ھەقىقەت – شائېرنىڭ ئىتىقاتى

شائىر مۇھەممەتئىمىن توختىنىياز (سۈزۈك) نىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى توغرىسىدا

ئومەر ئوسمان

(ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺗﯩﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺪىن)

«شائىر» دىگەن بۇ نام قەدىمدىن بۇيانۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخاربولۇپ كەلگەن. ھەقىقەتەن «شائىر » دىگەن بۇ مۇقەددەس نامنى ئاڭلىغىنىمىزدا ، قېمىكىئېغىرلىقنى كۆتۈرۈشكە قادىر زىمىندەك سالماقلىق، بۇلۇتلارنى ياغلىق قىلىپ يەلپۈتۈپتۇرغان تاغلاردەك مەغرۇرلۇق، زىلال قەترىلىك بۇژغۇملارنى چاچرىتىپ ئويناقلاپ ئېقىپتۇرغان دەريادەك جۇشقۇنلۇق، زۇلمەت كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تىنىمسىز سۈرەنسېلىۋاتقان دەريا شاۋقۇنىدەك جەڭگىۋارلىق كۆز ئالدىممىزغا كېلىدۇ.
ئاسمان ئۇپۇقگىرۋىكىدە زىمىننى قانداق سۆيسە، شائىرمۇ ئىنسانىيەتنى، ۋەتەن ۋە مىللەتنى شۇنداقتەنتەنىلىك رەۋىشتە سۆيىدۇ؛ ئىنسانىيەتمۇ ھەم شائىرنى ئۆزىنىڭ بىباھا سۆيگۈسى بىلەنتارتۇقلاپ تۇرىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي شائىر — ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇنتۈۋرۈكى؛ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ جىسمى ۋە ئومۇرتقىسى؛ « زاماننىڭ ۋىجدانى ». ھەقىقەت— شائىرنىڭ ئىتىقاتى؛ ئەركىنلىك — شائىرنىڭ مەنزىلى؛ گۈزەل كېلەچەك— شائىرنىڭ غايىسى. شائىر شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغكى، ئۇ، ھەقىقەت ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىمقىلالايدۇ؛ شېئىر شۇنىڭ ئۈچۈن بىباھا گۆھەركى، ئۇ، خەلققە ھەقىقەتنى تونۇتىدۇ ۋەخەلقنى ھەقىقەتكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. شېئىر — شائىر قەلبىدىكى قايناق ھىسسىياتنىڭئەۋجىدىن تۆرەلگەن ھامىلە؛ ئۇنىڭ رىتىمى شائىرنىڭ يۈرەك سوقۇشىدىن تۈزۈلگەن؛ئۇنىڭھىسسىيات تەلقىنلىرى شائىر تومۇرىدىكى قايناپ تۇرغان قانلارنىڭ ئەسەبىيدولقۇنلىرىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭدىكى پىكىر شائىرنىڭ ھەقىقەت ئۈچۈن ئىزدىنىشتەسەۋۋۇرلىرىنىڭ مىۋىسىدۇر.
بىز 30—40- يىللاردىكى ئۇيغۇر دىمۇكىراتىكئەدەبىياتىنى يۈكسەك ئىپتىخار بىلەن ئەسكە ئالىدىغان بولساق، خەلقنى زۇلۇمكىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئازاتلىق ،ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا ئۈندەشئۈچۈن بىر قولىدا ئەلەمنى بىر قولىدا قەلەمنى ئوينىتىپ، ھەققانىيەت ئۈچۈن جاننىئالقانغا ئېلىپ، جەڭگە ئاتلانغان مەمتىلى ئەپىندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، ئابدۇقادىرداموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي ۋەكىللىكىدىكى بىرئەۋلادجىڭگىۋار شائىرلىمىزنىڭ نۇرلۇق سىماسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.
ئەنەشۇلارنىڭ قاتارىدا پۈتۈن ھاياتىنى ئادالەت يولىغا بىغىشلىغان مەھكۇم ھەقىقەت ئۈچۈنزارلىنىپ، غالىپ ھەقىقەت ئۈچۈن ئاۋام خەلق بىلەن بىللە تەنتەنە قىلغان شېئىرلىرىئارقىلىق ۋەتەننى، خەلقنى، ئەركىنلىك، ئازاتلىقنى كۈيلىگەن: شېئىرلىرىنى بىر ئۆمۈرئۆز خەلقىنىڭ قايغۇ ھەسرىتى ۋە خۇشاللىقىغا تەڭكەش قىلىپ ئۆتكەن خەلقىمىزنىڭ سادىقھەم تالانتلىق شائىرى: خەلقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن جان تىكىپ كۆرەش قىلغان باتۇرئەزىمەت: خەلقنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مائارىپى ئۈچۈن ھارماي تەر تۆككەن مەرىپەتپەرۋەرزات مۇھەممەتئىمىن توختىنىياز(سۈزۈك)نى چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسكە ئالمايتۇرالمايمىز.
مۇھەممەتئىمىن توختىنىياز 1920-يىلى چىرىيە ناھىيىسىدە بىر قولھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . يەتتە يېشىدا ئا»ئىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللەيەكەنگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ، دەسلەپتە دىنىي مەكتەپتە ساۋاتىنى چىقارغان. 1933-يىلى ئەتىيازدا يەكەندە ئېچىلغان «مەتلەئىل ئىرپان» ناملىق يېڭى مەكتەپكەئوقۇشقا كىرىپ، بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلارنىڭ تەسىرىبىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نادىر نامايەندىلىرىدىن نەۋائى، خىسلەتقەشقەرى، ئۆزبىك كىلاسسىكلىرىدىن فۇرقەت، ھۇۋەيدا قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەنتونۇشۇپ،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىنى ئۈگىنىپلا قالماي،ئوتتۇرا ئەسىردىكى گۈللەنگەن ئىسلام مەدەنىيتىتوغرىسىدا خېلى چوڭقۇر تونۇش ھاسىلقىلغان. شۇنداقلا سوۋىت ئۇيغۇر شائىرى ئۆمەر مۇھەممىدى قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنىئوقۇش ئارقىلىق ئىلغار دىموكراتىك ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلغان.
1938- يىلىنۇھەممەت ئىمىن توختىنىياز ئوتتۇرا سىنىپنى تاماملاپ، مۇرەككەپ جەمئىيەت بوسوغىسىغاقەدەم قويدى. بۇ مەزگىل شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە ۋەتەنپەرۋەر دىموكىراتىكھەرىكەتلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان، خەلقنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيتىگەقارشى كۆرىشى خېلىلا يۇقۇرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەن دەۋر ئىدى. مۇمەممەتئىمىنتوختىنىياز ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ، ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە خىزمەت قىلىشھەققىدىكى تەكلىپىنى كەسكىن رەت قىلىپ،(گومىنداڭ جۇنتوڭ مەھكىمىسىنىڭ يۇقۇرىدەرىجىلىك ھەربىي مەسلىھەتچىسى تۇراپبەگ مۇھەممەتئىمىن توختىنىيازنىڭ كۈيۆۋئىنىسىئىدى.) يەكەن، مەكىت، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىشئۇيۇشمىلىرىدا كاتىپ بولۇپ ئىشلەپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشى، مىللىيمەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلىقچىل دىموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن تۆھپەقوشقان. 1943- يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئۇنىڭغا”مەپكۇرىسى بۇزۇق» ، «قىزىل پاچاق» دىگەن قالپاقلارنى كېيدۈرۈپ، زىيانكەشلىك قىلىپ،ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىنىرىدا داۋاملىق خىزمەت قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۈنكى بۇ يىللاردا مۇھەممەتئىمىن توختىنىياز تۈرلۈك ئاممىۋىي يىغىلىشلاردا نۇتۇقسۆزلەش ۋە ئادالەتسىزلىككە تولغان رىئال ئىجتىمائىي تۈزۈم ئۈستىدىن شىكايەتقىلىدىغان جەڭگىۋار شېئىرلارنى يېزىش ئارقىلىق، خەلقنى غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئويغىنىپ،زۇلۇمغا قارشى كۆرەش قىلىشقا ئۈندىگەن، ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى دەل مۇشۇ يىللارداتازا ۋايىغا يەتكەن بولۇپ، شېئىرلىرى «سۈزۈك» تەخەللۇسى بىلەن ئىنقىلابىي گېزىت- ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان ئىدى. 1946- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەنگومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدا «11 ماددىلىق بېتىم» ئىمزالانغاندا، سۈزۈك ئەپەندىئىنقىلابىي مەيداندا تۇرۇپ، «بېتىم»نىڭ ئاكتىپ تەشۋىقاتچىسى بولدى. شۇ يىلى «بېتىم» روھى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان خەلقچىل سايلامدا، ئۇ، يولداش بۇرھان شەھىدىباشچىلىقىدىكى سايلام ھەيئىتىگە قاتنىشىپ، خەلقنىڭ دىموكراتىيە ھوقوقىنى جان تىكىپقوغدىغانلىقى ئۈچۈن، 1947- يىلنىڭ بېشىدا، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىنتۇرمىغا تاشلانغان. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۇنى ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى شىنجاڭتىنىچلىق،ۋە خەلىقچىلىقنى ھىمايە قلىش ئىتىپاقىنىڭ رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن يەكەنۋىلايىتىگە كىلىپ «11بېتىم»نىڭ ئەمەلىيلشىش ئەھۋالنى تەكشۇرگەندە،سۈزۈك ئەپەندىقاتارلىق بەش نەپەر كىشىنىڭ خەلق مەنپەئەتىنى قوغداش، ئىنقلاپنى ھىمايە قىلىشيولىدا تۇرمگە تاشلانغانلغىدىن خەۋەر تېپىپ ،ئەينى ۋاقىتتىكى يەكەن ۋىلايىتىنىڭ ئەڭيۇقىرى ھەربىي،مەمۇرىي ئەمەلدارى، جاللات جۇ فاڭگاڭنىڭ ۋەھشىي تۇرمىسىدىن ئۆز قولىبىلەن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ ،جۇ فاڭگاڭغا بەش كىشىنىڭ ھاياتىغا كىپىللىك قلش شەرتىنىقويۇپ، ماقۇل كەلتۇرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆز ئۆيىگە قايتۇرۋەتكەن . سۈزۈك ئەپەندىقاتارلىق بەش كشى شۇ كۈنى كېچىدە خەۋىپسىرەپ يەكەندە تۇرۇشقا مومكىن بولمايقەشقەرگە قېچىپ كەتكەن . دۇشمەننىڭ ۋەھشىي تۇرمىسى شائىرنىڭ ئرادىسىنىچىنقتۇرغانكى، ھەرگىز بوشاشتۇرالمىغان. قەشقەرگە بارغاندىن كىيىن، سۈزۈك ئەپەندىئۈچ ۋىلايەت ئىنقلابىنى تەشۋىق قىلىدىغان «ئاڭ گىزىتى »دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئەينى دەۋىردىكى ئىنقلابىي كورەشنى مەدىيلەيدىغان ، خەلىقنى نادانلىق،بىخۇتلۇقتىن قۇتۇلۇپ كورەش قىلشقا ئۇندەيدىغان ئون نەچچە پارچە شېئىرى «ئاڭگىزىتى»دە ئىلان قىلىنغان. گومىىنداڭ ئەكسىيەتچىلرى سۈزۈك ئەپەندىنى ئۆزىنىڭ كۆزىگەقادالغان مىخ دەپ قاراپ، 1947-يىلى 8-ئايدا قەشقەردە قولغا ئېلىپ، تۇرمىگەتاشلىغان.بۇ بىسەرەمجان مەزگىللەردە شائىرنىڭ نۇرغۇن قول يازمىلرى يوقاپ كەتكەن. شائىرنىڭ يۇرىكى دۈشمەننىڭ قىيىن-قىستاق، زۇلۇملىرىغا پىسەنت قلماي، يەنىلاخەلىقنىڭ ئازاتلىق،ئەركىنلكى ئۈچۈن سوققان، ئۇ تۇرمدىمۇ پۇرسەت تاپسىلا شېئىر يېزىپئۆزىنىڭ ئىسيانكار روھىنى ئىپادىلىگەن.
سۈزۈك ئەپەندىنىڭ ئازاتلقتىن بۇرۇنقىئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىگى
شائىر سۈزۈك ئەپەندىنىڭ ئەدىبىي ئىجادىيەتكەكرىشكەن ۋاختى دەل پۇتۇن شىنجاڭ مىقياسىدا ئۇيغۇر دىموكىراتىك ئەدەبىياتىنىڭ جۇشئۇرۇپ راۋاجلانغان دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋىر ئەدىبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىگى ئەمگەكچىخەلقنىڭ جاھانگىىرلىك، فىئودالىزىم، سىنىپىي ئىكىسپالاتتاتسىيە ۋە مىللىي زۇلۇمغاقارشى كۆرەشلىرىنى مەدھىيلەش، خەلقنى غەپلەت دېڭىزىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆز تەقدىرىئۈستىدە ئويلىنىشقا، ئەركىنلىك، دىموكراتىيە، ئازاتلىق ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاشقادەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
شائىر مانا مۇشۇنداق ئىجتىمائىي ۋە بەدىئىي مۇھىتئىچىدە تۇرغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تەڭسىزلىكنىڭ مەنبىئى ،زۇلمەتنىڭ ئوچىغىبولغان جاھالەتلىك جەمىيەتكە قارىتىلغان كۇچلۇك غەزەپ نەپرەت ئىپادىلەنگەن ،گومنداڭھوكۇمرانلرىنىڭ خۇنخورلۇق ،زالملىق ،يىرىتقۇچلۇق ،شەرمىسازلىقتىن ئبارەت ئەپتىبەشىرسى ئچىپ تاشلانغان. شائىر 1947-يىلى يېزىلغان «ئەسلىڭ شۇ ھامان »ناملىقشېئىردا مۇنداق دەيدۇ:
«چېھرىڭدىن مىڭ دەۋزەخ ئىرۇر نامايان ،
كوڭلۇڭ تار،كۆزۈڭ ئاچ،شەرمىسىز زامان.
مىڭ نقاپ تارىتساڭمۇ ئەسلىڭ شۇ ھامان،
خۇنخورسەن ،يىرىتقۇچ سەن ،تىرناقلرىڭ قان.»
شائىر شېئىرلىرىدا يەنە شۇتەڭسىز زاماندا ۋەھشىي جاللاتلارنىڭ چوماقچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەتمىنىنى چاپقانتەلۋە خوشامەتچى مۇناپىقلارغا مۇنداق لەنەت ئوقيدۇ:
«ساڭا ئۇمىد باغلىغاندىللارغا لەنەت ،
خوشامەت قىپ ماختىغان تىللارغا لەنەت.»
(«ئەسلىڭ شۇ ھامان»ناملىق شېئىردىن)
شائىر شېئىرلىرىدا يەنە كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ قايمۇققان،توغرا يولنى تاللىيالمايۋاتقان ھالىتىگە نەزەر سېلىپ، ئۇلارنى ھەقىقەت يولىنىتېپىشقا ھەم بۇ يولدىن مەڭگۈ تايماسلىققا دالالەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ 1948- يىلى يازغان« تاپ» دىگەن دېگەن شېئىرىدىكى مۇنۇ مىسرالار بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى بولالايدۇ:
« ئېزىتقۇلاردىن ئاجراتقىن ئۆزۈڭنى توغرا بىر يول تاپ،
غەرەزلەردىن دىلىخالىي مۇنەۋۋەر يارى مەقبۇل تاپ. »
شائىر سۈزۈك ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىغا يەنەۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق ئىشتىياق ۋە ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلىشتەكقەيسەرانە روھ سىڭدۈرۈلگەن:
« ئې ئوغۇل سۆيمەكچى بولساڭ، سۆي ۋەتەننى جانبىلەن،
قىل ۋەتەننىڭ خىزمىتىنى جان تىكىپ، ۋىجدان بىلەن. »
شائىر سۈزۈكئەپەندى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قانخور تۇرمىلىرىدىمۇ يۈكسەك ئۈمىتۋارلىق ۋەجاسارەت بىلەن جەڭگىۋار شېئىرلارنى يېزىپ، ئىسيان مارشىنى ياڭراتقان . « غازلارئۇچقاندا » ناملىق شېئىر بۇ جەھەتتە ۋەكللىك خاراكتىرگە ئگە:
«ئىسسىق يققاقاراپ سەپ تۇزۇپ قاتار ،
تۇرمە ئۇستىدە بىر توپ غاز ئۇچار.
قانات شەپىلرىقۇلاققا يەتكەچ ،
ئەركنلىك ئشقى يۇرەكتە يانار.
ئەركىنلىك ئەجەپ قممەتبىر نەرسە ،
ئىنسانىيەتكە گوھەردىن ئارتۇق.
ئەرىكسىزلىكتىكى يۇتقان ھەرنەپەس ،
گوياكى بولۇر زەھەردىن ئارتۇق.
كۆڭۈلگە تولغان شۇ خىيال بىلەن،
غازلارغا قاراپ قالدىم بىر مىنۇت.
تەسەللى بىرىپ دىىم ئۆزۈمگە:
قۇياشچىققۇسى، يېرىلىپ بۇلۇت.»
بۇ شېئىردا شائىر ئۆزىنىڭ تۈرمە ئىچىدىكى ئەركىنلككەبولغان ئىنتىلىشىنى باھارغا قاراپ ئۇچقان غازنىڭ سىماسى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ لىرىكھىسياتنى تەبىئىي مۇھىتقا گىرەلەشتۇرۇپ ئوبرازلىق ھالدا ئىپادىلىگەن .ئۇ «ئېىگىلمەبېشىم »ناملىق شېىئىردا يەنمۇ ئىلگىلىگەن ھالدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«جاپالارتارىتساڭمۇ دەرىتكە قالساڭمۇ ،
زارلانما زىنداندا يىللار ياتساڭمۇ.
دۇچكېلىپ ئۆلۈمگە، قانغا پاتساڭمۇ ،
ئى سۈزۈك، كۆيسەڭمۇ، سۇدا ئاقساڭمۇ ،
ۋەتەنسۆيگۈسىدىن ئايرىلما بېشىم.»
بۇ مىسرالار شائىرنىڭ ئەينى دەۋىردىكىئىنقىلابىي كورەشنى مەزمۇن قىلغان
ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ جانلىق شاھىدى.
شائىرنىڭ يۇكسەك ۋەتەنپەرلىك ۋە ئۇمدۋارلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان شىئىرلىرىدابەختىيار كەلگۇسىگە بولغان ئىشەنىچ ۋە ئىنتىلىش ئىستىدات ھاكميەتكە بولغان غەزەپنەپرەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ «ئەركىنلىك ئىشقى »، «ئىزلىسە»،«ئۆتەر دەۋران »قاتارلىق شېئرلىرى مانا مۇشۇنداق مەزمۇنلارغا بېغىشلانغان .ئۇنىڭ1945-يىلى يازغان «پەلەككە سۆز » ناملىق شېئىردا مۇنداق خىتاپ قلنىدۇ:
«توپاچاچتىڭ يۈزىمزگە ،سەن بولۇپ مىسلى قۇيۇن ،
ياتلىغىڭنى ئاشىكارە ئەيلىدىڭ سالدىڭزىيان.
بۇ مۇشەققەتلەرنى بىزگە ياغدۇرۇپ ئى ۋاژگۇن (1)،
تىرى-رابان (2) ئەيلىدىڭ دىللارنى قىلدىڭ لەختە قان.
نېمە قىلدۇق بىز ساڭا مۇنداق ئاداۋەتئەيلىدىڭ ،
سەندە بارمۇ قىلچىلىك ئەدلۇ-ئادالە، قىل بايان.
چاقساڭ گولدۇرلەپچاقماق، ھىچ كورۇنمەس يامغۇرۇڭ ،
ئەيلىگەن بۇ پوپوزاڭ ئاجىزلىغىڭدىن بىر نىشان.
قىلساڭ ھەر قانچە زورلۇق، بوي ئەگدۈرەلمەيسەن پەقەت ،
سەن بىلەن تا ئۆلگىچەقارشىلىشارمىز بىز ھامان.
كۈچلىنىپ بارماقتا ئەلدە ساڭا قارغىش ،ئويغىنىش،
تەۋرىتىپ زورلۇق ھۇلۇڭنى بۇ دەھشەتلىك بوران.
(1)-ۋاژگۇن…….تەتۇر،كاج ..(2)-تىرە-رابان ……..ئوق يامغۇرى
ئى سەتەمكار(3)ھىلىگەر، ئازمۇ سېنىڭ قىلمىشىڭ ،
غادايغان بويلىرىڭنى سۇندۇرىمىز بەرمەيئامان
بۇ جاھان شۇنداق تۆرەلگەن ياخشىلىققا ياخشىلىق ،
ھەم يامانلىققايامانلىقتۇر جاۋاپ ،بۇ ئىش ئايان.
زوراۋانلىق كۈنلىرىڭ كەتكەي ،زاۋال يەتكەيساڭا ،
تاڭ سۈزۈك بولسا قاچار، تۈن قاغىسى ،يوقتۇر گۇمان.
شائىر سۈزۈكئەپەندىنىڭ ئازاتلىقتىن كېيىنكى ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى توغرىسىدا
1949-يىلىشىنجاڭ تېنىچ يول بىلەن ئازات قلىنىپ، شائىرغا بەخىت تېڭى ئاتتى ،جوڭگۇ كوممۇنىستىكپارتىيىسى رەھبەرلىگىدىكى خەلىق ھاكىمىيىتى شائىرنى تۇرمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپئەركىنلىك بېرىپلا قالماي، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكى ،يەكەن ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىملىغى،«يەكەن گېزىتى »نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىكى ،يەكەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمەمەدەنىي مائارىپ بولۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىغى قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى تاپشۇردى.ئەركنلىك ۋىسالى شائىرنى شاتلاندۇردى؛ غەلبە تەنتەنىسى شائىرنى ھاياجانغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىغا قارىماي، ئۈمىد ،ئىشەنىچ ،كۈچ -جاسارەتكەتولۇپ ،يارقىن شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك ۋەتەننى، ئەمگەكچى خەلقنىڭبەختىيار تۇرمۇشىنى زوق-شوخ بىلەن كۈيلىدى. ئەينى ۋاقىتتا يەكەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىيمەھكىمىدە ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شائىر قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىقمەرىپەتپەرۋەر ئەلسۆيەر رەھبەرلەر بىلەن بىللە يەكەننىڭ ئەدەبىيات -سەنئەت ۋەمەدەنىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىدى.
1958-يىلىدىكى مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت كېڭەيتىۋىتىلىپ، نۇرغۇن رەھبەرلەرۋە زىيالىلار بالايى -ئاپەتكە دۇچار بولغاندا، شائىر سۈزۈك ئەپەندىمۇ خاتا ھالدا«يەرلىك مىللەتچى » دەپ قارىلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ۋەتەن خەلق ئۈچۈنياراتقان تۆھپىلرى ئاتالمىش «جىنايەت » دەپ قارىلىپ، تارتىپ چىقىپ كۆرەش قىلىندى؛تەقىپ ئاستىغا ئېلىندى؛ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ يېزىغا ھەيدەپ چىقىرىلدى. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، بۇنداق كۇلپەت تېخىمۇ ئېغىر بولدى. تاكى1978-يىلى ۋەزىيەت پۈتۈنلەي ئوڭشىلىپ ناھەق، خاتا ئەنزىلەر ئاغدۇرلۇپ، سىياسەتئەمەلىيلەشتۇرۇلگەندىلا، ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئاقلاندى. بىراق، ئۇنىڭ 20يىللىق ئۆمرى ئازاپ-ئوقىبەت ۋە خورلۇق ئىچىدە بىھۇدە ئۆتۈپ كەتتى. شائىر ئاپەتلىكيىللارنىمۇ پۈتۈنلەي بوشقا ئۆتكۈزىۋەتمەستىن، تۇرلۇك تىمىلاردىكى شېئىرلارنى يازغانبولسىمۇ، ئۇنىڭ نۇرغۇن قوليازمىلىرى «ئىسيانچىلار» تەرىپىدىن كۆيدۈرىۋىتىلدى.
1979 -يىلى شائىرنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سۈزۈك ئەپەندىم گەرچەياشىنىپ قالغان، سالامەتلىكىمۇ خېلىلا ناچارلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، دەۋىرنىڭ ئادىلھوكۈمىدىن سۆيۈنۈپ، غەيرىتىنى ئورغىتىپ، ۋەتەننى، خەلقنى، يېڭى دەۋىرنى، ئىنسانىيپەزىلەتنى مەدھىيلەيدىغان، ھايات پەلسەپىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان شېئىرلارنى يېزىپ،تۈرلۈك گېزىت -ژورناللاردا ئېلان قىلدۇردى. 1983-يىلى، ئۇنىڭ «يادىكار » ناملىقشېئىرلار توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن، 1987-يىلى، «ئىلھامچېچەكلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىرقىلىندى. «توي چاچقۇسى»، «غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىغائۇنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلدى. شائىر يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرى زەلىلى يازغان«خوجا مۇھەممەت شىرىپ تەزكىرسى »نى نەشىرگە تەييارلاپ «قەشقەر قەدىمكى كىتاپلارتەتقىقات خەۋىرى » ژورنىلىدا ئىلان قىلدۇردى، شائىر نېمىتۇللا ئەبەيدۇللا بىلەنبىرلىكتە،ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرى ئومەر باقى يەركەندى يازغان «پەرھات- شىرىن» داستانىنى نەشىرگە تەييارلاپ، «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلدۇردى. «سەۋنۇبەر »، «قەدىمكى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى » قاتارلىق كىتاپلارنى رەتلەپ نەشىرگەبەردى. يەكەندىكى مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات ئابدۇلئەزىز دامۇللام بىلەن بىرلىكتە«كاچكۇل»، «زۇدەتۇل ئەخبار» ناملىق ئىككى كىتاپنى پارىس تىلىدىن تەرجىمەقىلدى.
شائىرنىڭ ئازاتلىقتىن كېيىنكى ئىقادىيىتىنىڭ ئاساسىي تىمىسىۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئىلىم -پەن، ھالال مېھنەت، ۋە ئىنسانىي پەزىلەتنىتەشەببۇش قىلىش ،« مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دىكى ناھەقچىلىقلارنى ئەيىپلەش، كۈزەلكەلگۈسىگە ئىنتىلىشتىن ئىبارەت بولدى. شائىر ئۆزىنىڭ ئاپەتلىك يىللاردىكى روھىيھالىتىنى ئەينى زاماندا يېزىلغان «دەرد ئۈستىگە دەرد» ماۋزۇلۇق شېئىرىدا مۇنداقئىپادىلىدى:
بىرىدىن بىرى بەتەر ئۆتمەكتە كۈنلەر تىزىلىپ،
تارتىلىپ ھەركۈنكۆرەشكە بىز ئۆتەرمىزقىينىلىپ.
…………………………………………………..
جۇتشېۋىرغانلار بېسىپ، ھەردەم بورانلار قوزغىلىپ،
بۆرىلەر ھۇۋلاپ يۈرەر، بىزنىيىمەككە قەست قىلىپ.
جان خەتەردە قالسىمۇ، دەھشەتلەر قاپساپ كەلسىمۇ،
بوشاشماستىن شۇندىمۇ، بىز تۇرىمىز كۆكرەك كېرىپ.
ئىنقىلاپ يولىدا سىڭگەنئەجرىمىزگە ھەر كۈنى ،
تۇرىمىز بۇ «قەھرىمان»لاردىن ھەمىشە مۇشتئېلىپ.
…………………………………………………….
شائىرنىڭمۇشۇ دەۋىردە يېزىلغان يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان «مايمۇنلار ۋەئېيىقلار» ناملىق ئېپىك داستانى ۋە « ۋەتەن ھەققىدە مۇخەممەس»، «قوينۇڭ گۈلىستانبولغۇسى» قاتارلىق خېلى چوڭقۇر شېئىرىي پىكىر ۋە يۇكسەك بەدىئىي قىممەتكە ئگەشېئىر، داستانلىرىمۇ بار لىكىن بىز سەھىپە ئىتىبارى بىلەن بۇ ھەقتە ئايرىمتوختالمىدۇق.
شائىر سۈزۈك ئەپەندىنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدە بەدىئىيلىك جەھەتتەمۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك ئالاھىدىلىك بارلىقىنى ھىس قىلىشقا بولىدۇ:
1) شائىرنىڭئىجادىيەتتە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە دىموكراتىك ئەدەبىياتنىڭ تىل ۋە ئوبرازيارىتىش ئۇسلۇبى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قوبۇلقىلغان بولغاچقا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا چاغاتاي تىلى تەركىپلىرىنىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەمدە كىلاسسىك ئەدەبىياتتا بىر قەدەر ئومۇملاشقان « گۈل»، «بۇلبۇل»، «تاڭ»،«گۈلزار»،«پەرھاد»، «شېرىن»، «لەيلى»، «مەجنۇن» قاتارلىق ئەنئەنىۋىي تىپىكئوبرالاردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، شېئىرىي تىلنىڭ جەزبىدارلىقى ئاشۇرۇلۇپ،شېئىرىي پىكىر ئىخچاملاشتۇرۇلۇپ، شېئىرىي پىكىر ئىخچام ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن:
« جاھان ئەھلىگە گويا سەن ئىرۇرسەن لەيلى، شىرىندەك،
سېنىڭ ئىشقىڭدامىليونلار ئىرۇر پەرھاد، مەجنۇن زار.»
« غەمى ئەبزۇن، دىلى مەھزۇن،زەھەر-زەققۇم غىزا بەختىم.»
«داغۇ- ھىجراندىن سېرىق رۇخسارىلەردۇرئىستىكىم،
سەڭگى كۈلپەتتىن دىلى سەدپارىلەردۇر ئىستىكىم.»
2) سۈزۈكئەپەندى شېئىرلىرى يەنە ئۇيغۇر دىموكىراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئۇسلۇب جەھەتتىكىئاممىباپلىق، چۈشىنىشلىك بولۇش، قىسقا، دەل بولۇش، ئىسيان، چاقىرىق تۈسىنى ئېلىشتەكمۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن.
3 ) تۈرلۈكئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلار دەل قايىدا قوللىنىلىپ، شېئىرنىڭ ئوبرازچانلىقىئاشۇرۇلغان.
4) لىرىك ھىسسىيات بىلەن تەبىئىي مۇھىت گىرەلەشتۈرۈلۈپ، شېئىرىيمۇھىت ئىچىدە يارقىن شېئىرىي ئوبراز يارىتىلغان( مەسىلەن: « غازلار ئۇچقاندا»، « مايمۇنلار ۋە ئېيىقلار» )
شائىر مۇھەمممەتئىمىن توختىنىياز(سۈزۈك)نىڭ ئىجادىيەتھاياتىنى تەتقىق قىلىش مېنىڭچە، تا ھازىرغا قەدەر تولۇق يەكۇنلىنىپ بولالمىغانئۇيغۇر دىموكراتىك ئەدەبىياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش يەكۈنلەشتە، ئۇيغۇرئەدىپلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى تارىخي مەزگىللەردىكى ئەھۋالىنىچۈشىنىشتە بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە . مەن ئۇستازلار ۋە كەسىپداشلارنىڭ بۇ ھەقتەئىزدىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
-1991 يىلى 3-ئايدا يېزىلدى
-2004يىلى6-ئايدا تۈزىتىلدى.
ئاپتۇرنىڭ ئادرىسى :يەكەن ناھىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسى