ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەكىس ئەتكەن مەدەنىيەت

ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەكىس ئەتكەن مەدەنىيەت

تىل بىر خىل ئىجتىمائى ئالاقە قورالى سۈپتىدە خىزمەت قىلىدىغان بەلگىلەر سىستىمىسى، مىللەتنىڭ موھىم بەلگىسى، مەدەنىيەتنىڭ موھىم بىر تەركىبى قىسمى. تىل مەدەنىيەت بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ، تىل بولمىسا مەدەنىيەتمۇ بولمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن تىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تىلدا مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى ۋە ياشاش ئادەتلىرى ساقلانغاندىن باشقا، تىل شۇ مىللەتنىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتى، ھاياتقا بولغان قاراشلىرى ، تەپەككۈر ئۇسۇلىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ.

ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكى مۇكەممەل ئەدەبىي تىل ھالىتىگە كەلگەن. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ تارىختىن بويانقى ئەڭ موھىم ئالاقە قورالى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر تىلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، دىنىي-ئىتقادى، ئۆرىپ-ئادىتى،جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، مىللەتكە ئورتاق بولغان تەپەككۈر شەكلى قاتارلىقلارنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
تىل مەدەنىيەتنىڭ موھىم ۋاستىچىسى. جەمئيەت تەرەققىياتى داۋامىدا مەدەنىيەت تىلغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بۇ خىل تەسىر ئالدى بىلەن سۆزلۈكتە ئالاھىدە ئىپادىلىنىدۇ. تىلنىڭ قورۇلۇش ماتىرىيالى بولغان سۆزلۈك مەدەنىيەتنى بىۋاستە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. ئۇنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان ئىنكاسى ئەڭ كەڭ دائىرلىك، ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ تىز.

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كىشىلەر كۈرۈشنى خالىمىغان ئىشلار ھەمىشە يۈز بىرىپ تورىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا كىشىلەردە قورقۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، بۇنداق نەرسىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ھەتتا تىلغا ئېلىشتىنمۇ ساقلىنىدۇ. كىشىلەر مۇشۇنداق ئىشلارنى ئاز تىلغا ئالغاندا مۇشۇ ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.شۇنداق قىلىپ تىلدا بىر ئالاھىدە سىھرىي كۈچ شەكىللىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئەتراپىمىزدىمۇ «ئاغزىڭنى ئۈشۈتمە! خۇدايىم ساقلا.» دىگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.بۇمۇ كىشىلەرنىڭ تىلنىڭ سىھرىي كۈچىگە ئىشەنگەنلىكىدىندۇر. كىشىلەرنىڭ بەزى سانلارنى ئالاھىدە ياخشى كۆرۈش، بەزى سانلاردىن ھەزەر ئەيلەش پىسخىكىسمۇ بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ.

مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، مىللەت پىسخىكىسى ، ئىسستىتىكىسى، دىنىي-ئىتقادى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ سانلارنى ياقتۇرۇش ياكى ھەزەر ئەيلەش پىسخىكىسمۇ ئوخشىمايدۇ. بۇ خىل پىسخىكىغا مول پەلسەپىۋى ئاساس ۋە چۇڭقۇر مەدەنىيەت ئامىللىرى يوشۇرۇنغان بولۇپ، بومۇ مەدەنىيەت تەتقىقاتىنىڭ موھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. مەسلەن: ئۇيغۇرلار «توققۇز،يەتتە،قىرىق» قاتارلىق سانلارنى ئۇلۇغلايدۇ. بۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.«توققۇز» ئۇيغۇر مەدەنىيتىدە «كۆپ، چوڭ» دىگەن مەدەنىيەت مەنىللىرىنى بىلدۈرىدۇ.تىلىمىزدا «تۇرغان يەرگە توققۇز تازىم» ،«توققۇز قىزنىڭ تولغىقى تەڭ تۇتۇپتۇ»«توققۇزى تەل»،«بالا توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز دەقىقىدە توغۇلىدۇ» دەيدىغان ئىبارىلەر مەۋجۈت. بۇنىڭدىن باشقا توققۇزتارا، توققۇزاق، توققۇز بۇلاق دىگەن يەر-جاي نامىلىرىنىمۇ ئۇچرىتالايمىز.«يەتتە»،«قىرىق» دىگەن سۆزلەر ئىسلام دىنى تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بالا تۇغۇلۇپ يەتتە كۈن ئىچىدە ئىسىم قويىدۇ، يەتتە يېشىدا خەتنە قىلىدۇ، ۋاپات بولغاندىن كىيىن يەتتە كۈندىن كىيىن يەتتە نەزىرىسىنى بىرىدۇ.بوۋاق توغۇلۇپ قىرىق كۈندىن كېيىن قىرىقى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ۋاپات بولغاندىن كىيىن قىرىق نەزىرىسى بىرىلىدۇ. شۇڭلاشقا تىلىمىزدىمۇ « يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس »، «سۇ يەتتە يۇملىسا ھالال» «يەتتە تاغنىڭ نېرىسىدا» «يەتتە ئىقلىم» دىگەندەك ئىبارىلەر مەۋجۈت. چۆچەكلىرىمىزدە پادىشاھلار ھەشەمەتچىلىكتىن قىرىق خوتۇن ئالىدۇ، سوغۇقتىن قورقىسا قىرىق يوتقان يېپىلىدۇ، قىرىق كېنىرەك ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ. پادشاھ خۇشال بولسا ئەلگە قىرىق كۈن توي قىلىپ بىرىلىدۇ.مىھمانغا يەتتە قات كۆرپە سېلىنىدۇ، ئاشىق يىگىت يەتتە كېچە-كۈندۈز يول يۈرىدۇ، مەشۇق قىز يەتتە كېچە-كۈندۈز يىغلاپ چىقىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدىكى رەڭ سۆزلىرىدىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرى ساقلانغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان رەڭلەر ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.«ئاق» ئۇيغۇر مەدەنىيتىدە «پاكلىق، ئامانلىق»قا سىموۋۇل قىلىنىدۇ.«كۆك» شامان دىنىدىكى ئاسمانغا چوقۇنۇش بىلەن موناسىۋەتلىك بولۇپ،«ئولۇغ، مۇقەددەس» كە سىموۋۇل قىلىنىدۇ. تىلىمىزدىكى مايسا رەڭ، سەۋزە رەڭ،ئالما رەڭ، چىلان رەڭ، ئانار رەڭ، پىياز كۆكى رەڭ، چەيزە رەڭ قاتارلىق سۆزلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دىھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك مەدەنىيتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ. بونىڭدىن باشقا ئۇيغۇر تىلىدا «ناۋات رەڭ، سۈت رەڭ» قاتارلىق رەڭ سۆزلىرىنىڭ بولىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك- ئىچمەك ئادىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ھايۋاناتلار بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتى ئىنتايىن زىچ موناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن، شۇڭلاشقا ھەر قايسى تىللاردا نۇرغۇنلىغان ھايۋاناتلارغا موناسىۋەتلىك سۆزلەر بار. مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ، ھەر قايسى تىللاردا ھايۋانات سۆزلىرى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.ئىنگىلىز ۋە ئۇيغۇر ھەر ئىككى مىللەت ئىتنى ياخشى كۆرىدۇ.بىراق ئىتنىڭ ئىككى مىللەت تىلىدا ئىپادىلىگەن مەدەنىيەت مەنىسى ئوخشىمايدۇ. ئىنگلىز تىلىدا ئىشچان ئادەملەرنى « ئىتقا ئوخشاش ئىشلەيدۇ» دەپ تەرپلەيدۇ. باللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىننى « تەلەيلىك ئىت »دەپ ئاتايدۇ.لىكىن ئۇيغۇر تىلىدا ئىت سەلبى مەنىگە ئىگە بولۇپ، تىلىمىزدا «ئىت مىجەز»،«ئاق ئىت،قارا ئىت ھەممىسى بىر ئىت» دەيدىغان جۈملىلەر بار. ھىچقانداق بىر ئۇيغۇر بالىسىنى «ئىت» دەپ ئەركىلەتمەيدۇ، ياكى ئۆزىگە ئانچە تونۇش بولمىغان «ئەجدىھا،كىنگورۇ» قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ نامى بىلەن ئەركىلەتمەيدۇ. بىز بالىلىرىمىزنى « بوتلىقىم، تايچىقىم، قوزام» دەپ ئۆزىمىز كۆپ ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان، تورمۇشىمىزدا ناھايىتى كېرەكلىك بولغان ھايۋانلارنىڭ نامى بىلەن ئەركىلىتىمىز.

ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن مۇددەت چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن شوغۇللانغان مىللەت بولغاچقا، ھايۋانلارغا قارىتا كۈچلۈك سېزىمچانلىق ۋە ئىنچىكە كۆزىتىش، پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان. مەسلەن، ئات ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ئورۇننى ئىگەللىگەچكە «ئەر قانتى ئات » دىگەن ماقال بىلەن تەرپلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار «ئات»نى ناھايىتى ئىنچىكە پەرقلەندۈرگەن. بىر ياشقا توشمىغان يىلقا «ياباغۇ»، بىر ياشلىق يىلقا «قۇلان»، ئىككى ياشلىق يىلقا «تايچاق،تاي»،ئۈچ ياشلىق يىلقا «غۇنان»، ئۈچ ياشلىق چىشى يىلقا «بىيە»،تۆت ياشلىق ئەركەك يىلقا «دۆنەنچىن»، تۆت ياشلىق بايتال «دۆنەنچىنبىيە»، يېتىلگەن ئەركەك يىلقا «ئايغىر»، يېتىلگەن چىشى يىلقا «بىيە»، پىچىۋىتىلگەن يىلقا «ئات» دەپ ئاتىلىدۇ.ئاتلارنى رەڭگىگە ئاساسەن « كۈرەڭ ئات، بوز ئات، سۈر ئات، ئاق بوز ئات، تورۇق ئات ،چىلان تورۇق ئات، قارا تورۇق ئات »دەپ ئىنچىكە ئايرىغاندىن باشقا، ئاتلارنىڭ ھەرىكەتلىرىمۇ ناھايىتى ئىنچىكە كۆزۈتۈلۈپ ،ئايرىم سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن. مەسلەن: ئاستا قەدەم بىلەن مېڭىش «ئاياڭدىماق»، سىلىق مېڭىش «پايپاڭدىماق»، سوكۇلداپ مېڭىش «بۇلاڭلىماق»،ئۇششاق قەدەم بىلەن يۈگۈرۈش «بۈلكۈرمەك»، مىسىلداپ مېڭىش «كىتىڭلىماق»دەپ ئېلىنغان.بۇنىڭدىن باشقا يىلقىنىڭ ئوخشىمىغان كىشنىشى، يىلقا جابدۇقلىرى،يىلقىچىنىڭ يىلقىلارنى چاقىرىشى، يىلقىنىڭ باشقا ھەركەتلىرنىمۇ ئالاھىدە بەلگىلىگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەن.يىلقىلا ئەمەس باشقا كالا، قوي، تۈگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭمۇ شۇنداق. بۇسۆزلەردە روشەن بولغان يايلاق مەدەنىيتىنىڭ تەسىرى ساقلىنىپ قالغان.

ئۇيغۇر تىلىدا ماقال-تەمسىل،ئىدىئۇم، ھىكمەتلىك سۆزلەر ناھايىتى مول، ئۇ ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۈزلۈكسىز توپلىغان بىلىمى ۋە تەجرىبىسى، ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى.توراقلىق ئىبارىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئالاھىدە تارىخي شارائىت ۋە رىۋايەتلەر ئاساس بولغانلىقتىن، ئۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسنى، جۈملىدىن تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتىنى، ياشاپ تۇرۇۋاتقان جۇغراپىيلىك موھىتىنى، دىنى ئىتقادىنى ھەمدە پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى ناھايىتى روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك مەدەنىيتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، تۆھپىكار ئەجدادلىرىمىز بۇ جەرياندا توپلىغان تەجرىبىللىرىنى ماقال-تەمسىل سۈپتىدە بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن. مەسلەن:«بېغى بارنىڭ تېغى بار»،«ياشلىقىڭدا مىۋە قىلساڭ قېرىغاندا مېغىزىنى چاقىسەن.»،«ئاۋال تام ئەت ، ئاندىن باغ ئەت»، «شاپتۇلدا باغ قىلما، ئۆچكىدە مال.»، «جىگدىنى چۆلگە تىك، ئەنجۈرنى كۆلگە.»، «دۆڭگە جىرىم تىكمە، چۇڭقۇرغا ئۆي سالما.»، «ئۆستەڭ يارىشىغى تال، قىز يارشىغى خال.»، «بىرنى كەسسەڭ ئوننى تىك.»، دىگەن ماقال-تەمسىللەردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ باغ-ئورمان بەرپا قىلىشقا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.

ئۇيغۇر تىلىدا ئىسلام مەدەنىيتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان سۆزلەر ناھايىتى كۆپ بولغاندىن سىرىت ماقال-تەمسىللەردىمۇ بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى ئەكىس ئەتكەن. مەسلەن:تىلىمىزدا « مۈشۈك گۆشكە بويى يەتمىسە ، روزا تۇتتۇم دەر.»،«خۇپتەندىن قېچىپ، تەرەۋىگە تۇتۇلۇپتۇ.»«ئالتۇن ئالماي دۇئا ئال »،«گاھى خۇدا بىلەن روسۇل، گاھى دۇتار بىلەن ئۇسۇل» دىگەندەك ئىسلام مەدەنىيتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ماقال تەمسىللەرنى كۆپ ئۇچىرىتىمىز.
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىدىئۇملار روشەن مىللىيلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلكلىرى سىڭدۈرۈلۈش بىلەن بىرگە ، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىبىر تارىخىي ۋەقەلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ھەر قايسى دەۋىرلەردە ئىتقاد قىلغان دىنلىرى ۋە ئۇلاردىن شەكىللەنگەن تۈرلۈك ئەقىدە-قاراشلىرى، مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋىتى، يەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى،جۇغراپىيلىك موھىتى قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت ئامىللىرى سىڭگەن.مەسلەن:«ئاق تاغلىق،قارا تاغلىق بولۇشۇپ كەتمەك»، «تەيپۈنەمنىڭ زامانىدا»،« ئاپپاق خوجىنىڭ ئۇمىچى» دىگەن ئىدىئۇملار بەزىبىر تارىخىي ۋەقەلەردىن ئۇچۇر بەرسە، «تىزگىن سالماق»، «ئىندەككە كەلتۈرمەك» دىگەن ئىدىئۇملار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلق مەدەنىيتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

دىمەك، تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۆز-ئارا تاينىش،ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش موناسىۋىتى.تىل مەدەنىيەتنىڭ موھىم ۋە ئالاھىدە بىر تەركىبى قىسمى. مەدەنىيەت تىلنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. مەدەنىيەت ئاساسى بولمىغان تىل بولمايدۇ.تىلدىكى نۇرغۇن تەرەپلەردە مەدەنىيەت ئامىللىرى بولىدۇ. تىل مەدەنىيەتنىڭ ئەينىكى. ھەر قانداق مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيتى، ئىجتىمائى ھاياتى، فولىكلورى، مىللىي پىسخىكىسى، دۇنيا قارشى، قىممەت قارشى، گۈزەللىك قارشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.