ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىملىك ئىستېمالىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ئابدۇقەييۇم مىجىت


ئۇيغۇرلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن باشلاپ يېمەك– ئىچمەك تىجارىتىنىڭ بازارلىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىملىك سانائىتى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا قاراپ يۈزلەندى. 20– ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئىچىملىك مەدەنىيىتىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇ ئۆزگىرىشلەردىكى ياخشى ئامىللارنى تېخىمۇ غولدىتىش، يامان خاھىش ۋە يۈزلىنىشلەرنى دەل ۋاقتىدا توسۇش ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن تەخىرسىز بىر مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇيغۇرلار يېمەك مەدەنىيىتى جەھەتتە خېلى يۈكسىلىپ، ئاشپەزلىك كەسپى مىللىي ئىقتىسادىي فورماتسىيىدە مۇھىم كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئىچىملىك مەدەنىيىتى جەھەتتە تېخىچە ئىستېمالچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. «يېمەك– ئىچمەك مەدەنىيىتى ئەنئەنىۋىلىككە، دەۋرىيلىككە، نىسپىي ئۆزگىرىشچانلىققا ۋە مىللىي خاسلىققا ئىگە بولىدۇ»①. ئۇيغۇر ئىچىملىك مەدەنىيىتى باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە قارىغاندا قانداق مىللىيلىككە ئىگە؟ ئىچىملىك مەدەنىيىتىمىزدىكى ئەنئەنىۋىلىك زامانىمىزغا كەلگەندە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر مىللىي ئىچىملىك سانائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىملىك ئىستېمالىدىكى رولى ۋە تەسىرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەرنىجىددىي ئويلىنىش بىز ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر. چۈنكى، نۆۋەتتە خەلقىمىزنىڭ ئىستېمال قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەقلىي ۋە ئىلمىي يۈزلىنىشكە يېتەكلەش بەك مۇھىم.

مەلۇم بىر ئىچىملىكنى ياساش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ماتېرىياللارنىڭ توپلىنىشى، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش شۇ ئىچىملىكنى ياساشنىڭ جەريانىدىكى ھەرقايسى قەدەم باسقۇچلىرى (ئىشلەپچىقىرىش جەريانى)، ئىش تەقسىماتى، ئاندىن ئۇنىڭغا مەلۇم بىر ماركىنى بېكىتىش، بازارغا سېلىش، سېتىۋېلىش قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە باغۋەنچىلىك، سودا، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش، ئىستېمال قىلىشتىن ئىبارەت بىر جەرياننى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان بەزى تۈزۈم، ئادەت ۋە ئەدەپ– قائىدىلەر، ئەخلاق مىزانلىرى چوقۇمكى بىر مەدەنىيەت زەنجىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بىز «ئىچىملىك مەدەنىيىتى» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشنى ئارتۇقچە ئەمەس دەپ قارايمىز. چۈنكى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئېيتقاندەك: «مەي (ئىچىملىك)— ئاددىيلا مەئىشەت ۋاسىتىسى بولماستىن، مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر»②. ئىچىملىك سۆزى ئىنسان ئىچىدىغان (ئىستېمال قىلىدىغان) سۇيۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ئىچىملىك» سۆزى پەقەت «ئادەمنى مەست قىلىدىغان ياكى سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرغاندىلا ئاندىن ئىچىلىدىغان سۇيۇقلۇقلار» مەنىسىدە ئىستېمال قىلىنماقتا.

ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ئىچىملىككە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن خەلقتۇر. ئۇيغۇرلار ئىستېمال قىلىدىغان ئىچىملىكلەرنى ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىچىلىدىغان ئىچىملىكلەر ۋە شىپالىق (مەسىلەن، ئاچچىقسۇ، سىركە… دېگەندەك) رولى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئىچىلىدىغان ئىچىملىكلەر، دەپ ئىككىگە بۆلۈش مۇمكىن. ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن رايونلارنىڭ كۆپ قىسمى قۇرغاق رايون بولغاچقا، قىش بىلەن يازنىڭ پەرقى ناھايىتى ئېنىق بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۆزى ياشاۋاتقان يەرلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ھاۋا كىلىماتىغا مۇۋاپىق بولغان ھەمدە ئۆزىنىڭ مىزاجىغا ماس كېلىدىغان ئۆزىگە خاس ئىچىملىك ئىستېمال ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن. قەدىمدىن تارتىپ چەكسىز قۇملۇقلاردىكى پارچە– پارچە بوستانلىقلاردا ياشاپ، تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىز ئۆزىنىڭ كۆجۈم مەھەللىلىرىدە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى بولغان يېمەك– ئىچمەككە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. مەسىلەن، ئەجدادلىرىمىز يازنىڭ تومۇز ئىسسىقلىرىدا ئۆزىگە ئۇپ (ئىسسىق) ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەر بىر مەھەللىدە بىردىن مۇزخانا كولاپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ياغاچ– تاش يىكەنلەرنى سېلىپ يازنىڭ تومۇز ئىسسىقلىرىدىمۇ جانغا راھەت بېغىشلايدىغان مۇز سۇلىرىنى ئىچىپ ئۆزىنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كەلگەن. بۇ ناھايىتى قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن ئادەت بولۇپ، قىش پەسلىدە دەريا ۋە كۆللەردە مۇز تۇتقان ۋاقىتلاردا پۈتۈن مەھەللىدىكى چوڭ– كىچىك، قېرى– ياش، ئەر– ئايال ھەممىسى سەپەرۋەر قىلىنىپ مۇزخانىلارغا قېلىن– قېلىن مۇزلار چۈشۈرۈلۈپ، يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشلىتىدىغان مۇزخانىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ، مۇز ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئاڭلىق ھالدا مۇزلارنى يەنە يىكەن بىلەن ياخشى يۆگەپ قويۇپ، مۇزنى ئېرىتىۋەتمەي پاكىز ساقلاشتەك ئېسىل ئادەت بار ئىدى. بۇ ئادەتنىڭ قەدىمىيلىكى ھەققىدىكى خاتىرىنى ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «دىۋان» دەپلا ئاتايمىز)دىن ئۇچرىتىمىز. «دىۋان»دا: «بۇزلۇق— مۇزلۇق، مۇزخانا»③ دېگەن بىر سۆز خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئىرغاغ مۇزنى مۇزخانىغا تارتىپ كىرىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئىلمەك.»④ دېيىلگەن. ئەجدادلىرىمىز يەنە ھەرقايسى ئۆتەڭلەردە مەخسۇس سۇخانىلارنى قۇرۇپ يولۇچىلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇپ، يىپەك يولىنىڭ دىيارىمىز تەۋەسىدىكى بەلباغلىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ كەلگەن. «دىۋان»دا يەنە: «مۇيانلىق» دېگەن بىر سۆز خاتىرىلەنگەن بولۇپ، «مۇيان– ساۋاب. مۇيانلىق يول ئۈستىدە يولۇچىلارنىڭ سۇ ئىچىشى ئۈچۈن ياسالغان سۇ ئىچىش ئورنى. سۇخانا»⑤ دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ ئادەتنى خەلقىمىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90– يىللىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر ئۆيدە بىردىن توڭلاتقۇ بولۇش ئومۇملىشىشقا باشلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىچىملىكلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن جۇلاپ، چۈلە، دوغ (دورغاپ)، قادۇ، قىمىز، مۇسەللەس، سۈت، ھەسەل سۈيى، ئۈجمە شىرنىسى ۋە ھەرخىل مېۋە شەربەتلىرى (مەسىلەن، ئۈزۈم شەربىتى، ئانار شەربىتى، جىگدە شەربىتى…) قاتارلىقلاردۇر. بۇنداق ئىچىملىكلەرنى ياساش ۋە ئىچىش ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەتتا بەزى ئىچىملىكلەر ئائىلىلەردىلا ياسىلاتتى. ئۇيغۇرلاردا مەخسۇس راھاپچىلىق كەسپى شەكىللەنگەن بولۇپ، مۇز سۈيىنى قىرىپ، مۇز (ئاز مىقداردا سۇ) بىلەن قېتىقنى ياكى مۇز بىلەن ئۈزۈم شەربىتى (شىرنىسى)نى ئارىلاشتۇرۇپ «دوغ» (خوتەندە ‹قادۇ› دەيدۇ) دېيىلىدىغان ئالاھىدە ئىچىملىك تەييارلىنىدۇ. مۇزغا ئۈزۈم شەربىتى، ھەسەل، قىيام بىلەن قېتىقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئەتكىنى «ساراڭ دوغ»، مۇزغا ئۈزۈم شەربىتىنىلا ياكى قېتىقنىلا ئارىلاشتۇرۇپ ئەتكىنى «ئوڭ دوغ» دېيىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ماروژنى (قەشقەر شىۋىسىدە «مەرەج» دېيىلىدۇ)مۇ ئېتىلىدۇ. كىچىك بالىلارمۇ قار ياغقاندا كۆللەردىكى مۇلازلارنىڭ ئۈستىگە ياغقان پاكىز قارلارنى يىغىپ قاچىغا سېلىپ ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ ئۈزۈم شىرنىسىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ناھايىتى تەملىك ئىچىملىكلەرنى ياساپ ئىچەتتى. لېكىن بۇ ئادەت مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش «رىتىمىنىڭ تېزلىشىپ كېتىشى بىلەن يوقالدى. ياز كۈنلىرى ئەمگەكنىڭ ئالدىراش ۋە قايناق مەزگىللىرىدە ئېتىز بېشىدا مۇز سۈيىگە ئۈزۈم شەربىتى قۇيۇپ ئىچكەچ نان يەيدىغان ئەھۋاللارنى ئەمدى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.

ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىملىك ئوبيېكتىلىرى ۋە ئادىتىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. ئىسلام دىنىدا «ئادەمنى مەست قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئېزى ھەم كۆپى ھارام»، دېيىلگەن بولغاچقا، «مەست قىلغۇچى ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش چەكلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ھەر خىل مېۋە شەربەتلىرى ۋە يېشىل ئىچىملىكلەر (مەسىلەن، مەيزاپ، قىمىز، بوزا قاتارلىقلار) ئىگىلىگەن»⑥. ئىسلام دىنى تەسىرىدىن «ئىچىش چەكلەنگەن ئىچىملىكلەر: (1) ھاراق (ئىسپىرتلىق بارلىق ئىچىملىكلەر)؛ (2) قان؛ (3) گۆشىنى يېگىلى بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ سۈتى؛ (4) گەندە يەپ سالغان ھالال ھايۋاننىڭ سۈتى؛ (5) ئادەم سۈتى (ئېمىش مەزگىلىدە تۇرغان بوۋاقلار بۇنىڭ سىرتىدا)»⑦ قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن تارتىپ تاكى 20– ئەسىرنىڭ 50 يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاممىۋى سورۇنلاردا ئوچۇق ئاشكارا مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچىش جامائەت ئەخلاقى ۋە دىنىي ئېتىقاد تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنگەن ۋە چەكلەنگەنىدى. بەزى كىشىلەرنىڭ ھاراق ئىچكەن كىشىلەرنى ئەپسانە تىللار بىلەن دەپ تىللىشى، ھەتتا بەزى ئۆيلەردە ئاتا– ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكى سەۋەبىدىن ئاتا– بالىلىقتىن تېنىشىپ، ئۇلارنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە كەسكىن ئېتىرازىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

نېمىلەرنى ئىچىش، نېمىلەرنى ئىچمەسلىك ئەلۋەتتە شۇ خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئەخلاق چۈشەنچىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. گەرچە نېمىنى ئىچىش، نېمىنى ئىچمەسلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە يۈزلىنىشىنى بەلگىلىۋېتەلمىسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئىستېمال قىلىۋاتقان ئىچىملىكلەردىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، قىممەت قارىشى، ئىستېمال چۈشەنچىسى ۋە ئەخلاق قارىشى قاتارلىقلاردا مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆزگىرىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. يەنە كېلىپ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى يامان بولۇشى ناتايىن، لېكىن شۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى مۇھىتىنىڭ ساغلام، پاكىز بولۇشىغا پايدىلىق بولۇشى ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق تىرەنلىكىمىزدە چىڭ تۇرۇشىمىزنى شەرت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ئىچىملىككە مۇناسىۋەتلىك بولغان پەرھىزلەرنىڭ كۆپ بولۇشىدىن ئىچىملىكنىڭ پاكىزلىقى ۋە ھالاللىقىغا قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ نەقەدەر چىڭلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئۇيغۇرلاردا ھەرقانداق ئىچىملىكنى ئۆرە تۇرۇپ ئىچىش قاتتىق چەكلىنىدۇ ھەمدە چەينەكنىڭ ئېغىزىدىن بىۋاسىتە سۇ ئىچسە داۋاسىز كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئىچىملىك ئىچكەندە (بولۇپمۇ سۇ ئىچكەندە) ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئادەم بىر قاچىدىن ئىچىشكە توغرا كەلسە، ئەدەپ يۈزىسىدىن ئاۋۋال ياشقا، ھۆرمەتكە چوڭدىن ۋە ئوڭدىن باشلىنىدۇ. سۇ (ئىچىملىك) ئىچكەن قاچىنىڭ ئىچىگە پۈۋلەش، تىنىش چەكلىنىدۇ. بىرەرسى بىر نەرسە ئىچىۋاتقاندا نىجىس، مەينەت نەرسىلەر ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىق بىر ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان.

ئېرىق– ئۆستەڭ ۋە بۇلاقلاردىكى سۇلارنىڭ بۇلغىنىشى، ئازىيىپ كېتىشى، تۇرۇبىلاشقان ئىچىملىك سۈيىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئىچىملىك سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئىچىملىك ئىستېمالىمىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق سەۋەب بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىگىلىك شەكلىدىكى ئۆزگىرىشىمۇ ئىچىملىك ئىستېمالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى. «ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋىچىلىق ھاياتتىن ئولتۇراقلىشىش ھاياتىغا كۆچكەندىن كېيىن، يېمەك ئىچمەك مەدەنىيىتىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. بۇ ئۆزگىرىشلەر يېمەك– ئىچمەك تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللاشقانلىقى، يېمەك– ئىچمەك ئادەتلىرىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە قېلىپلاشقانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ». ⑧ ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە سۈت ۋە قىمىزنى كۆپ ئىستېمال قىلاتتى. تۆگە سۈتى ۋە ئات سۈتلىرىنى ئېچىتىپ ياسالغان قىمىز، قېتىق، سۈزمە قاتارلىق ئىچىملىكلەر چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. ئارپا، تېرىق قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئېچىتىپ بوزا ياساش، ئۈزۈمدىن مۇسەللەس ياساش دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش نەتىجىسىدە پەيدا بولغان. ئۇيغۇرلار شەھەرلىشىشكە باشلىغاندىن كېيىن مەيلى ئىگىلىك شەكلىدىكى ئۆزگىرىش بولسۇن، مەيلى باشقا جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىش بولسۇن ئىنتايىن تېزلەشتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مىللىي كارخانىلىرى ئىشلەپ چىقارغان قاراقات، زەمزەم كولا، كوۋاس، مۇسەللەس، پالۋان زەبىب شەربىتى، قىزىلگۈل شەربىتى، ئۆرۈك سۈيى، ئالما سۈيى، ئانار سۈيى، ئاچچىقسۇ (گۈلدىيار ئاچچىقسۈيى، خۇشبۇي ئاچچىقسۈيى)، ھەر خىل چاي ۋە يېڭى ئىچىملىك مەھسۇلاتلىرى ئارقا– ئارقىدىن بازارغا سېلىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى ۋە خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان مەنىۋى چاڭقاقلىقىغا ئۇسسۇزلۇق بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتلەر ئارا بولغان ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىسىنىڭ قويۇقلىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىملىك ئىستېمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. مەسىلەن، پىۋا، قەھۋە، ۋىسكىي، ۋىنو، براندى، ھەر خىل كولالارنى ۋە ھەرخىل ماركىلىق ھاراقلار، ئىلى ھاراقلىرى، گۇچۇڭ، شوربۇلاق … قاتارلىق ئىسپىرتلىق– ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېمال ئۈستىلىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.

ئىچىملىك ئىستېمالىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئۇنىڭ يۈزلىنىشىنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىچىملىك سانائىتىنىڭ ئۇل ئاساسىنى تىكلەپ، ئىچىملىككىمۇ يېمەكلىككە ئوخشاش تەڭ ئېتىبار بېرىش تولىمۇ زۆرۈر. خۇددى دېموكرىت ئېيتقاندەك «تەن كېسەللىكى بولغاندەك ياشاش شەكلىدىمۇ كېسەللىك بولىدۇ»⑨. بىزنىڭ ئىچىملىك ئىستېمال ئادىتىمىزدىكى كېسەللىك ۋە يامان ئۆسمىلەرنى قانداق قىلىپ يوقاتقىلى بولىدۇ؟ شەمسۇلمالى قابۇس ئۆزىنىڭ «قابۇسنامە» ناملىق ئەسىرىدە ئىچىملىك ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شارابنى مەست بولغىچە ئىچكەننىڭ ئىككى تۈرلۈك زىيىنى بار: بىرى ھەممە ئەزالىرىڭ ئىختىيارسىز ھەرىكەتلىنىدۇ. تىلىڭ دېمەيدىغاننى دەيدۇ، پۇتۇڭ بارمايدىغان جايغا بارىدۇ، قولۇڭ تۇتمايدىغان نەرسىنى تۇتىدۇ، كۆزۈڭ قارىمايدىغانغا قارايدۇ، ئاغزىڭ يېمەيدىغاننى يەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆز ئەزالىرىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ كىشىلىك ئىززەت– ھۆرمىتىڭ يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئىككىنچى، شاراب تەسىرى بىلەن مېڭە، جىگەر، يۈرەك زەھەرلىنىپ ساغلام بەدەننى زورلاپ كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ»⑩. ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ئەسىرى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»تە: «بىر پىيالە ئىچمەك پەزىلەت، ئىككى پىيالە ئىچمەك ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان ھاماقەتلىك، ئۈچ پىيالە ئىچمەك ئېشەك سۇغارغانلىق» دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىملىك ئىستېمالىدا ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ئىسپىرتلىق، گرادۇسى يۇقىرى ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە، ئىچىملىكلەرنى ساقلاش ئۇسۇلىدا ياغاچتىن ياسالغان بۇيۇملار، قاپاق ۋە كۇپ قاتارلىق تەبىئىي نەرسىلەردە ساقلاشتىن ئەينەك ۋە تۆمۈر قاتارلىق نەرسىلەردە ساقلاشقا قاراپ يۈزلىنىش بىر روشەن، گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ. «ئەخلاق– ئىجتىمائىي تىزگىنلەش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە، جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى، ئەيىبلىشى، ماختىشى، مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ئىنكار قىلىشى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۆز ھەرىكىتىنى تەڭشىشى، جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ ھەم شۇ شەكىللەردە رول ئوينايدۇ.»⑾ شۇڭا بىز ھەر خىل سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك– ئىچمەك ئەخلاقىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئادەمنىڭ مىزاجىنى ياخشىلايدىغان، ئېغىزنى خۇشبۇي، چىراينى خۇشخۇي قىلىدىغان ئىچىملىكلەرنى كۆپرەك ئىچىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرساق ئىچىملىك ئىستېمالىمىزنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق بولاتتى!
___________________________________________________
پايدىلانمىلار:
①،⑥ ئابدۇكېرىم رەھمان: «20– ئەسىر ئۇيغۇر ماددىي فولكلور مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2006– يىل 5– ئاي 1– نەشرى، 195–، 205– بەت.
② ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «ئۇيغۇر ئەجدادلىرىدا مەي مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1994– يىل 1– سان.
③،④ ،⑤ مەھمۇد قەشقىرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981– يىل8– ئاي1– نەشرى، 1– توم 609–، 191– بەت ۋە 3– توم 237– بەت.
⑦ ئەنۋەر سەمەد قورغان: «ئۇيغۇرلاردىكى يېمەك ئىچمەك پەرھىزلىرى»، «مىراس» ژۇرنىلى، 2007– يىل 1– سان، 40– بەت.
⑧ روشەنگۈل ئابدۇكېرىم: «سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئۆرپ ئادىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 2007– يىل 1– سان، 81– بەت.
⑨ «ساغلام تۇرمۇش يولى— تەپەككۇر گۈلشەنى»، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 2006– يىل9– ئاي 1– نەشرى، 633– بەت.
⑩ شەمسۇلمالى قابۇس (پارسچىدىن ئابدۇرېشىت ئىسلامى تەرجىمە قىلغان): «قابۇسنامە»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1986– يىل 3– ئاي 3– نەشرى، 40– بەت.
⑾ ئەنۋەر سەمەد قورغان: «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2006– يىل 3– ئاي 1– نەشرى، 158– بەت.
ئاپتور: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىدا