كاچۇڭ دېھقانلىرى ۋە رەسساملىق

ئەخمەتجان ئىگەمبەردى

يىراق – يىراقلارغا سوزۇلغان يەكەن دەرياسى بويىدىكى بىپايان بوستانلىقلاردا ئۆزگىچە بوستانلىق مەدەنىيىتى ۋە ئات ئۈستى مەدەنىيىتىگە تويۇنۇپ، رەڭدار مەدەنىيەتنىڭ ھەقدار ئىگىسى بولۇپ كېلىۋاتقان كاچۇڭلۇقلار ئەقىل – پاراسەتلىك ۋە ئىجادكار ئەجدادلىرىنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسىنى تۇرمۇش ۋە ئۆرپ – ئادىتىنىڭ ھەممە تەرىپىگە سىڭدۈرۈپ كەلگەن. نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى ئادەم شەكلى ۋە گۈل نەقىشلىرى چىقىرىلغان نان، توقۇلما بۇيۇملار ۋە تام رەسىملىرى بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا، بۇ يۇرتتا خېلى زامانلار ئىلگىرىلا ئاۋام خەلقنىڭ سەنئىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن تەسۋىرىي شەكىل سەنئىتى، جۈملىدىن رەسساملىق ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. مىڭئۆي تام رەسىملىرىنىڭ رەڭلىرى، كىتاب، قول يازمىلارغا سىزىلغان مىنىيا، تۇرا رەسىملىرى ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر ئېقىم بولۇپ شەكىللەنگەن.

يەكەن دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى بويىنى ماكان قىلىپ ياشاپ كەلگەن كاچۇڭ دېھقانلىرى يالغۇز ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ جەلپكار نۇقتىسى بولغان كاچۇڭ تاغ مەشرەپلىرى بىلەن داڭلىق بولۇپ قالماي يەنە نەققاشلىق، خەتتاتلىق، رەسساملىق سەنئىتى بىلەنمۇ داڭلىق. كاچۇڭلۇق دېھقان رەسساملار ئۆز ئەسەرلىرىدە تاغ خەلقىنىڭ ئاددىي – ساددا، پاك، سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئۆزگىچە رەڭ ۋە گۈل نەقىشلەر بىلەن تويۇندۇرۇپ، قايغۇ – شادلىقلىرىنى رەسىم، ھۆسنخەت ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلگەندىن باشقا يەنە ئۆي، تام – تورۇسلىرىنى گۈل نەقىش، مەنزىرە بىلەن بېزەپ كەلگەن.

كاچۇڭ دېھقان رەسساملىرى رەسىم ئىجادىيىتىدە ئەجدادلىرىنىڭ رەسساملىق ئۇدۇمىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھازىرقى ‹‹ئېقىم›› لارنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا ھالدا ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن مول تەسەۋۋۇر، مۇبالىغە، قايناق ھېسسىيات ئارقىلىق چەكسىز تەبىئەتنى، ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئەركىن، شوخ، قېنىق رەڭلەرنى ۋاسىتە قىلىپ گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرىنى، غايە – ئىنتىلىشلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.

كاچۇڭ دېھقان رەسساملىرى تارىختىن بىرى ئۆزىنىڭ ئانا ماكانى بولغان قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ باغرىدا تاشقى ئامىل ۋە ھېچقانداق كەسپى رەسساملىقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىماي، ئېقىملارنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا ھالدا خاسلىقىنى ساقلاپ، ساغلام، ساپ تەرەققىي قىلغان.

كاچۇڭلۇق دېھقانلار رەسىملىرىدە يېقىن، يىراقلىق بولمايدۇ، ئادەملەر بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئاناتومىيەلىك قۇرۇلمىلىرىغا ئانچە ئېتىبار بېرىلمەيدۇ. رەڭ جەھەتتە شوخ، ساپ، ئاددىي – ساددا رەڭلەر بىلەن ئەجدادلاردىن قالغان رەڭ ئىرسىيەتلىرى بويىچە گىلەم، نەقىش، كىگىز، سەرگەز، پەنجىرە، كۇڭگۇر، سالاسۇنلارنىڭ رەڭگى، شەكلى ماسلاشتۇرۇلىدۇ. ھازىرقى رەسىملەردە ئازاد، ھۆر زاماننى، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى، دېھقانلار تۇرمۇشىنى، كۆپ خىل ئىگىلىك ۋە يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش دولقۇنىنى ئىجابىي نۇقتىدىن ئىپادىلەيدۇ. كاچۇڭ دېھقان رەسساملىرىنىڭ ئىجادىيەت جەھەتتىكى خاسلىق ۋە ئىجادچانلىقىنى ئالدىن بايقىغان يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى بۇلتۇر ئاپتونوم رايوندىن مەخسۇس كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ دېھقان رەسساملىرىنى تەربىيەلىدى. يەكەن ناھىيەسىمۇ مەبلەغ جەھەتتىن قوللاپ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن يەكەن دېھقان رەسساملىقى جۈملىدىن كاچۇڭ دېھقان رەسساملىقىغا يەنە بىر داغدام يول ئىچىپ بەردى.

رايونىمىز دېھقان رەسساملىرىنىڭ ئىجادىيىتى ساياھەتچىلىكتىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، مەدەنىيەت ماركىسى يارىتىشتىكى ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلغۇسى.

مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى (2010-06-18)