ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەدەنىيىتى

ئەنۋەر بايتۇر

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى،بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانلىقنىڭ ھۆكۈمران تائىپىسى بولغان ئۇيغۇرلا مىلادىدىن بۇرۇنقى3-ئەسىردە كۈچەيگەن ھونلار ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ھەم كېيىنكى بارلىق تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىگە ۋارسلىق قىلىپلا قالماي بەلكى،ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرغان بىر خانلىق ۋە تائىپە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئەگەر تارىختا پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان بىر مۇنچە تۈركىي قەبىلىلەر كېيىنكى چاغلاردا زامان داۋالغۇشلىرى تۈپەيلىدىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ،بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئىزسىز يوقالغان بولسا،دەل ئۇلارنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر خانلىقىنى تىكلىگەن ئۇيغۇرلار زاماننىڭ ھەرخىل داۋالغۇشلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ،تېخىمۇ كۈچىيىپ تارىختا ئۆتكەن تۈركىي قەبىلىلەربىڭ بارلىق ئىجابىي ئامىللىرىنى قۇبۇل قىلىپ،ئۆزىگە خاس بىر ئالاھىدە يول بىلەن ساقلىنىپ قالغان ھەم راۋاجلانغان بىر تائىپە ھېسابلىنىدۇ.

ئالدى بىلەن ئۇلار ئۆزىنىڭ مەھەللىي تىلى ئاساسىدا،ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن تۈركلەرنىڭ تىلى ۋە يېزىقىغا ۋارسلىق قىلىپ،ئۇنى ئاساسي ئالاقە قورالى سۈپىتىدە ئىشلەتتى.بۇ چاغدا ئۇيغۇرلانىڭ ئاساسىي يېزىقى يەنىلا قەدىمكى ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى يەنى،قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىىن ئىبارەت ئىدى.ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقتا بەزى مۇھىم مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قالدۇرغان.ئەپسۇسكى بۇلارنىڭ ئىچىدە زامانىمىزغا يېتىپ كېلىپ،مەلۇم بولغىنى پەقەت مىلادى759-يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جومھۇرىيىتى سېلىنگىر دەرياسى ۋادىسىدىكى شىنە-ئۇسۇ دېگەن جايغا ئورنىتىلغان”مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى”(تەڭرىدە بولمىش ئېل ئېتمىش بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى)ۋە ئورخۇن دەريا ۋادىسىدىكى ئوردۇ بالىق شەھىرىگە ئورنىتىلغان”توققۇز ئۇيغۇر(ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالپ بىلگە قاغان)مەڭگۈ تېشى”قاتارلىق يادىكارلىقلاردىن ئىبارەت.بۇ يادىكارلىقلار خۇددى كېيىنكى تۈرك خاقانلىقىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى بولغان”چۇرىن مەڭگۈ تېشى”،”تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى”،”كۈلتېكىن مەڭگۈ تېشى”،”بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى”قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا،قەدىمكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ(جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ) تارىخى،تىلى،ئېتنوگىرافىيىسى،سىياسىي،ئىقتىسادىي،ھەربىي ئىشلىرى،دىنىي ئېتىقادى،ئۆرىپ-ئادەتلىرى ۋە جۇغرافىيىلىك ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا ناھايتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ چاغدا ئۇيغۇرلار ئاساسەن يەنە بۇرۇنقىدەكلا شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى.ئۇلارنىڭ بۇچاغدىكى شامان دىنىي ئېتىقادى بويىچە،ئالەم ئاساسەن ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ،ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسىمى كۆك تەڭرىسى،كۈن تەڭرىسى،ئاي تەڭرىسى قاتارلىق تەڭرىلەر ياشايدىغان ئورۇن ئىدى.ئالەمنىڭ بۇ قىسىمى يەنە توققۇز قەۋەتتىن تەركىب تاپقانكەن.ئالەمنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى بولسا ئىنسانلار ۋە توققۇز قەۋەت ئاسماندىكى تەڭرىلەرنىڭ سىمىۋولى ياشايدىغان ئورۇنلار ئىكەن.ئالەمنىڭ بۇ قىسىمىدىكى ئورمان،ئوت،سۇ.تاغ قاتارلىقلار بولسا،دەل ئەنە شۇ ئاسماندىكى كۆك تەڭرىسىنىڭ يەر يۈزىدىكى سىمىۋولى ئىكەن.ئەمدى،ئالەمنىڭ ئەڭ تۆۋەن قىسىمىمۇ توققۇز قەۋەتتىن تۈزۈلگەن بولۇپ،بۇ جىن ۋە ئالۋاستىلار،شۇنداقلا ئەجداد ئەرۋاھلارنىڭ تۇرىدىغان ئورنى ئىكەن.توققۇز قەۋەت ئاسماندىكى كۆك تەڭرىلىرى بولسا ئىنسانغا بەخىت كەلتۈرگۈچى،جىن-ئالۋاستىلار بولسا،ئىنسانغا ئاپەت تۇغدۇرغۇچى ئەرۋاھلار ئىكەن.

شامان دىنىنىڭ ئېتىقادى بويىچە قاغانلار كۈن،ئاي تەڭرىلىرىنىڭ يەر يۈزىگە چۈشۈرگەن ئەلچىسى ياكى ئوغلى بولۇپ،تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.شۇنداقلا ئۇيغۇر قاغانلىرى ھامان”ئاي تەڭرىدە بولمىش”دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان،شامان دىنىنىڭ ئەۋلىياھلىرى”كەم”ياكى”قام”دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ.”كەم”ياكى”قام”لار تەڭرىنىڭ ۋاستىچىسى بولۇپ،ھامان ئىنسانلارغا تەڭرىدىن بەخىت تىلەش ۋە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.شۇڭلاشقا شامان دىنى يەنە”قامان”دىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مىلادى8-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا،ئۇيغۇرلار ئىچىگە يەنە مانى دىنى تارقىلىشقا باشلىدى.مانى دىنى مىلادى 3- ئەسىردە بابىل ئېمپىرىيىسىدىكى ئاركاست ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن مانى(مىلادى216-276-يىللار)دېگەن كىشى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان.بۇ دىن ئەڭ دەسەپتە قەدىمكى ئىران زېمىنىدا خېلى كېڭەيگەن.ئىران ساسانىلار سۇلالىسىدىن شاھ شاپۇرⅠدەۋرىدە (مىلادى241-271- يىللار) مانى دىنى ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلەنگەن.مانى ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي،بۇ دىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا تارقالغان.مىلادى5-6-ئەسىرلەردە ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىغا تارقىلىشقا باشلىغان.مىلادى694-يىلى ئىراننىڭ مەشھۇر مانى خاقانى پادىيان دېگەن ئادەم تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەن شەھىرىگە كەلگەن.خاقانىچە ۋۇزېتىيەن ئۇنىڭغا ناھايتى ئېتىبار بەردى.شۇنىڭدىن باشلاپ مانى دىنى تاڭ سۇلالىسىغا تارقىلىشقا باشلىدى.مىلادى762-يىلى ئېلتىكىن بۇقا قاغان ئۆڭلۈك،سۆيگۈن توپىلىڭىنى باستۇرۇپ،لوياڭ شەھىرىگە كەلگەندە،ئۇ مانى خاقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تۆت نەپەر ماناخنى ئۇيغۇر خانلىقىغا ئېلىپ قايىتتى ۋە مەخپىي تۈردە مانى دىنىغا كىردى.بۇ ھال ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا،ئېلتىكىن بۇقا قاغان كېڭەش چاقىرىپ،ئىككى كېچە-كۈندۈز مۇنازىرە ئويۇشتۇرۇپ،ئاخىرى مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتتى.① ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ،مانى دىنى ئۇيغۇرلار ئىچىگە تارقىلىشقا باشلىدى.ھەتتا ئۇيغۇر خانلىقى مانى دىنىنىڭ ئوتتۇرا جوڭگو رايونىدا كەڭ تارقىلىشىغا چوڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا،مىلادى768-يىلىدىن باشلاپ،ناھايتى نۇرغۇن مانى خاقانلىرى چاڭئەن،لوياڭ ھەتتا چاڭجىياڭ دەرياسى ۋادىلىرىغا كېلىپ،مانى دىنىنى تاڭ سۇلالىسىغا تېخىمۇ كەڭ تارقاتقان.بۇ جايلاردا دايۈنگۋاڭمىڭسى قاتارلىق ئورۇنلارنى قۇردى.

مانى دىنى قاراشلىرى بويىچە،ئالەمنىڭ ئىگىسى يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق تەڭرىلىرى بولۇپ،يورۇقلۇق تەڭرىسى ئاسماندا تۇرىدىغان ۋە كىشىلەرگە بەخت كەلتۈرگۈچى تەڭرىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.قاراڭغۇلۇق تەڭلىرىلىرى بولسا كىشىلەرگە ئاپەت تۇغدۇرغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئۇيغۇرلار مانى دىنىنىڭ بۇ تۈپكى ئەقىدىلىرىنى ھامان ئەنئەنىۋى شامان دىنىنىڭ دىنى ئەقىدىلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ قۇبۇل قىلغان.مەسىلەن:قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان”خۇئانىفت(توۋا دۇئاسى)”قا ئاساسلانغاندا،شامان دىنىدىكى كۈن،ئا ۋە باشقا تەڭرىلەر بولسا يورۇقلۇق تەڭرىسى،جىن-ئالۋاستىلار(يەك-يايلاقلار)بولسا قاراڭغۇلۇق تەڭرىلىرى دەپ قارالغان.شۇڭا بۇ دىن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ناھايتى تېز تارقىلىپ،خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتىش بىلەن بىللە،يەنە كەينىگە قايتىپ،ئۆزىنىڭ تارقىلىش مەنبەسى بولغان تاڭ سۇلالىسىنىڭ مانى دىنى قاراشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يوقىتىلغاندىن كېيىن،ئۇيغۇرلار مانى دىنى قاراشلىرنى قۇرغار رايونىغا،بولۇپمۇ تۇرپان رايونىغا بىللە ئېلىپ كەلگەن.

① ۋ. باڭ قاتارلىقلار:”تۈركچە تۇرپان تېكستلىرى”،2-توم،7-،9-بەتلەر.

ئەنۋەر بايتۇر بىلەن خەيرىنسا سىدىق تۈزگەن”شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى”ناملىق كىتابتىن.