ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك قىزى نۇزۇگۇم

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى نازۇگۇم 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق خەلق قەھرىمانى ۋە شائىرەدۇر. ئۇ قەشقەردە تۇغۇلۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا ئەقىللىق، زىرەك، ئىرادىلىك قىز بولۇپ ئۆسىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە ئۇقۇمۇشلۇق ھەم بىلىملىك بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى، ئەخلاقىي پەزىلىتى ۋە ئەتراپلىق بىلىمى ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا «نازۇگۇم» دېگەن مۇھەببەتلىك نام بىلەن ئاتىلىدۇ. شائىر موللا بىلال موللا يۈسۈپ ئوغلى (نازىم) نازۇگۇم ھەققىدە : «… بۇ نازۇگۇم قىز موللا ئايال ئىدى، ئۆزى ئىلباغدەك ئۆڭلۈك، قارا كۆز، قارا قاش، نازۇك بەدەنلىك بولغان ئۈچۈن، قەشقەر خەلقى ‘نازۇگۇم’ دەپ ئات قويغان ئىدى.» («نازۇگۇم قىسسىسى» دىن) دەپ يېزىشىمۇ بىكار ئەمەس ئىدى.

-1826يىلى خەلقىمىزنىڭ چىڭ خاندانلىقى ئىستىبداتىغا قارشى قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، ئەجداتلارنىڭ قەھرىمانلىق پەزىلىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن نازۇگۇم بىر تەرەپتىن قولىغا قورال ئېلىپ دۈشمەنلەر بىلەن تىغمۇ-تىغ قەڭ قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار ناخشا-قوشاقلىرى ئارقىلىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدۇ. نازۇگۇمنىڭ بۇ قېتىم قوزغىلاڭغا مەردانىلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ئەرلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، جەڭ قىلىشى ھەرگىزمۇ تەسەددىپى ئەمەس ئىدى، چۈنكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مىسلىسىز زۇلۇمى، قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن جاق تويغان خەلق: «يە ئۆلۈم، يە كۆرۈم!» دەپ كۈرەشكە ئاتلانغاندا، خەلق بىلەن بىرگە ئازابلىق تەقدىرگە دۇچار بولغان شائىرەمىزمۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك يولىنى ئەنە شۇ خەلق سېپىدە كۆرگەن ئىدى.

قۇرال كۈچى نىسبەتەن ئۈستۈن ئورۇندا بولغان چىڭ قوشۇنى بۇ قېتىمقى خەلق قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك ھالدا باستۇرغاندا، نازۇگۇم ئەسىرگە چۈشۈپ، ئونمىڭلىغان گۇناسىز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇ سۈرگۈن جەريانىدا باشقا تۇتقۇنلارغا ئوخشاش چېرىكلەرنىڭ قان تېمىپ تۇرغا قىلىچى ئاستىدا مىسلىسىز جەبر-زۇلۇم، ئادەم بالىسى كۆرمىگەن خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئاخىرى ئۆزى بىلەن بىرگە تۇتقۇن قىلىنغان ئاكىسى ئابدۇللا خوجا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، يۇلتۇزدىن غۇلجا تەرەپكە قاچىدۇ. نازۇگۇم قاچقاندىن كېيىن، بىرنەچچە كۈن قۇمۇشلۇقلاردا، ئورمانلاردا يوشۇرۇنۇپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن سۆيۈملۈك دىيارىنى، مىھرىبان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بەكمۇ سېغىنىدۇ. نازۇگۇم قېچىپ 12 كۈن بولغاندا يەنە چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن بىر سولۇن (داغۇر مىللىتىنىڭ شۇ چاغدىكى ئاتىلىشى – نازىمى) ئەمەلدارغا مەجبۇرى خوتۇنلۇققا بېرىلىدۇ. ئۆزىنىڭ مىللىي غورۇرى، پاك ۋىجدانى، ئىپپەت-نومۇسىنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن نازۇگۇم سولۇن ئەمەلدارىنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ قېچىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال چىڭ ئەمەلدارلىرىنى ساراسىمىگە سالىدۇ. نازۇگۇم شۇ قاچقانچە 6 ئاي ۋاقىت جاڭگاللاردا مۆكۈپ يۈرۈپ ھايات كەچۈرىدۇ.جاڭگاللارنى كېچە-كۈندۈزلەپ ئاختۇرۇپ ئاخىرى نازۇگۇمنى تۇتىۋالىدۇ. ۋە پۇت-قوللىرىنى كىشەنلەپ زىندانغا تاشلايدۇ. نازۇگۇم تۈرمىدىمۇ قەھرىمان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ باتۇرلۇق جاسارىتىنى ئىپادىلەپ، دۈشمەننىڭ تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلىرى ۋە ئۆلۈم خەۋپى ئالدىدا قىلچىمۇ تىز پۈكمەيدۇ. يەنىلا ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق قوشاقلىرى ئارقىلىق زالىملارنىڭ ۋەھشىلىكىنى غەزەپ بەلەن ئەيىپلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يىرگىنىچلىك ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. جاللاتلار قولىدىن قۇتۇلۇشقا، ئەركىنلىككە تەلپۈنىدۇ. بىراق شائىرەنىڭ بۇ ئارزۇسى ئارزۇ پېتىچە قالدى. دۈشمەن قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش نىسىپ بولمىدى. نازۇگۇم تۈرمىگە تاشلىنىپ بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، جاللاتلار تەرىپىدىن چېپىپ تاشلىنىدۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇ ئەرك سۆيەر جەڭچى، شائىرە ئەجداتلىرىمىزنىڭ دۈشمەننىڭ كىشەن-زەنجىرىلىرى، تۈرمە-زىندانلىرى ۋە قاتىللىق تىغلىرى ئالدىدىمۇ باش ئەگمەيدىغان شانلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، باتۇرلارچە ۋاپات بولىدۇ. مەردانە ۋە جەڭگىۋار ھاياتى ئارقىلىق خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك شائىرە نازۇگۇمنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قوشاقلىرى ئۇنىڭ كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن ياشلىق ئۆمرىنىڭ گۈزەل نەزمىي خاتىرىلىرىدۇر!