ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش

ئەدەبىي ئاخبارات

مىڭچېبى (موڭغۇل)
لولۇلۇ
1- پاكىتلارنىڭ قىستىشى

جۇڭگو، چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا، ئۇيغۇرلار ئېسىل مىللەت دېگەن خۇلاسىگە كېلىشىڭىز تەبىئىي، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بەزى تارىخىي ھادىسىلەر گويا تېپىشماققا ئوخشايدۇ. مەسىلەن:

قەدىمكى زاماندا بۇ زېمىندا ھونلار، چوڭ ياۋچىلار، ساكلار، ئېفتالىتلار، چاڭلار، تۈبۈتلەر، تۈركلەر، سىيانپىيلار، قىتانلار، جۇرجانلار، موڭغۇللار ياشىغان. بۇ مىللەتلەرنىڭ بەزىسى ئۆز دەۋرىدە كارامەت زورىيىپ، قۇدرەت تېپىپ، جاھاننى سورىغان. لېكىن ھازىرقى كۈندە بولسا، بەزىسى كىچىكلەپ، ئاجىزلاپ كەتتى، بەزىسى تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتتى. ئۇيغۇرلار بولسا، تارىختىكى بوران- چاپقۇندا راۋاج تېپىپ، زورىيىپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مىللىتىگە ئايلاندى، بۇنىڭ سىرى نېمە؟
بۇرۇنقى قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئۆز دەۋرىدە تۇرپاندىلا سوغدى يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، خەنزۇ يېزىقى، سۈرىيە يېزىقى، سانسكرىت يېزىقى، پارس يېزىقى، تۈرك يېزىقى ۋە تاڭغۇت يېزىقى بىلەن بۇددا دىنىغا، مانىي دىنىغا، نېستورىيان دىنىغا، مەجۇسى دىنىغا ئائىت دىنىي كىتابلارنى تاش مەتبەئەدە نەشىر قىلالىغان، بۇنداق ئەھۋال ئۆز زامانىسىدا دۇنيادا كەم ئۇچراپتىكەن. بۇنىڭ سىرى نېمە؟
بىرەر دەۋرنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان كاتتا مەدەنىيەت ئەربابلىرى يوق مىللەتنى ئىنتايىن مەدەنىيەتلىك مىللەت، دەپ ئاتىماق تەس. شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى دېگەن ئىككى نەپەر كاتتا مەدەنىيەت ئەربابى چىققان، بۇنىڭ سىرى نېمە؟
ئۇيغۇرلار ئىلگىر- ئاخىر بولۇپ شامان دىنىغا، مانىي دىنىغا، مەجۇسى دىنىغا، بۇددا دىنىغا، ئاخىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. دۇنيادا دىن- ئەقىدىنى شۇنداق كۆپ تاللىغان مىللەت تولىمۇ ئاز تېپىلىدۇ. بۇنىڭ سىرى نېمە؟
ئۇيغۇرلار شىمالىي موڭغۇل قۇملۇقىدا ياشىغان چاغلىرىدا سان جەھەتتىن ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. كېيىن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ كۆچۈپ، تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا تارىمدىكى بىر مۇنچە قەبىلە- ئەللەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلدى. كېيىنكى ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا خېلى كۆپ خەنزۇنى، موڭغۇلنى، قىتانلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلدى. شۇنداق زور ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىقتىدارىدىكى سىر نېمە؟
ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىختىن قالغان ئېغىز ئەدەبىياتى بار، لېكىن ئۆز ئالدىغا سىستېما ھاسىل قىلالايدىغان نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسى بار مىللەت پەقەت بىرلا ئۇيغۇر مىللىتى، بۇنىڭدىكى سىر نېمە؟
……
مەن ئەنە شۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر ئۇيغۇر بۇرادىرىمدىن ئەقىل سورىدىم. ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا ئەسىردە فارابى ۋەكىللىكىدىكى ئىسلام- ئەرەب مەدەنىيىتىنى پىششىق بىلەتتى، خەنزۇلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىغا بەكمۇ قىزىقاتتى، ھازىرقى زامان دۇنياۋى پەلسەپە ئېقىملىرىدىنمۇ كەڭ مەلۇماتلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئېستېتىكا، مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە تارىخ قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل ئەسەرلىرى بار. ئۇ چۈي يۈەننىڭ »توققۇز نەزمە« ناملىق شېئىرلىرىنىمۇ تەرجىمە قىلغان. ئۇ ھەقىقىي بىلىملىك، ئۆتكۈر نەزەرلىك ئالىم، ئۇ ئارىلاشما مەدەنىيەت نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغانلىقى، شېئىرلىرىدا دىنغا نىسبەتەن بەزى قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ قويغانلىقى، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەيىبلىرىنى ئەگىتىپ تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن، دائىم يېتىم ھالەتكە چۈشۈپ، چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ قالىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
– بۇ سىرلارنى، ھازىرقى زامان تىلى بىلەن ئېيتقاندا، ئېچىۋېتىش، قوبۇل قىلىش، دەپ يېشىش مۇمكىن. شىنجاڭنىڭ ئۈچ تەرىپى ئېگىز تاغ. ئومۇمەن قارىغاندا، ئۇ تەبىئىي مۇھىتى جەھەتتىن بېكىك ھالەتتە تۇرىدۇ. شۇنىڭغا تەشەككۇر ئېيتىمىزكى، قەدىمكى زاماندىكى ئاتلىق مىللەتلەر ۋە سودىگەرلەر تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ، بىپايان چۆللەرنى كېزىپ، خەلقئارا كارۋان يوللىرىنى ئېچىپ، دۇنيانىڭ شەرقى بىلەن غەربىنى تۇتاشتۇرغان. يۇنان، رۇم مەدەنىيىتى، ئىران- ئەجەم مەدەنىيىتى، ئىسلام- ئەرەب مەدەنىيىتى بۇ يەرگە توپلانغان. مانا مۇشۇنداق مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەپ- تەرەپكە يول ئاچىدىغان ئېچىۋېتىش روھىغا ۋە ئەتراپلىق قوبۇل قىلىش غەيرىتىگە ئىگە بولۇشى تەبىئىي. تەرەپ- تەرەپكە يول ئاچقاندىلا روناق تاپقىلى، تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. بۇمۇ ھازىرقى كۈندە دۇنياغا پۇر كېتىۋاتقان نەزەرىيىگە، تېرمودىنامىكىنىڭ 2- قانۇنىيىتى بويىچە بارلىققا كەلگەن ئېنتروپىيە نەزەرىيىسىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. تاشقى دۇنيادىن داۋاملىق ھالدا قۇۋۋەت- مەدەت ئېلىپ ئۆزىنى تولۇقلاپ تۇرغاندا، يىلتىزسىز گىياھقا ئوخشاش ھالەتكە چۈشۈپ قالمايدۇ. ئەرەبلەرنىڭ بىر ئالىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىنى مۇنداق بىر ئوبرازلىق ئوخشىتىش بىلەن سۈپەتلىگەن: ئۇ گويا تۆت تېمىنىڭ ھەممىسىدىن دېرىزە ئېچىلغان ئۆيگە، گۈللەرنىڭ رەڭ، پۇراق تۈرلىرىنى ئايرىپمۇ تۇرمايلا شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ.
پروفېسسورىمىز مەدەنىي مىراسلارنى تەكىيە قىلىپ ئۇخلايدىغان ئادەملەرگە ئوخشىمايدۇ. مېنىڭ ماختاپ ئېيتقان گەپلىرىم ئۇنى مەمنۇن قىلالمىدى، ئەكسىچە، ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلدى.
– ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنىڭ، – دېدى ئۇ گەپكە كىرىشىپ، – تارىختىكى ئەڭ پارلاق نەتىجىسى قاراخانىلار سۇلتانلىقىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن، دېڭىز- ئوكيان قاتنىشى راۋاجلانغانلىقتىن، شىنجاڭنى ئارىلاپ ماڭىدىغان خەلقئارا سودا كارۋان يوللىرى بىكار بولۇپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار شۇ كونا يىپەك يولىدا جاپاغا چىداپ قاتناپ يۈرۈپ، كەڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەنىدى. يېقىنقى نەچچە ئون يىل مابەينىدە، ئاۋۋال ئەرەب دۇنياسى تەرەپكە بارىدىغان يوللار بېكىلدى، ئاندىن جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىغا بارىدىغان يوللار بېكىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە بارىدىغان يوللار بېكىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىمۇ مەملىكەت دەرۋازىلىرىنى قۇلۇپلاش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. شىنجاڭ بىر- ئىككى يىل ئەمەس، يىگىرمە ئوتتۇز يىل بېكىك ھالەتتە قالدى. قەدىمكى زاماندىكى ئېچىۋېتىش مۇھىتى ئېچىۋېتىش روھىنى يېتىشتۈرگەن بولسا، ھازىرقى بېكىك مۇھىت بېكىك پسىخىكىنى پەيدا قىلىپ قويدى. ئەپسۇسكى، بىز ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى بىرلا سىياسىي نۇقتىدىن كۆزىتىشكە بېرىلىپ كەتتۇق. جەمئىيەت كۆپ تەرەپلىمە، قاتلاممۇ- قاتلام ئىكەن، ئۇنىڭغا بىرلا نۇقتىدىن قارىغاندا، چالا بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر. بىر قانچە نۇقتىدىن – سوتسىئولوگىيە، پىسخولوگىيە، جۇغراپىيە قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىلىدىغان بولسا، بىر مۇنچە مەسىلە تېپىش مۇمكىن.
بۇرادىرىم ئۈستىلىدىن بىر پارچە سالام خەتنى ئېلىپ، ماڭا تەرجىمە قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ ئىچكى ئۆلكىدىكى ئالىي مەكتەپتە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىسى ئۆز خېتىدە مۇنداق يازغان:
ھۆرمەتلىك ئۇستازىم، سالام!
بېيجىڭغا كەلگىنىمگە يېرىم يىل بولاي دەپ قالدى. بۇ يەردە تەرەپ- تەرەپتىن كېلىۋاتقان خەۋەرلەر ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلغانلىقتىن، كۆزۈم ئېچىلىشقا، نەزەر دائىرەم كېڭىيىشكە باشلاۋاتىدۇ. سېلىشتۇرغاندا پەرقلىگىلى بولىدۇ. بۇ ئادەتتىكى بىر ھەقىقەت. تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەر كۆز ئالدىمدا تۇرغاچقا، ئىلگىرى شىنجاڭدا تېگىگە يېتەلمىگەن بىر مۇنچە ئىشلار چۈشىنىشلىك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مەن ئۆز مىللىتىمنى قەدىرلەيمەن، بىزنىڭ مىللىتىمىز ئوتتۇرا ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ناھايىتى يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغانىكەن.
ئېلاۋە: ئىرانلىق يازغۇچى جۇۋەينى 13- ئەسىردە پۈتتۈرگەن »جاھانگوشاي« )»دۇنيا ئىستېلاچىسى«( دېگەن ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدە: »ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ھۈججەتلىرىنى، بىلىملىرىنى مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قارىغانىدى.« دەپ يازغان. مەرىپەت بىلەن مەدەنىيەت تۈركىي تىلدا ئوخشاش بولغاچقا، بەزىلەر مەدەنىيەت بىلەن مەرىپەتنى ئايرىش يۈزىسىدىن، مەرىپەتنىڭ ئورنىغا ئىنگلىزچە civiligtion دېگەن سۆزنى قوللانغان. كېيىن civiligtion دېگەن سۆزنىڭ ئورنىنى »ئۇيغۇرلار« دېگەن سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر دېگەن سۆز تۈركىي تىلدا مەرىپەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت- مەرىپەت جەھەتتە ئوتتۇرا ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە قانداق چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانلىقىنى ئەنە شۇنىڭدىنمۇ بىلگىلى بولىدۇ.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مىللىتىمىزنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى تېز بولۇۋاتامدۇ ياكى ئاستىمۇ؟ بىزنىڭ خەنزۇ خەلقى بىلەن بولغان ئەمەلىي پەرقىمىز ئازىيىۋاتامدۇ ياكى كۆپىيىۋاتامدۇ؟ بۇ مەسىلىلەر يېقىندىن بۇيان مېڭەمگە كىرىۋالدى. بۇ مەسىلىلەردە بىر خۇلاسىگە كېلىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم، لېكىن تۆۋەندىكى ئەمەلىيەتلەر ھەقىقەتەن كىشىنى قايغۇرتىدۇ:
1. 50- يىللاردا بىزدىن تېيېپجان، زۇنۇن قادىر، ئابدۇكېرىم خوجا چىققانىدى، كېيىنكى چاغلاردا بولسا بىزدە تىبەتلىك زاشىداۋاغا، قازاق ئەكبەرگە ئوخشاش پۈتۈن مەملىكەتكە مەشھۇر شائىر، يازغۇچى چىققىنى يوق.
2. بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ »ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى« دەيدىغان داڭقى بار ئىدى. 50- يىللاردا بىزنىڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرىمىز ھەقىقەتەن پۈتۈن مەملىكەتكە پۇر كەتكەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر ئىزىدا توختاپ قالدۇق. مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە ئاران بىر قېتىم 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇق.
3. ئىچكى موڭغۇل، تىبەت ۋە نىڭشيا رايونلىرىنىڭ چوڭ- چوڭ تىياتىرلىرى بېيجىڭغا ئاپىرىپ ئوينالدى، شىنجاڭنىڭ يوق.
4. شىنجاڭ داشۆنىڭ قۇرۇلغىنىغا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى. لېكىن »ئۇلۇغ بېرىتانىيە ئىپىسكلوفىدىيىسى« گە ئىچكى موڭغۇل داشۆسى بىلەن يۈننەن داشۆسى كىرەلىگەنۇ، شىنجاڭ داشۆسى كىرەلمىگەن.
5. بىز يىپەك يولى ئۈستىدە ياشاپ كېلىۋاتىمىز، لېكىن تاكى ھازىرغىچە بىزدىن يىپەك يولىغا دائىر چوڭراق ئەسەر چىققىنى يوق.
……
يەنە بىر مۇنچە مىسال كەلتۈرۈشۈم مۇمكىن، مۇشۇنداق ھادىسىلەر ئىچىمىزنى ئۆرتىمەمدۇ؟
ئۇستازىم، بۇ ھادىسىلەر ئۈستىدە سىزمۇ باش قاتۇرۇپ باققانسىز.
ئېھتىمال، ئاللىقاچان جاۋاب تاپتىڭىز، ئەقىل كۆرسىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
پروفېسسور بۇرادىرىم بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن سۆزلىدى:
‏‏-‏- بۇ ياش ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ يۈرگىنىمگە بىر قانچە يىل بولۇپ قالدى. مىللىتىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خەتتە يېزىلغان ھادىسىلەرنى ئېتىراپ قىلىش تولىمۇ ئازابلىق ئىش، لېكىن ئۇلار پاكىت، پاكىتنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ. بۇ پاكىتلار نۇرغۇن ئادەمنىڭ يۈرىكىگە تەگمەكتە، تەسىر قىلماقتا، ئۇلارنى ئويلاپ كۆرۈشكە مەجبۇر قىلماقتا. ئىلىم پوزىتسىيىدە راستچىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ تارىخىي ئەنئەنىلىرى كېيىنكى چاغلاردا راست گەپنى قىلغاندا، ئوبدان جارى بولالمىدى. ئېچىۋېتىش روھىمىز ناچار بولدى، كەڭ جەلپ قىلىش روھىمىز ئاجىز بولدى. سىز ئاخبارات جادىمى، بۇ جەھەتلەردە سىزدە مەلۇمات بولۇشى چوقۇم. لېكىن ئۇ مەسئۇلىيەت بىزدە ئەمەس، ئۇنى چېكىدىن ئاشقان «سول» چىللىق لۇشيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
— چېكىدىن ئاشقان «سول» چىللىق لۇشيەنى تۈزىتىلدىمۇ؟
— شۇنداق، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت 3- ئومۇمىي يىغىنى تۈزەتتى. شۇنى نەزەردە تۇتۇمىزكى، چېكىدىن ئاشقان «سول» چىللىق لۇشيەنى ماكان جەھەتتىن پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان. زامان جەھەتتىن بولسا، 1957- يىلدىكى كۈرەشتىن — يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، 20 يىل داۋام قىلدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابى جەريانىدا بولسا، «سول» چىللىق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. شۇ خاتا سىياسىي ھەرىكەتلەر ئەمەلىي تۇرمۇشتا تۈزىتىلدى، لېكىن ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ يۈرىكىدە يىللاپ- يىللاپ قالدۇرغان تەسىرىنى بىر- ئىككى كۈندە تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇ تەسىراتلار ۋاقتى- مەزگىلى پىشىپ يەتكەندا ئېچىپ، يېڭى سۈپەتتە باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، باشقا بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر خەلقىدە كېيىنكى يىللاردا پەيدا بولغان قېيىداش روھىي ھالىتىنى ئەنە شۇ چېكىدىن ئاشقان «سول» چىللىق لۇشيەنىنىڭ مىللىتىمىزدە قالدۇرغان ئىللەتلىرى دېمەي مۇمكىن ئەمەس. بۇ جەھەتتە ئەمەلىي تۇرمۇشتىن كۆزىتىپ كۆرسىڭىز ئىكەن،

2. قېيىداش روھىي ھالېتى :

پروفېسسور ئالدىمغا قويغان مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بىرمۇنچە ئادەم بىلەن پاراڭلاشتىم، بىرمۇنچە ئەھۋال بىلەن تونۇشتۇم. بىرەر خاتا سىياسىي ھەرىكەتنىڭ كىشىلەرنىڭ دىلىنى رەنجىتكەندىن كېيىن قانداق قېيىداش روھىي ھالەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. تارىخىي بىمەنىلىك تولا چاغلاردا باشقا بىر بىمەنىلىكنىڭ جازالىشىغا ئۇچرايدىكەن. بىرىنچى ئاچچىق دەردنى يۇتقان ئادەم ئىككىنچى ئاچچىق دەردنى يۇتۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن. بىرىنچىسىنى نائىلاج مەجبۇرىي يۇتقان بولسا، ئىككىنچىسىنى ئۆز رايى بىلەن يۇتىدىكەن. ئەنە شۇنداق قېيىداش ھېسسىياتىنىڭ يوشۇرۇن ئېقىمى دەسلەپ شۇنداق مەۋج ئۇرۇپ، كۈچلۈك ئۆركەشلەيدىكى، ھەتتا ئىجتىمائىي ئورنى خېلى يۇقىرى، يىراققا كۆزى يېتىدىغان ئادەملەرمۇ، پەم- پاراسىتى ئۆتكۈر، ئېغىر- بېسىق ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا تارتىلماي قالمايدىكەن. ئەنە شۇنداق پەيتتە يۈرەكتىكى دولقۇننىڭ پەس كويغا چۈشۈشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشكە مەجبۇر بولىدىكەنسىز. ئەگەر كىمكى يەڭلىرىنى شۈمەيلەپ، قوللىرىنى ئوينىتىپ، چوقان كۆتۈرۈپ، دولقۇنغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىكەن، كۈتكەن ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە ئاقىۋەتكە قېلىشى تۇرغان گەپ. بۇنىڭ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا بەزى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەردىن ئەقىل سورىسام، ئۇلار بىر بولسا، ئەمەلىي مەسىلىلەردىن ئۆزلىرىنى قاچۇراتتى، بىر بولسا، ئالدى- كەينىگە قاراپراق سۆزلەيتتى، ياكى سوغۇق كۈلۈش بىلەنلە تۈگىتەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ تەمكىنلىكى، ئېغىر بېسىقلىقى. چۈنكى دولقۇن كۆتۈرۈلۈۋاتقاندا، ئۇلار گەپ- سۆزدە، ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇشقا مەجبۇر ئىدى. بۇ يەردىكى دەردنى شۇنداق دەردنى تارتمىغان ئادەمنىڭ چۈشىنىشى مۇمكىن ئەمەس. چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق لۇشيەنىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بەرگەن زەربىسى ھەر تەرەپلىمە بولغاچقا، ئۇنىڭغا نىسبەتەن يېنىش، قېيداشمۇ كۆپ تەرەپلىمە بولماقتا. پاراڭلاشقان ئادەملەردىن قالدۇرغان خاتىرىلىرىم ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كىتابخانلار ئالدىغا قويۇشۇم مۇمكىن بولمىغاچقا، بۇ يەردە بىرنەچچە پارچىسىنىلا نەقىل كەلتۈرەي.خاتىرە- 1:ئاپتونوم رايۇنلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئىسلام دىنىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەت تۇرسۇن 30 نەچچە ياشلاردا بار، ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا خاس چېچەنلىك چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇ خەنزۇچىنى راۋان سۆزلەيدىكەن. سوئاللىرىمغا قالدۇرماي جاۋاب بېرىپ ئولتۇردى. نازۇك مەسىلىلەردە گەپنى يوپۇتۇپ ئولتۇرمىدى، ياكى مەنسەپدارلارچە پۈچەك گەپلەر بىلەن قۇرۇق ياندۇرىدىغان ئىشنىمۇ قىلمىدى، ناھايىتى سەمىمىي پاراڭلاشتى، پاراڭ ئارىسىدىكى كۆڭۈللۈك كۈلكىلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ سەمىمىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ تۇردى.– سوۋېت ئىتتىپاقىدىن، تۈركىيىدىن كەلگەن مۇھاجىرلىرىمىز دائىم: «شىنجاڭدا قانداق بولۇپ دىن ئەۋج ئېلىپ كەتتى؟» دەپ سورايدۇ. بىز ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردۇق، ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ مەنبەسى بار. 50- يىللاردا توغرا دىنىي سىياسەت يېتەكچىلىكىدە خۇداسىزلىقنى تەشۋىق قىلىش ئەركىنلىكىمۇ، خۇداگۈيلۇقنى تەشۋىق قىلىش ئەركىنلىكىمۇ بار ئىدى. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ئەربابلار ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ، بىرمۇنچە پايدىلىق ئىشلارنى قىلغان. دىن ئىدېئولوگىيىگە مەنسۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ ئىدىيىۋى كۆز قارىشى. ماركس، لېنىن: دىنغا قوپال مەمۇرىي ۋاسىتە بىلەن مۇئامىلە قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ ئاللىقاچان ئېيتقانىدى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» دىننى ۋەھشىيلەرچە دەپسەندە قىلدى، نۇرغۇرن مەسچىتنى تاقىۋەتتى، تارتىۋالدى: ئىسلام ئەھلى ئىززەتلەيدىغان موللىلىرىمىز ئېگىز قالپاق كىيگۈزۈپ سازايى قىلىندى؛ ئۇزۇن ساقال، ئۇزۇن چاپان- يەكتەك موللىلىرىمىزنىڭ ئىززەت- ئابرويى ئىدى، بەزى جايلاردا ئۇلارمۇ قايچىلاپ- قىرقىپ تاشلاندى؛ مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدە قۇرئان ئاللاتائالانىڭ ۋەھىيى، ئەمرى ئىدى، «ھەدىس» مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تەلىمى ئىدى. ئەنە شۇ مۇقەددەس كىتابلار ئەرەبچە بولۇپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىغىچە كەم تېپىلاتتى. قولىدا ئەرەبچە قۇرئاندىن بىرەر نۇسخا بار ئادەم ئۇنى گۆھەردەك قەدىرلەپ ساقلايتتى. لېكىن ئىسيانچى باتۇرلار ئوتقا تاشلاپ تۈگەتتى. بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرىكىنى يارا قىلماي قالمىدى.ئېلاۋە: ئادەمنىڭ ھېسسىياتى تاشقىرىدىن كېلىۋاتقان تەسىرگە قارىتا تولىمۇ سەزگۈر بولىدۇ. ئادەم تۈرلۈك- تۈمەن شەيئىنى ئۆزىنىڭ ھېسسىيات ئەگلىكىدىن ئۆتكۈزۈپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرىدۇ- خۇشال بولىدۇ، غەزەپلىنىدۇ، مەيۈسلىنىدۇ، ھۇزۇرلىنىدۇ. ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىق ھەر جايدا بار، دېگەن گەپ ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنىڭ ئەكس رولىمۇ بار، دېگەن گەپ. ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى قەدىرلىمىگەن كىشى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن بولىدۇ. ماركس «ئىقتىسادشۇناسلىق- پەلسەپە ئورىگىنالى» ناملىق ئەسىرىدە: «مۇھەببەتنى مۇھەببەت بىلەنلا، ئىشەنچنى ئىشەنچ بىلەنلە ئالماشتۇرۇش مۇمكىن» دەپ يازغانىدى. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۆز زامانىسىدا شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئىران شاھى دارىئۇس II نى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئۇ ئاتلىق لەشكەرلىرىنى باشلاپ، دارىئۇس I نىڭ قەبرىسى يېنىدىن ئۆتكەندە، ئاتتىن چۈشۈپ، قەبرىگە گۈل قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن. بۇ بۇنىڭدىن 2400 يىل ئىلگىرى نۇسرەت تاپقان پادىشاھنىڭ مەرىپەت ۋە پەزىلىتىنىڭ ئىپادىسى، ئۇ ئارستوتېلنىڭ مۇناسىپ شاگىرتى. ۋەھالەنكى «ماركسىزمنىڭ ھامىيسىمىز» دېيىشىۋالغان «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» نىڭ ۋۇجۇدىدا ئەكس ئەتكەنلىرى بولسا، ئىپتىدائىي ۋەھشىيلىك بولدى. ئۇلار «خەلق»، «ئامما» دېگەن سۆزلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، لېكىن نەزەرىدە ئادەم بولسا كاشكى. ئۇلار ئادەمنى گويا ئۆز قولىدىكى يىپلارنىڭ ياردىمى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان قورچاق دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى جالىغىنىچە ئاياغ- ئاستى قىلدى. بۈگۈن بۇ بىر توپ ئادەمنى قاقشاتقان بولسا، ئەتىسى ئۇ بىر توپ ئادەمنى رەنجىتتى، ئۇلار ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆكتەملىك قىلىپ، كىشىلەرنىڭ يۈرىكىگە لەنەت- غەزەپ ئۇرۇقىنى چاچتى. بۇنداق غەزەپ مۇبادا چەكلىك دائىرىدىن ھالقىپ، ئومۇمىي تۈس ئالىدىغان بولسا، ئەتە- ئۆگۈن ياكى يوشۇرۇن ھالدا، ياكى توغرىدىن- توغرا ۋە ياكى ئەگرى يوللار بىلەن كۆتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى داۋالغۇتىدىغان كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئۇلار خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشمىدى.«تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» يوقالغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىنىي سىياسەت جەھەتتە مالىمانچىلىقلارنى ئوڭشاپ، تاقىلىپ كەتكەن مەسچىتلارنى ئېچىپ بەردى، تارتىۋېلىنغانلىرىنى قايتۇرۇپ بەردى، 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن پۇل ئاجرىتىپ، نوقتىلىق مەسچىتلەرنى رېمونت قىلغۇزدى. قۇرئاننى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە، نەشىر قىلدۇرۇپ بەردى. بۇ ئىش پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە يېڭىلىق بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدا شۇنىڭغا ئوخشاش كىتابلارنى نەشىر قىلىشقا يول قويۇلمىغاچقا، بىزنىڭ ئادەملىرىمىز سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇغقان يوقلاپ بارسا، ئۇ تەرەپتىكى مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرچە قۇرئاننى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن. ئۈرۈمچىدە دىنىي شۆيۈەنمۇ قۇرۇلدى. ھۆكۈمەت ھەر يىلى ھەرەمگە ئادەم ئەۋەتىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلار چەت ئەللەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەدھىيىلىرىگە ئېرىشمەكتە.زۇلۇم بار يەردە قارشىلىق بولىدۇ. چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق لۇشيەنى دىنغا بىر قانچە يىل زۇلۇم سالغانىدى، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەنلا دىن ھەۋىسى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى مەسچىتكە يولىمايدىغان ئادەملەر ناماز ئوقۇيدىغان بولدى. شەھەرلەردىمۇ، يېزىلاردىمۇ مەسچىتلەر ياسالدى، كېڭەيتىلدى، يېڭىدىن سېلىندى. 1958- يىلى 14 مىڭ مەسچىت بار ئىدى، ھازىر 19 مىڭغا يەتتى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بۇلتۇر جەنۇبىي شىنجاڭغا ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ قارىسا، چەت- پايناپ يېزىلاردىمۇ، كوئېنلۇن تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدىمۇ، ھەتتا تەكلىماكاننىڭ لېۋىدىمۇ مەسچىت بار ئىكەن. چەت- ياقا يەرلەردە يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان چىرايلىق بىنالارنىڭ مەسچىت ئىكەنلىكىنى سورىماي تۇرۇپمۇ بىلگىلى بولىدىكەن، توقسۇن ناھىيىسىنىڭ ناھايىتى پايناپ بىر يېرىدە خەلق يەتتە چاقىرىم يەردىن توشۇپ كېلىپ ئىچىدىكەن، لېكىن ئۇلار پۇل يىغىش قىلىپ، ئۆستەڭ چاپماي، مەسچىت سېلىشىپتۇ. مەسچىت سېلىش ئۈچۈن پۇل كېرەك. بۇ ئەمدىلا باياشاد تۇرمۇشقا ئېرىشىۋاتقان دېھقان، چارۋىچىلارغا يۈك ئەمەسمۇ؟! مەسچىت كۆپەيگەنلىكتىن مەدرىسمۇ كۆپەيمەكتە. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دېھقانلار بالىلىرىنى ئىلىم- بىلىم ۋە پەن- تېخنىكا ئۆگىنىدىغان ئادەتتىكى مەكتەپلەرگە بەرمەي، مەدرىسلەرگە بېرىدىغان بولۇۋالدى. دىندا ئوقۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق ساندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش زۆرۈر. لېكىن تولىمۇ كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە نېمە پايدىسى بولار؟ئېلاۋە: بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا ئۆتۈپ كېتىش، قېيىداش، دېگەن ئەنە شۇ.خاتىرە- 2:ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېلى ئابىت ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىدا خىيالغا چۆمۈپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن سورىغان سوئاللارمۇ ئۇ يېقىندىن بۇيان كېچە- كۈندۈز ئويلاپ يۈرگەن مەسىلىلەر ئىكەن. ئۇنىڭ قوشۇمىسىدىن قايغۇ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ بوم ئاۋازدا ئاچچىق كۈلكە ئارىلاش گەپ باشلاش بىلەنلا قايناپ قالدى:–چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق لۇشيەنى پۈتۈن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ئۆزىنىڭ زەربە نىشانى قىلدى، لېكىن تىل- يېزىق جەھەتتە پەيدا قىلغان بالايىئاپەتلىرىنىڭ دەردىنى بولسا، پەقەت بىر نەچچە مىللەتلا تارتتى.چېكىدىن ئاشقان سولچى ستالىنمۇ ئۆزىنىڭ تىلشۇناسلىققا دائىر ئەسەرلىرىدە، تىل- يېزىقنىڭ سىنىپىيلىكى يوق، دېگەنىدى. ئېلىمىزدىكى چېكىدىن ئاشقان سولچىل لۇشيەن تىل- يېزىقنى زورمۇزور سىياسەت بىلەن بىرلەشتۈرۈۋالدى. 50- يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئېغىش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىغا رۇس تىلىدىن بىر مۇنچە ئىجتىمائىي، تەبىئىي پەن ئاتالغۇلىرى قوبۇل قىلىنغانىدى. شۇ ئاتالغۇلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى بىر خىل ئىلگىرىلەش دېيىشكە تېگىشلىك. سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى ئىلگىرى ئەرەب ئېلىپبەسىنى قوللانغان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر يېزىقلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، سلاۋيان يېزىقىنى قوللاندى. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، تاتار، قىرغىز، ئۆزبېك زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سوۋېت قازاقىستانىنىڭ، قىرغىزىستاننىڭ، ئۆزبېكىستاننىڭ كىتاب، گېزىت- ژۇرناللىرىنى ئوقۇيالايتتى. سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدا تەرجىمە خىزمىتىمۇ ياخشى ئىشلەنگەنىدى. ئۇلارنىڭ كىتاب، گېزىت- ژۇرناللىرىنىڭ ياردىمى بىلەن دۇنيادىن خەۋەردار بولغىلى بولاتتى. 50- يىللاردا شىنجاڭدىكى بىر نەچچە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۇچۇرلىرى ئانچە بېكىك ئەمەس ئىدى.جۇڭگو- سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقى تىل- يېزىققىمۇ تەسىر قىلدى. ئىلگىرى رۇس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئورنىنى خەنزۇ تىلى ئالدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل چېكىنىش. تىل- يېزىقنىڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن نېمە ئالاقىسى بولسۇن؟! خەنزۇ تىلىدىكى «پەلسەپە»، «تەشكىلات»، «ئىقتىساد»، «كادىر» دېگەن سۆزلەر ياپون تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان، ئۇلارمۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تۈپەيلىدىن شۇ سۆزلەرنى ئۆزگەرتكىنى يوق. شۇ چاغلاردا بۇ بىر مۇنچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن چېكىدىن ئاشقان سولچىل سىياسىي ھاۋا بېسىمىدا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى.ئېلاۋە: خەنزۇلارنىڭ يېزىقى تاشپاقا قېپى، ئۇستىخان يېزىقى، قوڭغۇراق- ئىسرىقدان يېزىقى، چوڭ يۆگىمەچ خەت، كىچىك يۆگىمەچ خەت دېگەندەك يېزىق نۇسخىلىرىدىن ھازىرقى قېلىپلىق يېزىق نۇسخىسىغا ئۆزگەرگىچە شەكىل جەھەتتىن نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي جەھەتتىن يەنىلا يەككە بوغۇملۇق شەكىللىك يېزىق ھالىتىنى ئۆزگەرتكىنى يوق. ھالبۇكى ئۇيغۇرلار دەسلەپتە رۇنىك ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى تۈركىي يېزىقنى ئىشلەتكەن، كېيىن سوغدى يېزىقى ئاساسىدا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىجاد قىلغان، ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن ئەرەب ئېلىپبەسىنى قوللانغان. قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى پارسچىنىمۇ قوللانغان، ئۇيغۇر خاقانلىرىدىن بولغان توققۇز ئوغۇز (توققۇز ئۇيغۇر) خاقانىنىڭ موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىن تېپىلغان قەبرە تېشىغا ئۇيغۇر يېزىقى، سوغدى يېزىقى ۋە خەنزۇ يېزىقى چېكىلگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تېپىلغان قەدىمكى زامان ئابىدىلىرىدە – قەبرە تاشلىرىدا خەنزۇ يېزىقىدىن باشقا يېزىق يوق. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى خەنزۇلارنىڭكىدىن كۈچلۈك، تۇرپاندىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىچىدە خەنزۇ ئالىملىرى ئوقۇيالمىغان بىر خىل خەنزۇچە يېزىق چىققان، تەكشۈرۈپ دەلىللەش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى قوبۇل قىلىپ قوللانغان تۆت چاسا خەت ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.–ھەقىقەتەن چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ياۋا ئاتلاردەك پېتىراقلىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىقىغا مۇئامىلە قىلىشتا چەكتىن يېرىم قەدەم ئەمەس، ئون- يىگىرمە قەدەملەپ چەتنەپ قاڭقىپ كەتتى، رۇس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىلا ئەمەس، بىر نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى قوبۇل قىلىنغان پارسچە سۆزلەرنىمۇ قالدۇرماي چىقىرىپ تاشلاشقا ئۇرۇندى.ئېلاۋە: ئۇيغۇر تىلىدا چەتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر كۆپ، ئۇنىڭدا پارسچە، خەنزۇچە، موڭغۇلچە، ئەرەبچە، رۇسچە سۆزلەر بار. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئېچىۋېتىش روھىغا باي ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.– «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تىل مەسىلىسىدە چوڭ خەنزۇچىلىق قىلدى، ئىلگىرى چەتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا خەنزۇچە سۆزلەرنى زورمۇزور دەسسىتىشكە ئۇرۇندى. مەسىلەن: «ھېساب»، «تىل- ئەدەبىيات» دېگەن سۆزلەرنى خەنزۇچىغا ئۆزگەرتىشنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟! گېزىتتە تۈركۈم- تۈركۈملەپ ئېلان قىلىش يولى بىلەن خەنزۇچىغا ئۆزگەرتىلگەن سۆزلەر بىر نەچچە مىڭغا يېتىدۇ. بۇ ئاز گەپ ئەمەس! كېيىن بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقتى. «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش»، «غەيرەت بىلەن كۈچىنىپ ئىشلەش» دېگەندەك ئىبارىلەرنىمۇ «زىلىگىڭشىڭ»، «فافېنتۇچياڭ» دەپ ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇندى. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كىشىنى گۇمانغا، قايغۇغا قالدۇرۇشى تەبىئىي. ئامما بۇلارنى قوبۇل قىلالمىغاچقا، گېزىتتىكى تىل بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى تىل ئوخشىمايدىغان بولدى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تىلنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭ ۋۇجۇدقا كەلگەن. تىل قالايمىقانلاشسا، ئادەملەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىگە كاشىلا قىلىدۇ.«تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ئاغدۇرۇلۇش بىلەنلا غىر قىلىپ تۆۋەنگە سىيرىلدۇق.ئۆتمۈشتە خەنزۇچىغا ئۆزگەرتىلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتا ئۆزگەرتتۇق، يەنە كېلىپ ئاشۇرۇۋەتتۇق. خەلق ئاممىسى بۇنىڭدىن بىر نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا قوبۇل قىلىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن خەنزۇچە سۆزلەرنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتۇق. مەسىلەن: «كۈەيزى» نى «چوكا» غا، «بەندىڭ» نى «ئورۇندۇق» قا ئۆزگەرتىۋالدۇق. بۇلار ئەكسىچە، ئېغىزغا راۋان چۈشمەيدۇ.ئېلاۋە: بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا ئۆتۈپ كېتىش، قېيداش دېگەن ئەنە شۇ.خاتىرە- 3:شىنجاڭ مېدىتسىنا شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇقادىر راخمان بالنىتسىدا ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ ئەمدىلا قايتىپ چىققان. كېسەلدىن تېخى سەللىمازا ساقىيىپ كەتمىگەن، بىرئاز ياداڭغۇ، ئولتۇرۇپ- قوپۇشىمۇ تەسرەك ئىكەن، بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپلا ئۇ ئالىملىق خىسلىتىنى ئايان قىلدى، بەزى ئىشلارنى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىلەن دەلىللەپ، خۇش پېئىللىق بىلەن سۆزلەپ بەردى:– 50- يىللاردا خەنزۇچە ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمۇ ناھايىتى ئۈستۈن ئىدى. مەن لەنجۇ ئۈنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغاندا، خەنزۇلار بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇدۇم، خەنزۇچىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، كۆز ئالدىمدا بىپايان بىلىم دېڭىزى پەيدا بولدى.ئېلاۋە: مۇھەممەت پەيغەمبەر «ھەدىس» تە: «ئىلىم چىندا بولسىمۇ ئېلىڭلار» دېگەنىكەن، ئەرەبلەردە: «ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ دۈۋەت- سىياھىنى شېھىتلارنىڭ قېنىدەك قەدىرلەش كېرەك» دېگەن ئىبرەتلىك سۆز بار ئىكەن. IX ئەسىردە ئەرەب خەلىپىسى مەئمۇن باغداتتا تەرجىمە ئىدارىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئەقىل سارايى» قۇرۇپ، تەرجىمانلىقنى كاتتا ئىنئاملار بىلەن تەقدىرلىگەن، چەت ئەللەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەڭ قوبۇل قىلغانىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەل قىندى، ئەل رازى، فارابى قاتارلىق كاتتا مەدەنىيەت ئەربابلىرى ئوتتۇرىغا چىققان، شانلىق ئىسلام- ئەرەب مەدەنىيىتى ۋۇجۇدقا كەلگەن. دېمەك، ئېچىۋېتىش، قوبۇل قىلىشمۇ ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىسى، پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدە خەنزۇچىنى بىلمەيدىغانلىرى ئاز، مۇكەممەل بىلىدىغانلىرىمۇ كۆپ، بۇرھان شەھىدى خەنزۇچە قەدىمكى ئۇسلۇبتا شېئىر يازالايدۇ. «4- ماي» نىڭ تەسىرىنى ھەممىدىن ئاۋۋال قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرچە شېئىرنى جانلىق تىلدا يېزىشنى تەرغىپ قىلغان. تۇرپانلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ خەنزۇچىنى ئوبدان بىلىدىكەن. ئاپتونوم رايۇننىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەرھۇم ئەسئەت ئىسھاقۇپ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى نۇسرەت شەھىدى ۋە شىنجاڭ داشۆسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئەنۋەرخان بابالار ئازادلىقتىن بۇرۇن ئۆز پۇلى بىلەن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ، خەنزۇچىنى ئۆگەنگەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇكېرىم ئابباسوپ شىنجاڭ دارىلفۇنۇنىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا خەنزۇچىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەن. خەنزۇچىنى ئۆگىنىش ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى.- كېيىن مەن بېيجىڭ مېدىتسىنا شۆيۈەنىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلدىم. يېتەكچى ئوقۇتقۇچىم جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلىم سېكىسىيىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى، تۆت خىل تىل بىلەتتى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، بىلىمى چوڭقۇر، مەملىكەت بويىچە چەت ئەللەردىمۇ داڭقى بار ئىدى. ئۇ مەندىن: «نەچچە خىل چەت ئەل تىلى بىلىسىز؟» دەپ سورىغاندا، چۆچۈپ كېتىپ: «خەنزۇ تىلىنى بىلىمەن» دېدىم. ئۇ كۈلۈپ كېتىپ: «بۇ كۇپايە قىلمايدۇ، چەت ئەل تىللىرىدىنچۇ؟» دەپ سورىدى. «ئۈزراق رۇسچە بىلىمەن» دېدىم، ئۇ: «قانچىكى كۆپ تىل بىلگەن كىشى شۇنچە كەڭ نەزەرلىك بولىدۇ» دېدى. بېيجىڭ مېدىتسىنا شۆيۈەنىدە تۆت خىل چەت ئەل تىلى كۇرسى بار ئىكەن. ئۇستازىم مېنى كۇرسقا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنگلىز تىلىنى تاللىۋالدىم. تىل- يېزىق ئۆگەنگەننىڭ پايدىسىنى كۆردۈم. ھازىر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، رۇسچە، ئىنگلىزچە كەسپىي كىتابلارنى ئوقۇيالايمەن، مېدىتسىناغا دائىر مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولالايمەن. ئالدىمدا كەڭ دۇنيا تۇرۇپتۇ.

شىنجاڭدا بېكىك مۇھىتتا تۇرۇپ قالغانلىقىم سەۋەبى بىلەن قىسىلىپ قالمايمەن.ئېلاۋە: چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق لۇشيەنى، مەدەنىيەت ئىنقىلابى جەريانىدا ئاممىنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسىگە پەرۋا قىلماي، خەنزۇچە ئۆگىنىشنى تولىمۇ نامۇۋاپىق دەرىجىدە تەكىتلىدى، ئىشچى قوبۇل قىلىشتا، كادىرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە خەنزۇچە بىلىشنى شەرت قىلىپ قويدى. مىللىي رەھبىرىي كادىرلارمۇ يىغىندا خەنزۇچە سۆزلەشكە مەجبۇر قىلىندى. ھەتتا بىر مىللىي رەھبەر ئاۋۋال خەنزۇچە سۆزلەيدىغان، ئاندىن كېيىن يەنە بىر مىللىي رەھبەر تەرجىمە قىلىدىغان ئىشلارمۇ بولدى. 1971- يىلى ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندا، ئۆز ۋاقتىدىكى شىنجاڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لۇڭ شۆجىن «كۇئېنلۇن» مېھمانخانىسىدا جەنۇبىي شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقانىدى، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئۆز تىلىدا سۆزلىسە، ئۇ چۈشىنەلمەي: «كالدىرلىشىپ بىر نېمىلەرنى دېيىشىدىكەنسىلەر، بىرىنىمۇ چۈشەنمىدىم، خەنزۇچە سۆزلىسەڭلار بولمامدۇ؟» دەپ چىچىلغان. ئىلگىرى بەزى خەنزۇچە مەكتەپلەردە مىللىي سىنىپ بار ئىدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابى جەريانىدا بەزى مىللىي سىنىپلارغا خەنزۇ تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈلىدىغان بولدى. ئۈرۈمچىدە بار- يوقى بىرلا قازاق ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە بىرلا موڭغۇل سىفەن مەكتىپى بار ئىدى، ئۇلارمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. تەبىئىيكى، بۇ جەھەتتىمۇ ئاممىنىڭ يۈرىكى داغلاندى.- «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» يوقالغاندىن كېيىن، ئاممىنىڭ قورساق كۆپۈكى تۈگىمىگەن بولغاچقا، جەمئىيەتتە بىردىنلا خەنزۇچە ئوقۇماسلىق بورىنى چىقتى. بەزىلەر: «نەچچە ئون يىل بولدى، ئالىي مەكتەپلەردە يەنە نېمىشقا خەنزۇ تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈلىدىكەن؟» دېيىشتى، شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر: ئالىي مەكتەپلەردىكى تەييارلىق سىنىپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆز تىلىمىزدا دەرس ئۆتەيلى، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەزىلەر، خەنزۇچىنى ئۆگەنمىسەك، ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش قىيىن بولىدۇ، دەپ ئويلاپ، باشقىچە قاراشنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىكنىڭ قورساق كۆپۈكى بولغاچقا، مەسىلە ئۈستىدە ئويلانغاندا، ھېسسىيات ئامىلى ئۈستۈن ئورۇندا تۇردى. شۇڭا: «تەرجىمان ئېلىپ بارمامدۇق!» دېگەنلەرمۇ بولدى، مەن ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۆز مىللىتىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشىم لازىم. ئۇيغۇرچە تىببىي كىتاب ناھايىتى ئاز، خەنزۇچىنى ئۆگەنسەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىدىغىنى دەرسلىكلەردىكى ئازغىنە بىلىم بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، كامالىتىگە يەتكەن مۇتەخەسسىسلەرنى يېتىشتۈرگىلى بولامدۇ؟ شۆيۈەنىمىزدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندا، خەنزۇ يولداشلار بىر نەرسە دېيىشكە ئوڭايسىزلاندى. مەن: ھەممە ئىشتا مىللىتىمىزنىڭ پەن، مەدەنىيەت، تېخنىكا جەھەتتىكى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇشىمىز لازىم، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈشنىڭ لاياقەتلىك تىببىي خادىم يېتىشتۈرۈشكە پايدىسى بار، دېدىم. مەكتىپىمىز خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى. ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ شۈجىسى جانابىل بىزنى تەقدىرلىدى. ئاپتونوم رايۇنلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بادەي تەييارلىق سىنىپلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ئوقۇتۇش- ئوقۇش سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقنى بايقاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا دوكلات يازغانىكەن، بەزى ئالىي مەكتەپلەردىكى تەييارلىق سىنىپلىرى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپتۇ، مۇشۇنداق قىلىش زۆرۈر.ئېلاۋە: بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا ئۆتۈپ كېتىش، قېيىداش دېگەن ئەنە شۇ.خاتىرە- 4:شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىبراھىم مۇتتى مەن ھۆرمەتلەيدىغان ئالىم، كۆپ يىللىق تۈرمە ھاياتى ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋار پوزىتسىيىسىنى سۇندۇرالمىغان، 70 كە يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ چىرايى پارقىراپ تۇرىدۇ، قەدەملىرىمۇ مەزمۇت. ئۇنىڭ نەزەرىدە، شىنجاڭ بېكىك گەۋدە ئەمەس، ئۇ ئۆزىنىڭ نەزەرىنى ھەر تەرەپلىمە ئالاقىلەر بىلەن توغرىلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ سۆھبەتلىرىنى ئاڭلىسىڭىز كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن كىشىنىڭ ئەزايىنى تىكەنلەشتۈرىدىغان ھېسسىيات چىقمايدۇ. ئېگىز- پەس يوللاردا كۆپ جاپا چەككەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەلىمغا خاس پاك قەلبىنى دۇنيانىڭ مەينەتلىرى بۇلغىيالمىغان. ئۇ ھەرقانداق سورۇندا ئىچ- قارنىنى ئاشكارا تۆكىدۇ.- 50- يىللاردا بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا ئىشلەيتتىم، نەشرىياتنىڭ باشلىقى ساكوڭلياۋ ئىدى. شۇ چاغلاردا ھۆكۈمەت مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىغا ئاجايىپ ئەھمىيەت بېرەتتى. بىر كۈنى خان سارىيىغا سەيلى قىلىپ بېرىپ، خەنزۇ، مانجۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت تىللىرىدا رەتلەنگەن «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنى چيەنلۇڭ خان رەتلىگەنىكەن. چيەنلۇڭ كاتتا زىيالىي، قەلەمگىمۇ، ئەلەمگىمۇ كامىل، موي قەلەمدە ماھىرلىق بىلەن يازالايدىكەن، 14 مىڭدىن ئارتۇق شېئىر يازغانىكەن. قانداق، كارامەتمىكەن؟! ئۇ، بېيجىڭدىكى خان سارىيىدا تۇرۇپمۇ موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر تىللىرىنى ئۆگىنىۋالغانىكەن (ئېلاۋە: ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا ئىشلەۋاتقان رەھبىرىي كادىرلىرىمىز ئىچىدە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنى ئىگىلىگەنلەردىن قانچىسى بار؟!) ئۇنىڭ بىلىدىغىنى بىر نەچچە ئېغىز گەپ، بىر نەچچە يۈز جۈملە ئەمەس، بەلكى ھەم سۆزلىيەلەيدىكەن، ھەم ئوقۇيالايدىكەن، ھەم يازالايدىكەن. ئۇ «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نى كۆزدىن كەچۈرگىنىدە بەزى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ توغرا قوللىنىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز قولى بىلەن تۈزەتكەن، يېڭىسار ناھىيىسى چىيەنلۇڭ خاننىڭ ھۇزۇرىدا بېكىتىلگەنىكەن.ئېلاۋە: ھەر مىللەت راۋاج تاپقان ۋاقتىدا ھامان كەڭ يول ئېچىشتا ۋە قوبۇل قىلىشتا باتۇر بولىدۇ. چيەنلۇڭ شۇنداق، كاڭشىمۇ شۇنداق، ئۇ لاتىنچىنى بىلىدىكەن، ھەر كۈنى شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ ئالگېبرا مەشق قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ياۋروپانىڭ ماي بوياق رەسىملىرىنى باھالاش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى ئۈستۈن ئىكەن. ئۇزۇن سەپەرلەرنى بېسىپ جۇڭگوغا كەلگەن ئىتالىيىلىك رەسسام لاڭشىنىن (بۇ خەنزۇچە ئىسمى) غا ئوردىدا رەسىم سىزدۇرغان. جۇڭگو- ياۋروپاچە رەسىم سىزىش ئۇسۇللىرىنىڭ ئارتۇقلۇق ياكى كەمچىلىكلىرى ئۈستىدە بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇزاكىرىلىشىدىكەن. ئۇلار فېئودال پادىشاھ بولۇش بىلەنلا قالماستىن، مانجۇ مىللىتىنىڭ روناق تاپقان دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ۋەكىللىرىدۇر.- «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» ناھايىتى قىممەتلىك كىتاب ئىكەن. مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى قايتا نەشىر قىلىش توغرىسىدا ساكۇڭلياۋغا تەكلىپ بەردىم. ئۇ كىتاب تولىمۇ چوڭ بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە، فوتو باسمىدا چىقىرىشقا توغرا كەلگەچكە، نۇرغۇن سەرمايە كېتەتتى، نەشرىياتنىڭ پۇلى بولمىغاچقا، ساكۇڭلياۋ جۇزۇڭلىغا دوكلات يېزىپتۇ. جۇزۇڭلى ناھايىتى يۇقىرى مەلۇماتلىق بولغاچقا، ئۇ كونا كىتابنىڭ قەدرىگە يېتىپ، بېسىپ چىقىرىڭلار، قانچىلىك چىقىم بولسا، شۇنچىلىك پۇل بېرىلىدۇ، دەپ تەستىق ساپتۇ. مەن خىزمەتكە ئاكتىپ قاتناشتىم. «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» ئاخىر نەشىردىن چىقتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، سىياسەت سولغا بۇرۇلۇپ كەتتى، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نى نەشىر قىلىشنىڭ ئۆزى مېنىڭ جىنايىتىم بولۇپ قالدى. فېئودال ئەخلەتلەرنى قوغدىغان دەپ، مېنى سولدىن سوراققا تارتتى، ھەتتا مېنى ساكۇڭلياۋمۇ قوغداپ قالالمىدى. مەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىكى يولداشلاردىن مىننەتدارمەن، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» قايتا نەشىر قىلىنغاندىن كېىين، كۈتۈلمىگەن ھالەتتە چەت ئەللەردە ياخشى تەسىرات پەيدا قىپتۇ. مەركىزىي شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ تەسىراتلارنى توپلاپ، قىزىل سەرلەۋھىلىك پايدىلىنىش خەۋەرلىرىدە ئېلان قىپتۇ. بۇنى جۇزۇڭلى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بۇلۇپ، تەستىق سېلىپ ساكۇڭلياۋغا ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. نەشرىياتىمىزنىڭ بۇ باشلىقىمۇ قىزىق ئادەم، مېنى ئوتتەك ئۆرتەيدىغان تەنقىد ئاستىغا ئېلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇ كۆرەش مەيدانىغا كىرىپ كېلىپ، پەشتاق ئالدىدا توختاپ: «يولداشلار، <بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت> نى نەشىر قىلغانلىقىمىز توغرىسىدا زۇڭلى يازغان يوليورۇقنى ئوقۇپ بېرەي. زۇڭلى: <بۇ خىزمەتكە قاتناشقان يولداشلار، سىلەرگە تەشەككۈر، سىلەر ناھايىتى ياخشى ئىش قىلدىڭلار>دەپتۇ. يولداشلار، ئويلاپ كۆرۈڭلار، بۇ تەنقىد مەجلىسىنى ئېچىۋېرەمدۇق ياكى توختىتىپ قويامدۇق؟» دېتى. مېنى تەنقىد قىلىۋاتقان كىشىلەر بىر- بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپلا قالدى. ئەلۋەتتە، چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق لۇشيەنىنىڭ ھەيۋىسى بوشاش بۇياقتا تۇرسۇن، كۈچەيمەكتە ئىدى. مېنىڭدە كوكۇلا بولغاچقا، بۈگۈن قۇتۇلۇپ قالسام، ئەتىسى تۇتۇلۇپ تۇردۇم، كېيىن تۈرمىگە تاشلاندىم، شۇ تاشلانغىنىمچە 20 يىل ياتتىم…ئېلاۋە: ھازىر بەزى سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىي مىراسلىرىدىن «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك» تىلغا ئېلىنماقتا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەم مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسمائىل ئەمەت تۈركىيىگە زىيارەتكە بارغىنىدا، ئۆتكۈرە مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇنلار رەتلەپ نەشىر قىلدۇرغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى ئالغاچ بارغان. تۈركىيىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ئۇ كىتابنى بېشىغا ئېلىپ، خۇرسانلىك بىلەن: «بۇ بىز تۈركلەرنىڭ شانلىق مىراسلىرىمىز» دېگەن. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئۆتكۈرنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى دەپ تارتقان دەرد- ئەلەملىرىنى كىم بىلىدۇ؟ ئازادلىقتىن ئىلگىرى تۈركىيىلىك بىر زىيالىي ئۈرۈمچىگە كەلگىنىدە، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن بىر نۇسخىنى ئۆتكۈرگە ھەدىيە قىلغان، ئۆتكۈر شۇ كىتابىنى قەدىرلەپ ساقلاپ كەلگەن. ئازادلىقتىن كېيىن، يۇرتى كۇچادىكى خوتۇنىغا تاپىلاپ، يەرگە كۆمدۈرۈۋەتكەن. بۇنى پەقەت بىرلا ئادەمگە تىنىپ قويغانىكەن، قايسىبىر نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا چەت ئەللىك ئالىملاردىن بىرى شۇ ئىككى كىتابنىڭ شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زاماندىكى مۇھىم مەدەنىي مىراسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، دىڭ لىچۈن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىگە خەۋەر قىلغان. سەيپىدىن ئەزىزى تەرەپ- تەرەپلەپ سۈرۈشتۈرۈپ، بۇ كىتابنىڭ ئۆتكۈرنىڭ قولىدا بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۆتكۈرنى تاپقان. ئۆتكۈر ئۇ كىتابنى تەقدىم قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ زور قىممىتىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئاپتونوم رايوندىن ئادەم تەشكىللەپ، رەتلەشنى، نەشىر قىلىشنى تەكلىپ قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئوڭچىلارغا قارشى كۈرەش باشلانغاندا، قەدىمكى كىتابلارنى كۆمۈپ ساقلاشنىڭ ئۆزى ئالەمنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى يوشۇرۇن ساقلىغانلىق بولۇپ قالغان. ھېلىقى تۈركىيىلىك توغرىسىدىكى گەپلەر قوشۇلۇپ، چۈشەندۈرۈپ كەتكىلى بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈر تۈرمىگە تاشلانغان. بۇنداق دىشۋارچىلىققا ئۇچرىغان ئادەملەر يالغۇز بىرلا ئەمەس، شىنجاڭدا مەلىكەت بويىچە ئومۇملاشقان «قالپاق» لاردىن باشقا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بېشىغا يەنە «چەت ئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر»، «يەرلىك مىللەتچى ئۇنسۇر» دېگەن قالپاقلارمۇ كىيدۈرۈلدى. خېلى كۆپ پېشقەدەم ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەرگە ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق قالپاق كىيدۈرۈلدى. ئۇلار چەككەن رىيازەتلەر ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىمۇ چەككەن رىيازەتتۇر. بۇ ئەھۋال زىيالىيلارنىڭ يۈرىكىنى داغلىماي قويمىدى، سولچىل ئەپەندىلەر لەززەتلىك ئاشلىقنى ھاراق تىرىپىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھاراقنىڭ تىرىپىدىن لەززەتلىك نەرسە ئەمەس، ئاچچىق نەرسە چىقىدۇ، خالاس!– مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى جەريانىدا تۈرمىدە يېتىپ ئاڭلىسام، ساكۇڭلياۋنى كۈرەشكە تارتقاندا، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نى ئۇنىڭ يۈزىگە ئېتىشىپتۇ! «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» جۇڭگونىڭ كونا مەدەنىيىتىنى «فېئودالىزم، كاپىتالىزم، شيۇجېڭجۇيى» دېگەن كالتەكلەر بىلەن دۇمبالىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنىمۇ بوش قويمىدى. كىمكى ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى تەرىپلىسە، شۇنىڭغا چوڭ قالپاقلارنى كىيگۈزۈشتى، مىللىي مەدەنىيەتنى دەپ پەشۋا يېگەن، تەنقىد ئاستىغا ئېلىنغان، كۈرەشكە تارتىلغان ئادەم ئاز ئەمەس.ئېلاۋە: ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىگە فېئودالىزمنىڭ شامىسى دېگەن ئوت تامغا بېسىلدى- يۇ، «24 تارىخ» قا سىڭىپ كەتكەن تارىخىي ئىدېئالىزمنىڭ لاتقىلىرى بولسا، يەنە لۆمۈلدەپ يامرىدى. بەزىلەر زورمۇزور توقۇپ، تارىخنى ئۆز مەيلىچە بۇرمىلاپ، خەنزۇلارنىڭ رولىنى خالىغىنىچە مۇبالىغە قىلدى. بەزىلەرنىڭ شەرھلىشىچە، «疆» دېگەن ھەرپ شىنجاڭنىڭ سىمۋولىمىش، يۇقىرىدىكى سىزىق ئالتاي تېغى، ئوتتۇرىدىكى سىزىق تەڭرى تېغى، ئاستىدىكى سىزىق كۇئېنلون تېغىمىش، يۇقىرىدىكى «田» ھەرپى جۇڭغارىيە، ئاستىدىكى «田» ھەرپى تارىممىش. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن: «شىنجاڭنىڭ بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدىلا جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئەنە شۇ «疆» ھەرىپىدىنلا بىلگىلى بولىدۇ»دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىشقان. شۇ مەمەدەن ئالىم ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرى جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە كۆك ئارت (پامىر) ئۇيغۇرلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان! يەنە بەزىلەر: «تۇرپاندىكى كارىزنى لىن زېشۈي كەشىپ قىلغان» دېيىشتى. ئۇلار شۇنداق كېلىشتۈرۈپ ھېكايە توقۇغانكى، ھەتتا: «لىن زېشۈي تۇرپاندا تۈنەپ قاپتۇ، كېچىدە يەر ئاستىدا سۇ شاقىراپ ئاققان ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ. ئەتىسى يەرلىك ئادەملەرنى يىغىپ قۇدۇق كولاتقۇزۇپتۇ، كارىز ئەنە شۇنداق پەيدا بوپتۇ» دېيىشتى. تارىخىي كىتابلارغا قارىغاندا، مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرىلا تۇرپاندا قوش (ئىدىقۇت) دۆلىتى ھۆكۈم سۈرگەنىكەن. مۇبادا كارىز بولمىغان بولسا، ئوتتەك ماكان قوچۇدا ئادەملەر نېمە يېگەن، نېمە ئىچكەن بولاتتى؟! تاڭ پادىشاھلىقنىڭ راھىبى بۇددا نوملىرىنى ئېلىپ كېلىش سەپىرىدە قوچۇ خانلىقى تەۋەسىدىن ئۆتكەندە نەدىكى سۇنى ئىچكەندۇ؟ تەبىئىيكى، بۇلار كونا تارىخىي قاراشنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىغا ئازار قىلىدىغان بۇنداق قاراشلار. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلاردا كەيپىيات قوزغايدۇ. ئاممىنىڭ كەيپىياتلىرى قوشۇلۇپ توپلانغاندا، ئەقىلنىڭ كونتروللۇقغا بويسۇنۇپ، مۇۋاپىق چەكتە توختاپ قالمايدۇ، چېكىدىن ئېشىپ، بەزى بىمەنە ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. داشۆنىڭ بىر ئۇيغۇر پروفېسسورى «تاڭ دەۋرىدىكى شىنجاڭ ناخشا ئۇسسۇلى» ناملىق بىر ئەسەرنى تەييارلاپ، نەشرىياتقا يوللىغانىكەن، نەشرىياتنىڭ بىر تەھرىرى: «كىتابىڭىزنىڭ ئىسمى ياخشى ئەمەسكەن، ئۆزگەرتىپ بەرسىڭىز قانداق؟» دەپ تېلىفۇن بېرىپتۇ. پروفېسسور: «نېمىشقا؟» دەپ سوراپتىكەن، تەھرىر «نېمىشقا تاڭ تەۋرىدىكى دەيسىز؟ ئۇيغۇرلارنىڭ دېسىڭىز بولمامدىكەن؟» دەپتۇ. شۇ پروفېسسور بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا: ‏«مەدەنىيەت ئەزەلدىن ئۆزئارا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ خەنزۇ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان» دەپ سۆزلىگەنىكەن، يىغىندىن كېيىن بىراۋ ئۇنىڭغا شېئىر بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى «ئۆز مىللىتىنى قوغدىمايدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى مىللەتنىڭ تارىختىكى ئۆزئارا تەسىرىي مەسىلىسى سەزگۈر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا تىلغا ئېلىنمايدىغان بولۇپ قالغان. بۇنداق پىسخىكا تەرەققىي قىلىۋېرىپ، تەرىپلەيدىغان گەپلەرلا سۆزلىنىپ، كەمچىلىك، ئەيىبلەر تىلغا ئېلىنمايدىغان ھالەت كېلىپ چىققان. يەنە بىر يىغىندا، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» نىڭ كىتابلارنى كۆيدۈرگەنلىكى ئۈستىدە گەپ بولغاندا، بىر ئۇيغۇر ئالىم: «<كىتابلارنى تۆت كىشىلىك گۇرۇھ> لا كۆيدۈرگەن ئەمەس، ئەرەب تارىخىدىمۇ كىتاب كۆيدۈرگەن ئەخمىقانىلىقلار بولغان، ئەرەب قوشۇنلىرىنىڭ باش قۇماندانى ئەمىر قۇتەيبە ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ سەمەرقەندكە بېسىپ كىرگەندە، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. ئۇنىڭ شتاب باشلىقى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتابلارنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ھېلىقى باش قۇماندان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان» دېگەن، بۇلار تارىخىي پاكىت، لېكىن بۇ گەپلەر بەزىلەرنىڭ قۇلىقىغا ياقمىغان، گويا ئۆزلىرىنىڭ يۈزلىرىگە قارا سۈرتۈرلگەندەك ھەدەپ كۈچەپ رەددىيە بېرىپ كېتىشكەن. ئەمەلىيەتتە، كىتاب كۆيدۈرگەنلەر يالغۇز ئەمىر قۇتتەيبىلا ئەمەس، ئۆز ۋاقتىدا ئاق تاغلىقلارنىڭ سەردارى بولغان ئاپئاق خوجا دىنىي ئەسەبىيلىكنى قۇتراتقاندا، نۇرغۇن كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ، نۇرغۇن ئادەمنى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان.ئېلاۋە: بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا ئۆتۈپ كېتىش، قېيداش دېگەن ئەنە شۇ.خاتىرە- 5 … قېيىداش.خاتىرە- 6 … قېيىداش.مەن يەنە ھېلىقى ئۇيغۇر بۇرادىرىمنى ئىزدەپ باردىم. ئۇ چەت ئەلدىكى ئىلمىي لېكسىيىسىنى تۈگىتىپ ئەمدىلا قايتىپ كەلگەنىكەن، روھى ئۈستۈن، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرۇپتۇ. چەت ئەل ساياھىتى مۇناسىۋىتى بىلەن نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپتۇ، قاراشلىرىنىڭ دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ.- قېيىداش پىسخىكىسىنىڭ ئىپادىلىرىنى كۆرۈپسىز،- دېدى ئۇ، – ئەمەلىيەتتە، چېكىدىن ئاشقان سولچىل لۇشيەندىن قېيىدايدىغان پىسخىكا خەنزۇلاردىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان. بىراق خەنزۇلار قېيىداشلىقتا دىققىتىنى بېكىكلىكتىن ئېچىۋېتىش تەرىپىگە يۆتكەپ، چەت ئەللەرنىڭ نەرسىلىرىنى ئىمكان قەدەر ئۆزىگە قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. بىز ئاز سانلىق مىللەتلەر بولساق، قېيىداشلىقتا دىققەت- نەزەرىمىزنى ئۆز چەمبىرىمىز ئىچىگىلە يىغىپ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي بىر نېمىلىرىمىزنىلا ئىمكان قەدەر قوغداش بىلەن بولۇپ قالدۇق. خەنزۇلار بىرنەچچە يىلدىن بۇيان پىرقىرىغۇچ شەكلىدە پىرقىراپ ماڭغان بولسىمۇ، يۆنىلىشى يۇقىرى ئۆرلەش بولماقتا، لېكىن بىز بولساق، چەمبەردىكى بىر ئىزدىلا چۆچىلەۋاتىمىز، چەمبەرنىڭ يېرىم دىئامېتىرى تېخى شۇ پېتى تۇرۇۋاتىدۇ، چەمبەر بارغانسېرى تارىيىپ بارماقتا. قېيىداش روھىي ھالىتى بىلەن ئۆزىنى كىچىككىنە بىر چەمبەر ئىچىگە بېكىتىپ قويغاندا، باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلىش تولىمۇ تەس. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بىزدە ئىلگىرىلەش بولدى، لېكىن باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، قەدىمىمىز ئاستا.- بىرى پىقىرىغۇچسىمان، بىرى چەمبەرسىمان، بۇ ناھايىتى ئوبرازلىق ئوخشىتىش ئىكەن.- قېيداش پىسخىكىسى مىللىتىمىزنى زىيانغا ئۇچراتماقتا، بېكىنمىچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى ئېچىۋېتىش روھىمىزنى پەسەيتىپ قويماقتا. ئەگەر ھوشىمىزنى تاپماي، شۇنداق روھىي ھالەتنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا يول قويىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا باشقا مىللەتلەردىن كۆپ ئاقىدا قالىمىز.- بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى مۇلاھىزىڭىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، پىشقان خۇلاسە ئىكەن. ئوقۇغۇچىڭىزغا خەت يازسىڭىز بولىدىكەن.- ئاللىقاچان يازدىم.

, 3. يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسىپروفېسسور بىلەن يەنە ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ كەيپى بوش، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان شۇنى بايقىدىمكى، ئۇ بىرەر غەشلىككە يولۇققاندىلا قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىلىدە بىر پارچە سالام خەت تۇرۇپتۇ، كونۋېرتى تېخى ئەمدىلا يىرتىلغاندەك تۇرىدۇ. بېيجىڭدىكى ھېلىقى ئوقۇغۇچى يازغان خەت ئىكەن: ھۆرمەتلىك پروفېسسور:سىزگە سالام!خېتىمگە يازغان ئۇچۇرىڭىزدىن مىننەتدار بولدۇم. ئۇستازىم، سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزغا قوشۇلىمەن، ھازىر بىز نۇرغۇن جەھەتلەردە قالاق ھالەتتە تۇرۇۋېتىپتىمىز، چۈنكى، قېيىداش روھىي ھالىتىمىز مىللىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش، قوبۇل قىلىشىغا توسقۇن بولماقتا. مېنىڭچە، بۇ ھېچقانچە ئېغىر كېسەل ئەمەس، پەقەت كۆپچىلىك ئاز- تولا ئويلىنىدىغان بولساقلا ئەقىلگە كېلەلەيمىز. ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە بېكىنىۋېلىش ئۆزىنى- ئۆزى ئۆلتۈرگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئاددىي ھەقىقەتنى مىللىتىمىز چۈشىنىدۇ. ئۇستازىم، ئېيتىڭا، قېيىداش روھىي ھالىتىمىز تۈگىگەندىن كېيىن، مىللىتىمىزدە روھىي ھالەتتە يەنە باشقا توسالغۇمۇ بولارمۇ؟ مېنىڭچە، بولىدۇ. يېقىندا بىز بېيجىڭدىكى دوستلار بىر يەرگە توپلىنىپ قېلىپ، مۇنداق بىر مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشتۇق: نېمىشقا بىز ئۇيغۇرلار بەزى ساھەدە ناھايىتى زېرەك بولۇپ، خەنزۇلاردىن ئېشىپ چۈشىمىز، يەنە بەزى ساھەلەردە خېلىلا ئارقىدا قالىمىز. سودا ساھەسىدە، شىنجاڭدىكى شۇنچە كۆپ مىللەتنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئېشىپ كېتىدىغىنى يوق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان قىسقىغىنە ئون يىل ئىچىدە مەيلى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچىدە بولسۇن، مەيلى سىرتىدا بولسۇن، ئۇيغۇر سودىگەرلىرىمىزنىڭ ئايىغى تەگمىگەن يەر ئاز. گۇاڭدۇڭلۇق خەنزۇلار تىجارەتكە ناھايىتى ماھىر كېلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق گۇاڭجۇنىڭ سەنيۇەنلى دېگەن يېرى ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭغا خەنزۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ھەيرانىكەن. چۈنكى باشقا ئۆلكە، رايۇنلاردىن بارغان خەنزۇلار تىل مەسىلىسى سەۋەبى بىلەن گۇاڭدۇڭدا تۇرالمايدىكەن. ئۇيغۇر سودىگەرلەر بولسا، جۇجياڭ دېلتىسىدا بەخۇدۈك يۈرىدىكەن. شاڭخەيلىك خەنزۇلارمۇ تىجارەتكە ماھىر. شۇنداق بولسىمۇ شاڭخەينىڭ شەرقىي جېجياڭ كوچىسى ئۇيغۇر كوچىسىغا ئايلىنىپ كەتكىلى تاس قالغان. ھەتتا پايتەخت بېيجىڭدىمۇ ئۇيغۇر سودىگەرلەر خېلى قاينايدۇ.ئېلاۋە: ئۇيغۇرلارنىڭ سودىگەرچىلىك قىلىش قابىلىيىتى چەت ئەللىك ئەربابلارنىمۇ ھەيران قالدۇرماقتا. «پايدىلىنىش خەۋەرلىرى» نىڭ 1987- يىل 3- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى سانىغا مۇنداق بىر خەۋەر بېسىلغان:«رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 5- مارت گۇاڭجۇ تېلىگراممىسى. جۇڭگونىڭ ئەڭ چەت رايۇنىمۇ مۇرەككەپ قاراڭغۇ بازارلاردىكى پۇل سودىسى بىلەن، ئەتكەسچىلىك تورلىرى بىلەن بىرلەشمەكتە، شياڭگاڭنىڭ شىمالىدىكى گۇاڭجۇ شۇ توردا مۇھىم رول ئوينىماقتا…….نۇرغۇن پۇل سودىگەرلىرى شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەن. ئۇلار كوللېكتىپ ئوقەت قىلىدىكەن، خەنزۇلار بىلەن رىقابەتلىشىدىكەن. ئۇلار چوڭ شەھەرلەردە ياكى ساياھەتگاھلاردىكى مېھمانخانىلار ئالدىدا ئوقەت قىلىدىكەن.پۇل تېگىشىدىغان بىر ئۇيغۇر سودىگەر گۇاڭجۇ ۋوگزالىنىڭ ئالدىدا مەن بىلەن گەپلىشىپ: «بىز ھەر بىرىمىز ئېيىغا 1000 يۈەنچە پۇل تاپالايمىز، لېكىن بۇ ئوقەت تولىمۇ مۈشكۈل» دەيدۇ… ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر سودىگىرىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇغا ھەر نۆۋەت كەلگىنىدە ئۈچ ئاي تۇرىدىكەن، ھەر نۆۋەتتە 30 مىڭ دوللار شياڭگاڭ پۇلى تېگىشىپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن گەزلىمە ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرىدىكەن.بىر ئۇيغۇر سودىگەر مۇنداق دەيدۇ: «بىز كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىمىز، چۈنكى بىز ئېلىپ كەلگەن پۇل كۆپ بولغاچقا، خەۋپ- خەتەرمۇ چوڭ. بىزنىڭ ئوقەت قىلىۋاتقىنىمىزغا ئۈچ يىل بولدى. ھەر قېتىمدا ئۈچ ئايچە تۇرۇمىز». شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاشپەز، ساتراشمۇ ئالغاچ كېلىدىكەن، ئۇلار گۇاڭجۇغا كېلىپ كېتىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارغا خىزمەت قىلىدىكەن. قاچانلا بولمىسۇن، شۇنداق سودىگەرلەر بىرنەچچە يۈزدىن كەم بولمايدىكەن.بۇنداق قاراڭغۇ بازار ئوقىتى جەنۇبىي جۇڭگودا ناھايىتى ئومۇملىشىپ كېتىپتۇ. باشقا شەھەرلەردىمۇ، شۇ جۈملىدىن، بېيجىڭ، شاڭخەي، شىئەنلەردىمۇ ۋە ساياھەت مەركەزلىرىدىمۇ بار ئىكەن. پۇل تېگىشىدىغان ئۇيغۇر سودىگەرلەر بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى بىر ئاشخانىنىڭ دائىملىق خېرىدارى ئىكەن. ئۇ ئاشخانىنىڭ شۇنداق داڭقى باركى، ھەتتا چەت ئەللىكلەرمۇ ئۇنىڭغا «شىنجاڭ بانكىسى» دەپ لەقەم قويۇپتۇ…بۇ خەۋەرنى نەقىل كەلتۈرۈشتىن مەقسىتىم، چەت ئەل پۇللىرىنى پەلەمما قىلىش ھەرىكەتلىرىنى مەدھىيلەش ئەمەس. چەت ئەل پۇللىرىنى پەلەمما قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەنزۇلارنىڭ سانى ئۇيغۇرلاردىن جىق كۆپ ئىكەنلىكى چوقۇم، لېكىن بۇ خەۋەردىن قارىغاندا، خەنزۇلار رىقابەتتە ئۇيغۇرلارغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. مۇشۇ بىر جەھەتمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سودىگەرچىلىك قابىلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەمدۇ؟سودا ساھەسىگە قارىغاندا، مەن ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن، لېكىن باشقا ساھەلەرگە قارىغاندا، مەيۈسلىنىمەن. مەسىلەن، مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى ھازىرقى ھالىتىمىز كىشىنى مەمنۇم قىلالمايدۇ. ئۇستازىم، سىز ماڭا قارىغاندا كۆپ ئەھۋالدىن خەۋەردار. مەن بۇ يەردە مۇنداق بىر نەچچىلا ئەھۋالنى ئېيتاي:1. 1986- يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىدىن ئالغان نومۇرى 60 قا يەتكەنلەر ئاران %0.9 دىن سەل كۆپرەكنىلا تەشكىل قىلىپتۇ، بىر پىرسەنتكە يەتمەيدىكەن.2. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن- قوبۇل قىلىنغانلىرى ئونغا يەتمەيدىكەن.3. شىنجاڭدىن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇۋاتقانلار ئىچىدە ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇيدىغانلار تەبىئىي پەندە ئوقۇيدىغانلارغا قارىغاندا جىق كۆپ ئىكەن، دېمەك ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭمۇ ئاز بولۇشى تەبىئىي.بۇ مەسىلىلەر ھەقىقەتەن كىشىنى قايغۇغا سالىدۇ. ئۇنداق ئويلىساقمۇ، بۇنداق مۇھاكىمە قىلساقمۇ، گەپ شۇ يەردىكەن: ھازىرقى دۇنيادا ھەرقانداق بىر مىللەت مەزمۇت تۇرۇپ راۋاج تاپماقچى بولىدىكەن، پەن- تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇشى زۆرۈر. ئۇستازىم، بۇ مەسىلىلەرنى ئويلاپ كۆرگەنلىكىڭىزدە شەك يوق. بىزنىڭ خۇلاسىمىزمۇ سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش چىقىشى مۇمكى. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا سىزنىڭ تەلىمىڭىزنى ئاڭلاشقا تەييارمەن.پروفېسسورنىڭ ئويلىغانلىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇ ھېلىقى سالام خەتنى قاتلاپ ئېلىپ قويۇپ، ئويلاپ تۇرماستىنلا: «بۇ مەسىلىنى يېشىش ئاسان» دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرغۇن ئادەمنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرى بار ئىكەن، لېكىن گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلغىلى ئۇنىمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۆزى بىرمۇنچە سورۇندا گەپنىڭ ئوچۇقىنى سۆزلەپ كۆرۈپتۇ، لېكىن ھەر قېتىم سۆلىگىنىدە بىرمۇنچە سوغۇق، تەنە گەپلەرگە يولۇقۇپتۇ. ئۇ شائىرلارغا خاس مىجەزلىك بولغاچقا، ئازغىنا تەنىگە ئۇچرىسىلا كەيپى ئۆرلەپ كېتىدىكەن. ئۇمۇ كۆپ چاغلاردا مۇشۇ ئىش ئۈچۈن غەم يەپ ئازابلىنىدىكەن. ئۇ ھېلىقى ئوقۇغۇچىنىڭ جاسارىتىنى يارىتىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:‏- ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىزدىن دۇنيانى يېڭى تەپەككۇردا كۆزىتىشنى تەلەپ قىلماقتا. يېڭى تەپەككۇر دېگىنىمىز، ھازىرقى زامان ئېڭىغا ۋە ھازىرقى زامان مېتۇدولوگىيىسىگە ئىگە تەپەككۇر دېمەكتۇر. ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئەنە شۇنداق تەپەككۇر بىلەن تەھلىل قىلغاندىلا ئىلمىي خۇلاسە چىقارغىلى بولىدۇ. بىرمۇنچە كىشىلەر بىرەر مەسىلە توغرا كەلسىلا ھامان ئۆزىنى كەمچىلىكسىز مۇكەممەل قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ، ئەيىبنى باشقىلارغا ئىتتىرىدۇ. ئۇ كونا تەپەككۇر. ئۇنىڭ مەسىلە ھەل قىلىشقا ياردىمى بولمايدۇ، كۆپ بولسا، ۋاقتىنچە ئۆز- ئۆزىگە تەسەللى بولىدۇ. بۇ ياش ئوقۇغۇچى ئىككى ساھەدىكى پەرق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمەلىيەتتە خۇلاسىمۇ شۇنىڭ ئۆزىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇ. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ: ئۇيغۇرلار سودا ساھەسىدە ئىنتايىن زېرەك، مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا ساھەسىدە بولسا ئارقىدا قالغان. بەزىلەر، يىپەك يولى ئۈستىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار كونا يىپەك يولىدىكى ئەرەب، پارس، خەنزۇ ۋە سوغدىلارنىڭ سودىگەرچىلىك تەجرىبىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىگە خاس مىللىي ئەنئەنە ياراتقان دېيىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرى ناھايىتى كۆپ، نېمىشقا سودىگەرچىلىك ئەنئەنىسى جارى بولۇپ، باشقا ئەنئەنىلىرى جارى بولمايدۇ؟ مېنىڭچە، سودا ساھەسىدە ئېتىبار بېرىش دېگەن گەپ يوق، پۈتۈنلەي رىقابەتكىلا تايىنىدۇ. سودا ساھەسىدە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ كۈچىنى، ھازىرقى مودا سۆز بىلەن ئېيتقاندا، سۇبيېكتىپچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا ساھەسىدە بولسا، ئۇزۇندىن بۇيان ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلغانلىقتىن، جاپاغا چىداپ تىرىشمايدىغان، غەيرەت- ئىجتىھات قىلمايدىغان يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسى پەيدا بولۇپ قالدى.- سىز شۇنداق دەپ قارامسىز؟- شۇنداق. شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا جەھەتتە ئارقىدا قالغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ. تارىخىي جەھەتتە، رېئال جەھەتتە، رەھبەرلىك جەھەتتە، كونكرېت ئىجرا قىلىش جەھەتتە، سىياسەت جەھەتتە ۋە تەدبىر جەھەتتە سەۋەبلەر بار، چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭمۇ، يەرلىك مىللەتچىلىكنىڭمۇ تەسىرى بار… نەتىجىسى بىر، سەۋەبى ھەر خىل. شۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرەرسىگە كۆز يۇمۇشمۇ يالغانچىلىق بولىدۇ، لېكىن سۇبيېكتىپ سەۋەبنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز لازىم. مېنىڭچە، شۇنداق قىلغان تۈزۈك. تارىختىن قالغان پەرق تۈپەيلىدىن ھازىرقى باسقۇچتا ئېتىبار بېرىش زۆرۈر. ئېتىبار بېرىش- پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلغان غەمخورلۇقى. مۇبادا ئېتىبار بېرىشنى قارىغۇلارچە چۈشىنىپ، ئۇنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋالساق زىيان تارتىمىز. لاۋزى: «دۈشمىنى يوق دۆلەت ھالاك بولۇر» دەپتىكەن. بۇنى ھازىرقى زامان تىلى بىلەن شەرھلىسەك، «رىقابەتچىسى رەقىبى يوقلار زەئىپلىشىپ كېتىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ.- شۇنداق، مەن بولسام موڭغۇل. دەسلەپتە كەسكىن رىقابەت ئىچىدە چىڭگىزخان ئوتتۇرىغا چىققان، شۇنداقلا ئۇ رىقابەت ئىچىدە يەر- جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئىشلارنى قىلغان. مەنچىڭ خاندانلىقى دەۋرىدە موڭغۇللار ئالاھىدە ئېتىبارغا ئىگە بولدى. بىرنەچچە يۈز يىلدىن كېيىن ئەسلىدىكى قۇدرەتلىك موڭغۇللار كىچىك مىللەتكە ئايلىنىپ قالدى.- ئىلگىرى، سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، دەپ قارالغان داشقازان تامىقى جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئەمگەكچانلىقىنى، باتۇرلۇقىنى يوقىتىۋەتتى. شياڭگاڭ، سىنگاپور، تايلاند قاتارلىق جايلار ۋە ئەللەردىكى خەلقلەر خەنزۇلارنى ھۇرۇن، دەپ زارلىنىدىكەن. ئىلگىىرى بۇنداق دېيىشكە يول قويۇلمايتتى، دېگەنلەرگە «پارتىيىگە، سوتسىيالىزمغا قارشى» دېگەن يوغان قالپاق كىيگۈزۈلەتتى. بۇ جەھەتتە ئېچىنىشلىق زىيانلارنى تارتقاندىن كېيىن، مانا ئەمدى جۇڭگولۇقلار: داشقازاننىڭ تامىقى ھۇرۇن- تەييار تاپلارنى باقىدىكەن، دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئېتىراپ قىلغاندا ئاكتىپلىق بىلەن تۈزەتكىلى بولىدۇ. ھازىر شىنجاڭدا ئېتىبار بېرىشتىن پەيدا بولۇدىغان پاسسىپ تەرەپلەرنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ئادەم ئاز ئەمەس. ئۇياق- بۇياقلارغا بېرىپ، ئۇنىڭ- بۇنىڭ گەپ- سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، جەمئىيەتنى كۆپرەك تەكشۈرۈپ كۆرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.خاتىرە- 1:تۈركىيە «لالە» ھەسسىدارلىق كىيىم شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر دىرېكتورى تاشپولات بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل ئىلگىرى شىنجاڭدىن چىقىپ كەتكەندە، ھال- كۈنى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن. مانا ئەمدى ئۆز يۇرتىغا كاتتا باي سودىگەر بولۇپ قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئۈرۈمچىدە ۋە غۇلجىدا ئۆز سەرمايىسى بىلەن زاۋۇت- فابرىكا قۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن. ئۇنىڭدا چەت ئەل دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتتۈم دەپ ھال پەيدا قىلىدىغان، ئۆزىنى باشقىلاردىن چوڭ چاغلايدىغان چاكىنىلىق يوق ئىكەن. ئۇ كرېسلودا يانتۇ ئولتۇرۇپ «No politic» دەپ قايتا- قايتا تەكىتلىدى. ئۇ سالاپەتلىك، گەپ- سۆزلىرى سىلىق ئادەم ئىكەن، سۆزنى ئەقىلگە سېلىپ ئويلاپ، جايىدا قىلىدىكەن.- مېنىڭ بوۋىلىرىم ئىلگىرى ئافغانىستاندا تىجارەت قىلغانىكەن. چوڭ دادامنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، چوڭ دادام شىنجاڭغا قايتىپ كەپتىكەن. تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقىدىن 1961- يىلى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن يەنە ئافغانىستانغا كېتىپتۇ. كابولدا ئىككى- ئۈچلا ئاۋاتراق رەستە بار ئىكەن، كىچىك كوچىلىرى تولىمۇ ۋەيرانە بولۇپ، ئۈرۈمچىگە يەتمەيدىكەن. ئافغانلار سۈپۈرگە ياساشنى بىلمەيدىكەن. ئاتا- ئانام سۈپۈرگە ياساپ سېتىپتۇ. كابولنىڭ بازارلىرىدا ئۈگرە يوق ئىكەن، ئانام خېمىر يېيىپ ئۈگرە كېسىپ قۇرۇتۇپ سېتىپتۇ. ئافغانىستان مەدەنىيەتتە ئارقىدا ئىكەن. مەن غۇلجىدىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتمىگەن، كابولغا بارغاندىن كېيىن، ئافغانىستان دۆلەتلىك ئۆلچەم ئىدارىسىگە خىزمەتكە ئېلىندىم. شۇ چاغدا 17 ياش ئىدىم. شىنجاڭدا ھېچنەرسىدىن غېمىم يوق ئىدى، ھۆكۈمەت ئۆزىلا پەللىگە يەتكۈزۈپ قويۇدىغاندەك خاتىرجەم ئىدىم. تىرىكچىلىك يولىدا غەم- قايغۇ دېگەننى بىلمەيتتىم. بولۇپمۇ ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىپ تۇرغاچقا، ئاسقاپمۇ قالمايتتىم. مەكتەپكە خۇددى ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئوقۇيدىغاندەكلا تالىشىپ- تاكاللىشىپ كېتەتتىم، تىرىشمايتتىم. ئافغانىستانغا بارغاندىن كېيىن ئىش باشقىچە بولۇپ چىقتى. ياخشى ئىشلىسىڭىز بىر نۆرى، ياخشى ئىشلىمىسىڭىز نان يوق. ئۆلچەم ئىدارىسىدە ئىشتىن ھەيدىلىپ كېتەرمەنمىكىن دېگەن ئەندىشىدىن زادىلا قۇتۇلالمىدىم. ئۆلچەم ئىدارىسىدە كەسىپنى باشقۇرۇدىغان مۇتەخەسسىسلەر ياكى ئىنگلىز، ياكى ھىندى، ئۇلار ئىشنى ناھايىتى چىڭ تۇتىدۇ. ئادەمنىڭ مەنىۋى ھالىتىنىڭ رولى كارامەت بولىدىكەن. مېنىڭدىكى غەم ئەندىشىنى بىلمەيدىغان خاتىرجەملىكنىڭ ئورنىنى ۋەھىمە ئالدى، تۇرمۇش پوزىتسىيەممۇ ئۆزگەردى، يۇرتۇمدا ئوقۇشقا تىرىشمىغان بولسام، ئافغانىستانغا بارغاندىن كېيىن قېتىرقىنىپ ئوقۇيدىغان، ئۆگىنىدىغان بولدۇم. مۇتەخەسسىسلەرمۇ مېنىڭ تىرىشچانلىقىمنى كۆرۈپ، قىزغىن ياردەم بېرىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئاخىر، ئۆلچەش كەسپىنى پىششىق بىلىۋالدىم، ئىگلىز تىلىنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم.ئېلاۋە: ئۇ ئىنگلىز تىلىنى سۇدەك بىلىدىكەن، كەمىنە مۇخبىر بىلەن سۆزلەشكىنىدە پات- پاتلا ئىنگلىزچىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىدى.- ئەگەر ئۇ يەردە ھۆكۈمەت ئېتىبار بەرگەن بولسا، ئۆگىنىشكە ئۇ قەدەر كۆپ كۈچ سەرپ قىلماس ئىدىم. كېيىن دادام بىلەن تۈركىيىگە باردىم. تۈركىيە كېيىنكى يىللاردا ناھايىتى تېز راۋاجلىنىپتۇ. مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئافغانىستاننىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەن. ئالىي مەلۇماتلىق ۋە چەت ئەللەردە بىلىم ئاشۇرغان ئادەملەر كۆپ ئىكەن. مەن چاغلىق بىلىم سەۋىيەم بىلەن تۈزۈكرەك خىزمەت تاپالماسلىقىم تۇرغان گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن نائىلاج ستامبۇل خۇرۇم زاۋۇتىغا كىرىپ ھۈنەر ئۆگىنىشكە باشلىدىم. شۇ جەرياندا بىر تۈرك قىز بىلەن تۇرمۇش قۇردۇم، پەرزەنت كۆردۈم. پەرزەنتىمنىڭ ئەھۋالىدىن نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىۋالدىم. تۈركىيىدە شەرت- شارائىت ناھايىتى ئېغىر، دىپلوم بولمىسا، ھۈنەر بولمىسا، مائاشى ئوبدانراق خىزمەت تاپماق بەكمۇ مۈشكۈل. قىزىم 11 يېشىدىلا ئىنگلىز تىلىنى ناھايىتى ئوبدان سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى. ئەگەر مەكتەپ ئۇنىڭغا ئېتىبار بەرگەن بولسا، تىرىشچانلىقىنى بوشاشتۇرۇپ قويغان بولاتتى.دادام تىرىكچىلىك قىلىشتا يولى بار ئادەم بولغاچقا، ستامبۇلدا خۇرۇم زاۋۇتى قۇردى. مەن تىجارەت سەۋەبى بىلەن ئىتالىيە، ياپونىيە، بۇلغارىيە، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالارغا باردىم، تەيۋەنگىمۇ ساياھەت قىلىپ باردىم. مەندە شۇنداق چوڭقۇر تەسىرات پەيدا بولدىكى، ھەرقانداق مىللەت پەن، مەدەنىيەت ۋە تېخنىكا جەھەتتە تەرەققىي قىلمايدىكەن، قالاقلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. مەدەنىيەت، پەن ۋە تېخنىكىدا تەرەققىي تېپىش ئۈچۈن، باش چۆكۈرۈپ تىرىشىدىغان، جاپاغا چىداپ ئۆگىنىدىغان غەيرەت بولمىسا بولمايدۇ. سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى شىنجاڭنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن ئىكەن. ئۇلار ئېتىبار بېرىشنى ئاللىقاچان بىكار قىلغان بولۇپ، يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىمۇ زور دەرىجىدە ئازلاپتۇ. ئۇلارنىڭ تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە نۇرغۇن مۇتەخەسسىس، ئالىملار بار، ئايتماتوۋقا ئوخشاش ئەدىبلىرى دۇنياغا مەشھۇر.مەن بۇ نۆۋەت ئانا يۇرتۇمدا ئۆز سەرمايەم بىلەن زاۋۇت قۇرۇش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم. قارىسام، بۇ يەردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى 60- يىللارنىڭ باشلىرىدىكىدىن كۆپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ، ھەممە ئادەم ئۆز ئوقىتى بىلەن خاتىرجەم ياشاۋېتىپتۇ، لېكىن بەزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇلارنىڭ بىلىم دائىرىسى تولىمۇ تار ئىكەن! جۇڭگو ھەر يىلى قانچىلىك مال ئىمپورت قىلىدۇ، قانچىلىك ئېكسپورت قىلىدۇ، بالانسى ئاكتىپمۇ ياكى پاسسىپمۇ؟ بۇلارغا جاۋاب بېرەلمەيدىكەن. ياشلىق دەۋرىمدىكى كۆلەڭگەمنى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۆرۈپ قالدىم. ئۇلار شۇنداق بىغەم، بىپەرۋا ئىكەن، جىددىيلىك تۇيغۇسى، خەۋپ تۇيغۇسى كەم ئىكەن. سىلەر، ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار چوقان بىلەن دالالەت قىلساڭلار بولىدۇكى، غەيرەت قىلماي، جاپاغا چىداپ تىرىشماي تۇرۇپ، روناق تاپىمىز دېگەن بىكار!ئېلاۋە: تاشپولات تۈرلۈك ھادىسىلەرگە سىنچىلاپ قاراپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنى يۆلىنىۋېلىش ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
مېللەتنىڭ ئۈمۈدى كىمنىڭ قولىدا…
ئۇشبۇ دەم قانچە ئەر ئۇنىڭ يولىدا…؟

خاتىرە- 2:شىنجاڭ داشۆ فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن سىدىقنى ئۇچراتقانلىقىم ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئۇنىڭ ياپونىيىدىن قايتىپ كەلگىنىگە تېخى ئەمدىلا بىر نەچچە كۈن بولغانىكەن. دابەن ئېلېكترىك سايمانلىرى داشۆسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدىكى ئەھۋاللار تېخى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىگەن، ھېسسىياتى تېخى تولۇق ئەسلىگە قايتمىغانىكەن. مەن كۆرۈشكىلى بارغاندا، ئۈستەلدە ماتېرىيال يېزىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئېگىز بويى، ئاق پىچىم چىرايى، زىيالىي سۈپەت قامىتى ھەر قانداق كىشىنىڭ دىققىتىنى بىردەمدىلا ئۆزىگە تارتىۋالالايدىكەن. ئۇ شىنجاڭغا پۈتۈنلەي يېڭى نەزەر بىلەن قارايدىكەن. ئۇنىڭ مېھمانخانىسىدا چىرايلىق سۆھبەت پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، گويا سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىنى سۈمۈرگەندەك، ئىچ- باغرىم ئېچىلىپ قالدى.‏‏- ياپونىيىنىڭ دابەن ئېلېكترىك داشۆسىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان چېغىمدا، ياپونلار ھەدېسىلا مەندىن: «ياپونىيىگە كەلگەندىن بۇيان نەزەرىڭىزگە ھەممىدىن بەك سىغمىغان نەرسە نېمە؟ سىزنىڭچە ھەممىدىن بەك ئوسال يەرلىرىمىز نېمە ئىكەن؟ ھەممىدىن بەك قالاق يەرلىرىمىز نېمە ئىكەن؟» دەپ سوراپ تۇردى. ئۇلار كەمچىلىكلىرىنى، يېتىشسىزلىكلىرىنى ئېيتسىڭىز خۇرسەن بولىدىكەن، لېكىن بىزنىڭ جۇڭگودا بولسا، ياخشى دەپ تەرىپلىگەننى ياخشى كۆرۈدىكەنمىز. ئۇيغۇرلار جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر قىسمى، بىزمۇ باشقىلارنىڭ ياخشى دەپ ماختىشىنى ياخشى كۆرۈدىكەنمىز. ئۆزىنىڭ يېتىشسىزلىكلىرىنى تونۇمىغاندا ئالغا ئىلگىرىلەش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ياپونىيىگە بارغاندىن كېيىن، بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەمچىلىكلىرىمىز نېمە؟ دېگەن سوئال مېڭەمدىن كەتمىدى. مەن ئۆزۈم ياش، ئۆزۈمنى ياپونلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سېلىشتۇرۇپ باقتىم: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ياپون ئوقۇغۇچىلار كۇتۇپخانىغا ھەممىدىن كۆپرەك كىرىدىكەن، بىز ئاز كىرىدىكەنمىز؛ دەرسلىكتىن باشقا ماتېرىياللارنى ئوقۇشتا ياپون ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئوقۇيدىكەن، بىز ئاز ئوقۇيدىكەنمىز: ياپون ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە 3- 4 تىن بولۇپ قۇرۇق پاراڭ سوقۇدىغانلار ئاز، بىزدە كۆپ ئىكەن؛ ياپون ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ھەددى- ھېسابسىز كىنو كۆرۈدىغانلار، تانسا ئوينايدىغانلار ئاز ئىكەن، بىزدە كۆپ ئىكەن. مانا بۇ ئەھۋاللار ئىككى خىل پسىخىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈدىكەن. بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئالىي مەكتەپكە كىرىۋالسىلا دىپلوم ئالالماسلىقتىن ئەندىشە قىلمايدىكەن: دىپلوم ئېلىۋالسىلا، خىزمەتكە تەقسىم قىلىنالماسلىقتىن ئەندىشە قىلمايدىكەن؛ خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، مەلۇم ستاژغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇنۋان ئالالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلمايدىكەن. مانا بۇنداق بىغەملىك، تەبىئىيكى، كىشىنى ھۇرۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ياپون ئوقۇغۇچىلاردا ئۇنداق قورقماسلىق يوق ئىكەن.ئېلاۋە: ھاياتلىق ئىجادچان كۈچكە باي بولىدۇ، لېكىن ھاياتلىق تەبىئىي يوسۇندا راھەت- پاراغەتكە ئامراق بولىدۇ. مانا بۇنداق زىددىيەت ئادەملەرنى تۇرمۇشتا تۈرلۈك تۈسكە كىرگۈزۈپ قويىدۇ: بەزىلەر جەسۇر بولىدۇ، بەزىلەر زەئىپ بولىدۇ؛ بەزىلەر زېرەك، بەزىلەر دۆت بولىدۇ؛ بەزىلەر غالىب، بەزىلەر مەغلۇپ بولىدۇ. بۇلار ھاياتنىڭ ئىككى خىل خۇسۇسىيىتىدە بولغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ نەتىجىسى. پەم- پاراسەتلىك ئادەملەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تولا ئادەملەر ئۆزىنىڭ راھەت- پاراغەت كۆرۈش تەمەسىنى قاندۇرۇشقا تاشقى جەھەتتىن بىرەر ھىمات- يۆلەنچۈك تاپالمىغاندىلا، لېۋىنى چىشلەپ، بېلىنى باغلاپ، ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشقا، پىداكارلىق كۆرسىتىشكە، ئىجاد قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاياتىنى نۇرلاندۇرىدۇ. تاشقى دۇنيادىن راھەت- پاراغەت سۈرگۈدەك بىرەر ئىمكانىيەت تېپىلىپ قالسا، بەزى راھەت كۆرۈش تەمەسىنى ئەجىرسىزلا قاندۇرۇش ئىمكانىيىتى چىقىپ قالسا، ئۇ ھالدا بوشىشىپ، توختاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھاياتنىڭ زەئىپلىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ھاياتنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىش، ئۇنىڭغا يول قويۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەتچان بەندىچىلىك قىلىش- بۇ نادانلارنىڭ نادانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى. پەقەت پاراسەتلىك ئادەملەرلا ھاياتنى قامچا بىلەن ھەيدەپ ماڭىدۇ.- روھ شەكىلسىز بولىدۇ، ھەرقانداق ئادەم پاسسىپ روھىي كۈچنىڭ ئىلكىگە چۈشۈپ قالغاندا، ئۆزىنىڭ شۇنداق مەھكۇم ھالىتىنى چۈشىنىپ كېتىشى تەس. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ بوشاڭلىقىغا، ئويۇن- كۈلكە بىلەن ۋاقتىنى زايە قىلىپ يۈرىدىغانلىقىغا، ئۆزى ناھايىتى زېرەك بولسىمۇ، جاپادىن قاچىدىغانلىقىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالاتتى. شۇنداق ئەھۋاللار ئايرىم كىشىلەرنىڭلا ئوقۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدا بىر خىل روھىي ھالەت رول ئويناۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولساممۇ، كونكرېت مەزمۇنىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتىم.فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غاپپار بىزنى چىڭ تۇتاتتى. ئۇ ئېينىشتېيىننىڭ نىسبەت نەزەرىيىسىگە كامىل ئىدى. بەزىمىزنىڭ ئوقۇش نەتىجىمىز ناچار تۇرۇپمۇ تىرىشمايۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگىنىدە: «باشقىلار ئېتىبار بېرىدۇ، دەپ قاراپ ئولتۇرامسىلەر؟ كۆزۈڭلار يوقمۇ؟ قولۇڭلار چولاق، قۇلىقىڭلار گاسمۇ؟ سىلەر مېيىپمۇ؟ نېمىشقا جاپاغا چىداپ ئوقۇمايسىلەر؟» دەپ تەنقىد قىلاتتى. بەزى ساۋاقداشلار بۇ تەنقىدنى ئاڭلىغىنىدا، «ئېتىبار بەرمىسە بولامدۇ؟ بىزنى خەنزۇلارغا ئوخشاتسا قانداق بولىدۇ؟ تەڭلەشتۈرۈش مۇنكىن ئەمەس!» دەپ پەرۋا قىلمايتتى. ئويلاپ قارىسام، ئۇلار ئېتىبار بېرىشنى مەنىۋى ھىمات قىلىشىۋالغانىكەن. شۇڭا ئۇلار ئەلا نەتىجە ئېلىش يولىدا جاپاغا چىداپ ئوقۇشنى خالىمايدىكەن. مەنمۇ سىنىپتا: «بۈگۈنكى كۈندە ئېتىبار بېرىش زۆرۈر، لېكىن بىز ئېتىبار بېرىشكە- تەييارغا ئاشىق بولۇۋالساق، ئۆزىمىزنىڭ ئۆسۈشىمىزگە زىيان يېتىدۇ» دەپمۇ باقتىم. بۇ گەپنى ياقتۇرۇدىغانلار تولىمۇ ئاز بولدى. شۇنى بايقاپ قالدىمكى، بىر خىل روھىي ھالەت ۋۇجۇدقا چىقىپ قالسا، شۇنداق روھىي ھالەتنى ۋۇجۇدقا چىقارغان مۇھىت ئۆزگەرتىلمەيدىكەن، ئۇ روھىي ھالەتنى تۈگىتىش ناھايىتى قىيىن. مەنمۇ شۇنداق مۇھىتتا ئۆسكەن. روھىمدا ئۇنىڭ ئىزلىرىنىڭ بار- يوقلۇقىنى ئويلاپ قارىسام، يوق ئەمەس ئىكەن. تەبىئىي قىسمەتتە خەنزۇلارمۇ، ئۇيغۇرلارمۇ باراۋەر بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا خەنزۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئوقۇش ئۈچۈن، ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ چۈشۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن، ئاغزىمدىكى گەپ بىلەنلا توختاپ قالماستىن، ئالاچى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش جاپا چېكىپ ئوقۇيمەن، دەپ نىيەت قىلدىم، كۈنىگە 13 سائەت ئۆگىنىمەن دەپ پىلان تۈزدۈم. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆز تىلىمدا ئوقۇغاچقا خەنزۇچىنى بىلمەيتتىم. ئالىي مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا بىر يىل ئوقۇپ، خەنزۇ تىلى گرامماتىكىسىنى ۋە بىر مۇنچە خاس ئاتالغۇنى ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈۋالدىم. كېيىن ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئۆگەندىم. 1984- يىلى APT ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، بىر قېتىمدىلا ئۆلچەمگە يەتتىم. شۇنى چۈشەندىمكى، ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن كۈچ چەكسىز بولىدىكەن، يوشۇرۇن كۈچنى قانچىكى قازسىڭىز، ئۇ شۇنچە ئۇلغىيىپ تۇرۇدىكەن. بەزى ئادەملەر مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدىكەن، غەلىبە قىلىدىكەن. ئۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار شۇ يوشۇرۇن كۈچلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە بىلىمگە، قابىلىيەتكە ۋە ئۇتۇققا ئايلاندۇرۇدىكەن. بەزىلەر ئۆمۈر بويى پالاقلاپ- سوكۇلداپ ئۆتىدىكەن، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى زادىلا قازالمىغانلىقى، ئىشقا سالالمىغانلىقى سەۋەبچى بولىدىكەن. جاپا چېكىشنىڭ ئۆزى يوشۇرۇن كۈچلەرنى قازىدىغان بۇقۇسا ئىكەن. باشقىلار كىنو كۆرگىلى بارسا، مەن بارمىدىم، باشقىلار تانسىغا چۈشسە، مەن چۈشمىدىم، قىزلار تەبەسسۇم قىلسا، مەن مىت قىلمىدىم، لەرزان شامال سوقۇپ تۇرغان ئايدىڭ كېچىلەردىمۇ، قاسقاننىڭ ھورىدەك ئىسسىق تومۇز كېچىلىرىدىمۇ، جۇت بولۇپ شىۋىرغان غۇيۇلداپ تۇرغان زىمىستان كېچىلەردىمۇ شىرەدىن باش كۆتۈرمەي ئوقۇدۇم.مەن شىنجاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا رەئىس، ئاپتونوم رايۇنلۇق ياشلار بىرلەشمىسىگە رەئىس، ئاپتونوم رايۇنلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە رەئىس، مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىگە مۇئاۋىن رەئىس بولغانىدىم، شۇ مەنسەپلەرنىڭ سايىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئېتىبارلارغا ئېرىشىشىم مۇمكىن ئىدى، لېكىن ئۇلار تۈۋىسىز دەرەخ، يىلتىزسىز گىياھقا ئوخشايتتى. قىسقا ۋاقىت يېشىل يوپۇرماق چىقىرىپ، چېچەكلەپ- غۇنچىلاپ، كىشىلەرنى زوقلاندۇرۇشى مۇمكىن، لېكىن تېخىمۇ بەكرەك يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسىنى پەيدا قىلىش، ئۆزۈمدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىشتىن ۋاز كەچتۈرۈشى مۇمكىن. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوپۇرماقلار سارغىيىپ، گۈللەر يىگىلەپ- سولىشىپ، ئەرزىمەس ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشىم مۇمكىن. چەتتىن كەلگەن شان- شەرەپلەرنى ئۆتكۈنچى بۇلۇت، تۈتۈن دەپ قارىدىم. شۇ مەنسەپلەردىن ئۆزۈمگە كەلگەن پايدىسىز ئامىللارغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدۇم. چۈنكى ئىجتىمائىي پائالىيەت كۆپ بولۇپ، تولا ۋاقتىم ئۇ يەر- بۇ يەرگە بېرىپ مەجلىس- يىغىنغا قاتنىشىش بىلەن بەنت بولۇپ كەتسە، ئوقۇشۇم توختاپ قالىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئۆزۈم غەيرەت بېرىپ، دەم ئېلىش ۋاقتىمنى ۋە ئۇخلاش ۋاقتىمنى قۇربان قىلىدىغان، قانچىلىك ۋاقىت زايە كەتكەن بولسا، شۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇدىغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ، ئاخىر، ئەلاچى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە يېتىشىۋالدىم. ئالغا ئىنتىلىش پسىخىكىسى كېرەكمۇ ياكى يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسى كېرەكمۇ؟ ئىككى خىل تۇرمۇش پوزىتسىيىسىدىن ئىككى خىل نەتىجە كېلىپ چىقىدىكەن.ياپونىيىگە بارىدىغان چېغىمدا بەزىلەر ماڭا: «مەن جۇڭگولۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى» دېگەن سەۋەبنى كۆرسىتىپ، ئېتىبار بەرگۈزۈپ، ئۆزۈڭگە ھەل بېرىپ قايتىپ كەلسەڭ بولمىدىمۇ دېيىشتى، لېكىن ئۇنداق قىلىش سەت ئىش ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ شەنىگىمۇ، جۇڭگونىڭ شەنىگىمۇ داغ چۈشۈرگەنلىك بولاتتى. ياپونىيىگە بارغاندىن كېيىن كۆزۈم تېخىمۇ ئېچىلدى. بۈگۈنكى دۇنيا سۇبيېكتىپچانلىقنى جارى قىلدۇرۇدىغان، ئاكتىپچانلىق بىلەن پىداكارلىق كۆرسەتمىگەندە، ئىجاد قىلمىغاندا، زامانغا يارىشا ئادەم بولغىلى بولمايدىغان دۇنيا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ قالدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگولۇقلارنىڭ ياپونلاردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئەلا نەتىجە بىلەن ئىسپاتلايمەن، دېگەن ئىككىنچى نىيەتنى باغلىدىم. بۇ نىيەتنى جاپا چېكىپ تىرىشقاندىلا گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا تەييار يول يوق. ياپونىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇش ھاۋاسى بىزنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن، ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بىزگە قارىغاندا تىرىشچان ئىكەن. مەن ئۇلاردىنمۇ كۆپراك تەر تۆكتۈم، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزغان كېچىلىرىم ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ بولدى. مىنگۇۋۇ شەھىرى ياپونىيىنىڭ مەشھۇر ساياھەتگاھى ئىكەن، دابەن شەھىرىگىمۇ يېقىن ئىكەن. پۈتۈن ۋاقتىم تەتقىقات بۆلۈمىدە ياكى كۇتۇپخانىدا ئۆتكەچكە، ئۇ يەرگە بىر قېتىممۇ بېرىپ باقمىدىم. ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە ئۇستازلىرىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە سەككىز تەتقىقات تېمىسىنى تاماملىدىم، ياپونچە، ئىنگلىزچە تىلدا 12 پارچە ئىلمىي ماقالە يازدىم. بۇلارنىڭ بەزىسىنى ياپونىيىدىكى ئىلمىي يىغىندا ئوقۇپ بەردىم، بەزىسىنى خەلقئارا ئىلمىي يىغىندا ئوقۇپ بەردىم، ئۈچ پارچىسى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك ئېلىكترىك كەسپىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.ۋۇجۇدۇمدا ناھايىتى زور ئىجادىيەت ئىقتىدارى بارلىقىغا بارغانسېرى بەكرەك ئىشىنىدىغان بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، ئاۋۋال ئۆزۈمگە ئۆزۈم غەيرەت بېرىپ، ئۆزۈمنى ئىجادىيەت چاقماقلىرىنى چاقنىتىشقا مەجبۇر قىلىدىغان ئىدىيىۋى ئادەت پەيدا بولۇشقا باشلىدى. دابەن داشۆسى ياپونىيە بويىچە بىرىنچى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ بولۇپ، ئۇلار بىر تېمىنى ئۇزۇندىن بۇيان تەتقىق قىلىپ، بىرەر نەتىجە چىقىرالمىغانىكەن. شۇ تېمىغا مەسئۇل بولغان ئوقۇتقۇچى مېنىڭ ئۇستازىم بىلەن پاراڭلىشىپ، مېنىڭمۇ شۇ تېمىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىمنى، بەلكى بىر ئاز نەتىجە قازانغانلىقىمنى ئاڭلاپ، دەرھال مېنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار مېنىڭ بىر يىل ئىچىدە بىر نەچچە تېمىنى يەشكەنلىكىمنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇشتى، مەخسۇس تەكلىپ قىلىپ مېنى ئۆزلىرىنىڭ دوكتۇرلۇقتا، ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئاسپرانتلىرىغا بىر قېتىم ئىلمىي دوكلات بەرگۈزدى.ياپونىيىدە ئۇچۇر چاپسان. ئۇلار چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ ئۆزلىرىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ تاشقى ئىشلار ۋازارىتى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى «دۇنيا بىر پۈتۈنلۈككە قاراپ كېتىۋاتقان XXI ئەسىردە سىز نېمە قىلماقچى؟» دېگەن تېمىدا ياپون تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە ئۇيۇشتۇردى. ئۇنىڭغا 72 نەپەر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ماقالە ئەۋەتىپ تىزىملاتقانىدى. ئۇلاردىن ئون ئوقۇغۇچى تاللاندى، شۇلارنىڭ بىرى مەن. مۇسابىقە نەتىجىسىدە، جۇڭگولۇق بىر قىز ئوقۇغۇچى ئىككىنچىلىكنى، مەن تۆتىنچىلىكنى ئالدىم. مۇكاپاتنى قولۇمغا ئېلىۋېتىپ، يۈرىكىم ئويناپ كەتتى. بۇ مۇكاپات مېنىڭ چىشىمنى چىشلەپ تىرىشىپ ئالغا ئىنتىلگەنلىكىمنىڭ مۇكاپاتى بولدى، دەپ ئويلىدىم. بۇنىڭدىن شۇنداق چوڭقۇر تەسىراتقا كەلدىمكى، ھەرقانداق ئادەم يۆلىنىۋېلىش روھىي ھالىتىنى تاشلىسا، ئاجايىپ مۆجىزە يارىتالايدىكەن. ھازىرقى كۈندە، مىللىتىمىزنى مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا جەھەتتە تېز راۋاجلاندۇرىمىز دېسەك، ئەنە شۇنداق روھىي ھالەتلەرنى تاشلىشىمىز لازىم، ئېتىبار بېرىشكە تەلمۈرسەك، يۆلىنىۋېلىش روھىي ھالىتىمىز كۈچىيىپ كېتىدۇ، خالاس.ئېلاۋە: ئۇ تۈرلۈك ھادىسىلەرگە سىنچىلاپ قاراپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنى يۆلىنىۋېلىش ئىكەنلىكىنى بايقىغان.مەن پروفېسسور بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈملىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تۇرمۇش ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتىم. مەن پاراڭلاشقان كىشىلەرنىڭ قېيىداش پسىخىكىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىزنى ئاسان قوبۇل قىلغانلىقىنى، يۆلىنىۋېلىش روھىي ھالىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىزنى تىلغا ئالغاندا، چىرايلىرىنىڭ ئۆڭگەنىلىكىنىمۇ سۆزلەپ بەردىم.‏‏- تاپقان تىپىك ماتېرىياللىرىڭىزنى، ‏- دېدى ئۇ ماڭا،‏- ماڭا سۆزلەپ بېرىڭا.ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز، قانداقلا بولمىسۇن، ئىككى مىللەت. ئۇنىڭ رايىنى ياندۇرماسلىقىم لازىم. شۇڭا:‏- مىسال كېراك بولسا، قايسى مىللەتتىن بولسۇن مىسال تېپىلىدىكەن. خەنزۇلاردىنمۇ تېپىلىدۇ، بىز موڭغۇللاردىن تېخىمۇ كۆپ تېپىلىدۇ،‏- دېدىم.‏- قېنى، سۆزلەڭا، مېنىڭ ئۆزۈمدە مىللىي كەمچىلىكلەرگە توغرا قارىيالايدىغان غەيرەت بار- يوقلۇقىنى سىناپ كۆرەي. سۆزلەۋېرىڭ، ھېچ گەپ يوق.مەن تاپقان شۇنداق ماتېرىياللار ئاز ئەمەس ئىدى. شۇلاردىن پەقەت بىرىنىلا سۆزلەپ بەردىم:‏- ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا كادىرلىرى ئىدارىسى بۇ يىل بىرقانچە ئادەمنى تۆۋەنگە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرەەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەنىكەن. ئۇلار X X جايغا بارغاندا، شۇ يەردىكى دوختۇرخانىنىڭ بىر مىللىي رەھبىرى مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرىپتۇ: مېدىتسىنا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپتىكى چېغىدىلا ئوقۇشتا بىپەرۋا ئىكەن، تەييارلىق سىنىپىدا بىر يىل ئوقۇپ، سىنىپ ئاشالماپتۇ، جەمئىي يەتتە يىل ئوقۇپتۇ. دوختۇرخانىغا دوختۇر قىلىپ تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، ئۆز كەسپىگە ئەستايىدىل كىرىشمەپتۇ. شۇڭا دوختۇرخانا ئۇنى ئوكۇل سېلىش خىزمىتىگە قويۇپتۇ. ئوكۇل سېلىشقىمۇ بىلىم كېرەك. بىراق ئۇ ئۆگەنمەيدىكەن. چىندامىتسىن ئوكۇلى بىلەن پېنتسىللىن ئوكۇلىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئوكۇل ئۇرغىلى كىرگەندە، كېسەللەر قېچىپ كېتىدىغان بوپتۇ. بۇ ناھايىتى ئايرىم بىر مىسال، ئومۇمىي ئەھۋالغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە.‏- شۇنچە كۆپ تەكەللۇپنىڭ نېمە كېرىكى بار؟ بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئوقۇپ كامالەتكە يەتكەن، مۇنەۋۋەر ئادەملەر چىقمىغان دېمىدىڭىزغۇ. شۇنداق يۈرەككە تېگىدىغان مىساللار بىز ئۈچۈن پايدىلىق-تە!

شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دوكلات بېرىش يۈزىسىدىن بىر قېتىم كونسېرت قويۇپ بېرەي، چەت ئەلدىن ئۆگىنىپ كەلگەن نەرسىلىرىمنى ئويناپ بېرەي، شىنجاڭدىكى كەسىپداشلىرىمنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا ئاز بولسىمۇ ئىلھام بولۇپ قالسۇن، دەپ قايتا- قايتا تەلەپ قىلسا، مەسئۇل ئورۇنلار رۇخسەت قىلمىدى، دىلنار ئىلاج قىلالماي، قەمبەرخانىمنىڭ ئالدىغا باردى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى. ئۇ، دىلنارنىڭ ئۇسسۇللىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلىنىپتۇ، قىزىمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ ھاياتى سىلەر بىر ئەۋلادقا قاراشلىق!» دەپتۇ.پروفېسسورنىڭ ئېلاۋىسى: قەمبەرخانىمنىڭ ئاتا- ئانىسى خېلى بۇرۇنلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىغا بېرىپ شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان، قەمبەرخانىم 13 يېشىدا تاشكەنتتە ئۇسسۇل مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان، كېيىن «قىزىل بايراق» ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىگە كىرىپ ئۇسسۇل ئۆگەنگەن، يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، موسكۋاغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن، ئۇ بالتنىمۇ ئۆگەنگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى بالت ئۇسسۇلىدا دۇنياغا مەشھۇر. قەمبەرخانىم ئۇلانوۋانىڭ بالت ئۇسسۇلىنى بىر قانچە قېتىم كۆرگەن، موسكۋا سەھنىلىرىدە ياۋروپانىڭ ئېسىل ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىنىمۇ كۆرگەن، ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ. 1942- يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆز مەشغۇلاتىنى ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلنى ئۆگىنىشتىن باشلاپ، بارا- بارا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلنى راۋاجلاندۇرغان. ئۇ، ئۇسسۇلنى خۇددى ھاۋادا بۇلۇت ئۈزگەندەك، دەريادا سۇ ئاققاندەك، تەبىئىي، ئەركىن ئوينايدۇ، ئوينىغان ئۇسسۇللىرىدىن خۇددى شائىرنىڭ شېئىرىدەك چوڭقۇر مەنە چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭكىنى كەڭ قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن يۈكسەك دەرىجىگە يەتكۈزەلىگەن. ئۇ، ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتى ئىزىنى بېسىپ ماڭغانلىقىنى كۆرسە ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.- قەمبەرخانىم مېنىڭ قىزىمنىڭ دوكلات يۈزىسىدىن ئويۇن قويۇپ بېرىشىنى ناھايىتى قىزغىن قوللاپ، ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئەۋەتىپ سۆزلىشىپتۇ. بىر قېتىمدا ھەل بولماپتۇ، يەنە بىر قېتىم سۆزلەشسىمۇ ھەل بولماپتۇ. قەمبەرخانىم چىقىمنى ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى چىقارسۇن دېسىمۇ بولماپتۇ. ئاخىرىدا ھېلىقى ئورۇننىڭ ئادىمى: «دىلنار بىزنىڭ قول ئاستىمىزدىكى ئادەم تۇرسا، سىلەر بىزدىن بىسوراق شۇنچە چات كېرىۋالامسىلەر؟» دەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئويۇن قويدۇرماسلىقىدىكى سەۋەب مەركەزنىڭ يەككە ئادەملەر ئۆز ئالدىغا ئويۇن قويسا بولمايدۇ، دېگەن ھۆججىتى بولغانلىقتىنمىش، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەچچە يىل بىكار كەتتى. «بىر تۆمەن يىل بەك ئۇزاق، چىڭ تۇتۇپ ھازىرقى پەيتنى تۇتقۇلۇق» دېگەن گەپ بار. بۇ تولىمۇ چىرايلىق گەپ، لېكىن ۋاقىتنى ھەقىقىي قەدەىرلەيدىغان كىم بار؟ بۇ يىل ھۆددىگەرلىك يولغا قويۇلدى. مەن بۇنداق تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىككى قوللاپ ھىمايە قىلدىم. ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ بىر مۇئاۋىن باشلىقى ماڭا مەدەت بەردى، بىر ئەترەتنى ھۆددىگە ئالدىم. بىزنىڭ پۇت- قولىمىزنى چۈشەپ قويۇدىغان نەرسىلەر قالمىدى. قىزىمنى بىر نەچچە يىل ئارماندا قالدۇرغان بىر كىشىلىك ناخشا- ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلىدىم. مېنىڭ 20 نەچچە يىللىق ھاياتىم سەھنىدە ئۆتتى، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە ئالاھىدە تۆھپە يارىتالمىدىم، ياشلارنىڭ بۆسۈپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. قىزىمنىڭ كامالەتكە يېتىشى ئۈچۈن شوتا بولۇپ بەرمەكچىمەن، ئۇ مېنىڭ يەلكەمنى ۋاخىنا قىلىپ دەسسەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ ئىلگىرىلىسۇن.ئويۇننى «ئىتتىپاق» تىياتىرىدا قويماقچى بولدۇق، ھەر كۈنى كەچ سائەت 4 تىن 10 غىچە قىزىمنىڭ رېپېتىتسىيىسىگە يېتەكچىلىك قىلىش، سازچىلارنى تەكلىپ قىلىش، سەھنە كىيىمى ۋە باشقا لازىملىقلارنى تەييارلاش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولدۇم. قىسقىسى، ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزۈم چاپتىم، بىر نەچچە كۈنگىچە ئۆيدە قارام كۆرۈنمىدى، ئۆيگە ھېرىپ- ئېچىپ يېرىم كېچىلەردە قايتتىم.پروفېسسورنىڭ ئېلاۋىسى: ھۈرىيەت مۇھەممەتنىڭ يولدىشى مۇزىكانت ئىدى، ئالدىنقى يىلى ۋاپات بولدى، ھۈرىيەتنىڭ ئۆيىدە پارالىچ بولۇپ قالغان بىر ئىنىسى، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئوغلىمۇ بار. ئۇ مىللىتىمىزنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا چاپماقتا، ئۈندىمەكتە، پىداكارلىق كۆرسەتمەكتە. بۇ ئاسان گەپمۇ؟!ئويۇن رەسمىي قويۇلىدىغان بولدى، بىز ئانا- بالا ئىككىمىز ناھايىتى جىددىيلەشتۇق، شۇنچە كۆپ داڭلىق سەنئەتچىلىرى بار ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى ئاممىنى جەلپ قىلالمايۋاتسا، يالغۇز بىر كىشىلىك ئۇسسۇل بىلەن جەلپ قىلغىلى بولارمۇ؟ بىز مەزمۇن جەھەتتىمۇ، شەكىل جەھەتتىمۇ يېڭىلاشقا تىرىشتۇق. ئەلۋەتتە، يېڭىدىن ئىجاد قىلدۇق دەپ ئېيتالمايمىز. مەن سەنئەت كېچىلىكىنىڭ سەنئەت يېتەكچىلىكىنى ئۈستۈمگە ئالدىم ، قىزىمغا ياردەمچى رولغىمۇ چىقىپ بەردىم، قىزىم سەككىز نومۇر ئۇسسۇل ئوينىدى، مودا ناخشىلارنىمۇ چېتىپ ئوقۇدى. ئاخىرى قانداق بولدى دېمەمسىز؟ كۈتۈلمىگەندە نەتىجە كېلىپ چىقتى؛ كۇلۇب تاماشىچىلار بىلەن لىق تولدى، بىر يۈەنلىك بېلەت بىرىنچى كۈنىلا قاراڭغۇ بازاردا 7.50 يۈەن، ئىككىنچى كۈنىمۇ 3.50 يۈەن بوپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ئويۇن قويۇلۇۋاتقاندا ئۇشتۇمتۇتلا توك توختاپ قالدى، سەھنىنىمۇ، پۈتۈن كۇلۇبنىمۇ قاراڭغۇچىلىق قاپلىدى. لېكىن تاماشىچىلار تىپتىنچ ئولتۇردى، ئىلگىرىكىدەك ئىسقىرىتىدىغان، ۋارقىرايدىغان ئەھۋاللار بولمىدى. بىز سەھنىدە تۇرۇپ تەسىرلەنگەنلىكىمىزدىن يىغلىۋەتتۇق.سەنئەت كېچىلىكىدە بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇدىغان بىر ھادىسە پەيدا بولدى؛ مودا ناخشىلارنىڭ ئاخىرىدا «شىنتيەنيۈ» دېگەن ناخشا ئوقۇلدى، ئۇ خەنزۇلارنىڭ كونا خەلق قوشىقى ئىدى، خەنزۇ ياشلىرى تولا ئاڭلاپ زېرىككەنىدى. كېيىن ئىسلاھات قىلىنغاندىن كېيىن يەنە شۇ «شىنتيەنيۈ» بولسىمۇ، لېكىن يېڭى پەدە بىلەن يېڭى ھېسسىيات ئىپادىلەنگەچكە خەنزۇلارغا ياقىدىغان بوپتىكەن، ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئۇنى ناھايىتى ياقتۇردى. قىزىم شۇ ناخشىنى ئوقۇغاندا پۈتۈن كۇلۇب دەۋرەپ كەتتى. ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن چاۋاك ئۈزۈنغىچە توختىمىدى. مۇشۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا، مەيلى ناخشا بولدۇن، مەيلى ئۇسسۇلدا بولسۇن، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش زۆرۈر ئىكەن، ناخشا- ئۇسسۇلنىڭ ئىستىقبالى ئاممىنىڭ يېڭى ھېس- تۇيغۇلىرىنى يېڭىلىق يارىتىش روھىمىز بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش- بېرەلمەسلىكىمىزگە باغلىق ئىكەن.شۇ سەنئەت كېچىلىكىگە قەمبەرخانىممۇ كالدى. ئۇ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا بالنىتسىدا يېتىپ، ئەمدىلا چىققانىكەن، ئويۇن تاماملانغاندا سەھنىگە چىقىپ، قىزىمنى قۇچاقلاپ، ھاياجان ئىچىدە كۆزلىرىگە ياش ئالدى، بىز ئانا- بالا ئىككىمىزمۇ ھاياجان بىلەن يىغلىۋەتتۇق. قەمبەرخانىم: «ئوبدان يېڭىلىق يارىتىڭلار، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈڭلار!» دېدى.ئېلاۋە: ھالقىسىمان يولنى تاشلاپ ئالغا ئۈندەش دېگەن ئەنە شۇ.لېنتا – 4:پروفېسسورنىڭ ئېلاۋىسى: بۇ مەھەممەت باغراش، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان باش كۆتۈرۈۋاتقان ياش يازغۇچى، ئۇنىڭ تۇرمۇش، سەنئەت جەھەتتىكى نەزەر دائىرىسى خېلى كەڭ. بۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى مۇنداق: 1952- يىلى تۇغۇلغان، قارا شەھەرلىك، مۇسۇلمان… سەككىز يىللىق ئارتىسلىق، ئالتە يىل شوپۇرلۇق قىلغان، تىبەتكە ماشىنا ھەيدەپ بارغان… مەمىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق گېزىت- ژۇرناللاردا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 40 پارچىگە يېقىن ھېكايە، پوۋېست، نەسىر ۋە ئەدەبىي خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنغان… ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.‏‏‏- مەن يېزىشقا يېڭى كىرىشكەندە، ئۆز مىللىتىمىز ئىچىدىكى ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلارنىلا تەسۋىرلەپ يازاتتىم، يازغانلىرىم ئاسانلا مەتبۇئاتقا چىقاتتى. ئۆزۈممۇ ناھايىتى كېرىلىپ يۈرەتتىم، كېيىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە بارغان چاغلىرىمدا بەزى خەنزۇ يازغۇچىلار بىلەن تونۇشتۇم، ئۇلارنىڭ ئېستېتىكا جەھەتتىكى ئارزۇلىرىنى ئۆزۈمنىڭكىگە سېلىشتۇرۇپ باقتىم. بىزنىڭ ئىنسانىي ھاياتقا ۋە جەمئىيەتكە بولغان نەزەرىمىز تېخىچە يۈزەكى قاتلامدىلا توختاپ قېلىقلىق بولۇپ، ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ، ئادەملەرنىڭ روھىنى ئانالىز قىلالمايۋاتىمىز. يازغۇچى بەدىئىي ئوبرازنى ئۇپا- ئەڭلىك سۈرتۈپ پەردازلاش يولى بىلەن ئەمەس، تۇرمۇشتىن چەككىلەپ ئالغان جەۋھەر بىلەن يارىتىدۇ. «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تەرغىپ قىلغان ئالدامچىلىق ئەدەبىياتى ئادەمنى سەگەكلەشتۈرۈدىغان دورا ئەمەس، بەلكى مەست- بىھۇش قىلىدىغان دورا. مەن ئۆز مىلىتىمگە قىلىمىم بىلەن بىھۇشلۇق دورىسىنى بەرمەيمەن.مېنىڭ چۈشەنچەم گېزىت مۇخبىرى سەۋىيىسىدىن يازغۇچى سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈلگندە، ئۆزۈمگە، باشقىلارغا، مىللىتىمگە نىسبەتەن يېڭى قاراش پەيدا بولدى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئېسىل، چىرايلىق نەسىلىرىمىز بار ئىكەن، قالاق نەرسىلىرىمىزمۇ بار ئىكەن، ئەگەر ئۇلارغا توغرا قارىمىساق، قالاق نەرسىلىرىمىز يۈك بولۇپ، ئالغا چامداش قەدىمىمىزگە پۇتلىكاشاڭ بولىدىكەن. خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ بىھۇش دورىسى بېرىدىغانلار بار ئىكەندۇق، لېكىن ئۇلار بارغانسېرى ئازىيىۋېتىپتۇ. تولىسى خەنزۇ مىللىتىنىڭ مەنىۋى ئىللەتلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلالايدىغان. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇسىڭىز خۇددى يازغۇچىنىڭ قولىدا ئوپېراتسىيە قايچىلىرى شىرىلداپ كېسىۋاتقان بىر ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك بولىسىز، بەدىنىڭىزگە تىترەك ئولىشىدۇ، تېنىڭىز جۇغۇلدايدۇ، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەتتا سوغۇق تەرگە چۆمۈلىسىز، بىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىمىزدە ئۇنداق ئەسەرلەر ناھايىتى ئاز. ھەر قانداق مىللەت مۇنداق ئىككى خىل شارائىتتا ئۆز پۇتىنى ئۆزى چۈشەپ قويىدۇ؛ بىرى، ياخشى- ياماننى، چىرايلىق- سەتنى ئايرىماي، ئۆزىنىڭ مىللىي نەرسىسىلا بولسا چىرايلىق دەپ بېزەش بىلەنلا بولسا، باشقىلارنىڭ ئازغىنە پىكرىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتەرمىزمىكىن دەپ ئەندىشە قىلىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئوبدان نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلمىسا؛ يەنە بىرى، ئۆز مىللىتىنىڭ بىر نېمىلىرىنى زادىلا ئېتىراپ قىلماي، ھەممىدە باشقىلارنى دورىسا. بىز ئۇيغۇرلاردا بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھەر ئىككىسى بار، بولۇپمۇ ئالدىنقىسى تولىمۇ گەۋدىلىك. مەن بۇ پاكىتلارغا كۆز يۇمۇدىغان بولسام، يۇقىرى ئابرويلۇق پېشقەدەم يازغۇچىلار، پېشقەدەم شائىرلار ئاممىنىڭ چىشىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلالمىغان يەردە، مەندەك ئاق سويمىلارغا كىم قويۇپتۇ، ھەر مۇقامدا يورغىلاپ يۈرسەم، ئۆزۈمنى ئۆزۈم جاپاغا قالدۇرماسمەنمۇ، دەپ ئويلىنىپ ئولتۇرسام، يازغۇچىغا خاس ۋىجدانىمنى يوقاتقان بولىمەن، بىر خەنزۇ يازغۇچى ماڭا: مەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ مىللەتنىڭ توپچىلار قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلىنىشىنى خالىمايمەن، دەپ ياخشى ئېيتقان. مەن ئۆز مىللىتىمگە نىسبەتەن شۇنداق پوزىتسىيىدە بولىمەن. شۇنداق! ئۆز يولۇمدا ماڭىمەن، قولۇمغا قەلەمنى ئېلىپ قالاق نەرسىلەر بىلەن تۇتۇشىمەن. مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات زېمىنىغا يېڭى قان يەتكۈزۈپ بېرىمەن.ئىجتىمائىي ئادەت كۈچى كۈچلۈك بولىدىكەن. مەن ئەنە شۇنداق نىشانغا قاراپ يول ئالغىنىمدا، ئالدى بىلەن بەزى ياشانغانراق ئادەملەر تاپا- تەنە قىلدى، مېنى تەنقىدلىدى، ئەيىبلىدى، مېنىڭ «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» سەرلەۋھىلىك پوۋېستىم «جۇڭگو غەربىي دىيار ئەدەبىياتى» ناملىق خەنزۇچە ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ سەت يەرلىرىنى خەنزۇلارغا كۆرگەزمە قىلىپ بېرىپتۇ، دېگەنلەرمۇ بولدى. قاراڭ، بۇ گەپنىڭ چوڭلۇقىنى! ئادەم ئىجتىمائىيلىققا ئىگە مەخلۇق، ئادەملەر دېڭىزىدا تۇرۇقلۇقمۇ يىتىم قېلىش تولىمۇ ئازابلىق ئىكەن.ئېلاۋە: دۈشمەننىڭ قىلىچ، مىلتىقىدىن بولغان جاراھەت شەرەپلىك بولىدۇ، قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ تۇرسىمۇ، كۆكرەكنى كېرىپ، چىداشلىق بىلەن تۇرغىلى بولىدۇ. ئۆز ئادەملىرىنىڭ سوغۇق، پەس نەزەر بىلەن، مەسخىرە بىلەن قىلغان ئاستا خاراكتېرلىك ئازارلىرى يۈرىكىڭنى چاناپ، تىلىۋاتقاندەك ئازابلايدىكەن!‏- ئىچىم پۇشتى، تېڭىرقىدىم، گاڭگىرىدىم، ۋەزىيەت ئۆزۈم كېتىۋاتقان يول توغرىسىدا يېڭىباشتىن ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. خەنزۇ يازغۇچىلار خەنزۇلارنىڭ مەنىۋى ئەخلەتلىرىنى سۈپۈرۈپ چىقارغانىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ كىمگە كۆرگەزمە قىلىپ بەرگىنى؟ كۆرگەزمە قىلىپ كىشىلەرنى ئويغاتسا، بۇنىڭ نېمە يامىنى بار؟ تېزىنى باسسا مېزى چىقىدۇ. مەن قەلىمىمنى تارلىق پسىخىكىسىغا سانجىغان ئىكەنمەن، مىللىي تارلىق پسىخىكىسى قول ياندۇرمىسا، ئۆتكىدەك سانچىمىغانلىقىم بولىدۇ. ئۆتكۈدەك سانجىلسا قول ياندۇرۇشى مۇقەررەر. لۇشۈننىمۇ خەنزۇلارنىڭ كونىلىق تەرەپدارلىرى «خائىن» دەپ تىللىمىغانمۇ؟! مىللىتىم ئالدىدا جاۋابكار بولۇش ئۈچۈن ئۆز يولۇمدا قەتئىي مېڭىشىم كېرەك، دەپ ئۆز- ئۆزۈمنى رىغبەتلەندۈردۈم. يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇكېرىم خوجىدىن مىننەتدارمەن. ئۇ ئۆزىنىڭ پېشقەدەملىكى بىلەن مېنى تولۇق چۈشەنگەن تەلەپپۇزدا ماڭا غەيرەت بەرگەن، مېنى قوللىغانىدى. ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، نېمىشقا ياخشى ئادەملەر بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدىغاندۇ، دەپ ئىنتايىن بىئارام بولدۇم. شىنجاڭ داشۆدىكى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندىنمۇ مىننەتدارمەن، ئۇ ماڭا نەزەرىيە جەھەتتىن يول كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىرادەم تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.ئېلاۋە: ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىمۇ بېكىك ئەدەبىيات ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە جۇڭگو شاھزادىلىرى، يۇنانلارنىڭ سۇلتانى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، ئەرمەنلەرنىڭ شېرىنى، ئەرەبلەرنىڭ ھارۇن رەشىدى، ئىران باتۇرى رۇستەم تەسۋىرلەنگەن. كلاسسىك ئەدەبىيات ئېچىۋېتىش يولىدا ماڭغان ئىكەنۇ، ئەجەبا ئەمدىلىكتە بىز ئۆزىمىزنى بېكىك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەكمىكەن؟‏- تارىخ ھامان ئالغا باسىدۇ، مىللەتمۇ ھامان ئالغا چامدايدۇ. يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ۋازىيەتتە ناھايىتى زور ئۆزگۈرۈش تۇغۇلماقتا، يۈزەكى ھادىسىلەرگە مەدھىيە ئوقۇيدىغان ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا كىتابخان چىقمايدىغان بولۇپ قالدى، كىتابخانلار ئۆز مىللىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كۆپ تەرەپتىن چۈشىنىشنى ئارزۇ قىلماقتا، ئۇلار قالاق نەرسىلەردىن قورقمايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ قالاق نەرسىلەرنى پاك- پاكىز يوقىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بىر مۇنچە ياشلار شىنجاڭ ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مېنى: باغراش، ئۆز يولۇڭ بويىچە مېڭىۋەر، دەپ رىغبەتلەندۈرمەكتە.ئېلاۋە: تارىخ مۇنداق بىر قانۇنىيەتنى، يەن قېرىلار ياشلارنى ئەمەس، ياشلار قېرىلارنى تەربىيىلەيدىان بىر قانۇنىيەتنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. قېرىلارنىڭ ئاغزىدىن ئۆتمۈش تارىخنىلا ئاڭلاش مۇمكىن، ياشلارنىڭ ئاغزىغا قارىساڭ، ئەتىكى تارىخقا نەزەر سالالايسەن.‏- يېقىندىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت سەنئەتچىلىرى ساھەسىدە ياخشى ۋەزىيەت پەيدا بولماقتا. سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بېكىك ھالەتتىن ئېچىۋېتىش تەرىپىگە قاراپ يول ئالماقتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گورۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى ئەنە شۇنداق ئەدەبىياتتىكى ئېچىۋېتىش تەرەپدارلىرىنىڭ بىرى، ئۇ بىزدەك ياش، ئوتتۇرا ياش يازغۇچىلارنى قوللىماقتا، ھەقنى، ياخشىلىقنى، گۈزەللىكنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىپادىلەش؛ ساختىلىق، يامانلىق ۋە قەبىھلىكنى رەھىمسىز دۇمبالاش‏- بۇ مېنىڭ تىرىشىش نىشانەم.ئېلاۋە: ئۇ بېكىك چەمبەردىن چىقىپ، ئالغا بېسىشقا ئۈندىمەكتە.پروفېسسور ئۈنئالغۇنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ: «يەنە ئون نەچچە كىشىنىڭ سۆزى بار ئىدى، بولدى قىلاي،‏- دېدى. ‏- ئۇلارنىڭ كەسپى، جەمئىيەتتىكى ئورنى ئوخشاش ئەمەس، مەلۇماتىمۇ ئوخشاش ئەمەس،‏- دېدى پروفېسسور سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،‏- لېكىن ئوخشىشىدىغان ئورتاق ساداسى بار: دائىم چەمبەرسىمان ئىزدا ئايلىنىپ، قېيىپ يۈرۈش يارىمايدۇ، كونا كۆز قاراش، كونا چۈشەنچىلەرنى بۆسۈپ چىقىپ، راۋاج تېپىش، يېڭىلىق يارىتىش كېرەك!»پروفېسسور دېرىزىدىن يىراققا قارىغىنىچە خىيالغا چۆمدى. باھار كەلكۈنى ئۇنىڭ قەلبىدە دولقۇنلاپ ھېسلىرىنى قوزغىماقتا، ھاياجانلاندۇرماقتا ئىدى. ئۇ بىردىنلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، خۇددى يۈز مىڭ ئادەم ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندەك ياڭراق تەلەپپۇز بىلەن سۆزلىدى:‏-ئېچىۋېتىش، تاۋار ئىگىلىكى، بۇ ئىككى نەرسە شىنجاڭنىڭ بېكىك مۇھىتىنى بۆسۈپ تاشلىدى، شىنجاڭلىقلارنىڭ بېكىك روھىي ھالىتىنى تىترىتىپ، ئۇلارنى ئويلاندۇرۇشقا باشلىدى، ئەرەبىستانغا ھەج قىلغىلى، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە سودىگەرچىلىككە بارغانلار قايتقاندا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىنى ئېلىپ كەلمەكتە؛ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى يوقلاپ بارغانلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېلىپ كەلمەكتە؛ ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ چوڭ- چوڭ شەھەرلىرىدىن كەلگەنلەرمۇ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يېڭى- يېڭى ئۇچۇرلار ئېلىپ كەلمەكتە. جۇڭگو ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا ئۆزگەرمەكتە، ۋەزىيەت بىزنى مەجبۇرلىماقتا. ئۆزگىرىش ياسىماي مۇمكىن ئەمەس. ئۆزگىرىش ياساش ئۈچۈن ئويلىنىش كېرەك، ئويلىنىشنىڭ ئۆزى ئالغا قەدەم تاشلاش دېمەكتۇر….سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ قەدىمى تېزلەشمەكتە. قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزى ماھىيەتتە ئادەمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئادەمنى يېڭى بالداققا ئۆرلىتىش ھېسابلىنىدۇ. تارىخ، بۇ مالائىكە ئۇلۇغ ئىجادكاردۇر، ھەيكەلتىراشتۇر، ئۇ مەدەنىيەتنىڭ يېڭى پەللىسىدە مىللىتىمىزنىڭ يېڭى ئەۋلادىنى ياراتماقتا. ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ ئەيىب- مېيىپ تەرەپلىرىگە توغرا قاراپ، كېسىلىنى يوشۇرماي داۋالىسا، ئاندىن جانلىق، جۇشقۇن بولالايدۇ، ئالغا ئىنتىلىدىغان غەيرەتكە كېلەلەيدۇ. بۇ مىللەتنىڭ تەرققىيپەرۋەر ئوغلانلىرى ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ ئېلىپبەسىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان، كۆپ يولدىن، كۆپ تەرەپتىن، كۆپ قاتلامدىن كەلگەن چۆكتۈرمىلەرنىڭ جۈغلىنىشىدىن ھاسىل بولغان مەدەنىيەت. ئۇنىڭدا گۈزەل، رەڭدار تەركىبلەر بار، بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى. ئۇ بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچى بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى، لېكىن ئۇنىڭغا ئارىلىشىپ قالغان شەرقنىڭ «ئا Q » چىلىق پەلسەپىلىرىنى، دىنىي خۇراپاتلىقلارنى، غەربنىڭ قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىكىنى كۆرمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلالمىدۇق، كونىلىققا چاپلىشىۋالدۇق، ئارقىدا قالدۇق. ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش، بىز ئۇيغۇر خەلقىغە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شەرق بىلەن غەربنى ئالاقىلاشتۇرغان، ئەمما ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان بېكىلىپ قالغان يېپەك يولىنىڭ قايتا جانلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەمدى ئەگرى- توقاي، ئېگىز- پەس يوللاردا ئات ۋە تۆگە بىلەن ماڭمايمىز، بەلكى ئېلېكترون قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن پەرۋاز قىلىپ ئۇچىمىز. بىزنىڭ تەرەققىيپەرۋەر باشلامچىلىرىمىز دىققەت- نەزەرىنى ئۆزىمىزدىكى مەنىۋى كېسەللەرگە تىكىپ، كىشىلەرنى شۇ كېسەللەرنى ئايىماستىن يىلتىزى بىلەن چىقىرىپ تاشلاپ، ساغلام روھىي ھالەت بىلەن چاققان ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە. بۇرۇن يوقىتىپ قويغان ئېچىۋېتىش ئەنئەنىمىز يەنە جارى بولىدۇ. ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدىكى ئېچىۋېتىش بولغۇسى!… ئادەم قىيىنچىلىق ئىچىدە دۇنياغا كېلىدۇ، قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆسۈدۇ. خۇدا ئادەمنى ياراتقان، لېكىن ئۇنىڭ بەخىنى ياراتقان ئەمەس، ئادەم بەختىنى قىيىنچىلىق ئىچىدە جاپا چېكىپ تاپىدۇ. سىز ماڭا: «بۇنىڭ سىرى نېمە؟ ئۇنىڭ سىرى قەيەردە؟» دەپ بىر تالاي سوئال قويدىڭىز، ئۆتمۈشتىكى سىر بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەندىن كېيىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئىجادىيەتلىرىدۇر. ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش، رىقابەتلىشىش‏- بۇ ئۈچ نەرسىنىڭ ئەھمىيىتى بىز ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن «قۇتادغۇ بىلىك» تىكى ئادالەت، بەخت ۋە بىلىمدىنمۇ مۇھىم. ئۇلار بىزگە يېڭى سىر (ھېكمەت) يارىتىشنىڭ ناھايىتى ياخشى مۇھىتىنى ھازىرلاپ بەرمەكتە. قىيىنچىلىق يوق ئەمەس، جاپاغا چىدايدىغان، تىرىشىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان روھىمىز بولسىلا، جۇڭگودا‏- مىللەتلەرنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىسىدە چوقۇم زامانىۋى ئاڭ- سەۋىيىگە ئىگە ئۇيغۇر مىللىتى مەيدانغا كېلىدۇ. پروفېسسورنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تېخىچە ئېيتمىدىم. بۇ، مېنىڭ سەۋەنلىككە يول قويغانلىقىم ئەمەس، بەلكى ئاتايىتەن قىلغان ئورۇنلاشتۇرۇشۇم. ئۇ ئوتتۇرىغا ئازراق چىقسۇن، ماقالامنىڭ ئاخىرىغىراق مۆكۈنۈپ تۇرسۇن، دېدىم. چۈنكى كىشىلەر ئۇنى تولا چاغلاردا خاتا چۈشىنىپ قالىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن دەردى ئېغىر ئىكەن. ئۇنىڭغا دەرد ئۇستىگە دەرد كەلتۈرۈپ قويۇشقا يۈرىكىم چىدىمىدى.

مانا ئەمدى قىسقىچە تونۇشتۇراي؛

ئىسىم- فامىلىسى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن.مىللىتى: ئۇيغۇر.

خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ داشۆ تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتى.ئۈنۋانى: پروفېسسور.

(«جۇڭگو غەربىي دىيار ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1988- يىللىق 8- سانىدىن)

توختى باقى تەرجىمىسى.«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 11- سانىدىن ئېلىندى

ئەلتۈرك،