مەركىزى ئاسىيادا كونا تاش قورال دەۋرى ۋە ئىپتىدائىي پادىلىق تۇرمۇش

ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ئۆتىشىدىكى ئاساسىي نامايەندە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ مەيدانغا كېلشىدىن ئىبارەت. ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئىشلەپچىقىرىش قۇرالى- تاش سايماندىن ئىبارەت.
ئىپتىدائىي ئىنسان دەسلىپىدە تەييار ھالەتتىكى تاش قوراللارنى ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ مۇھىم شەكلى يارما(چاقما) قۇرال ھالىتىدىكى تاشتىن (ئەلۋەتتە ياغاچ، سۆڭەكلەرنى مۇستەسنا قىلمىغان ھالدا) ئىبارەت ئىدى. بۇ تۇلىمۇ قەدىمكى ئۇزاق زاماننى كونا تاش قورال(پالېئولىت) دەۋرى دەپ ئاتايمىز. كېيىنچە بىر قەدەر سېلىقلانغان، سىپتىلانغان، ئىسلاھ قېلىنغان تاش قوراللار ئىشلىتىلدى. بۇ دەۋر يېڭى تاش قورال (نېئولىت) دەۋرى دەپ ئاتالدى.
مەركىزى ئاسىيا ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى ئاپىرىدە ماكانلىرىدىن بىرى بولۇش بىلەن بىللە، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى بولدى.
كونا- يېڭى تاش قورال دەۋرلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخىنى ئۆگىنىشتىكى ئاساس بولۇپ، ئەينى زاماندىكى باشقا قوراللار- ياغاچ ئەسۋابلار، تېرە كىيىملەردە مۇنداق نەچچە ئون مىڭ يىللاپ ساقلىنىش ئىمكانىيتى يوق ئىدى.
كونا تاش قورال دەۋرى يادىكارلىقلىرىنىڭ پاراللېل سىزىقىنى بويلاپ ئورۇنلىشىشى مۇز دەۋرىدە مۇز قاپلىغان رايونلار ۋە دەريا ئېقىنلىرى، بوستانلىقلارنىڭ ساقلىنىپ قالغان دائىرلىرىنى ئېنىقلىۋېلىشقا پايدىلىق. مەركىزى ئاسىيا قەدىمكى ئىنسان تۈركۈملىرى ئەنە شۇ ۋادىلار، بوستانلىقلاردا،كاينوزۇيلۇق دەۋرنىڭ 3-، 4- ئېراسى ئارىسىدىكى ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، ۋە مۇھىت ئېكولوگىيسى شارائىتىدا ياشىغان. ئۇلار تاش قۇرالغا (دەسلىپىدە تەييار تاش قورالغا) يۆلىنىپ، توپلىشىپ ياشاپ، كېيىنچە ئوتتىن پايدىلىنىپ، ۋەھشىي يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن بىر قانچە يۈز يىلغا سۇزۇلغان مۇز دەۋرى زېمىستانلىقىنى يەڭدى. غار تۇرمۇشىدىكى ئوت- مۇقەددەس قۇدرەت ۋە قۇتلۇق ئۈمىد چېچىكى ئىدى. ئوت ئىنسانىيەتنى قوغدىدى، تاكامۇللاشتۇردى، ئۇلۇغ مەدەنىيەت سەھىپىسىنى يورۇتتى.
كونا تاش قۇرال دەۋرىنىڭ قانچىلىك داۋاملاشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش قىيىن بولسىمۇ، مەركىزى ئاسىيا ئىپتىدائىي ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ بۇ دەۋرنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى روشەن.
مەركىزى ئاسىيا كونا تاش قۇراللار دەۋرى يادىكارلىقلىرىنىڭ ھەقىقى ئىگىسى مۇشۇ دەۋردە ياشىغان نېئاندېرتال ئادىمى تىپىدىكى قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا ئادىمىدىن ئىبارەت.
1938-1939-يىللىرى ئۆزبېكىستاندىكى بوزاۋ تالاش ساي ناملىق قۇرۇپ كەتكەن دەريا بويىغا جايلاشقان دېڭىز يۈزىدىن بىر مىڭ 500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تېشىكتاش غارىدىن مەركىزى ئاسىيا نېئاندېرتال ئادىمىنىڭ بىر قانچە ئون كىشلىك ئوۋچىلار كوللىكتىپى ماكانى تېپىلدى. تېشىكتاشتىن ئوۋچىلىق قوراللىرى، ھايۋان سۆڭەكلىرى، يېقىلغان ئوت كۈل قاتلىمىدىن تاشقىرى، 8-9 ياشلىق نېئاندېرتال بالىنىڭ تاشقا ئايلانغان باش سۆڭىكى تېپىلدى. بۇ دۇنياۋى ئانتروپولوگىيلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھادىسە سۈپىتىدە نېئاندېرتال باسقۇچىنىڭ ئىنسانىيەت راۋاجلىنىشىدىكى ئومۇم ئەھمىيەتلىك بىر باسقۇچ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ قالماستىن، ئۇ يەنە مەركىزى ئاسىيا قەدىمكى ئادىمىنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى.
1982-يىلى شىنجاڭنىڭ ئاتۇش ناھىيسىدىن پۈتۈنلەي تاشقا ئايلانغان «ئاتۇش ئادىمى» باش سۆڭىكى تېپىلدى. «ئاتۇش ئادىمى» ئاتۇش ئاغۇ يېزىسى يۇلىدىكى ئاچچىق كەنت ئېغىزىدىن تېپىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن تاشقا ئايلانغان ئاتنىڭ تاغاق سۆڭىكى تېپىلغان. «ئاتۇش ئادىمى» باش سۆڭىكىنىڭ تېپىلىشى كاينوزىيىلىق دەۋرنىڭ 4-ئېراسىدىكى مۇھىم ئانتروپولوگىيلىك ئىختىرا بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 30-40 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى كرو-ماگنون-پاراسەتلىك ئىنساننىڭ ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيادىكى ئاساسلىق ئۈلگىسىنى تىكلىدى. باش شەكلىنىڭ چوڭلۇقى، ئۆرە يۈرۈپ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ ئۈستۈنلۈكى كرو-ماگنون تىپىدىكى قەدىمكى ئىنسانىيەتنىڭ نېئاندېرتال ئادىمىدىن پەرقلىنىدىغان ئاساسىي ئالامىتى ئىدى.
مەركىزى ئاسىيادا ئىككىنچى قېتىملىق مۇز دەۋرى بىلەن ئۈچىنچى قېتىملىق مۇز دەۋرى ئارىسىدا ئۆتكەن ئاشۇ دەۋردە ئىنسانىيەت تېخى غارلاردا ياشىغان، تاش پالتا ئىشلەتكەن، ئوتتىن پايدىلانغان، غاردىن چىقىپ ئوۋچىلىق قىلغان. ئاشۇر دەۋرى قۇراللىرى تۈركمەنىستاننىڭ بالتىق دېڭىزىگە يېقىن ساھىلى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ تەڭرىتاغلىرى ئىگىزلىكىدىنمۇ تېپلغان. سىنانتروپ شەكىلدىكى مەركىزى ئاسىيا غار ئادىمىنىڭ تارىخىي ئىزنالىرى ئۆز ئالدىغا تىزما ھاسىل قىلىدۇ.
جەنۇبىي ئۆزبېكىستان غارلىرىدىن تېپىلغان نېئاندېرتال ئادىمىگە تەئەللۇق تۇرارجاي، سەمەرقەند ئوبلاستى ئامانقوتان غارىدىن تېپىلغان تاش پىچاق، تاش بەلچە ۋە تاغ ئۆچكىسى، ئات،بۆرە ۋە ئېيىق ئۇستىخانلىرى بىلەن ياغاچ كۆمۈر-قوقاس قاتلاملىرى، سۇرخان دەريا بايسۇن رايۇنى ماچاي غارىدىن تېپىلغان كونا تاش قۇراللار، تۈركمەنىستان كراسنوۋودىسىكىي يېرىم ئارىلىدىن تېپىلغان تاش قوراللار بىزنىڭ كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدىكى نېئاندېرتال ئادىمى بىلەن پولىئوترۇپ ۋە كرو-ماگنون ئادىمىنىڭ مەركىزى ئاسىيانى مۇز قاپلىغان ۋاقىتتىكى ھاياتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىزنى كېڭەيتىدۇ.
ئاتۇش ناھىيسىنىڭ قىرغىزىستانغا يېقىن قاتناش يولىدىن كونا تاش قورال يادىكارلىقلىرى تېپىلغان. قەشقەر ئوپال يېزىسى ئاق دالا دېگەن جايدىن بىر قەدەر چوڭراق بېغىر رەڭ چاقما تاش قورال تېپىلغان. ئوپالنىڭ سۆسەر ئېغىز دېگەن يايلىقىدىن كونا تاش قورال دەۋرىگە ئائىت 3-4 مېتىر قېلىنلىقتىكى كۈل قاتلىمى تېپىلغان.1983-يىلى كۆكئارت (پامىر) نىڭ شەرقىي ئېتىكىدىكى تاشقورغان بىلەن قەشقەر ئارىلىقىدىكى جىرغالدىن 3-4 مېتىر قېلىنلىقتىكى ياغاچ كۆمۈر ۋە كۈل قاتلىمى بىلەن ئاق چاقما تاش قورال تېپىلغان. 1952-يىلى ئاقسۇ كەلپىندىن تېپىلغان كونا تاش قورال يادىكارلىقلىرى جۇڭگۇ تارىخ مۇزېيىدا ساقلانماقتا.
ستەين كونا لوپ-كروراينا خارابىلىرىنى بويلاپ ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيلىك سەپىرىدە شامال يالاپ ئېچىۋەتكەن كۆپلىگەن تاش ئوقيا سادىقى، تاش پىچاق قاتارلىقلار بىلەن بىللە تېخىمۇ يىراق ئۆتمۈشنى ئەسلىتىدىغان قوپال تاش قورال پارچىلىرىنى ئۇچراتقان. ئۇ لوپ بۇيىدىكى قۇرۇق دەريا ساھىلىدا ئۇچراتقان بۇ خىل تاش سايمانلارنى ئۆز ئورنىدا قالدۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئارخېئولوگىيلىك نىشانىنى كۆزلەپ داۋاملىق ئىلگىرىلىگەن. قۇمۇل-تۇرپان ئارىسىدىكى يەتتە قۇدۇقتىن، قۇمۇل قارا تۆپە ئېگىزلىكىدىن كونا تاش قۇرال دەۋرى ۋە يېڭى تاش قۇرال دەۋرى ئارىلىقىغا ئائىت بىر قەدەر كۆپرەك تاش قۇرال يادىكارلىقلىرى تېپىلغان.
موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيتىدىكى سىلېنگا ۋە تۇرا دەريالىرى بۇيىدىن، ئۇرخۇن خالخىن دەريالىرىنىڭ ساھىللىرىدىن، جۈملىدىن موڭغۇلىيە چۆللۈكىدىن كونا تاش قۇرال دەۋرىگە ۋە سەل كېيىنكى باسقۇچتىكى (12-20 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى) دەۋرلەرگە ئائىت تاش قورال دەۋرى يادىكارلىقلىرى تېپىلغان. بۇ دەل مەركىزى ئاسىيادىكى تاغلار ۋە قاپتاللار قېلىن مۇز بىلەن قاپلانغان دەۋر ئىدى. يەنسەي، كراسنويارىسكىي بىلەن مىنۇسىنكىي رايۇنى ئارىسىدا، ئالتاي تاغلىرى ئېتەكلىرىدە مۇنداق يادىكارلىقلار بىر پۈتۈن بەلۋاغ ھاسىل قىلغان. بۇلار سىلېنگا، تۇرا، ئۇرخۇن، خالخىن تاش قۇرال دەۋرى يادىكارلىقلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولغان. تەكىتلەش ھاجەتكى، ھازىرقى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزى ئاسىيادىكى كونا تاش قۇرال يادىكارلىقلىرى- چاقما تاش قۇراللار، كۈل قاتلاملىرى، ئوۋلانغان ئېيىق، قاپلان، ياۋا ئات، تاغ ئۆچكىسى، ۋە ئۇچار قۇشلار ئۇستىخانلىرى بىلەن كوللېكتىپ ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدە تولىمۇ يېقىنلىق ساقلانغان. مەركىزى ئاسىيا غار ئادىمى مۇز دەۋرى ئاخىرلىشىپ، مۇز سۇلىرىنىڭ بەھەيۋەت تاشقىنلىرى ئاخرلاشقاندا، بۇ ساھىللارغا يېقىنلاشتى. دەريا ساھىللىرىدىن تېپىلغان كونا تاش قۇرال دەۋرى يادىكارلىقلىرى مۇشۇ باسقۇچقا مەنسۇپ بولغان.
كونا تاش قۇرال دەۋرى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىجتىمائىي تارىخىي ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەۋر ئىنسانىيەت تېخى ئۇرۇقداشلىق جامائە تۈزۈمىگە ئۆتمىگەن، توپ-پادا سۈپىتىدە ياشىغانىدى. ئۇلار دەسلىپىدە تەييار مېۋىلەرنى يىغىپ يېيىشتى، ئۆسۈملۈكلەر، بېلىقلار، ۋە ھايۋانلارغا تايىنىپ ياشىدى. ئۇلار تەييار تاشقا تايىنىشتىن چاقما تاش قۇرالى ياساشقا ئۆتكەندە ئەڭ دەسلەپكى مەدەنىيەت تارىخىنىڭ پارلاق ئىشىكىنى ئاچتى.
مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمى تەخمىنەن 15 مىڭ يىللار ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ تاش قۇراللىرىنى تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىشقا كىرىشتى. ئۇلار سېلىقلاپ ئىشلەنگەن تاش، سۆڭەك ۋە ياغاچلاردىن تاش پىچاق، تاش قىرغۇچ، تاش پالتا، تاش ساداق، سۆڭەك نەيزە، بېگىز ۋە يىڭنە، مۈڭگۈز بۇرغىنى ئىجاد قىلىشتى. سۆڭەك قۇراللار تولاراق بۇغا مۈڭگۈزى، بۇقا مۈڭگۈزى ۋە قىسمەن دەنداندىن ياسالغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز غار ۋە تاش قىيالارغا، سۆڭەك ۋە دەندانلارغا تۇنجى تەسۋىرىي سۈرەتلەر چىكىپ ئىپادىلەش خاراكتېرىدىكى گۈزەل سەنئەتنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
① نېئاندېرتال ئادىمى- «نېئاندېرتال ئادىمى» كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، «قەدىمكى ئادەم» باسقۇچىدىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ تاش قاتمىلىرىنىڭ ئومۇمى نامى.1856-يىلى گېرمانىينىڭ دوسسىلدوروف ۋىلايىتىدە، نېئاندېرت دەريا ۋادىسىغا يېقىن ئۆڭكۈردىن تېپىلغان قەدىمكى ئادەمنىڭ تاش قاتمىسى.
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.