زوردۇن سابىر قانداق يازغۇچى

(زوردۇن سابىر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا بېغىشلايمەن)
ئەكبەر قادىر

زوردۇن سابىر ( 1937 – 1998 ) 20 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەببىياتىدىكى مەشھۇر رېئالىستىك يازغۇچى. ئۇ ئاساسلىقى 20 – ئەسىرنىڭ 70 –يىللىرىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ. ئۆزى ياشىغان دەۋرىدىكى ئەدىبىي ئىجادىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشتى. شۇنىڭدەك كىتاپخانلار، ئوبزورچىلار تەرىپىدىن «ئۇيغۇر پروزىسىدىكى بايراقدار يازغۇچى» دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ رۇس يازغۇچىلىرىدىن شولوخوۋ، تولىستوي، گوركىي قاتارلىق رېئالىستىك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇغان بولغاچقا، ئىجادىيەتتە ئاشۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۇرگەن. ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتىدە سىستېمىلىق بولغان رېئالىزملىق ئەدەبىي ئىجادىيەت نەزىريىسىنى مۇكەممەل تۇرغۇزغان. ئۇ تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلار ۋە يۈزەكى ھادىسىلەرگە ھەرگىز سەل قارىمايتتى. كۈزەتكەن، ھېس قىلغانلىرىنى خاتىرىسىگە يېزىپ قالدۇرىۋالاتتى.. بۇنداق خاتىرىلەر كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنى دەلىللەش رولىنى ئويناپ، ئەسەرنىڭ رېئالىزملىق پۇرىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. تۇرمۇش بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يېققىنلاشتۇرغان ئىدى. ئۇ مەيلى قەيەرگە بارسۇن، قانداق ئادەملەر بىلەن ئۇچراشسۇن ئۇلاردىن ئۆز ئىجادىيىتىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئىزدەيتتى. ئۇ بىر قېتىم تۇرمۇش ئۆگۈنۈش ئۈچۈن مەكىتكە بارغاندا ئۇ يەردە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىغان دېھقان ئىسمائىل روزى بىلەن تونىشىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن بۇ دېھقان ئۆز ئىگىلىكى توغرىسىدا ئەمەس، بۈركىتى توغرىسىدا كۆپ سۆزلەيدۇ. بۇ ھال رېئال تۇرمۇشقا يازغۇچىدا باشقىچە ئىلھام پەيدا قىلىدۇ. يازغۇچى «ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش» ناملىق ماقالىسىدە ( بۇ ماقالە «تارىم»ژورنىلىنىڭ 1986 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان ) ئاشۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق يازىدۇ. «ئۇنىڭ بۈركۈت توغرىسىدىكى قىزىقارلىق ھېكايىلىرى مېنى جەلپ قىلىۋالدى. مەن بۇ رېئاللىق ئالدىدا چارۋا توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلەشتىن دەرھال ۋاز كەەچتىم – دە، بۈركۈت توغرىسىدا ئويلاشقا باشلىدىم. بۈركۈتنىڭ سۆھبىتى مەندە يېڭى چۇشەنچە ھاسىل قىلدى». دېمەك، زوردۇن سابىر بەدىئىي توقۇلمىنى شۇ ۋەقەلىككە مۇناسىۋەتلىك، باغلىنىشلىق بولغان رېئال تۇرمۇشنى ياكى تۇرمۇشتىن كېسىۋالغان بىر پارچە ماتېريالنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ بارلىققا كەلتۇرىدۇ.
يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ رېئاللىقا بولغان سادىقلىقى ئۇنىڭ «قەرزدار»ھېكايىسىنى يېزىش جەريانىدىن تېخىمۇ روشەن كۆرۇنۇپ تۇرىدۇ. يازغۇچى«قەرزدار» ھېكايىسىنى يازغان 1980- يىلى خەلق گوڭشېسى تېخى بىكار قىلىنمىغان ئىدى. لېكىن يازغۇچى خەلق گوڭشېسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ قازاننىڭ جوڭگو دېھقانلىرىنى باي قىلالمىغانلىقىنى دېھقانلار ئارىسىدا يۇرۇپ كۆرگەن ئىدى. بۇ رېئاللىق ئۇنى«دېھقانلارنى ھەقىقى بېيىتىش ئۈچۈن بۇ چوڭ قازاننى چاقماي بولمايدۇ»دېگەن ئىدىيىنى چىقىش قىلىپ ئەسەر يېزىشقا ئۈندىگەن.
زوردۇن سابىر 1937 – يىلى باھار ئايلىرىدا غۇلجا ناھىيە يېڭىتام يېزا بوستان كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسى سابىر ئاكا دېھقان بولسىمۇ، ئىلىم – پەنگە قىزىقىدىغان، ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم ئىدى. ئانىسى ئانارخان ھەدە ئىشچان، پاكىز، چېۋەر ئايال ئىدى. زوردۇن سابىرنىڭ بالىلىق ھاياتى شىمالدىن ئابرال تېغىنىڭ شامىلى ئۇرۇپ تۇرىدىغان مۇشۇ كىچىككىنە بوستانلىق مەھەلىدى ئۆتتى. 1942 – يىلى زوردۇن سابىر بەش ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ ئانىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ، بۇ ئائىلىدىكى ئالتە جان ئادەم دادىسى سابىر ئاكىنىڭ ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ بېقىپ چوڭ قىلىشىغا قاراشلىق بولۇپ قالىدۇ.
1946 – يىلى زوردۇن سابىر مەھەلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇقۇشقا كىرىدۇ، ئۈچىنچى سىنىپنى پۇتتۇرگەندە تۆتىنچى سىنىپ بولمىغاچقا داۋاملىق ئۆرلەپ ئۆقۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. زوردۇن سابىرنىڭ ئاكىسى نۇرۇم سابىرنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، شۇ ۋاقىتتا ئۇرۇق – تۇغقانلار زوردۇن سابىرنى مەھەلىدىكى ئىمامدىن دىنىي تەلىم ئالدۇرۇپ قارىي قىلىپ تەربىيىلىمەكچى بولۇشقان ئىكەن. لېكىن زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇۋالغان. دادىسىمۇ زوردۇننى زادى ئوقۇتىمەن دېگەن، شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ يار بەرمەسلىكىگە قارىماي ئۇنى باشقا يەرگە ئەۋەتىپ داۋاملىق ئوقۇتۇش ئويىغا كەلگەن.
شۇ ۋاقىتتا مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىدە زامانىدىن ئەپەندى ئىسىملىك مۇئەللىم بار بولۇپ، ئۇ زوردۇن سابىرنىڭ داۋاملىق ئوقۇشىنى تەشەببۇس قىلغانلارنىڭ بىرى ئىدى. زامانىدىن مۇئەللىم زوردۇن سابىرنى ئارا ئۆستەڭ يېزىدى ئارا مەھەلە كەنتىدىكى تولۇقسىز مەكتەپكە ئاپىرىپ، تۆتىنچى سىنىپقا كىرگۈزگەن. زوردۇن سابىر بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆگۈنۈشتىكى تىرىشچانلىقى ھەم زېرەك، ئەقىللىقلىقى بىلەن سىنىپتا بىرىنچى بولۇپ ئوقۇغان. بولۇپمۇ ماتېماتىكا دەرسىدە نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان. بىراق ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىشى تولىمۇ قىيىن بولغان. كۆپىنچە ساۋاقداشلىرى بايلارنىڭ ياكى ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى ئائىلەرنىڭ بالىلىرى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە زوردۇن سابىر نامرات ئائىلىنىڭ بالىسى قارىلىپ بەزىدە كەمسىتىلگەن. نۇرۇم سابىر ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ :«1949 – يىلى كۈزدە زامىدىن ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىز بىر يوتقان – كۆرپە، كىگىز نان دېگەندەكلەرنى تەسلىكتە تەييارلاپ، زوردۇننى ئارا ئوستەڭگە يولغا سېلىپ قويدۇق. قېرىشقاندەك شۇ يىلى قىشتا ناھايىتى قېلىن قار ياغدى. دادام بالام توڭلاپ قالىدىغان بولدى، دەپ مەندىن بىر چاپان ئەۋەتتى، مەن بارسام راست دېگەندەك ئىنىم يازدا كەتكەن يالاڭ چاپان ئىكەن. بۇ يالاڭ چاپىنىمۇ كونا بولغاچقا سوغاقتا تالاغىمۇ چىقالماي قاپتىكەن.ھەتتا بەزى مۇئەللىملەر ئىنىمنى مەكتەپتىنمۇ قايتۇرۋەتمەكچىمۇ بولۇپ تۇرۇپتىكەن»
1951-يىلى زوردۇن سابىر غۇلجا شەھرىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ«ئىلى مەكتەپ » تە ئوقۇيدۇ. 1952-يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 1953-،1954-يىللىرى گىمنازىيە(ھازىرقى سەككىزىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ ئورنىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ) دە ئوقۇيدۇ. 1955-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن «ھازىرقى ئىلى پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى»گە ئوقۇشقا كىرىپ، 1957-يىلى پۈتتۈرىدۇ.
دۇنيادا مەيلى كىم بولسۇن ئۇستازنىڭ رولىسز ھايات يولىنى توغرا باسالىغان ئەمەس. نۇرۇم سابىر«مەن زاماندىن مۇئەللىمنى زوردۇن سابىرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستازى دەپ قارايمەن ›› دەيدۇ. شۇنداق،زاماندىن مۇئەللىم زوردۇن سابىرنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىغا ئىلھام بەرگەن ھەم ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەرگەن.ناۋادا شۇ قېتىم زامانىدىن مۇئەللىم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرمىگەن بولمىسا، بەلكىم زوردۇن سابىر ئوقۇش ئارزۇسىدىن مەھرۇم قالغان بولاتتى.
زوردۇن سابىر كىچىگىدىنلا ئەدەبىياتقا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان. ئۇ مەھەلىدىكى باشكانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا مەكتەپتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلاتتى. ئۇنىڭ شېئىرغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ يېتىلىشىگە ئۆز مەھەلىسىدىكى ھاشىم ئاكا، ئۆمەر قاتارلىق قوشاقچىلارنىڭ ئاغزىدىن نۇرغۇن قوشاقلارنى ئاڭلىغان، يادلاپ ئالغان، دائىم ئۇلارنىڭ قېشىدىن يىراق كەتمىگەن. نۇرۇم سابىرنىڭ دەپ بېرىشىچە، زوردۇن سابىر ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە 1956 – يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تېما قىلىنغان تۆت پەردىلىك بىر درامما يازغان. بۇ درامما شۇ يىلى يازدا ناھىيىلىك تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشى ۋە قوللىشى بىلەن مەھەلىدە ئوينالغان ئىكەن.
زوردۇن سابىر ئوقۇۋاتقاندا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئەدەبىيات، پەلسەپە، تارىخ، جۇغراپىيىگە دائىر نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئەدەبىيات مۇئەللىمى، درامماتورگ، يازغۇچى ماناپ قادىرىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ سىنىپ بويىچە ئەڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپلا قالماي يەنە يېزىقچىلىق قابىلىيىتىمۇ يۇقۇرى ئوقۇغۇچى ئىكەن. ئۇ دائىم«ئانا»،«كېلىدۇ بىر كۈن»، «ئاتۇن ۋادىدىكى شاماللار»،«بوتا كۆز»قاتارلىق رومانلارنى قولىدىن چۇشۇرمەيدىكەن. دېمەك، زوردۇن سابىر ئۆزىدە ناھايىتى كۆپ بىلىم جۇغلانمىسى ھاسىل قىلىشقا تىرىشقان. زوردۇن سابىر 1989 – تەتقىقاتچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىنلا باشلانغانلىقىنى توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ :«توققۇزۇنچى سىنىپتا ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا داستان يازغان ئىدىم. مەن يازغان ئىككى پارچە دراممىنىڭ بىرى«ئېتىز كەپىسى»ئەينى يىللاردا رايون سەھنىلىرىدە ئوينالغان. زوردۇن سابىرنىڭ ئىلى دارىلمۇئەللىمىندىكى ئوقۇتقۇچىسى مولداغالى مۇنداق دەيدۇ «مەن زوردۇن سابىرغا پېداگوگىكا، پىسخىلوگىيە، دۇنيا يېڭى زامان تارىخى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ مەندىن دائىم چوڭقۇر سۇئاللارنى سوراپ تۇرۇۋالاتتى. دەرسنى تولىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرەتتى. مەن ئۇنىڭ يەنە، «لېنىنىڭ بالىقى چاغلىرى»، « بۇ ۋەقە روۋنو ئەتراپىدا بولغان»دېگەندەك كىتاپلارنى ئوقۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم.«ئانا يۇرت»رومانىنىڭ قازاقچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىقىپ مۇشۇنداق بىر ئوقۇغۇچۇم بولغانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم».
نۇرۇم سابىر يەنە مۇنداق دەيدۇ : زوردۇن ھەقىقەتەن كۆپ ئوقۇيتتى. ئىلى دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقاندا تەتىلدە بىرلا قېتىم چىقاتتى. چىققاندىمۇ بىرمۇنچە كىتاپ – ژورناللارنى ئېلىپ چىقاتتى. كۈندۇزى ئېتىز ئەمگىگە قاتناشسا كېچىسى لامپا يورۇقىدا كىتاپ ئوقۇيتتى. مەن زوردۇننىڭ تەسىرىدە كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقىپ قالغان. مەكتەپنى پۇتتۇرگەندە مەن ئۇنى مەھەلىگە ئاچىققان ئىدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ شۇ چاغدا ئىككى يۈز پارچىدىن ئوشۇق كىتاپ ئاچىققان ئىدى. بىز ئىككىمىز كەچتە رومان ئوقۇيتتۇق. بىر قېتىم لامپا يورۇقىدا كىتاپ ئوقۇپ تاڭ ئېتىپ كېتىپتۇ. سەھەردە دادام بىزنى كۆرۇپ خاپا بولۇپ «مۇنۇغۇ كىتاپ ئوقۇسۇن، سەنچۇ، سېنىڭ ئۇخلىمىغىنىڭ نېمىسى ؟ سەن دېگەن ئېتىزغا بارىدىغان، كەتمەن چاپىدىغان تۇرساڭ»دەپ كايىپ كېتىۋىدى، زوردۇن دادامغا«مەن بىكارغا رومان ئوقۇمايمەن، مەن كېيىن رومان يېزىپ سېنىڭ ئىسمىڭنى ئۆچمەس ئىسىمغا ئايلاندۇرىمەن، دادا » دېدى. بىز تالاغا چىققاندا شىمال تەرەپتىن ئابرال تېغىنىڭ شامىلى چىقىۋېتىپتىكەن. زوردۇن ھاياجانلىنىپ«مەن رومانىمدا مۇشۇ ئابرال شاماللىرىنى يازىمەن. قارا، سەھەردىكى بۇ سالقىن شامالنىڭ راھىتىنى» دېدى. راست دېگەندەك كېيىن«ئابرال شاماللىرى»يېزىپ چىقتى. مەرھۇم دادام 1976 – يىلى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ۋاقتىدا، روماننىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى كۆرۇپ خوشال بولغىنىدىن، «بالام دېگىنىنى قىپتۇ، مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ»قايتا -قايتا ماختاپ كەتكەن ئىدى.
زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە رەسمىي قەدەم قويۇپ، يازغۇچى بولۇپ يېتىلىشىگە ئۇستاز بولغان ھەم تەسىر كۆرسەتكەن ئادەمنىڭ بىرى يازغۇچى توختاخۇن ناسىرى ئىدى.
توختاخۇن ناسىرى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، 1963 – يىلىدىن 1970 – يىلىغىچە لەنجۇدا غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. زوردۇن سابىر بىلەن توختاخۇن ناسىرىنىڭ دوستلۇقى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستوتىتىدا بىللە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئورنىتىلغان.