«جامىئۇت-تەۋارىخ» نىڭ قوليازما نۇسخىلىرى

ئابلەت نۇردۇن

پارس ئىلخانىيە خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى، ئۇلۇغ تارىخشۇناس رەشىددىن فەزلۇللاھ(1247- 1318-يىللار) نىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئولجايتۇ خاننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن يېزىلغان”جامىئۇت-تەۋارىخ” (“تارىخلار توپلىمى”) مەزمۇنى مول، ھەجمى چوڭ،كاتتا تارىخىي ئەسەر. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھەرقايسى مەملىكەتلەر ۋە مىللەتلەر، بولۇپمۇ موڭغۇل ۋە ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى مىللەتلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مەنبەلىك رول ئوينايدىغان نۇرغۇن قىممەتلىك ماتىرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئالايلۇق، “ئۇيغۇر”دېگەن نام- “ئۇيۇشماق”،”ئىتتىپاقلاشماق”،”ھەمكارلاشماق” دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ،دېگەن مەلۇمەت تۇنجى قېتىم مۇشۇ كىتابتا قەيت قىلىنغان.
“جامىئۇت تەۋارىخ” دۇنيا تارىخى ئەينى مەزگىلدىكى مەركىزى ئاسىيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر تارىخدىن باشقا، يەنە ئوڭ غەرپتىكى”پەرەڭلەر” (غەربىي ياۋرۇپالىقلار)دىن تارتىپ، ئەڭ شەرقتىكى خەنزۇلارنىڭ تارىخىنى ئۆزئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۇنيانىڭ تارىخى بۇلۇشى كېرەك، دېگەن يېتەكچى ئىدىيە ئاساسىدا يېزىلغان.
“جامىئۇت تەۋارىخ” مەزمۇن جەھەتتىن تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن بۇلۇپ، 1- قىسمى “موڭغۇل تارىخى”، 2- قىسمى “ئاسىيا ياۋرۇپا ئەللىرى تارىخى”، 3- قىسمى”نەسەبنامىلەر”،4- قىسمى “جۇغراپىيلىك تەزكىرىلەر” دىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ئىچىدە “موڭغۇل تارىخى” ئەڭ قىممەتلىك، چۈنكى بۇنىڭغا ئاساس بولغان بىرىنچى قول تارىخى ماتىرىياللارنىڭ تۇلىسى بۇرۇنلار يۇقىلىپ كەتكەن. ئۇنىڭدىكى “قەبىلىلەر تەزكىرىسى”، “چىڭگىزخان ئەجدادلىرى ھەققىدە قىسسە”، “چىڭگىزخان ھەققىدە قىسسە” قاتارلىق مەزمۇنلارنى رەشىددىن شەخسەن ئۆزى يېزىپ چىققان. بۇ جەرياندا ئۇ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ “تۈركى تىللار دىۋانى”، 13- ئەسىردە ئۆتكەن پارس تارىخشۇناسى جۇۋەينىنىڭ “تارىخى جاھان كۇشاي”(دۇنيانى بويسۇندۇرچىلار تارىخى)، ئەرەب تارىخشىۇناسى ئىبنۇل- ئەسىرنىڭ “تەۋارىخى كامىل” (ئومۇمى تارىخ) قاتارلىق ئەسەرلەردىن، ئىلخانىيە ئوردىسىنىڭ ئالتۇن ساندۇقىدا ساقلىنىدىغان “ئالتۇن دەپتەر(ئالتۇن دەستۇر)” قاتارلىق ئوردا ئارخىپلىرىدىن، شۇنداقلا ھەرمىللەت ئالىملىرى ۋە تارىخنى پىششىق بىلىدىغان شەخىسلەرنىڭ ئاغفكى بايانلىرىدىن پايدىلانغان. رەشىددىن پۈتۈن كىتابنىڭ ئومۇمى مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ:”تارىخشۇناسلارنىڭ بۇرچى- مىللەتلەر توغرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەر، تارقىلىپ يۈرگەن سۆز- چۆچەكلەردىن كىتابلارغا يېزىلغانلىرىنى ياكى ئاغزاكى بايان قىلغانلىرىنى ئەسلىي مەنىسى بۇيىچە شۇ مىللەتتە ئومۇملاشقان كىتاب ۋە ئېسىل زاتلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئېلىپ بايان قىلىشتىن ئىبارەت… بۇيرۇققا بىنائەن <جامىئۇت- تەۋارىخ> نى يېزىپ چىقىشتا مۇشۇ كىتابتا شەرھلەنگەن سۆزلەرنى ھېچقانداق ئۆزگەرتمىدىم، باشقىدىن يازمىدىم، ئۆزۈم بىلگەنچە تۈزەتمىدىم. چۈنكى، ھھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەشھۇر كىتابلىرىدا كۆرۈلگەن خاتىرىلەر شۇ مىللەتكە تەۋە ھەممە ئادەم خەۋەردار ئاغزاكى رىۋايەتلەر ھەم شۇ مىللەتنىڭ نوپۇزلۇق ئالىملىرى، بىلىملىك كىشلىرىنىڭ ئۆز قاراشلىرى بۇيىچە بايان قىلغان نەرسىلەر ئىدى”.
بۇ ئەسەر ئوتتۇرا ئەسىردە پارس تىلىدا يېزىلغان بارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئۈلگىسى بۇلۇپ، ئۇسلۇبى ئاددىي، تەسۋىرى جانلىق، تارىخى ۋەقەلەر، ۋە پاكىتلار ئاددى تىل بىلەن ئەينەن خاتىرىلەنگەن، ئۇنىڭدىكى نەزم تۈسىنى ئالغان مول مەزمۇنلۇق ئوخشىتىشلار بىلەن تەمسىللەر ئەسەرنىڭ شەكلىگە ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا دەل جايىدا ئىشلەنگەن.’
بۇ ماقالىدە “جامىئۇت – تەۋارىخ” نىڭ ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق ئون نەچچە خىل قوليازما نۇسخىسى ۋە نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى رەتلىنىش، تەتقىق قىلىنىش، ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنىش ۋە شەرھلىنىش ئەھۋالى قىسقىچە تۇنۇشتۇرىلىدۇ.
“جامىئۇت تەۋارىخ” نىڭ بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان پارىسچە قوليازما نۇسخىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. S نۇسخا. بۇ نۇسخا تۈركىينىڭ ئىستانبول شەھىرىدىكى توفكافى سارىيى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان. كىتاب نۇمۇرى 1518. تېشىغا “ھېجىرىيە 717-يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرى (مىلادىيە 1317- يىلى 11- ئاينىڭ بېشىدا) باغداتتا كۆچۈرۈلگەن” دەپ يېزىلغان. بۇنىڭدىن بۇ نۇسخىنىڭ رەشىددىن ھايات ۋاقتىدا كۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ نۇسخا “جامىئۇت- تەۋارىخ” نىڭ 1- قىسمى “موڭغۇل تارىخى” نىڭ ھەممە مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خېتى ناھايتى رەتلىك ۋە ئوچۇق. بۇ ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان”جامىئۇت- تەۋارىخ” نىڭ 1- قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارىسچە قوليازما نۇسخىلار ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىدۇر.
2. A نۇسخا يەنى تاشكەنت قوليازما نۇسخىسىدۇر. بۇ نۇسخا ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيتى پەنلەر ئاكادېمىيسى شەرق قوليازمىلىرى بۆلۈمىدە ساقلانغان،كىتاب نومۇرى1620، رەتلىك كۆچۈرۈلگەن،لېكىن كۆچۈرۈلگەن يىلى ئىنىق ئەمەس. رۇسىيە ئالىمى بارتولد ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ نۇسخىنى كۆرۈپ، كۆچۈرۈلگەن ۋاقتىنى 15- ئەسىردىن كىيىن ئەمەس دەپ ھېسابلىغان. سابىق سوۋېت ئالىمى روماسكىۋىچ ۋە ئېلى زادىلەر بۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلگەن يىلى 14- ئەسىرگە توغرا كىلىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ نۇسخىنڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا موڭغۇل خانلىرىنىڭ ئىسمى پارىسچە يېزىلىپلا قالماي بەلكى چاغاتاي ھەرىپى بىلەن موڭغۇلچىمۇ قوشۇلۇپ يېزىلغان. روماسكىۋىچ بىلەن ئېلى زادىلەر بۇ نۇسخا S نۇسخا بىلەن بەكلا ئوخشىشىپ كىتىدۇ، ئىككسى بىر نۇسخىنى مەنبە قىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.
بۇ نۇسخىمۇ پەقەت “جامىئۇت- تەۋارىخ” نىڭ 1- قىسمىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنىڭدەك ئۇنڭغا غازانخانغا ئائىت قىرىق قىسسەنىڭ ئاخىرقى بىر قىسمى كەم، ئون ۋارىقى (پۈتۈن قوليازمىنىڭ تەخمىنەن %40 ) كىيىن ( تەخمىنەن 17- ئەسىردە ) تولۇقلاپ كۆچۈرۈلگەن.
3. L نۇسخا – لوندون بۈيۈك برېتانىيە مۇزىيىدا ساقلانغان Add 7268 نومۇرلۇق لوندون قوليازما نۇسخىسى. بۇ نۇسخا “جامىئۇت تەۋارىخ”نىڭ 1-،2- قىسىملىرى، يەنى ھازىر ساقلىنىۋاتقان “جامىئۇت تەۋارىخ”نىڭ تۇلۇق مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ نۇسخا رەتلىك كۆچۈرۈلمىگەن، نۇرغۇن جايلىرىدا تاۋۇش بەلگىلىرى چۈشۈپ قالغان، كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ھېجىرىيە 837(مىلادى 1433-يىلى)غا توغرا كېلىدۇ.
4. C نۇسخا – لېنىنگراد سالىتكوپ شىدىرىن ئاممىۋى كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان 1.3.V نومۇرلۇق قوليازما نۇسخا. بۇ نۇسخا “جامىئۇت- تەۋارىخ” نىڭ 1-،2- قىسملىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ نۇسخا بەك يىرتىلىپ پۇچۇلۇپ كەتكەن، نۇرغۇن ۋاراقلىرى يوقالغان، ھىجىرىيە 810 – يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى (مىلادىيە 1407-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى)كۆچۈرۈلگەن.
5. I نۇسخا، ئىراننىڭ تېھران مۇزېيىدا ساقلانغان قوليازما نۇسخسىدۇر . بۇنۇسخا تۇلىمۇ چىرايلىق، نەپس كۆچۈرۈلگەن ھەم تاۋۇش بەلگىلىرى جايىدا قويۇلغان. ھىجىرىيە 1004-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى پەيشەنبە(مىلادىيە 1596-يىلى 25-ماي)كۆچۈرۈلگەن.
6.P نۇسخا – پارىژ دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا ساقلانغان،نۇسخا نۇمۇرى 254. بۇ نۇسخا “جامىئۇت- تەۋارىخ” نىڭ 1- 2- قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن باشتىن- ئايىغى ۋە ئوتتۇرىلىرى كەمتۈك، پەقەت ئېلخانىيە تارىخى قىسمىلا خېلى تۇلۇق، كۆچۈرۈشلىرىمۇ خېلى رەتلىك. كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ئىنىق ئەمەس. فرانسىيە ئالىمى بلوچېت بۇنى 14- ئەسىردە كۆچۈرۈلگەن دەپ قارىغان.لېكىن روماسكىۋىچ، ئېلى زادىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ نۇسخىنىڭ ئىلگىرى كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان جايلىرى كۆپ. ئېھتىمال ئۇ 16- ئەسىردە كۆچۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.
7. B نۇسخا- سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى لېنىنگراد شۆبىسىدە ساقلانغان نۇسخا. نومۇرى 66 . بۇ نۇسخا تولىمۇ قالايمىقان كۆچۈرۈلگەن،كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ھىجىرىيە 984-يىلى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى (مىلادى 1576-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى) . بۇ “جامىئۇت- تەۋارىخ” نىڭ 1- قىسمىنىڭ ھەممە مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
8. ئاۋىستىرىيە ۋىنا كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان قوليازما نۇسخا بۇلۇپ، بۇ ياۋرۇپالىق ئالىم كارل. يائىن “جامىئۇت- تەۋارىخ. غازانخان قىسسىسى” نىڭ پارىسچىسىنى نەشىرگە تەييارلاشتا پايدىلانغان نۇسخىلارنڭ بىرىدۇر، شۇنداقلا “جامىئۇت- تەۋارىخ . ئابا قاغاندىن كىھاتۇغىچە بولغان ئىلخانىيلار قىسسى” نى پارسچە نۇسخىسىغا سېلىشتۇرۇشتا ئاساسلانغان نۇسخىدۇر.
9. بۈيۈك برېتانىيە ئىمپېرىيسى ھىندىستان ئىشلىرى مىنىستىرلىكى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان قوليازما نۇسخا(2828).
10. گېرمانىيە ميۇنخىن شەھىرى باۋارىيە شتاتى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان قوليازما نۇسخا(نومۇرى 208). 9- ، 10 – نۇسخا، كارل. يائىن “جامىئۇت- تەۋارىخ . پەرەڭلەر تارىخى” نى پارىسچىسى بىلەن قوشۇپ نەشىرگە تەييارلاشتا ئاساسلانغان ئەسلى نۇسخىدۇر.
11. ئىستانبۇل توفكافى سارىيى كۇتۇپخانىسىدىكى 1653- نومۇرلۇق قوليازما نۇسخا. بۇ نۇسخا ھىجىرىيە 714-يىلى 6- ئاي (مىلادىيە 1314-يىلى 9-ئاي) دا كۆچۈرۈلگەن بۇلۇپ، “جامىئۇت تەۋارىخ ” نىڭ 2- قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىران ئالىمى دانىش فاجۇ قاتارلىقلار “جامىئۇت تەۋارىخ . ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ تارىخى” نى نەشىرگە تەييارلاشتا مۇشۇ نۇسخىغا ئاساسلانغان.
“جامىئۇت تەۋارىخ ” تا نۇرغۇن قممەتلىك تارىخى ماتىرىياللار بولغىنى ئۈچۈن نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل ئالىملىرى ئۇنىڭ ھەرقايسى توم، قىسىملىرىنى قايتا- قايتا رەتلەپ تەتقىق قىلدى، سېلىشتۇرۇپ توغرىلىدى، تەرجىمە قىلدى ۋە شەرھلىدى.
فرانسىيە ئالىمى كارتېمىرنىڭ “جامىئۇت تەۋارىخ. ھىلاكۇ خان قىسسى” توغرىسىدىكى تەتقىقات ئەسىرى 1836- يىلى نەشىردىن چىقتى. بۇ كىتاب “جامىئۇت تەۋارىخ. ھىلاكۇخان قىسسى” نىڭ پارىژ قوليازما نۇسخىسىغا سېلىشتۇرۇپ توغرىلانغان پارىسچە تېكىستىنى، فرانسۇزچە تەرجىمسىنى، ئىسىم ئاتالغۇلارنىڭ تەپسىلىي ئىزاھلىرىنى ھەمدە رەشىددىننىڭ ھاياتىي پائالىيتى بايان قىلىنغان ئۇزۇن بىر پارچە كىرىش سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
“جامىئۇت تەۋارىخ. قەبىلىلەر تەزكىرىسى” نىڭ ئەتمەن تەرجىمە قىلغان نېمىسچە نۇسخىسى 1841- يىلى نەشىردىن چىققان.
1858-1868-يىللىرى رۇس ئالىمى بېريۇزىن “جامىئۇت تەۋارىخ ” نىڭ 1- قىسمى “قەبىلىلەر تەزكىرىسى”،”چىڭگىزخان ئەجداتلىرى ۋە چىڭگىزخان قىسسى” لىرىنىڭ پارىسچە تېكىستلىرىنى سېلىشتۇرۇپ توغرىلىغاندىن كىيىن، ئۇلارنى رۇسچە تەرجىمىسى ۋە ئىزاھاتلىرى بىلەن قوشۇپ سان- پېتىربورگدا نەشىر قىلىنىدىغان “رۇسىيە ئىمپېرىيسى ئارخېئولوگىيە ئىلمى جەمئىيتى شەرق بۆلىمى مەجمۇئەسى” نىڭ 5-، 7-، 13-، 15-، قىسىملىرىدا ئېلان قىلدۇرغان. “قەبىلىلەر تەزكىرىسى” نىڭ ئىزاھلىق رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسى 1858- يىلى، پارىسچە تېكىستى سېلىشتۇرۇپ ئېزاھلانغان نۇسخىسى 1861-يىلى نەشىر قىلىنغان. چىڭگىزخان ئەجداتلىرى قىسسىسى ۋە چىڭگىزخان تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرىكى قىسسسىسنىڭ پارىسچە تېكىستى سېلىشتۇرما ئىزاھاتى ۋە رۇسچە تەرجىمسىنىڭ ئىزاھاتلىرى قۇشۇلۇپ، 1868- يىلى نەشىر قىلىنغان.. چىڭگىزخان تەختكە چىققاندىن كىيىنكى قىسسىسىنىڭ پارىسچىسى بىلەن رۇسچە تەرجىمىسى ۋە ئىزاھاتلىرى قۇشۇلۇپ، 1868- يىلى نەشىر قىلىنغان.

داۋامىنى ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈۋېلىڭ

ئەسلى مەنبە: بۇلاق ژورنىلى