ئابدۇقادىر داموللام ۋە ”مىفتاھۇل ئەدەپ“

ئىسلام ئالىمى مەرىپەتچى ئابدۇقادىر داموللام

ئابدۇرەھىم سابىت

مىللەتنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى ئالدى بىلەن مائارىپقا باغلىق. مائارىپ تەرەققىي قىلىدىكەن، ئۇ ھالدا مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى چىرماپ ئالغان قالاقلىق، نادانلىق، خۇراپاتلىققا ئوخشاش مەنىۋى ئىللەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىلىم – پەننىڭ تەرەققىياتىغا يول ئاچقىلى، مىللەتنىڭ پەن – مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنيادىكى ئالغا كەتكەن مىللەتلەرنىڭ قاتارىغا ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ.

مانا بۇ، يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ شانلىق پەخرى ۋە ئىپتىخارى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى، تالانتلىق مائارىپچى، “غازى” تەخەللۇسلۇق يالقۇنلۇق ۋەتەنپەرۋەر شائىر داموللا ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇلۋارىس ئەزىزى 1 «ئەزىزى – ھۆرمەتلىك دېگەن بولۇپ، كىشىلەر داموللامنى ئىززەتلەپ ئەنە شۇنداق ئاتاشقان. كېيىن بۇ سۈپەت داموللامغا لەقەب بولۇپ قالغان. “قەشقىرى” دېگەن تەخەللۇسىنى قوشۇپ ئاتىغۇچىلارمۇ بار.»(قەشقىرى) ىڭ مائارىپ كۆزقارىشى. ئۇ، 69 يىللىق ھاياتىنى جاھالەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، يېڭىلىققا يول ئېچىش، كونا مائارىپنى ئىسلاھ قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، دوگما، قالاق ھالەتتىكى مائارىپنى دەۋرنىڭ تەلىپىگە، تەرەققىياتىغا ماسلاشقان پەننىي مائارىپقا ئۆزگەرتىش، خۇراپات پاتقىقىغا پېتىپ قالغان نادان خەلقنى ئىلىم – پەننىڭ قۇدرىتى بىلەن پاتقاقتىن تارتىپ، مىللەتنىڭ پەن – مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە سەرپ قىلدى.
ئابدۇقادىر داموللام ھىجرىيە 1271 – يىلى (مىلادىيە 1854 -، 1855 – يىللىرى) 1 «كۆپلىگەن ماتېرىياللاردا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ھىجرىيە 1278 – يىلى (مىلادىيە 1861 -، 1862 – يىللىرى) دەپ ئېلىنغان. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ دادىسىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتى بويىچە ئېلىندى.» ئاتۇشنىڭ مەشەت يېزىسىدىكى ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، بالىلىق دەۋرىنى ئۆز يېزىسىدا ئۆتكۈزگەن.
مەشەت – قاراخانىيلار خاقانلىرى ئارىسىدا تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان خاقان – سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىي دەپنە قىلىنغان مەشھۇر جاي. تارىختا كىشىلەر سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قەبرىگاھ يېنىغا مەسچىت، مەدرىسە، خانىقالارنى بىنا قىلغان. ماھمۇت ھېكىمبەگ ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ھەمراخېنىمدەك تالانت ئىگىلىرى مانا مۇشۇ يەردىكى “ھەزرىتى سۇلتانىيە مەدرىسىدە” سىدە ئوقۇپ، بىلىم ئىگىلىگەن. ئابدۇقادىر داموللاممۇ باشلانغۇچ مەلۇماتنى مۇشۇ مەدرىسىدە ئالغان. 15 ياشقا كىرگەندە قەشقەر شەھىرى ئوردا ئىشىكىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى “خانلىق مەدرىسە”گە ئوقۇشقا كىرىپ، “موكا” لەقەملىك ياقۇپ ئاخۇن داموللام ۋە موللا ئىسلام داموللامدا ئوقۇپ، ئىلىم – ئېرپان ئۆگەنگەن.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قايناق ئوقۇش ھاياتى قەشقەرنىڭ تازا تىنچ بولمىغان بىر مەزگىلىگە توغرا كەلدى. مەنچىڭ ئىستىبداتچىلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان قانلىق زۇلۇمى، ھەددى – ھېسابسىز ئالۋان – سېلىقلىرى، خەلق ئاممىسىنى ئارقا – ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. كۇچادا كۆتۈرۈلگەن خەلق قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە راشىدىن خوجا ھاكىمىيىتى، خەتەندە كۆتۈرۈلگەن خەلق قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە ھەبىبۇللا مۇپتى ھاجى ھاكىمىيىتى، شىمالىي شىنجاڭدا كۆتۈرۈلگەن خەلق قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە ئىلى سۇلتانلىقى، ئۈرۈمچىدە كۆتۈرۈلگەن خەلق قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە تۇنگان تۇمىڭ ئاخۇن ھاكىمىيىتى بارلىققا كېلىپ، مەنچىڭ ئىستىبداتچىلىرىنى پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىپ قويدى. قەشقەردىمۇ قىرغىز سىدىقبەگنىڭ ھاكىمىيىتى قۇرۇلدى. بۇ ھاكىمىيەت ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي، قوقەندىن كەلگەن بۈزۈكخان تۆرىنىڭ، ئاندىن ياقۇپبەگنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئالماشتى. بۇنداق تېز – تېز ھاكىمىيەت ئالمىشىشلار ۋە بۇ جەرياندىكى ئىچكى ئۇرۇش، نىزا – جاڭجاللار، ئەنسىزچىلىكلەر بىلىمنى ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك دوست تۇتۇپ، بىلىم ئىشقىدا كۆيگەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بىلىم ئېلىش قىزغىنلىقىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى. لېكىن، ئۆزى ئىگىلىگەن قىسمەن بىلىملەرگە قانائەت ھاسىل قىلىپ، ئوقۇشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇشقا بولمايتتى. ئۇ، بىلىم تولۇقلاش مەقسىتىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن بۇخاراغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى “ئابدۇلئەزىزخان” مەدرىسەسىگە ئوقۇشقا كىردى. بۇ جەرياندا قۇرئان، ھەدىس، ئىلمى تەجۋىد، ئاقائىد قاتارلىق ئىسلام تەلىماتلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماي، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمى مەنتىق، ھېساب دەرسلىرىنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پەن – مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا، ئەرەب، پارس، ئوردۇ تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىدى. خوجا ھاپىز، شەيخ سەئدى، سوپى ئاللايار، خوجا ئەھمەت يەسەۋى، ھۇۋەيدا، فۇزۇلى، ناۋائىي، مەشرەپ… لارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئەدەبىيات ھەۋىسىنى يېتىلدۈردى؛ فارابى، ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنانىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق يۇنان پەلسەپىسى بىلەنمۇ تونۇشتى. ئابدۇقادىر داموللام “مىفتاھۇل ئەدەپ” كىتابىدا بۇخارا مەدرىسەلىرىدىكى ئۇستازلىرىدىن مەۋلانا ئابدۇراززاقنى، بۇخارا مۇپتىسى داموللا ئەۋىز خوجەندىنى، قوقەننىڭ شەيخۇلئىسلامى داموللا ئۇلۇقخان تۆرەمنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەردىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن سەمەرقەند، ئۇفا قاتارلىق جايلاردا بىر مەزگىل مۇدەررىسلىك قىلدى. “ئاقائىد زۆرۈرىيە”، “ئىبادەت ئىسلامىيە” – داموللامنىڭ سەمەرقەند، ئۇفالاردا مۇدەررىسلىك قىلىش جەريانىدا دەرسلىك ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ تۈزگەن تۇنجى كىتابلىرى بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا ئۇفادا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان ئىدى. 1 «بۇ كىتابلار قەشقەرلىق ئۆمەر باينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن بېسىلغان.» ئابدۇقادىر داموللام ۋەتەنگە قايتىشتىن ئىلگىرى تاشكەنت، خوجەند، قازان، ئىستانبۇل قاتارلىق جايلاردا ساياھەتتە بولۇپ، 1907 – يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى.
ئۇ قايتىپ كەلگەن چاغ دەل قەشقەردە ئەمدىلا بىخلىنىپ، كۈندىن – كۈنگە باراقسان بولۇۋاتقان يېڭىچە پەننىي مائارىپ بىلەن دىنىي ئەقىداتنى مەزمۇن قىلغان يەككە ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى فېئوداللىق كونا مائارىپ ئۆزئارا تىركىشىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى يېڭى مائارىپنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ئابدۇقادىر داموللام يېڭىچە پەننىي مائارىپنىڭ تەشەببۇسلىرى بولغان ئاكا – ئۇكا مۇسابايوپلار (ھۈسەيىن باي، باھاۋىدىن باي) تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇلارنى قىزغىن قوللىدى. چۈنكى، “بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەگەكلىك زامانى؛ جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم – مەرىپەت دەۋرى؛ سۇسلۇق ۋە بىكارلىق ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت قىلىش ۋاقتى. باشقا مىللەتلەر ئىلىم – مەرىپەت سايىسىدا، ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلىۋاتقاندا، سۇ ئاستىدا بولسا خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشۈۋاتقاندا” 1 «”نەسىھەتى ئاممە” دىن ئېلىندى.»، يەنە غەپلەت ئۇيقۇسىدا يېتىپ، كونا مەكتەپلەرنىڭ رېئال ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، خەلقنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا، دەۋرنىڭ تەلىپىگە قىلچە ماسلاشمايدىغان دوگما تەلىم – تەربىيە ئۇسۇلىغا، پۈتۈنلەي ئەرەب – پارس تىلىدىكى دىنىي كىتابلارنى دەرسلىك قىلغان ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىم ئىقتىدارى بىلەن ھېسابلاشماستىن، چۈشەنسىمۇ – چۈشەنمىسىمۇ كىتابنى قارىغۇلارچە يادلىتىپ، قارىغۇلارچە تەكرارلىتىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا، مۇئەييەن مۇددىتى بولمايدىغان ئوقۇتۇش تۈزۈمىگە زادى يېپىشۋېلىشقا بولمايتتى. بۇنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەن ئابدۇقادىر داموللام ئۆز ئەقىل – پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى مائارىپنىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشى ۋە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇردى. ئۇ يازغان “سەرپ – نەھۋى” (مورفولوگىيە ۋە سىنتاكىسىس)، “تەسھىلىل ھېساب” (ھېساب ئىلمى)، “جۇغراپىيە ئىلمى”، “ئاقائىد جەۋھەرىيە” (نېگىزلىك ئەقىدىلەر)، “مۇتالىئە ھىدايەت” (باشلامچى ئوقۇشلۇق)، “بىدايەتۇس سەرپ” (لېكسىكىدىن دەسلەپكى ئاساس)، “ھىدايەتى نەھۋى”، “تەلىمى سەبىيان ” (گۆدەكلەرگە تەربىيە)، “فاسايىھۇل ئەتفال” (ئۆسمۈرلەرگە نەسىھەت) قاتارلىق ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، بالىلار تەربىيىسىگە ئائىت كىتابلار پەننىي مەكتەپلەرمۇ، دىنىي مەكتەپلەرمۇ ئوخشاشلا قوللانسا بولىدىغان ئاممىباب دەرسلىكلەر ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام دەرسلىك تۈزۈش بىلەنلا توختاپ قالماستىن، ئۆزى تۈزگەن بۇ دەرسلىكلەرنى يېڭىسارلىق نۇرھاجى دېگەن مەرىپەتپەرۋەر كىشى 1910 – يىلى باھاۋىدىن باينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرغان “مەتبەئەسى خۇرشىد، مەتبەئى نۇر” (قۇياش مەتبەئەسى، نۇر مەتبەئەسى) ناملىق تاش مەتبەئەدە نەشر قىلدۇرۇپ، مەكتەپلەرنى بىر يۈرۈش دەرسلىك بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. ئۆزى غوجا چوڭنىڭ قۇملۇقىدىكى ئۆزبېكلەر ئاچقان مەدرىسەگە، ئاندىن كېيىن قەشقەر شەھەر يارباغ كوچا باشقارمىسىغا قاراشلىق بەشئېرىق مەھەللىسىدىكى لايپەشتاق مەدرىسەگە بېرىپ مۇدەرىسلىك قىلىش جەريانىدا بۇ بىر يۈرۈش دەرسلىكلەرنى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا سىناق قىلىپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ دىن بىلەن پەن بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى تىپتىكى ئاممىباب ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تالىپلار قىزغىن قوللىدى، ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇنىڭ شان – شۆھرىتى يېقىن – يىراقلارغا تارىلىشقا باشلىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىناۋىتى، شان – شۆھرىتىگە ھەسەت كۆزى بىلەن قاراشقان بىر قىسىم جاھىل موللىلار، مۇتەئەسسىپ سوپى، ئىشان، خەلىپىلەر ئۇنى “جەدىت”لىكتە، “دەھرى” لىكتە ئەيىبلەپ، بىرمۇنچە ئېغىۋالار توقۇشتى. نەتىجىدە جاھىللىق، خۇراپاتلىق، نادانلىق ئەۋج ئېلىپ، قاراڭغۇ زۇلمەت باسقان ئۇ زاماندا، ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇنى ھىمايە قىلغان خېلى بىر قىسىم تەرەققىيپەرۋەر ئوقۇمۇشلۇق زاتلار زور بېسىمغا ئۇچرىدى. بۇ ۋەزىيەتتىن ئىچى پۇشقان ئابدۇقادىر داموللام ھەجگە بېرىشنى باھانە قىلىپ، يەنە بىر قېتىم ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ، 1918 – يىلى تاشكەنتكە باردى. ئاندىن شەمەي، ئۇفا، قازان، ئورال، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا بىر مەزگىل ساياھەتتە بولغاندىن كېيىن مەككىگە باردى. سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر مەزگىل تۇردى. ئاندىن مىسىرغا بېرىپ ئۇ يەردىكى ئالىم، ئۆلىمالار بىلەن ئۇچراشتى. ئابدۇقادىر داموللام بۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاتاقلىق ئالىملار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، زور شۆھرەتكە ئىگە بولغان ئىدى. مىسىر ئالىملىرى، ئۆلىمالىرى ئۇنىڭغا چوڭ ئىلتىپاتلار كۆرسىتىشتى 1 «ئابدۇقادىر داموللام بىلەن مىسىردا ئىلمىي سۆھبەتتە بولغان تاتار خەلقىنىڭ بۈيۈك تارىخ ئالىمى زاكىر قادىرى 1951 – يىلى ئەينى چاغدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي سۆھبەتتىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلىپ: “ئابدۇقادىر داموللام ئىسلام دۇنياسىدا تەڭدىشى ئاز تېپىلىدىغان، يېتىشكەن زور مۇتەپەككۇر ۋە مۇسلىھ (ئىسلاھاتچى)، مۇجاھىد (كۈرەشچان) بۈيۈك ئالىم ئىدى… ” دەپ باھا بەرگەن.». ئابدۇقادىر داموللام ئۇلار بىلەن ئىلمىي سۆھبەتتە بولۇش جەريانىدا ئۆز خەلقىنىڭ ئىلىم – مەرىپەتتە ھەقىقەتەن ئارقىدا قالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھۆكۈمران دائىرىلەرنىڭ خەلق ئاممىسىنى مەڭگۈ قۇللۇقتا، نادانلىقتا تۇتۇش سىياسىتىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۇلار يەنىلا ھېچ يەرنى كۆرمەي، ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەي، دۇنيادىن بىخەۋەر ياشاۋەرسە، قۇللۇق، جاھالەت، نادانلىقتىن ئەبەدىي قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ پەن – مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى، مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىق، مىللىي ئىناقلىقنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئۇيۇشۇشنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر شوئارى ۋە كۈرەش نىشانى قىلدى. ئۇ، 1920 – يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خەلقنىڭ قان – تەر بەدىلىگە ياشاۋاتقان تەسلىمچى ئەمەلدارلارغا، جاھالەت ھامىيلىرى بولغان مەككار سوپى، ئىشانلارغا، ئاچ كۆز، جان باقار بايلارغا قارشى كۈرەشنى باتۇرلۇق بىلەن باشلىۋەتتى. ئۇلار ئابدۇقادىر داموللامنىڭ: “ھەرقايسىلىرى يۇرتنىڭ كۆزى، خەلقنىڭ بېشى، ھالبۇكى، خەلقىمىزنى ئىلىم – مەرىپەتكە، تەرەققىياتقا باشلىماستىن، پۈتكۈل ئىجتىھات ۋە ئىشتىياق بىلەن مۆھۈر ھەققىگە مەپتۇن بولۇپ، كۈندە چۈشكەن تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ خاتىرجەم ئۇخلاشسىلا، خەلقىمىزنىڭ ھالى قانداق بولار؟ بىز ئۆز بالىلىرىمىزغا مەكتەپ ئاچماي، ئۇلارنى تاشلىۋەتتۇق… تېخى ھەرخىل جازا چارىلىرىنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ بېشىغا دەرد سېلىپ، ئۇلارنى جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز. ئەگەر بۇ توغرىدا قايغۇرمايدىغان بولساق، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئالدىدا بىز ناھايىتى ئۇياتقا قېلىشىمىز، لەنەت – نەپرەتكە كۆمۈلۈشىمىز مۇقەررەر گەپ” 1 «خېۋىر تۆمۈرنىڭ “ئابدۇقادىر داموللام” ناملىق تارىخىي ئوچېركىدىن ئېلىندى (“بۇلاق” مەجمۇئەسى 1981 – يىل 1- سان، 246 -، 247 – بەتلەر).» دېگەن خىتابلىرىنى ئەسەبىيلىك دەپ بىلىشىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن تۆھمەتلەر توقۇشتى. بۇلارغا ۋەز – نەسىھەت ئوقۇپ، خەلق كويىدا بولۇشقا ئۈندەشنىڭ ئۆزى كالا مۈڭگۈزىدە گۈل ئۈندۈرۈش بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئابدۇقادىر داموللام ئۈمىدنىڭ يەنىلا خەلقتە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، خەلققە چەكسىز ئىشەنچ باغلىدى. ھەركۈنى نامازدىگەردىن كېيىن، ھېيتگاھ جامەدە ئەمرىمەرۇپ، مۇنازىرە سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلققە ئۈزلۈكسىز تەشۋىقات، تەرغىبات ئېلىپ باردى. “نەسىھەتى ئاممە” – ئاپتورنىڭ خەلق ئاممىسىنى ئويغىتىش مەقسىتىدە يازغان ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدۇر.
ئابدۇقادىر داموللام خەلق ئاممىسىنى خۇراپاتلىق، نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا يالغۇز تەشۋىقات، تەرغىباتقىلا تايىنىپ قالماستىن، بەلكى بىر قاتار ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، قەشقەر ئۆلىمالىرى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلىدى. ئۇ، قازى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەق تەلەپ دەۋا ئىشلىرىنى قۇرئان، ھەدىسكە ئاساسەن توغرا، ئادالەت بىلەن بىر ياقلىق قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەندىن باشقا، يېڭىچە كۆزقاراشتىكى كىشىلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە بايلارغا خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى ۋە ھىممىتى بىلەن 52 نەپەر ياشنى گېرمانىيە، فرانسىيە، تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا چىقاردى. ئابدۇقادىر سامانىي، چىڭگىز داموللام، ئابدۇۋايىت ئاخۇن… غا ئوخشاشلار قەشقەر بايلىرىدىن ئوبۇلھەسەن ھاجى، ئۆمەر بايلارنىڭ ياردىمى بىلەن فرانسىيىگە بېرىپ ئوقۇپ كەلگەن ×× ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى يېڭىچە كۆزقاراشقا ئىگە ئۇيغۇر ياشلىرى ئىدى.
ئابدۇقادىر داموللام ياشلارنى ئىلىم – ئېرپاندىن، دۇنيادىن خەۋەرداق قىلىش ئۈچۈن مائارىپ سېپىگە قايتىدىن ئاتلىنىپ، دىنىي ئىلىمنى ھەم پەننىي ئىلىمنى بىلىدىغان يېڭىچە قاراشتىكى بىر تۈركۈم زىيالىيلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى. قەشقەر شەھەر ئەلگەك بازىرىدىكى توقام مەدرىسەسى 1، «بۇ مەدرىسەنىڭ ئورنى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا بۇزۇپ تاشلانغان. ھازىر بۇ ئورۇنغا خەلق باشقۇرۇشىدىكى قەشقەر شەھەرلىك ئىشچى – خىزمەتچىلەر تىل – تېخنىكا مەكتىپى ۋە مەكتەپ قارمىقىدا دوختۇرغانا سېلىندى.» ئوردا ئىشىكىدىكى ۋاڭلىق مەدرىسەسى 2، «بۇ مەدرىسە ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئورنىدا بولۇپ، 1935 – يىلى دارىلمۇئەللىمىنگە ئۆزگەرتىلگەن. 1938 – يىلى دارىلمۇئەللىمىن نەزەر باغقا كۆچكەندىن كېيىن، “ئوردا ئىشىكى باشلانغۇچ مەكتىپى” (بۇ مەكتەپ “لەيلى ناھار” (كېچە – كۈندۈزلۈك مەكتەپ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سېلىنغان.» خانلىق مەدرىسەسى 3، «ھېيتگاھ مەدرىسەنىڭ ئورنى ھېيتگاھ جامە ئىچىدە بولۇپ، ھېلىمۇ بار. بۇ مەدرىسەدە 1956 – يىلىدىن باشلاپ ئوقۇش توختىتىلغان.» ھېيتگاھ مەدرىسەسى 4، «خانلىق مەدرىسەنىڭ ئورنى ئوردا ئىشىكىدە بولۇپ، 1958 – يىلىدىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگەن.» ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ياشلارنى تەربىيىلەشتە بىر ئۆمۈر تەر تۆككەن ئىلىم – مەرىپەت بۇلۇقى ئىدى. ئۇنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن شەمسىدىن داموللام، سابىت ئاخۇن داموللام (ئابدۇلباقى)، ھاشىم ئاخۇن خەلپىتىم، ئابدۇلئەزىز داموللام، سالىھ داموللام، ئىنايەتخان مەخسۇم، جامال ئاخۇن خەلپىتىم، سالى ئەلەم ئاخۇنۇم (يەكەنلىك)، ھېلىمىدىن ئاخۇنۇم (يەكەنلىك)، مۇھەممەت ئابدۇللاخان (يەكەنلىك)، ئابدۇللا قازىھاجىم (يەكەنلىك)، ئىسراپىل داموللام (پوسكاملىق)، ئېلى ئاخۇن خەلپىتىم (قاغىلىقلىق)، ئابدۇجېلىل داموللام (گۇمىلىق)، مۇسەييىپ ئاخۇن خەلپىتىم (كۇچالىق)، ئابدۇللا داموللام (تۇرپانلىق، ئەدەبىي تەخەللۇسى “نەئىمى”)… قاتارلىقلار 30 – يىللاردىن باشلاپ قەشقەر مائارىپىنىڭ داڭلىق پېشىۋالىرى، ئابدۇقادىر داموللام تەشەببۇس قىلغان يېڭىچە مائارىپنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە ۋارىسلىرى بولۇپ قالغان ئىدى. يەكەنلىك ھېلىمىدىن ئاخۇنۇم ئالتۇنلۇقتىكى كونا خانلىق مەدرىسە ئورنىغا، ئابدۇللا قازىھاجىم يەكەن ئېلىشقۇغا، مۇھەممەت ئابدۇللا خان خوجام يەكەن شەھەر ئىچى مانجۇ كۆلبېشىدىكى ئىمىنبەگنىڭ ھويلىسىغا ( “مەتلەئىل ئېرپان” نامى بىلەن ئاتالغان بۇ مەكتەپ كېيىن جۇۋىچى كۆلى ئالدىدىكى چوڭ مەدرىسەگە يۆتكەلگەن) ئاچقان مەكتەپەلر ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەسىرى بىلەن ئېچىلغان يېڭىچە مەكتەپلەر ئىدى.
ئابدۇقادىر داموللام ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەلىم – تەربىيىسىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ، كېچىلىرى ھاممامدا، كۆلدە يېتىپ، كۈندۈزى تىلەمچىلىك بىلەن كۈن كەچۈرۈۋاتقان يېتىم – يېسىر بالىلارنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ھالىغا ئېچىندى، تەقدىر – ئىستىقبالىدىن قايغۇردى. بۇ جەھەتتە مەجبۇرىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ ئۆشرە، زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئىسقاتتىن كەلگەن پۇللارنى يېتىم – يېسىرلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ، ئۇلارغا ئاتىدارچىلىق قىلدى. قەشقەر شەھىرىدە “مەتلەئىل ھىدايەت” ناملىق مەكتەپ تەسىس قىلىپ ۋە ئۆزى باشقۇرۇپ، يېتىم – يېسىرلارنى تەربىيىلەپ، توغرا يولغا باشلىدى.
ئەينى چاغدىكى ئەنگلىيە، شۋېتسىيە مىسسىيۇنىرلىرىنىڭ قەشقەردە ئۆز ئالدىغا مەكتەپ، دوختۇرخانىلارنى ئېچىپ، يېتىم – يېسىرلارنى، كەمبەغەل – نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى ئالداپ، كاتولىك دىنىنىڭ مۇخلىسلىرىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى، ھەدەپ ئۆز مەتبەئەخانىسىدىن پايدىلىنىپ، “ئىنجىل” نى كۆپەيتىپ بېسىپ، كاتولىك دىنى ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ، دىنىي سىڭىپ كىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى – ئابدۇقادىر داموللامنى چوڭقۇر ئويغا سالغان ۋە قەشقەردىكى ھەممە ئادەم ئىنتايىن نارازى بولۇپ، جىددىي كۆگۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەردىن بىرى ئىدى. ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ۋە ئىستىقبالىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن قەشقەر ئۆلىمالىرى، مۆتىۋەرلىرى، تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر ۋە شەھەر خەلقى موللا – ئۆلىمالارنىڭ تېزدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ خرىستىئان دىنىنىڭ سىڭىپ كىرىش قىلمىشىنى دەرھال توشۇشنى ھەرۋاقىت ئۈمىد قىلاتتى. ئابدۇقادىر داموللام بۇ ئىشقا قارىتا كەسكىن تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن، قۇمدەرۋازا سۈت – قايماق كوچىسىلىق ئىمىن خەلپەت ھاجىم (مەرھۇم ھامىت ئىمىنوپنىڭ دادىسى)، غەزىنىچىبەگ مەھەللىلىك ياقۇپ ھاجىم، باغ كوچىسىلىق مەتنىياز خەلپىتىم، ئوردائالدىلىق مامۇت ھاجىم، مەنسۇر ھىدايەت… قاتارلىق شەھەر مۆتىۋەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شۋېد دوختۇرخانىسىنى تاقىتىۋەتمەكچى، شۋېدلارنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقارماقچى بولۇشتى. نەتىجىدە قەشقەر شەرئى مەھكىمىسىنىڭ شۇ چاغدىكى مۇپتىسى بولغان ئوردائالدىلىق مامۇت ھاجىم بۇ ئىش توغرۇلۇق قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئاساس كەلتۈرۈپ پەتىۋا يازدى. ئابدۇقادىر داموللام شەرئى مەھكىمىسىنىڭ قازى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەتىۋاغا مۆھۈر باستى. پەتىۋا قولدا كۆچۈرۈلۈپ، شەھەر ئىچىدىكى ھەممە چوڭ – كىچىك مەسچىت ۋە مەدرىسەلەرگە تارقىتىلدى. پەتىۋادىن خەۋەر تاپقان مۇسۇلمان خەلق ئاممىسى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئابدۇقادىر داموللام، مامۇت ھاجىم، ياقۇپ ھاجىم، ئىمىن خەلپەت ھاجىم، مەتنىياز خەلپىتىم، جامال ئاخۇن خەلپىتىم، زۇنۇن ھاجىم، مەمتىلاجى شاڭخەي، ئىنايەتخان مەخسۇم… قاتارلىق موللا، ئۆلىمالارنىڭ باشچىلىقىدا شۋېدلارنىڭ قۇمدەرۋازىدىكى ۋاكالەتخانىسىغا 1 «ھازىر بۇ ئورۇندا قەشقەر شەھەرلىك قوراللىق بۆلۈمى ۋە ۋىلايەتلىك ئىستراخۇانىيە شىركىتىنىڭ ئائىلە بىناسى بار.» باستۇرۇپ كىردى. پەتىۋاغا ئاساسەن دوختۇرخانىنى پېچەتلىمەكچى بولغاندا، شۋېدلار قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن، غەزەپلەنگەن ئامما ۋاكالەتخانا ئىچىدىكى ئۆي – ئۆيلەرگە كىرىپ، دىن تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى، “ئىنجىل”نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرىنى كۆيدۈردى. مەتبەئە ئۈسكۈنىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلۈمدىن قورقماسلىقتەك بۇ خىل جاسارىتى زور كۆپچىلىك دىنىي زاتلارنىڭ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى، مەدەتكارلىقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ، بىر قىسىم موللا، قازى – قۇززات، ئىشان، بايلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇلار ئابدۇقادىر داموللامغا نىسبەتەن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، ئۇنى يېۋەتكۈدەك ئەلپازدا ھاقارەتلەشتى. بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر دوتىيى جۇرۇيچى ئابدۇقادىر داموللام، مامۇت ھاجىم، ياقۇپ ھاجىم باشلىق 30 غا يېقىن كىشىنى 40 كۈن ھەپسىگە سولاپ قويدى. ئابدۇقادىر داموللام ھەپسىدىن چىققۇچە، ئۇلار چەت ئەللىكلەرگە مەسلىھەت بېرىپ ۋە تىل بىرىكتۈرۈپ، سۇيىقەست پىلانلاپ، ھىجرىيە 1342 – يىلى (مىلادىيە 1923 – 1924 – يىللىرى) ماھى مۇھەررەمنىڭ 1 – كۈنى سەيشەنبە (8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى) كېچىدە ئۆز ئۆيىدە ياللانغان قاتىل ئارقىلىق مەخپىي ئۆلتۈرگۈزۈۋەتتى. 1 «ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەتلىئام قىلىنغان ئاي – كۈنى كۆپ ماتېرىياللاردا “ئەتىياز پەسلى” دەپ قەيت قىلىنغان. ئەمما، مەرھۇمنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى بولغان داڭلىق ئۆلىما، تالانتلىق شائىر شەمسىدىن داموللامنىڭ ئابدۇقادىر داموللام قەتلىئام قىلىنغان كۈنى ئۆلۈمىگە كەلگەن كاتتىلار ئالدىدا مەرھۇم داموللامنىڭ ھويلىسىدىكى بىر تۈپ ئانار دەرىخىگە قارىتىپ ئوقۇغان ئەرەبچە قەسىدىسىدىكى: “ئايا شەجىرى رۇممان مالىكە نەزىرىتەن، كى ئەنتىكە لەم تەجەز ئى ئەلا ئىبنى ۋارىسى” (ئەي ئانار دەرىخى، شۇنچە يىللار كۆكىرىپ گۈزەل تۇرۇپسەن. (بۈگۈن) ۋارىس ئوغلى (ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ) ئۈچۈن چۆچۈمىگەندەك تۇرىسەنغۇ؟1!) دېگەن مىسرالار بۇ ۋاقىتنىڭ ئېنىق ياز پەسلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.»
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ كىم تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى بىردەك ئەمەس. بەزىلەر: “ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەتلىئام قىلىنىشىدا موللا ئىسلام داموللامنىڭ قولى بار، ئۇ سوۋېت كونسۇلخانىسىغا ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بېرىدىغان كىشى بولغاچقا، خەلقلەر ئۇنى (قازى ئورۇس) دەيتتى” دېسە، يەنە بەزىلەر: “ئابدۇقادىر داموللامنى قەشقەرنىڭ شۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ موللىسى ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام بىلەن قەشقەرنىڭ ئەڭ چوڭ بېيى ئۆمەرباي ئەنگلىيە، شۋېتسىيە كونسۇلخانىسىدىكىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئەھمەت دېگەن (“ھېلىم مەزىن” دېگۈچىلەرمۇ بار) تەلۋە ئارقىلىق ئۆلتۈرگۈزۈۋەتتى” دەيدۇ. ھازىر مەلۇم بولغان پاكىتبلار باشقىچە. بۇنىڭ ئۈچۈن گەپنى باشتىنراق دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. ئابدۇقادىر داموللام 1918 – يىلى ھەجگە بېرىش يولىدا تاشكەنتتە بىر مەزگىل توختىغان. بۇ ۋاقىت تېخى 1 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ قالايمىقانچىلىقى تەلتۆكۈس ئاخىرلاشمىغان، بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا تېخى تىكلىنىپ بولالمىغان، مىنشېۋىكلارنىڭ بولشېۋىكلارغا قارشى كۈرەشلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بىر چاغ بولغاچقا، ئابدۇقادىر داموللام مىنشېۋىكلارنىڭ بولشېۋىكلارغا قارشى بىر قېتىملىق نامايىشىغا بىلمەي قاتنىشىپ قالغان. نامايىشچىلار ئارىسىدىكى يۈسۈپ ئىسىملىك بىرى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ياقا – يۇرتلۇق ئىكەنلىكىنى دەرھال سېزىۋېلىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان ھەمدە ئۇنىڭ ياقا – يۇرتلۇق تۇرۇپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى قوللىغانلىقىغا كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېيتىپ، خەيرخاھلىق بىلدۈرگەن. بىرنەچچە زامان ئۆيىدە قوندۇرۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالغان. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھەجگە بارىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، بىللە بېرىش تىلىكىنى بىلدۈرگەن. ئابدۇقادىر داموللام بىلەن شەمەي، ئۇفا، قازان، ئورال، تۈركىيە، لوندون، مىسىر، ھىجاز، مەككە قاتارلىق جايلارغا بىللە بارغان. ھەج سەپىرىنى تۈگىتىپ، تاشكەنتكە كەلگەندە يۈسۈپ تاشكەنتتە قالغان، ئابدۇقادىر داموللام قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. 1923 – يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەردىكى چوڭ موللا، ئۆلىما، بايلارنى كۈتۈۋالغان. بۇ كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە مۇيەسسەر بولغان ئابدۇقادىر داموللام كونسۇلخانىنىڭ زىياپەت زالىغا كىرگەندە ھېلىقى يۈسۈپ دېگەن كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. بۇ كىشىنىڭ مۇشۇ كونسۇلخانىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، زىياپەتكە قاتناشماي دەرھال قايتىپ كىرگەن. ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن جاڭقورغانلىق زۇنۇن ھاجىمنىڭ ئۆيىدە چاي بولغان. ئىنايەتخان مەخسۇم، ئابلىراخۇن مەخسۇم، مەمتىلاجى شاڭخەي، چۇمبۇسلۇق مەمتىلاجىم قاتارلىق كاتتىلار قاتناشقان بۇ سورۇندا ئابدۇقادىر داموللام مۇئاۋىن كونسۇل يۈسۈپنىڭ ئىشىنى ئۆز ئاغزى بىلەن سۆزلەپ بەرگەن ھەمدە: “شۇنىڭدىن بۇيان ئۆزۈمدىن ۋەھىمە قىلىپ قالدىم” دېگەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى مەمتىلاجى شاڭخەي دوتەي يامۇلغا بېرىپ، دوتەينى كونسۇلخانىغا چاقىرتقانلىقى ھەققىدىكى خەتنى كۆرگەن. دوتەي كونسۇلخانىغا چىققاندىن كېيىن، سوۋېت كونسۇلى دوتەيگە: “قەشقەردە ھازىر بىر ئادەم بار، بۇ ئادەم تالىپلارغا تارىخ، جۇغراپىيە، ھېساب ئۆگىتىمەن دەپ يۈرىمىش. بۇ ئادەم تارىخ، جۇغراپىيە، ھېساب ئۆگىتەلەمدۇ؟ ئەگەر ئۆگەتسە ئىشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ شۇڭا بۇ ئادەمنىڭ ئىشلىرىنى دەرھال تەپتىش قىلىپ، نەتىجىسىنى ماڭا مەلۇم قىلىڭ!” دېگەن.
دوتەي كونسۇلخانىدىن قايتىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۆمەرباي ئارقىلىق ئابدۇقادىر داموللامنى سۈرۈشتۈرگەن. ئۆمەرباي ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلغان، ئەمما دوتەي بۇنىڭغا كۆنمەستىن، مەدرىسەدىكى پائالىيەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بۇيرۇغان. ئۆمەر باي ئابدۇقادىر داموللامنىڭ دەرس ئارىلىقىدا تارىخقا ئائىت بىلىملەرنى قىستۇرۇپ بايان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى تالىپلار ئارقىلىق بىلگەندىن كېيىن، دوتەيگە مەلۇم قىلغان. دوتەي بۇ ئاخباراتنى كونسۇلغا مەلۇم قىلغان. كونسۇل ئابدۇقادىر داموللامنى دەرھال كۆزدىن يوقىتىشقا بۇيرۇغان. ئەگەر بۇ ئىشتا دوتەي سۇسلۇق قىلسا، ياڭ زېڭشىنغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ پوپوزا قىلغان. سوۋېت كونسۇلىنىڭ پوپۇزىسىدىن قورقۇپ كەتكەن جۇ دوتەي خىزمىتى بەدىلىگە 300 سەر كۈمۈش تەڭگە بېرىش، ئۆزىنىڭ ۋە بالا – چاقىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئەبەدىي كاپالەتلىك قىلىش شەرتى بىلەن قاتىل ئەھمەتنى ياللىۋېلىپ، ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكەن. كېيىن قاتىل ئەھمەت تۇتۇلغان بولسىمۇ، بۇ ئىشتا سوۋېت كونسۇلى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ قولى بولغانلىقتىن، ئىشنى ئارقىسىغا سۆرەش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئەھمەتنى جىنايى جاۋابكارلىقتىن قاچۇرۇپ، ھېچقانداق چارە كۆرمىگەن. قاتىل ئەھمەت كېيىنكى چاغلاردا خەلقنىڭ نەپرىتى تۈپەيلىدىن نېرۋىسىدىن ئادىشىپ، ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يەپ ئۆلگەن.
ئابدۇقادىر داموللام قەتلىئام قىلىنغان كۈننىڭ ئەتىسى يۈسۈپ توقام دېگەن كىشى: “بۇ ئۆمەرباينىڭ قىلغان ئىشى” دېگەن. بۇ سۆزگە ئاساسەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شاگىرتلىرى ئۆمەرباينى ئىزدەپ، ھېسابلاشماقچى بولغاندا، ئابدۇكېرىمخان خەخسۇم ئوتتۇرىغا چىقىپ: “بۇ ئۆمەرباينىڭ قىلغان ئىشى ئەمەس، ئابدۇقادىر داموللام شۋېد دوختۇرخانىسىغا ئوت قويغانلىقى ئۈچۈن شۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن” دېگەن. ئۆمەرباي ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش جەريانىدىن پۈتۈنلەي خەۋەردار بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ پۈتكۈل سودا ئىشى سوۋېت بىلەن بولىدىغان بولغاچقا، بۇ سىرنى تىنىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. بۇ سىرنى بىلىدىغان ئىنايەتخان مەخسۇم، ئابلىراخۇن مەخسۇم، مۇساخان تېۋىپنىڭ ئوغلى ئابدۇۋايىت ئاخۇن، ئوردائالدىلىق مامۇت ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت ھاجىم، مەمتىلاجى شاڭخەي، جاڭقورغانلىق زۇنۇن ھاجىم، خانئېرىقلىق ئىمىن ئاخۇن خەلپىتىم قاتارلىقلار:”ئابدۇقادىر داموللامنى شۋېدلار ئەمەس، ئورۇسلار قول تىقىپ ئۆلتۈرگۈزدى” دېگەنلىكى ئۈچۈن، جۇ دوتەي بۇلارنى تۇتۇپ، ھەپسىگە سولاپ قويغان. ئىنايەتخان مەخسۇم، ئابلىراخۇن مەخسۇملار بۇ ئىشنى ئىككىنچى تىنماسلىققا ۋەدە قىلىپ، چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. جامال ئاخۇن خەلپىتىم كالتايلاققا، زۇنۇن ھاجىم غۇلجىغا، مەمتىلاجى شاڭخەيگە كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرى يېشىلمەي، شۇ پېتى بېسىلىپ قالغان.
ئەسلى گەپكە كەلسە، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاپات بولغان خەۋىرى چاقماق تېزلىكىدە پۈتكۈل شەھەرگە ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى قوغان، سەمەن، ئاۋات، بەشكېرەم، توققۇزاق، ئاتۇش، پەيزىۋات قاتارلىق يېزىلارغا ئاڭلاندى. 10 مىڭلىغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ، قول ھۈنەرۋەن، كاسىپ، سودىگەرلەرنىڭ، دېھقانلارنىڭ بۇ مۇسىبەتتىن يۈرىكى مۇجۇلدى. ھەممە يەرنى ھەيرانلىق ئىلكىدىكى غۇلغۇلا قاپلىدى، ھەممە كۆزلەردىن قاتىللارغا بولغان غەزەپ – نەپرەت ئۇچقۇنى چاقنىدى، ھەممە چىريدىن قاتىللارغا بولغان ئۆچمەنلىك نامايان بولدى. پەيشەنبە كۈنى ھېيتگاھ جامەنىڭ ئىچى – تېشى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ نامىزىغا داخىل بولۇش ئۈچۈن كۈن بويى ئىشتىن توختىغان ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. پېشىندىن كېيىن 10 مىڭلىغان ئادەم سەپ – سەپ بولۇپ، داموللامنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى. نامازدىن كېيىن قوللىرىغا ھاسا ئېلىپ، تۇماقلىرىنى تەتۈر كىيىشكەن مىڭلىغان تالىپلارنىڭ:
“تاغۇتاشلار تەۋرىشىپ،
قاتتىق چاقماق چاققانمۇ؟
تۈمەن سۈيى قان بولۇپ،
بۈگۈن تەتۈر ئاققانمۇ؟

قەشقەرنىڭ ھاۋاسىنى،
چاڭ – تۇمانلار باشقانمۇ؟
قەشقەرنىڭ جاھانىنى،
قايغۇ – ماتەم باسقانمۇ؟

ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز،
كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز.
داموللامغا دۆيۈزلەر،
قەست قىلالماس دەپتىمىز”.

دېگەندەك مەرسىيە شېئىرلىرىنى ئوقۇشۇپ، دەۋرىي ساما سېلىشىپ، يول ئېچىشى؛ بېشىغا سەللە، بەللىرىگە ئاق باغلىغان مەرھۇمنىڭ يۈزلىگەن دوست – يار، ئاغانە – بۇرادەرلىرى، بالا – چاقا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ “ئاھ دادام، ئاھ قېرىندىشىم” دەپ داد – پەرياد كۆتۈرۈپ ھازا ئېچىشىپ، جىنازا ئالدىدا مېڭىشى، ھېيتگاھتىن تۆشۈك دەرۋازىغىچە ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان كىشىلەر توپىنىڭ جىنازىغا ئەگىشىشى ئارقىسىدا، مېيىت سېلىنغان تاۋۇت ئۇزىتىپ چىقىلدى، داموللامنىڭ جەسىتى ھەزرەتتىكى تاختا كۆۋرۈك دېگەن يەرگە دەپنە قىلىندى 1. «قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1996 – يىلى 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 28 – نومۇرلۇق ھۆججەت ئارقىلىق، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەبرىسىنى “شەھەر دەرىجىلىك نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى” دەپ ئېلان قىلغان. »
ئابدۇقادىر داموللام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن بۇرادەر ۋە مەسلەكداشلىرىدىن شەمسىدىن داموللام، مەھمۇت ئاخۇن داموللام، تەجەللى ھەزرەت، مۇراد رەمزەبەگ ھەزرەتلىرى 2، «مۇراد رەمزەبەگ ئابدۇقادىر داموللامغا بېغىشلاپ 160 مىسرالىق مەرسىيە يازغان بولۇپ، بۇ مەرسىيىدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ پۈتكۈل ئىش ئىزلىرىنى تىلغا ئېلىپ مەدھىيىلىگەن، ۋاپاتىغا ئېچىنغان. ئابدۇقادىر داموللامغا يۇقىرى باھا بەرگەن. ئۇ كىشى ھىجرىيە 1352 – يىلى (مىلادىيە 1933 -، 1934 – يىللىرى) غۇلجىدا ۋاپات بولغان.» چەت ئەلدىكى دوستلىرىدىن ئەنۋەر ساھىب داموللام (كەشمىرلىك)، ئالىم، مۇئەررىخ رىزا ئىبنى پەخرىدىن ھەزرەتلىرى (تاتار، ئۇفالىق) قاتارلىقلار ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاپاتىغا ئېچىنىپ، مەرھۇمغا ئاتاپ مەرسىيىلەر يېزىشتى. ئۇنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى چۆچەكتە تۇرۇپ ئاڭلىغان مەمتىلى توختىھاجى (تەۋپىق) مۇ ئىنتايىن چۆچۈگەن ھالدا:
“مەرھۇم داموللا ئابدۇقادىرى ناھەق كەتتىلەر،
گۇناھ نېمە؟ پەقەت بىزگە ھەقنى ئۆگەتتىلەر” 1. «مەمتىلى توختىھاجىنىڭ “ئوقۇدى – ئاشتى” غەزىلىدىن ئېلىندى.» دەپ يېزىپ، ئابدۇقادىر داموللامغا قەست قىلغان مۇتەئەسسىپ دۆيۈز، مۇناپىق قارا كۈچلەرگە غەزەپ – نەپرىتىنى بىلدۈردى.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاپاتى ئەينى دەۋردە يالغۇز ئوتتۇرا ئاسىيانىلا ئەمەس، ھەتتا غەربىي ئاسىيا، جۈملىدىن مۇسۇلمان شەرق ئەللىرىنىمۇ قاتتىق زىلزىلىگە سالغان ئىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى بولغان ئىنايەتخان مەخسۇم: “ھىندىستان، مىسىر، قازان، كەشمىردىكى مەتبۇئاتلاردا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ يېزىلغان مەرسىيە شېئىرلىرى ۋە ماقالىلەرنى توپلاپ توپلام قىلسا، بىرنەچچە جىلدلىق چوڭ توپلام ھاسىل بولۇر ئىدى” دەپ ئېيتقان 2. «ئىنايەتخان مەخسۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ توقام مەدرىسەدە ئوقۇتقان شاگىرتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئابدۇقادىر داموللامنى سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ قول تىقىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەپسىگە ئېلىنغان، كېيىن بۇ ئىشنى قايتا ئېغىزغا ئالمايدىغانلىق ھەققىدە يەرلىك دائىرىلەرگە تىلخەت بېرىپ، ھەپسىدىن چىققان ۋە شۇ يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا چىقىپ كەتكەن. ھىجرىيە 1367 – يىلى (مىلادىيە 1947 -، 1948 – يىللىرى) سەئۇدى ئەرەبىستاندا ۋاپات بولغان. »
ئابدۇقادىر داموللام ھەقىقەتەن ئوتتۇرا ئاسىياغا، جۈملىدىن غەربىي ئاسىياغا تونۇلغان ئۇستا ناتىق، ماھىر مۇنازىرىچى، خەلقپەرۋەر ئالىم، تالانتلىق شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرى، داستانلىرى 1 «120 مىسرالىق بىر مۇخەممىسى، “مېۋىلەر مۇنازىرىسى” ناملىق داستانى بار.» تىرەن مەنىلىك رۇبائىيلىرى 2 «ئابدۇقادىر داموللامنىڭ رۇبائىيلىرى تاشكەنتتە تاش مەتبەئەدە نەشر قىلىنغان “شەۋقى گۈلىستان” ناملىق چوڭ توپلامغا بېسىلغان. »ئۆزىنىڭ پاساھەت، بالاغەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى چەت ئەللەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆپ ئەسەرلىرى ئۆزى ھايات ۋاقتىدا قازاندىكى “مىللەت” مەتبەئەسىدە، تاشكەنتتىكى “غۇلامىيە” مەتبەئەلىرىدە بېسىلىپ، كەڭ تۈردە تارقىتىلغان. بىرقىسىم ئىلمىي ئەمگەكلىرى شۇ زاماننىڭ ئاتاقلىق مەجمۇئەسى “شورا ژۇرنىلى” دا ئېلان قىلىنغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ، بىر قىسىم ئەسەرلىرى قەشقەر قازانچى يار بېشىدا قۇرۇلغان “مۇھەممىدىيە” مەتبەئەسىدە، دەمەشىقتە، جىددەدە نەشر قىلىندى. ئۇ يازغان “جاۋاھىرۇل ھىيقان” (ھەقىقەت جەۋھەرلىرى)، “ئىرشادىل مۇسلىمىن”، “شەرھى ئامالى” قاتارلىق ئەسەرلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۇتۇپخانىلاردا، قەدىمكى ئەسەرلەرنى توپلاش ئىشخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقاندىن تاشقىرى، مىسىرنىڭ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.
“مىفتاھۇل ئەدەپ” – ئاپتورنىڭ ئەرەب ئەدەبىياتىدا ئىپادىلەنگەن ئەرەب تىلىنىڭ ئەڭ ئىنچىك، ئەڭ نازۇك، ئەڭ پاساھەتلىك تەرەپلىرىنى ئەرەب تىلى ئۆگەنگۈچىلەرگە بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئەرەب تىل – ئەدەبىياتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە يازغان دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ بىرى. بۇ كىتاب ھىجرىيە 1328 – يىلى (مىلادىيە 1910 -، 1911 – يىللىرى قەشقەردە يېزىلغان. شۇ يىلى تاشكەنت “غۇلامىيە” مەتبەئەسىدە سىراجىدىن مەخدۇمنىڭ خىراجىتى ۋە شۇ ساخاۋەتلىك زاتنىڭ ئۆز قولى بىلەن كۆچۈرۈشى ئارقىسىدا تاش مەتبەئەدە بېسىلىپ چىققان.
ئاپتور كىتابنى يېزىشتىكى مۇددىئا – مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “مەقسەتلەرنىڭ مۇھىمى، ئارزۇلارنىڭ ئۇلۇغى بولسا، ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى، ئىسلامنىڭ ئەھكام – پرىنسىپلىرىنى، ئەمر – پەرمان ۋە ھۆكۈملىرىنى جانابىي ھەقنىڭ تەلىمىگە مۇۋاپىق بىلىش ۋە تەستىق قىلماقلىقتۇر. بۇنداق بىلىش ۋە تەستىق قىلماقلىتنى (قۇرئان كەرىم) ۋە ھەدىس تەكلىپ قىلىدۇ… لېكىن (قۇرئان) ئايەتلىرى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى بىلىش – ئالدى بىلەن ئەرەب تىلىنى ۋە ئۇنىڭ لەتىپ، ئىنچىكە ئۇسلۇبىنى بىلىشكە باغلىقتۇر. ئەرەب تىلىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە بالاغىتى ئەرەبلەرنىڭ ھېكمەت، باتۇرلۇق، ئەخلاق، نەسىھەت ۋە لەتىپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پاساھەتلىك ۋە بالاغەتلىك ئەدەبىياتىدا كۆرۈلىدۇ… قازى بەيزاۋى ئۆز تەپسىرىدە: (ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ پىكرىدىن قارىغاندا، ئەرەبلەرنىڭ شېئىرلىرى ئەرەب تىلىدا چۈشكەن قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلىشتا بىردىنبىر ئاساسلىق ياردەمچى مەنبە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ) دېگەن ئىدى. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ئىلگىرىكى ئالىملار ئەرەب تىلىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەرەب شېئىرىيىتىدىن ئەرەب تىلىنىڭ قائىدىسىنى ۋە شېئىرىيەتنىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبىنى تەتقىق قىلىپ يەكۈنلىگەن ھەمدە بۇ يەكۈن ئارقىلىق، ئىسلام ئەھلىنى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى بىلىشكە دالالەت قىلغان ۋە يېتەكلىگەن ئىدى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن). ئەپسۇسكى، ھەسرەت ئۈستىگە ھەسرەت! زامانىمىزدىكى مۇشۇ دىياردا ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلار ئەرەب شېئىرىيىتىنىڭ بالاغىتىگە ۋە ئەدەبىي ئۇسلۇبىغا قارىماي، شۇنداقلا ئالىي بىلىم ھاسىل قىلىش پىكرىدە بولماي، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدەك، ئىسلام مىللەتلىرىنىڭ چۈشكۈنلىشىشى ۋە خارابلىشىشىدەك يامان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئوقۇغۇچىلارنى بارلىق ئىلىملەردىن، بولۇپمۇ ئۇلۇمۇ قۇرئان، ئۇلۇمۇ ھەدىس ۋە پىقھە 1 «پىقھە ئىلمى – شەرىئەتنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قانۇنى.» ئىلمىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلدى… ئەگەر مەدرىسەلىرىمىزدىكى ئوقۇتۇش ئاشۇ قالاق ئۇسۇل بىلەن كېتىۋېرىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن شەرىئەت ئەھكام – پرىنسىپلىرىنى خەلققە يەتكۈزۈش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش، ئىسلام مىللىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىشتەك ۋەزىپىنى قاچان ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولار؟ شەرىئەت، ئەھكام ئىشلىرىنى جاھىل، نادانلارنىڭ قولىدىن قاچانمۇ قۇتۇلدۇرۇپ ئالغىلى بولار… ئۇلار پايدىلىق سۆزنى زەرەرلىك دەپ، توغرا سۆزنى يالغان دەپ ھېسابلاۋاتسا، ئۇ ھالدا ئۆزىنىڭ ئىشەنچىنى، ئىقتىدارلىق كىشىلىرىنى ئېچىنارلىق ھالدا يوقاتقان بۇ مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىشتىن قانداقمۇ ئۈمىد بولسۇن ؟! ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ دىنىي ھېسسىياتىمىز بويىچە ئالىي ھىممەت كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى، بەلكى ئومۇمىي ئەھلى ئىسلامنى ياخشى پېشىۋالارنىڭ ئىش ئىزلىرىغا يېتەكلەپ، مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە ئالىي مائارىپنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەشەببۇسكار بولۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن “.
مانا بۇنىڭدىن ئاپتورنىڭ ئۆز كىتابىنى مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ كونا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسان ئۇسۇل بىلەن ئىلىمدىن كۆپ مەنپەئەتلىنەلەيدىغان قىلىشقا ھەمدە پايدىلىق ئىلىملەرنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، بىلىم سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئالىي مەلۇماتلىق بولۇپ يېتىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ يازغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
بۇ كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان مەرىپەتپەرۋەر زات سىراجىدىن مەخدۇم كىتابنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە: “سۆز جەھەتتىكى پاساھەت ۋە بالاغىتى فىردەۋسىنىڭ 1 «فىردەۋسى – جەننەتنىڭ ئىسمى.» ھۆرلىرىدىنمۇ گۈزەل، لاتاپەتلىك، مەزمۇنى جەھەتتىكى سەلسەبىل دېگەن بۇلاقتىنمۇ چوڭقۇر ۋە سۈزۈك. تېكىستى ئۇنىڭدىنمۇ ئاجايىپ” دەپ يازسا؛ تاشكەنتنىڭ شۇ زاماندىكى پازىل ئۆلىماسى، مەشھۇر ئەدىبلىرىدىن بىرى مۇراد خوجا ئىشان تاشكەندى مۇنداق تەقرىز يازغان: “خۇش خەۋەر، خۇش خەۋەر، ئەدىبلەرگە خۇش خەۋەر! ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ ئاچقۇچى بېسىلىپ چىقىدىغان بولدى. بۇ كىتابنى تاللانغان (ئاتاقلىق) يازغۇچىلارمۇ ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىپ يېزىۋالسا، ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. ۋاھ ئەجەبا! بۇ كىتابنىڭ مەنە جەھەتتىكى بالاغىتى فىردەۋسىنىڭ ھۆرلىرىدىنمۇ گۈزەل ۋە لاتاپەتلىك، ئۇنىڭ تېكىستى كەۋسەردىنمۇ تاتلىق، بۇ كىتاب مەنە، بايان ۋە بەدىئىيلىك جەھەتلەردە كۆڭۈلنى ئاچىدىغان ئازادە، جىلۋىلىك كىيىملەر بىلەن بېزەلگەندۇر. بۇ كىتابنىڭ پىكىر مەنىلىرى ئابىھاياتتۇر، ئىلمىي قۇۋۋەتتە ئالتۇن بۇلاقتۇر. كىمكى پەزىلەتتە، ئەدەپ كامالەتتە ھېكمەتلەردىن ئالىي مەرتىۋە تېپىشنى خالىسا، ئاڭا (بۇ مەقبۇل كىتابنى چىڭ تۇت) دېگىل! شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئاشۇ پەزىلەت ئارقىلىق ئالىي مەرتىۋە تاپقاي. بۇ كىتاب نىل دەرياسىنىڭ سۈيىدەك دوستلارغا شېرىن، دۈشمەنگە زەھەر تېتىيدۇ. سەۋىيىسى تۆۋەن كىشىلەر ئاچچىقىدا ھەر نەرسىلەرنى دېسىمۇ، ئەمما توشاق ئالىملار (ئاپىرىن) دېمەي قويمايدۇ. ئەقلىمگە بۇ تاللانما كىتابنىڭ تۈپلىنىشى ۋە نەشردىن چىقىشى قاچان دېسەم، ئەقلىم ئاپىرىن يۈزىسىدىن بۇنىڭ تارىخى (مىفتاھۇل ئەدەپ) 1 «”مىفتاھۇل ئەدەپ” ھەم كىتاب نامىنى، ھەم ئەبجەد ھېسابى بويىچە ھىجرىيە 1328 – يىلى (مىلادىيە 1910 -، 1911 – يىللىرى) نى كۆرسىتىدۇ.» دېگەن نامدا ياسالغان دېدى”.
“مىفتاھۇل ئەدەپ” – ئىككى قىسىم بولۇپ، بىرىنچىسى 10 باب، ئىككىنچىسى بەش بابتىن تۈزۈلگەن. بىرىنچىسىنىڭ ئاخىرىدا: “(مىفتاھۇل ئەدەپ) نىڭ بىرىنچى قىسمى تامام بولدى، ئىككىنچى قىسمى بۇنىڭ كەينىدىن ئۇلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئىلىم ماكانى، بايان، بەدىئىي ئۇسلۇب، ئەرۇز، قاپىيە… گە دائىر مىساللارنى بېرىش ۋە (تەلخىسۇل مىفتاھ) دىكى شېئىرلارنى يېشىش مەزمۇن قىلىنىدۇ” دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككىنچى قىسىم كىتابنىڭ يۇرتىمىزغا يېتىپ كەلگەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.
ئاپتور ئۆز كىتابىغا ئەرەب ئەدەبىياتىدىكى ئىلىم – ھېكمەت، قەھرىمانلىق، ئىپتىخارلىق، ئىچىملىك توغرىسىدىكى، شۇنىڭدەك تارىخىي ۋەقەلەر ھەققىدىكى قەسىدە، مەرسىيە، غەزەللەرنى تاللاپ كىرگۈزگەن. بىرىنچى كىتاب 95 بەت، 1746 مىسرا بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىككى مىسراسى ھەبەش (ھازىرقى ئېفىئوپىيە) تىلىدا، قالغىنى ئەرەب تىلىدا يېزىلغان. ھەبەش تىلىدا يېزىلغان:
“ئەرەھ بەرەھ كەنكەرە،
كەراكىرى مەندەرە”.

(دۇنيادا نۇرغۇن ئېسىل كىشىلەر ئۆتكەن بولسىمۇ، ئارىمىزدا پەقەت سەنلا سىمۋول قىلىشقا يارايسەن) دېگەن بۇ ئىككى مىسرانى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ھەزرىتى بىلال ئوقۇغان. قالغان 1744 مىسرانى مۇسۇلمان ئەللىرىگە مەشھۇر بولغان 100 گە يېقىن ئەرەب، پارس، تۈرك ۋە ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللىۋالغان. بۇنىڭ ئىچىدە مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى تەجەللىنىڭ 164 مىسرا، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 148 مىسرا، سىراجىدىن مەخدۇمنىڭ سەككىز مىسرا، مۇرادخوجا ئىشان تاشكەندىنىڭ 22 مىسرا شېئىرى بار. ئۇنىڭدىن تاشقىرى “لەيلى – مەجنۇن” داستانىدىن پارچىلار بار.
ئاپتور ئۆز كىتابىغا نېمە ئۈچۈن “مىفتاھۇل ئەدەپ لىفەھمى كەلامۇل ئەرەب” (ئەرەب تىلىنى چۈشىنىشتىكى ئەدەبىيات ئاچقۇچى) دەپ ئىسىم قويغانلىقى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ: “كەمىنە ئۆزىنىڭ تۆۋەن ئىقتىدارىغا قارىماي، ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلىق ئىلىملەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش نىيىتى بىلەن ئەرەب دىۋانلىرىدىن ئىلىم – ھېكمەت، مەدھىيە، قەھرىمانلىق، پەخىرلىنىش، غەزەل، زەھرىيات (گۈل – چېچەكلەر)، ئىچىملىكلەر، تەنقىد، مەرسىيە، تارىخ… قا ئائىت نەپىس شېئىرلارنى تاللاپ ئەدەبىيات ئالىملىرىنىڭ ئەرەب تىلى قائىدىسى ۋە ئەدەبىيات ئۇسۇللىرىدىكى مەنە، بايان، بەدىئىي ئۇسلۇب، ئەرۇز، قاپىيىگە مۇناسىۋەتلىك پىكىرلىرىنى توپلاپ، ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، بىرىنچى قىسمىنى 10 باب، ئىككىنچى قىسمىنى بەش باب قىلىپ تۈزدۈم. (تەلخىسۇل مىفتاھ) دا بايان قىلىنغان شېئىرلارنى ھەم بۇ توپلامغا قوشتۇم. چۈنكى، بۇ قىسقىغىنا توپلام ئوقۇغۇچىلارنى دىۋاندىكى پاساھەت، بالاغەت، ئاجايىپ ئۇسۇللار، بەدىئىي مەنىلەرگە ئاشنا قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئىلىم دېڭىزىدىن دۇر – گۆھەرلەرنى قازماققا، ھەدىسلەر گۈلشەنىدىن گۈللەر ئۈزمەككە دالالەت قىلامدىكىن دېگەن ئۈمىدتە بۇ لەتىپىلىك توپلامنى (مىفتاھۇل ئەدەپ لىفەھمى كەلامۇل ئەرەب) دەپ ئاتاشنى مۇناسىپ كۆردۈم”.
كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە گەرچە “مەقسەتلەرنىڭ مۇھىمى، ئارزۇلارنىڭ ئۇلۇغى بولسا، ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى، ئىسلامنىڭ ئەھكام – پرىنسىپلىرىنى، ئەمر – پەرمان ۋە ھۆكۈملىرىنى جانابىي ھەقنىڭ تەلىمىگە مۇۋاپىق بىلىش ۋە تەستىق قىلماقلىقتۇر. بۇنداق بىلىش ۋە تەستىق قىلماقلىقنى (قۇرئان كەرىم) ۋە ھەدىس تەكلىپ قىلىدۇ” دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما كىتابتا بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلەر ناھايىتى ئاز بېرىلگەن. ئاساسلىقى ئىنساننىڭ ماھىيىتى نېمە؟ ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتى نېمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ؟ ئىنساندا قانداق ئەخلاقىي پەزىلەتلەر بولۇشى لازىم؟ ئىنسان كىشىلىك تۇرمۇشنى قانداق ئۆتكۈزۈشى كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئاپتور ئۆزىنىڭ ئەقىل، بىلىم، بەخت، گۈزەللىك، باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق، ھاكىمىيەت، ۋەتەن، مىللەت، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادالەت، ھۆرلۈك ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان، ئىنسانىي پەزىلەتلەردىن ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، ياخشىلىق، خەير – ساخاۋەت، كەم سۆزلۈك، ئۆزىنى تۇتۇش، ئۆزىنى بىلىش، باشقىلارغا باھا بېرىش، باشقىلارنى چۈشىنىشكە ئوخشاش ئېسىل خىسلەتلەرنى قىزغىن مەدھىيىلەپ، كىشىلەرنى بۇ خىل خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشقا چاقىرغان. ئەكسىچە، يامانلىق، ئاچ كۆزلۈك، شۆھرەتپەرەسلىك، ھاماقەتلىك، ھەسەتخورلۇق، شاللاقلىق، ئۆزۈمچىلىك، بېكىنمىچىلىك قاتارلىق يامان ئىللەتلەرنى قاتتىق سۆكۈپ، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشقا ئۈندىگەن؛ زاماننىڭ يولسىزلىقى، تەتۈرلۈكى ئۈستىدىن قاتتىق شىكايەت قىلىپ، ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. مانا بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا “مىفتاھۇل ئەدەپ” نى ×× ئەسىرنىڭ “قۇتادغۇبىلىك”ى دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر “قۇتادغۇبىلىك” بىلەن “مىفتاھۇل ئەدەپ” ئوتتۇرىسىدا پەرق بار دېيىلسە، بىرىنچىدىن بۇ پەرق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەت، ھاكىمىيەت، قانۇن، بەخت – سائادەت، ئەقىل، بىلىم، ئىنسانىي پەزىلەت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى تۆت پېرسۇناژنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەنلىكىدە؛ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بولسا، بۇ مەزمۇنلارنى ئەرەب، پارس، تۈرك شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىكى شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان قىسىملارنى تاللاپ توپلاش ئارقىلىق ئىپادىلىگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ. ئىككىنچى پەرق يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز كىتابىنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يازغان، ئابدۇقادىر داموللام ئىسلامىيەتتىكى ئومۇمىي تەربىيىنى جەمئىيەتنى يېتەكلىگۈچى موللىلار ئارقىلىق يۈرگۈزۈش ئوڭاي دەپ ھېسابلىغانمۇ، ياكى موللىلاردا ھەۋەس قوزغاشنى مەقسەت قىلغانمۇ، ياكى بولمىسا ئەسلىگە سادىق بولۇشنى خىيال قىلغانمۇ، كىتابنى ئەرەب تىلىدا يازغان.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆز كىتابىدا بىرىنچى بولۇپ تەكىتلىگىنى ئەقىل، بىلىم، ئەخلاق – پەزىلەت مەسىلىسىدىن ئىبارەت. چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەقىل، بىلىم، ئەخلاق – پەزىلەت – ئىنساننى خار ۋە زەبۇنلۇقتىن ساقلاپ سائادەتمەن قىلىدىغان، تىلەك، مەقسەتلەرگە يەتكۈزىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئەگەر ئىنسان ئەقلىنى ئىشقا سېلىشقا ماھىر بولمايدىكەن، ئىنسانىيەت ياراتقان بىلىم بايلىقلىرى بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرمايدىكەن ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتنى ئۆزىدە يېتىلدۈرمەيدىكەن، مەڭگۈ قۇل بولۇپ ئۆتىدۇ. “ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئەقىل ۋە ئەدەپتىن گۈزەل نېمەت بەرمىدى (1 – بېيىت)، “ئەقىل، ئەدەپ ياشلارنىڭ گۈزەل ھۆسنى، ئەقىل، ئەدەپنى يوقاتقان ياشلار ھايات سەھنىسىدىن تېزرەك يوق بولغىنى ياخشىراق” (2 – بېيىت)، “ئەگەر سەن ئەقلىڭنى توغرا ئىشلىتەلىسەڭ، ياتقان ئورنۇڭ ئېچىدىمۇ ئەقىل نۇرى بىلەن دائىم يورۇپ تۇرىدۇ” (12 – بېيىت)، ئەقلىڭدىن مەسلىھەت سورا، ئەقلىڭدىن باشقىنى كېرەكسىز ھېسابلا” (13 – بېيىت). ئۇ، ئىلىمنىڭ خاسىيىتىگە توختىلىپ: “ھەربىر پەزىلەتتە ئۈستۈنلۈك بار. ئەمما، ئىلىمنى ھەممە پەزىلەتتىن ئۈستۈن تاپتىم” (3 – بېيىت)، “ئىلىمدىن باشقىنى زەخىر (سەرمايە) دەپ ھېسابلىما، چۈنكى، ئىلىم دېگەن تۈگىمەس خەزىنە” (4 – بېيىت) دەيدۇ. ئۇ يەنە: “ھەي ياش، ئىلىم ئۆگەن، چۈنكى نادانلىق نومۇس، نادانلىققا ئېشەكتىن باشقا نەرسە رازى بولمايدۇ” (6 – بېيىت)، “ئىلىم بىلەن نىجات تاپ، مەڭگۈ ياشايسەن، نادانلار ئۆلۈك، ئالىملار تىرىك” (5 – بېيىت)، “ئىلىم ئىگىلىرى ۋە ئىلىم يولىدا ماڭغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭلىك ۋە خارلىنىش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى دېمە!” (16 – بېيىت)، “ئىلىم ئارتقاندا دۈشمەننىڭ ئاغزى – بۇرنىنى توپىغا مىلىگىلى بولىدۇ، ئىلىمنىڭ ھۆسنى ھەرىكەتنى ئىسلاھ قىلىشتۇر” (17 – بېيىت) دەپ خىتاب قىلىدۇ.
مانا بۇلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ “قۇتادغۇبىلى” تىكى “ھەرتۈرلۈك ياخشىلىقلار ئەقىلدىن كېلىدۇ، ئەقىل – ئىنسان ئۈچۈن مىڭ خىل پەزىلەتنىڭ بېشى، ئۇ كېچىدەك قاراڭغۇلۇقتىكى ئىنساننىڭ دىلىنى مەشئەل كەبى يورۇتىدۇ. ئەقىللىق بولۇش – تەڭرىنىڭ نېمىتى، ئەقىللىق ئىنسان بۈيۈكتۇر”، “ئىلىم – كۈچ، ئىلىم – بەخت قورالى، ئىلىم – ئىنسان قەدىر – قىممىتىنىڭ ئۇلى، ئىنسان ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن يۈكسىلىدۇ، بىلىملىك كىشىنىڭ ئورنى كۆك (ئاسمان) دىنمۇ ئېگىز. كىشىلەرنى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرىدىغان ئاساسلىق، بەلكى دوزاخ ئىشىكىنى پېچەتلەيدىغان نەرسە پەقەت ئىلىم، بىلىملىك كىشىنىڭ ئۇخلىشى تەقۋادار زاھىتنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشىدىن ئەۋزەل” دېگەن قاراشلىرى بىلەن نېمىدېگەن ئوخشاش – ھە!
ئابدۇقادىر داموللام ئۆز كىتابىدا يەنە ئىنسان پەزىلىتىنىڭ نېگىزلىك ماھىيەتلىرىدىن بىرى بولغان ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىلىرىدە بىر قاتار ئىلغار قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ياندىشىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياخشىلىق توغرىسىدا: “ئىنسان بۇ دۇنياغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈنلا يارالغان، ياخشىلىق – ئىنساننىڭ ماھىيىتى، شۇنداقلا كىشىلىك جەمئىيەت ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مۇقەددەس بۇرچى. ياخشىلىق – ھاياتلىقنىڭ دەسمايىسى، ياخشىلىق – ئىنساننىڭ ئەبەدىي يېمەك – ئىچمىكى. بەخت – سائادەت ئىنسانغا ياخشىلىق ئارقىلىق كېلىدۇ. ياخشىلىق ئىنساننى شان – شۆھرەت، ئىززەت – ھۆرمەتكە، مەرتىۋىگە ئېرىشتۈرىدۇ. ياخشىلىق – دۇنيادا ئەبەدىي قېرىمايدىغان، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان مۇتلەق نەرسە. ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈكى ياخشىلىق بىلەندۇر. ئىنسان گەرچە ئۆلگىنى بىلەن ياخشىلىق ئۇنىڭ نامىنى مەڭگۈ ئۇنتۇلدۇرماي، ئەبەدىي ساقلايدۇ” دېسە؛ ئابدۇقادىر داموللام بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دەپ يازىدۇ:”ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتى، مەيلى ئۇ ئىنسان ياخشى ئەمەلنى ئاز قىلسۇن، كۆپ قىلسۇن، گۈزەل ئەمەلىيىتىگە باغلىق” (27 – بېيىت),”ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى، كىشىلەر ئۈستىدىكى ئېغىرچىلىقنى ئىرغىتىپ تاشلاپ، مەنپەئەت يەتكۈزگەن كىشى” (150 – بېيىت)، “ئەگەر قادىر بولالىساڭ، كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى ئىشلاردىن باشقىنى قىلما. بارلىق يامان ئىشلاردىن يىراق بول” (10 – بېيىت)، “ياخشىلىقنىڭ ئۇرۇقىنى چاچ ئورۇنسىز يەر بولسىمۇ، چۈنكى ياخشىلىق ئۇرۇقى قەيەرگە چېچىلسا ھەرگىز زايە بولمايدۇ” (41 – بېيىت)، “ياخشىلىق قىلغىن، زامان ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، چۈنكى، ئۇ ياخشىلىقنىڭ ھوسۇلىنى تېرىغان كىشىدىن باشقىسى ئورۇيالمايدۇ” (42 – بېيىت)، “ياخشىلىقنى ئادەت قىلىش ئۈچۈن ئوچۇق قول بولۇش كېرەك، ئوچۇق قول كىشى ئىززەتتىن نېرى بولمايدۇ” (43 – بېيىت)، “ھەي بالىلار، پۈتكۈل خەلققە مېھرىبان بولۇڭلار، ئۇلارغا مەرھەمەت، شەپقەت نەزىرىڭلار بىلەن قاراڭلار ” (39 – بېيىت)، “چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ، بارلىق ئىشلاردا ياراتقان زاتنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار”(40 – بېيىت).
بۇ يەردە بىر مەسىلىنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش لازىمكى، ئاپتورنىڭ ياخشىلىق توغرىسىدىكى قارشى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قاراشلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، مەلۇم جەھەتلەردە كونكرېتلىققا ئىگە. يۈسۈپ خاس ھاجىپ “قۇتادغۇبىلىك” تە ھەممىگە قارا – قويۇق ياخشىلىق قىلىشنى، ھەتتا يامانلىق قىلغۇچىغىمۇ ياخشىلىق قىلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا؛ ئابدۇقادىر داموللام ياخشىلىقنى بىلگۈچىگە قىلىشنى، يامان ئادەملەرگە ئەسلا ياخشىلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: “ھەرقاچان ئېسىل تەبىئەتلىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلىسەڭ، سەنمۇ ھۆرمەتكە ئىگە بولىسەن؛ ئەگەر ئىپلاس ئادەملەرنى ھۆرمەتلىسەڭ، ئۇ ھەددىدىن ئېشىپ، سېنى يەرگە ئۇرىدۇ” (98 – بېيىت)، “خەير – ئېھسان قىلىش ئورنىغا قىلىچنى ئىشلىتىش زىيانلىق بولغىنىدەك، قىلىچ ئورنىغا خەير – ئېھساننى قويۇشمۇ زىيانلىق” (99 – بېيىت)، “ئىپلاس ئادەملەرگە لوتفۇمەرھەمەت قىلما، ئۇنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويسەن” (100 – بېيىت)، “قاتتىق تۆمۈرنى پەقەت ئوتلا يۇمشىتىدۇ، ئەگەر تۆمۈرگە دېڭىز سۈيىنى قۇيسىمۇ ئەسلا يۇمشىمايدۇ” (101 – بېيىت)، “قۇدرەت تاپساڭ بىر كۈنمۇ پۇرسەت بەرمە، يامانلارنى چاققان بىر تەرەپ قىل، بولمىسا ئۇلار سەن ئىگە بولغان كۈچ – قۇدرەتكە ئەتىلا ئىگە بولۇۋالىدۇ” (103 – بېيىت).
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۇ قارىشى ئەينى زامان رېئاللىقىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ تەبىقىگە بۆلۈنۈپ ياشاۋاتقانلىقى، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بىلەن ھۆكۈمرانلىقى قىلىنغۇچىنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكى، ئۇلاردا ئورتاق ھېسسىيات بولمىغانلىقتىن، ھەممىگە قارا – قويۇق ياخشىلىق قىلىش مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكى كۆزدە تۇتۇلغان.
“مىفتاھۇل ئەدەپ” تە ئىجتىمائىي ئەخلاق كاتېگورىيىسىدە سۆزلەنگەن مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى سۆز قائىدىسى توغرىسىدىكى قاراشتىن ئىبارەت. ئابدۇقادىر داموللام بۇ توغرىدا مۇنداق ئۈچ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: بىرىنچى، سۆزنى قائىدىلىك قىلىش، سۆزنى بۇزماسلىق؛ ئىككىنچى، كەم سۆز بولۇش، كەلسە – كەلمەس سۆزلەۋېرىپ شاللاقلىق قىلماسلىق؛ ئۈچىنچى، كەسكىن سۆزلەش، سۆرەلمىلىك، ئەزمىلىك قىلماسلىق. مانا بۇلارغا رىئايە قىلماسلىق ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ئەدەپ – ئەخلاققا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ئىشلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئادەمگىمۇ خەۋپ يەتكۈزىدىغان زىيانلىق ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئابدۇقادىر داموللام: “سۆزنى گرامماتىكا بىلەن گۈزەللەشتۈر، چۈنكى سۆز قائىدىسىدىن مەھرۇم بولغان كىشى سۆزنى بۇزىدۇ” (18 – بېيىت)، “ئەقىل دېگەن زىننەت، كەم سۇخەنلىك دېگەن سالامەتلىك، شۇڭا ئورۇنسىز سۆزنى تولا سۆزلىمە” (49 – بېيىت)، “كەم سۇخەنلىككە بىر قېتىم پۇشايمان قىلسام، كەم سۆزلىگەنگە مىڭ قېتىم پۇشايمان قىلدىم” (50 بېيىت)، “ئىنسان ھەرقاچان ئۆز تىلى بىلەن سىرىنى پاش قىلىپ، باشقىلارنىڭ مالامىتىگە قالسا، ئۇ ئەخمەق ئىنساندۇر” (119 – بېيىت)، “سۆزلەيدىغان ئورۇننى تاپساڭ چوقۇم كەڭتاشا سۆزلە، ئەگەر سۆزلەيدىغان ياخشى سۆزنى تاپساڭ ئايىماي سۆزلە” (227 – بېيىت)، “چۈنكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىلىم ۋە قابىلىيىتىگە يارىشا ئۇ سۆزدىن توغرا چۈشەنچە ئالىدۇ” (122 – بېيىت)، “ھەرقاچان پىكىر قىلساڭ كەسكىن پىكىر قىل، چۈنكى سۆرەلمىلىك كىشىنى ئىككىلەندۈرىدۇ” (102 – بېيىت). ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۇ قاراشلىرىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ “قۇتادغۇبىلىك”تە ئوتتۇرىغا قويغان تۆۋەندىكى ئوي – پىكىرنىڭ تولۇقلانمىسى دېيىشكە بولىدۇ:

167 سۆزۈڭنى كۆزەتكىن، بېشىڭ كەتمىسۇن،
تىلىڭنى كۆزەتكىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن.

169 ئېسەنلىك تىلەسەڭ ئەگەر سەن ئۆزۈڭ،
تىلىڭدىن چىقارما ياراقسىز سۆزۈڭ.

173 كىشى بولغۇسى شاھ ئۆسۈپ سۆز بىلەن،
تولا سۆز بېشىڭنى قىلار يەر تۆۋەن.

175 پاساھەت بىلە قىل شۇڭا سەن سۆزۈڭ،
پەسىھ بولسا تىلىڭ، ئۆسەرسەن ئۆزۈڭ.

دۇنياپەرەسلىك – مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاچ كۆزلۈكنىڭ بىر خىل ئىپادىسى، ئاچ كۆز كىشىلەر ئادەتتە ئىنتايىن شەخسىيەتچى، ھەسەتخور، پىخسىق، بېخىل كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھەممە نېمىسى تۆلتۆكۈس بولسىمۇ، ئەمما مال – دۇنياغا كۆزى تويمىغانلىقتىن، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ھامان ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئالدىرايدۇ. مال – دۇنيا ئالدىدا نومۇس، ھايانى ئۇنتۇپ، ھەرقانداق پەسكەش قىلىقلارنى قىلىشتىن يانمايدۇ. شۇڭا، دۇنياپەرەسلىكنى “ئىنسان ئەدەپ – ئەخلاقىغا چۈشكەن مىتە” دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئابدۇقادىر داموللام دۇنياپەرەسلىكنىڭ ماھىيىتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىپ يەتكەنلىكتىن، كىشىلەرنى بۇ زەھەرلىك زىيانداش بىلەن ئۆزىنى جاراھەتلەندۈرۈۋالماسلىققا ئۈندەپ “مىفتاھۇل ئەدەپ” تە مۇنۇلارنى يازىدۇ: “دۇنيا بىر ھالەتتە داۋام قىلمايدۇ، ئۇ بەزىدە ئالدىنى قىلىدۇ، بەزىدە كەينىنى قىلىدۇ” (139 – بېيىت)، “دۇنيا كەينىنى قىلسا، ئىنسان ھەرقاچان ھەسرەتلىنىدۇ؛ ئالدىنى قىلغاندا، ئۇنىڭ غەملىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ” (109 – بېيىت)، “ئىنسان بىرەر ئىشتا خۇرسەن بولسا دۇنيانى ماختايدۇ، ئەگەر ئازراق خاپىلىق تارتسا، ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاز ئۆتمەستىن ئۇ دۇنيانى تىللايدۇ” (108 – بېيىت)، “قارىمامسەن! دۇنيا دېگەن قۇرۇلغان بىنالىرىنى ئۆرۈيدۇ، بەرگەن نەرسىلىرىنى قايتۇرۇۋالىدۇ، توغرا نەرسىلەرنى بۇزىدۇ” (110 – بېيىت)، “تولا نادانلار دۇنيادا پۇل – مالغا تويماي ئۆتسە، كۆپلىگەن بىلىمدارلار يوقسۇزلۇقتىن دۇنيادا ھەسرەت چېكىپ ئۆتىدۇ” (22 – بېيىت)، “خاپىلىق كۆرمەي ھاياتنى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزەي دېسەڭ، دۇنياپەرەسلىكتىن ئىبارەت ئادەمنى ھالاكەتكە ئىتتىرىدىغان بۇ نەپسانىيەتچى يولنى تۇتما” (111 – بېيىت)، “دۇنياپەرەسلىكنى تاشلا! چۈنكى، ئالىي مەرتىۋىلىك كىشىلەرنى خارلاشتۇرۇش، ئېتىبارسىز كىشىلەرنى مەرتىۋىلىك قىلىش دۇنيانىڭ تەبىئىتىدۇر” (21 – بېيىت)، “قارىمامسەن! تۇغۇلغاندا بوۋاقنىڭ قولىنى چىڭ يۇمۇپ ئالغىنى ھاياتقا بولغان ئامراقلىقنىڭ دەلىلىدۇر” (115 – بېيىت)، “ئۆلگەن چاغدا ئالىقىنىنى ئاچقىنى، قاراڭلار دۇنيادىن قۇرۇق قول چىقتىم، دەپ ئىبرەت قىلغىنىغا ئىشارەتتۇر” (116 – بېيىت).
يۈسۈپ خاس ھاجىپ “قۇتادغۇبىلىك”تە بۇ مەسىلىنى تارىختا مال – دۇنيانىڭلا كويىدا بولۇپ، ھەددى – ھېسابسىز مال – دۇنيا توپلىغان ۋە بۇ مال – دۇنيالىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ماختىنىپ ئالەمگە پاتماي قالغان شەددات، فىرئەۋنلەرنىمۇ مال – دۇنياسىنىڭ قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىغانلىقىنى، ئۆلۈم مال – دۇنيانى ئۇلاردىن ئايرىپ ئېلىپ قالغانلىقىنى، قارۇن مال – دۇنياغا تويماي بېخىللىق قىلغانلىقتىن، ئاخىرقى ھېسابتا يەر يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى مىسالغا ئېلىش ئارقىلىق، دۇنياپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرگەن ھەمدە مۇنداق يازغان:

2004 كۆزى ئاچ كىشىلەر بولماس مالغا باي،
پۈتۈن دۇنيا بولساڭ ئۇنىڭ، ئۇ گاداي.

2002 بۇ ئاچ كۆزلۈك ئاغرىق، داۋا يوق ئاڭا،
جاھاندا ھېكىم چارە تاپالماس بۇڭا.

5389 كۆزى ئاچقا يەتمەس پۈتۈن بۇ جاھان،
قانائەت قىلغانلار بەختلىك ھامان.

“مىفتاھۇل ئەدەپ”تە “قۇتادغۇبىلىك”تىكى مەزمۇنلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياكى بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، بىر – بىرىنى ئالغا سۈرىدىغان جايلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.
“مىفتاھۇل ئەدەپ”نىڭ ئۆزىگە خاس مەزمۇنلىرىدىن بىرى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا كۆيۈنۈش تۇيغۇسىدىن ئىبارەت. ئابدۇقادىر داموللام بۇ تۇيغۇنى “ۋەتىنىم نېمىدېگەن شەرەپلىك، ئۇنىڭدىن زۇلۇم كۆرگەن بولساممۇ؛ مىللىتىم نېمىدېگەن قەدىرلىك، ئۇ مىللەتتىن جاپا كۆرگەن بولساممۇ” (94 – بېيىت) دېگەن بىر جۈملە بىلەن ناھايىتى چىرايلىق، يارقىن، ھېسسىياتلىق ئىپادىلىگەن.
ۋەتەنپەرۋەرلىك – ئەخلاق ۋە ئېتىقادقا ئوخشاش، ئادەملەرنى ئالىيجانابلىققا باشلايدىغان، ھەقىقىي گۈزەل نەرسىلەرنى بارغانسېرى چۈشىنىش ۋە سۆيۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلاندۇرىدىغان ھەمدە تۈرلۈك يوللار بىلەن گۈزەل نەرسىلەرنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە نامايان قىلىشقا يېتەكلەيدىغان غايىۋى كۈچ. ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىك چىرايلىق سۆزدە ئەمەس، بەلكى ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەش يولىدىكى ھەرىكەتلەردە، يەنى ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن پاسسىپ ھالدا قانائەتلىنىپ، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان ئەمەس، بەلكى ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە بۇ ئۆزگەرتىشنى پۈتكۈل كۈچى بىلەن قوللاپ ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ھەرىكەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەرقايسى مەملىكەت، ھەرقايسى مىللەتلەردە نۇرغۇنلىغان ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ئۆتتى. ئۇلارنىڭ زور بىر قىسىملىرى ۋەتەنپەرۋەرلىكتە، مىللەتپەرۋەرلىكتە ئاجايىپ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىپ، بۈيۈك داستانلارنى ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىملىرى ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا يەككە – يېگانە قالغاندا، چەتكە قېقىلىپ، بېسىمغا، تەھدىتكە يولۇققاندا، ۋەتەننىڭ, مىللەتنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق، قايغۇسىغا ھەمدەم بولالماي، ۋەتەننى مىللەتنى تاشلاپ، چەت مەملىكەتلەرگە مۇھاجىر بولۇپ چىقىپ كەتتى. بىراق، ئابدۇقادىر داموللام ئۇنداق قىلمىدى. ئۇ، “مىفتاھۇل ئەدەپ” تە زامانغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ: “بۇ زامان پەسكەشلەرنىڭ ئورنى يۇقىرى بولۇۋاتقان، ئۇلۇغ، مەشھۇر كىشىلەرنىڭ شۆھرىتى بېسىلىپ كېتىۋاتقان ئىپلاس زاماندۇر” (66 – بېيىت)، “بۇ زامان – مەرۋايىت – مارجانلىرى ئاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ كەتكەن، ئۆلۈكنىڭ تاپلىرى ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغان دېڭىزغا ئوخشىشىدۇ” (67 – بېيىت)، “تۇرمۇش – ئەقىللىق، پاك كىشىلەرگە كەينىنى قىلىۋالغان” (54 – بېيىت)، “ئىلىم ئەھلى ۋە سەنئەتكارلار كاساتلاشقان، نادان، جاھىللار بازار تاپقان زاماندۇر” (62 – بېيىت)، “تۇرمۇش لوگىكىسى شۇنداق، دۇنيادا نادان كىشىلەر ئاتاققا ئېرىشىدۇ، ئالىم كىشىلەرنى جاپا – مۇشەققەت چىرمىۋالىدۇ” (63 – بېيىت)، “ئەگەر رىزقى – نەسىبە ئەقىلگە قاراپ بولىدىغان بولسا ئىدى، مانا شۇ ۋاقىتتا ھايۋانلار نادانلىقلىرىدىن ھالاك بولغان بولاتتى” (64 – بېيىت)، “ئوت كۆيگەن ئوتۇندا ئوتنىڭ يالقۇنى بولمىسا ئىدى، ئارچا ياغىچىنىڭ خۇش پۇرىقى تونۇلمىغان بولاتتى” (69 – بېيىت)، “بارلىق نەرسىلەرنىڭ تەمىنى قايتا – قايتا تېتىپ كۆردۈم، لېكىن، مەن تېتىغان نەرسىلەر ئىچىدە گادايلىقتىن تەمى ئاچچىق نەرسە يوق ئىكەن” (78 – بېيىت), “مېنى قايغۇغا تاشلىغان نەرسىلەر ئىچىدە دۈشمەننىڭ شادلىقىدىن غەيرىينى تاپالمىدىم، مېنى شادلاندۇرغان نەرسىلەر ئىچىدە ھەسەتخوردىن غەيرىينى تاپالمىدىم” (84 – بېيىت)، “ئەپسۇسكى، مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى دوستلىرىممۇ مېنى چېقىشتىن تارتىنمايدىغان قۇملۇقنىڭ زەھەرلىك يىلانلىرىغا ئايلىنىپتۇ” (85 – بېيىت)، “مەن ئۇلارنى سىناپ، ياخشىلىق كۈتكەن بولساممۇ، ئەمما ئۇلار مېنى ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان قاقاس بىر ئويمانغا تاشلىۋېتىپتۇ” (86 – بېيىت), “ھەركۈنى ئۇلارغا ئوق ئېتىشنى ئۆگەتسەم، ئۇلار بىلىكىنى رۇسلىۋالغاندىن كېيىن مېنى ئاتتى” (87 – بېيىت)، “ئۇلارنى دۈشمەن ئوقىدىن مۇداپىئە قىلىدىغان زەرلىك چاپان قىلىۋالسام، ئۇلار دۈشمەن ئوقىنىڭ ئۇچى بولدى” (88 – بېيىت)، “دۈشمەندىن بىر قېتىم ھەزەر ئەيلىگۈچى، دوستتىن مىڭ قېتىم ھەزەر ئەيلىسە بولغۇدەك” (89 – بېيىت)، “چۈنكى دوست ئۆزگەرسە، بۇ دوست زىيانكەشلىك قىلىشقا تولىمۇ ماھىر بولىدىكەن” (90 – بېيىت)، “كىشىلەردىن سادىق، ۋاپادار دوست بولۇش ھەققىدە ئۆتۈنسەم، ئۇلار بۇنىڭغا يول يوق، دېيىشتى” (81 – بېيىت) دەپ يازغىنىدەك، مۇئەللىپ ئۈچۈن زامان قاراڭغۇ، تار زىندان بولغان؛ كىشىلەر نادانلىقى، ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن يىلان – چايان بولۇپ مۇئەللىپكە نەشتەر ئۇرغان، دوستلىرىمۇ دۈشمەن بولۇپ، ئۇلاردىن ئازار يەتكەن. قىسقىسى، ۋەتەندىن زۇلۇم، مىللەتتىن جاپا كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇئەللىپ ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، كۆرگەن زۇلۇم، تارتقان جاپاسىنى بىر يولى ئۇنتۇپ، ۋەتەننىڭ قايغۇسىدا يىغلىدى، مىللەتنىڭ غېمىدە سارغىيىپ، ئىچ – ئىچىدىن پۇچۇلاندى. ۋەتەننىڭ ئازادلىقىنى، مىللەتنىڭ ھۆرلۈكىنى ۋە زاۋاللىقتىن قۇتۇلۇپ، گۈللىنىشىنى بىر مىنۇتمۇ ئەستىن چىقارمىدى. ئابدۇقادىر داموللام بۇنىڭ بىردىنبىر يولى بېكىنمىچىلىككە خاتىمە بېرىش، ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىپ، سىرتقا چىقىش، دۇنيانى كۆرۈپ ۋە كۆزىتىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ، “مىفتاھۇل ئەدەپ” تە مۇنۇلارنى يازىدۇ: “سېنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىڭ چەتكە چىقماسلىق بىلەن ئىپادىلەنمەيدۇ… سەپەر قىلغىن” (37 – بېيىت)، “سۇ – ئۇزۇن تۇرۇش بىلەن سېسىقلىققا ئايلىنىدۇ، ئاي – كىچىكلىكتىن ئاستا – ئاستا چوڭىيىپ، تولۇقلىنىپ، 14 كۈنلۈك تولۇن ئايغا ئايلىنىدۇ” (38 – بېيىت)، “سەپەر قىل، چۈنكى، ئارزۇ – ئىستەكلەر سەپەردە قولغا كېلىدۇ، توختاق سۇنىڭ قېشىدا تۇرۇۋەرمەي، سۈزۈك سۇ ئىزدە” (141 – بېيىت). ئۇ، ھۆرلۈكنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: “ھۆر ئادەم زۇلۇم ئاستىدا قېلىشقا چىدىمايدۇ، زۇلۇمغا پەقەت ئېشەكلا چىدايدۇ” (144 – بېيىت)، “ھۆر – قەيەرگە بارسا قەدىرلىك ۋە ھۆرمەتكە ئىگە بولىدۇ”. خۇددى قۇياش ھەربىر بۇرجىدا نۇرانە بولغاندەك” (147 – بېيىت)، “قارا، ئۇ يولۋاس ھۆر ئادەمنى ئۆلتۈرمىدى، گويا ئۇنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلغاندەك، سەن ھىممەتلىك ۋە شەپقەتلىك ئۇ ھۆر ئادەمنى قوغداشقا جۈرئەت قىلالىدىڭمۇ؟ “(97 – بېيىت).
كىشىلەرنى چۈشىنىش، كىشىلەرگە باھا بېرىش – “مىفتاھۇل ئەدەپ”تە تەكىتلەنگەن مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كىشىلەر ئۆزى مۇناسىۋەتلىشىۋاتقان شەخسكىمۇ، ئۆزىگىمۇ توغرا باھا بېرەلمەسلىك، توغرا مۇئامىلە قىلالماسلىق تۈپەيلىدىن ھەركۈنى دېگۈدەك سانسىزلىغان زىددىيەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ، نۇرغۇن كۆڭۈلسىز ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. ئەگەر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغۇچى ھەر ئىككى تەرەپ مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى ئۆزىدىن ئاختۇرمىغاندا، زىددىيەتنى توغرا ھەل قىلىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساغلام راۋاجلاندۇرالماسلىقى مۇمكىن. ئابدۇقادىر داموللام بۇ مەسىلىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغانلىقتىن، “مىفتاھۇل ئەدەپ”تە ئۇنى ئىنساننىڭ ماھىيىتىدىن باشلاپ تەھلىل قىلىپ، كىشىلەرنى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزى دۇچ كەلگەن زىددىيەتلەرنى توغرا ھەل قىلىشقا، توغرا يولغا سېلىشقا يېتەكلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: “زۇلۇم قىلىش ئىنسان تەبىئىتىدىكى نەرسە، ئەگەر زۇلۇمدىن خالىي قالغان كىشىلەر بار دېيىلسە، ئۇ مەلۇم بىر توسالغۇنىڭ سەۋەبىدىن زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن” (95 – بېيىت)، “يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن زۇلۇمغا ئۇچرىماي ھايات قالغانلىرى كۆپ، بىراق، ئىنساندىن زۇلۇمغا ئۇچرىمىغا بىرەرىنىمۇ تاپالمايسەن” (93 – بېيىت)، “ئىنسانلار ئىچىدە ئۆز ئەيىبىنى ئۇنتۇپ، قېرىندىكى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئەيىب – نۇقساننى ئەسكە سالىدىغان قەبىھ، يامان ئادەت بار ” (126 – بېيىت)، “بارلىق ئەخلاق، تەبىئىتىدىن رازى بولىدىغان كىم بار؟ چەكلىك ئەيىبى بولۇشنىڭ ئۆزى پەزىلەتلىك ئىنسان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ” (45 – بېيىت)، “گۈزەللىكنى ياشلىققا دەلىل قىلما، بارلىق ھەل بېرىلگەن تۆمۈر كېرەكلىك ئەمەس” (47 – بېيىت)، “سەن قانچە قېتىملاپ كىشىلەرنى يامان ئىشلاردىن توسىسەن، ئۆزۈڭ يانمايسەن، قانچە قېتىملاپ كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىسەن، ئۆزۈڭ ئاڭلىمايسەن” (117 – بېيىت)، “ھەي بىلەي تاش! قاچانغۇچە تۆمۈرنى ئىتتىتىسەنۇ، ئۆزۈڭ كەسمەيسەن؟!” (118 – بېيىت)، “ئەگەر كۆزۈڭ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتسە، سەن ئۇ كۆزۈڭگە (باشقىلارنىڭمۇ كۆزى بار) دېگىل ” (125 – بېيىت)، “ئەگەر ئەقىل ئىگىسى بولساڭ باشقىلارنى ئەيىبلىمەيتتىڭ، ئەگەر ئۆزۈڭدىكى ئەيىبنى كۆرەلىسەڭ، بۇ ئەيىبىڭ بىلەن جىم بولاتتىڭ” (127 – يېيىت)، “ئەيىبلىرىنى سېزەلمىگەن كىشى يېزىلىشتا بار، ئوقۇلۇشتا يوق بولىدىغان (غىمدو) دېگەن سۆزنىڭ (و) سىغا ئوخشاش” (128 – بېيىت)، “ئەقىلسىزلىك بىلەن كورنى ھاقارەتلىمە، چۈنكى ئاقىللارنىڭ كوردىن ئاغزىنى يۇمۇشى توغرا ئىشتۇر” (130 – بېيىت)، “كوردىن ھايانى قانداق ئۈمىد قىلسەن، ئۇنىڭ ھايا قىلىش ئەزاسى خاراب تۇرسا”.
ئابدۇقادىر داموللام كىشىلەرنى چۈشىنىش، كىشىلەرگە باھا بېرىش ئۈستىدە توختالغىنىدا ئالاھىدە قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ياشلارنىمۇ چۈشىنىشىنى، ئۇلارغا باھا بەرگەندە نەسلىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكىتىنى ئۆلچەم قىلىشنى، ئۇلارنىڭ بالىلارچە بەزى قىلىقلىرىنى ئورۇنسىز ئەيىبلىمەستىن، بەلكى جۈرئىتىنى قەدىرلەپ، قوللاشنى تەلەپ قىلىدۇ: “ئەسلىي نەسلىم مەڭگۈلۈك داۋام قىلىدۇ دېمە، چۈنكى، مەڭگۈلۈك نەسەب ياشلار قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلەردۇر” (24 – بېيىت)، “بەزىدە دادا تەربىيىسىدىن مەھرۇم قالغان ئىنسانلارمۇ خوجا بولالايدىغۇ؟ بىلىش لازىمكى، غەلدە – غەشلەر ياخشى بوتىدا تاۋلاش ئارقىلىق چىقىرىۋېتىلىدۇ” (25 – بېيىت)، “قىزىلگۈل چوقۇم تىكەندىن ئېچىلىدۇ، نەرگەس گۈلمۇ پىيازدىن ئۆسىدۇ” (26 – بېيىت)، “قىلىچنىڭ ئۆزىنى چىڭ تۇت، غىلىپىنى تاشلا! ياشلارنىڭ ياسانچۇقلۇقىغا قارىماستىن، پەزىلىتىنى قەدىرلە” (36 – بېيىت)، “چىراي شەكلىنىڭ گۈزەللىكى ياشلارغا پايدا بېرەمدۇ؟ ئەخلاقى ھەرقاچان گۈزەل بولمىسا” (46 – بېيىت), “ئەگەر بىر نەرسىدىن ھەيران قالدىم دېسەم، ياشلارنىڭ قەدىر – قىممەتسىز ئىش – ھەرىكەتلىرى مېنى ھەيران قالدۇرغان بولاتتى” (151 – بېيىت). ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ياشلارنى چۈشىنىش ھەققىدىكى يۇقىرىقى قاراشلىرى تەبىقىچىلىك ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئەينى دەۋر شارائىتىدا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇنى ھۆكۈمران تەبىقىلەرگە قارشى قىلىنغان ئىسيان دېيىشكە بولىدۇ.
“مىفتاھۇل ئەدەپ”تە ئىشىق – مۇھەببەتمۇ نۇقتىلىق ۋە يارقىن يورۇتۇلغان ئاساسلىق تېمىلاردىن بىرى. ئاپتور بۇنىڭغا دائىر مەزمۇنلارنى كىتابنىڭ ھەرقايسى بابلىرىغا، بولۇپمۇ “مەدھىيىلەر ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدىكى سېخىيلىق، بېخىللىق توغرىسىدا”، “غەزەل توغرىسىدا”، “تەنقىد ھەققىدە”، “چېچەك ھەققىدە”، “ئىچىملىك توغرىسىدا” قاتارلىق بابلىرىغا كىرىشتۈرۈپ بايان قىلغان.
مۇھەببەت تېمىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قەدىمدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆلمەس تېمىلارنىڭ بىرى. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ “تۈركىي تىللار دىۋانى”دىن قارىغاندا، قەدىمكى زاماندا بۇ تېمىدا يېزىلغان ئەسەرلەردە ئىشق – مۇھەببەتكە چىن قەلبىدىن بېرىلگەن قىز – ئوغۇللارنىڭ بىر – بىرىگە بولغان ۋاپادارلىقى، يار ۋەسلىگە يېتىشكە ئىنتىزار بولۇپ، ھىجران ئازابىدا قىينالغانلىقى بايان قىلىنىپ، ياخشىلىق، ۋاپادارلىق، بىر – بىرىگە كۆيۈنۈش، ئار – نومۇسنى ساقلاشتەك ئېسىل پەزىلەتلەر مەدھىيىلەنگەن. بۇنداق ئىپادىلىنىش ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ قەدىمكى تۇرمۇش شەكلى، ئۆرپ – ئادىتىگە تامامەن ئۇيغۇن بولۇپ، كۆچۈپ يۈرۈش تۈپەيلىدىن قىز – ئوغۇللار ئارىسىغا چۈشىدىغان ھىجرانچىلىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قىز – ئوغۇللارنىڭ بىر – بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى ئاساسەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايتتى. لېكىن، كېيىنكى دەۋرلەردە ئىشق – مۇھەببەت “بىدئەت” ھېسابلىنىپ، قىز – ئوغۇللارنىڭ بىر – بىرىنى ياخش كۆرۈپ، مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى چەكلەندى. ئەدەبىياتتىمۇ بۇ تېمىنىڭ خاراكتېرى قەدىمكىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىپ، ئۇ، يازغۇچىلارنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى رېئاللىققا نارازىلىقنى ئىپادىلەيدىغان، نىكاھ ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، فېئودالىزمنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىدىغان ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. ئابدۇقادىر داموللام مۇسۇلمانلارنىڭ “قۇرئان”، ھەدىسنى ياخشى چۈشىنىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە يېزىۋاتقان بۇ كىتابىغا ئىشق – مۇھەببەت تېمىسىنى سىڭدۈرۈپ قويۇشى بىرئاز غەلىتىرەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمما بۇ ئارقىلىق ئىشق – مۇھەببەتنى ئىسلام دىنىنىڭمۇ رەت قىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، بۇ ھەقتىكى خۇراپىي قاراشلارغا رەددىيە بەرمەكچى بولىدۇ. مانا بۇ تارىختىن بۇيانقى ئىشق – مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان ئەسەرلەرگە نىسبەتەن مىسلىسىز يېڭىلىق، ھەممە يەرنى خۇراپاتلىق، جاھالەت، نادانلىق قاپلاپ كەتكەن ئەينى دەۋردە ياشاۋاتقان ئابدۇقادىر داموللام ئۈچۈن ئېيتقاندا، يۈكسەك شىجائەت ۋە قورقماس جاسارەت دېيىشكە بولىدۇ. “مۇھەببەت – مۇرۇۋەت، ۋاپادارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، مۇھەببەت ئەھلىگە گۈزەل ئەخلاقلىق، ئېسىل تەبىئەتلىك كىشىلەردىن باشقىسى كېرەك ئەمەس” (431 – بېيىت)، “مۇھەببەت ئەھلى بولمىغان كۆپ كىشىلەر مۇھەببەت دەۋاسى قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار مۇھەببەتتىن بەكمۇ يىراق، مۇھەببەت دېگەن قورقۇنجاق ئەخمەقلەرگە نەدە تۇرۇپتۇ” (432 – بېيىت)، سېيماسى تولۇن ئايدەك مەھبۇبقا پەم – پاراسىتى يۇقىرى، ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلەر ئاشىق بولۇپ، مۇھەببەت دەردىدە ئۆرتىنىدۇ” (440 – بېيىت)، “يۈرەك – جامالى ئايدەك ئۇ مەھبۇبقا ئىنتىلدى، ئۇنىڭ نازاكەت، لاتاپەتلىرى يۈرەكتىن ئورۇن ئالدى. لېكىن ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى قوپال، قەبىھ بولدى” (465 – بېيىت)، “ئۇ، كۆز ئوقى بىلەن مېنى ئاتتى، كۆز ياشلىرىم خۇددى بۇلاقتەك ئېتىلىپ چىقتى” (461 – بېيىت)، “ئۇ قاتىلىم مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن، كۆز ئوقى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن بۇ كىشىگە كىم ناماز ئوقۇيدۇ؟ دېدى” (462 – بېيىت)، “ئۇ مەھبۇبنىڭ ھۆسنى كامالەتتە تەڭداشسىز بولۇپ، گۈزەللىك – ئۇ ھۆسننىڭ سۇلتانى، چېچەنلىك – قوشۇنلىرى ئىدى” (476 – بېيىت)، “ئۇنىڭ خۇلقى لەززەتلىك، تەبىئىتى زىل، لەتىپ، توغرىلىقتا زاماننى ھەيران قالدۇرغۇچى يەككە – يېگانە بولۇپ” (480 – بېيىت)، “قەددى ئىنچىكە، لېۋى ھەسەل، جامالى ئايغا ئوخشاش، ئاغزى ۋە تۈپرۈكى ھەسەل ۋە ھەسەلچىنىڭ ئۆزى ئىدى” (241 – بېيىت)، “تولۇن ئاي ئۇ دىلرەبانىڭ گۈزەل قامىتىگە، سۈزۈك ھۆسنىگە رەشىك قىلىپ، خىجىللىقتىن بۇلۇت ئاستىغا مۆكۈنۈۋالاتتى” (240 – بېيىت)، “شاراپەت ئاسمىنىدىكى تاكامۇللاشقان بەخت يۇلتۇزىمۇ بۇ تولۇن ئاينىڭ سائادىتىدىن ئارزۇسىغا يەتكەن ئىدى” (477 – بېيىت)، “ئۇ دىلرەباغا بېرىلىپ، ئىشق – مۇھەببىتىدە ساراڭ بولۇپ كەتكەن، كۆز ئوقىدا ئۆلگەن ياشلارمۇ ئاز ئەمەس” (242 – بېيىت)، “مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: (ئۇنىڭغا ئاشىق بولسام گۇناھ بولامدۇ؟ قىيامەتتە ماڭا ئازاب بولامدۇ؟) دەپ سورىسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: (خۇدا بۇيرۇسا گۇناھ يوق) دېدى” (392 – بېيىت)، “سەن نېمە ئۈچۈن لېۋىمنى ئاشۇ مەھبۇبنى سۆيۈشتىن چەكلەيسەن؟ ھالبۇكى، زىرائەت تېرىغۇچىنىڭ ئۇ زىرائەتتە ھەققى بار ئەمەسمۇ؟ ” (400 – بېيىت)، “ئىشق ئوتىدا ئۆرتىنىۋاتقانلىقىمنى ھەقىقىي مۇھەببەتنى چۈشىنىدىغان بارلىق كىشىلەردىن سورىغىن، شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ھەقىقىي مۇھەببەت ئەھلى ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن” (435 – بېيىت)، “مالامەت قىلغۇچىلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالما، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىزگە قارىتا يامان خىيال، ئوي – پىكرى بار” (436 – بېيىت)، “قىزىلگۈل بىلەن نىقابلانغان ئۇ مەھبۇبنىڭ مەڭزىگە سۆيدۈم. ھالبۇكى، يۈرىكىم ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن قۇتۇلىدىغاندەك ئەمەس” (397 – بېيىت)، “ئۇ مەھبۇب ئاچچىقلانغان ھالدا بېشىنى تارتتى، مەن ئۇنىڭغا: (ئىسلامدا جاراھەتلەنگەنلەرگە قىيامەتتە قىساس بار، شۇڭا زۇلۇم قىلماي ئاغزىمغا سۆيۈۋالغىن) دېدىم” (398 – بېيىت).
“مىفتاھۇل ئەدەپ”تە يەنە ئادالەت، باتۇرلۇق، گۈزەللىك، تەنقىد، كېڭىشىش ھەققىدە ئاجايىپ ياخشى ئوي – پىكىرلەرمۇ ئالغا سۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بەزىلىرى كىتابخانلارنى ئادالەتپەرۋەرلىككە، باتۇرلۇققا ئۈندىسە؛ يەنە بەزىلىرى كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئەخلاقىي جەھەتتە چوڭقۇر تەربىيىگە، تەجرىبە – ساۋاققا ئىگە قىلىپ، ئىنساننىڭ مەنىۋى پەزىلىتىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ، بولۇپمۇ گۈزەللىك ھەققىدىكى بايانلىرى كىشىگە ئاجايىپ ئېستېتىكىلىق زوق بېغىشلايدۇ. “مىفتاھۇل ئەدەپ”تە باھارنىڭ گۈزەللىكى: “باھار شۇنداق بىر پەسىلكى، ھەرقانداق ۋاقىتتا پەخىرلەنسە بولغۇدەك، ئۇ باھار ئىنساننىڭ كۆزى، قەسىدىلەرنىڭ كۇپلېتلىرىدۇر” (608 – بېيىت)، “باھار ئۆزىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، ئىللىق شامىلى، چىرايلىق گۈللۈك كىيىملىرى بىلەن كەلدى” (607 – بېيىت)، “ئۇ شاخلارغا قارا! ئۇلار قانداق گىرەلىشىپ، قانداق ئايرىلىشقان – ھە! ” (597 – بېيىت)، “ئۇ شاخلار خۇددى سۆيۈشكە ئىنتىلىۋاتقان، ئەمما ماراقچىلار كۆرۈپ قالغانلىقتىن بۇ ئىزاغا تەن بېرىپ، ئايرىلىشقان ئاشىقلاردەك” (598 – بېيىت)، “مەن ئۇ شاخلاردىن: (نېمە ئۈچۈن قىشتا يالىڭاچ بولۇۋېلىپ، ئەتىيازدا كىيىم بىلەن كۆرۈنىسىلەر؟) دەپ سورىسام، ئۇلار ماڭا: (قىشتا كىيىمىمىزنى باھاردىن ئىبارەت بۇ خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىگە سېلىپ بېرىمىز) دېدى” (614 -، 615 – بېيىتلەر) دېگەن مىسرالار ئارقىلىق ناھايىتى يېقىملىق تەسۋىرلەنگەن.
“مىفتاھۇل ئەدەپ” پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە ناھايىتى باي بولۇپ، ئۇنىڭدا دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم كۆزقارىشى بەلگىلىك دەرىجىدە سىڭدۈرۈلگەن. مەسىلەن، “ئىنسان كىشىلەردىن ئايرىلىپ تاغ چوققىسىغا چىقىۋالسىمۇ، زىددىيەتتىن خالىي بولالمايدۇ” (28 – بېيىت)، “قاتتىقچىلىقتىن كېيىن كەڭرىچىلىك كېلىدۇ، قايغۇ – ھەسرەت يېقىنقى خۇشاللىقتىن بېشارەت بېرىدۇ” (132 – بېيىت)، “بارلىق ھادىسىلەر ئاخىرىغا يەتكەندە ئاڭا يورۇقلۇقنىڭ يېتىپ كېلىشى يېقىن”. مانا بۇ مىسالنىڭ بىرىنچىسىدە زىددىيەتنىڭ مەڭگۈلۈكلۈكى ئېچىپ بېرىلگەن بولسا، ئىككىنچىسىدە دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزمنىڭ ماددا ئالمىشىش قانۇنى ئەكش ئەتتۈرۈلگەن.
“مىفتاھۇل ئەدەپ” تە يەنە بەزى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ۋاپات بولغان، مازارلارنىڭ، بىنالارنىڭ تەئمىر قىلىنغان ۋاقىتلىرى ئەبجەد ھېسابىدا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ، كىشىلەرنىڭ تارىخىي بىلىمىنى كېڭەيتىش، بەزى تارىخىي شەخسلەر ۋە تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىنىڭ تارىخىنى ئېنىقلاشتا ئىنتايىن قىممەتلىك ماتېرىيال مەنبەسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.
“مىفتاھۇل ئەدەپ ” – ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى بىباھا گۆھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مەزمۇنىنىڭ موللۇقى، تەسۋىرلىرىنىڭ گۈزەللىكى، تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن خەلقىمىزنىڭ مەڭگۈ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغۇسى.
1992 – يىلى، 8 – ئاي

ئاپتورنىڭ “ئىلىم ئۆلمەيدۇ، ئالىم ئۆلمەيدۇ ” ناملىق كىتابىدىن