يەكەندىكى مەسچىدلەر

يەكەن ناھىيەسىدىكى جۈملىدىن پۈتكۈل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى ئەينەن ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمى مەسچىدلەرنىڭ بىرى ،يەكەن ئازنا مەسچىد شەرقى چاغاتاي خانلىقى (موغۇلىستان خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئەمىرلىرىدىن مەھەممەت ھەيدەر مىرزا (مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كۆرەگاننىڭ ئاتىسى)زامانىسىدا يەنى مىلادىيە 1466-يىلى يەكەن كونا شەھەر تەۋەسىدىكى چاھارسۇ دىگەن يەرگە ياسالغان ،بەزىلەر بۇ مەسچىدنى ئۇنىڭ جىيەنى مىرزا ئابابەكرى ياساتقان دەيدۇ.ئەمەليەتتە مىرزا ئابابەكرىنىڭ تاغىسى مەھەممەد ھەيدەر مىرزا مىلادىيە 1463-يىلىدىن 1480-يىلىغىچە يەكەننى ۋە قەشقەرنى سۇيۇرغاللىق زىمىن سۈپىتىدە باشۇرۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرا ئاسىيا بويچە داڭلىق بۇ مەسچىدنى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۆز ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە ياساتقان.
مەسچىد ياغاچ ئىشلەتمەي خىش ۋە لاينى ماتىرىيال قىلىپ ،52 گۈمبەزلىك قىلىپ ياسالغان بولۇپ ،كىچىك گۈمبەزلەرنىڭ ئىگىزلىكى 5.5مىتىر ،دىئامىتىرى 2.6مىتىر ،مەسچىدنىڭ شىمال تەرەپ ئوتتۇرا ھۇجرىسىغا ياسالغان گۈمبەزنىڭ ئىگىزلىكى 15مىتىر،دىئامىتىرى 7.9مىتىر كىلىدۇ.مەسچىد نوقۇل مەسچىد سۈپىتىدىلا ئەمەس،يەنە تالىپلار ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان مەدرىسە قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدىغان قىلىپ لاھىلەنگەن،ھەم كىيىنكى زامانلاردا ،ئاپاق غوجا مازىرىنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن ئۆرنەك بولغان.
بۇندىن باشقا مەسچىد ئالدىدىكى مۇنار تۇۋى دىگەن يەرگە بىر مۇنار سىلىنغان بولۇپ ،پىشقەدەم موللا،ئالىملارنىڭ مەلۇماتلىرىدا <<بۇ مۇنار چىقىپ قارىسا ،يەكەن دەرياسى كۆرۈنەتتى،مۇنارغا چىقىپ چۈشكۈچىلەر،مۇنار ئۈستىدە قونۇپ قالاتتى >>دىيىلگەن.كىشىلەر ئاغزىدىمۇ مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر ساقلىنىپ قالغان.ئەپسۇس بۇ مۇنار كىيىنكى زامانلاردا ۋەيرەن قىلىۋىتىلگەن.
ئومومەن ئازنا مەسچىد ئۆزىنىڭ قەدىمىلىكى ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ،خاس يەرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن مەشھۇر،تولىمۇ قىممەتلىك ئىمارەت بولۇپ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمى ئەنئەنىۋى بىناكارلىق سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايتى مۇھىم ئەھمىيەتلىك تارىخى مىراس.بىرلا ۋاقىتتا 5000كىشى ناماز ئوقۇيالايدىغان بۇ مەسچىدنىڭ سەئىدىيە سۇلتانلىقى قۇرۇلغان ۋاقىتتا بىر قىتىم رىمۇنت قىلىنغانلىقىدىن باشقا ھازىرغىچە رىمۇنت قىلىنغانلىقى توغرىلۇق مەلۇمات يوق بولۇپ،550يىلغا يىقىن ۋاقىتتىن بۇيان يەنىلا ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
1990-يىلى بۇ مەسچىد <<ئاپتونۇم رايۇن دەرجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىق ئورنى >>دەپ ئىلان قىلىنغان.

يەكەن جامەسى
شىنجاڭدىكى داڭلىق مەسچىدلەردىن بىرى بولۇپ ،ئورنى يەكەن كونا شەھەر مەركىزىدە ،كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ ،بىناكارلىق سەنئىتى ئالاھىدە بولغان قەدىمى مەسچىد.بۇ مەسچىد سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ ئاخرىقى مەزگىللىرىدە ئابدۇللاخان تەختتىكى ۋاقىتتا ياسالغان.1734-يلى چوڭ رىمۇنت قىلىنغان.1870-يىلى ئىككىنجى قىتىم كىڭەيتىلگەندىن كىيىن يەنە بىر نەچچە قىتىم رىمۇنت قىلىنغان،جامە مەسچىدى ياغاچ سالاسۇن ۋە قىزىل خىشتىن قوپۇرۇلغان تام بىلەن ئىچكىرى-تاشقىرى ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ،ئالدىنقى قىسىمى مەدرىسە ،كىيىنكى قىسمى مەسچىد،ئىككى تەرىپىدە مىۋىلىك باغ ۋە ۋەخپە يەر بولۇپ ،ئومومى يەر كۆلىمى 20مىڭ كىۋادىرات مىتىردىن كۆپرەك،دەرۋازا راۋىقىنىڭ ئۈستىدە ئۆزئارا سىمىتىرىك قىلىپ سىلىنغان
ئىككى مۇنار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.دەرۋازا ئۈستىدە ئىگىز ،ئۇچلۇق قۇببە بولۇپ قۇببىنىڭ ئىككى يىنىدا بىر قاتار تەكچىلەر ،ئۇنىڭ ئۈستىدە گەج بىلەن نەقىش چىقىرىلغان رۇجەكلەر بار،تورۇسلىرى كاتەكچىلەر بىلەن بىزەلگەن،مەدرىسە قاتار سىلىنغان 40نەچچە ھۇجرىدىن ئىبارەت بولۇپ،ئوتتۇرسىدا چۆرىسىگە دەرەخ تىكىلگەن كۆلچەك بار،مەسچىد نامازخانىسى ئىچكىرى تاشقىرى ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ،ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ ،تورىسى لىم ياغاچلار قويۇپ يىپىلغان،ئىچكى نامازخانا تۈۋرۈكلۈك بولۇپ،غەربى قىسمىدا مىھرابسىمان تەكچىلەر بار.ئىشىك رامكىلىرى ھەر خىل نەقىشلەر بىەن نەقىشلەنگەن،ئۈسىتىگە خىلمۇ خىل كاتەكچىلەر چىقىرىلغان روجەكلەر چىقىرىلغان ،تاشقى نامازخانا كەڭ ،ئازادە دەھلىزدىن ئىبارەت ،دەھلىز ئالدىغا قاتار بىر قاتار نەقىشلىك تۈۋرۈكلەر ئورنىتىلغان،ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ شەكلى ۋە نەقىشى ئوخشىمايدىغان بولۇپ ،ھەر بىرسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بار،پۈتكۈل مەسچىد تورۇس قۇرۇلمىسى بەك مۇرەككەپ بولۇپ ،نەپىس ۋە گۈزەللىكى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ،تورۇسنى 136تال تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ،ئىچكىرىدىكى بەش ھۇجرا ،ئالدى كەڭلىكى 18ھۇجرا بار بولۇپ،جەمئى 90ھۇجرا بار،26ھۇجرىنىڭ تورۇسى لىم ياغاچلار زىچ قويۇلۇپ يىپىلغان.28ھۇجرىنىڭ تورۇسى كاتەكچىلەر بىلەن نەقىشلەنگەن،بۇنىڭ ئىچىدە 20نەچچە ھۇجرىنىڭ تورۇسى ۋاسا جۈپ قىلىنغان ،تورۇسلار گەج بىلەن ئاقارتىلىپ ،ھەرخىل نەقىش ۋە رەڭلىك رەسىم بىلەن بىزەلگەن .رەڭلىكى بىزەش سەنئىتى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ زور مۇۋەپىقيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان بىر ۇھىم نامايەندە .يەكەن جامەسى 1990-يىلى ئاپتونۇم رايۇن دەرجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنيەت يادىكارىقى قىلىپ بىكىتىلگەن.
مانا بۇ جايلاردا بىزنىڭ دىنىمىز گۈللىنىپ خەلقىمىز ئۈچۈن بەخت ،سائادەتلەرنى بەخش ئەتكەن.
ئۇ يەرلەر خەلقىمىزنىڭ 600يىلدىن ئارتۇق تارىخنى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ.
قىرىنداشلارنىڭ كىلىپ ،كۆرۈپ مەدەنيىتىمىزنى تىخىمۇ تونۇپ يىتىشىنى ،چۈشەنچىسىنى تىخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىشىنى،مىللى روھقا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

2013-4-19
يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ تارقىتىلغان ،مۇقام يۇرتى -يەكەن.دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.