مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ؟ (8)

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى ئۇلۇغ بايقىشى بىلەن قانائەت قىلمايدۇ. ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى مەنىۋى ئىللەتلەرنى داۋالاشنىڭ ئۇلۇغ مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا ئەۋج قىلىشقا يۈز تۇتقان مەنىۋى ئىللەتلەرنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسېپىنى ھەم كۆرسىتىپ بەرگەن:

بىرىنچى رېتسېپ، بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ بارچىسى كېسەلچان كېلىدۇ، بۇ كېسەلنى داۋالىمىسا، ئادەمنىڭ تېزلا روھى ئۆلۈپ كېتىدۇ (1757 − بېيىت).

بىلىمنىڭ مەنىسىنى بىل، بىلىم نېمە دەيدۇ، بىلىملىك ئەردىن ھامان كېسەل يىراقلىشىدۇ (156 − بېيىت).

يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۆرسىتىپ بەرگەن مەنىۋى كېسەل، ئىنساننى ئىنسانلىقتىن، ۋىجداندىن، ئىماندىن، ئەقىل − ئىدراكتىن، رېئاللىقنى بىلىش، چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن، ئومۇمەن ياشاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلاتتى. نادانلىق جاھالىتى قەيەردە بولسا، پالاكەت ۋە ئاپەت قابائىتى شۇ يەردە بىخ سۈرەتتى. بىلىمسىزلىك − ئىقتىدارسىلىق ھۆكۈم سۈرگەن جايدا ئادالەتمۇ، ھەققانىيەتمۇ، بەخت − سائادەتمۇ، ئەقىل − ئىدراكمۇ، گۈزەل ئىستىقبالمۇ ئۆز نىشانىدىن ئېزىقىدۇ. كۆزى ئوچۇق قارىغۇنىڭ ئالدىدا پۇتلىكاشاڭ كۆپ بولىدۇ، ئىرادە مۇقەددەسلىكىمۇ، يېڭىلمەس كۈچ − قۇدرەتمۇ، ئېگىلمەس ھەقىقەت تۇيغۇسىمۇ بىلىم شەربىتىدىن سۇغۇرۇلغان مەنىۋى تۇپراقتا ئاندىن ئۆسۈپ − يېتىلىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولالايتتى. چۈنكى، توغرا بىلىش پاراسەتنىڭ قانىتى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى، مەنىۋى زەئىپلىكنىڭ شىپاسى، ھاياتلىق يىلتىزىنىڭ ئابى ھاياتى بولالايتتى. بىلىپ ياكى بىلمەي قىلىنغان بارلىق رەزىللىكلەر، ئىنسانىيەتسىزلىكلەر توغرا بىلىشتىن مەھرۇم بولغان كىشىلەردىنلا سادىر بولاتتى.

ئىككىنچى رېتسېپ، توغرا، ئادىل، ھەققانىي قانۇن − تۈزۈم ئەلنى روناق تاپقۇزۇشنىڭ، روھنى ساپلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئۈنۈملۈك رېتسېپى ئىدى. شۇڭا، يۈسۈپ ئەل ئىچىدىن ناھەقچىلىقنى، زوراۋانلىقنى، تەڭسىزلىكنى يوقات، ھەققانىي قانۇننى خەلققە بەر. قانۇندىن ئۇلار بەھرىمەن بولسۇن، توغرا قانۇن سۇغا ئوخشاش چۆلنى بوستان قىلالايدۇ، ئادالەتسىز قانۇن پۈتۈن خانۇمانىڭنى ۋەيران قىلىشقا يارايدۇ، دەپ يەكۈنلەيدۇ. بۇ نۇقتىدا ئەڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى شاھ ئۈستىگە تىرەيدۇ ۋە شاھ يالغۇز قانۇن چىقارغۇچى بولۇپ قالماستىن، ئەڭ ئالدى بىلەن قانۇنغا بويسۇنغۇچى بولۇشى كېرەك، شاھ ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، يەنىلا قانۇن شاھتىن ئۈستۈن بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەلنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئەلدىن كۆرمە، ئۆزۈڭدىن كۆر، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ۋە قانۇن − تۈزۈمىڭنى توغرىلا، شۇندىلا خەلق توغرا يولغا ماڭىدۇ.

ئۈچىنچى رېتسېپ، خەلق تۇرمۇشتىن خاتىرجەم بولسۇن. ھەرقانداق ياخشى خۇلقلىق، پاك ۋىجدانلىق، دۇرۇس خۇيلۇق، ساغلام روھلۇق كىشىلەرمۇ قولى قىسىقلىق، موھتاجلىق تۈپەيلىدىن ئۆزىنى بۇزۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھەي شاھ، خەلقىڭنى نامراتلىقتىن، كەمبەغەللىكتىن، ئاچ − يالىڭاچلىقتىن قۇتۇلدۇر، ئۇلارنى باياشاد ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىل، شۇندىلا دۆلەت روناق تېپىپ، ئەلدە خاتىرجەملىك قارار تاپىدۇ.

يۇقىرىقى ئۈچ رېتسېپ، ئۆز دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي رېئاللىققا نىسبەتەن ئەڭ شىپالىق كۆرسەتمىلەر ئىدى. بۇ رېتسېپنىڭ شىپالىق رولىنى ئەسەردە ئەمەلىي كۆرسىتىش بىلەن مەنىۋى جەھەتتىن ئىسپاتلىغان.

تارىخ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرگە قەدەم قويغاندا، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۆزىنى قايتىدىن ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۆزلىرىگە يېڭىدىن باھا بېرىشكە يۈزلەندى. نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزۇن تارىخى مۇساپىدە غاپىللىق، مەجبۇرىيەت ۋە زورلۇق ئاستىدا يول قويۇشقا، قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان نۇرغۇن سەۋەنلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالىدى. ئۆزى ئۈستىدىكى بۇنداق قايتا ئويلىنىش ۋە روھ ئۈستىدىكى ئىسيان ياۋروپادىكى خەلقلەرنى ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىگە ئېلىپ كىرگەنىدى. بۇ باسقۇچتىكى روھلار كۈرىشى ئىنتايىن كەسكىن، دەھشەتلىك ۋە رەھىمسىز بولدى. بۇ روھىي كۈرەشنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، ئالدى بىلەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىنسانىي قىممىتى، جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولىنى تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ خىل يېڭى چۈشەنچە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى بىلىش، مەھكۇم بولغان، ئالدانغان، خورلانغان روھىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغانىدى. روھنى ئازاد قىلىش يەنىلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋە مەڭگۈلۈك مەقسىتى بولۇپ قالىدۇ.

دەل ياۋروپا ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىگە كەلگەندە بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ياشاۋاتقان شەرق زۇلمەت ئىسكەنجىسىگە بەنت بولغانىدى. خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك ئىزدىنىشلىرى بەدىلىگە ئېرىشكەن قىسمەن روھىي ئازادلىقى چەكتىن ئاشقان خۇراپاتلىق پاتقىقىدا ئېڭراشقا، قوش زۇلۇم قامچىسى، زورلۇق − زۇمبۇلۇق كىشەنلىرى، روھىيەتكە قىلىنغان دەھشەتلىك بېسىملار ئاستىدا ھاقارەتلىنىشكە، خارلىنىشقا دۇچ كەلدى. مىللەت ئىچىدە سەلبىي ئېقىم ئۈستۈنلۈك قازاندى. نەتىجىدە نەچچە ئەسىرلىك بېسىم، خورلۇق ۋە بۇلغاشقا ئۇچرىغان ساغلام روھ ئۆزىنىڭ ئورنىنى زەئىپ، چۈشكۈن، تېڭىرقىغان، ھالسىزلانغان، ئازغان بىر پۇچەك روھقا بوشىتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن مىللەتنىڭ جۇشقۇن، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئۈمىدۋارلىققا تولغان روھى نادان، ئالدامچى، قارا نىيەت، پۇرسەتپەرەس سوپىلارنىڭ توزىقىدا ماغدۇرسىزلاندى ۋە ئەركىن قانات قېقىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولدى.

بۇنىڭ ئىپادىلىرى نېمە؟ مىللەت ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئادىمىيلىك ئورنىنى، ئادىمىيلىك قىممىتىنى ئۇنتۇپ قالدى، ئەكسىچە، ئۆزلىرىنى بۇ دۇنيادىكى بىر گۇناھكار، ئازغۇن، ھېچقانداق ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان مەجروھ مەخلۇق دەپ تونۇپ، بالدۇرقى قەددىنى تىك تۇتۇپ ماڭىدىغان بۇ خەلق ھەرقاچان پۈكۈلۈپ، تۆت قاتلىنىپ، بېشىنى ئېگىز كۆتۈرەلمەيدىغان، تىكىلىپ بىرسىگە قارىيالمايدىغان، يەرگە يۈرەكلىك دەسسىيەلمەيدىغان بىر بىچارە مېجەزنى يېتىلدۈرۈۋالدى. ئەسلىي قانۇنىيەتتىن ياتلاشتۇرۇلدى. ئەسلىي قانۇنىيەت بويىچە قارىغاندا، ئىنسان بۇ دۇنيانىڭ خەلىپىسى (ئورۇنباسارى) ئىدى، ئادەم دۇنيادىكى بارلىق مەخلۇقلاردىن ۋە بارلىق مەۋجۇدادلاردىن ئەزىز ۋە شەرەپلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىنغانىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئاللا بارلىق ئىنسانلارنى باراۋەر ياراتقانىدى، ھەرگىزمۇ بىرىنى يەنە بىرىگە قۇل قىلىپ بېرىشكە، بىرىنىڭ يەنە بىرىگە قۇللارچە چوقۇنۇشىغا ئەمىر قىلىنغان ئەمەس ئىدى. ئەڭ مۇھىم تەرەپ شۇكى، پۈتۈن ئالەم ۋە زېمىن ئىنسانلارغا بويسۇندۇرۇلۇپ بېرىلگەنىدى، ئۇنى ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ بەرگەنىدى، ئادەمنى بولسا يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن ئەركىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلغانىدى. بىراق، كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار ئازغۇن يولنى تاللاپ، ئەسلىي ماھىيەتكە خىلاپلىق قىلدى، ئۆزىنىڭ ئەسلىي تەبىئىتىگە ئاسىيلىق قىلدى، ئاللانىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان مەئىشەتلىرىدىن يۈز ئۆرىدى. نەتىجىدە ئاللانىڭ «بىزنى ئۇنۇتقان قوۋمنى بىزمۇ ئۇنتۇيمىز» دېگەن ھۆكمىگە ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇلۇغلۇق ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ، بارا − بارا ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ مىللەت نامىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىش ھالىتىگە بېرىپ قالغانىدى. پۈتۈن دۇنيامۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە باشلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ يارقىن ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويۇشقا سەۋەب بولغان يەنە نۇرغۇن تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە روھىي سەۋەبلەرمۇ بار. ئۇنى ئومۇملاشتۇرغاندا، مۇنداق بىر قانچە تەرەپكە يىغىنچاقلاش مۇمكىن: بىرىنچىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھاكىمىيەت تالىشىش ئۇرۇشلىرىدا بۇ زېمىن ئاپەت ئوچۇقىغا ئايلىنىپ قالغان، سىياسىي كۈچلەر، دىنىي مەزھەپلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدىغان جەڭگى − جېدەل بارگاھىغا ئايلىنىپ قالغان، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى خەلقنىڭ بېلىنى مۈكچەيتكەن، يىلىكىنى قۇرۇتقان. ئۇلار جان ساقلاش ئۈچۈن ھەدەپ ئۇياندىن بۇيانغا قېچىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان، تىنچ − خاتىرجەم تۇرمۇش ئۇلاردىن يۈز ئۆرىگەن.

ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنىڭ مۇھىم ئومۇرتقىسى بولغان سودا كارۋان يولى (يىپەك يولى) دېڭىز قاتنىشى ئېچىلغاندىن كېيىن، تەدرىجىي چۆلدەرەپ قالغان، بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىغا زور زىيانلارنى سېلىپلا قالماي، يەنە ناھايىتى ئۇزۇن زامان دۇنيا بىلەن بولغان قويۇق باردى − كەلدى مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ قويدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە، جۈملىدىن ئىدىئولوگىيە جەھەتتە ئۇزۇن مەزگىل بېكىنمە ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولدى.

ئۈچىنچىدىن، مائارىپ ۋەيران بولدى، ئۇيغۇرلار نەچچە ئەسىر ئىزچىل ھالدا ئىلىم − پەندىن چەتنەشتۈرۈلدى. ئىلىم − پەن بىلەن دىن قارىمۇقارشى قىلىپ قويۇلۇپ، پەقەت قىسمەن دىنىي ساۋاتتىن باشقا نەرسىلەرنى ئۆگىنىش گۇناھ دەپ قارالدى. نەتىجىدە پۈتۈن مىللەت مىللەت سۈپىتىدە نادان قالدى. نەتىجىدە مۇقەددەس ئىسلام دىنىمۇ مۇشۇ زېمىندا ئەسلىي ماھىيىتى بۇرمىلىنىپ ھاقارەتكە ئۇچرىدى. ئادىمىيلىك ماھىيىتىنى يوقىتىش ھېسابىغا تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگىمۇ خىلاپلىق قىلىندى. چۈنكى، بىلىش، تەرەققىي قىلىش تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئەڭ قىممەتلىك شەپقىتى ئىدى.

بۇنداق نادانلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتنى، مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىللەتلەرنى 18 − ئەسىر ئەدەبىياتىمىزنىڭ ناماياندىلىرىدىن بىرى بولغان سالاھى ئۆزىنىڭ «گۈل ۋە بۇلبۇل» داستانىدا ناھايىتى سىمۋوللۇق ئاساستا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنىدى. ئۇ ئالدامچىلىق، كاززاپلىق، پوچىلىق، نەپسانىيەتچىلىك، مەنىۋى زەئىپلىك بىلەن تولغان رېئاللىقتىن بىزار بولغان، ھۆرلۈككە، پاكلىق بىلەن تولغان دۇنياغا تەشنا بولغان بۇلبۇل ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىدۇ. ئۇنى شۇ دەۋرگە ۋە شۇ دەۋردە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان چۈشكۈن، زەئىپ، ئۆزىدىن مەھرۇم بولغان دۇنياغا قارشى ئىسيانكار قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تېڭىرقىغان، ئالدانغان، زەئىپلەشكلەن، قۇللۇق قەپىسىگە بەنت بولغان، نەپسىگە ئەسىر بولغان روھنى ئازاد قىلماقچى بولىدۇ. ئەسەردە بۇلبۇل سابانىڭ يول باشلىشى بىلەن رەزىللىك بىلەن تولغان قاباھەت دۇنياسىدىن ئايرىلىپ، ھۆرىيەت دۇنياسىغا سەپەر قىلىپ، ھۆرىيەت دۇنياسىنىڭ سىمۋولى بولغان قىزىل گۈل دىيارىغا قەدەم قويۇشىغا دىيانەتسىز باغۋەن بۇلبۇلنى تۇتۇۋېلىپ قەپەسكە سولايدۇ، ئۇ بۇلبۇلنى قەپىسى بىلەن ئۆزىنى «مەرد جاھانى» دەپ ئاتىۋالغان بىر رەھىمسىز، قەلبسىز، روھىسز، ۋىجدانسىز، ئىنسانىي تەبىئەتتىن مەھرۇم بولغان بىر نائەھلىگە سېتىۋېتىدۇ. بۇلبۇل بۇ خورلۇققا قەتئىي كۆنمەيدۇ، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئەركىنلىك روھىنىڭ قۇللۇق قەپىسىگە بەنت قىلىنىشىدىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل بىلىدۇ − دە، ئۆزىنى قەپەسگە ئۇرۇپ ئۆلۈش ئارقىلىقلا روھىنى ئازاد قىلىدۇ. «مەرد جاھانى» بولسا بۇلبۇلنىڭ ئۆلۈمىگە قىلچە ئېچىنمايدۇ، ئۇنىڭ مەقسەت − نىشانىنى، ئۇنىڭ روھىدىكى ئۇلۇغۋارلىقنى ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ئۇنداق قەلب، ئۇنداق چۈشەنچە ئۇنداق رەھىمدىللىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەن نەرسە نېمە ئىش قىلسۇن. شۇڭا، ئۇ «مەرد جاھانى» بۇلبۇلنى سېتىۋالغان پۇلى ئۈچۈن پەرياد چېكىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئەخمەق بۇ ھەسرەتتىن ئۆز بېشىنى تاشقا ئۇرۇپ، ئون پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرىدۇ.

بۇ ئەسەر ماھىيەتتە ئۆز دەۋرىدىكى دەھشەتلىك تراگېدىيىنىڭ بۇلبۇل پاجىئەسى ئارقىلىق ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى ئىدى. بۇلبۇل گۈزەللىككە، ئەركىنلىككە يۈرەكلىك ئىنتىلگەن، جاھان زۇلمىتىگە جەڭ ئېلان قىلغان، ئۆزىنىڭ روھىنى زۇلمەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىسيانكار ئىدى. ئەپسۇسكى، شۇ تارىخىي رېئاللىقتا جاھىل، مۇتتەھەم، تەپرىقچى، نەپسانىيەتكە ئەسىر بولغان، ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى ئۇنۇتقان ئۇ قارا كۈچلەر ھۆكۈم سوراۋاتقان بۇ زۇلمەت ئوچىقىدا بۇلبۇل ئۈچۈن ياخشى كۈن يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇ دەۋردە بىر تەبىقە تەركى دۇنيالىقنى تەرغىب قىلىپ خەلقنى بىخوتلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار پۇل، مەنسەپ ئۈچۈن ھەرقانداق رەزىللىكنى قىلىشتىن باش تارتمايتتى. يامانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ياخشىلارغا كۈن بولمىغانىدى.

شائىر ناھايىتى مۇھىم بىر ئىجتىمائىي قانۇنىيەتنى بايقىغانىدى. تارىختىن بۇيان ياخشىلار ئۈستۈنلۈك قازانسا، ياخشى، ئىلغار مەقسەتلەر ئۈچۈن قۇلايلىق شارائىت تۇغۇلسا، يامانلارنىڭ يولى تارىيىدۇ، ئۇلار مەجبۇرىي ھالدا ئۆزلىرىنىڭ پەسكەشلىكىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەكسىچە، ئەسكى، چىرىك، ياۋۇز كۈچلەرگە كەڭ بازار بولغاندا، ياخشىلارغا يول توسىلىدۇ، ياخشىلار كۆپلەپ ئازاب − ئوقۇبەت، خورلۇق تارتىشقا مەھكۇم بولىدۇ. چۈنكى، ياخشىلارغا كېلىدىغان ئازاب بەك كۈچلۈك بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار جەمئىيەتتىكى ناھەقچىلىك، بۇزۇقچىلىق، ئىنسانلىقتىن مەھرۇم بولۇۋاتقان جەمئىيەتنى ناھايىتى ئوچۇق ھېس قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتنىڭ ھىمايىچىلىرى، ھەقىقەتنى بايقىغۇچىلار بولغاچقا، ھەققانىيەتنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەھشەتلىك ئازاب دېڭىزىدا ئۈزىدۇ. نادان، ئەقىلسىز ئادەملەرلا بۇنداق ئازابنى ھېس قىلمايدۇ، شۇڭا ئۇلاردا قورسىقى ئاچقاننى ھېس قىلىشتىن باشقا ئازاب بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، جاھالەت ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رېئاللىقتا ياخشىلار ھەرقانچە ھەققانىىي بولغان بىلەن رەزىل كۈچلەر بىلەن بولغان كۈرەشتە يالغۇز قالىدۇ − دە، جاھىل كۈچلەرنىڭ ھاقارىتىگە، كەمسىتىشىگە، مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ. مانا بۇ ئازاب ئۈستىگە ئازاب بولىدۇ.

ئۆز دەۋرىدىكى نادانلىقنىڭ تراگېدىيىسىنى، خوجىلارنىڭ ساختا (ئەۋلىيا) لىق، ساختا تەقۋادارلىق بىلەن خەلقنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سېلىپ، خەلقنى ھايات مەئىشىتىدىن قول ئۈزۈشكە، زۇلمەت دېڭىزىغا ئۆزلىرىنى بەخشەندە قىلىشقا ھەدەپ ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋالنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى بەزى سەزگۈر، ئوقۇمۇشلۇق ئەربابلارنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. مەسىلەن، موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ نازىم تارىخىي رېئالنى پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ «چاڭموزا يۈسۈپخان» داستانىنى يازغانىدى. ئەسەردە ئالداش بىلەن ئالدىنىش ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تراگېدىيىلىك ھەم كومىدىيىلىك ئىجتىمائىي پاجىئە ئىنتايىن ئۆتكۈر ھەجۋى يول بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. داستاندا يۈسۈپ خوجا ئۆزىنى ئەۋلىيا قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى يوشۇرىدۇ. ئالدانغان نادان خەلق ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ نىجاتكارى ھېسابلاپ، ئۇنىڭ رەزگى تونىنىڭ پېشىنى سۆيۈشتى، ئۇنىڭغا چوقۇنۇش بىلەن ئاللاغا شېرىك كەلتۈرۈش ھېسابىغا ئۇنىڭدىن نىجاتلىق تىلەشتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا مۇرىت بولۇپ، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئالماق بولۇشتى، ھەتتا يۈسۈپ خوجىنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشمەك ئۈچۈن، مەسۇمە قىزلىرىنى نەزىر قىلىپ، ئۇ ئالدامچىغا تۇتۇشتى. يۈسۈپ خوجا بولسا بۇ نادان، ئەخمەق، ھاماقەت خەلق ئېلىپ كەلگەن ئامەتلىرىدىن پەخىرلىنىپ، ئېسىل كىمخاپ تونلارنى كېيىپ، ياسىداق ئۆيگە پەردە تارتىپ «ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتىمەن» دەپ نەزىر قىلىنغان قىزلار بىلەن ئەيش − ئىشرەت ھوزۇرىنى سۈرىۋەرگەن.

موللا بىلال يۈسۈپ خوجىنىڭ بۇ ساختا چۈمپەردىسىنى يىرتىپ تاشلاش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆز دەۋرىدىكى خەلقنى گۇمراھلىققا سۆرەپ كىرگەن نادانلىقنىڭ خەلققە كەلتۈرگەن پاجىئەسىنى ھېس قىلدۇرماق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلققە نادانلىقنىڭ ئادەمگە قانچىلىك ھاقارەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، قانچىلىك مەھرۇملۇقلارغا دۇچار قىلىدىغانلىقنى ئۇقتۇرماقچى بولغان. قارىغۇلارچە چوقۇنۇشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقان خەلققە خوجىلارنىڭ ساختا ماھىيىتىنى تونۇتۇش بىلەن ئۇلارغا سەگەك، ھوشيار ياشاشنى تەۋسىيە قىلغان.

بۇ دەۋردىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش شۇ بولغانكى، خوجا − ئىشانلار ئۆزلىرىنىڭ سېھرىي ئەپسۇنىنى كۈچەپ تەرغىب قىلىۋاتقان ئاشۇ جاھالەتلىك دەۋردە بەزى ئوقۇمۇشلۇق ئەربابلىرىمىزمۇ ئۇلارنىڭ جىن − شاياتۇن دىپىغا ئۇسسۇل ئويناپ، خەلقنى بىخوتلاشتۇرۇشتا مەلۇم رول ئويناپ قالغان.

ئەۋلىياغا جان دىلى بىرلە مۇرد بولسا كىشى،

ئىككى ئالەمدە ئانىڭ ئورنى گۇلى گۇلزارىدۇر.

− نەۋبەتى

جاھان بولدى كوپپارلارغا بېھىش،

ئاڭا قىلدى، ئالەمنى راھەت سىرشىت.

جاھان ئاخىرەت بىرلە خەندان ئۇرۇر،

جاھان ئەھلىئوقباغە زىندان ئېرۇر.

كىشىگە يېتىشسە جاھان راھەتى،

چېكەر ئاخىرەتتە بەسى مېھنەتى.

كىشى چەكسە ئالەم ئارا زارلىغ،

قىلۇر ئاقىبەتتە تەڭرى دىلدارلىغ.

− تورودوش ئاخۇن غەرىبى

ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىن بەھرىمەن بولۇشىغا ئىرادە قىلىنغان بۇ چەكسىز ئالەمنىڭ مەئىشىتىنى ھارام دەپ قاراشقا ئېلىپ بارغان چىكىدىن ئاشقان ئازغۇن ئىدىئولوگىيە خەلقىمىزنى قانچىلىك زور مەھرۇملۇقلارغا دۇچار قىلمىغان − ھە! بۇ خىل خاتا ئىدىئولوگىيىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان روھ تا ھازىرغىچە تېخى ئۇنىڭ زەھىرىدىن قۇتۇلالىغىنى يوق.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئىنتىلىشچان، ئىجادچان، تىرىشچان، كۈرەشچان روھ ئۆلگەن. ئۇلار خوجا − ئىشانلارنىڭ پېشىگە يۈزىنى بىر سۈرتۈۋېلىشنى چەكسىز بەخت − سائادەت ھېسابلاشقان. ئۇلار بەختنىڭ، ھاياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن. بارا − بارا ئۇيغۇرلارنىڭ مەغرۇر خاراكتېرىنىڭ ئورنىنى قۇلچىلىق ئىگىلەپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى «ئات ئۈستىدە جەڭگىۋارلىق كۆرسىتىپ، تىكلىگەن نامىنى ئۇنۇتقان. بۇنىڭدىن ئىككىمىڭ يىللار بۇرۇنلا كىيىملىرىگە دەزمال سېلىپ كىيىدىغان، ئاياغلىرىغا پېتەك سېلىپ كىيىش مەدەنىيىتىگە كىرگەن، قوللىرىدا پەلەي، ئۇچىلىرىدا ساۋۇت − دوبۇلغا، ئاياغلىرىدا خۇرۇم ئۆتۈك، ئېسىل تونلارنىڭ ئۈستىدە يەنە كېپىنەك تون كېيىپ يۈرگەن ئەركەكلىرىمىزنىڭ ئەپتىنى ۋەيرانلىق باسقان. باشلىرىدا مەزھەپلىرىنى ئۇقتۇقتۇرىدىغان ئاق ۋە قارا تەقىي دوپپا ۋە ياكى كۇلا − جەندە، ئۇچىسىدا كېپەنلىك تون، پۇتلىرى يېرىلىپ تىلىم − تىلىم بولۇپ كەتكەن، يالاڭ ئاياغ، رەڭگىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان تىرىك مۇردىغا ئايلىنىپ قالغان. ئاياللىرىمىز تېخىمۇ خورلۇق ئۈستىگە خورلۇق تارتقان، ئۇلارنى ھە دېگەندە ئۆزلىرىنى گۇناھكار ھېسابلاشقا مەجبۇر قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي قىممىتىنى جارى قىلىش ئىمكانىيىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلغان. كىروران ئانا ياشىغان بۇنىڭدىن تۆتمىڭ يىل بۇرۇن پۇتلىرىغا گۈللۈك ئۆتۈك كىيگەن، ئۇچىسىغا قاتلاق گارمۇن ئىشتان كېيىپ يۈرىيدىغان، يۈزلىرىگە ئەڭلىك سۈرتۈپ پەدازنى تاشلىمايدىغان ئانىلار، قاراخانىيلار دەۋرىدە باغرىداق مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئاياللىرىغا باغرىداق مەدەنىيىتىنى ئۆگەتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ دەۋرگە كەلگەندە قارا چۈمپەردىنىڭ ئىچىدە خورلىنىشقا، ئىنسانىي ئەركىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولۇشقا باشلىغان. خان − پادىشاھلارنىمۇ پىسەنت قىلماي، تىپىپ يىقىتىۋېتىپ، «قىز بىلەن چېلىشما، تۇغمىغان بايتال بىلەن چېپىشما»① مۇشۇ ماقالىنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا مەھمۇد قەشقەرى مۇنداق ھېكايەت قىلغان: خاقانىيە قىزلىرىدىن بىرى نىكاھ كېچىسى سۇلتان مەسئۇدنى تېپىپ يېقىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن خاقانىيىلىكلەر ئارىسىدا سۇلتان مەسئۇد توغرىلىق بىر ماقال چىقىرىلغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1 − توم، 619 − بەت.»

دېگەندەك تەمسىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئۇيغۇر خوتۇن − قىزلىرى خوجا − ئىشانلارغا نەزىر قىلىپ بېرىدىغان بويۇمغا ئايلىنىپ قالغان.

ئومۇمەن، يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ئىجتىمائىي − تارىخىي ۋە ئىدىئولوگىيە جەھەتتىكى ئېزىقىشلار، ئۇزۇنغا سوزۇلغان خورلۇق ۋە ئازاب − ئوقۇبەتلەر، تەلىم − تەربىيىدىن مەھرۇم بولۇپ نادان قېلىشلار، دۇنيادىن بىخەۋەر بېكىنمىچىلىككە ئۆزىنى بەنت قىلىشلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ئىلغار مىللىي خاسلىقىنى دەپنە قىلىشقا يۈزلەندۈرگەن.

ئۇيغۇر خەلقى ئاشۇنداق ھالسىزلانغان، تېڭىرقىغان، ئۆزلىرىنى يوقىتىپ قويغان ھالىتىدە 20 − ئەسىر بوسۇغىسىدىن ئاران − ئاران كىرگەن. بىراق، بۇ دەۋردە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆزى ئېچىلغان، دۇنيا بىلەن ئۇچراشقان، شۇڭا ئۇلار يېڭى بىر كۆز، يېڭى بىر ئىدىئولوگىيە بىلەن ئۆزلىرىگە دىئاگنوز قويۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن 20 − ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە روھنىڭ روھ ئۈستىدىكى ئىسيانى ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئىزدەش، زەئىپلىك دەستىدىن ئېڭراۋاتقان مەجرۇھ روھنى قۇتۇلدۇرۇش دولقۇنىنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. چۈنكى، خۇراپاتلىق توزىقىغا بەنت بولغان، قۇللۇق زەنجىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئىمكان تاپالمىغان خەلق نىدا قىلماقتا ئىدى. ئەگەر بۇنداق نادانلىق ۋە ئازغۇنلۇق داۋاملىشىۋەرسە، خەلق ھەرگىزمۇ چىقىش يولىنى ۋە ئىستىقبالىنى تاپالمىغان بولاتتى. بۇ خىل ئېغىر تەقدىرنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگەن، روھى بالدۇرراق ئويغانغان ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلارنىڭ يۈرىكى ئەلەم زەرداپلىرى بىلەن ئۆرتەندى. ئۇلار ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان، مەنىۋى ئىللەتلەر تورىغا بەنت بولۇپ ئېڭراۋاتقان، جان تالىشىپ تىپىرلاۋاتقان روھنى كېسەلدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئاتاشتى. شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئاقارتىش ھەرىكىتى باشلاندى. خەلققە ھەق − ناھەقنى تونۇتۇش، ۋۇجۇدىدىكى يامان، مەرەز كېسەلنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىشتى. بىز بۇ خۇسۇستا پەقەت ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ 20 − ئەسىرنىڭ 21 − يىللىرى يازغان «ئۇيغۇرۇم» دېگەن دىئاگنوز خاراكتېرلىك شېئىرىدىن ئازغىنە مىسال ئېلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىمىز:

جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ خاتا باردۇر،

ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرسىدە ساپا باردۇر؟

……………….

خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا،

يوشۇرماي بىرگە ئونىنى قوشۇپ چاققانىمىز باردۇر.

خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم كامدۇر،

قوۋلۇق − شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر.

ئىلىم − پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،

مىنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.

بوۋىلار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،

قېلىپ غەپلەت − جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، پو ئاتقانىمىز باردۇر.

ھۈنەر بىلەن سانائەتتە يېتىشتۇق، بولدى ئىش پۈتتى،

ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا ھېجىر قۇيغانىمىز باردۇر.

……………….

قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋەيا ئۆزى قىلالماسلىق،

قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.

ئەل يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچە دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،

كېلۇر بىر كۈن، ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشايمانىمىز باردۇر.

ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى، ئۆز پاجىئەسىگە سايە بولۇۋاتقان ئىللەتلەر بۇنىڭدىنمۇ ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلمەس. بۇ تىرىشچانلىقلار يوقۇلۇشقا يۈز تۇتقان مىللىي خاسلىقنى ئويغىتىش، ئۆزلىرىنى قايتا تونۇتۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇنۇشلارنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى.

……………………………………………………………………

ﻳﺎﺭﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺗﺎﮬﯩﺮ ﺗﯘﻏﻠﯘﻗﻨﯩﯔ «ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻠﯩﺸﯩﺸﻤﯘ ،ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻤﯘ؟» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .