ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ھاياتى

ئەلىشىر نەۋائىي

ئەلىشىر نەۋايى

(1441 — 1501)
 

ئادەم ھايالىق ۋە ئەدەپلىك بولسا ھۆرمەت كۆرىدۇ. ئەدەپ ھۆرمەتسىزلىكنىڭ ئىشىكىنى ياپىدۇ ۋە ئادەمنى مەسخىرە قىلىش، كەمسىتىشتىن ساقلايدۇ. ئەدەپ ئادەمنىڭ تەبىئىتىگە ئىنسانىي پەزىلەت بەخش ئېتىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ مىجەزىگە ئارام بېرىدۇ. ھەر زامان ئەدەپلىك بول، ئەدەپتىن دوستلۇق جۇلالىنىدۇ، مۇھەببەت زىننەت تاپىدۇ.       — ئەلىشىر نەۋايى

ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر، تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتى ۋە تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ يارىتىلىشى ھەمدە ئالەمشۇمۇل راۋاجىغا يۈكسەك ئەجىر سىڭدۈرگەن مىر ئەلىشىر نەۋايى مىلادى 1441–يىلى 9–فېۋرالدا ھېرات شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى غىياسىدىن كىچىك ئوبۇلقاسىم بابۇر خانلىقىدا ساراي (ئوردا) خادىملىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ سەبزەۋار دېگەن كىچىك شەھەرگە ھاكىممۇ بولغان.

ئەلىشىر بالا ۋاقتىدىلا زاماننىڭ ئەڭ مەدەنىيەتلىك ۋە بىلىملىك كىشىلىرى مۇرەببىلىك ۋە مۇئەللىملىك قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەتراپلىق تەلىم–تەربىيە بېرىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىدىلا سەنئەت ۋە ئەدەبىياتقا مېھىر قويۇپ، فەرىدىدىن ئەتتار، قاسىم ئەنۋار قاتارلىق كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى يادلاپ، باشقىلارغا پاساھەتلىك ئاھاڭدا ئوقۇپ بېرىشنى ئادەت قىلغانلىقىنى ئۆزى ھېكايە قىلىدۇ.

ئەلىشىر مەكتەپ يېشىغا يېتىپ مەكتەپكە كىرگەندە ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بىللە ئوقۇيدۇ. 1449–يىلى ئەلىشىر سەككىز ياش مەزگىلىدە پادىشاھ شاھرۇھ مىرزا ۋاپات بولىدۇ. شاھ ۋاپاتىدىن كېيىن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت تالىشىش ئەھۋالى يۈز بېرىپ، پايتەخت ھېرات قالايمىقانلىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەلىشىرنىڭ دادىسى غىياسىدىن كىچىك ئائىلىسى بىلەن ھېراتتىن ۋاقىتلىق ئىراققا (باغداتقا) كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

1452–يىلى ئوبۇلقاسىم بابۇر ھېراتنى ئىگىلەپ، تەرتىپ ئورناتقاندىن كېيىنلا، غىياسىدىن ئائىلىسى بىلەن ھېراتقا قايتىپ كېلىدۇ. ياش ئەلىشىر يەنە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەدەبىياتنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇزىكا دەرسى ئالىدۇ، خەتتاتلىق بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. تۈركىي، پارسىي شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەۋەس بىلەن ئوقۇيدۇ.

1456–يىلى مەشھەد شەھىرىگە بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە خۇراسان پادىشاھى ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ خىزمىتىگە كىرىدۇ. مەشھەددە ئەلىشىرنىڭ شائىرلىق تالانتى كۆپچىلىككە تونۇلۇشقا باشلايدۇ. ئۆزى شائىر بولغان ئوبۇلقاسىم بابۇر ۋە باشقا داڭلىق شائىرلار ئەلىشىرنىڭ بەدىئىي زېھنى ۋە قابىلىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىشىدۇ.
بۇ ياش شائىرنىڭ ئىككى تىلدا، يەنى پارس ۋە تۈركىي تىللاردا شېئىر يازغانلىقىنى كۆرۈپ، كىشىلەر ئۇنى ‹‹زۇللىسانەين›› (ئىككى تىللىق) شائىر دەپ ئاتاشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئەلىشىر تۈركىي تىلىدا يازغان شېئىرلىرىدا ‹‹نەۋايى››، پارس تىلىدا يازغان شېئىرلىرىدا ‹‹پانى›› دېگەن تەخەللۇسلارنى قوللىنىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئەلىشىر تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ‹‹نەۋايى›› دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولىدۇ.
مەشھەددە تۇرغان مەزگىلدە ئەلىشىر ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن باشقا، پەلسەپە، رىيازىيات (ماتېماتىكا)، پەلەكىيات (ئاسترونومىيە) قاتارلىق ئىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىپ، ئۆز دەۋرىنىڭ خەلق ئىچىدە نوپۇزلۇق ئالىملىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تونۇلۇشقا باشلايدۇ.

1457–يىلى ئوبۇلقاسىم بابۇر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەشھەددە تۇرۇۋاتقان ئەلىشىر شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىدۇ. بۇ چاغدا، ئەلىشىرنىڭ نەۋايى تەخەللۇسى بىلەن يازغان تۈركىي تىلىدىكى گۈزەل شېئىرلىرى پۈتۈن ئەلگە تارقىلىپ، كەڭ ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ. نەۋايىنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئىناۋىتى ئاشقانسېرى مەشھەددە ۋە ئەلنىڭ باشقا رايونلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركىي، پارسىي قەۋم – قەبىلىلەر ئىچىدە نەۋايىنىڭ قايسى قەۋم – قەبىلىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى، قايسى قەۋمدىن كېلىپ چىققانلىقى ئۈستىدە قىزغىن تالاش – تارتىشلار ئەۋج ئالىدۇ. بۇ ئەينى زاماندا نەۋايىنىڭ قايسى قەۋم – ئېلەتكە مەنسۇپلۇقى ئۈستىدىكى ئىجتىمائىي مۇنازىرە بولۇپ، جەمئىيەتتە غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلە ئۈستىدە نەۋايى ئۆزىنىڭ پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىگە توغرا كەلگەن ۋە بۇ ھەقتە نەۋايى ئۆز نەسەبى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن:

*1*

ئەگەر بىر قەۋم گەر يۈز، يوقسە مىڭدۇر،

مۇئەييەن تۈرك ئۇلۇسى خۇد مېنىڭدۇر.

(مەنىسى: بىرەر قەۋمنىڭ سانى نەچچە يۈز ياكى نەچچە مىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت تۈرك مىللىتىلا مېنىڭ نەسلىمدۇر.)

*2*

ھالال ئانا سۈتىدەكتۇر، گەر ئۆز بەگىم تۇتسە

تەبۈك قىلىپ، يۈكىنىپ توستەگان ئىچىدەقىمىز.

(مەنىسى: ئەگەر ئۆز بەك قەبىلىسى ماڭا تازىم قىلىپ يۈكىنىپ تۇرۇپ، بىر قاچا قىمىز تۇتسا، ئۇنى ھالال ئانا سۈتىدەك بىلىپ ئىچىۋەتكەن بولاتتىم.)
*3*

شاھ تاجۇ خىك تىكىم مەن تاماشا قىلغەلى،

ئۆز بەگىم باشىدە قالپاق، ئەگىندە شىردا غۇبەس!

(مەنىسى: بېشىغا قالپاق، ئۇچىسىغا تېرە كىيىم كىيگەن ئۆز بەك مەن ئۈچۈن بېشىغا تاج، ئۇچىسىغا شاھانە لىباس كىيگەندەك كۆرۈنىدۇ.)

*4*

سەنەملەر ھۆسنىدىن مەقسۇد

يار ئولمىش نەۋايىگە:

ئەگەر بارلاس، ئەگەر تەرخان،

ئەگەر ئارلات، ئەگەر سۇلدۇز.

(مەنىسى: بارلاس، تەرخان، ئارلات، سۇلدۇز قەبىلىلىرىمۇ نەۋايى ئۈچۈن گۈزەل ھۆسىنلىك كۆرۈنىدۇ.)

*5*

مەن تىلەپ ھۆسن ۋەلى شاھ ئەسلۇ – نەسەب

مېنگە لولى بىلەن ھىندۇ، ئاڭا قوڭغىراق – قىيات.

(مەنىسى: ئەگەر شاھ بولۇش ئۈچۈن ئەسلى – نەسەبى كېرەك بولسا، ماڭا لولى (سېگان) ياكى ھىندى، قوڭغىرات، قىيات بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ).

نەۋايىنىڭ يۇقىرىقى مەتلەئىلىرىدىن (شېئىرىي پارچىلىرىدىن) كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نەۋايى ئۆز نەسەبى (مىللىي كېلىپ چىقىش) ھەققىدە ئۆزىنىڭ تۈرك نەسلىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ ئۆتكەن. نەۋايى ياشىغان دەۋردە تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى ئېتنىك گورۇھ قەبىلە ۋە ئېلەت ھالىتىدە بولۇپ، تېخى بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈن ئېتنىك گورۇھ (مىللەت)نى شەكىللەندۈرمىگەن ئىدى.

نەۋايى ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن باشقا، تارىخ ۋە پەلسەپە ئىلمى جەھەتتىمۇ زاماننىڭ بىلىملىك مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى، مىللەت تەۋەلىكى مەسىلىسىدە يۇقىرىقىدەك ئىلمىي كۆز قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. نەۋايىنىڭ ئىلمىي باھاسىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە بويسۇنۇش ئارقىلىق شۇنى جەزملەشتۈرۈش كېرەككى، مىر ئەلىشىر نەۋايى تۈركىي تىللىق خەلقلەر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ گىگانىت نامايەندىسى ۋە تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ ياراتقۇچىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
1469–يىلى 3–ئايدا نەۋايىنىڭ ساۋاقدىشى ۋە دوستى ھۈسەيىن بايقارا ھىرات شەھىرىنى ئىگىلەيدۇ ۋە مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسمىنى زەبت قىلغاندىن كېيىن تېمورى دۆلىتىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. بۇ چاغدا نەۋايى ھىراتقا قايتىپ كېلىپ، ساۋاقدىشى ھۈسەيىن بايقارانى تەبرىكلەپ مەشھۇر ‹‹ھىلالىيە›› ناملىق قەسىدىسىنى يازىدۇ. ھۈسەيىن بايقارا نەۋايىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ ئۆز سارىيىنىڭ ‹‹مۆھۈردارلىق›› ۋەزىپىسىگە تەيىنلەيدۇ. زېرەك ۋە خەلقپەرۋەر نەۋايى ئوردا–ساراي ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئەلدە ئادالەت جارى قىلىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ.

يۇقىرىقى ئىلمىي پىرىنسىپ بويىچە ئېيتقاندا ۋە نەۋايىنىڭ ئەسلى نەسەبى ھەققىدە ئۆزى ئېتراپ قىلغان ھەقىقەتكە ئاساسلانغاندا، ھەزرىتى مىر ئەلىشىر نەۋايى 15–ئەسىردە ياشاپ ئىجاد قىلغان ۋە تۈركىي قەۋمدىن كېلىپ چىققان مۇتەپەككۇر ئەدىبتۇر.

ئەلىشىر نەۋايى 1501–يىلى 3–يانۋاردا ھېرات شەھىرىدە ۋاپات بولدى. نەۋايى ۋاپاتىنىڭ ھېرات خەلقى ئۈچۈن قانچىلىك قايغۇلۇق ۋاقىئە بولغانلىقى، مەرھۇمنىڭ جىنازىسى قانداق ئۇزۇتۇلغانلىقى ھەققىدە شۇنى ئېيتىش مۇمكىنكى، پۈتۈن ھېرات خەلقى نەۋايى ۋاپاتى ئۈچۈن يەتتە كۈن ھازا تۇتقان.

نەۋايى ۋاپاتىدىن كېيىن، 1502–يىلى ھېرات شەھىرىنىڭ گۈزەل يېرىدە نەۋايىنىڭ مەقبەرىسى تىكلەنگەن. بۇ مەقبەرە قەبرىگاھ، خاسخانە (قۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلىدىغان ئۆي)، خانىقاھ، جامە، ئىستىقامەتخانا قاتارلىق بىر نەچچە خىل ئىنشائاتلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنى پادىشاھ ۋە شائىرنىڭ يېقىن دوستى ھۈسەيىن بايقارا (1468— 1507) ياساتقان.

( مەزكۇر تەرجىمىھال قادىر ئەكبەرنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى›› ژۇرنىلىنىڭ 2006–يىللىق 4–سانىدىكى ‹‹نەۋايىنىڭ ھاياتى ۋە ۋاپاتىدىن كېيىن مەقبەرىسىنىڭ تىكلىنىشى›› ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىن قىسقارتىپ تەييارلاندى )