قايغۇلۇق خەۋەر: ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى،تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى سەنشىخاڭزى مەھەللىسىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالتە يېشىدىن باشلاپ دادىسىنىڭ دەۋىتى بىلەن مەھەللىسىدىكى دىنىي مەكتەپكە كىرىپ دىنىي ساۋاتلارنى، جۈملىدىن ئەرەب-پارس تىل- يېزىقى، شۇنداقلا چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق ئۆگەنگەن ھەمدە نەۋائى قاتارلىق كلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. 1935-يىلى ئۈرۈمچىدە پەننىي مەكتەپلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى چوڭ مەسچىت ( ھازىرقى خانتەڭرى مەسچىت)يېنىدا قۇرۇلغان «نىيازىيە» مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1938-يىلى كۈزدە ئۈرۈمچى 1- گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 1941-يىلى 7-ئايدا بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ئىمىن تۇرسۇن «نىيازىيە» مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچى 2-گىمنازىيىگەقاتناپ يۈرۈپ يېرىم يىلدەك رۇس تىلىنى ئۆگەنگەن. ئارقىدىن يەنە خەنزۇ 1- باشلانغۇچمەكتەپتە ھەر كۈنى كەچلىك كۇرسقا قاتنىشىپ خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن. 1- گىمنازىيىدەئوقۇش جەريانىدىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئىلمىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1941-يىلى 1-گىمنازىيىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىغان ۋە 1945-يىلىغا قەدەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى 6-مەكتەپ، 7-مەكتەپ، 4- مەركىزىيمەكتەپ، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. – 1944يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەركىزىي تەلىم ئۆمىكى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ 4- مەدەنىيەت-مائارىپ قارارىدا ئوقۇغان. تىرىشچان ئىمىن تۇرسۇن بۇ مەزگىللەردە بىرتەرەپتىن تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلىسە،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش مەركىزىي ئۇيۇشمىسىنىڭ قارىمىقىدىكى سانائىي نەفىسىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئۆمەكنىڭ بەدىئىي يېتەكچىسى ۋە ئۆمەك سەنئەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. 1946-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىگەمۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ تەيىنلىنىپ، كېرىيىدە خىزمەت قىلغان. 1948-يىلى 9-ئايدائۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ 1950-يىلى 1-ئايغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

ئالىم ئىمىن تۇرسۇن 1950-يىلى -1ئايدا سابىق ئۆلكىلىك مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەھرىر-تەرجىمە باشقارمىسىغا يۆتكەلدى. بۇ باشقارما 1951-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بولۇپقۇرۇلدى. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 1983-يىلىغا قەدەر شىنجاڭ خەلقنەشرىياتىدا مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى، تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى، مۇئاۋىن نەشرىيات باشلىقى، قوشۇمچە لۇغەت تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقىۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ، جۈملىدىن يېڭى دەۋر ئۇيغۇرنەشرىياتچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ ئارىدا 1956-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق تىل-يېزىق تەتقىقات كومىتېتى (ھازىرقى ش ئۇ ئا رمىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى) غا ئالمىشىپ ، تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىبولۇپ ئىشلىدى. 1983-يىلى 5-ئايدىن 1991-يىلىغا قەدەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىدى ۋە 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىدىن پېنسىيىگە چىقتى.

ئىلىم- مەرىپەتكە ئىشتىياق باغلىغان ھەم جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىزدەنگۈچىلەر نەتىجىگە ئېرىشمەي قالمايدۇ. كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ھەم ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ ئىزدىنىشنى ئۆزئادىتىگە ئايلاندۇرغان ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى مەيلى گۆدەك چاغلىرىدىكى دىنىي ساۋات چىقىرىش جەريانىدا بولسۇن ياكى دەسلەپكى پەننىي ساۋات چىقىرىش جەريانلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەم جەمئىيەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن، بوشاشماي ئۆگەندى، ئىزدەندى. خەنزۇ تىلى، ئەرەب تىلى، پارس تىلى، رۇس تىلىۋە قېرىنداش تۈركىي تىللارنى، جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقى بىلەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە ئەدەبىي ھەم ئىجتىمائىيپائالىيەتلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىنى مەكتەپنىڭ تام گېزىتلىرىگە شېئىر يېزىش بىلەن باشلىغان ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى خىزمەت جەريانىداقانداق مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن قەتئىينەزەر، باشتىن-ئاخىر ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى،يېزىقچىلىق ۋە تەرجىمە- تەھرىرلىك ئىشلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئىشلەپ كەلدى ۋە بۇساھەلەردە ئىزدەندى.

1940-يىللاردىن باشلاپ ئېلان قىلىنغان « ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئون يىلى» (، « ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ھەققىدە» ، « ئەدەبىي مىراس ھەم ۋەسىقىلىمىز» قاتارلىق دەسلەپكى تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەنباشلانغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر تەتقىقات پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇردى ھەم قەتئىي بوشاشماي ئىزدىنىش نەتىجىسىدە تونۇلغان ئەدىب، شائىر،تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزنىڭ تۆھپىكارى، پىشقەدەم نەشرىياتچى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئالىم سۈپىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، خەلققەلبىدىن ئورۇن ئالدى.

ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يېڭى-دەۋر ئۇيغۇر تىل ۋەتەرجىمە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئاز ئەمەس. ئالىم-1950يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1954-يىلى شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەرتىللىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان. 1956-يىلى تىل-يېزىقتەتقىقات كومىتېتىغا يۆتكىلىپ، تەتقىقات بۆلۈمى (ھازىرقى تىل-يېزىق كومىتېتى تەتقىقات باشقارمىسى) نىڭ مۇدىرى بولغاندىن كېيىن، تىل-يېزىق ساھەسىدىكى ئىلمىيتەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1956-يىلى مەملىكەت بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇنجى قېتىملىقتىل تەكشۈرۈش مەزگىلىدە سابىق سوۋېت تۈركولوگى تېنىشېف بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىنى تەكشۈرۈش 6-ئەترىتىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. 1962-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكەلگەندىن كېيىنمۇ تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى توختاتمىدى ھەمدە «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قىسقىچە لۇغەت» نى تولۇقلاپ ئىشلىدى. بۇ كىتاب 1962-يىلى ۋە 1978-يىل ئىككى قېتىم نەشر قىلىندى.

ئالىم يەنە كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى جەھەتتىمۇ داۋاملىق ئىزدەندى ۋە مول نەتىجىلەرنى ياراتتى. 1957-يىلى كلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن زەلىلى ھەققىدە «زەلىلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، زەلىلىنى تۇنجى بولۇپ خەلقىمىزگە تونۇشتۇردى. 80-يىللاردىن كېيىن ئالەمشۇمۇل مەشھۇر ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنىتەييارلاشتىكى تەشكىللەش ۋە تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشتى ھەمدەئەسەرنىڭ «كىرىش سۆز»ىنى يېزىپ، بۇ ئەسەرگە ئەتراپلىق باھا بەردى. كلاسسىك ئەسەرلەردىن «زەلىلى دىۋانى»، «تارىخ تەبەرى»، «دىۋانى ھېكمەت»قاتارلىقلارنى نەشرگە تەييارلىدى. -1990يىلى 6-ئايدا ئالىمنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا دائىرتاللانغان تەتقىقات ماقالىلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن «تارىمدىن تامچە» ناملىق ئىلمىيماقالىلار توپلىمى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئالىم 80-يىللاردىنكېيىن يەنە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلدى، شۇنداقلا تۈرلۈك ئىلمىي يىغىنلاردا ماقالىلەرنى ئوقۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەسىپداشئالىملارنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.

ئالىمنىڭ تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك، نەشرىياتچىلىق ساھەلىرىدىكى ئەمگەكلىرىمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. «يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق»، «ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى»، «جىڭگاڭشەندىكى كۈرەش »، «ھەۋەسكار يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت»، « جوڭيۈئەندىن چېگرا رايونغا»، «قىزىل بايراق شەجەرىسى» (ئۈچ قىسىملىق رومان)، «قىزىل قۇياش»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «غەربكە ساياھەت» ، «بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى»، «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 2-قىسىم 1-كىتابى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلدى ياكى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشتى. « جامىئۇل ھېكايەت»، « كەلىلە ۋە دەمىنە»، «مىڭ بىر كېچە »گە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىدى ۋە كۆپلىگەن كىرىش سۆز يازدى. نەشرىياتچىلىقتىكى ئىقتىدارى ۋەمول كەسپىي ئەمگەكلىرى بەدىلىگە ئالىي مۇھەررىر كەسپىي ئۇنۋانىغا ئەڭ دەسلەپ مۇيەسسەر بولغان بۇ ئالىم كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە-تەھرىرلىكىنى تەشكىللەپ،يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.

ئالىم تونۇلغان ئەدىب ۋە شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا مەكتەپ تام گېزىتىگە شېئىر يېزىشقا باشلىغان ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 30-يىللارنىڭ باشلىرىدىلا باشلانغان، 40-يىللاردا خېلى راۋاجلانغان ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ غوللۇق ۋەكىلى ۋە تۆھپىكارى ئىدى. ئازادلىقنىڭ ئالدىدائۇ «دەۋرانى» تەخەللۇسى بىلەن كۆپلىگەن شېئىرلارنى ئېلان قىلغان بولسا، ئازادلىقتىن كېيىن مەتبۇئاتچىلىق خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سابىق «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى»(ھازىرقى«تارىم») ژۇرنىلىنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىقوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. ئالىمنىڭ ھازىرغا قەدەر«ھەۋەس»، «سەپەر سەزگۈلىرى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «نەۋائى ھەققىدە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، «بۇلاقتىن بىر ئوتلام»، «نورۇزنامە» قاتارلىق ئۇيغۇرئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەرلىرى ۋە «ئون ئىككى مۇقامنىڭ مىللىي خاسلىقى»، «شېئىرىيىتىمىزنى تېخىمۇ جانلاندۇرايلى»، «رىقابەت دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسى» قاتارلىق نەچچەئونلىغان ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي مۇلاھىزە خاراكتېرىدىكى ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.يەنە «بالدۇرقىغا ئوخشىماس» (شېئىرلار توپلىمى)، « تىل- دىلنىڭ كىلىتى» (ماقالىلارتوپلىمى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەييارلاپ نەشرگە تاپشۇردى. ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى ئېلىمىزدىكى خەنزۇ ۋە باشقا مىللەت تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن باشقا يەنەئىنگىلىز، ياپون، نېمىس، رۇس، پارس، تۈرك ۋە ئۆزبېك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى.
نام-مەنپەئەت قوغلاشماي، تىل-ئەدەبىيات، تەرجىمە، تارىخ ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەلىرىدە خالىسانەئىشلىگەن بۇ ئالىم مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش بىلەن بىللە ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى تەشۋىققىلىش-تونۇشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. 56-، 57-يىللىرىلا تەكلىپ بىلەن ياشلار ئارىسىدا تۇرمۇش، مۇھەببەت ۋە غايە ھەققىدە لېكسىيىلەرسۆزلەپ، ياشلارنىڭ ئەخلاقىي تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن ئالىم ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر تۈرلۈك سورۇنلاردا ئەخلاق، ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت تېمىلىرىدا سۆزلەپ،ياشلارنىڭ توغرا تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە بولۇشىغا بەلگىلىك تۈرتكە بولۇپ كەلدى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى قۇرۇلغاندىن باشلاپلا خىزمەت جەريانىدا ياراملىق كەسىپ ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى ئالاھىدە مۇھىم دەپ بىلىپ كەلگەن بۇ ئالىم تا بۈگۈنگە قەدەر ياش- ئوتتۇرا ياش كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ياخشى ياردەم، مەسلىھەتلەرنى بېرىپ كەلدى. سالامەتلىكى يار بەرسىلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمەپائالىيەتلىرىگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىپ، تىل-يېزىق، مەدەنىي-مائارىپ، تارىخ ۋەئىجتىمائىي مەسىلىلەر بويىچە ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىپ ،كۆپ قېتىم مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە« ئون ئىككى مۇقام»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا تونۇشتۇردى. -1990، -1991يىللىرى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگەبارغاندا، بۇ ئەللەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن كۆپ قېتىم تۈرلۈكتېمىلاردىكى ئىلمىي مۇھاكىمىلەرگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشجەھەتتە كۆپ كۈچ چىقاردى. 80-يىللاردىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر شىنجاڭئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىقاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە تەكلىپ بىلەن لېكسىيە سۆزلەپ كەلدى ھەم ئۇلارنىڭ ئىلمىيپائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى. ئومۇمەن، ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئىلىم-مەدەنىيەت ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.

ئالىم 1978-،1983-يىللىرىسىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 1-ۋە 4- نۆۋەتلىك ئىجرائىي ھەيئەت ئەزاسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 1- ۋە 4-نۆۋەتلىك ئىجرائىي ھەيئەت ئەزاسى بولدى. 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەرجىمانلار جەمئىيىتى قۇرۇلغاندا بۇ جەمئىيەتكە مۇئاۋىن باشلىق ھەم باش كاتىپ بولۇپ سايلاندى. ئالىمنىڭ ھاياتى «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، « تارىم»، «بۇلاق»قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللار ۋە رادىئولاردا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى.«جۇڭگو يازغۇچىلار قامۇسى»، «جۇڭگو تەرجىمانلار قامۇسى»، «جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەرقامۇسى »، «دۇنياۋى مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابلىرى قامۇسى» قاتارلىقلاردا ئالىمنىڭ نامى ۋە ئىش ئىزلىرى بېرىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتى 1994-يىلى ئالىمنىڭ 70 ياشقا تولغانلىقىنى قۇتلۇقلاپ مەخسۇس«ئىمىن تۇرسۇن ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، ئالىمنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىگە ۋە ئۇنىڭ ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو مىللەتلەرتىللىرى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقاتى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئالتايشۇناسلىق تەتقىقاتى جەمئىيىتى، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقاتى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى جەمئىيىتى، 12 مۇقام تەتقىقاتجەمئىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي جەمئىيەتلەرگە قاتنىشىپ، كۆپلىرىدە مەسلىھەتچى،دائىمىي ھەيئەت ئەزا، مۇئاۋىن مۇدىر قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولۇپ كەلدى.

تا بۈگۈنگە قەدەر قولىدىن قەلەم، قەلبىدىن ئىلىم ئىشتىياقى كەتمىگەن تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى87 يىشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى . قەلەم ۋە ئىلمنى تۇتقۇچىلار دەۋرنىڭ جىنى ۋە تۈۋرىكى. خەلق ئۆز دەۋرىدىكى بۇنداق تۈۋرۈكلەرنى ھامان ئەسلەيدۇ. ياش ئەۋلادلار بۇنداق ئاتا، ئۇستازلىرىنىڭ ئىلىم سۆيەر روھى ۋە يۈكسەك ئەخلاقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ.