‹‹مۇقام›› دېگەن سۆز قانداق پەيدا بولغان؟

مۇرادىل مۇختەر

ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا ئەمگەك، تۇرمۇشتا ناخشا – كۈيلەردىن ئايرىلمىغان، يىپ ئېگىرگەندە، ئورما ئورىغاندا، يول يۈرگەندە، توي – تۆكۈنلەردە، ئومۇمەن ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەممە ساھەسىدە ناخشا – مۇزىكىدىن ئايرىلمىغان. ئۇزاق دەۋرلىك تەرەققىيات داۋامىدا، مۇزىكا – كۈيلەر ئىجتىمائىي ھايات ۋە تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قانۇنىيىتى بىلەن بىرىككەن. ھازىر ‹‹مۇقام›› سۆزى تىلغا ئېلىنسا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا دەرھال ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› كېلىدۇ. ‹‹مۇقام›› دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››نى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كىشىلەر بىلسىمۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغانلىقىنى مۇزىكا ساھەسىدىكىلەر ۋە مۇزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن باشقىلار بىلمەسلىكى مۇمكىن.

‹‹مۇقام›› دېگەن سۆز بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسىنىڭ نامىنى كۆرسەتسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تۇرمۇشىمىزدا بىرەر سۆز – ھەرىكەتنىڭ لايىقىدا، ئۆلچەملىك بولغان – بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ‹‹سۆزۈڭ مۇقامىغا چۈشمىدى››، ‹‹مۇقامغا كېلىدىغان ئىش قىلساڭ بولمامدۇ››، دېگەندەك.

‹‹مۇقام›› ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەرتىۋە، جاي، ماكان، تۇرالغۇ، مەنسەپ، ئۇنۋان دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز ئەرەب تىلىدا باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ، قاتلام، دەرىجە دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. كېيىنچە ‹‹مۇقام›› دېگەن سۆز ئاستا – ئاستا مۇستەقىل ھالدا ‹‹كۈي››، ‹‹مۇزىكا›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولغان. بۇ سۆزنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى ‹‹تون›› دېگەنلىك بولۇپ، جانلىق تىلىمىزدىكى ‹‹پەدە›› دېگەن سۆزگە يېقىنراق كېلىدۇ.

‹‹مۇقام›› دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدىن پارس تىلىغا ئۆزلەشكەندە، ئۇنىڭ ئەسلىي مەنىلىرىدىن باشقا ‹‹ئاھاڭ››، ‹‹كۈي›› دېگەن مەنىلىرى مۇقىملىشىپ قالغان. پارسلارنىڭ كلاسسىك كۈيلەرنى رەتلەش، سىستېمىلاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ‹‹مۇقام›› سۆزى پەقەت ئاھاڭ، كۈي مەنىسىنىلا ئەمەس، بەلكى كلاسسىك، ئەنئەنىۋى مۇزىكىلارنى بىلدۈرىدىغان ئالاھىدە مەنىلەرنىمۇ كۆرسىتىدىغان بولغان. كلاسسىك، ئەنئەنىۋى مۇزىكا، كۈيلەر ‹‹مۇقام›› نامى بىلەن ئاتالغان. ‹‹مۇقام›› سۆزى ئۇيغۇر تىلىنىڭ چاغاتاي تىلى باسقۇچىدا ئورۇن، جاي، دەرىجە دېگەن مەنىلەردىن باشقا، يەنە ئاھاڭ، كۈي دېگەن مەنىلەردە ھەم كلاسسىك مۇزىكىلارنىڭ نامى سۈپىتىدىمۇ قوللىنىلغان. چاغاتاي تىلىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا مۇشۇ تىلنى قوللانغان ئەللەر كلاسسىك كۈي – مۇزىكىلىرىنى بىر قېلىپقا سېلىپ رەتلىشى، سىستېمىلاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ‹‹مۇقام›› دېگەن سۆزنىڭ يەنە بىر مەخسۇس مەنىسى، يەنى ھەممىلا يەككە كلاسسىك كۈي – مۇزىكىلار ‹‹مۇقام›› دەپ ئاتىلىش ئادىتى مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىپ قېلىشتىن باشقا، پەقەت سىستېمىلاشقان كۈيلەر گۇرۇپپىسى ‹‹مۇقام›› دەپ ئاتىلىدىغان ئادەت بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹مۇقام›› دېگەن سۆز مۇزىكا ساھەسىدە مەلۇم تەرتىپ بويىچە رەتلىنىپ سىستېمىلاشتۇرۇلغان كلاسسىك كۈيلەرنىڭ بىر تۈركۈمى ياكى بىر گۇرۇپپىسىنىڭ نامى بولۇپ قالغان.

بۇلار ‹‹مۇقام›› سۆزىنىڭ پارس تىلى ۋە چاغاتاي تىلىدىكى مەنە تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ قايتا رەتلەنگەن ۋاقتى 16 – ئەسىرگە، يەنى سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ دەۋردە ‹‹مۇقام›› دېگەن سۆزنىڭ سىستېمىلاشقان كۈيلەر دېگەن خاس مەنىسى مۇقىملىشىپ، پەقەت سىستېمىلاشقان كۈيلەر تۈركۈمىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇلارغا ئايلانغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا ‹‹مۇقام›› دېگەن سۆز تىلىمىزدا ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى بولغان ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› نىڭ خاس نامى بولۇپ قالغان.

(ئاپتور: خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن)