تۇرپان ۋىلايىتى

رايون ئۇمۇمى ئەھۋالى:
تۇرپان ۋىلايىتى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە، تۇرپلان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرغا جايلاشقان، شەرقى قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن، غەربى ۋە جەنۇبى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى بىلەن، تۇتىشىدۇ، تۇرپان ۋىلايىتىگە تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيسى ۋە توقسۇ ناھىيسى قارايدۇ، ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە تۇرپان شەھىرىدە، 2004-يىلنىڭ ئاخىرقى ئۇمۇمى نۇپۇسى 579 مىڭ 668 بۇلۇپ، ئۇيغۇرلار 404مىڭ865 ئادەم، خەنزۇلار 135مىڭ482 ئادەم، خۇيزۇلار 37641 ئادەم، مانجۇ 331 ئادەم، قازاق252 ئادەم، قالدىسىنى باشقا مىللەتلەرئىگەللىگەن.

تەبىي بايلىقى:
تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ شىمالى ئىگىز، جەنۇبى پەس بۇلۇپ، شىمالى قىسنى ھەيۋىتلىك بۇغدا تېغى، ئوتتۇرا قىسمى قاپسانلىق ئويمان-تۇرپان بوستانلىق ئويمانلىقى، جەنۇبى قىسمى مەملىكەت بۇيىچە قۇرۇقلقتىلى ئەڭ تۆۋەن جاي –ئايدىڭكۆل،يالقۇن تاغ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى غەرىپتىن شەرىققە كىسىپ ئۆتكەن. سۇ بايلىقىدىن داخىيەن دەرياسى، قارا يۇزى دەرياسى قاتارلىقلار بار. بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قىزىما بايلىقلىردىن تۈز، كۆمۇر، نىفىت، ھاك تاش، تەبى گاز، تۆمۆر، ئالتۇن ، گلاېبېر تۈزى، مىس، گرانىت، ئالبىت، يىلان قاسىرىقى تاش، بېنتونىت قاتارلىقلار بار. ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپاز، بۆكەن، ياۋا تۆگە، قوڭۇر ئېيىق،ئارقار، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۈسۇملۇك بايلىقلىردىن كېرەش، چۈچۈك بۇيا، يانتاق شېكىرى، زھراڭزا،سوۋغاگۇل، ئالقات، تاغ لەيلىسى قاتارلىق 300 دىن ئارتۇق تۇرى بار. تۇرپان ۋىلايىتى ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايۇنىغا تەېە بۇلۇپ، يىللىق ئوتتۇرچە تېمپىراتۇرسى 13.4 سېلسىيە گىرادوس يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 17.3مىللىمىتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پار غا ئايلىنىش مىقدارى 2741.9مىللىمىتىر، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 262 كۇن.

ئىگىلىك ئىقتىسادى:
تۇرپان ۋىلايىتى ئەنەنىۋى دىھقانچىلىق رايۇنى بۇلۇپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى بۇغداي ۋە قوناقنى ئاساسقىلغان ، ئىقتىسادىي زىرائەتلىرى كېۋەز، ئۈزۇم، خاسىڭ، مېۋە-چىۋە، ياغلىق دان ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار، سانائىتى نىفىتن نىفىت-خېمىيە سانائىتى،قىزىلما بايلىقلارنى پىششىقلاش ۋە ئۈزۈم پىششىقلاش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ھەمدە تۇقىمچىلىق، ماشىناسازلىق، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى ۋە كۆن-خۇرۇم قاتارلىق سانائەتلەرمۇ بار. تۇرپان مەملىكەت بۇيىچە داڭلىق «ئۈزۈم، قوغۇن ۋە .ئۇزۇن تالالىق پاختا» ماكانى، شۇنداقلا تۇرپان-قۇمۇل نىفىتلىكىنىڭنىفىت ۋە تەبىي گاز ئىشلەپ چىقىرىدىغان مۇھىم رايونى، پىچان ناھىيسى داڭلىق .ئۈزۈم ھارىقى-روران شىكەرسىز قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ۋە«يىمەك يولىدىن گۆھەر»ماركىلىق شاكىلاتلىق قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق تەبىي ساپ يېشىل يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىش بازىسى، بۇبىرقاتار ئالاھىدە ماھسۇلاتلارنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا بازىرى ئىتتىك .
   

قاتناش ۋە سائەتچىلىكى:
تۇرپان ۋىلايىتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ۋە سىنجاڭنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇردىغان مۇھىم يول، لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۇر يولى بىلەن جەنۇبى شىنجاڭ تۆمۇر يولى مۇشۇ جايدا تۇتىشىدۇ. تۇرپان -ئۈرۈمچى داخۇڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك يولى، دۆلەت يۇلى 312-لىنيىسىدۆلەت يولى 314-لىنيىسى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ھەممە يىرىگىچە تۇتىشىدۇ. تۇرپان رايونى ئىلىمىز يىمەك يولى مەدىنيىتى يادىكارلىقلىرى ئەڭ مول بولغان رايون، ئۇ جايدا 2 مىڭ يىلدىن ئارتۇق بوران چاپقۇنلۇق تارىخنى بېشىدىن ئۆتكۇزۇپ، يەنىلا ئوبدان ساقلانغان يارغول قەدىمى شەھىرى ۋە ئىدىقۇت قەدىمى شەھىرى، نۇرغۇن قېتىم تالان-تالاج قىلىنىپتۇ، يەنىلا نەپىس ساقلىنىپ تۇرغان بېزەكلىك مىڭ ئۆي تام رەسىملىرى، مىڭ يىللىق ساقلانغان قەدىمى قەبرىستانلىقى، چىڭ سۇلالىسى دەۋىردىكى قۇرۇلمىسى ئالاھىدە بولغان، ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىنىش پەلەككە تاقاشقان ئىسلام ئىمارىتى سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سېھرى تۇس ئالغان يالقۇن تاغ، يېشىللىق بىلەن قاپلانغان، مولچىلىققا تولغان بۇيلۇق، چۆل باياۋىندا يولبويى سۇزۇك بۇلاق سۇيى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇردىغان كارىس سايلىگاھى، گۇزەل مەنزىرلىك قۇملۇق ئۈسۈملۇك باغچىسى، قۇملۇق باغچىسى دۇنيا بۇيىچە 2-ئويمان چاغ ئايدىڭ كۆل بار. رەڭگارەڭ، مول مەدىنيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قۇرۇقلۇقتىكى ئۆزىگە خاس تەبىي مەنزىرسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن سايائەتچىلەرنى ئۆزىگە خەلىپ قىلماقتا .