تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ نۇسخىلىرى ۋە تارقىلىش ئالاھىدىلىكى

ئېلى مۇھەممەت

تۇرپان مۇقامى _ شەرىقى شىنجاڭنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق تۇرپان، پىچان، توقسۇن قاتارلىق رايونلارغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇ تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت تارىخى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن.
تۇرپان مۇقاملىرى _ راك مۇقامى، چەبىيات مۇقامى، كونا چەبىيات مۇقامى، مۇشاۋىرەك مۇقامى، چارىگاھ مۇقامى، پەنجىگاھ مۇقامى، ئۇشاق مۇقامى، ناۋا مۇقامى، سابا مۇقامى، ئىراق مۇقامى، بايات مۇقامى ۋە دالان مۇقامىدىن ئىبارەت چوڭ تىپتىكى 12 يۈرۈش يۈرۈشلۈك نەغمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى يەرلىك مۇقاملاردىن ئىسىم جەھەتتە پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىرىدىن سابا مۇقامى، دالان مۇقامى ۋە كونا چەبىيات مۇقامى قاتارلىقلار بار.
خۇددى ئۇيغۇر 12 مۇقاملىرىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجىدا تارقالغان شەكىللىرى، دولان مۇقامىنىڭ مەكىت نۇسخىسى، ئاۋات نۇسخىسى، مارالبېشى نۇسخىسى، قۇمۇل مۇقامىنىڭ شەھەر ئىچى نۇسخىسى بولغىنىغا ئوخشاش، تۇرپان مۇقاملىرىنىڭمۇ تۇرپان شەھەر ئىچى نۇسخىسى، پىچان لۈكچۈن نۇسخىسى، توقسۇن نۇسخىسى، قۇمۇل قارا دۆۋە نۇسخىسىدىن ئىبارەت تۆت خىل شەكلى بار. بۇ توغرىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى ياسىن مۇخپۇل ئەپەندى ئۆزىنىڭ 2007-يىلى 9-ئايدا يەكەندە ئېچىلغان “جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى” دا ئوقۇغان “ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىكى كۆپ خىل نۇسخا توغرىسىدا” ناملىق ماقالىسىدە “قۇمۇل شەھىرىنىڭ قارادۆۋە يېزىسىدا قۇرۇلمىسى، مېلودىيەسى، كۈي شەكلى، ئۇدار رېتىملىرى تۇرپان مۇقاملىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشايدىغان، ئەمما يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن <قارا دۆۋە سەنىمى> ياكى <لاپچۇق سەنىمى> دەپ ئاتىلىدىغان 11 يۈرۈش مۇقامنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ قارا دۆۋە نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە دەلىللەپ چىققانلىقىنى، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نەسەبىنى تۇرپانلىقلارغا باغلاپ چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى” ئوتتۇرىغا قويغان. تارىخنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، شىمالىي ۋېي سۇلالىسى زامانىدا تېلى قەبىلىلىرى تۇرپاننىڭ لۈكچۈن دىيارىغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا، يەرلىك خەلقلەرنىڭ قۇمۇلنىڭ قارا دۆۋە، ئاستانە، قارلىق غولى قاتارلىق بىر قانچە جايغا كېلىپ ماكانلىشىپ، شۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەر بىلەن لاپچۇقنى شەكىللەندۈرگەنلىكى، شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا پىچان، لۈكچۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ يەنە قۇمۇلنىڭ قارا دۆۋە، لاپچۇق، تاشبالىق ئەتراپىغا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار بار. (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن “ئۇيغۇر مۇقام غەزىنىسى” ناملىق كىتابىدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 301-،302-بەتلەر). سانجى ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ، مورى ناھىيەلىرىدىمۇ تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقى، ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ تۇرپاندىن كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ كۆپ خىل بولۇشى ھەر قايسى جايلارغا تارقالغان. بىر خىل مۇقامنىڭ كۆپ خىل نۇسخىلارغا ئىگە بولۇشى ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىدىكى مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ.
گەرچە تۇرپان مۇقاملىرى تۇرپان رايونىغا قاراشلىق ناھىيە، يېزا-بازارلارغا تارقالغان دېسەكمۇ، تۇرپان تېرىتورىيەسىدىكى ئوخشىمىغان رايونلاردا، ئوخشىمىغان نۇسخىلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ باشقا رايونلارغا تارقالغان نۇسخىلىرىغىمۇ دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. تېخىمۇ دىققىتىمىزنى تارتىشقا ئەرزىيدىغىنى، ھەر قايسى مۇقاملارغا ھەر خىل شەكىللەردە گەرچە خېلى كۆپ ئوخشاشلىق ۋە ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلىرى بولسىمۇ، مۇزىكا قۇرۇلمىسى، ئۇدار رېتىمى، ئاھاڭى، ئىشلىتىلىدىغان چالغۇ ئەسۋابلىرى قاتارلىق تەرەپلەردە يەنىلا پەرقلەر بار بولۇپ، ئوخشىمىغان يەرلىك ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن. چۈنكى نۇسخا ھەم ئوخشاشلىق، ھەم پەرقلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. يەنە كېلىپ، ھەرقايسى مۇقاملار تارقالغان رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى شەكلى، خەلقنىڭ سەنئەت تەپەككۇرى، ھۇزۇرلىنىش ئادەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى، سەنئەت يارىتىشى، ئىسلاھ قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى، شېۋە ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن چوڭ جەھەتتىن كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ، ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ ھەرقايسى نۇسخىلىرى جەھەتتىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ ھەرقايسى نۇسخىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە باشقا نۇسخىلار بىلەن بولغان پەرقى.
تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ ھەرقايسى نۇسخىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى :
1) تۇرپان شەھەر ئىچى نۇسخىسى
بۇ نۇسخا توققۇز مۇقام بولۇپ، راك مۇقامى، چەبىيات مۇقامى، مۇشاۋىرەك مۇقامى، چارىگاھ مۇقامى، پەنجىگاھ مۇقامى، ئۇشاق مۇقامى، بايات مۇقامى، ناۋا مۇقامى ۋە ئىراق مۇقامىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مۇقام نۇسخىلىرى 1976-يىللاردا، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ۋە تۇرپان سەنئەت ئۆمىكى داڭلىق سۇنايچى ۋە مۇقامچى تۇردى ھامىر ئاكا ۋە داپچى ئاسىپ ئاكىلارنى تەكلىپ قىلىپ لېنتىغا ئالغان نۇسخىسىدۇر.
2) توقسۇن نۇسخىسى
بۇ نۇسخا جەمئىي ئالتە مۇقامدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇلار راك مۇقامى، دەرداغ مۇقامى(كونا چەبىيات)، مۇشاۋىرەك مۇقامى، چارىگاھ مۇقامى، پەنجىگاھ مۇقامى ۋە ئۇشاق مۇقامىدىن ئىبارەت. بۇ نۇسخا 1982-يىلى توقسۇن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى توقسۇندىكى ئابلىتىپ كىۋىر، تۇردى ئابلا، قۇربان جاگۇت، ھېيتى توختى، زاھىر ھۇگەيدۇل، ھەمدۇل روزى، تۆمۈر قوياڭ، خالىق ئەنەس، ئابدۇراخمان ئىبراھىم قاتارلىق خەلق سەنئەتكارلىرىنى تەكلىپ قىلىپ لېنتىغا ئالغان نۇسخىسىدۇر. بۇلاردىن باشقا، يەنە تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ توقسۇن نۇسخىسىدىكى مۇقاملارنىڭ ھازىرغا قەدەر يەتكۈزۈلۈشىدە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان داڭلىق مۇقام ۋارىسلىرىدىن ئەزنى ۋاقى بوغۇچى، توختى دەرداغ، ئابدۇرېھىم دەرداغ قاتارلىق ئۈچ نەپەر مۇقام ۋارىسى بۇ مۇقاملارنى تولۇق ئېيتىلغاندىن سىرت، رەتلەش، سېستېمىلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئىلمىي خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغان مۇقام تۆھپىكارلىرىدۇر.
3) لۈكچۈن نۇسخىسى
تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ لۈكچۈن نۇسخىسى جەمئىي 12 يۈرۈشلۈك مۇقام كۈيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇلار راك مۇقامى، چەبىيات مۇقامى، كونا چەبىيات مۇقامى، چارىگاھ مۇقامى، پەنجىگاھ مۇقامى، مۇشاۋىرەك مۇقامى، ناۋا مۇقامى، ئۇشاق مۇقامى، سابا مۇقامى، بايات مۇقامى، ئىراق مۇقامى، دالان مۇقامى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 1955-يىلى ۋە 1966-يىلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسى بىر قېتىم ئۈنگە ئالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ماتېرىيالى تېپىلمىغان. بىراق يۇقارقى 12 مۇقام پىچان ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى 1976-يىلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسىدىن يۈسۈپجان قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ لېنتىغا ئالغان نۇسخا بولۇپ، بۇ نۇسخا ھازىرغا قەدەر مۇكەممەل ساقلانماقتا ھەمدە تۇرپان مۇقاملىرىنى ئۆگىنىش، رەتلەش جەھەتلەردە مۇھىم تەتقىقات ماتېرىيالى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ مۇقاملار “تۇرپان مۇقاملىرى” نامىدا تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىغا، بولۇپمۇ لەمجىن، لۈكچۈن، دالانكارىز، دىغار، تۇيۇق ۋە تۇرپان شەھىرىنىڭ ئاستانە يېزىسى ۋە توقسۇن ناھىيەسىگىمۇ كەڭ تارقالغان.
تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ لۈكچۈن نۇسخىسى 1955-، 1966-، 1976-، 1986-، 1993-، 2006-، 2007-يىلى بولۇپ يەتتە قېتىم ئوخشىمىغان دەرىجىدە، ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئۈنگە ئېلىنغان. مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1999-يىل نەشر قىلىنغان “ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى _ تۇرپان مۇقاملىرى” ناملىق كىتابمۇ لۈكچۈن نۇسخىسىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ كىتابقا تۇرپان مۇقاملىرى لۈكچۈن نۇسخسىدىن 11 مۇقام تېكىستى ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە مۇقاملارنىڭ مۇزىكىلىق نوتىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن.
4) قۇمۇلنىڭ قارا دۆۋە ۋە لاپچۇق نۇسخىسى
بۇ نۇسخا ئاساسەن تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ ئەسلىدىكى نەغمە ھالىتى بويىچە ساقلانغان. ئۇلارنىڭ ھازىر ساقلىنىۋاتقان نۇسخىلىرى ئاساسەن توققۇز يۈرۈشلۈك نەغمە بولۇپ، ئۇلار: “ئاللىيەي يۈرۈشلۈك نەغمىسى”. بۇ تۇرپان مۇقاملىرىدىن ئۇشاق مۇقامىدىكى چېكىت، يالاڭ چېكىت ۋە سەنەم قىسمىدىكى نەغمىلەرنى ئاساس قىلىپ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن نۇسخىسى. قۇمۇل نەغمىلىرىدىن “يار ساچمەن” نەغمىسى بولسا تۇرپان مۇقاملىرىدىن چەبىيات مۇقامىنىڭ نەغمە قىسمىدىكى ئاھاڭلار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت “نەغمە” ھالىتىدە ساقلانغان. قۇمۇل نەغمىلىرىدىن “ئەي ناۋا” نەغمىسى تۇرپان مۇقاملىرىدىن مۇشاۋىرەك مۇقامىنىڭ “نەغمە” قىسمىدىكى ئاھاڭلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، 9 ئاھاڭ ساقلانغان. قۇمۇل نەغمىلىرىدىن “خارابىڭمەن” (چارىگاھ مۇقامىنىڭ بۇ خىل يۈرۈشلۈك نەغمە نامىنى تۇرپاندىمۇ ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كەلمەكتە) نەغمىسى تۇرپان مۇقاملىرىدىن چارىگاھ مۇقامىدىكى نەغمىلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، 5 ئاھاڭ ساقلانغان. قۇمۇل لاپچۇقتا ساقلانغان “دەردى داغ” يۈرۈشلۈك نەغمىسى تۇرپان مۇقاملىرىدىن كونا چەبىيات مۇقامىنىڭ چېكىت ۋە جۇلا نەغمىلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاساسەن 6 ئاھاڭ ساقلانغان. نازىركوم نەغمىسى بولسا تۇرپان مۇقاملىرىدىن ناۋا ۋە ئىراق مۇقاملىرىنىڭ ئارىلاشما نەغمىسىنىڭ ساقلىنىشى بولۇپ، 5 ئاھاڭ ساقلانغان. “يار ساچمەن” نەغمىسى بولسا تۇرپان مۇقاملىرىدىن ناۋا ۋە سابا مۇقاملىرىنىڭ چېكىت نەغمىلىرىنىڭ ساقلىنىشى بولۇپ، 7 ئاھاڭ ساقلانغان. “يارى-يار” نەغمىسى بولسا تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ پەنجىگاھ چېكىتى ۋە باشقا مۇقاملارنىڭ جۇلا قىسمىنىڭ يىغىندىسى ھالىتىدە ساقلانغان. “ھەي-ھەي ئۆلەن” نەغمىسى بولسا تۇرپان بايات مۇقامى ۋە ئىراق مۇقامىنىڭ چېكىت نەغمىلىرى نەغمە ھالىتىدە ساقلانغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە 6 ئاھاڭ قوغداپ قېلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ نەغمىلەرگە لۈكچۈندە ئېيتىلىۋاتقان يۈرۈشلۈك نەغمىلەرنىڭمۇ كۆپ قىسمى كىرگۈزۈلگەن. قۇمۇل شەھەرلىك جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يولداش يۇنۇس ئىبراھىم بۇ يۈرۈشلۈك نەغمىلەرنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قۇمۇلنىڭ داڭلىق ئەلنەغمە ئۇستازلىرىدىن ئەمەت ئىسمايىل ۋە ئىسھاق ئىبراھىم قاتارلىق ئىككى نەپەر ئۇستازنى تەكلىپ قىلىپ، 2005-يىلى 9-ئايدا يۇقارقى 9 نەغمىنى سىنغا ۋە ئۈنگە ئېلىپ ساقلىغان.

 

تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ نۇسخىلىرىنى سېلىشتۇرۇش جەدىۋىلى

نۇسخىلار ناملىرى چالغۇلار تارقالغان ئورۇن
لۈكچۈن نۇسخىسى راك، چەبىيات، مۇشاۋىرەك،چارىگاھ ،پەنجىگاھ ،سابا،ئىراق، دالان، كونا چەبىيات ساتار، داپ، دۇتار، تەمبۇر،چاڭ،راۋاب تۈرلىرى،غىجەك، نەي، ناغرا-سۇناي لەمجىن، لۈكچۈن، 
دالانكارىز، دىغار ، 
تۇيۇق
تۇرپان شەھەر نۇسخىسى چارىگاھ ، راك ، چەبىيات ،
مۇشاۋىرەك،ناۋا،پەنجىگاھ ،
ئۇشاق ، بايات
دۇتار ، تەمبۇر ، داپ ، غىجەك ، راۋاب ئاستانە يېزىسى ، 
شەھەر ئىچى
توقسۇن نۇسخىسى دەرداغ ، ئۇشاق ، چارىگاھ ،
راك،مۇشاۋىرەك، پەنجىگاھ
دۇتار ، تەمبۇر ، غىجەك ، داپ ، چاڭ،
نەي
توقسۇننىڭ شا يېزىسى ،
غولبويى ، بوستان قاتارلىق يېزىلاردا
قۇمۇل قارا دۆۋە نۇسخىسى ئاللىيەي، يار ساچمەن، ئەي ناۋا، 
خارابىڭمەن، سايلاردا ھەمرايىڭ بولاي، نازىركوم، يارىيار، تاغدا تېرىق، ھەي-ھەي ئۆلەن
قۇمۇل غىجىكى ، قۇمۇل راۋابى ، داپ قۇمۇلنىڭ قارا دۆۋە ، لاپچۇق قاتارلىق ئو-
رۇنلىرىدا

مەنبە : __ “تۇرپان” ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.