بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن رومانلار

بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن رومانلار

پولات ئاماننۇرى

ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشى، راۋاجلىنىشى ۋە ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلىشى ئۇزاق تارىخىي باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. 80 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر رومانچىلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشۇپ كەلدى. ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر مەزگىل ئاستىلاپ قېلىش ۋە توختاپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، 3- ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن، ئۇيغۇر رومانچىلىقى گۈللەپ ياشناش دەۋرىگە قەدەم قويدى. دەسلەپكى مەزگىللەردە يىلىغا بىر، ئىككى پارچە رومان نەشر قىلىنغان بولسا ھازىر يىلىغا ئاز دېگەندىمۇ 20 پارچىغا يېقىن رومان نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ساننى 20 يىلنىڭ ئالدىدىكى سان بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر رومانچىلىقى سان جەھەتتىن رېكورت ياراتتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر رومانچىلىق تارىخى توغرىسىدا ئەدەبىيات نەزەرىيىچىلىرى ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ 80 يىلغا يېقىن رومانچىلىق تارىخىمىز ھەر خىل كۆز قاراشلار ۋە دەلىل- پاكىتلارنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئېنىقلانماي كەلدى. بىز پەقەت رايونىمىزدا تۇنجى نەشر قىلىنغان روماننى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان دەپ قاراپ، ئۇيغۇر رومانچىلىق تارىخىنى 30 يىلدىن ئاشتى، دەپ قاراپ كەلدۇق. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، چۈنكى بىر قىسىم رومانلىرىمىز تولىمۇ كېچىكىپ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. قىسمەن يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ ئەينى چاغلاردىكى جاپالىق شارائىتتا يازغان رومانلىرى تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىدى.

ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1922- 1945) ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىگە ئاساس سالغان تالانتلىق شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى دراممىچىلىق، ئارتىسلىق، رەسساملىق ۋە باشقا جەھەتلەردىمۇ ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلغان. ئۇ 1941- يىلى يازدا سوۋېت ئىتىتپاقى ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىگە تەرجىمان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئايلىنىپ چىققان. بۇ جەرياندا ئۇ ئەمگەكچى خەلقنىڭ قان، ياشقا تولغان ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى بىلەن چوڭقۇر تونۇشقان ۋە شۇ ۋاقىتتا ئىگىلىگەن مول ماتېرىياللار ئاساسىدا «داۋانلار ئاشقاندا» ناملىق رومانىنى يازغان. بۇ رومان 1945- يىلى ئاقسۇدا گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. 1952- يىلى بېيجىڭ مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپىنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىرى شىنجاڭدىن تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇشقا بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش باسقۇچىدا دەرسلىك تۈزۈپ ئۆتكەندە، لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ «داۋانلار ئاشقاندا» ناملىق رومان يازغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئەپسۇس، بۇ رومان بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

ئىبراھىم تۇردى (1914- 1971) 1940- يىللاردا ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان شائىرلارنىڭ بىرى. ئازادلىقتىن ئىلگىرى يازغان نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئازادلىققا ئىنتىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. ئازادلىقتىن كېيىن دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدىكى كۈرەش پائالىيەتلىرىنى قىزغىن مەدھىيىلىگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان چاغدا، تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق بىلەن يىرىك ئەسىرى «تەنتەنە» داستانىنى يازغان. كېيىن يېزىلغان «خۇماخان» داستانىمۇ جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ناچار ئىجتىمائىي ئىللەتلەر، ناتوغرا ئىستىللارنى ئەيىبلەيدىغان بىر قاتار ھەجۋىي شېئىرلارنى يازغان. ئىبراھىم تۇردى 1960- يىللارنىڭ بېشىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بىر رومان يازغان. لېكىن بالايىئاپەتلىك «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» داۋامىدا بۇ روماننىڭ ۋاراقلىرى «خەلق» كىنوخانىسى يېنىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر قورۇسىدا شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان، شۇ سەۋەبلىك بۇ رومانمۇ بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

ئابدۇلئەزىز مەخسۇم (ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوغلى، 1889- 1982) داڭلىق شائىر ئىدى. ئۇ ئۆمرىدە نۇرغۇن شېئىر يازغان، لېكىن يازغان شېئىرلىرىنىڭ كۆپى ئېلان قىلىنمىغان. ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ ئەينى يىللاردا رومان يازغانلىقىمۇ مەلۇم. لېكىن يازغانلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىدى. روماننى «سولچىل» لۇشيەن ۋە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ قارا بورانلىرى يالماپ يۇتۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، دېيىشكە بولىدۇ.

1980- يىللاردىن كېيىن «قاينام ئۆركىشى»، «ئۆچمەس ئىزلار»، «ئىز»، «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»، «ئاقسۇدا 1945- يىل»، «سۇتۇق بۇغراخان»، «ئويغانغان زېمىن»، «مەھمۇد قەشقىرى»، «داغ»، «لېيىغان بۇلاق»، «ئانا يۇرت»، «تەقدىر»، «ئاپئاق غوجا» قاتارلىق كۆپلىگەن رومانلار ئارقا- ئارقىدىن نەشر قىلىندى. «شىنجاڭ مائارىپى» گېزىتىنىڭ 2001- يىل 1- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى سانىدا، يالقۇن روزىنىڭ «ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى قانچە رومان يازدى؟» تېمىسىدا تەييارلىغان رومانلار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. بۇ تىزىملىككە 50 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلىپ نەشر قىلىنغان 85 پارچە روماننىڭ تىزىملىكى كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن نەشر قىلىنغان رومانلارنىڭ سانى يىلدىن- يىلغا كۆپىيىپ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يازغان رومان 250 تىن ئېشىپ كەتتى.

بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن رومانلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئەينى چاغدىكى ناچار تۇرمۇش شارائىتىدىمۇ قولىدىن قەلەمنى تاشلىمىغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پولاتتەك ئىرادىسى بىزنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ.