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﯩﻨﻰ.
ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﺪﺍ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢﺳﯩﻨﯩﯖﺪﻩﻙ ﻧﺎﺯﯗﻙﺑﻪﺩﻩﻥ،
ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﯘﭼﻤﺎﻗﺘﺎ ﺑﻪﺩﻩﻝﻗﯩﻠﻐﺎﻳﻤﯘ ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﺭﯨﻨﻰ.
ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﻱ ﺑﻮﻟﺪﻯﻧﻪﯞﺍﺋﻰ ﻳﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯩﻠﻰ،
ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻱ ﺑﯩﺮﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﺮﻩﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢﻏﻪﻣﺨﺎﺭﯨﻨﻰ.
ناۋائې
ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭ ﻣﻪﺷﺮﻩﺑﯩﯖﻤﻪﻥ،ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ،
ﺑﯩﮭﯘﺷﺘﯘ ﮬﯘﺭﻯ ﻏﯩﻠﻤﺎﻧﯩﯔ ﭘﯜﭼﻪﻙ ﭘﯘﻟﻐﻪ ﺳﺎﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
ﻧﻪ ﺋﻪﻳﻠﻪﻱ ﺋﺎﺑﻰ ﻛﻪﯞﺳﻪﺭﻧﻰ ﻧﯩﮕﺎﺭﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻪ ﺳﺎﻗﻰ،
ﺧﻪﺭﺍﺑﺎﺕ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ ﻗﻪﺗﺮﻩ ﻣﻪﻱ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
ﺋﺎﻳﺎ،ﺩﻩﯞﺯﻩﺥ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭ،ﺧﻪﻻﻳﯩﻖ ﻛﯚﻳﻤﻪﺳﯘﻥ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ،
ﺗﺎﻣﯘﻏﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﯩﻖ ﺋﻮﺗﻰ ﭘﯘﺭ ﺯﻭﺭ،ﺋﺎﻧﯩﯔ ﺯﻩﮬﺮﯨﻦ ﻳﯜﺗﯜﭖ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
ﻛﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ،ﺩﯦﺪﯨﻢ:<ﺋﺎﻟﻐﯩﻞ ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﻨﻰ>،
ﺋﻪﺟﻪﻝ ﻗﺎﭼﺘﻰ،ﺋﯘﺭﯗﭖ-ﻗﻮﻏﻼﭖ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻧﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
ﺳﺎﻟﯩﭗ ﺑﺎﺯﺍﺭﻯ ﺋﯩﺸﻘﯩﯖﻐﻪ ﻣﻪﺗﺎﺋﻰ ﺟﯩﺴﻤﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﻨﻰ،
ﺧﻪﺭﯨﺪﺍﺭ ﺳﻮﺭﻣﺎﺩﻯ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ،ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
ﯞﯨﺴﺎﻝ ﺋﻪﻳﻴﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ،ﻛﯚﺯﯛﯓ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﮬﯩﻤﻨﻰ،
ﺑﺎﺷﯩﻤﻐﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻳﺎﺭﯨﻢ،ﻣﻪﻥ ﻳﺎﻧﯩﭗ ﺋﯘﺧﻼﭖ،ﺑﯘﻛﯜﭖ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺋﻮﺗﻘﻪ ﻣﻪﻧﻰ ﺩﯨﯟﺍﻧﻪ ﻣﻪﺷﺮﻩﺑﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ،
ﻧﻪ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺩﻩﺭﺕ ﺗﺎﭘﺪﯨﻢ،ﻛﯚﺯﯛﻡ ﻳﺎﺷﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ.
بابا رەھىم مەشرەپ
ﺋﺎﻧﺎﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﯗﻡ،ﺗﻪﯕﯩﺮﺩﯨﻦﻣﯩﯔ ﺭﻩﺕ ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ،
ﺯﺍﻛﺎﻣﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻏﯘﻟﺪﯗﻡ،ﻣﯩﯔ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻏﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ.
ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻦ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪﻛﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻣﻪﺧﺴﻪﺕ،
ﮬﺎﻳﺎﺗﻤﻪﻧﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﺳﻪﯞﺩﺍﺩﯨﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﻱ ﺩﻩﻡ ﻗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ؟
ﺑﯘ ﺳﻪﯞﺩﺍﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺴﺎﻡ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﺩﺍ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻱ،
ﻣﻪﺳﻪﻝ ﺑﺎﺭ<<ﻗﺎﭼﺴﺎ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺑﯚﺭﯨﮕﻪ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻕﺑﺎﺭ.>>
ﻣﺎﯕﺎ ﻳﻮﻝ-ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭ،ﮬﺎﻣﺎﻧﻪ ﻗﺎﭼﻘﯩﻨﯩﻢ-ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ،
ﺑﯘ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻠﯩﺴﺎﻡ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﺳﻮﻗﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ.
ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻤﯩﻨﻰ ﮔﻪﺭ ﺋﯩﻘﺎﺩﺕ ﺋﻪﺗﺴﻪﻣﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ،
ﺭﻩﮬﯩﻤﺴﯩﺰ ﺷﯘ ﺋﻪﺟﻪﻟﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﭼﯘﻏﺎﺳﯩﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻟﻤﺎﻕ ﺑﺎﺭ.
باتۇر روزى
كەزسەم خوتەننى ،قەشقەردە ئاھىم ،
ياش تۆكتى ئاقسۇ،مىڭ ئەردە ئاھىم .
ئىزدەپ تىنچلىق بارسام ئىلىغا ،
قانىتى بوغۇق كەپتەردە ئاھىم .
ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى ،
جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم .
تۇرپاندا قەبرە ، بولدۇم ھازىدار ،
شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم .
كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ ،
ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم .
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
……………………………………………
……………………………………………
شېئىريەتتىكى تاشقى شەكىل- شېئىريەتنىڭ مەۋجۇتلىغىدا ئالاھىدە ئامىل ئەمەس ،شەكىل تۇزەشكە ئامال قالمىغاندا بىزنىڭ ئىتراپلىقىمىزدىكى يىزىق بەلگىلىرى قاپىيە بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن ۋەزىن بىردەكلىكىدە شېئىريەتنى مەنىگە ئىگە قىلىش ئۇچۇن بايان شەكلىنى قوللۇنۇپ شېئىريەتنىڭ ئەسلى تەركىبىگە خائىنلىق قىلىدۇ.شېئىريەتتىكى ئىچكى ئىنىرگىيەنى ئەگرى –توقاي چىغىر يولدىكى تەپەككۇر ۋە تۇيغۇ بىرلىكىدە تۇرغۇزۇپ چىققان ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ بىزگە ئىيتىپ بەرگەن ھىچنەرسىلىرى ئىچىدىن تەسەۋۋۇرىدىكى پارچىلىنىشنى بايقاشتىن بۇرۇن زامان پەرقىدىكى تۇتەكنى چىقىرىپ تاشلاپ شېئىريەتنى روھىيتىمىزنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇپ باقايلى .
-شېئىريەتتتىكى تەنقىتچىلەر ئورنەك قىلىۋاتقان ئاشۇ جۇملىنى نىمە ئۇچۇن قوبۇل قىلمايدىغانلىغىمنى ،نىمە ئۇچۇن ئايرىم كورسىتىلگەن ،تۇيغۇ بىردەكلىكى بولمىغان ئىماگ ئىبارىلىرى بىلەن روھىمنىڭ تالان –تاراجقا ،مىڭەمنىڭ يۇيۇلۇپ كىتىشىگە سەۋەپ بولغان ئامىلنى سەنئەت داڭقىدىكى ھالىقىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغۇچى شېئىريەتتىن ئىزلەش ئۇچۇن قايسى ماكاندا ،قايسى زاماندا ياشىشىم كىرەك –ھەزرىتىم ؟؟
-سەن ئەينەكتىكى دۇنيادا ياشاۋاتقانلىغىڭنى بايقاشتىن بۇرۇن بۇ سۇئاللىرىڭنى رەت قىلىش كۇچىگە ئىگە ئىدىم .لىكىن مەن رەت قىلىش كۇچىنى يەنىلا “گۇمانلىنىش “رىتىسىپىغا باغلاپ سۇئاللىرىڭغا جاۋاپ بىرەي .سەن ئىككىنجى ئاگاھلاندۇرۇش ماكانىدا ياشاپ باققىن ….تۇيغۇ بىلەن ئەقىلنىڭ قۇدا بولۇش ماكانىدا …لىكىن بۇ ماكاننى تىپىش ئۇچۇن ئوزىڭدە بەخىتلىك ئىدىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇش قانۇنىيتى بىلەن مىڭە سىستىمىسىغا قۇرۇلغان ئورمانلىقنىڭ كىسىشمىسىدىكى يولدا جان تالىشىسەن ….شۇنىڭغا بەرداشلىق بىرەلىسەڭ ھەقىقەتنى مەقسەتلىك ئەمەس بىۋاستە چۇشىنىش باسقۇچىغا يىتىپ بارىسەن …قىزغىنلىق بىلەن ئوتمۇشكە قايتىپ كەتكەنلىكىڭنى تىنىڭدىكى زەرىچىلەر ئىيتىپ بىرىدۇ .
ھەزرىتىمنىڭ جاۋاپلىرىدىن ئويغاق ھالەتتە ئەمەسلىكىمنى پەقەت ياشاشتىكى پەرىقتە ئۇيقۇلۇق ۋە ئويغاق ھالەتنىڭ كىسىشمىسىدە تۇرۇپ شېئىر ئوقىغانلىقىمنى سەزدىم .بىۋاستە سىزىم قارىشىنىڭ مىنى ئالدىغانلىغىنى بىلگەندىن كىيىن ئەقىلنىڭ ھەم ھىسياتنىڭ دۇشمىنىگە ئايلاندىم …….
تىل بەلگىلىرى تىل مەنىلىرىنى ئىپادىلەشتە خىزمەت قىلىش زۇرۇريىتىنى لوگىكىلىق چەكلەش بىلەن ئەمەس دۇنيا مەنىسىزلىكلىرى ئىچىدىكى سۇكۇت بىلەن پۇتىۋاتقاندا نىتزىنىڭ “دۇنياغا مەنا ئاتا قىلىش ئۇچۇن كەلدىم “سوزىنىڭ مۇققەدىسىگە ئىرىشتىم .ئەنئەنىنى ئاڭلاۋاتقىنىمدا مىنى ئوقىۋاتقان ھەرىپلەرنىڭ مىنى پۇرىۋاتقانلىغىنى سەزدىم .زۇرۇريەت مىنى ھەرىپلەرنى تىتىپ بىقىشقا ئۇندىدى .ۋەزىن گۇزەللىكدىن قايتىپ چىقىپ رىتىم گۇزەللىكگە قايتىپ كەلدىم .تۇپراقتىكى شېئىريەت ئۇرۇقلىرى بىز ئەنئەنە دەپ پىچىرلىدى .”تەخمىنەن گۇزەللىك”نىڭ سەنئەتلىك قۇرۇلمىسىدىكى پەرىقنى ئىزلەش ئۇچۇن يۇرۇقلۇققا مۇھتاج بولدۇم .
ئەنئەنىنى بايقاشتىكى جەرياننىڭ يۇرۇقلۇق بىلەن خۇلاسە قىلىنىشى سۇ دولقۇنى كىمىنى تەۋرىتىپ قوزغاتقاندا ئوخشاش قەلبىمگە خىتاپ قىلدى .ئەي !!قەلىپتىكى يۇرۇقلۇق سەن قايەردە ؟تاشقى شەكىل يۇرۇقلۇقنىڭ ئىچىدە .لىكىن قەلىپتىكى نۇرچۇ ؟تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىدىكى غەززالى “قەلىپنىڭ گۇللىنىشى “دە نۇرنى بەندىگە تۇغما دەپ شەرھىلەپتۇ .مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىدىكى ساترىدىن ئىلگىركى كېركېگارد سۇقراتنىڭ ئىدىيىلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ “بۇ ياكى ئۇ “ئەسىردە قەلىپتىكى گۇزەللىكنىڭ نۇر ئىكەنلىكىگىنى .بۇ نۇرنىڭ ئىېستېتېكىدا ئىكەنلىگىنى شەرھىلەپتۇ .تۇرمۇش باسقۇچىدىكى ئەيمىنىشنىڭ گىرۋىكىدە تۇرۇپ ئىنجىل قىسىلىرىدىكى “قەلىپتىكى نۇر “دا –بۇ ئادەم كىم ؟يۇھاننا بىزنىڭ تىنىمىزنى پاكلاپ يۇيۇندىراتتى .ئۇ بىزنىڭ روھىمىزنى يۇيۇندۇرۋاتىدۇ ….روھىمدىكى ۋە قەلبىمدىكى نۇرنىڭ ئىتىقات ئىكەنلىكىنى سىزىۋاتىمەن …بولەكلىرى ،قۇرئانى كەرىمدىكى سۇرە نۇر ئايەتلىرى بىلەن يورۇقلۇق تارازىسىغا ئىگە بولغاندىن تاشقىرى شېئىريەتتىكى ئەنئەننىڭ ئىتىقاتمۇ ئەمەس ،پەلسەپىمۇ ئەمەس قەلىپتىكى قۇياشنىڭ رىتىم ئەۋجىدىكى چۇقانى ئىكەنلىگىنى يۇشۇرۇن ھىسيات ۋە ئەقىل بىلەن شاماللار ھۇشقۇرتىشىدا ئاڭلاش يۇرۇقلۇقتىن سىرىتقى نۇر بىلەن يورۇقلۇق ئىچىدىكى نۇرنىڭ پەرقىنى بىزگە سوزلەپ بىرىدۇ .قەلىپتە يورۇقلۇقنىڭ تىزلىگىنى بىسىپ چۇشىدىغان سىزىم بىلەن روھىمىزغا ئىلتىجا قىلىمىز. دىمەك ئەنئەنە بىزنىڭ ئوتمىشىمىزدىكى يورۇقلۇق .ئوز ئوتمىشىمىز بىلەن سوزلىشىش ئۇچۇن نۇرغا مۇھتاج بولىمىز .ئوتمۇش بىلەن سوزلىشىش نۇسرىتى شائېرلارغا تۇيغۇ ۋە تەپەككۇر بەركىتى ئاتا قىلىشتىن بۇرۇن قاراڭغۇلۇقتىن ۋاز كىچىشىمىز كىرەك .