ئۇيغۇرلاردىكى خاسىيەتلىك سان «يەتتە»

ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن

سان ئىنسان تەپەككۈرى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلېرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بەلگىلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.ماتىماتىكىلىق ھېسابلاش كاتېگورىيىسىگە تەئەللۇق بولغان بەزى سانلارنىڭ مەنىۋىي تۈس ئېلىشى بىر قەدەر ئوموملاشقان ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيەت ھادىسى ھېسابلىنىدۇ.بۇ سانلارنىڭ «خاسىيەتلىك سان» غا ئايلىنىپ قېلىنىشىنىڭ كونكىرېت سەۋەبلېرى بار.ئەينى ۋاقىتتا بۇ سانلار ئىنسان تەپەككۈرۈدىكى مەۋھۇم ھادىسىلېرىنىڭ كونكىرىت بەلگىسى بولۇش رولىنى ئوينىغان. شۇ ئاساستا بۇنداق سانلار بارغانسېرى قېلىپلىشىپ ، ئەقىدە ۋە ئېتىقادقا ، تۇرمۇش ئادەتلېرىمىزدە ، ئېغىز ئەدەبىياتى ئىجادىيەتلېرىمىزدە ئۆز ئەكسىنى تاپقان .

ئۇيغۇرلار – شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە ، تارىخى ئۇزۇن مىللەتلەرنىڭ بىرى .«ئۈچ»«توققۇز» غا ئوخشاشلا «يەتتە» مۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، ئىجتىمائىي ، ئېتنىك كېلىپ چىقىشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان خاسىيەتلىك سان . تۈرلۈك – تۈمەن ھادىسىلەر ، ۋەقەلەر،ۋە سەۋەب – ئامىللار شۇنى تەكرار ئىسپاتلىدىكى ، «يەتتە» سانىنى ئۇلۇغلاش ئۇزاق تارىخى جەريانلاردىن بېرى شەكىللىنىپ داۋاملىشىپ كەلگەن . ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن ۋە سېستىمىلاشقان . ئۇيغۇرلار قەدىمكى دەۋىرلەردە شامان دىنى ، زەردۇشت (ئوتپەرەسلىك) ،بۇددا دىنى ، مانى دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان . مىلادى 8 – ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى غەربىي ئاسىيادىن شەرىققە يۈزلەنگەن ، كېيىن شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىپايان ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىگە ، جۈملىدىن قەشقەر ، يەركەن ، خوتەنلەرگىچە تارقالغان . بۇددا دىنى ئاخىرى ئىسلام دىنى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى . گۈزەل بوستانلىقنى ماكان تۇتۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوت – چۆپ قوغلىشىپ يۈرۈيدىغان كۆچمەن ھالەتتىن ، مىلادى 840 – يىلىدىن كېيىن ، شەھەر ، يېزىلاردا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ھاياتلىققا كۆچتى . ئىقتىساد روناق تېپىپ ، كىيىم – كېچەك ، يېمەك – ئىچمەك كۆپىيىپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسكەن . ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى مانا مۇشۇنداق مۇھىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا بارغانسېرى چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ ، يېڭى – يېڭى ئۆرۈپ – ئادەت ، كۆز قاراشلېرىنى مەيدانغا كەلتۈردى .بۇ خىل ئۆزگىرىش ئۇيغۇرلارنىڭ غايىۋىي تەلىپى ، مەنىۋىي ھاۋالىسى ، تۇرمۇش ئۇسۇلى ، پىسخىك ھالىتى ، ھەرىكەت نورمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە گەۋدىلەندى . ئىسلام مەدەنىيەت ئەينى دەۋرىدە شۇنداق تېز سۈرئەت بىلەن راۋاجلانغانكى ، تىلشۇناسلىق ، ئەدەنىيات ، تىبابەتچىلىك ، باغۋەنچىلىك ، ھۈنەر – كەسىپ ، قىسقىسى ، ئىلىم – مەرىپەت بىلەن شۇغۇللىنىش ھەرقانداق ئۇقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر تەبىقىسىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى . ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، مائارىپ ، ئاقارتىش ئىشلېرىنى ئاساسەن ئەرەب – پارىس تىللېرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ، ئەرەب – پارىس تىلىدا ئوقۇغان ۋە بۇ تىلنى ئىگەللىگەن زىيالىيلارنىڭ كۈندىن كۈنگە ، يىلدىن – يىلغا كۆپۈيۈشكە باشلىشى ، ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ، سان – سىفىرلارنى تولاراق ئەرەب ياكى پارىس تىلىدا ئېيتىشى ، يېزىشىنىڭ بىر خىل مۇددىئاغا ئايلىنىشتىكى سەۋەبلەرمۇ ئەنە شۇ مەدەنىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

خاسىيەتلىك سان «يەتتە» پەقەت ئىسلام دىنى ئادەتلېرىنىڭ تەسىرىدىن قېلىپ قالغان دېيىشكە بولمايدۇ .

خاسىيەتلىك سان «يەتتە» چۈشەنچىسى «توققۇز» ساننىڭ سىرلىق خارەكتىرىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ، «يەتتە» بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ئادەتلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ تارقالغان ، بىر قىسىم ماتىرىياللاردا «ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن بۇرۇنقى خاتىرىلەردە<يەتتە> نىڭ سىرلىق خارەكتىرىگە ئىگە بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئۇچرىمايدۇ» دەپ يېزىلغان .ئەمما مەڭگۈ تاش پۈتۈكلېرىدىكى «يەتتە» بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆز – جۈملىلەر ، يۇقارقى قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ .

تارىخ تەتقىقاتچىلېرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ، ئىسلام دىنى مىلادى 610 – يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا بارلىققا كېلىشكە باشلىغان ، مىلادى 10- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە ، قاراخانىيلارنىڭ خانى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى بىلەن ، بۇ دىن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان . ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، مەڭگۈ تاشلار 8- ئەسىرلەردە ئورنىتىلغان . ئاشۇ مەڭڭۈتاش پۈتۈكلېرىدە ئەجدادلېرىمىزنىڭ سان مۇقەددەسلىك ئېڭىدىكى «يەتتە» گە دائىر كۆپلىگەن بايانلار ئۇچرايدۇ . شۇ نۇقتىدىن چۈشۈنۈشكە بولىدۇكى «يەتتە» ئۇلۇغلۇقى ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ، بەلكى ئىسلام دىنى تەسىرىدە تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن . خاسىيەتلىك سان «يەتتە» توغرىسىدا بۇددا دىنى ۋە مانى دىنىغا ئائىت قەدىمىي كىلاسسىك ئەسەرلەردىن نۇرغۇن بايانلار بار .

تۆۋەندە بىز مەڭگۈ تاش پۈتۈكلېردە خاتىرىلەنگەن خاسىيەتلىك سان «يەتتە» گە دائىر بايانلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز :

«تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» دىكى بايانلار :ئورمانلىق ۋە تاغ – دالىلاردا قالغانلېرى يىغىلىپ يەتتە يۈز بولدى . ئۇ يەتتە يۈز كىشىنى باشلاپ يۈرگۈچى قوشۇن ئۇلۇغ شاھ ئىدى .

ئىلتەرىش خاقان دانا ، باتۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تابغاچ بىلەن ئون يەتتە قېتىم ئۇرۇش قىلدى . قىتانلار بىلەن يەتتە قېتىم سوقۇشتى ؛ قاپاغان خاقان يىگىرمە يەتتە ياش ۋاقىتىدا ، مەن قاپاغان خاقانغا ياردەملىشىپ ئۇنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزدۇم .

«كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى» دىكى بايانلار : شەرىقتىن غەرىبكە يۈرۈش قىلىپ توپلىغان كىشى يەتتە يۈز بوپتۇ . يەتتە يۈز كىشى بولغاندىن كېيىن ………. ؛ ئۇ قىرىق يەتتە قېتىم ئەسكەر چىقىرىپتۇ ؛ئىنىم كۆلتېكىن يەتتە ياشتا ئىدى ؛ كۆلتېكىن يىگىرمە يەتتە يېشىدا ، قارلۇقلار ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولدى ۋە بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى ؛ قوشۇن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا ، يەتتىنچى ئەرنى قىلىچلىدى ؛ كۆلتېكىن قوي يىلىنىڭ ئون يەتتىنچىكى كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى ، توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتى ئۆتكۈزدۇق . قەبرىسىنى ، نەقىشىنى ، تاش پۈتۈكىنى (تاش مۇنار) مايمۇن يىلى يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى پۈتۈنلەي ياسىلىپ بولدى . كۆلتېكىن قىرىق يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى .

«بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» دىكى بايانلار : شەرىقتىن غەرىبكە يۈرۈش قىلىپ توپلىغان كىشى يەتتە يۈز بوپتۇ ، ئۇ يەتتە يۈز كىشى بولغاندىن كېيىن ….. ؛ ئۇ قىرىق يەتتە قېتىم ئەسكەر چىقىرىپتۇ ؛ ئون يەتتە يېشىمدا تاڭغۇتقا قوشۇن ئەۋەتتىم ؛ يىگىرمە يەتتە يېشىمدا قىرغىزلارغا يۈرۈش قىلدىم ؛ بىرىنچى يىلى تايغاچنىڭ ئون يەتتە مىڭ ئاتلىق ئەسكىرىنى يوقاتتىم ؛ چوشقا يىلى بەشىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇق ؛ يەتتە كېچە – كۈندۈزلەپ مەن سۇسىز چۆللەرنى كېسىپ ئۆتۈپ چوراققا يېتىپ باردىم .

يۇقۇرلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ سان چۈشەنچىسىدىكى «يەتتە» ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى دەۋىرلەردىمۇ بارلىققا كەلگەن .

ئۇيغۇر خەلق ئارىسىدىكى «يەتتە» رەقىمى ئىلاھقا ۋە كۆككە چوقۇنۇشتىن كېلىپ چىققان .

ئۇيغۇر خەلق ئارىسىدىكى «يەتتە» رەقىمى ئىلاھلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، ئۇ دەسلەپتە ئىلاھىي سان بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمىي ئالتاي مىللەتلىرىنىڭ ئاسمان ئىلاھىي سان بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمىي ئالتاي مىللەتلىرىنىڭ ئاسمان ئىلاھىغا چوقۇنۇش ئىدىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئۇنى تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئىدىيىسىنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولىدۇ . ئالتاي رىۋايەتلىرىدە ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ ئۇلۇغ تەڭرى «كۈن» دەپ كۆرسىتىلگەن ، ئۇ ئالتاي تىلىدا «ئۈلكىن تەڭرى» دەپ ئاتالغان . خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، «ئۈلكىن» تۈرك تىلىدا «ئۇلۇغ ، زور» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ ، قۇياش تەڭرى بىلەن ئاي تەڭرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇدىكەن ، ئېيتىلىشىچە ، «ئۈلكىن تەڭرى» نىڭ قەسىرىگە كىرىدىغان يولدا يەتتە توساق بار ئىكەن «يەتتە قات ئاسمان» ، بۇ توساقلار «ئەر شامان» كەلگەندە يېشىلىدىكەن . يەتتىنچى توساق «تۆمۈر قوزۇق (شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى)» بىلەن تۇتاش ئىكەن . «ئۈلكىن تەڭرى» نىڭ يەتتە ئوغلى ، توققۇز قىزى بولۇپ ،ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئايرىم – ئايرىم ھالدا «قارشىت» ، «بۇغراخان» ، «يېشىلغان»، «بوچاخان»،«قارا كۈش» ، «بەختىخان» ، «ئەكانىم» ئىكەن . بۇ رىۋايەتتە تىلغا ئېلىنغان يەتتە ئىسىم ئېھتىمال يەتتە يۇلتۇزنىڭ ئىسمى بولۇشى مۇمكىن . ئىلاھىي رەقەم «يەتتە» نىڭ شەكىللىنىشى چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە، ئۇنىڭ شەكىللىنىشى پارىسلارنىڭ زارۇ ئاستىر دىنى مەدەنىيىتىنىڭ ،ھىىندى-ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ قاراشقىمۇ بۇلىدۇ . لېكىن قانداق بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر بۇخاسىيەتلىك سان ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزلىكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، شەكىل ۋە ماھىيەت جەھەتتىن نوقۇل سان ئۇقۇمىدىن ھالقىپ ، ئۈزلۈكسىز مۇككەممەللىشىپ ، ئەڭ ئاخىرى كۈچلۈك مىللىي ، دىنىي ، ئىجتىمائىي ۋە ئېتنىك ئۇقۇمىغا ئايلاندى . ئۇ ،ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئەقىدىلىرى بىلەن مەھكۇم يۇغۇرۇلۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتتى ، ئۇنى كۈندىلىك ھاياتتا ، تىل ۋە يېزىقتا ناھايىتى كۆپ ئۇچرىتىش مۇمكىن . مەيلى سىياسى ،ئىقتىسادى ،تارىخى ، جۇغراپىۋىي ، دىنىي ، ئاسترونومىيلىك ، تىببىي ، كالىندارچىلىق ، ئۆرۈپ-ئادەت ، يەر-جاي تەزكىزچىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن ياكى يازما ئەدەبىيات ، خەلق ئېغىز ئەدەبىيات جۈملىدىن ئەپسانە ، رىۋايەت ،داستان ، چۆچەك ، ماقال – تەمسىللەردە بولسۇن ، خاسىيەتلىك «يەتتە»سانى ھامان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ .

ئۇيغۇر تىلىدىكى «يەتتە» رەقىمى ئاساسىي جەھەتتىن «كۆپ ، ئەڭ كۆپ ، ھەممىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . مەسىلەن ، ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى «تۆگە ئۇسۇلغا چۈشسە ، يەتتە تاختا زەدەكنى بۇزار» ، «ياخشى گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە ، يامان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ» قاتارلىق ۋە «يەتتە قەۋەت ئاسمان» ، «يەتتە ئىقلىم» ، «يەتتە كۈنلۈك ئالەم» ، «يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە» قاتارلىق سۆزلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دائىم ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە «پۈتكۈل دۇنيا» ، «پۈتكۈل كائىنات» ، «بۇ دۇنيا» ، «بارلىق كىشىلەر قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ» .

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن ئۆرپ – ئادەتلىرى «يەتتە» بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش جەريانىدا ئۆزىگە خاس نۇرغۇن ئۆرپ – ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن . بۇلارنىڭ بىر مۇنچىلىرى خاسىيەتلىك «يەتتە» سانى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ ، رېئال تۇرمۇشتا داۋاملىق ئۇچرايدۇ . مەسىلەن ، ئۇيغۇر ئاياللىرى تۇغقان تۇنجى كۈنى ، تۇغۇت ئانىسىدىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ تۇغۇتلۇق ئايالغا يېقىنلىشىغا ياكى تۇغۇتلۇق ئايال ياتقان ئۆيگە كىرىشىگە روخسەت قىلىنمايدۇ .بوۋاق تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى ئىسىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ ؛ ئوغۇل يەتتە ياشقا كىرگەندە سۈننەت توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ . قىز بولسا قۇلىقىنى تېشىش قاتارلىق مۇراسىم ۋە بوۋاق تۇغۇلۇپ يەتتە ھەپتىدىن كېيىن بۆشۈك قىلىدۇ . ئۇيغۇر كىشىلېرى قازا قىلسا ئۆي ئىچىنى يەتتە قېتىم ئايلىنىپ ھازا ئېچىش ، يەرلىكىنى قويغاندا گۆر ئاغزىغا يەتتە كەتمەن توپا تاشلاش ، قازا تاپقان كىشىنىڭ روھىنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، ئۈچۈنچى كۈنىدىن باشلاپ ياغ پۇرۇتۇپ ، «ئۈچ » «يەتتە» نەزىرىنى ئۆتكۈزۈش ، 40 كۈنگىچە ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىم «ئازنا ئاخشىمى» ئۆتكۈزۈش ، سەپەرگە چىقىش ، ئۆي كۆچۈشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن ياغ پۇرۇتۇپ نەزىر بېرىش قاتارلىق ئادەتلەر بۇ پىكىرنى تېخىمۇ تولۇق ئىسپاتلايدۇ . ھازىرغىچە كىشىلەر ئارىسىدا يەنە «يەتتە دومىلىغان سۇنى ئىچىش ھالال» دەيدىغان قاراشلارمۇ بار .

ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىدا تەييارلىنىدىغان نورۇز ئېشى «شەمسىيە يىلى» سۆزىدىكى «ش» ھەرىپىدىن باشلانغان يەتتە خىل يېمەكلىك . يەنە «شىرنە» ، «شاراب» ، سۈتتىن ياسالغان «شېرىن» ، «شىكەر» ، «شەربەت»، «شام» ، «شانە» ۋە «شەمسىيە يىلى» سۆزىدىكى «س» ھەرىپىدىن باشلانغان يەتتە خىل ئۆسۈملۈك ، «سەۋزە» ، «سامساق» . «سىركە» ، «ساپالغا» ، «سىيادان» ، «سىنجىد» قاتارلىقلار ۋە بۇغداي ، قوناق ، ئارپا ، كۆك ماش ، گۈرۈچ ، ئۇششاق گۈرۈچ ، ئاق يېسىۋىلەك ، پۇرچاق قارتارلىق يەتتە خىل دانلىق يىمەكلىكلەر تەييارلىنىدۇ ؛ ھەج پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن كەبىنى يەتتە قېتىم ئايلىنىدۇ . ساپا مەرۋا تېغى ئارىلىقىدا يەتتە قېتىم يۈگرەيدۇ ….

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا «يەتتە» نى ئۇچراتقىلى بولىدۇ .

خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تۈرلۈك ژانىر شەكىللىرىدىمۇ «يەتتە» سانى ھەمىشە خاسىيەتلىك سان سۈپىتىدە ئۇچراپ تۇرىدۇ . مەسىلەن :

1)ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىدە مۇنداق ئىپادىلىنىدۇ .

بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ .

يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس .

70 تىن قورقما ، يەتتىدىن قورق .

تۆگە ئۇسۇلغا چۈشسە ، يەتتە تاختا زەدەكنى بۇزار .

يېرىدىن ئايرىلغان يەتتە يىل يىغلار ، ئېلىدىن ئايرىلغان ئۆلگىچە (يىغلار) .

تۆت كەپتەرگە يەتتە كۆۋرۈك ، يازدا ياتقان قىشتا رۈۋۈك .

تاغ يەتتە بالادىن يىراق .

ياخشى گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە ، يامان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىىپتۇ .

يەتتە ياشتا ئاشىق بولدۇم .

يەتتە ياشتىن ، يەتمىش ياشقىچە.

2) ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا

ئەجەبمۇ يارىشىپتۇ،

ئەتلەس كۆينەك ئۇچاڭغا.

كۈندە يەتتە كېلىمەن ،

قەلەندەردەك كوچاڭغا .

بۈگۈن ئايغا ئون دەيدۇ،

ساناپ باقسام ئون يەتتە.

بىزنىڭ يارنى چوڭ دەيدۇ،

سىكىلەكلىرى كالتە.

بۈگۈن ئايغا ئون يەتتە ،

مەن ئۆزەم خىجالەتتە.

مەندىن باشقا يار تۇتساڭ ،

سورىقىم قىيامەتتە .

3)ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە : «شاھزادە قورسىقى ئاچسا شاپتۇل بىلەن نەشپۈتنى يەپ ، ئۇيقۇسى كەلسە، ئاسماننى يېپىنچا ، يەرنى سېلىنجا قىلىپ يېتىپ – قوپۇپ يولنى داۋام قىلدۇرۇپتۇ . شۇنداق قىلىپ يەتتە كېچە – كۈندۈز چۆل – باياۋان ئىچىدە تىنەپ يۈرۈپ ، ئاخىرى بىر چوڭ تاغقا ئۇلىشىپتۇ» .(«ياغاچ ئات» ،

«ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» 1- قىسىم 17-بەت .)

«يىگىت ئىككى بىسلىق قىلىچنى توغرا تۇتقان پېتى ئەجدىرھانىڭ ئاغزىدىن كىرىپ ، قۇيرۇقىدىن چىقىپتۇ ، ئەجدىرھا ئۆلۈپتۇ . بۇنى كۆرگەن قىز ناھايىتى خوشال بولۇپ ، يىگىتنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ … شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يەتتە كېچە – كۈندۈز چوڭ توي – مەرىكە قىلىپ ، قىزنى يىگىتكە نىكاھ قىلدۇرۇپ بېرىپتۇ ۋە يىگىتنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلىپتۇ» («تەدبىرلىك پادىشاھ» ، «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» 1- قىسىم 82- بەت)

«بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادەم بوپتىكەن ، ئۇنىڭ بالىلىرى ئۆلۈپ زادىلا توختىماپتۇ . قىلمىغان ئىشى قالماپتۇ . شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ يەتتىنچى ئوغلى تۇرۇپ قاپتۇ . ئۇنىڭ ئىسمىنى تۇردى قارى قويۇپتۇ » .

4) ئۇيغۇر خەلق داستانلېرى :

«دانىيات ۋاقتىنى غەنىمەت بىلىپ لەيلى قىر ئاتلىق تۇلپارنى مىنىپ يولغا چىقىپتۇ . بۇ تۇلپار بىر كۈندە بىر ئايلىق يولنى بېسىپتۇ . ئۇنىڭ بەدىنى ئاجايىپ كېلىشكەن چوقۇر ئىكەن . ئۇنىڭ قەددى دىۋىنىڭ سۈرىتىگە ، سىرتى مالائىكىنىڭ كۆرۈنىشىگە ئوخشايدىكەن ، يايلى بوينىنى يېپىپ يەرگە چۈشكەن ، تۇۋىقى يەلەكنى كۆزلىگەن شۇنداق بىر ئات ئىكەنكى ، دانىيات شۇ ئات بىلەن يەتتە كۈندە ئۆزىنى ئەھمەدخاننىڭ شەھىرىدە كۆرۈپتۇ» («گۆر ئوغلى» داستانى «مىراس»ژۇرنىلى 1983- يىلى 1- سان 22- بەت) .

«شۇنىڭدىن كېيىن موماي يەتتە باشلىق يالماۋۇز سۈرىتىدە ئۆيگە بېرىپ ، مەختۇمسۇلانىڭ چېچىدىن لىمغا ئېسپ قويۇپ قېنىنى شوراپتۇ . ئاكىسى چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ ، سىڭلىسىنى كۆرۈش بىلەن ھەيران قاپتۇ . كۆڭلىگە گۇمان تولۇپتۇ : <ھەي سىڭلىم ، يەتتە كۈننىڭ ئىچىدە شۇنچە ئورۇقلاپ سارغىيىپ ، ھالىڭدىن كېتىپسەن ، نېمە بولدۇڭ ؟ كىم ساڭا ئازار بەردى؟> دەپ سوراپتۇ» («چىن تۆمۈر باتۇر» ، «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى» 1-كىتاب 153- بەت)

«قەمەر شاھقا قايتىدىن جان كىردى . يەنە 99 كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن پايانسىز دەشىتكە يەتتى . قۇملۇق ئىچىدە يەتتە كېچە – كۈندىن يول يۈرگەندىن كېيىن ، تەشنالىقتىن يىقىلدى» («قەمەر شاھ ۋە شەمسى جانان» ، «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى» 1- كىتاب 153- بەت) .

«يەتتە» نىڭ ئاسترونومىيە جەھەتتىكى ئىپادىلىرى

خاسىيەتلىك سان «يەتتە» دىنىي ، تارىخىي ، رىۋايەت ، داستان ، چۆچەك ، ماقال تەمسىللەردىلا بولماستىن بەلكى ئاسترونومىيە ۋە كالىندارچىلىقتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ . ھەممىمىزگە مەلۇم ، پولشا ئاسترونومىيە ئالىمى كوپېرنىك 15- ئەسىردە قۇياش مەركەز تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت «يەر مەركەز» تەلىماتىغا ئىشىنەتتى . «يەر مەركەز تەلىماتى» ئىنسانىيەت ئارىسىدا 1500 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ ، بىردەك ، «يەرشارى تۇرغۇن ھالەتتە بولغان بولىدۇ ، قۇياش ، ئاي ، مارىس ، يۇپىتېر ، مېركۇرىي ، ۋېنېرا … قاتارلىق يۇلتۇزلار يەرنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ » دەپ قارىلاتتى . بىزنىڭ ئەجدادلېرىمىمۇ يىراق قەدىمىي زامانلاردىن باشلاپ ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق ھالدا تەبىئەتنىڭ سىرىنى بىلىشتەك ئىستىكىنى ئاسمان جىسىملىرى توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىگە تەدبىقلاپ كەلگەن . ئۇلار كۈن بىلەن تۈننىڭ ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ ، كۈن ، ئاي ۋە پەسىللەرنىڭ دەۋرىي ھالدا ئالمىشىپ ، ئايلىنىپ تۇرۇش سەۋەبلىرىنى يۇقۇرقىدەك ئاسمان جىسىملىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە باغلاپ چۈشەنگەن . ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۇلارنىڭ كائىناتتا بولغان تەسىرى … قاتارلىقلارنى ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە تەكرار كۆزىتىپ ، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ يىللىق ھەرىكەت دەۋرىنى مەلۇم ئېنىقلىق بىلەن ھېسابلاپ چىققان . شۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپكى «يېزىقسىز ۋاقىت كالىندارى» پەيدا بولغان (يۇلتۇز كالىندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) . كېيىنچە بۇ كالىندارلار تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ ھېسابلىنىپ ، شۇ ئاساستا «قەمەرىيە كالىندارى» ۋە «چۆچەكلىك كالېندار» كېلىپ چىققان . ئەجدادلېرىمىز يۇلتۇز كالىندارىنى يارىتىش جەريانىدا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئاساسىي پىلانىتلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپتىدائىي ھالدا بىلىپ يەتكەن . ئۇلارنىڭ تەرتىپى مۇنداق ( ئەجدادلىرىمىزنىڭ رەتكە تىزىش تەرتىپى مۇنداق):

سەكەنتر (زۇھەل ، ساتۇرۇن 土星)

ئوڭاي (مۇشتەرى ، يوپىتېر 木星)

كۇرۇد (مېردىخ ، مارىس 火星)

يەشىق (شەخس، قۇياش 太阳)

سەۋت (زۆھرە ، چولپان ، ۋېنىرا 金星)

سۇنبۇل (ئارزۇ ، مېركورىي ، ئاتارۇت 水星)

يالچىق (قەمەر ، ئاي 月亮)

ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن ، بۇ ئىلىم يۈزەكىلىكتىن چوڭقۇرلۇققا ، شەكلدىن ماھىيەتكە ، تۆۋەنلىكتىن يۈكسەكلىككە قاراپ تېخىمۇ تېز راۋاجلىنىشقا باشلىدى . ھېچقانداق ئاستىرونومىيىلىك كۈزىتىش ئەسۋابلىرى ۋە تېخنىكىۋىي قوراللار بولمىغان ئەنە شۇ زامانلاردا ئۇيغۇرلار پۈتكۈل يەرشارى بىلەن بولغان ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى توغرا ھەل قىلىپ ، ئوخشاش بولمىغان ئاسمان جىسىملىرىغا چوڭقۇر ئەقىدە باغلاپ ئۇلارغا چوقۇندى . ئۇلار : ئاسمان ، كۈن ، ئاي ، يۇلتۇز ، بۇلۇت ، قار – يامغۇر ، چاقماقتىن ئىبارەت يەتتە قىسىم ئىدى . ئۇلار ئەنە شۇ «يەتتە» ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يورۇقلۇقىنى مۇقەددەس بىلىش ، ئاسمان جىسىملىرىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭدىن نىجادلىق – مەدەت تىلەش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ كەلدى . كۈن ، ئاي كۆيگەندە ياكى تۇتۇلغاندا ، يەر تەۋرىگەندە «دۇنيانىڭ گۇناھى كۆپىيىپ كەتتى» دەپ قاراپ ، ئۇنىڭغا ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىمدىن 40 كۈنگىچە دۇئا – تەكبىر قىلىش ، نەزىر – چىراغ ئۆتكۈزۈش ، كۈندۈزى كۈنگە ، كېچىسى ئايغا قاراپ تۇرۇپ ، چوڭ – كىچىك تەرەت قىلماسلىق ، بىتەرەت كۈنگە قارىماسلىق ، يامغۇر ، قار ياغمىغاندا (قاتتىق قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەندە) ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىمدىن 40 كۈنگىچە دۇئا – تىلەپ قىلىش قاتارلىق بىر مۇنچە ئۆرۈپ ئادەتلەر تۇرمۇشتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ، بۈگۈنگىچە ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلدى . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار مارىس يۇلتۇز تۈركۈمىگە يىتكەن (يەتتە ئىكەن) دەپ نام بېرىپ ، ئۇ كۆرۈنگەندە «بالايى – ئاپەت ياغىدۇ» دەپ قاراپ كەلدى . ئۇلۇغ ئالىم ، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ بىرمۇنچە جايلىرىدا «يەتتە» ھەققىدە ئاسترونومىيىلىك مىساللار ئېلىنغان . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر ، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسترونومىيىلىك قاراشلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ۋە ئىجداىي بېيىتىپ كامالەتكە يەتكۈزدى . ئۇجاھانغا مەشھۇر ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ «يەتتە يۇلتۇز ۋە 12 بۈرجەك بايانى» (67-بەت) دا شېئىرىي تىل بىلەن «يەتتە» نى ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق ئەكىس ئەتتۈرگەنىدى :

131 بۇلاردىن ئەڭ ئۈستىن سەكەنتىر تۇرۇر ،

ئىككى يىل سەككىز ئاي بۇر بۇرجدا قالۇر.

132 ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ئوڭاي،

قالۇر بىر بۇرجدا ئۇ دەل ئون ئىككى ئاي .

133 ئۈچۈنچى كۇرۇددۇر غەزەپتە يۈرۈر .

قايان بارسا بارلىق ياشارغان قۇرۋر.

134 تۆتىنچى قۇياشتۇر ، يورۇتار جاھان ،

يېقىن ھەم ئۇدۇل كەلگەننى ھامان .

135 بەشىنچى سەۋىتتۇر ، سۆيۈملۈك ئۆزى ،

ئۇباقسا كۆرەرسەن خوشاللىق يۈزى .

136 ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئارزۇ كېلەر ،

ئۇكىمگە يوقۇشسا تىلەكلەر كىلەر.

137 بۇلاردىن تۆۋەنرەكتە يالچىق تۇرار ،

قۇياشقا ئۇدۇل كەلسە تولۇن بولار.

ئالىم يۇقىرىدىكى مىسرالاردا «يەتتە» پىلانىتنىڭ نامى ۋە ھەر بىرىنىڭ خاسىيىتىنى ئاسترونومىيىلىك ئىلىم ئاساسىدا تەرىپلەنگەن .

خاسىيەتلىك سان «يەتتە» پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بولماستىن بەلكى بۇ رەقەم مەدەنىيىتى ۋە رەقەمگە مۇناسىۋەتلىك ئۆرۈپ – ئادەت دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ، مىللەتلەر ئارىسىدا كەڭ ئوموملاشقان .

ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن ۋە ياكى يامان كۆرىدىغان سانلار بولىدۇ . بۇ سانلار شۇ مىللەرنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ – ئادىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھالىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ . ھەر قايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ رەقەم مەدەنىيىتى ۋە رەقەمگە مۇناسىۋەتلىك ئۆرۈپ – ئادەتلىرى ئۆزگىچە بىلەن پەرقلىنىدۇ . تۆۋەندە روس مىللىتىنىڭ «يەتتە» رەقىمىگە بولغان قارىشىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي .

«يەتتە» رەقىمى روس خەلقى قەلبىدە ئالاھىدە ئوبراز ۋە مەزمۇنغا ئىگە . بۇنداق بولۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي بولماستىن ، خىرىستىئان دىنىدا «مۇقەددەس رەقەم» دەپ قارىلىپ ، «مۇكەممەل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . خىرستىئان دىنىدا جەننەت يەتتە قەۋەتكە بۆلۈنگەنمىش ، خۇدا ئالەمنى ئالتە كۈندە يارىتىپ يەتتىنچى كۈنى دەم ئالغانمىش ، ئەيسا كىرىستتا يەتتە ئېغىز سۆز قىلغانمىش ، يەنە يەتتە خىل گۈزەل ئەخلاق ۋە يەتتە خىل ئېغىر گۇناھ دېگەنگە ئوخشاش خاتىرىلەر ئىنتايىن كۆپ ئىكەن . شۇڭا ، روس خەلقى «يەتتە» رەقىمىنى «كارامەت رەقەم» دەپ تەرىپلىشىدۇ . روسلار دائىم «يەتتە» رەقىمىنى «بەخت ۋە ئامەت ئېلىپ كېلىدىغان سان» دەپ قارايدۇ .

روسلاردىن باشقا ھىندىستان مەدەنىيىتىدە «يەتتە» خېلى بۇرۇنلا ئىلاھىي سانلار كاتېگورىيىىسىگە كىرگۈزۈلگەن . ھىندىستان مەدەنىيىتىدىكى بۇ قاراش بەلكىم مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1 – ، 2 – ئەسىرلەردىكى ئالتاي تېغى ، تەڭرى تېغى ئەتراپىدا بارلىققا كەلگەن يەتتە يۇلتۇز ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن .

روسلاردىكى «يەتتە» رەقىمىگە بولغان كۆز قارىشى ئاساسىي جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ «يەتتە» رەقىمىگە بولغان كۆز قارىشى ئوخشاپ كېتىدۇ . روسلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلا «يەتتە» رەقىمىنى ياخشى كۆرىدۇ . خىرىستىئان دىنى تەسىرىدە روسلار ئاسماننى يەتتە قەۋەتكە ئايرىيدۇ . ئۇيغۇرلار بولسا ئىسلام دىنىنىڭ تۈپەيلىدىن ، شۇنداقلا ئەنئەنىۋىي «يەتتە قەۋەت ئاسمان» قارىشىغا ئاساسەن «ئۆلگۈچىنىڭ روھى يەتتە قەۋەت ئاسمانغا چىقىدۇ» دەپ قارايدۇ . روس تىلىدىكى «يەتتە» رەقىمى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى «يەتتە» رەقىمى قوشۇلغان تۇراقلىق سۆزلەر ، ماقال – تەمسىللەر ، سۆز بىرىكمىلىرى بىر قەدەر كۆپ (بۇنى بىر – بىرلەپ سۆزلەپ يۈرمەيمەن) ، ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىدا «يەتتە» رەقىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆرۈپ – ئادەتلەر بىر قەدەر مول .

ئۇيغۇرلاردا «يەتتە» سانى نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر خاسىيەتلىك سان ھېسابلىنىدۇ ؟

ھەرقانداق مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى شۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئىگىسى بولغان خەلقنىڭ تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى كوللېكتىپ ئېڭىدىن ئىبارەت ئىچكى ئامىل ۋە ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان بەزى تاشقى ئامىلدىن مۇستەسنا ئەمەس . ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ، شانلىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى . ئۇلار 12 مۇقامنى گەۋدە قىلغان شېئىرىيەت بوغۇم – رېتىم چۈشەنچىسىگە ، گۈزەل – سەت ، چىرايلىق – خۈنۈك ، كېلىشكەن – يارامسى نى پەرقلەندۈرىدىغان شەكىل چۈشەنچىسىگە ، ياخشى – يامان ، پاك – ناپاكنى پەرقلەندۈرىدىغان ماھىيەت چۈشەنچىسىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى كۆڭلىگە سان توختىتالمايدىغان ، تەكرار ساناقلار ئارقىلىق ئەقىل يەكۈنلەيدىغان مۇئەييەن سان چۈشەنچىسىگىمۇ ئىگە . شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريانلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىن تارتىپ ، تۇرمۇشتىكى ئۆرۈپ – ئادەت ، دىنىي پائالىيەتلىرىگىچە ھەممىنى بىر نەچچە خاسىيەتلىك سانغا بولۇپمۇ «يەتتە» گە باغلىغان .دېمەك ، خاسىيەتلىك سان «يەتتە» قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي تەپەككۈرىدىكى مەۋھۇم ھادىسىلەرنىڭ سوموۋولى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن ۋە ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان شەكىللىنىپ داۋاملاشقان ھادىسە .

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلاردىكى خاسىيەتلىك سان «يەتتە» ئاتا – بوۋىلېرىمىزنىڭ شۇ ئۇزاق قەدىمكى دەۋىردىكى دۇنيا قارىشى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە بىزگە يېىپ كەلگەن . شۇڭا بىز ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ خاسىيەتلىك سان «يەتتە» گە ئوخشاش مىليون – مىليون جەۋھەرلىرىمىزنى قېزىپ ، ئەسىر – ئەسىرلەردىن بۇيان ساقلاپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قولىغا ساق – سالامەت ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ، بىز ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بۇ دۇردانىلىرىدىن ئېسىللىرىنى تاللاپ ، ئۇنى يېڭى دەۋىر ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇشىمىز ئۈچۈن تىرىشىمىز لازىم .

پايدىلانغان ماتىرىياللار :

1 )خوتەن پىداگوكىگا ئالىي تېخنىكوم ئىلمىي ژۇرنىلى 2002 – يىل 4- ساندىكى «ئۇيغۇرلاردا خاسىيەتلىك سان <يەتتە> ۋە ھەپتە ئۇقۇمى توغرىسىدا» مەرەمنىسا ، ئايگۈل جامال.

2)قەشقەر پىداگوكىگا ئىنىستوتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1998- يىلى 1- ساندىكى «ئۇيغۇرلاردىكى خاسىيەتلىك سان <يەتتە> ھەققىدە» ئۇچقۇنجان ئۆمەر .

3)تىل ۋە تەرجىمە 2004 – يىل 3- ساندىكى «روس ۋە ئۇيغۇر مىللەتلىرىنىڭ «7» رەقىمىگە بولغان مەدەنىيەت كۆز قارىشى سىلىشتۇرمىسى» ئەنۋەر قادىر .

4)يۈسۈپ خاس ھاجىپ :«قۇتادغوبىلىك» .

5)مەھمۇد قەشقىرى :«تۈركي تىللار دىۋانى».

6)«ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى» 1 – ،2 – ، 3- قىسىم .

7)«ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» 1- ،11 – قىسىم .

8)«ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى» 1 – ، 7 – قىسىم .

9)«مەڭگۈ تاش پۈتۈكلېرىدىكى سان مۇقەددەسلىك توغرىسىدا»